رەسىمسىز مۇنازىرە: [-- نىگار شېئىرلار توپلىمى --]

ئانا تۇپراق مۇنبىرى -> شېئىرىيەت ئالۋۇنى -> نىگار شېئىرلار توپلىمى [بېسىپ چىقىرىش] كىرىش -> ئەزا بولۇش -> ئىنكاس يوللاش -> تېما يوللاش

nigar2011-08-13 08:07
      ;i{B,!#  
       ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئانا تۇپراق مۇنبىرىدىكى بەرنا خانىم-قىزلار ، جەزبىدار يىگىتلەر ! i4C{3J^  
ھەممىڭلارغا كەمىنە نىگاردىن ئوتلۇق سالام ! مەن ئانا تۇپراق مۇنبىرىگە ئەزا بولۇپ كىرگىلى بۈگۈن بىر يىلغا قەدەم قۇيۇپتۇ  . مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئىككى كەلىمە يۈرەك سۆزلىرىمنى مۇنبەر ئەھلىگە بايان قىلىۋالسام :  pDQf(@M[  
مۇنبەرگە ئەزا بولۇپ كىرگەن مۇشۇ بىر يىل ئىچىدە مۇنبەر ماڭا چەكسىز خۇشاللىق ئاتا قىلدى ، نۇرغۇنلىغان قېرىداشلىرىم ئۆزلىرىنىڭ تېتىملىق ئىنكاسلىرى ئارقىلىق ماڭا ئىشەنچ ، جاسارەت بېغىشلىدى . مەن مۇنبەردىكى تېمىلار ئارقىلىق بىلمىگەن نۇرغۇن بىلىملەرگە ئىگە بولدۇم . ئەزەلدىن تۇنۇشمايدىغان ، بىر-بىرىمىزنى كۆرۈپمۇ باقمىغان ، ئەمما ئانا تۇپراق مۇنبىرىگە ئوخشاش بىر مەقسەت ، نىشان بىلەن يىغىلغان دوستلار چوڭلىرىنى "ئاكا ، ھەدە "  كىچىكلىرىنى "ئىنىم ، سىڭلىم"  دېيىش ئارقىلىق قېرىداشلىق مېھرى-مۇھاببىتىنىڭ ئۇلۇغلىقىنى ، دۇنيانىڭ مېھرى-مۇھاببەت بىلەن گۈزەللىكىنى ھېس قىلدۇردى . مەن ۋە ھەر قايسى قېرىنداشلىرىم ئۈچۈن ئۆزىنىڭ تالانتىنى جارى قىلدۇرىدىغان پۇرسەت ، ئېلىم-مەرىپەت ، ئەدەپ-ئەخلاق ئۆگىنىش ئۈچۈن سورۇن ھازىرلاپ بەرگەن مۇنبەر قۇرغۇچىسى ئانا تۇپراق (مەمتىمىن ) ئاكامغا ئۆزۈمنىڭ چەكسىز مىننەتدارلىقىمنى بىلدۈرىمەن . مۇنبەر ئۈچۈن  "ھاردىم-تالدىم " دېمەي ، جان كۆيدۈرۈپ ، ئادىللىق بىلەن خىزمەت قىلىۋاتقان ھەر قايسى مۇنبەر باشقۇرغۇچىلارغا سەمىمىي سالىمىمنى يوللايمەن . مۇنبەرنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىۋاتقان مۇنبەر ئەزالىرىنى يەنىمۇ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە ، مۇنبەرنىڭ مۇقىملىقى ئۈچۈن ئىتتىپاق ئۆتۈشكە چاقىرىق قىلىمەن!
ئانا تۇپراق مۇنبىرىنىڭ شۇئارى :
ئانا تۇپراق مۇنبىرى __ مېنىڭ ئىللىق ماكانىم ، ئۇنى گۈللەندۈرۈش مېنىڭ مۇقەددەس بۇرچۇم !
                                                                            
  نېمە سەۋەپتىندۇر  پەقەت شېئىر يازالمايدىغان بولۇپ قالدىم ، سائەت-سائەتلەپ ئولتۇرساممۇ پەقەتلا ئىلھامىم كەلمەيدىغان بولۇپ قالدى . بەلكىم مۇشۇنىڭ بىلەن شېئىر يېزىش ھاياتىمغا خاتىمە بېرىلگەن بولسا كېرەك .
