رەسىمسىز مۇنازىرە: [-- سەپەر خاتىرسىدىكى ئىشلار --]

ئانا تۇپراق مۇنبىرى -> ئەتراپىمىزدىكى ئىشلار -> سەپەر خاتىرسىدىكى ئىشلار [بېسىپ چىقىرىش] كىرىش -> ئەزا بولۇش -> ئىنكاس يوللاش -> تېما يوللاش

fatima2011-08-16 18:29
سەپەر خاتىرسىدىكى ئىشلار
L\Y4$e9bF8  
`gFE/i18  
ij<6gv~ n"  
wjeuZNYf  
ئۇلۇغ رۇزا ھېيتقا ئاز قالغانسى بولتۇرقى بىر ئېسىمدىن چىقمايدىغان ئىش يادىمغا كەچتى...سەپەردىكى مەن يۇلۇققان ئەھۋاللارنى سىلەر بىلەن ئورتاق بۇلاي دەپ بۇ سەپەر خاتىرسىنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن.
ئاتا-ئانامدىن يۇرتۇمدىن ئايرىلىپ،ئۆيدىكلەر بىلەن بىللە ھېيت ئۆتكۈزۈپ باقمىغلى ئۇزۇن يىللار بۇپتىكەن.بۇ يىل ھېيتنى ئاتا-ئانام ئۇرۇق-تۇققانلىرىم بىلەن بىللە ئۆتكۈزەي دەپ. بالدۇرلا تەييارلىق قىلدىم.ماڭغۇچە ئۆيۈمنىڭ ھېيتلىق تەييارلىقلىرنى رارۇس قىلۋېتىپ،ئۆگۈنلۈككە ھېيت دېگەن كۈنى يولغا چىقتىم.ئابتوبۇس بىكىتىدە ئادەممۇ بەك كۆپ ئىكەن،بىلەت باھاسىمۇ شۇنداق ئۆرلەپ كىتىپتۇ.....يېرىم كۈن نۆۋەت كۈتۈپ ئاران بىلەت ئالدىم.تىزلا ماشىنىنىڭ ماڭدېغان ۋاقتى تۇشۇپ ئۈرۈمچىدىن ئاستا-ئاستا يىراقلىشىپ ئايرۇلدۇق.ماشىنا تىز سۈرئەتلىك يولغا چۈشۈپ بىر رىتىمدا مېڭۋاتاتتى....ئارقىدىراق بىر يىگىت ئەنسىز ۋاقىراپ كەلدى.شوپۇر ئۇستام،شوپۇر ئۇستام دەپ چاقىردى.بۇ يىگىتنىڭ ۋاقىرشى دىققىتىمنى تارىتقان ئىدى.گەپلىرىگە دىققەت قىلىدىم.بۇ يىگىت شۇپۇرغا بىردەم توخـتاپ تۇرۇشنى.ئاتا-ئانىسىغا باللىرغا ئالغان سوۋغا -سالاملارنى بىكەتتە ئۇنتۇپ قالغان بۇلۇپ، ئارقىسىدىن بىر دوستىنىڭ ئەكلىپ بىرىش ئۈچۈن ئارقىمىزدىن مېڭۋاتقىنىنى دەپ يېلىندى.شوپۇرمۇ ئاخكۆڭۈل كىشىيكەن.بۇ تىز سۈرئەتلىك يولدا ماشىنىنىڭ توختىشىغا بولمايدېغانلىقىنى بىلسىمۇ!يىگىتنىڭ يىلىنىشىغا ماقۇل بۇلۇپ ماشىنىنى توختاتتى...
