رەسىمسىز مۇنازىرە: [-- بۇ دەرسنى مۇتلەق ئوقۇڭ --]

ئانا تۇپراق مۇنبىرى -> تەرمىلەر گۈلزارى -> بۇ دەرسنى مۇتلەق ئوقۇڭ [بېسىپ چىقىرىش] كىرىش -> ئەزا بولۇش -> ئىنكاس يوللاش -> تېما يوللاش

marjanbulaq2011-10-03 05:08
                                 ... بۇ دەرسنى مۇتلەق ئوقۇڭ 4x6n,:;  
                                         (تەرجىمە ئەسەر) i D9 */  
i.^ytbH  
                                     Z3&}C h  
!dT+cZsf  
    فاتىھ سۇلتام مەھمەت سىنىفتا بەكمۇ كەپسىز بولۇپ پەقەتلا جىم تۇرمايتتى. ئالدىدا ئولتۇرغان ئوقۇغۇچىلارغا قەلىمىنى سانجىپ، ۋاقىراپ، جاقىرايتتى. ئۇستازى ئاقشەمسىددىن بىر نەرسە دېسە، "سەن ماڭا بىر نەرسە دېيەلمەيسەن مەن دىگەن پادىشاھنىڭ بالىسى" دەپ تەھدىت سالاتتى. 1r=cCM  
    ئۇستازى ئاقشەمسىددىن بۇ ئەھۋالدىن بەكمۇ راھەتسىز ۋە چارىسىز ئىدى. پادىشاھنىڭ ئالدىغا بالىسىنى شىكايەت قىلىپ بېرىشتىن نومۇس قىلاتتى ۋە بەكمۇ ئېغىر كېلەتتى. PIU@ }:}  
    بىر كۈنى سەۋرىسى تاشتى ۋە ھەممە ئىشقا تەۋەككۇل قىلىپ پادىشاھنىڭ ئالدىغا باردى ۋە بەكمۇ تەستە ئوغلىنىڭ ئەھۋالىنى ئاڭلاتتى. پادىشاھ ئەھۋالنى ئاڭلاپ بىر دەم ئويلۇنۇپ تۇرغاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ ئۇ ئاجايىپ پىلانىنى ئۇستاز ئاقشەمسىددىننىڭ قۇلىقىغا پىچىرلاپ تۇرۇپ ئېيتتى. يا ئاللاھ بۇ نېمىدىگەن ئاجايىپ پىلان، بۇ پىلاننى ئىجرا قىلىش مۇمكىن ئەمەس ئىدى. ئاقشەمسىددىن ھەزرەتلىرى بۇ پىلاننى ئىجرا قىلالمايدىغانلىقىنى پادىشاھقا ئېيتقان بولسىمۇ پادىشاھ ئۇنىمىدى ۋە بۇ ئىش بولۇشى كېرەك دېدى. ئەتىسى دەرس ۋاقتىدا فاتىھ سۇلتان مەھمەت يەنە ئەسكىلىك قىلىشقا باشلىدى. ئاقشەمسىددىن ئۇنىڭغا تەربىيە قىلسا يەنە پادىشاھ دادىسىنى پەش قىلىشقا باشلىدى. دەل شۇ ۋاقىتتا پادىشاھ تۇساتتىنلا ئىشىكنى ئېچىپ سىنىپقا كىردى. بۇنى كۆرگەن ئۇستاز ئاقشەمسىددىننىڭ قاتتىق ئاچچىقى كەلدى ۋە بارغانچە بېرىپ پادىشاھنى بىر شاپىلاق ئۇردى ئاندىن كېيىن ئاقشەمسىددىن پادىشاھقا دەرس بىرىۋاتقان سىنىپقا رۇخسەتسىز ئۈسۈپ كىرىشكە بولمايدىغانلىغىنى ئېيتىپ دەرھال سىرىتقا چىقىشقا بۇيرىدى. پادىشاھ بەكمۇ ئوسال بولغان بىر قىياپەتتە ئاقشەمسىددىندىن ئەپۇ سوراپ بېشىنى ئەككىنىچە سىنىپتىن چىقىپ كەتتى. بۇ ئەھۋاللارنى كۆرگەن فاتىھ سۇلتان مەھمەتنىڭ دىمى ئىچىگە چۈشۈپ كەتتى ۋە نېمە قىلارىنى بىلەلمەي قالدى. ئىشەنگەن پادىشاھ دادىسى شاپىلاق يېگەن ئىدى. فاتىھ سۇلتان مۇھەممەد بولسا ئالاقزادە بولۇپ كەتتى.  %W~w\mT  
    بىرئاز ۋاقىتتىن كېيىن ئىشىك چىكىلدى. پادىشاھ ئېغىر بىر جىنايەتچىدەك بوينى بۈكۈك كىرىپ ئۇستاز  ئاقشەمسىددىندىن كەچۈرۈم سورىدى. پىلان بەكمۇ ياخشى ئىشقا يارىغان ئىدى... WO.u{vW]'  
    ئو كۈندىن كېيىن فاتىھ سۇلتان مەھمەد پەقەتلا كەپسىزلىك قىلمىدى. چۈنكى ئىشەنگەن تاغلىرى قار ئاستىدا قالغان ئىدى... a Vu!Qk=Z/  
    مەنە بۇ پادىشاھنىڭ ئۇستاز ئاقشەمسىددىننىڭ قۇلىقىغا پىچىرلاپ ئېيتقان ئاجايىپ پىلانى ئىدى... &%rM|  
    مەنە بۇ پەرزەنت تەربىيەلەش ئۈچۈن ئىدى... ئەنە ئۇلار، مەنە بىز...  fJlNxdVr  
    شۇنچە چوڭ بىر پادىشاھ ئۆز پەرزەنتىنى يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن كۆزىنى مىت قىلىپ قويماي تۇرۇپ شۇنچە بالىلار ئالدىدا تاياق يېيىشكە رازى بولغان ئىدى... . @Fc:9a@  
    O q$_ q  
تەرجىمە قىلغۇچى، مارجان بۇلاق T3fQ #p  
http://www.sevgiplatformu.com/hikayeler.htm#İçimdekileri_Söyletme!_(Mutlaka_Okuyun) #_.J kY  
e' M&Eh  

