رەسىمسىز مۇنازىرە: [-- ئوغۇرنى تۇتۇڭلا --]

ئانا تۇپراق مۇنبىرى -> ئۈچىنچى كۆز -> ئوغۇرنى تۇتۇڭلا [بېسىپ چىقىرىش] كىرىش -> ئەزا بولۇش -> ئىنكاس يوللاش -> تېما يوللاش

akilsiz5212011-10-03 19:53
         -ئوغرىنى تۇتۇڭلار !پۇلۇمنى بۇلاپ قاچىتى ! /yUKUXi  
چاقلىق ئورۇندۇقتا ئولتۇرغان 25-30ياشلاردىكى بىر يىگىت شۇنداق ۋارقىرشى بىلەن ئەتراپتىكى ھەممەيلەن تەڭ دىگۈدەك ئالدى تەرەپتە قېچىپ كىتىۋاتقان بىرىنى قوغلاپ كىتىشتى ،ھەممەيلەن ئوغرىنى تۇتۇڭلار ،ئۇ بىر مېيىپ يىگىتنىڭ پۇلىنى ئېلىپ قاچتى دەپ ۋارقىراشقىنىچە ھېلىقى ئوغرىنى نەچچە يۈز مىتىر قاچقۇزمايلا تۇتىۋالدى -دە ،ميىپ يىگىتنىڭ ئالدىغا ئېلىپ ماڭدى . w_QWTD 0  
- نۇمۇس قىلساڭچۇ ،ساپ ساق بىر ئادەم تۇرۇپ ،مېيىپ بىرسىنىڭ پۇلىنى بۇلاپ قاچقۇچە ! v-!Spf  
-كالتەك بىلەن ئۇرۇپ پاچىقىنى چېقىۋىتىدىغان گۇيكەن بۇ ! r@'~cF]m  
- مۇشۇنداق نۇمۇسسىز ئوغرىلارنىڭ دەردىدىن ئادم بازارغىمۇ خاتىرجەم چىقالمايدۇ ! $kR%G{j 4  
     كشلەر يەنە نىمىلەرنى دەپ تىللىدىكىن ئىشقىلىپ بىچارە ئوغرىنى پۇل ئوغىرلىغانغا تويغۇزۇپ دىگۈدەك ھېلىقى مېيىپ يىگىتنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كىلىشتى . D=5%lL  
- چىقىرە پۇلنى !مېيىپ يىگىتىنىڭ قاتتىق ۋارقىرشى بىلەن ،ئوغرى يۇۋاشلارچە بىر تۇتام پۇلنى يانچۇقۇدىن چىقاردى ،بەلكىم بۇ ئوغرى ئۇنچە ئاسان پۇلنى بەرمەسلىكىمۇ مۇمكىن ئىدى ،بىراق ئەتراپتىكى كىشلەرنىڭ ئەلپازىنى كۆرۈپ ،دەرھاللا پۇلنى چىقاردى ،دىمىسمۇ ئادەتتە ھىچكىم بىلەن ھىچكىمنىڭ كارى بولمايدىغان بۇ ئۈرۈمچىدە كۆپچىلىكنىڭ بىرلىشىپ ئوغرىنى تۇتىشى بۇ بىر مۆجىزىدەك ئىش بولغان ئىدى،پۇلنى تەپسىلى ساناپ بولغاندىن كىيىن ھېلقى مېيىپ يىگىت ئوغرىغا قايناشقا باشلىدى . m*7RC4"J  
