رەسىمسىز مۇنازىرە: [-- ئىشىق چۆلى --]

ئانا تۇپراق مۇنبىرى -> شېئىرىيەت ئالۋۇنى -> ئىشىق چۆلى [بېسىپ چىقىرىش] كىرىش -> ئەزا بولۇش -> ئىنكاس يوللاش -> تېما يوللاش

yulgun2011-10-04 10:30
  ?,x3*'-(  
ئىشىق چۆلى NXDuO_#  
  ?r-W, n  
ئىشىق چۆلى بىپايان ئوت يانىدۇ كۆزۈمدىن، <MBpV^Y}  
بۇلبۇل كەبى كۈنى-تۈن چەكتىم پىغان ئىشقىڭدا. c'~6 1HA<  
كۆزلىرىمدىن مۇڭ ياغار جاراھەتلەر قەلبىمدە، 4XXuj  
لەۋلىرىمدە تىپىرلاپ قان قۇسىدۇ بىر ناخشا. le J\  
  EG[Rda  
ئارمانلىرىم يۇلقۇنار قەپەزدىكى شىر كەبى، V0!$k.Wk  
تىپىرلايدۇ يۈرىكىم باغلاقتىكى بۈركۈتتەك. u3ns-e  
خۇلقىڭ زالىم مەن ئۈچۈن يۈرەك باغرىم يارادۇر، E;AOCbV*$  
دەرد-پىراقىڭ قىينايدۇ مېنى ياۋا  مۇشۈكتەك. `z{sDe;  
  9s'[p'[Z  
مەن جۇدا مەن سېنىڭدىن ، دەردۇ-ئازاپقا مۇپتىلا، KN-)m ta&  
دەريا بولۇپ كۆز يېشىم مۇڭلۇق ناۋا ئەيلىدىم. -3On^Wj]  
كەڭرى ئالەم تار بولدى بۈگۈن ماڭا قەپەزدىن، ?m>!P@M  
بۇلبۇل كەبى قان قۇسۇپ ئىچ-ئىچىمدىن سايرىدىم. R-V4Ju[:  
  {gwJ>]z"e  
يوق مۇڭدىشىم ، قاياشىم دەردىمگە دەرمان سىردىشىم،  )tW0iFY  
باغرىم تۈتۈن جۇدالىق گۈلخانلىرى ۋەجىدىن. I=G-(L/&  
ئىشىق ئوتى قەلبىمدە لاۋۇلدايدۇ، ئۆچمەيدۇ، )D"E]  
داۋا ئىزدەپ دەردىمگە سارسانە مەن ئەلەمدىن. JcDcYB  
  Q=~ *oYR  
كۈيۈك ئۆرتەپ قەلبىمنى كۆككە يەتتى پىغانى، 2jiH&'@  
سۇنۇق كۆڭلۈم يىغلايدۇ جۇنۇنلۇقنىڭ دەشتىدە. 84eqT[I'  
ئازابىڭدىن يۈرىكىم لەختە-لەختە قان بولدى، M4`. [P4  
ھىجران، دەردتىن تۇيۇقسىز چوغ چېچىلدى ئىچىمگە. $zUHka   
  |`,AA a  
بىر ئەزىم دەريا ئاقار كۆزلىرىمنىڭ تەكتىدە ، g`9`/  
قايغۇ ئاتلىق خەنجەردە تىلىنىدۇ يۈرىكىم . o!-kwtw`l  
خۇشاللىقىم بىردىنلا دەرد –ھىجرانغا ئايلاندى، ZtLZW/`  
كۈيەر زۇلمەت چاراسلاپ بەكمۇ ئۇزۇن تۈنلىرىم. 9 m`VIB  
  3JJEj1O  
يارا قىلدى قەلبىمنى سۈزۈك ئازاپ ، سۈزۈك دەرد، yJn<S@)VT:  
ئىرىشكىنىم ھىچنىمە يوقاتقىنىم ئالدىدا . gql^Inx<  
ۋەيرانە مەن باغرى قان ، ئىشىق تۇققان بىر مەجنۇن ، si=m5$V  
لىۋىم چاك-چاك كۈيۈكتىن يىگانە مەن دۇنيادا.

bayawan2011-10-04 14:48
ئاشىق ھىجران دەردىنى سىزدەك ئوچۇق ، جانلىق سىزىپ بەرگىلى بولسا نېمىدىگەن ياخشى . شېئىرىي تېمىلىرىڭىز تېخىمۇ مولچىلىققا ۋەمەنە چوڭقۇرلۇقىغا باي بولغۇسى ~ ھەۋەسكارلار سىزدىن ئۆگىنىمىز ۋە ئۆرنەك قىلىمىز .

narmi2011-10-04 14:53
       ئىشىق ئوتى پىراقىدە كۆيگەنلەر، o@47WD'm  
       تاھىر-زۆھرە قەبرىسىنى كۆرگەنلەر. )N'rYS' 9  
       چىن نىيەتتە جان تەسەددۇق ئەتكەنلەر، '74*-yd  
       ھازىرمۇ بار چىن سۆيگۈچۈن جان بەرگەنلەر! {&,MkWgG  
N,ysv/zq7  
       سۆيگۈ بولسا ئەنە شۇنداق پاك بولسا، Zv&<r+<g  
       قارا يۈز ئەمەسمۇ مەسۇم كۆڭۈلنى ئالدىسا؟ *1`qx+1  
       داغدۇر يۈرەك ئىشەنچ-ئۈمۈدتتىن ئايرىلسا، TK s l.|  
       ئاشقلارغا بەخت ئەمەسمۇ سۆيگۈ يەردە قالمىسا! O3~7  
G{]tB w  
     " ئىشىق چۆلى"شېئىرىڭىز چىن ھىسياتتا يېزىلغان ئاشقلارنىڭ پىراقىنى ئەينەن ئىپادىلەپتۇ. Bh,GQHJ  
       PSREQK@}E  
        

fatima2011-10-05 00:48
ئىشقى ئوتىدا كۆيۋاتقان يۈرەكنىڭ ئوبرازى بەك جانلىق تەسۋىرلىنىپتۇ. EAZLo;  
يولغۇن ئاكىمىزنىڭ ئىسىل لىرىكىلىرى ئۈزۈلمىگەي.

Mihri2011-10-05 14:36
ئاشۇ چۆل قاغجىراق بولسىمۇ لېكىن، n =qu?xu  
شىرىندۇر ئاشىلىق لەززىتى باشقا. BBDt^$  
يۈرەكلەرچاڭقىراپ يېرىلسىمۇ گەر، R?5v //[  
مەدھىيلەپ بىز ئۇنى ئېيتىمىز ناخشا.


رەسىمسىز مۇنازىرە: [-- ئىشىق چۆلى --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.5 Code © 2003-08 Guldiyar
Time 0.020077 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us