شاتئاي2011-10-03 10:23
ۋاھ... نىمدىگەن ئېسىل ئاتا بۇ. پەرزەنىت دەيدىكەن. بالام دەيدىكەن . 0 SSdp<  
ئاتا -ئانىلار ھەمىشە بالا ئۈچۈن قۇربانلىق بىرىدۇ. بالام دەپ ياشايدۇ. بالام دەپ قۇربانلىق بىرىدۇ. مانا بۇ سۆزنىڭ ھەقىقى دەلىلى مۇنۇ تېمىدا ئىكەن. B!/kC)bF:  
گەرچە پادىشاھ بولسىمۇ ، ئازراقلا جاپاغا چىدىدى. بۇ پادىشاھقا قايىل بولدۇم. نىمىشقا دەمسىز. بالىسى ، كەلگۈسى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ يۈز ئابرويىنى ئايىمىدى.پادىشاھ ئۆزىنى نام شەرىپىنى دەپ ياشىغان بولسىدى ، بالىسىنىڭ كەلگۈسى قانداق بولاتتى.      yq-~5ui  
WhW}ZS'r  
تېما ئىگىسىنڭ ئەجىرىگە تەشەككۈر !!~!!   

narmi2011-10-03 11:35
      پەرزەنت ئۈچۈن مەزمۇت تىرەك باھادىر ئاتا، 2uEI@B  
      پەرزەنت ئۈچۈن مەڭگۈ يۆلەك كوماندىر ئاتا. mEJ7e#  
      مەيلى زىمىستان،تۇمۇز ئىسسىقتا قالسىمۇ، qO"QSSbZqQ  
      بالا ئۈچۈن بوينى كېسىك شۇ پېقىر ئاتا! %f'pAc|#  
tKt}]KHV  
         تەسىرلىك تېمىڭىزغا ئاپىرىن !ھەممە ئاتىلار مۇشۇنداق مەسئۇلىيەتچان بولسا بالىلىرىمىز ^^v3iCT  
چوقۇم ئاڭلىق،ياراملىق ئەۋلاتلاردىن بولغان بولاتتى..... STnMBz7  
      

sabirqanyigit2011-10-03 14:36
ھەقىقەتەن ئىسىل دانا پادىشاھ ئىكەن، بەكمۇ قايىل بولدۇم . لىكىن ھازىرچۇ،بىردادۇيجاڭنىڭ بالىسى خاپا قىلسا  مۇئەللىم بىر تەستەك ئۇرغان بولسا، تاس قالىدۇ شۇ مۇئەللىمنى ئۇرغىلى ياكى يۆتكىۋەتكىلى....

bayawan2011-10-04 18:21
بۇ مەن ئۈچۈن يېپيىڭى بىر تېما ئىكەن . ئەجرىڭىزنى ئاللاھ بېرەر مارجانبۇلاق . سۇلتان مۇھەممەت 2 مۇشۇنداق تەلىم -تەربىيە ئاستىدا ياراملىق ئۆسۈپ ئاخىرى نۇرغۇن ئۇلۇغۋار ئىشلارنىڭ ساھىبى بولغان . جۈملىدىن 1453 -يىلى شەرقى رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ پايتەختى كونىستانتىنوپۇلنى ئېلىپ ئۇنىڭ نامىنى ئىستانبۇل قىلىپ ئۆزگەرتكەن . ۋە بۇ شەھەرنى ئوسمان تۈرك ئىمپېرىيسىنىڭ پايتەختى قىلىپ بەلگىلەپ ياۋروپالىقلارنىڭ يۈرىكىنى بەك قاتتىق مۇجۇپ قويغان . شۇنداقلا 1000 يىلدىن ئارتۇق ھۆكۈم سۈرگەن رىم ئىمپېرىيىسىىنڭ ھۆكۈمرانلىق تارىخىغا تولۇق خاتىمە بېرىلگەن .ھېلىھەم گۈزەل ۋە ئاۋات ئىستانبۇل شەھىرى بۈگۈنكى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەڭ چوڭ شەھىرى بولۇش بىلەن بىرگە دۇنيا ئەھلىنىڭ تەلپۈنۈشىگە مۇيەسسەر بولۇپ كەلمەكتە .


رەسىمسىز مۇنازىرە: [-- بۇ دەرسنى مۇتلەق ئوقۇڭ --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.5 Code © 2003-08 Guldiyar
Time 0.022901 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us