رەسىمسىز مۇنازىرە: [-- ئۆز - ئۆزىنى ئانالىز قىلىش سۇئاللىرى .( ئۈلكەر) --]

ئانا تۇپراق مۇنبىرى -> MTV لار -> ئۆز - ئۆزىنى ئانالىز قىلىش سۇئاللىرى .( ئۈلكەر) [بېسىپ چىقىرىش] كىرىش -> ئەزا بولۇش -> ئىنكاس يوللاش -> تېما يوللاش

ئۈلكەر2011-10-05 04:14
ئۆز - ئۆزىنى ئانالىز قىلىش سۇئاللىرى . @_gCGI>Q  
B=>:w%<Ii  
i; 8""A  
Ft7{P.g  
1. ئۆزىڭىزنىڭ دائىم بىئارام بۇلۇپ تۇرىدىغانلىقىڭىزدىن ئىچىڭىز پۇشامدۇ ؟ ناۋادا شۇنداق بولسا بۇنىڭ سەۋەنى نېمە ؟
2. ئۇششاق - چۈششەك ئىشلارنى دەپ باشقىلارنى ئەيىبلەمسىز ؟
3. خىزمىتىڭىزدە دائىم سەۋەنلىك كۆرۈنۈپ تۇرامدۇ ؟ ناۋادا شۇنداق بولسا بۇ نېمە ئۈچۈن ؟
4. گەپ - سۆزلىرىڭىز باشقىلارنىڭ دىلىغا ئازار بېرەمدۇ ؟
5. باشقىلار بىلەن باردى - كەلدى قىلىشتىن ئۆزىڭىزنى قاچۇرامسىز ؟ ناۋادا شۇنداق بولسا بۇنىڭ سەۋەبى نەدە ؟
6. دائىم ھەزىم سېستىمىڭىزدىن چاتاق چىقىپ تۇرامدۇ ؟ ناۋادا شۇنداق بولسا بۇنىڭ سەۋەبىنى بىلەمسىز ؟
7. سىزگە تۇرمۇش مەنىسىز ، ھايات ئەھمىيەتسىز ، كېلەچەك قاراڭغۇ بىلىنەمدۇ ؟
8. خىزمىتىڭىزنى ياقتۇرامسىز ؟ ناۋادا ياقتۇرمىسىڭىز ، بۇ نېمە ئۈچۈن ؟
9. دائىم ئۆزىڭىزنى بىچارە سانامسىز ؟ نېمە ئۈچۈن ؟
10. سىزدىن ئېشىپ كەتكەنلەرگە ھەسەت قىلامسىز ؟
11. سىز كۆپىنچە ۋاقىتلىرىڭىزدا مۇۋەپپەقىيەت ئۈستىدە كاللا قاتتۇرامسىز ياكى مەغلۇبىيەت ئۈستىدىمۇ ؟
12. يېشىڭىزنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ ، ئۆزىڭىزگە بولغان ئىشەنچىڭىز ئېشىپ باردىمۇ ياكى ئۈمۈتسىزلىنىپ باردىڭىزمۇ ؟
13. خاتالىقلار ئىچىدىن قىممەتلىك ساۋاقلارنى يەكغنلىگەنمۇ سىز ؟
14. تۇغقان ياكى يېقىن كىشىلىرىڭىزدن بىرەرسى سىزنى غەمگە سېلىېاتامدۇ ؟ نېمە ئۈچۈن ؟
15. بەزىدە دېققىتىڭىز چېچىلامدۇ ؟ بەزىدە يەنە ھەر قانداق ئىشتىن رايىڭىز يېنىپ كېتەمدۇ ؟
16. كېم سىزگە كۈچلۈك ئېلھام بېرىش رولىنى ئوينايدۇ ؟ نېمە ئۈچۈن ؟
17. ساقلىنىشقا بۇلىدىغان سەلبى تەسىرنى رايىشلىق بىلەن قۇبۇل قىلامسىز ؟
18. تاشقى قېياپىتىڭىزگە كۆڭۈل بۈلەمسىز ، بۆلمەمسىز ؟ ناۋادا كۆڭۈل بۆلمىسىڭىز ، قانداق ۋاقىتتا ، نېمە ئۈچۈن شۇنداق قىلىسىز ؟
