رەسىمسىز مۇنازىرە: [-- يەمەن ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ئۆز ئەسكەرلىرىنى بومباردىمان قىلدى --]

ئانا تۇپراق مۇنبىرى -> دۇنيادىكى ئىشلار -> يەمەن ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ئۆز ئەسكەرلىرىنى بومباردىمان قىلدى [بېسىپ چىقىرىش] كىرىش -> ئەزا بولۇش -> ئىنكاس يوللاش -> تېما يوللاش

erhabi2011-10-03 23:15
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يەمەن ئارمىيەسى خاتا ھالدا ئۆز ئەسكەرلىرىنى بومباردىمان قىلدى، ۋەقەدە 30 ئەسكەر ھاياتىدىن ئايرىلدى. +u[^@>_I0  
يەمەن ھاۋا ئارمىيەسىگە ئائىت ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى، تۈنۈگۈن دۆلەتنىڭ جەنۇبىدىكى زىنجىبار شەھىرىگە يېقىن جايدىكى بىر مەكتەپنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەلقائىدەنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كەتكەنلىكىگە دائىر ساختا مەلۇم قىلىش ئۇچۇرىنى تاپشۇرىۋالغاندىن كېيىن، مەكتەپنى بومباردىمان قىلدى. 0XSMby?t`  
ھالبۇكى، بومباردىمان ئەسناسىدا مەكتەپتە ئەلقائىدە مىلىتانلىرى بىلەن توقۇنۇشۇپ قايتىپ كەلگەن يەمەن ئەسكەرلىرى بار ئىدى. يەمەن ئارمىيەسى ئۈچۈن خاتا بومباردىمان قىلىشنىڭ بەدىلى ئىنتايىن ئېغىر بولدى؛ ۋەقەدە 30 ئەسكەر ھاياتىدىن ئايرىلدى. j*6>{_[  
يەمەندە، تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەلقائىدە مىلىتانلىرى زىنجىبار شەھىرىنىڭ كونتروللۇقىنى قولىدا تۇتۇپ تۇرماقتا. -$A>b8  
رايوندا، ئارمىيە ۋە ھۆكۈمەت تەرەپدارى قەبىلىلەر بىلەن ئۆكتىچىلەر ئارىسىدىكى توقۇنۇشلارمۇ داۋام قىلماقتا   مەنبە :ترت تورى ]4X08Cm^  

kurban.qaydu2011-10-04 04:44
  ئىشقىپ ئۇتتۇرا شەرىق تىنىچ بولمايدۇ،،  3-دۇنيا ئۇرۇشى مۇشۇ رايۇندا پارتلىشى مۇنكىن.  

yamhur2011-10-04 19:31
ۋاي ئىسىتەي ،،،،، ساختا مەلۇم قىلىش ئىشلىرىغا ئىشىنىپ 30 ئەسكەردىن ئايرىلىپ قالدى دەيلى ،،


رەسىمسىز مۇنازىرە: [-- يەمەن ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ئۆز ئەسكەرلىرىنى بومباردىمان قىلدى --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.5 Code © 2003-08 Guldiyar
Time 0.020361 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us