J@vL,C)E6  
بۇ ئىشتىن خەۋرى يوق ئوتتۇردىكى بىر قىسىم كىشىلەر نارازى بۇلۇپ قاخشىغىلى تۇردى.بۇ يىگىت ئۇلارغا چۈشەندۈرگەن ئىدى.بەزىسى چۈشەندى بەزىسى چۈشەنمەي ئۆز گىپىنى يۇرغۇلۇتۇپ قايناپ كەتتى...شوپۇرمۇ ماشىنىنى بىردەم توختۇتۇپ بىردەم ئەڭ ئاستا سۈرئەتتە ھەيدىدى.ماشىنا داۋانچىڭدىن چىقىپ بولدى.ئۇ يىگىتنىڭ دوسلىرى تېخى كەلمەيۋاتاتتى.....شۇنداق يول مېڭىپ ئاردىن ئىككى سائەت ئۆتتى...يىنىمدىكى تاقىتى تاق بولغان ئىككى كىشى.114 كە تېلفۇن قىلىپ يول باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ تېلفۇن نۇمۇرنى سوراپ ئۇلارغا تېلفۇن ئۇردى.ئاردىن بەش مىنۇت ئۆتمەيلا شوپۇرغا تېلفۇن كەلدى.شۇپۇرغا ئاپتوز كالۇنىدىن ،تېلفۇن كەلگەن بۇلۇپ،بايقى چاققان ئادەمنىڭ تېلفۇنىغا ئاساسەن ..ئاپتوبۇسنى ئۈرۈمچىگە دەرھال قايتىپ كەلسۇن دەپتۇ.
شوپۇرنىڭ ئاچچىقى كىلىپ كىم يول باشقۇرۇش ئىدارىسكە تېلفۇن قىلدى.دەپ ۋاقىردى...مەن بۇ ئىشنى بىلگىنىم ئۈچۈن سۈكۈتتە تۇرماي مۇنۇ ئادەم توختىماي،ئۇ يەر بۇ يەرگە تېلفۇن قىلدى دېدىم.
شوپۇر كەلگەنچە ئۇ ئادەمنىڭ ياقىسدىن تۇتۇپ ،ئېغىزدىن چىققۇسىز سەت تىللار بىلەن تىللاپ كەتتى.......بۇ ئادەممۇ بوش ئەمەسكەن .شوپۇر بىلەن تەڭ تۇرۇپ ئۆز ھۇقۇقىنى قوغدىدى.
ماشىنىدىكى باشقا ئادەملەر بۇ ئادەمنى تىللىغىلى تۇردى.ئەي ئادەم سىزدە مېھرى شەپقەت دېگەن نەرسە يوقما؟بۇ بىچچارە ئۆيدىكلىرگە ئالغان سوۋغاتنى ئۇنتۇپ قالغان تۇرسا بىز ھەممىمىز مۇسۇلمانغۇ؟نىمىشقا بىردەم تەخىر قىلمايمىز دېدى....بۇ ئادەم شۇنداق ئوسال ھالەتتا قالغان بولسىمۇ يەنە ئۆز سۆزىنى داۋام قىلىپ.شوپۇر ۋاقىتقا رىيا قىلىپ ماڭسا بۇلىدۇ.بۇنى كىم نەرسىسنى ئۇنتۇپ قالسۇن دەپتۇ.بۇ ئۆزنىڭ ئىشى بىر مۇنچە ئادەمنى ساقلاتسا قانداق بۇلىدۇ دېدى.شوپۇرنىڭ ئاچچىق تىللىرى،سەپەرداشلارنىڭ دەشناملىرى بىلەن بۇ ئادەم يول باشقۇرۇش ئىدارىسىگە يەنە تېلفۇن قىلىپ ئىشنى رىتىمىغا چۈشۈردى.لېكىن ئەمدى ماشىنىنىڭ توخـتاپ تۇرشى مۇمكىن ئەمەس بولدى.