رەسىمسىز مۇنازىرە: [-- قايرىلىپ قارىما ،كېتىۋەر گۈلۈم --]

ئانا تۇپراق مۇنبىرى -> پروزا باغچىسى -> قايرىلىپ قارىما ،كېتىۋەر گۈلۈم [بېسىپ چىقىرىش] كىرىش -> ئەزا بولۇش -> ئىنكاس يوللاش -> تېما يوللاش

yulgun2011-10-03 16:44
  S1U>Q~ZPA  
قايرىلىپ قارىما ،كېتىۋەر گۈلۈم K9QC$b9(  
  75W@B}dZd  
(ھېكايە) j]'ybpMT"  
تۇرغۇن پەيزۇللا يۇلغۇن 8iUYZF  
N7UGgn=  
  PrvV]#O*  
J936o3F_  
ھەر قېتىم سەن يېنىمدىن كېتىشىڭگىلا قەلبىمدە چەكسىز بىر بوشلۇق پەيدا بولاتتى. بۇ بوشلۇقنى سەن يېنىمدا پەيدا بولمىغىچە ھەر قانداق بىر نەرسە تولدۇرالمايتى. بوشلۇقتا چەكسىز بىر جىمجىتلىق  ھۆكۈم سۈرەتتى. سەن بۇ بوشلۇقتا لەيلەپ يۈرگەن قار ئۇچقىنى ئىدىڭ. سېنىڭ يەرگە چۈشۈپ كېتىشىڭنى ئەسلا خالىمايتىم. a\*_b2 ^n  
B\\M%!a>  
بىز قاچان ،قانداق چاغدا بىر –بىرىمىز بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۆز-ئارا ياخشى كۆرۈشۇپ قالدۇق،بۇنى ئەسلىيەلمەيمەن. سېنىڭمۇ ئېسىڭگە ئالالمىغانلىقىڭنى ئېيتقانلىقىڭ خىرە-شىرە يادىمدا. ھەر قېتىم سېنى كۆرسەم ياكى سېنى ئەسلىسەملا قەلبىمدە بىر بوشلۇق پەيدا  بولىدۇ. بۇ بوشلۇقنىڭ سەن بىلەن چەمبەرچەس باغلانغانلىقىنى  داۋاملىق ھىس قىلىمەن. بۇ بوشلۇقنىڭ مەندىن يىراقلاشقانساڭ كېڭىيىپ، يېقىنلاشساڭ تارىيىدىغانلىقىنى، ئۆيۈڭنىڭ ئارقىسىدىكى يۇلغۇنلۇقتا قوللىرىمىزنى ئالماشتۇرۇشۇپ، مەيدىمىزگە بېسىشقان ھېلىقى كۈنى سەن ماڭا  چۇڭقۇر ھېس قىلدۇرغانتىڭ . مەن شۇنىڭدىن تارتىپ سېنىڭ مەھەللەڭدە ئالالمىغان سادەك ئەگىيدىغان بولۇپ قالدىم، ئەمما سېنى ئۇچرىتالمىدىم. ياكى  ساڭا بىر ئىش بولغانلىقىنى ئۇقالمىدىم. ياراتقان ئىگەم سېنى كېلىشمەسلىكلەردىن يىراق قىلسۇن. !0X/^Xv@=  
Q?V'3ZZF!  
سەن ئاخىرى ئۆيۈڭدىن چىقتىڭ. مېھرى- مۇھەببەت ، ۋاپا –ساداقەت تۆكۈلۈپ تۇرىدىغان تۇرىقىڭ كۆزلىرىمدىن ئوت چىقىرىۋەتتى، ئوت. UTVqoCHA  
UId?a} J  
- چىمەن نەگە ماڭدىڭ؟- سوردىم مەن دالدىلانغان جىگدە ئاستىدىن چىقىپ. سەن  شۇئانلا توك سوقۇۋەتكەندەك چۇچۇپ كەتتىڭ. Jvr`9<`  
WSqo\]  
- ۋىيەي ، سىزمىتىڭىز ، ئەجەپمۇ قورقىپ كەتتىما؟ بەلگە بىرىپ قويسىڭىز بولمامتى؟- سەن بىر خىل نارازىلىق ئارلاش شۇنداق دىدىڭ . ئەمما  تۇرىقىڭدا بىر سەمىمىي ئىللىقلىق، ھۆرمەت بار ئىدى. J[al4e^  
$f AZ^   
شۇنچە ئالدىراش نەگە ماڭغان ؟– سوردىم مەن سۇغا ماڭغانلىقىڭنى بىلىپ تۇرساممۇ قەستەنگە. u?SxaGEa  
K'oy6$B  
- چىلەك كۆتۈرىۋالغان ئادەم نەگە بارىدۇ؟ zxC~a97`  
G]T&{3g-.  