  -ئىسىت سىنىڭ ساپ ساق بىر يىگىت بولۇپ قالغىنىڭغا ،مۇشۇ تۇرقىڭ بىلەن ئوغۇرلۇق قىلغۇچە ئۆلىۋالساڭ بولمامدۇ ؟مەن مانا مۇشۇ مېيىپ ھالىتىم بىلەن ئاتا-ئانام .خۇتۇن -باللىرىمنى بېقىۋاتىمەن.بىلەمسەن مەن يالغۇز ئوغۇل .ئاتا-ئانام 70ياشتىن ھالقىدى ،مەن تۇغۇلۇشۇمدىنلا مانا مۇشۇنداق پالەچ تۇغۇلغانكەنمەن ،بىچارە ئاتا-ئانام مىنى داۋالىتىمەن دەپ قاق سەنەم بولۇپ كەتتى ،ئۇلار ھازىر كۈچىدىن قالدى ،مەنمۇ بىر مەزگىل قانداق قىلىشىمنى بىلەلمەي ،ساڭا ئوخشاش ئوغۇرلۇق قىلىشنى ئويلىغان بۇ ئويۇمنى بىلگەن دادام ،بالام ئوغۇرلۇق قىلىپ بىزنىڭ ،مىللەتنىڭ يۈزىنى تۆككىچە ئېسلىپ ئۆلىۋالغىن ياكى بىزنى ئۆلتۈرۋىتىپ ئاندىن قىل دىدى،كوچىغا چىقىپ تىلەمچىلىك قىلماقچى بولدۇم ،دادام يەنە سۆزلەپ كەتتى ،سەنمۇ ئاشۇ ئاغرىق ئازابىدىن ئۆرە بۇلالمايۋاتقان ئاتا-ئانىسىنى ،ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلى مېيىپ ،مەجروھ بۇلۇپ قالغان بالىلىرىنى رۇھى جەھەتتىنمۇ مېيىپ مەجروھ قىلىپ كوچىغا سۆرەپ چىقىپ تىلەمچىلىك قىلىپ ،ئاتا-ئانىسىنىڭ ،پەرزەنتىللىرىنىڭ ،مىللەتنىڭ نەپرىتىگە موپتىلا بۇلۇپ ياشاۋاتقان ئاشۇ نۇمۇسسىزلارنىڭ سېپىگە قۇشۇلماقچى بۇلۇۋاتامسەن ؟مەن سىنى ئەزەلدىن مېيىپ ساناپ باقمىدىم ،سەن راۋرۇس بىر ئەركەك سەن ،ئەگەر سەن ئۆزۈڭنى مېيىپ دەپ قارساڭ بىز تېپىپ بىرەلىگۈچە يەپ يات ،بىز كۈچ ماغدۇرىمىزدىن قالغاندا ئاچلىقتىن ئۆلۈپ قالساقمۇ سەندىن رەنجىمەيمىز ،لىكىن سىنىڭ ئەشۇ كىچىككىنە مېيىپلىقىڭنى باھانە قىلىپ ھەممنىڭ نەپرىتىگە قالغان ئاشۇ تىلەمچىلەر سېپىگە قۇشۇلىشىڭغا قاراپ تۇرالمايمىز ،دەپ بۇ يولدىنمۇ تۇسۇپ قويدى ،مەن ئاخىرى غەيرەتكە كىلىپ ،باشقىلار ئولتۇرۇپ تىلەمچىلىك قىلىۋاتقان ئاشۇ چاقىلىق ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ ،تىجارەت قىلدىم ،مال ئېلىش ئۈچۈن قايسى ئورۇنغا بارسام كىشلىرىمىز ماڭا يول بەردى ،قىيىنچىلقىمنى تەڭ ھەل قىلىشىپ بىرىپ مىنى ناھايتى تىزلا تىجارەت سورۇنىغا ئەزا قىلىۋېلىشتى ،مانا بۈگۈنمۇ شۇ تىجارەت بىلەن سەن قۇرۇتقا ئۇچراپ قالدىم 30يۈەنلىك كارتىغا 100يۈۋەن بەرسەڭ سىنى خىلى پۇلغا كۆزى توق ئوخشايدۇ دەپ ،ساڭا پۇل قايتۇرۇش ئۈچۈن يېنىمدىكى پۇلنىڭ ھەممنى بىراقلا ئاپتىمەن كىم بىلسۇن ؟