رەسىمسىز مۇنازىرە: [-- جۇڭگو شەھەرلىرىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئامېرىكىدا ئىشلەنگەن نازارەت ئۈسكۈنىلىرىدىن كىم ھوشيار بولۇشى كېر --]

ئانا تۇپراق مۇنبىرى -> دۇنيادىكى ئىشلار -> جۇڭگو شەھەرلىرىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئامېرىكىدا ئىشلەنگەن نازارەت ئۈسكۈنىلىرىدىن كىم ھوشيار بولۇشى كېر [بېسىپ چىقىرىش] كىرىش -> ئەزا بولۇش -> ئىنكاس يوللاش -> تېما يوللاش

kurban.qaydu2011-10-03 09:14
ئامېرىكا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە: ئامېرىكىنىڭ Cisco» »،«  «Hewlett قاتارلىق شىركەتلىرى چۇڭچىڭ شەھىرىنى ئۈسكۈنە بىلەن تەمىنلەش توختامىغا ئېرىشىپ، بۇ شەھەردىكى يول ئېغىزى قاتارلىق ئاممىۋى سورۇنلارغا 500 مىڭ تېلېكامېرا ئورنىتىشقا ياردەم بېرىشى مۇمكىن، دېيىلگەن. «ۋال كوچىسى گېزىتى» قاتارلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرى بۇ «ئەمىن چۇڭچىڭ» پىلانىدىن قاتتىق گۇمانلىنىپ: بۇ ئۈسكۈنىلەر كەلگۈسىدە «سىياسىي باستۇرۇش»قا ئىشلىتىلىشى مۇمكىن، دېدى. شۇنىڭغا ئوخشاشلا، ئامېرىكا ئاخبارات ۋاسىتىلىرى «Microsoft» شىركىتىنىڭ يېقىندا «بەيدۇ» تورى بىلەن جۇڭگودا ئىنگلىزچە ئىزدەش ماتورى قۇرۇش كېلىشىمى ھاسىل قىلغانلىقىنى: «جۇڭگونىڭ تورنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشىغا تەسلىم بولغانلىق»، دەپ ئەيىبلىدى.  J% mtlA  
  ئۇلار بۇنى پۈتۈنلەي خاتا چۈشىنىۋالغان. جۇڭگو شەھەرلىرىگە ئامېرىكىدا ئىشلەنگەن نازارەت ئۈسكۈنىلىرىنى ئورنىتىشتىن گۇمانلىنىشقا توغرا كەلسە، جۇڭگولۇقلار گۇمانلانسا توغرا بولاتتى. ئويلاپ باقايلى، جۇڭگودىكى مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرنىڭ بارلىق كوچىلىرىنى نەق مەيداندا سۈرەتكە ئېلىش دۆلەت خەۋپسىزلىك ئۇچۇرلىرىغا مۇناسىۋەتلىك ئىش بولۇپ، بۇنداق نازارەت ئۈسكۈنىلىرى ئارقىلىق نۇرغۇن ئويۇن ئوينىغىلى بولىدۇ. ئەگەر نيۇ يورك ياكى لوس ئانژېلىس شەھىرىنىڭ كوچىلىرىغا جۇڭگودا ئىشلەنگەن نازارەت ئۈسكۈنىلىرى ئورنىتىلسا، ئامېرىكا پارلامېنت ئەزالىرى سەكرەپ كەتمەي تۇرالامدۇ؟ ئامېرىكا ھەتتا ئەسكەرلىرىگە جۇڭگودا ئىشلەنگەن بېرېت شەپكىسىنىمۇ كەيگۈزمەيدۇ. جۇڭگودىكى «خۇاۋېي» شىركىتى ئامېرىكا كارخانىسىنى سېتىۋالماقچى بولغاندا، ئۇلار بۇنى ئامېرىكىغا يوشۇرۇن خەۋپ شەكىللەندۈرىدۇ، دەپ قاراپ كۆپ قېتىم رەت قىلغان.  ![l`@NH[U  
 جۇڭگو تەرەپ بۇ توختامنى تېخى ئەستايىدىل تەكشۈرمەي تۇرۇپلا، ئامېرىكا جامائەتچىلىكى قايناپ كەتتى. قارىغاندا بىز ئامېرىكىنىڭ «ۋال كوچىسى گېزىتى» قاتارلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرىگە رەھمەت ئېيتساق بولغىدەك. ئامېرىكا ئەمەلىي پاكىتلار ئارقىلىق بىزگە دۆلەت مەنپەئەتىنىڭ ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغانلىقىنى، بولۇپمۇ دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە قىلچە بىپەرۋالىق قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ قويدى. ئۇلارنىڭ ئەسكەرتىشى بويىچە، جۇڭگودىكى چوڭ شەھەرلەر نازارەت ئۈسكۈنىلىرىنى ئورناتماقچى بولسا، ئىمكانقەدەر جۇڭگو مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەتسە بولغىدەك. ئىمپورت قىلمىسا بولمايدىغان دەرىجىگە يەتسە، بۇ ئۈسكۈنىلەرنىڭ خەۋپسىزلىككە زىيىنى يوقلۇقىنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ جەزملەشتۈرمىسە بولمىغىدەك. }3DZ`8u  
    ئەلۋەتتە، يەنە بىر خىل ئېھتىماللىقمۇ بار: «Cisco» قاتارلىق شىركەتلەر چوڭچىڭ بىلەن ئۆتكۈزۈۋاتقان سۆھبەت ئاچقۇچلۇق پەيتكە كەلگەندە، ئامېرىكا جامائەتچىلىكى بۇنداق غوۋغا كۆتۈرسە، جۇڭگولۇقلار ئۇلارنىڭ ئۈسكۈنىلىرىگە ئېرىشىشكە تېخىمۇ ئالدىراپ كېتىشى مۇمكىن. ئامېرىكا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ دۆلەت مەنپەئەتى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى بەزىدە جۇڭگودىكى ئۆي تەقسىماتى ئۈچۈن يالغاندىن ئاجراشماقچى بولغان ئەر-خوتۇنلارغا ئوخشىشىپ كېتىدۇ. 2k]Jkd,E  