-چىلەك تىشىلىپ كەتكەن بولسا، تۈۋلەتكىنى – سەن جاۋابىمنى ئاڭلاپ ۋىلىقلاپ كۈلۈپ كەتتىڭ –دە: O|0V mm  
B4{F)Zb  
- چىلەك تېخى يېڭى،- دېدىڭ ئەتراپىڭغا ئىسەنكىرەپ قاراپ. V-ONC  
^K0oJg.E  
- يۈندە تۆككىلى  مېڭىپسەن– دە؟ E=]$nE]b  
#Yx/ubg6  
- سۇغا ماڭدىم ، گالۋاڭ يىگىت ،– سەن شۇنداق دەپلا ۋىلىقلاپ كۈلۈپ كەتتىڭ. سەمىمىيلىك ، پاكلىق سىڭگەن كۈلكەڭ تۇيغۇللىرىمدا غەلىيان كۆتۈردى. jdd3[  
<;hy-Q()D  
-مۇنداق دە ، مەن تېخى سېنى نەگە ماڭغانلىقىنى بىلەلمەۋاتقان چېغى دەپتىمەن. Q1RUmIe_&  
\RmU6(;IQ  
- مەن تېخى ئۇ دەرىجىگە بارمىدىم.- سەن شۇنداق دىدىڭ –دە ، كۆزلىرىمگە نازلىنىش ئىچىدە لاپپىدە قاراپ قويۇپ، يولۇڭغا مېڭىۋەردىڭ. كۆزلىرىڭدىن ئېتىلىپ چىققان بىر نۇر ئۇدۇل كىرگەن  پېتى ئوي خىيالىمنى  مالمان قىلىۋەتتى. مەن ئۆزۈممۇ بىلمىگەن ھالدا كەينىڭدىن ماڭدىم. بىز گەپ – سۆز قىلىشماي بۇلاق بويىغا يىتىپ كەلدۇق. بولاق قويۇق سۈگەتلىك ئارىسىدا،بىر نەچچە ئادەمنىڭ قۇچىقى يەتمەيدىغان يوغان بىر تۇپ سۆگەتنىڭ تۈۋىدە ئىدى. بۇلدۇقلاپ چىقىۋاتقان سۈپسۈزۈك بۇلاق سۈيى شىلدىرلاپ ئېقىپ تۇراتتى. نەم خۇش ھاۋا ئادەمگە ھوزۇر بېغىشلايتتى. سەن پات-پات ئەتراپىڭغا قارايتىڭ . بىلىمەن ئىككىمىزنىڭ تۇرغانلىقىنى بىرەرى كۆرۈپ قالسا سۆز- چۆچەككە قالىمەن دەپ ئەندىش قىلىۋاتاتتىڭ. <x1,4a~  
$fwj8S7$  
- نىمىنداق قىلىسىز ، ساراڭ بولۇپ قالدىڭىزمۇ؟قويۇۋېتىڭ دەيمەن... – سەن شۇنداق دىگىنىڭچە مېنى ھەدەپ ئىتتىرىشكە باشلىدىڭ. مەن سېنى قانداق قۇچاقلاپ قالغىنىمنىمۇ بىلمەيمەن. سېنىڭ ئىڭراشلىرىڭ، مەيدەمدىن ئىتتىرىشلىرىڭ تۇيغۇللىرىمنى غىدىقلاپ ،سېنى تېخىمۇ چىڭ قۇچاقلاشقا باشلىدىم. مەن ھىچقاچان ئۆزۈمنى ھازىرقىدەك خۇشال ھىس قىلىپ باقمىغان. بىردىنلا سېنى مەڭگۈ مۇشۇنداق قۇچاقلاپ تۇرۇشنى خىيال قىلىپ،   باغرىمغا تېخىمۇ چىڭ باستىم. سەن ھەدەپ بېشىڭنى ئېلىپ قاچاتتىڭ. قاپقانغا چۈشۈپ قالغان كىيىكتەك يۇلقۇناتتىڭ. emG1Wyl  
m6o o-muAr  