ئۇ يىگىت شۇنداق يالۋۇرۇپ تەڭسىزلىقتا قىلۋاتاتتى...ماشىنىدىكى ھەممە ئادەم بۇ يىگىت تەرەپتە تۇرۇپ يەنە بىردەم ساقلاشنى ئېيتتۇق،شوپۇرمۇ ئامالسىز كۆپچىلىككە بويسۇندى.ئاردىن يېرىم سائەت ئۆتتى بۇ يىگىتنىڭ دوستى كەلدى..نەرسىلىرنى بېسىپ يولغا راۋان بولدۇق.يېنىمدا ئولتۇرغان چوڭراق بىر ئاپاش بايام جىم ئولتۇرغان ئەمدى...بۇ ئىككى ئادەمنى تىللىغلى تۇردى...ئۇ ئادەمدە بايقى نوچىلىقتىن ئەسەر يوق بېشىنى ئىچىگە تىقىپ شۈك بۇپلا قالدى...ئەي سەنمۇ ئادەم بولدۇڭما؟مۇنۇ پوق ساقالچۇ تېخى ئىنسانى پەزىلەت باشقىلارغا ياردەم بىرىش دېگەن ئىديە يوقكەن بۇ ئىككىڭدا؟دەپ ئيتقۇسىز تىللار بىلەن تىللاپ قايناپلا كەتتى....بۇ ئىككىسى تا ئاخىرقى نوقتىغا بارغۇچە گەپ قىلالمىدى.ھەر بىر ئادەم چۈشكەندە!شوپۇرغا ھەممىمىزگە خوش دەپ خوشلىشىپ چۈشتى...لېكىن بۇ ئىككى ئادەم ماشىنىدىن چۈشكەندە ھېچ كىمنىڭ كارى بولمىدى.ئۇلارمۇ خىجىللىقتىن گەپ سۆزسىزلا چۈشتى.مەن بۇ ئىشلاردىن شۇنى تۇنۇپ يەتتىمكى،ئادەمدە ئەتراپىدىكىلەرگە مېھرى مۇھەببەت،سەۋرى تاقەتنىڭ بۇلۇشى كىرەككەن،بولمىسا ئۆزى كولىغان ئورىغا ئۆزى چۈشۈپ ئۇڭايسىز ئەھۋالدا قالىدېكەن.
LnZC)cLP/  
yHk}'YP  
يۇرتۇمنىڭ باغۇ بوستانلىردا، ساپ ھاۋالىردىن نەپەسلىنىپ،ئۇرۇق -تۇققانلار بىلەن كۆرۈشۈپ دېگەندەك يۈرۈپ ۋاقىتمۇ تىز ئۆتتى...يۇرتۇمدا ھېيت ئۈرۈمچى پەدىسىدە بولمىغاچقا ھەر بىر ئۆيدە يىمەيمەن دېسە ئۇنىمايدىكەن...ئۈرۈمچىدە بولسا ئۈستەلگە تىزىپلا قۇيۇپ ئالسىلا دەپلا قۇيۇدۇ،بىر كۈن ھېيتلىسا قۇساق چايغىلا تۇشۇدۇ... بىزنىڭ بۇ يۇتتا ھەر خىل ئىسىل تاماقلارنى تەييارلاپ زورلاپ يىگۈزدىكەن...مەن مانا بۇلارنىڭ زورلىشى بىلەن يەۋىرىپ ئاغرىپلا قالدىم.ئاز يىگەن كۆپ يەيدۇ كۆپ يىگەن پوق دەپ...ئاشقازىنىم ئاغرىپ كېچىدىلا دوختۇرغا بېرىپ ئىككى كۈن دوختۇرخانىدا ياتتىم.ئۇ ئاغرىقنى ئويلىسام ھازىرمۇ يۈرىكىم تىترەيدۇ.
ھېيتمۇ ئاخىرلىشىپ،مەنمۇ ئاغرىق دەستىدە ھالسىراپ كەتكەن پۇت -قۇلۇم ئەكسىمگە كەلمەي ئۆيدە ئانام بىلەن پاراڭلىشىپ ياتقان ئىدىم.
