رەسىمسىز مۇنازىرە: [-- ئانامېھرى --]

ئانا تۇپراق مۇنبىرى -> شېئىرىيەت گۈلزارى -> ئانامېھرى [بېسىپ چىقىرىش] كىرىش -> ئەزا بولۇش -> ئىنكاس يوللاش -> تېما يوللاش

fatima2011-08-16 15:46
ئانامېھرى
تۈن كىچىلەر كىرپىك قاقماي ئانا،
ئەللەي قىلىپ بۈشۈك تەۋرەتتىڭ.
ئاق سۈت بىرىپ ئىسسىق جىسمىڭدىن ،
مېھرىڭ بىلەن پەپىلەپ باقتىڭ.
\FzM4-  
ئاق سۈتۈڭ ئىللىق مېھرىڭ بىلەن،
چوڭ قىلدىڭ قەيسەر-باتۇر قىلىپ.
بىز ئۈچۈن تاتساڭمۇ مۇشەققەت،
ۋايسىمىدىڭ مۇقەددەس بىلىپ.
يىغلىساق- يىغلاپ كۈلسەك- كۈلدىڭ.
ئۈگۈتۈپ سەن قانداق ياشاشنى.
پەرۋىشىڭ ئەجرىڭ بىلەن ئانا،
تۇنۇتتۇڭ ئەدەپ-ئەخلاق دىننى.
ھەر دەقىقە بالام-بالام دەپ،
غەملىرمىزنى يەپلا كەلدىڭ.
ئاداشساق كۆرسىتىپ توغرا يولنى،
تەربىيەڭ بىلەن مەدەت بەردىڭ.
ئۆگەتتىڭ سەن ئادەم بۇلۇشنى،
تۇنۇتتۇڭ ھاياتنىڭ سىرىنى.
بار مېھرىڭنى پەرزەنتىڭگە ئاتاپ،
ئويلىمىدىڭ پەقەتلا ئۆزۈڭنى.
ئانا مېھرىڭ ئۇلۇغ ھەممىدىن.
ئىزدىسەم تېپىلماس ھېچ يەردىن.
مىھنەتسىز مېھرىڭگە قايىل ھەممە،
ئالىمەن ئۆرنەك ئانا سەندىن .
مەنبە قەلىمىم

nigar2011-08-16 17:43
مېھرىبان ئانىلىرىمىز بىزنىڭ ئوتىمىزدا كۆيۈپ ، پەپىلەپ قاتارغا قوشتى ، ئانىلىرىمىزنى قانچە تەرىپلەپ شېئىر-قوشاقلارنى يازساقمۇ بىزنى باققان ئەجرىگە جاۋاپ قايتۇرۇپ بولالمايمىز ~ LsTffIP  
p8>%Mflf  
بىراق ھازىر " مەن كۆيەرمەن بالامغا ، بالام كۆيەر يارىغا ، كۆيمەس ئانىسىغا " بولۇپ كېتىپ بارىدۇ .    

维族男孩2011-08-16 17:50
ياخشى يىزىپسىز......

fatima2011-08-16 18:24
نەقىل
بۇ 1قەۋەتتىكىnigar يوللىغان 2011-08-16 17:43 غا قارتىلغان  : <.: 5Vx(Aw  
مېھرىبان ئانىلىرىمىز بىزنىڭ ئوتىمىزدا كۆيۈپ ، پەپىلەپ قاتارغا قوشتى ، ئانىلىرىمىزنى قانچە تەرىپلەپ شېئىر-قوشاقلارنى يازساقمۇ بىزنى باققان ئەجرىگە جاۋاپ قايتۇرۇپ بولالمايمىز ~ {E3;r7  
"sC$%D<oc  
بىراق ھازىر " مەن كۆيەرمەن بالامغا ، بالام كۆيەر يارىغا ، كۆيمەس ئانىسىغا " بولۇپ كېتىپ بارىدۇ .     B[C7G7<B  
JiG8jB7%}  
?U7&R%Lh`  
شۇنداق جانىم...تۇلىمۇ توغرا دېدىڭىز.لېكىن ئاتا-ئانا بولغاندا ئاندىن قەدرىگە يىتىدۇ.

گۈلنازى2011-08-16 23:55
ئانىلىرىمىز قايسى تىل بىلەن، قانچىلىك مەدھىيلىسەك ئەرزىيدۇ .. wCqE4i  
  قەلىمىمىز ئاجىز كىلىدۇكى ..ئانا تەرىپى تۈگىمەيدۇ .


رەسىمسىز مۇنازىرە: [-- ئانامېھرى --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.5 Code © 2003-08 Guldiyar
Time 0.048500 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us