ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى،ئانا تۇپراق مۇنبىرىدىكى بارلىق ئەزالار ياخشىمۇ سىلەر،ھەممىللىرىگە كەمىنە ياۋۇزبەگ بىلەن ئارمان تاشقىندىن سېغىنىپ سالام.ھەممىڭلارنىڭ ئالتۇن بېشىڭلار ئامان،تىنىڭلار ساق-سالامەت،تەپەككۇرۇڭلار ئويغاق،ئىشلىرىڭلار ئۇڭۇشلۇق بولغاي.
مۇنبەرنىڭ قايتا ئېچىلىش مۇناسىۋىتى بىلەن ئانا تۇپراق مۇنبىرىنى تېخىمۇ جانلاندۇرۇش،تورداشلارنى ئىلمى مۇنازىرىگە يىتەكلەش ۋە ئونۋېرسال تىمىلاردا ئەتراپلىق بىلىمگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن ئارمان تاشقىن ۋە كەمىنە ياۋۇزبەگ ئىككىمىز سۇئال جاۋاب شەكلىدىكى بۇ مۇنازىرىنى باشلىدۇق.دەرۋەقە سۇئال بىزنىڭ بىلىش سەۋىيىمىزنى ئۆستۈرىدىغان مۇھىم نەرسە.بىلمەسلىك،بىلمەيدىغانلىقىنى تېخىمۇ بىلمەسلىك ئادەم بالىسى ئۈچۈن قورقۇنچلۇق ئىش،ئوتتۇرىغا قۇيۇلغان سۇئاللار نۇرغۇن تورداشلارنىڭ ئىزدىنىشىنى يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلىشى مۇمكىن.
تورداشلارغا تەۋسىيەرىمىز شۇكى مۇنازىرىگە يېقىندىن دىققەت قىلغايسىلەر،بۇ تىما ئارمان تاشقىن بىلەن ئىككىمىز نامىدا باشلانغان بىلەن بىزگىلا خاس ئەمەس،سۇئال سۇراش جاۋاب بىرىش جەھەتتە ھەممىمىز قاتناشساق بۇلۇۋېرىدۇ،بىراق تىما "رېلىستىن چىقىپ"كەتمەسلىكى،پاخال ئىنكاس يېزىلماسلىقى،تىمىدا تەنقىدكە توغرا مۇئامىلە قىلىنىشى"ئۈگىنىش مەقسەت قىلىنغان"مۇنازىرە روھى ئەكس ئىتىشى كىرەك.
مەن تۈۋەندىكى سۇئال بىلەن مۇنازىرىنى باشلىدىم.
.......