تۇيۇقسىز شۇنداق بىر تىللاش ئاڭلاندى...ۋۇ قارغۇ سېنى قانداق قىلىمەنكى خەپ توختاپ تۇر،دەپ توختىماي مۇشۇ گەپنى تەكرارلايىتتى...ئانام چىقىپ باقاي دەپ چىكەتتى.مەنمۇ ئارقىسدىن چىقسام ،بۇ تىللىغان ئەسلى كەنتىمىزنىڭ دادۈيجىڭى ئىكەن.خوشنىمىزنىڭ ئۆيىگە بىر نەچچەيلەن پۇل ئالغىلى كەپتىكەن.بۇ خوشنىمىز پۇل يوق بىر ئىككى كۈندىن كىيىن بىرەيلى دېسە،ماڭا قول شىللىتتىڭ دەپ خۇشنىمىزنى ئۇرۇپ كىتىپتۇ.؟خۇشنىمىز گەپ قىلغۇچە قولى مىدىرلاپ كەتكەن ئوخشايدۇ.يېندىكىلەر تۇتۋېلىپ ئاران ئايرىپتىكەن...ئۇرۇپ قانماي يەنە تىللىشىيكەن بۇ؟خۇشنىمىزنىڭ باش-كۆزى ھەممىسى قان بېشى يېرىلغاندەك قىلاتتى.باشقا كەنىت كادىرلىرى بىر چەتتتە قاراپ تۇردى.مۇنۇ دادۇيجاڭ بېسقىدېغاندەك ئەمەس يەنە خەپ سېنى قارغۇ قانداق قىلىمەنكىن دەپ تىللايىتتى...خۇشنىمىزنىڭ ئايالى چىداپ بۇلالماي ،ماڭسىلا كەتسە مەھەللەمدىن ئۇرۇپ قانماي يەنە تىللاۋاتاملا؟قانداق قىلالايىتتىلا؟ئەپچىقىپ ئېتىۋېتەملا؟ئالدېغانلىرى پۇلغۇ مانا !دەپلا 500 سوم پۇلنى يۈزىگە ئاتتى.بۇ دادۇيجاڭ پولنى ئېلىپمۇ يەنە ئېغىزىدىن بايقى گىپىنى چۈشۈرمەي مەھەللىدىن ئايرىلدى.
بۇ ئەھۋاللارنى كۆرۈپ شۇنداق ئاچچىقىم كەلدى.بۇ خوشنىمىز شۇنداق يۇۋاش ئادەم بۇلۇپ بىرەرسىگە گەپمۇ ياندۇرمايدېغان خۇدانىڭ مۆمىن بەندىسى ئىدى.بۈگۈن مانا ھارام بىر مۇنچە تاياق يەپ كىتىپتۇ.بۇكەنىت كادىرلىرنىڭ ئىشىنى ئاڭلىسا ئىچى قايناپ قالدىكەن ئادەمنىڭ،بۇ خوشنىمىزنىڭ قىزى ئۇقۇشتا ئىلغار بۇلۇپ باھالىنىپ 1000 يۇەن مۇكاپات ئاپتىكەن.بۇ پۇلنىڭ يېرمىنى كەنىت كادىرلىرى ئىلۋاپتۇ.ئۆيگە بىر قېتىم پۇل سوراپ كىردىكەن يۇق دېسە قەتئىي ئۇنىماي تۇرۋېلىپ ئالىدىكەن.سۆزلىسە ئىشقىلىپ بەك جىق ئىكەن.
9$[PA jwk  
Sb& $xWL  
دەم ئېلىشىممۇ تۇشۇپ ماڭدېغانغا ئاز قالغان ئىدى.ئاكا-ئۇكلىرىمنىڭ مېنى ئويناتقۇسى كەپكەتتى...مەن بىكارلىق ئويناش بولغاندىكىن تارتىنماي ئاكا-ئۇكلىرىمنىڭ سايىسدا ئوينىۋالاي دەپ ماقۇل دېدىم.ئاكامنىڭ يېڭى ساتقىلى ئەكىرگەن ماشىنىسىغا ئولتۇرۇپ يولغا چىقتۇق،ئاكام ماڭغۇچە دوستىغا تېلفۇن قىلىپ ماشىنىنىڭ مېيى پالانچى ماي قاچلاش ئورنىغا بارغۇچە يىتەمدۇ.ماي يوق دەپ چىقىۋاتىدۇ دېسە؟ئاغىينىسى ۋاي چاتاق يوق ماشىنىغا ماينى لىق توشقۇزمىساق ماي يوق دەپ چىقىدىكەن دېدى...ئاكام ئاغىينىسنىڭ گىپى بىلەن ماقۇل ئەمىسە پالانچى ماي قاچىلاش پۇنكىتىغا بىرىپ قاچىلاي دەپ يولغا راۋان بولدى...يۇرتۇمنىڭ گۈزەل مەنزىرلىرنى تاماششا قىلغاچ،ئۆيدىكلەر بىلەن خوش-چاخچاقلىشىپ ماڭدۇق.بىر يەرگە بارغاندا ماشىنا تۇيۇقسىزلا توختاپ قالدى.ئاكام توختىماي ئوت ئالدۇردى.لېكىن ماشىنا قەتئىي ئوت ئالمىدى.ئاكامنىڭ ئاچچىغى ئاسان كەلمەيدۇ كەلسە بەك كىلەتتى....كىچىكىمدىمۇ چىشىغا تەگسەم باشتا رايىمغا بېقىپ ئەكىلتەتتى...ئاچچىغى تازا كەلگەندە مەن قورقۇپ بەدەر قاچاتتىم دە، دادامنىڭ قېشىغا بېرىپ تۇرۋالاتتىم.