سەن ئەسلى يەتتە ئەزاسى ساق بولغان بىلەن مەندىنمۇ ئۆتە مېيىپ مەجروھ ئىكەنسەن ئەمەسمۇ ؟بېشىڭنى كۆتىرىپ ئاۋۇ پايپاق سېتىۋاتقان سەبى بالىلارغا ،ئاۋۇ ئانا سۈپەت ئاياللارغا ،سىڭىللىرىمىزغا قارا ئۇلارمۇ سەندىن كۈچلۈك ئاشۇ بىچارىلەرمۇ ئاز يىسەكمۇ ھالال يەيمىز دەپ ،5مو ،1يۈەندىن سودا قىلىپ تۇرمۇشىنى قامداۋاتىدىغۇ ،ساڭا ئوخشاش يەتتە ئەزاسى ساق تۇرۇپ روھى جەھەتتىن مېيىپ بولغان ئوغۇللىرىمىز ،گۈلدەك ھۆسىنى جامالى ،ئەقلى ھۇشى تۇرۇپ ئەيش-ئىشرەت ،مال -دۇنياغا قۇل بولغان قىزلىرىمىز ئۆزىنىڭلا ئەمەس ،مىللىتىمىزنىڭ يۈزىنى تۈكۈپ بولدى ،ھازىر باشقا ئۆلكە شەھەرلەردە "ئۇيغۇر "دىسە "يىگىتلىرى  ئوغرى ،قىزلىرى پاھىشە "مىللەت شۇمۇ دەپ سۇرشىدىغان بولدى دىيشىدۇ ،ئەملىيەتتە ئەخلاقلىق ،مىھماندوسىت ،شەرىم -ھايالىق بىر مىللەتنىڭ مانا شۇنداق ئېغىر بەتنامغا قىلىشغا سەندەك يىگىتلىرىمىز ۋە كىچىككىنە كۆڭۈل خوشى ،ئازغىنە پۇل ئۈچۈن ئانىللىرىمىز ھاياتى بەدىلىگە قوغداپ كىلىۋاتقان قىزلىق ئىپپەت نۇمۇسىنى سېتىۋاتقان ئازبىر قىسىم قىزلىرىمىز سەۋەپ بولماقتا ،بۇنداق ياشىغۇچە ئۆلسەڭ چىرايلىق نامىزىڭىنى چۈشۈرۈپ كۆمۈپ قۇياتتۇق ئەمەسمۇ ؟........................... qI74a F  
  توپلىشىۋالغان ئادەمنىڭ كۆپلىكى دىققىتىنى تارتقانمۇ ياكى بىرەرسى ئەنزە مەلۇم قىلغانمۇ ئەيتاۋۇر بىرنەچچە خەلق ساقچىسى كىلىپ گەپنىڭ بىلىگە تەپتى .ئۇلار توپلىشىۋالغانلارنى تارقاقلاشتۇرۇش بىلەن بىرگە نىمە بولدى دەپ سۇرىدى ،بىرەيلەن ماۋۇ ئوغرى ....دىيشىگە ،مېيىپ يىگىىت ،بۇ منىڭ ئىنىم بۇلىدۇ ،پۇل بەر دەپ خاپا قىلىۋىدى بەرگىلى ئۇنىمىسام قۇلۇمدىن تارتىپ قاچتى ،شۇڭا كۆپچىلىك تۇتۇپ ئەكلىپ بەرگەنتى ،نەسھەت قىلىۋاتقان ،باشقا چوڭ ئىش ،ئائىلە ئىشى ،ھەرقايسىللىرنى ئاۋارە قىپتۇق ،كۆپچىلىكمۇ رەھمەت ،تۇتە ئۇكام ماۋۇ 50كوينى ،بۈگۈن سودا ياخشى ئەمەس ،مۇشۇنى خەجلەپ تۇر ،دەپ ئوغرىنىڭ قۇلىغا پۇلنى زورلاپ دىگەندەك تۇتقۇزدى ،ھەم كۆپچىلىككە قاراپ ، 2*n~r  