19. سىز پايپېتەك بۇلۇشنى ئۆگىنىۋالغاندىن كېيىن ، شۇ ئارقىلىق جاپا - مۇشەققەتنى بېسىپ چۈشۈپ ، ئۇنىڭ كاشىلىلىرىدىن قۇتۇلالىدىڭىزمۇ ؟
20. ناۋادا ئېڭىڭىزغا باشقىلار ۋەكىللىك قىلسا ، ئۆزىڭىزنى ‹ جېگەرسىز ، ئاجىز › دەپ بىلەمسىز ؟
21. مەنىۋىيىتىڭىزنى تازىلاپ تۇرۇشقا سەل قاراش نەتىجىسىدە چېچىلغاق ۋە خاپىغاق بۇلۇپ قالدىڭىزمۇ ، يوق ؟
22. ساقلانغىلى بۇلىدىغان قانچېلىك ئاۋارچىلىق سىزنى ئازاپقا سېلىۋاتىدۇ ؟ ئۇلارنى نېمە ئۈچۈن قۇبۇل قىلدىڭىز ؟
23. ھاراق - دورا تاماكا ئارقىلىق پىغانىڭىزنى باسامسىز ؟ ناۋادا شۇنداق بولسا ، نېمە ئۈچۈن ئىرادىڭىزنىڭ كۈچىگە تايانمايسىز ؟
24. بەزىلەر سىزنى ‹ ۋالاقتەككۈر › دەپ ئاتامدۇ ؟ نېمە ئۈچۈن ؟
25. كېشىلىك ھاياتىڭىزغا ئېنىق نېشان بەلگىلىگەنمۇ سىز ؟ ناۋادا بەلگىلىگەن بولسىڭىز ئۇ نېشان نېمە ؟ ئاشۇ نېشانلىرىڭىزنى قانداق پىلان ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرماقچى ؟
26. ئالتە خېل نېگىزلىك ۋەھىمىنىڭ قايسىسى سىزدە مەۋجۇت ؟
27. باشقىلارنىڭ سەلبى تەسىرىدىن ساقلىنىشقا ئامالىڭىز بارمۇ ؟
28. يۇشۇرۇن بېشارەتلەندۈرۈش ئارقىلىق ئاكتېپ روھى ھالىتىڭىزنى ئۇرغۇتۇشقا ئىنتىلەمسىز ؟
29. سىز ئەڭ ئەھمىيەت بېرىدىغان نەرسە نېمە ؟ ماددىي بايلىقمۇ ياكى ئۆزىڭىزنىڭ ئىرادىسىنى كونتىرول قىلىش ھوقۇقىمۇ ؟
30. باشقىلارنىڭ تەسىرىنى ئاسان قۇبۇل قىلىش نەتىجىسىدە ئۆزىڭىزنىڭ ھۆكۈمىگە خىلاپلىق قىلدىڭىزمۇ ، يوق ؟
31. بۈگۈن ئۆزىڭىزنىڭ ئەقىل ئامبىرى ياكى مەنىۋىيىتىڭىزگە قانداق قىممەتلىك نەرسىلەرنى سىڭدۈرەلىدىڭىز ؟
32. ئارامىڭىزنى بۇزىدىغان ئامىللارغا ئوبىيكتېپ مۇئامىلە قىلامسىز ياكى مەسئۇلىيەتتىن قاچامسىز ؟
33. بارلىق سەۋەنلىك ۋە مەغلۇبىيەتنىڭ سەۋەبلىرىنى ئانالىز قىلىش ئارقىلىق يول تېپىشقا ئىنتىلەمسىز ياكى ئەسئۇلىيەتنى باشقىلارغا ئىتتىرەمسىز ؟
34. ئەڭ چوڭ ئاجىزلىقىڭىزدىن ئۈچنى دەپ بىرەلەمسىز ؟ ئاشۇ ئاجىزلىقلىرىڭىزنى قانداق تۈگەتمەكچى ؟
35. ھېسداشلىق قىلىش سەۋەبىدىن باشقىلارنىڭ غەم - غۇسسە بىلەن سىزنى يۇقۇملاندۇرىشىغا يول قويدىڭىزمۇ ، يوق ؟
36. كۈندىلىك تۇرمۇش ئەمىلىيىتىڭىزدىن ئۆزىڭىزنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە ياردىمى بار تەجىرىبە ياكى تەسىرلەرنى قۇبۇل قىلىلىدىڭىزمۇ ، يوق ؟