- نىمە قىلىق بۇ ، ساراڭ بولدىڭىزمۇ ؟ بىرەرى كۆرۈپ قالسا نى ئات ، نى نۇمۇس ، بۇ مەھەللىدە بېشىمنى قانداق كۈتۈرۈپ يۈرىمەن ؟ بولدى قىلىڭ ...- سېنىڭ گەپلىرىڭ قۇلىقىمغا زادىلا كىرمەيتى. سېنى قويۇپ بەرسەملا، مەڭگۈلۈككە يوقاپ كىتىدىغاندەك بىر تۇيغۇ ماڭا ئارام بەرمەي ، سېنى تېخىمۇ چىڭ قۇچاقلىدىم. بىر ئوت پۈتۈن ۋۇجۇدۇمغا يامراشقا باشلىدى... 4o kZ  
qv8B$}FU  
- ئۆلتۈرەي دەمسىز ، قويۇۋېتىڭ ... –سەن تىز-تىز نەپەس ئېلىپ تۇرۇپ شۇنداق دەيتىڭ. مەن سېنى تېخىمۇ مەھكەم قۇچاقلايتىم. lh-zE5;  
/ gP"X1.  
-ئاھ خۇدا، مېنى مۇنداق قىينىماڭ... قىپقىزىل تەلۋىنىڭ ئۆزىكەنغۇ بۇ... u(~(+1W  
!-tVtD  
-كىمنى كىم قىيناۋاتىدۇ؟ سېنىڭ دەردىڭدە نىمە بولسام بولغاندىمەن. 9j<7KSj  
5~YaXh^  
- قويۇپ بىرىڭ دەيمەن. يا مەن سىزنىڭ ئېلىپ قويغان خوتۇنىڭىز بولمىغاندىكىن. يامان بولىدۇ، نامەرەمدىن قورقۇڭ . ><{Lh@{  
Z@bKYfGM  
- بۇنىڭدىن كېيىن ئالدىغان خوتۇنۇم –دە. E2Ec`o  
8>'vzc/* >  
- ئۇخلىماي چۈش كۆرۈپسىز؟... ھۆرمىتىنى بىلمەيدىغان... G3gEL)b*  
a>#]d  
- نىمە ؟ 7w?N-Q$y  
Q$x3uH\@  
- ئادەم ئەمەس بىر نىمىكەنسىز...- شۇنداق دىيىشىڭ بىلەن تەڭ بىرى تۇيدۇرماي كىلىپ بېشىمدىن بىر قاپاق سوغاق سۇ قۇيۇۋەتكەندەك ئەندىكىپ كەتتىم . پۇت- قوللىرىم بوشۇشۇپ كەتتى.كۆڭلۈمنى بىر غەشلىك  چىرمىۋالدى. ئاسماندىن يەرگە تاشلىۋەتكەندەك بىر تۇيغۇ قىيناشقا باشلىدى. سەن چاققانلىق بىلەن قۇچۇقۇمدىن بوشۇنۇپ ،  بۇلاقتىن بىر چىلەك سۇنى ئالدىڭدە ، قاپىقىڭنىمۇ ئاچماي، ئارقاڭغىمۇ قارىماي ، چىغىر يول بىلەن يۈرۈپ كەتتىڭ . شۇئانلا ماڭا بۇ دۇنيانىڭ يېرىمى راست ، يېرىمى يالغاندەك تۇيۇلۇپ ،كۆڭلۈمگە ئاجايىپ بىر  بىئاراملىق ، تىت-تىتلىق تاجاۋۇز قىلدى. ھاياتنىڭ يېرىمى خۇشاللىق ، يېرىمى دەردتەك ، يېرىمى راست، يېرىمى يالغاندەك بىلىنىپ كەتتى. 3u4P[   
gZ6tb p,X  
سەن مەندىن يىراقلاپ كېتىۋاتىسەن. يىراقلاشقانسىرى قەلبىمدىكى بوشلۇق كېڭىيىۋاتاتتى. بۇ بوشلۇق بەزىدە قاپقاراڭغۇ ، بەزىدە بولسا ئۇ يەر، بۇ يەرلىرىدىن پىلىلداپ نۇر چاقناپ قالاتتى. سەن توساتتىنلا قەلبىمدىكى بوشلۇقتا غايەت زور بىر يالقۇنغا ئايلاندىڭ. بوشلۇق گۈرۈلدەپ كۆيۈشكە باشلىدى. كۆيۈشنىڭ ئازابى جان- جېنىمدىن ئۆتۈپ كەتمەكتە. بىردىنلا سەندىن ئۈمىدىم ئۈزۈلگەندەك بولدى. كۆڭلۈمنى يېرىملىىق ئىگىلىۋالدى. سەن تاش يۈرەك چىدىغان بىلەن  مەن ساڭا قانداقمۇ چىداي ؟  قىيالمىغان ھالدا  ئارقاڭدىن  شىۋىرلىدىم: nQd~i0`vB  
