جەنۇبى شىنجاڭ بىلەن شىمالى شىنجاڭنىڭ پەرقى مانا سىز كۈزەتكەندەك ناھايىتى زور...بىزنىڭ يۇتنىڭ كادىر ساقچىلىرىغا ناھايىتى ھەيران قالىمەن.بۇلار ھۇقۇقىدىن بەكلا چەتنەپ كەتكەن.
بىر ئىش بىىجرمەكچى بولسا ئارقا ئىشىك قىلمىسا بىىجرگىلى بولمىغان.ئىشقىلىپ ھۆكۈمەتنىڭ شۇنداق ياخشى سىياسەتلىرى ئۇ يەرگە بارسا يوقلا بۇپ كىتدېكەنغۇ؟
ئۈرۈمچىدە ئاپتۇبۇستا نەگە كەلگىننى دەپ بىرەتتىغۇ؟سىز ماشىنىدا ئۇخلاپ قالمىغانسىز.
بىز مارۇژنا ئىچكەچ مۇشۇ توغۇرلۇق پاراڭلاشتۇق.بىلىشىمچە بۇ يەردىمۇ ساقچى بار ئىكەن،بىراق ئۇلار خەلىققە قولايلىق ئېلىپ كىلىش خىزمەتلىرى بىلەن ئالدىراش ئىكەن،قاتناشنى باشقۇردىغان ساقچىلار يىتىشمەيدىكەن،باشقا ساقچىلار قاتناش ئىشلىرغا ئارلاشمايدىكەن،ئىش بىجىرسە كىنىشكىلىرنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ ئىش بىجىردىكەن،ھوقوقى دائىرسىدە ئىش بىجىرمىسە ئەھۋالى ناچارلىشىپ قالدىكەن،ساقچىنىڭ ئادەم ئۇرۇشى پەقەتلا كۈرۈلمەيدىكەن،ئادەم تىللاشمۇ ئاساسەن كۈرۈلمەيدىكەن،تىللاپ سالسا باشلىقلىرنى ئىزلەپ بىر تەرەپ قىلغۇزدىكەن ياكى كەچۈرۈم سۇرىغۇزدىكەن.كۆز ئالدىمغا يۇرتۇمدىكى ساقچىلار بىر بىرلەپ كۆز ئالدىمدىن گۇناھكاردەك قول قوشتۇرۇپ ئىش بىجىرەلمەي بۇلۇشىغا ئىزا ئاھانەت ئىشتىپ،گەپمۇ قىلالماي،گەپ قىلسا تاياق يەۋەتقان بىگۇناھلىرمىز كۆز ئالدىمغا كىلىۋاتىدۇ،مەھەللەمدە قاتناش ساقچى ئەتىردى بولمىسىمۇ ئۈيۈمدىن سىرتقا ئەپچىقالمايۋاتقان شۇپتۇر موتسىكىلىتىمغا ئىچىم ئاغىرۋاتىدۇ شۇلارمۇ خەلىق ئۈچۈن ئەلا مۇلازىمەت قىلىشنى يولغا قويسا بولماسمۇ؟ھوقوقنى ئۆز دائىرسىدە ئىشلەتسە بولماسمۇ؟
مىڭ بىر جاپادا خالتا خۇلتامنى كۈتۈرۈپ ئاھاللەر رايۇنغا كىرىپ كىتىۋاتسام دەرۋازا ئالدىدا ئىككى رايۇن ساقچىسى كىلىپ ئىشخانىغا كىر تەكشۈرمىز دەيدۇ سەت ئالىيۋېتىپ ئالدىغا كىرىپ ماڭدىم.ئىشخاندا ئىدارەمدىن ئېلىۋالغان تۇققان يوقلاش رۇخسەتنامەمنى ۋە ئالاقدار كىنىشكىرىمنى كۆرسىتىۋىدىم سومكىدىكى نىمىلىگىنى سۇراپ قۇيۇپ بەردى،مەن كۆڭلۈمدە خوش بۇلۇپ ئىنىمنىڭ ئۈيىگە راۋان بولدۇم.كىم بىلسۇن ئىش ئاسانغا توختىمىدى ئىنىمنىڭ ئۈيىگە ئەمدىلا كىرەي دىسەپ تۇرۇشۇمغا يەنە ئىككى ساقچى كىلىپ يۇلۇمنىڭ يۈنۈلۈشىنى ئۆزگەرتىۋەتتى،ئىشخانىسىغا كىردىم ئۇلار سومكىدىكى نەرسىلەرنى ئېلىشنى بۇيرىدى مەن ھېلىقى رۇخسەتنامە ۋە كىنىشكىلىرىمنى كۆرسەتتىم بۇ قېتىم كارغا كەلمىدى ئاچچىغىمدا سومكىدىكى نەرسىلەرنى زەرب بىلەن ئۇ ياق بۇياقلارغا ھەتتا ساقچىنىڭ پۇتلىرغا ئېتىپتىمەن. خەنزۇ قېرىنداش ساقچى خاپا بولماسلىغىمنى ئېيتتى مەن سەن تەكشۈرمەن دىگەندىن كىيىن ئۈزەڭ ئېلىپ تەكشۈرمەمسەن،مەن سىنىڭ تەكشۈرۈشۈڭگە ناقايىل ئەمەس بەلكى سىنىڭ تەكشۈرۈش ئۇسۇلۇڭغا ناقايىل دىدىم.ئۇ سەن تەكشۈرۈشكە ماسلاشمىدىڭ دىدى مەنمۇ ئۆز پىكىرىمدە چىڭ تۇردۇم.ئۇ ساقچى بىراۋنىڭ نەرسىسىنى بىز ئاختۇرمايمىز،ئۇنداق قىلساق قانۇنغا خىلاپ،تەكشۈرۈشكە ماسلاش دىدى.ئۇلار قۇلى بىلەن تۇتۇپمۇ باقمىدى.ئۈزەم ئېلىپ ئۈزەم سالدىم.ئاخىردا مەندىن كەچۈرۈم سۇراپ ھەممىسى يۇقۇرنىڭ ئۇرۇنلاشتۇرۇشى بۇيچە قىلغانلىغىنى،خاپا بولماسلىقنى دەپ يېنىشلاپ ئەپۇ سۇرىدى.مەن ئويلىنىپ قالدىم،ئەشۇ قىلمىشىم يۇرتۇمدا بولغان بولسا ئىزا-ئاھانەت،تاياق توقماققا دۇچار بۇلۇپلا قالماي يەنە ئۇزۇن موزا كىيىپ كۆرمىگەننى كۈرەر ئىدىم.بۇلارنىڭ خەلىق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئىدىيسىدىن راستىنلا تەسىرلەندىم،قىلمىشىمغا پۇشايمانمۇ قىلىپ قالدىم.
يارايسەن...
رامىزاندا ساۋاپ تاپايلى دەپ بارغۇ، ئىدارە-ئورگانلاردىكى خىزمەتچىلەرنى ھەر كۈنى چۈشتە ھۆكۈمەتتىن مەخسۇس <<چۈشلۈك ئىپتار>> قىلدۇرۇپ كەپتۇ... 