37. ئىپادە - ئالامەتلىرىڭىز ئادەتتە باشقىلارغا سەلبى تەسىر بېرەمدۇ ؟
38. باشقىلارنىڭ قانداق ئادىتىنى ئەڭ ئۆچ كۆرىسىز ؟
39. ئۆزىڭىزنىڭ كاللىسى بىلەن ئىش كۆرەمسىز ياكى باشقىلارنىڭ تەسىرى بىلەنمۇ ؟
40. كىشى كۆڭلىنى غەش قىلىدىغان سەلبى تەسىرگە تاقابىل تۇرالايدىغان روھى - ھالەتنى يېتىلدۈرۈشنى ئۆگىنىۋالدىڭىزمۇ ، يوق ؟
41. خىزمىتىڭىز سىزگە ئۈمۈد بېغىشلاپ ، ئىشەنچىڭىزنى ئۇرغۇتالامدۇ ؟
42. ئۆزىڭىزدە سىزنى تۈرلۈك ۋەھىمىلەرنىڭ تەسىرىدىن ساقلىيالايدىغان مەنىۋى كۈچنىڭ يېتەرلىك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىڭىزمۇ ، يوق ؟
43. ئېتقادىڭىز ئارقىلىق ئۆزىڭىزدىكى ئىجابىي روھنى ئاۋۇندۇرالامسىز ؟
44. باشقىلارنىڭ غەم - قايغۇلىرىنى تەڭ تارتىپ بېرىش مەسئۇلىيىتىم بار ، دەپ قارامسىز ؟ نېمە ئۈچۈن ؟
45. ‹ مال تۈرى بىلەن ، ئادەم خىلى بىلەن › دېگەن گەپكە ئىشەنسىڭىز ، ئۇنداقتا دوستلىرىڭىزنى تەھلىل قىلىپ كۆرگەندىن كېيىن ، ئۆزىڭىزگە قانداق باھا بەرگىڭىز كېلىدۇ ؟
46. ئەڭ يېقىن ئارلىشىدىغان ئادىمىڭىز بىلەن قانداق مۇناسىۋەتتە سىز ؟ ئاشۇ مۇناسىۋەتنىڭ بىرەر كۆڭۈلسىزلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئىمكانىيىتى بارمۇ ، يوق ؟
47. سىز دوستۇم دەپ يۈرگەن كىشىلەرنىڭ سىزگە سەلبى تەسىر كۆرسېتىش يۇلى بىلەن دۈشمىنىڭىزگە ئايلىنىپ قېلىش مۇمكىنچىلىكى بامۇ ، يوق ؟
48. كىمنىڭ پايدىلىق ، كىمنىڭ زېيانلىق ئىكەنلىكىگە قانداق پىرىنسىپ بىلەن ھۆكۈم قىلىسىز ؟
49. بىر سوتكا ئىچىدە خىزمەت ، ئۇيقۇ ، ئويۇن - تاماشا ، بىلىم ئېگەللەش ۋە لاغايلاپ يۈرۈش قاتارلىقلارغا قانچېلىكتىن ۋاقىت سەرىپ قىلىسىز ؟
50. دوستلىرىڭىز ئىچىدە كېم سىزگە ئەڭ كۈچلۈك ئېلھام بېرىدۇ ؟ كېم سىزنى ھەر دائىم ئاگاھلاندۇرۇپ تۇرىدۇ ؟ كېم سىزنى ئەڭ كۆپ ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچىرىتىدۇ ؟
51. سىزنى ئەڭ ئېغىر تەشۋىشكە سالىدىغان ئىش زادى نېمە ؟ ئۇنىڭغا نېمە ئۈچۈن يول قۇيىسىز ؟
52. باشقىلار سىزگە ئۆزلىكىدىن ئەقىل كۆرسەتكەن چاغدا ، سىز ئۇنى شەكسىز قۇبۇل قىلامسىز ياكى ئالدى بىلەن ئاشۇ كىشىنىڭ مۇدداسىنى تەھلىل قىلىپ باقامسىز ؟
53. سىز ئوتتەك ئىنتىلگەن نەرسە زادى نېمە ؟ ئۇنىڭغا ئېرىشمەكچىمۇ سىز ؟ سىز ئۇنىڭ ئۈچۈن باشقا ئىنتىلىشلىرىڭىزنى قايرىپ قۇيۇشنى خالامسىز ؟
