رەسىمسىز مۇنازىرە: [-- دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ تېلېسكوپ ياسالدى --]

ئانا تۇپراق مۇنبىرى -> دۇنيادىكى ئىشلار -> دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ تېلېسكوپ ياسالدى [بېسىپ چىقىرىش] كىرىش -> ئەزا بولۇش -> ئىنكاس يوللاش -> تېما يوللاش

erhabi2011-10-05 07:51
چىلىدە ياسالغان دۇنيانىڭ ئەڭ چوڭ تېلېسكوپى رەسمىي خىزمەتكە كىرىشتۈرۈلدى
يوللاندى 04.10.2011 10:31:40 UTC يېڭىلاندى 04.10.2011 10:31:40 UTC تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: چىلىدە ياسالغان دۇنيانىڭ ئەڭ چوڭ تېلېسكوپى رەسمىي خىزمەتكە كىرىشتۈرۈلدى. _73h<|0  
ئالىملار، ئالما نامى بېرىلگەن غايەت زور چوڭلۇقتىكى تېلېسكوپ ئارقىلىق مىلياردلاچە يىل كەينىگە يېنىپ، ئالەمنىڭ ھازىرقى ھالىتىگە قانداق كەلگەنلىكىنى تەتقىق قىلىدۇ. |Oag,o"  
ياسىلىشىغا 10 يىل ۋاقىت سەرپ قىلىنغان، بىر-بىرىگە چېتىلغان بىر يۈرۈش تېلېسكوپتىن تەشكىل تاپقان تېلېسكوپنىڭ سانى ھازىرچە 12 ئەتراپىدا بولۇپ، 2013-يىلغىچە بۇ ساننى 66گە يەتكۈزۈش نىشان قىلىنماقتا. KS*oxZ  
ياۋروپا ئىتتىپاقى، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ۋە ياپونىيە قاتارلىق دۆلەت ۋە تەشكىلاتلار ھەر قايسى جەھەتتىن قوللىغان مەزكۇر لايىھەگە 600 مىليون دوللار سەرپ قىلىندى. V\K<$?oUb  
كۆز بىلەن كۆرگىلى بولمايدىغان نۇرلارنى كۆرگىلى بولىدىغان تېلېسكوپ، يېڭى يۇلتۇزلارنى تەشكىل قىلغان زىچ سوغۇق گاز بۇلۇتلىرىنى كۆرۈنىدىغان ھالەتكە ئېلىپ كېلىدۇ. vs6,  
ھازىرغىچە ھېچقانداق بىر تېلېسكوپ ئىگە بولمىغان ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بولغان تېلېسكوپ، ئالەمنىڭ بۇلۇڭ بۇچقاقلىرىنى، 70 مىليون نۇر يىلى ئۇزاقلىقتىكى ئىككى يۇلتۇزلار سىستېمىسىنىڭ سوقۇلۇشىنى كۆزىتىشكە باشلىدى. 2u?zO7W)-L  
بۇ تېلېسكوپنىڭ ئاستىرونومىيەنىڭ يېڭى دەۋرگە قەدەم قويۇشقا تۈرتكە بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئالىملار، مەزكۇر تېلېسكوپ ئارقىلىق، كائىناتنىڭ ھازىرقى ھالىتىگە قانداق كەلگەنلىكىنى بىلىپ بېقىشنى ئويلايدۇ. ^nVl (^{  
D=RU`?L  

ablimit09982011-10-11 23:09
مەن ئاستىرونومىيە ئىلمىگە بەكلا قىزىقاتتىم . تىما ئېگىسىگە رەھمەت ،

marjanbulaq2011-10-12 04:51
مەن بىر زامانلاردا ياپۇنىيە 140 مىڭ ھەسسە چوڭايتىدىغان تېلىسكوپ ياسىدى دەپ ئوقۇغان ئىدىم. ئۇ تېلىسكوپ بىر تامچە سۇنى بىر تاغدەك كۆرسۈتەلەيدىكەن. ئەمدى بۇ تېلىسكوپ قانچە ھەسسە چوڭايتىپ كۆرسۈتىدىغاندۇ؟ ?*r!{3T ,u  
    ئەمما نىمىلا دېگەن بىلەن ئىلىم پەندىكى بىر قەدەم ئىلگىرلەش بولۇپتۇ.

erhabi2011-11-10 03:18
Arzimaydu


رەسىمسىز مۇنازىرە: [-- دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ تېلېسكوپ ياسالدى --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.5 Code © 2003-08 Guldiyar
Time 0.020218 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us