بۈگۈن مانا ئاچچىغى شۇنداق كەلدى ئاغىينىسىگە تېلفۇن قىلىپ ۋاقىراپ كەتتى...ئاغىينىسى مەن ھازىر يېنىڭلارغا باراي دىسىمۇ بولدى كەلمە دەپ خاپا بۇلۇپ كەتتى.ئىنىم ئامالسىز مەن ماي ئەكىلەي دەپ مېڭىپ كەتتى...بىچچارە ئىنىم بىر مۇنچە يول يۈرۈپ بىر يەرلەردىن چىلەكتە ماي ئەپكەلدى...ئۇف ئەمدىغۇ ماڭارمىز دەپ تۇرساق بۇ ماي بىلەن يەنىلا ئوت ئالمىدى.ئاكامنىڭ غەزىپى تېخىمۇ ئۆرلەپلا كەتتى...قانداق ماشىنا بۇ50 يىۋەنلىك مايدىمۇ ئوت ئالمايدېغان؟ماينىڭ 93 لىكىنى ئالغان بولغۇيتۇڭ دېدى.شۇنداق دېدى ئىنىم.كۆپ ئالسام كۆتۇرۈپ ئەكلىپ بۇلالمايمەن دەپ شۇنچىلىكلا ئاپتىكەن.
ئىنىم بىر دوستىغا تېلفۇن قىلغان ئىدى.دوستى يىراقتا بولسىمۇ بەش مىنۇتقا قالماي موتۇدا كەپ بولدى.ئىنىم يەنە ماي ئەكەلگىلى كەتتى.بۇ قېتىم 100 يۇەنلىك ئەپكەپتۇ...ماشىنا ئەمدى ئوت ئالدى.بىزمۇ يولىمىزغا ماڭدۇق.خېلى مېڭىپ ماي قاچىلاش پۇنكىتىغا باردۇق.بايام ئىنىم بەك جاپا چىكىپتۇ شۇنچە ئۇزۇن يول مېڭىپ دەپ ئويلاپ قالدىم.ئاكام ماينى توشقۇچە قويدى.
بىز بىر ئائىيلە كىشىلىرى خۇشال ساياھىتىمىزنى باشلىدۇق...بارلىق ساياھەت قىلدېغان مەنزىرلىك جايلارغا باردۇق.ئاخىردا دۇئا قىلىدېغان يەرگە بېرىپ دۇئا قىلىپ كىتەيلى دېدى.ماقۇل بۇلۇپ قاقاس ئىگىز تاغقا چىقتۇق.ماشىنىدا چىقايلى دېسە بۇ جوتۇڭنىڭ تۇلىلىقىدا يىڭى رەسمىيتى تۇلۇق ئەمەس ماشىنا بولمىغاندىكىن دەپ ماشىنىنى بىر يەردە توختىتىپ قويغان ئىدۇق.كىرا ماشىنىسىدە چىقايلى دېسەم ئۆيدىكلەر مېڭىپ چىقىمىز دەپ پەقەت ئۇنمىدى.ماڭا-ماڭا ھېچ چىقىپ بۇلالمايمىز.تاشلىق يولدا مېڭىپ پۇتلۇرۇممۇ بەك ئاغرىپ كەتتى.ئانام ياشتا چوڭ بولغۇنىغا قارماي ئەڭ ئالدىمىزدا ماڭدى.ۋە مىنى بەك ھۇرۇن بۇپ كىتىپسىز بالام دەپ مەسخىرە قىلۋاتاتتى...بۇلار بىلەن تەڭ مېڭىپ باردېغان نوقتىغا ئاز قالغان ،بىر چاغدا ئايغىمنىڭ پەشنىسى چۈشۈپ قالسا بۇلىدۇ.دە مەن چىقمايمەن دەپ يەردىلا ئولتۇرۋالدىم!قاراپ تۇرۇپ 300 يۇەنگە ئالغان ئاياغنىڭ پەشنىسى چۈشۈپ قالغىنىنى دەپ جۇدۇنۇم شۇنداق تۇتتى.....ھەممىنى قىلغان سىلەر ئۆيدە ساياھەت ئايغى كىيۋالاي دېسەم،بۇ خۇتەن ئۈرۈمچى ئەمەس چۇخەيدەك ئاياغنى كىيمەڭ دەپ قويمىدىڭلار ئەمدى قانداق ماڭىمەن دېدىم.