شۇڭا بۈگۈن بۇرۇن يازغان بارلىق شېئىرلىرىمنى يىغىپ مۇنبەر ئەھلىنىڭ ھۇزۇرىغا قايتا سۇندۇم .
ئۇستاز
قاراڭغۇ دىللارنى يۇرۇتقان ئۇستاز ،
سەبىي دىللارغا نۇر بەرگەن ئۇستاز .
سىڭدۈرۈپ بىزلەرگە بارلىق مېھرىنى ،
پارلاق مەنزىلگە باشلىغان ئۇستاز .
سەن بولغاچ قەلبىمىز تولغان بىلىمگە ،
بىلىمدىن نۇر ئىمىپ ئۆسىمىز ئۇستاز .
ئۆچمەيدۇ مەڭگۈگە نۇرلۇق سىمايىڭ ،
ئۆچمىگىن ،ياشنىغىن ئەي ئۇلۇغ ئۇستاز .
uH_KOiF  
بۇ شېئىرىم " ئاقسۇ گېزىتى " دا ئېلان قىلىنغان . بۇ شېئىرنى مۇنبەردىكى جاپاكەش ئوقۇتقۇچىلارغا بېغىشلايمەن .
;W|kc</R*  
w0QtGQ|  
o'Bd. B  
ئانا مەكتىپىم
چىقماس مەڭگۈ يادىمدىن مېنىڭ ،
مەرىپەت كانى ئانا مەكتىپىم .
مەن ئۇزۇقلانغان ئاشۇ بۇلاقتىن ،
بىلىم  بۇلىقى ئانا مەكتىپىم .
fif;n[<  
ئىللىق قوينىڭدا ئۆستۈردىڭ مېنى ،
ئىشچان باغۋەنسەن ئانا مەكتىپىم .
قوينۇڭ شۇنچە ئىللىق ، باياشات ،
نوتا مەن ئۇندا ئانا مەكتىپىم .
ئۆتتى سەندە خۇشال كۈنلىرىم ،
گۈزەل ماكان سەن ئانا مەكتىپىم .
ئۇنتالمايمەن شۇڭا مەن سېنى ،
قۇچىقى جەننەت ئانا مەكتىپىم .
[o^$WL?c  
كۈيلەپ سېنى يازىمەن داستان ،
تىللاردا داستان ئانا مەكتىپىم .
ئۆچمەيدۇ سېنىڭ مەڭگۈگە نامىڭ ،
ئۆچمەس يۇلتۇز سەن ئانا مەكتىپىم .
dT`nR"  
يايرىمغا
ھىجراندا ئايرىلدۇق يايرىم بىز بۈگۈن ،
شۇ دەمدە يۈرەكلەر مۇز بولۇپ قاتتى .
"ئۆتىمىز مەڭگۈگە" دېگەن بىر چاغدا ،
قېنى  يار شۇ ۋەدە  قەيەرگە  كەتتى .
سەن كەتتىڭ يۈرۈكۈم سەن بىلەن كەتتى ،
سېغىنىش  ۋە  ئازاپ  چېكىگە  يەتتى .
ئەسلىدىم سەن بىلەن ئۆتكەن كۈنلەرنى ،
كەتتى كۈن ئەمدى كەلمەسكە كەتتى .
قايتۇرۇپ بولماس ئۆتكەن كۈنلەرنى ،
ئۆتكۈزدۈم ئازاپتا نۇرغۇن تۈنلەرنى .
تىلىدىم يار ساڭا خۇشاللىق ، بەخىت
ئۇنتۇدۇم ھەم شۇندا ئاشۇ كۈنلەرنى .
@kXuC<  
يارغا خىتاپ
"كۈتۈپ تۇر نىگارىم" دېگەن بىر چاغدا ،
كەتتىڭ  سەن  شۇ  پېتى  يىراق-يىراققا .
ئۈمۈتتە  كۈتتۈم  مەن  قاراپ  يولۇڭغا ،
ھەم دېدىم" كېلىدۇ ھامان يېنىمغا " .
ۋە لېكىن ئارىدىن ئۆتتى كۆپ يىللار ،
كەلمىدىڭ ئەي يارىم بىراق يېنىمغا .
كەتتىڭمۇ  شۇنچە  ياكى  ئۇنتۇلۇپ ،
بەردىڭمۇ  كۆڭلۈڭنى  ياكى  بىراۋغا .