vpoJ{TPO  
- قايرىلىپ قارىما، ئارقاڭغا گۈلۈم! ئاچچىققا تولغان كۆزلىرىڭنى كۆرگۈم يوق، ساڭا ئاش بولغىدەك ئەر ئۇچرىغاي... /;`-[   
`A$zLqz)Vm  
 شۇ كۈنى كۆڭلۈم سېنىڭدىن قاتتىق ئازار يىگەنتى. سەن بىلەن ئەمدى قايتا كۆرۈشمەسلىككە ،سېنى ئىككىنچى قېتىم ئىزدىمەسلىككە ئۆز- ئۆزۈمگە ۋەدە بەردىم. ئەمما ۋەدەمدە ئاران بىر كۈن تۇرالىدىم.سېنى قاتتىق سېغىنغانتىم. يەنە سېنى بولاق بويىدا كۈتتۈم. ھويلىسىغا چىقىپ قالار دېگەن ئۈمىد بىلەن مەھەللەڭگە باردىم. بارلىق ئۇرۇنۇشلىرىم يوققا چىقتى. سېنى كۆرەلمىدىم. سەن سۇغىمۇ چىقمىدىڭ. كۆڭلۈڭنى بەك ئاغرىتىپ قويغان ئوخشىمامدىمەن؟ ھەي مېنىڭ شۇ تەنتەكلىكىم. مەن بۈگۈن يەنە سېنى ساقلاپ بۇلاق بويىدا ئۇزاق تۇردۇم . سەن كەلمىگەندىن كېيىن مەھەللەڭگە نەچچە بېرىپ كەلدىم. لېكىن سېنىڭ قاراڭنىمۇ كۆرەلمىدىم. سەن خۇددى بۇلاق ئىچىدىن چىقىدىغاندەك بۇلاققا قاراپ تۇرىمەن . بۇ يەردىن قانچە قېتىملاپ كىتىشنى ئويلىغان بولساممۇ ، سەن ھېلىلا كېلىپ قالىدىغاندەك بىر تۇيغۇ مېنى بۇلاق قېشىدىن كەتكىنى قويمايتى. d8VFa'|  
EB8<!c ?  
بىرى  توساتتىنلا ئارقامدىن مېنى چىڭلا قۇچاقلىۋالدى . مەن چۇچۇپ بېشىمنى بۇرىدىم . كۆزلىرىمىز ئۇچراشتى. ئۇ سەن ئىدىڭ.سېنى تارتىپلا باغرىمغا باستىم . بوينۇمغا ەېرە سالدىڭ . لەۋلىرىڭنى لەۋلىرىمگە باستىڭ . ئەمما كۆزلىرىڭنى مەھكەن يۇمۇۋالغانتىڭ. بويۇمنىڭ سەندىن پاكارراق بولۇشى ساڭا بايرام بولغانتى.لىۋىڭدىن لىۋىمگە تۇتۇشۇپ، يۈرىكىمگە دولقۇنلاپ كىرگەن سېھىرلىك  بىر ئوت شۇ تاپتا ھەممىنى كۈل قىلماقتا ئىدى. [ip}f4K  
OGPrjL+  
چىڭقى چۈش. لەۋلەر بىر-بىرىدىن  ئۈستۈنلۈك تالىشاتتى. يۈرەكلەر لاۋۇلداپ كۈيەتتى . ئەتراپ كۈيەتتى. سۈپ- سۈزۈك بۇلاق سۈيى  كۈيەتتى. بۇلاقنى ئوراپ تۇرغان سۆگەتلەر چاراسلاپ كۆيەتتى ، كۈيەتتى... }kMKA.O"  
}XfRKGQw  
- ھېلىقى كۈنى مەن كۆڭلىڭىزگە ئازار بىرىپ قويدۇم - دېدىڭ سەن دولۇمغا بېشىڭنى قويۇپ. كۆزلىرىڭگە قارىدىم . كۆزلىرىڭدىن تۈكۈلۈپ تۇرغان سەمىمىيلىك كۆڭلىمدىكى ئارامسىزلىقنى پاك- پاكىز سۈپۈرۈپ تاشلىدى. ]_2<uK}fg  