ئۆيدىكلەر ماڭا قاراپ ھەممىسى كۈلۈپ تېخىمۇ مىنى جىلە قىلدى.ئاكام چۈشۈپ قالغان پەشنىنى ئېلىپ بىرلا مۇشلاپ جايىغا سەپ بەردى .شۇنداق تۇرغان ئىدۇق كىرا ماشىنىسى كەلدى بىز شۇنىڭغا ئولتۇرۇپ يۈرۈپ كەتتۇق،دۇئا قىلدېغان يەرگە بېرىپ دۇئا قىلىپ قايىتتۇق.
ئەمدىكى باردېغان ئاخىرقى يىرمىز ھاممامنىڭ ئۆيى بولدى.ھاممامنىڭ ئۆيىنىڭ ئەتراپى شۇنداق گۈزەل بۇلۇپ ،يەر قېتىم بارسام ئۇ يەرگە بارماي قويمايىتتىم.باغلىرىدا ھەر خىل مىيۋىلەرنى ئۆز قۇلىمىز بىلەن ئۈزۈپ يەپ،ئۆينىڭ ئارقىسدىكى بۇلاق سۈيىدىن ئىچىپ ھاممامنىڭ ئوخشىتىپ ئەتكەن تامقىنى يەپ قايتىشتۇق....
بۇ بىر كۈندىكى ساياھەتتە بەزىدە ئاچچاقلانساق بەزى كۈلۈپ ماڭا ئېيتقۇسىز تەسىر قىلدى.
x [_SNX"  
W Y]   
مەنبە سەپەر جەريانى

wissal@1312011-08-16 19:46
يولدىكى ئىشلار سەل ياخشى بولماپتۇ بۇگۇن ماڭا ئەتە ساڭا دەيدىغان گەپ باردە &em~+83  
لېكىن ساياھىتىڭىز ھەجەپ كۈڭۈللۈك بوپتۇ بەزىدە خاپىلىق بولمىسا قىززىق بولمايدۇ dS ojq6M  
مەڭگۈ مۇشۇنداق خۇشال ئۈتۈڭ   

akyol2011-08-16 21:09
قەلىمىڭىز قۇرىمسۇن!

arman2011-08-17 12:17
ئاشقازىنىڭىز  راسىت  ئاغرىغانمۇ؟         

fatima2011-08-17 12:24
نەقىل
بۇ 3قەۋەتتىكىarman يوللىغان 2011-08-17 12:17 غا قارتىلغان : NwKj@Jos  
ئاشقازىنىڭىز  راسىت  ئاغرىغانمۇ؟             8yswi[  
WQ{^+C9g'1  
LmKY$~5P  
يالغانمىكى دەپ قالغانما؟

sansiz09032011-08-17 12:29
ئىسىت بىچارە دىھقانلار...  ئۆزىمىزدە گۇناھ، بىر ھىساپتا، ھۆكۈمت دادۈي كادىرلىرىدىن باشلاپ مىنبىڭلىرىغىچە خەنزۇ قىلىۋەتسىمۇ ھەق!

oygurum2011-08-17 13:47
مۇشۇ كەنىت كادىرلىرى دىگەن خۇمپەرلە دوپپىسىنى ئېپ كەل دىسە  بېشىنى ئېل كىلىدىغان گۇيلىدە بۇ..


رەسىمسىز مۇنازىرە: [-- سەپەر خاتىرسىدىكى ئىشلار --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.5 Code © 2003-08 Guldiyar
Time 0.037911 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us