رەسىمسىز مۇنازىرە: [-- سىز ئاڭلىمىغان گەپلەر-- --]

ئانا تۇپراق مۇنبىرى -> مەملىكەت خەۋەرلىرى -> سىز ئاڭلىمىغان گەپلەر-- [بېسىپ چىقىرىش] كىرىش -> ئەزا بولۇش -> ئىنكاس يوللاش -> تېما يوللاش

sawapkar2011-10-05 00:39
 يېقىندا ئامېرىكىنىڭ ۋاشىنگتون شەھرىدە بەش ياشلىق بىر قىزچاق قەھۋەخانىنىڭ تازىلىق ئۆيىدە يوشۇرۇن كامىرا بارلىقىنى بايقاپ قالغان . نەتىجىدە قىزنىڭ ئاتا - ئانىسى قەھۋەخانا ئۈستىدىن سوتقا ئەرز سۇنۇپ ، 2 مىليۇن ئامېرىكا دوللىرى تەلەپ قىلغان . DUf . F  
&WbHM)_n  
* لوياڭ شەھرىدە ئولتۇرۇشلۇق پالانىچى 11 - ماي مەلۇم كومپيۇتېر ئۈسكۈنىلىرى بازىرىدىن بىر كومپيۇتېر ئۈستىلى سېتىۋالغان . ئۇ تالون تەلەپ قىلغاندا رەت قىلىنغان ھەم بۇ ئىشنى باج ئىدارىسىگە پاش قىلغان . كىيىن باج ئىدارىسى بۇ بازارنى تەكشۈرۈپ ، ئالاقىدارلارغا 100 يۈەن جەرىمانە قويغان ھەمدە پالانىچىغا مۇكاپات ئۇقتۇرۇشى ئەۋەتكەن . پالانىچى مۇكاپات سوممىسىنىڭ بىر يۈەن ئىكەنلىكىنى ئۇقۇپ ، ئاچچىقىدا باج ئىدارىسى ئۈستىدىن سوتقا ئەرز قىلىپ ، مۇكاپاتلاش قارارىنى بىكار قىلىپ قايتىدىن مۇكاپاتلاشنى ھەم دەۋا ھەققىنى ئۈستىگە ئېلىشنى تەلەپ قىلغان . سوتتا ، پاش قىلغۇچىلارغا بېرىلىدىغان مۇكاپات ئېجرا قىلىنغان جەرىمانىنىڭ مەلۇم پىرسەنتى بويىچە بېرىلىدىغان بولغاچقا ، پالانىچىغا بېرىلگەن مۇكاپاتنىڭ بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان ھەم ئۇنىڭ تەلىپى رەت قىلىنىپ ، 50 يۈەن دەۋا ھەققىنى دەۋاگەرنىڭ تۆلىشى ھۆكۈم قىلىنغان . 8LtkP&Wx  
<.|]%7  
* جاڭجياگاڭ شەھرىدە تۇرۇشلۇق پالانىچى خىزمەتدىشى پوكونىچىنىڭ ئۆزىنىڭ كەينىدىن گەپ تاپقانلىقىدىن گۇمانلىنىپ ، پوكونىچىغا ھوشىنى بىلىپ يۈرۈشنى ، بولمىسا تاياق يەيدىغانلىقىنى ئېيتقان . بۇنىڭدىن بېئارام بولغان پوكونىچى ساقچىغا مەلۇم قىلغان . كىيىن سوت ئۇنى روھىي كېسەللىك بويىچە ئەدلىيىلىك تەكشۈرتكەندە ، ئۇنىڭدا روھىي كېسەللىك ئالامىتى بارلىقى ، كېسىلىنىڭ قوزغىلىشى ئۇنىڭ كەيپىياتىغا مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى مەلۇم بولغان . نەتىجىدە سوت پالانىچىنى پوكونىچىنىڭ ئەمەلىي زىينىنىڭ %30 بويىچە 5300 يۈەن تۆلەم بېرىشكە بويرىغان . J<L"D/  
?f6Fj  
* ۋۇۋېي شەھرىدە تۇرۇشلۇق پالانىچى بۇلتۇر پوكونىچى ئۆي - مۈلۈك شېركىتىنىڭ بىر ئېغىز دۇكىنىنى 180 مىڭ يۈەنگە سېتىۋالغان . ئەمما بۇ دۇكاننى ئىجارىگە ئالىدىغان ئادەم چىقمىغان . پالانىچى سۈرۈشتۈرۈش ئارقىلىق ، ئىلگىرى بۇ دۇكاندا بىرەيلەننىڭ ئۆلۈپ قالغانلىقىنى بىلگەن . شۇنىڭدىن كىيىن ئۇ سوتقا ئەرز قىلىپ ، ئۆينى قايتۇرۇشنى ھەم پوكونىچى ئۆي - مۈلۈك شېركىتىدىن 180 مىڭ يۈەننى ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان . ۋۇۋېي شەھىرى لياڭجۇ رايونلۇق سوت مەھكىمىسى 1 - سوتتا ئۇنىڭ تەلىپىنى رەت قىلغان . فەن خانىم نارازىلىق ئەرزى بەرگەن . يېقىندا ۋۇۋېي شەھەرلىك سوت مەھكىمىسى ئۆي - مۈلۈك شېركىتى دۇكاننى ساتقاندا ، دۇكاندا ئادەم ئۆلگەنلىكىنى يوشۇرغانلىقى ئۈچۈن ، پالانىچى بىلەن ئۆي - مۈلۈك شېركىتى ئوتتۇرىسىدىكى ئېلىم - سېتىم توختامىنى بىكار قىلىپ ، شېركەتنى پالانىچىغا 180 مىڭ يۈەننى قايتۇرۇشقا بويرۇپ ئاخىرقى سوت ھۆكۈمى چىقارغان . &>@EfW](  
!O,`Z`T?  
* يېقىندا يەكەن ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسى جاۋاپكار پالانچىغا ، مەسچىتتىن گېلەم ۋە جايناماز ئوغرىلغان ھەمدە پۇستانچىنىڭ ئېشەك ھارۋىسىنى ئالداپ ئېلىۋالغان قىلمىشى ئۈچۈن ، ئوغرىلىق ۋە ئالدامچىلىق جىنايىتىنى قوشۇپ جازالاپ بىر يىل ئىككى ئايلىق قاماق جازاسى بېرىش ، قوشۇمچە 3000 يۈەن جەرىمانە قويۇش توغرىسىدا ھۆكۈم چىقاردى . Yu9(qRK  
U,9=&"e b  
« شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى » نىڭ 27 - سىنتەبىر سانىدىن :as2fO$?  
0Q/BTT%X  