9C|-|mo  
- مەن  سىزنى ئايىمىدىم . دىلىڭىزنى چىگىپ قويدۇم. > 7 qZ\#  
7QHrb'c  
- ئۆيگە كىرىپ بەك پۇشايمان قىلدىم، كېچىچە ئۇيقۇم كەلمىدى. 7?2<W-n  
8v\^,'@  
- مەن بىر كېچىچە ئۆزۈمنى ئەيىپلەپ چىقتىم. >0I\w$L  
@vvGhJ1m`  
-نىمە دەپ؟ FyA0"  
'Jl73#3  
-  تولىمۇ ئەخمەق ئىكەنمەن ، نىمىشقىمۇ ماڭا كۆڭلى يوق قىزغا زوراۋانلىق قىلىپ، ئۇنىڭ ئالدىدا يىگىتلىكىمنى پايخان قىلغاندىمەن،  دەپچۇ. |.LE`  
%Sw hNn  
-ھە ، بولاپتۇ – سەن قېيدىغاندەك قىلىپ دومسايدىڭ . كۆزلىرىڭگە قارىدىم ، سەن پىسڭڭىدە كۈلدىڭ ، مەنمۇ ساڭا قوشۇلدۇم. بۇلاقمۇ ئۆزىنى تۇتىۋالالماي بۇلدۇقلاپ كۈلىۋاتاتتى. قاياقتىندۇر كەلگەن مەيىن شامال بىزگە كۆڭۈل ئازادىلىكى ئاتا قىلىدى . سۆگەت يۇپۇرماقلىرى  توختىماي  چاۋاك چېلىشقا باشلىدى. شۇ تاپتا  سېنىڭ ، مېنىڭ ، بۇلاقنىڭ كۈلكىسى بىرلىشىپ كەتتى. كىممۇ بۇنداق كۈلكىنىڭ مەڭگۈلۈك بولىشىنى خالىمايدۇ دەيسەن؟... pxHJX2  
h2vD*W  
- مەن قايتاي – دېدىڭ سەن ئۆتۈنگەندەك ئاۋازدا. K7]QgfpSZ  
2~QN#u|UC3  
-  يەنە بىردەم تۇرمامسەن؟ ~P!%i9e_  
B S+=*3J  
- مېنىڭغۇ تۇرغىم بارتى، دادامنىڭ خۇيى بەك يامان. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاكاممۇ  ئۆيدە. ھەم قويلارنى چىقىرىدىغان چاغ بولۇپ قالدى، پادىچىلار كۆرۈپ قالسا نىمىلەرنى دېمەيدۇ دەيسىز؟... ئېھتىيات قىلغىنىمىز تۈزۈك... qp2&Z8S\D  
8o!LgT5  
- مەيلى ئۇنداق بولسا ، يەنە قاچان كۆرىشىمىز ؟ 7SjWofv  
>+2gAO!  
 - سىز خالىغاندا . oPR?Ar  
N6%M+R/Q  
-مەنغۇ داۋاملىق خالايمەن . ~3qt<"  
i3o;G"IcD  
- ئەتە كەلسىڭىزمۇ مەيلى +cC$4t0$^A  
,2lH*=m;  
-  كەلمىسەمچۇ ؟ 6}GcMhU<r  
o/mGd~  
- ئۇ مەيلى ،  مەندە نىمە ئامال . qp55U*  
CL<m+dW%*  
- چاقچاق قىلىپ قويدۇم ،ئەخمەق قىز  كېلىمەن. Hjc *W Tu  
jQ9i<-zc  
- مەن بىلەتتىم ، ھۇي چېچەن يىگىت! ZMmf!cKY:'  
U$ 22r b  
بۇلاقتىن چىلىكىڭگە سۇ تولدۇرۇپ ، قولۇڭغا تۇقۇزۇپ قويدۇم. v}BXH4&Y  
s)j3+@:#  
- ماقۇل ئەمىسە ، كۆرۈشكىچە ئامان بولۇڭ – سەن كېتىۋېتىپ ، ئارقىڭغا قىيا بۇرۇلۇپ شۇنداق دېدىڭ. T{zz3@2?  