  ئامېرىكا جۇڭگو-ئامېرىكا سودا ئۇرۇشى ۋە جامائەت پىكرى ئۇرۇشىدا ھەمىشە تەشەببۇسكار بولۇپ، جۇڭگولۇقلار مېڭىسىنى سەگەك تۇتۇپ، ئۆزىگە ئىشەنگەندىلا، ئۇلارنىڭ نەيرىڭىگە ئالدىنىپ زىيان تارتىپ يۈرمەيدۇ. ئامېرىكىلىقلار ئۇرۇشقاق بولۇپ، يوق يەردىن پۇتاق چىقىرىدىغان بولغاچقا، بەزىدە باشقىلارنى ئالدايمەن دەپ، ئۆزى ئالدىنىپ كېتىشى مۇمكىن.  j: $Ruy  
جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ تۈرلۈك سودىلاردا تەڭ پايدا ئېلىۋاتقانلىقى ئېنىق. سودىدا پايدا-زىيان بولۇشى ئادەتتىكى ئىش بولسىمۇ، بىر تەرەپ بولۇشىچە پايدا ئېلىپ، يەنە بىر تەرەپ بەك زىيان تارتىپ كېتىشى ناتايىن. چۈنكى ئىككىلا تەرەپ ئەخمەق ئەمەستە. بەزى ئامېرىكىلىقلار جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا تۈزگەن كونكرېت توختاملارغا ھەمىشە بۇ ئامېرىكىنىڭ جۇڭگوغا قىلغان ھىممىتىدەك قارايدۇ، ئۇلارنى بىر توپ ئەخمەق، دېيىشكە بولىدۇ، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى كىتاب مەستانىسى، بەزىلىرى ھاكاۋۇر سىياسىۋازلاردىن ئىبارەت. ئۇلار جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى باراۋەر سودىنى خەير-ساخاۋەت ئورۇنلىرى بىلەن ياردەم قىلىنغۇچى ئوبيېكت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت، دەپ قارايدۇ.  #x|IEjoa  
 ئامېرىكا جۇڭگو ئالدىدا نۇرغۇن ئويۇن ئويناپ، بىزگە ئاۋارىگەرچىلىك تېرىپ بېرىش بىلەن بىللە، بىزگە مۇھىم ئەسكەرتىش بەردى. جۇڭگولۇقلار ئامېرىكىلىقلار بىلەن ئالاقە قىلغاندا، كۆكسى-قارنىنى تېخىمۇ كەڭ تۇتۇپ، ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى. ئامېرىكىلىقلارنىڭ بىخەتەرلىك ئۆلچىمى بويىچە ئېيتقاندا، جۇڭگونىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا ئامېرىكىنىڭ «ئېلېكترونلۇق كۆز-قۇلاق»لىرى ئورنىتىلغان، ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بەزى كەسىپلەرگە ئامېرىكا مەبلىغى سىڭىپ كىرگەن ھەتتا ئۇنى مونوپول قىلغان، ئامېرىكا فوندلىرى يەنە جۇڭگونىڭ بەزى ئىلمىي ئاپپاراتلىرىنىڭ ئوقۇتۇش ۋە پەن تەتقىقات پىلانلىرىغا تەسىر كۆرسىتىۋاتىدۇ ۋە ئۇلارغا يېتەكچىلىك قىلىۋاتىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا، جۇڭگولۇقلار ئەندىشە ئىچىدە ئوخلىيالمىسا توغرا بولاتتى.  ~M?^T$5  
  ئامېرىكا ئالدىدا، جۇڭگوغا نىسبەتەن مۇتلەق بىخەتەرلىك يوق. جۇڭگو ئىلگىرى تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە بىخەتەر بولۇش ئۈچۈن، كىچىك دائىرىدىكى بەزى بىخەتەرلىكلىرىنى قۇربان قىلىشقا مەجبۇر بولغان. نەتىجىدە جۇڭگو ئەمدى تېخىمۇ زورىيىپ، ۋاشىنگتوننىڭ جازا بىشارەتلىرىدىن جىددىيلىشىپ كېتىشىنىڭ ھاجىتى قالمىدى.  "t!_b ma  
  ئامېرىكىلىقلار بىلەن تەگەشمەي، ئۇلارنىڭ تۈرلۈك جامائەت پىكرى ھۇجۇمى ۋە خۇشامەتلىرىدىن ئېزىپ قالماي، ئۇلارنىڭ دېپىغا ئۇسسۇل ئوينىماي، ئۆز مەنپەئەتىمىز ۋە نىشانىمىزنى ئېنىق تونۇپ ئامېرىكىلىقلار بىلەن ئالاقە قىلساق بولىدۇ. E$1P H)  
?Fp2W+Mj  
مەنبەسى: www.xjzb.com.cn kmZ U;Z  

erhabi2011-10-04 17:47
ۋاي ۋۇي ....................


رەسىمسىز مۇنازىرە: [-- جۇڭگو شەھەرلىرىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئامېرىكىدا ئىشلەنگەن نازارەت ئۈسكۈنىلىرىدىن كىم ھوشيار بولۇشى كېر --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.5 Code © 2003-08 Guldiyar
Time 0.018696 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us