54. قارارىڭىزنى دائىم ئۆزگەرتىپ تۇرامسىز ؟ نېمە ئۈچۈن ؟
55. ئىشلىرىڭىزنى ھەر دائىم چېرايلىق باشلاپ ، چېرايلىق تاماملىيالامسىز ؟
56. باشقىلارغا ئۇلانىڭ ئىگىلىكى ، كەسپى ، مەلۇماتى ياكى مال - دۇنياسى ۋەجىدىن چېن كۆڭلىڭىزدن قايىل بولغىڭىز كېلەمدۇ ، يوق ؟
57. باشقىلارنىڭ تەنقىدلىرى پەيدا قىلىدىغان تەسىرنى ئاسان قۇبۇل قىلامسىز ؟
58. باشقىلارغا ئۇلارنىڭ ئىجتىمائىي ياكى ئىقتىساى ئورنى سەۋەپلىك رايىشلىق قىلامسىز ؟
59. سىزچە ، ھازىرقى ئەڭ بۈيۈك ئادەم كېم ؟ ئۇنىڭ ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغان ئۆزگىچىلىكى نېمە ؟
60. زادى قانچېلىك ۋاقىتتا بۇ سۇئاللارنى تەھلىل قىلىپ ، جاۋاپ بەردىڭىز ؟
ناۋادا سىز بۇ سۇئاللارنىڭ ھەممىسىگە راستچىللىق بىلەن جاۋاپ بەرگەن بولسىڭىز ، نۇرغۇن كېشىلەرگە قارىغاندا ئۆزىڭىزنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشەندىڭىز ، دېگەن گەپ .
دېمەك ، بۇ سۇئاللارنى ئىنىچكە تەھلىل قىلىپ ، ھەپتىدە بىر نۆۋەت ئۇنىڭغا يەنە بىر قاراپ چىقىڭ . بۇنى بىر قانچە ئايغىچە داۋاملاشتۇرۇڭ . پەقەت ئۇنىڭغا راستچىللىق بىلەن جاۋاب بەرسىڭىزلا ، ئۆزىنى بىلىشتىن ئىبارەت بۇ قىممەتلىك ئەتمىشنىڭ شۇنچىۋالا ئاسان ئىكەنلىكىدىن ھەيران قالىسىز .
ئەگەر بەزى سۇئاللارغا جاۋاب بېرىشتە ئىككىلىنىپ قالسىڭىزسىزنى ئوبدان چۈشىنىدىغان بۇلۇپمۇ سىزگە خوشامەت قىلىش مۇددىئاسى يوق كىشىگە مۇراجەت قىلىپ ، ئۆزىڭىزنى باشقىلارنىڭ نەزىرى بىلەن كۆزىتىپ بېقىڭ .
        شۇنىڭغا ئىشىنىڭكى ، بۇ سۇئالغا ساداقەتمەنلىك بىلەن مۇراجەت قىلسىڭىزلا ئۇنىڭدىن ئويلىمىغان ھاسىلاتقا ئىرىشەلەيسىز .                                                      
1;; is  
M^i^_}~S;  
J 8/]&Ow  
mfYY?]A*+  
مەنبە ـــ ناپالېئون خېئول . بېيىش ئۈچۈن ئىزدىنىڭ ...... دىن ئېلىندى .
'T(7EL3$}  
To x{Sk3L  
SR,id B&i  


رەسىمسىز مۇنازىرە: [-- ئۆز - ئۆزىنى ئانالىز قىلىش سۇئاللىرى .( ئۈلكەر) --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.5 Code © 2003-08 Guldiyar
Time 0.021833 second(s),query:2 Gzip enabled

You can contact us