< <]uniZ\  
- كۆرۈشۈپ بولغاندىن كېيىنچۇ؟ F]6$4o[  
.|<+-Rsj  
- ئاغزىمغا تاشتۇپراق – سەن شۇنداق دېدىڭ -دە ، ماڭا قاراپ ھەييارلىق بىلەن كۆزلىرىڭنى قىسىپ قويۇپ ، يىنىك قەدەملەر بىلەن يۈرۈپ كەتتىڭ. Pm!/#PtX  
qfsu# R  
- تويىمىزنىڭ ۋاختى توغرۇلۇق ئويلىنىپ قويۇڭ. tW} At  
B dKD%CJ[  
- خاتىرجەم بولۇڭ ئەتە جاۋابىنى بىرىمەن- قولۇڭدىكى چىلەكنى يەردە قويۇپ ،ئارقاڭغا ئۆرۈلۈپ شۇنداق دېدىڭ . يۈرىكىمدىكى ئو تېخىمۇ لاۋۇلداشقا باشلىدى. تومۇرلىرىمدا قان ئەمەس ئوت ئېقىۋاتقاندەك بىر تۇيغۇ تىنىمگە تاراشقا باشلىدى.چىلەكنى كۆتۈرۈپ مەندىن يىراقلاپ كېتىۋاتىسەن ؛   بىر تال قىزىل گۈل مەندىن يىراقلاپ كەتمەكتە . x0$#8  
`u#N  
ھەر قېتىم سەن يېنىمدىن كىتىشىڭگىلا قەلبىمدە چەكسىز بىر بوشلۇق پەيدا بولاتتى. بۇ بوشلۇقنى سەن يېنىمدا پەيدا بولمىغىچە ھەر قانداق بىر نەرسە تولدۇرالمايتى. بوشلۇقتا چەكسىز بىر جىمجىتلىق  ھۆكۈم سۈرەتتى. سەن قەلبىمدىكى بوشلۇقتا لەيلەپ يۈرگەن قار ئۇچقىنى ئىدىڭ.قار ئۇچقىنىڭنىڭ يەرگە چۈشۈپ كېتىشىنى ئەسلا خالىمايتىم. مەن قىيالماسلىق ئىچىدە شىۋىرلىغىنمچە بۇلاق بويىدىن يىرقلىشىشقا باشلىدىم. سەن بولاق بويىدىن ئۆيىڭگە تۇتىشىدىغان چىغىر يول بىلەن كىتىپ بارىسەن. يۈرىكىم سېنى تارتىپلا تۇرسىمۇ ئارقاڭغا قارىشىڭنى خالىمايتىم. چىغىر يول ئويمۇ-دوڭغۇل ئىدى. R&9Q#n-  
M*7:-Tb]C  
- قايرىلىپ قارىما ،كېتىۋەر گۈلۈم ، ئەتە كۈرىشەيلى! ساڭا ئاق تىلەكلەر ھەمرا بولسۇن. ھەر بىر قەدىمىڭدە ئاق يوللۇق بولغىن!... >j_N6B!  
hLF;MH@  

شاتئاي2011-10-03 17:34
ئۇف ... يوقاپ كەتكەن ئېسىل تېمىلار بار-بارا ئەسلىگە كىلىشكە باشلىدى. تېمىڭىزنى ئېچىلا بەك خۇشال بولدۇم .سىزنىڭ ھەر بىز تېمىڭىز مېنىڭ ھەم ئوقۇرمەنلىرىڭىزنىڭ يۈكسەك باھاسىغا ئىرىشىدۇ. n50W HlMtt  
ھەر ۋاقىت سىزنىڭ ئېسىل ئەسەرلىرىڭىزنى كۆرۈشكە تەشنامىز.   

1tulpar2011-10-03 20:18
ھەر ۋاقىت سىزنىڭ ئېسىل ئەسەرلىرىڭىزنى كۆرۈشكە تەشنامىز         .ياخشى گەپ

biparwaadam2011-10-03 20:37
مۇنبەرنى رەتلەشتىن بۇرۇن باش سۈرىتىمنى ئالماشتۇرغاندىم. ئەمدى يەنە بۇرۇنقى سۈرەت چىقىپ قاپتىغۇ؟، بۇ مۇنبەردىمۇ مەخپىيەتلىك يوقمۇ قانداق؟   

bayawan2011-10-03 22:09
بۇ راستىنلا نادىر ئەسەر ئىدى . خۇددى " سەمەندەر " ناملىق روماندەك ئىككىنچى شەخس تىلىدا يېزىلغان . يۇلغۇنكامنىڭ قەلىمىگە قۇۋۋەت ، تېنىگە سالامەتلىك ، خىزمىتىگە ئۇتۇق تىلەيمەن .

fatima2011-10-03 22:54
يۇقاپ كەتكەن  نادىر ئەسەرنى قايتا كۆرگىنىمدىن خۇشالمەن.يولغۇنكامنىڭ نادىر ئەسەرلىرى ئۈزۈلمىگەي.

arzu7102011-10-03 23:58
بۇ ئەسەر بەك ياخشى يىزلىپتۇ!!    

arzu7102011-10-04 00:00
يۇلغۇنكامنىڭ قەلىمىگە قۇۋۋەت ، تېنىگە سالامەتلىك ، خىزمىتىگە ئۇتۇق تىلەيمەن .ھەر ۋاقىت سىزنىڭ ئېسىل ئەسەرلىرىڭىزنى كۆرۈشكە تەشنامىز      !!!!!  

altunboxuk2011-10-04 22:43
   ھەقىقەتەن ياخشى يېزىلغان، پىسخىك ھالەتلەر ناھايىتى جانلىق ۋە چوڭقۇر تەسۋىرلەنگەن. تىلىمۇ ئىنتايىن ئوبرازلىق. قارىسام يېزىش ئۇسلۇبىڭىزدا بىر خىل ئۆزگىچىلىك باركەن. يەنى پىرسۇناژلارنىڭ روھى دۇنياسىنى ئېچىشقا كۆپرەك كۈچەيدىكەنسىز. SP/'4m  
   يۇلغۇن بۇرادەر، تېما ژانىرىنى «ھېكايە» دەپ ئەسكەرتىپسىز، مەن بىر قانچە قېتىم ئوقۇپ چىقتىم. بۇ تېمىنى ھېكايە دېگەندىن نەسىر دېگىنىمىز ياخشىمۇ قانداق؟ چۈنكى، ھېكايە-تۇرمۇشتىكى تىپىك ئەھمىيەتكە ئىگە بىرەر ۋەقەلىك ئارقىلىق مەلۇم بىر مەسىلىنى ئوتتۇرغا قويىدىغان ئىپىك ئەسەرلەرنىڭ بىر تۈرى. ئۇنىڭدا چوقۇم مۈكەممەل بولغان ۋەقەلىك بولىشى تەلەپ قىلىنىدۇ. بۇ تېمىدا بولسا ئاپتۇرنىڭ  ھېس تۇيغۇسى، يەنى لېرىكىسى ئاساسى ئورۇندا تۇرۇپتۇ. +lb&_eD  
   ھە راست، مەن بۇ ئەسەرنى ئىككىنجى شەخىس تىلىدا يېزىلغان دەپ قارىمايمەن. چۈنكى ئەدەبىي ئەسەرلەر بىرىنجى ۋە ئۈچۈنجى شەخىس تىلىدا بايان قىلىنىدۇ. گەرچە ئەسەردە ئىككىنجى شەخس ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان ئالماش«سەن» كۆپرەك ئىشلىتىلگەن بولسىمۇ، «سەن» ھەققىدە گەپ قىلغۇچى يەنىلا بىرىنجى شەخىس «مەن»، شۇڭا بۇ ئەسەر بىرىنجى شەخىس تىلىدا يېزىلغان.

wissal@1312011-10-22 18:53
ھەقىقەتەن ياخشى يېزىلغان ئەسەركەن رەھمەت سىزگە FPH2dN  
مەن تېخى شىئىرمىكەن دەپتىمەن  


رەسىمسىز مۇنازىرە: [-- قايرىلىپ قارىما ،كېتىۋەر گۈلۈم --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.5 Code © 2003-08 Guldiyar
Time 0.026336 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us