jahil2011-10-05 14:03
راستىنلا مەن ئاڭلىمىغان خەۋەرلەركەن . بەزىلىرىگە ئادەمنىڭ ئەقلى يەتمەيدىكەن.... بەزىلىرى ئادەمنى غەزەپلەندۈرىدىكەن ... ياخشى خەۋەرلەركەن ...ئەجىر قىلىپ يوللىغىنىڭىزغا رەھمەت .

yamhur2011-10-12 13:41
توۋا خۇدايىم مەسچىتتىنمۇ بىرنەرسە ئوغۇرلامدۇ كىشى     . R<n'v.~"A  
شۇنداق گىلەم جاينىمازلارنى ، مەسچىتكە ئاللا رىزالىقى ئۈچۈن ئەكىرىپ بىرىشنىڭ ئورنىغا ئەكىسچە ئوغۇرلاپ چىقىپتۇدە  

گۈلنازى2011-10-12 18:22
ئاجايىپ گەپلەر كەن بۇ .... j>-O'CO  
  توۋا ..

pakkalip2011-10-12 20:07
راس ئاڭلىمىغان خەۋەركەن.


رەسىمسىز مۇنازىرە: [-- سىز ئاڭلىمىغان گەپلەر-- --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.5 Code © 2003-08 Guldiyar
Time 0.019322 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us