-رەھمەت كۆپچىلىك ،ياردىمىڭلارغا رەھمەت ،دىيشىگە بەزىلەر ۋاي ئۆزىنىڭ ئىنىسى ئىكەنغۇ دىيىشكىنىچە كىتىپ قالدى ،ساقچىلارمۇ كەتتى ،بىراق ھېلىقى ئوغرى جايىدىن مىدرلىمىغاندى ،مەنمۇ بۇ ئشلارغا ھەيران بولۇپ بىردەم تۇرۇپ قاپتىمەن ،تۇساتتىن ھېلىقى ئوغرى يغلىغىنىچە رەھمەت ئاكا ،رەھمەت ساڭا ،توغرا دىدىڭ ،سەن مېيىپ ئەمەس ،مەن مېيىپكەنمەن ،ئاتا-ئانامنىڭ نەسھەتلىرىمۇ ماڭا قىلچە كار قىلمىغان ،سەن ماڭا ناھايىتى قاتتىق تەسىر قىلدىڭ ،بولۇپمۇ مىنى ساقچىغا تۇتۇپ بەرمەستىن 50كوي پۇل بىرىپ مىنى قۇتۇلدۇرۇپ قېلىشىڭنى خىيالىمغىمۇ كەلتۇرمەپتىكەنمىەن ،ئەگەر سەن مىنى ساقچىغا تۇتۇپ بىرگەن بولساڭ سىنىڭ ئاشۇ 2000مىڭ يۈۋەندىن ئارتۇق پۇلىڭنى بۇلىغانلىق سەۋەبى بىلەن نەچچە يىللىق كىسلىپ كەتكەن بۇلاتتىم ،رەھمەت ساڭا جېنىم ئاكا ،مەن ئەمدى ئىككى قۇلۇمغا تاينىپ ياشايمەن ،مىللىتىمنىڭ يۈزىنى ئەمدى تۆكمەيمەن ،بۇ چىن سۆزۈم ئاكا.......مۇشۇ يەردە تۇرغانلار گۈۋاھ بولۇڭلار مەن مەلۇم ئولتۇراق رايۇنى ،مەلۇم بىنا ،مەلۇم نۇمۇرلۇق ئۆيدە ئولتۇرمەن ،ئوغرى ئۆزىنىڭ ئادىرسى ،ئاتا-ئانىسىنىڭ ئىسمىنى ئېيتىپ ،يەنە ئۆزىنىڭ كىملىكىنى بىرنەچچەيلەنگە كۆرسەتتى ،ئاندىن ئۈنلۈك ئاۋازدا !  aqi]5,  
-مەن ھازىردىن باشلاپ ياخشى ئىشلارنى قىلىمەن ،ھالال ياشايمەن ،ئاتا-ئانامنى قاقشاتمايمەن ،ئەگەر مىنى بايقى ئىشىدىن نۇمۇس قىلىپ شۇنداق دىدى دەپ قارساڭلار مەلۇم مەزگىلدىن كىيىن ئۆيۈمگە بېرىپ ئاتا-ئانامدىن ئەھۋال ئىگەللەپ بېقىڭلار دىدى -دە .ھېلىقى مېيىپ يىگىتنىڭ 50يۈەن پۇلىنى قۇلىغا تۇتقۇزۇپ ،رەھمەت ئاكا ،مەن بىر ئايدىن كىيىن ئاتا-ئانامنى ئېلىپ سىزنى مۇشۇ يەردىن ئىزدەيمەن دىگىنچە يۈگۈرۈپ كەتتى . XA69t2J~F  
  ئوغرىنىڭ بەرگەن ۋەدىسى راسىت ئىدى،مەن بۇنى ئۆزۈمىنىڭ سەزگۈم ئارقىلىق ھىس قىلغان ئىدىم ،مېيىپ يىگىتكە ھەسلەپ ھۆرمىتىم ئاشتى ،ئۇ نۇرغۇنلىغان ساق ئادەملەر قىلالمىغان ،ھەم قىلالمايدىغان ئىشتىن بىرنى قىلدى ،مىللىتىمىزنىڭ بىر ئەزاسىنى يامان يولدىن توستى ،يەنە ئويلاپ قالدىم مېيىپ يىگىتنىڭ دادىسىمۇ قاتتىق بىلىمىلىك ئادەم ئوخشايدۇ ،تىلەمچىلەر توغرىسىدا قىلغان گەپلىرى ھەقىقەتەن كىشىنى ئويغا سالىدۇ ،دىمىسمۇ باشقىلار ئاشۇ نۇمۇسسىز تىلەمچىلەرگە ئىچى ئاغرىپ ئەمەس بەلكى نۇمۇس قىلىپ پۇل بىرىدۇ ،ئازراق ياردەم قىلساق مۇشۇ ئۆيكەلدىن ئۆتۈپ كەتسە كوچىغا چىقىپ مىللىتىمىزنىڭ يۈزىنى تۆكمەسمىكىن دەپ پۇل بىرشىدۇ ،ئەپسۇس بۇ نۇمۇسىزلار ئاغرىق ئازابىغا چىدالمايۋاتقان ئاتا-ئانىسىنى ئۆيدە ياتقۇزۇپ ئارام ئالدۇرماستىن كوچىغا سۆرەپ چىقىدۇ ،بىچارە باللىرى باشقىلارغا كۆرسىتىشتىن نۇمۇس قىلىۋاتقان ئەيىب نوقسانلىرىنى ئېچىپ قۇيۇپ ياردەم قىلىڭلار دىيشىدۇ ،يەنە بىر قىىسم "ئەركەك" لىرىمىز ئاياللىرىنىڭ يۈزىنى يۆگەپ قۇيۇپ ،ئۆزى دوپپىنى ئوبدان كىيىپ مەسچىت ئالدىدا تۇرۋېلىپ "ما ئايال يۇرتىغا كىتەلمەپتۇ ،ياردەم قىلايلى جامائەت !"دەپ ۋارقىراپ جامائەتنىڭ ئالدىنى تۇسىدۇ ........................... @qA11C.hq  
قىسقىسى ئويلاپ قالدىم ،مېيىپ يىگىتتە بولغان ئىددىيە ھەممەيلەندە بولسىچۇ؟........................................مەنبەسى =دوستۇم تۇرې k%N$eO$  
:2A-;P4  

bayawan2011-10-03 22:02
قۇتقۇزۇش خاراكتىرىدىكى ئىنسانپەرۋەرلىك روھىدىن بەك تەسىرلەندىم .

sawapkar2011-10-03 22:36
نىمانداق تەسىرلىك راسلا ئۈگنىشكە ئەرزىيدىكەن e>uq/|.!  
LTb#1JC  
ئوغرى دەپ نام ئالساڭ >pq=5Ha&  
ئىككى دۇنيا يۈزۈڭ يوق IFF1wfC  
ھەر ئىشلىرىڭ مۈشكۈلدۈر I "R<XX  
ياردەم قىلغۇدەك نەرسەڭ يوق

fatima2011-10-03 22:52
بۇ يىگىت ئوغرىنى ئوغرىنى كەچۈرۈپ .يەنە پۇل بىرىپ تەسىرلەندۈرۈپتۇدە؟بۇنداق قىلماق ئاسان ئەمەس.

گۈلنازى2011-10-04 02:44
ئالتۇن بەرگەندىنمۇ بەك ياخشى ئىش قىپتۇ بۇيىگىت .. z<cPy)F]"  
  ئۇمىيىپ بولغان بىلەن قەلبى بەك گۈزەل ئىكەن ...


رەسىمسىز مۇنازىرە: [-- ئوغۇرنى تۇتۇڭلا --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.5 Code © 2003-08 Guldiyar
Time 0.046211 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us