كەلگىن يار يېنىمغا كۈتىمەن سېنى ،
تەلمۈرۈپ ھەر كۈنى سېنىڭ يۇلۇڭغا .
كەلگىن  يار  ھىجراندا  قىينىما  مېنى ،
تەلپۈنگەن يۈرەكنى ئالغىن قولۇڭغا .
4+olyBht  
يۇشۇرۇن سۆيگۈ
كۆيەتتىم ساڭا  ئۇزۇندىن  بېرى ،
ھەسرەت، ئازاپتا قىيناپ يۈرەكنى .
يۇشۇرۇن كۆيۈش ئىكەن ئازاپلىق ،
ئىشقىڭدا  بەكمۇ  قىينىدىڭ  مېنى .
سىزەلمەپتىمەن كۆپ ۋاقىت يۈرۈپ ،
چىن  قەلبىڭدىكى  گۈزەل نىگارنى .
ئەسلى ئىكەنسەن سەنمۇ بىر ئاشىق ،
ئەمدى  بىلدىم  سېنىڭ  قەلبىڭنى .
يالۋۇرمايمەن "بەر كۆڭلۈڭنى "دەپ ،
سۆيسەڭ  ئەگەردە  سەنمۇ  باشقىنى .
سۆيگۈگە سادىقلىق ئېسىل پەزىلەت ،
سۆيگىن  مەڭگۈگە  ئاشۇ  نىگارنى .
دىدارسىز سۆيگۈ
قالدۇرۇپ  سەن  مېنى يىگانە ،
كەتتىڭ ئۆزۈڭ يىراق-يىراققا .
تاشلىماقچى  بولدۇڭمۇ  ياكى ،
قالدۇرۇپ سەن مېنى پىراققا .
سېغىندۇردى ۋەسلىڭ جانانىم ،
كۆرۈشۈشكە  ئىنتىزار  بولۇپ .
مەيلىتىغۇ  ئۆلسەم  شۇندىلا ،
بىر كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولۇپ .
كۆرسەتمىدىڭ ۋەسلىڭنى بىراق ،
يۈرۈكۈمگە  ئازاپنى  سېلىپ .
كېتەرمەنمۇ ئارماندا ئەمدى ،
مەستانىلىك  نامىنى ئېلىپ .
تاشلىمىغىن  جانانىم  بۇنداق ،
چىدىدىڭمۇ ئايرىلىپ مەندىن .
ئازاپلىقكەن ئايرىلىش دەردى ،
چىدىمىدىم ئايرىلىپ سەندىن .
ئازاپ
سەن باشقىغا كۆيدۈڭ ئېھتىمال ،
تاشلاپ مېنى ئازاپقا ، دەردكە .
سېنىڭ ئۈچۈن تەلپۈنسە يۈرەك ،
گەر تەلپۈنەر سېنىڭ بىلەككە .
قەلبىڭ گويا مىسلى گۈلزارلىق ،
شوخ شامالدۇر باشقىلار ئۇندا .
مەن سىغمىدىم مىسلى گۈلزارغا ،
پەلەكلىرىڭ تاشلىدى بۇندا .
شوخ كۈلكەڭ كەتمەس يادىمدىن ،
گەر  باشقىغا  كۈلگەن  بولساڭمۇ .
بىر  ئازاپتا  تولغۇنار  يۈرەك ،
شۇ كۈلكەڭ ئۆچكەن بولسىمۇ .
چىقارماقچى بولدۇم قەلبىمدىن ،
ھېچ چىقمىدىڭ چاپلىشىپ ماڭا .
ئارامىمدا قويغىن سەن مېنى ،
كۆيەلمىدىم ئەمدە مەن ساڭا .
 .
يۈرەك يىغلايدۇ
يۈرەك يىغلايدۇ
ئۇنىڭ تۇرقىغا .
بىلگىلى بولماس
نە مىللىتىنى .
چۇۋۇلغان چېچى ،
تاتارغان يۈزلەر
ئاھ،ئىسسىت
ئۇنىڭ ھالىغا .
كىلەر بىر پۇراق
گۈپۈلدەپ تەندىن .
تۇرالماي تۈپتۈز
ھەريان چايقىلار.
نېمىلەر دىدى ،
بىلگىلى بولماس.
كىيىپتۇ شۇنداق
تارمۇ بىر ئىشتان.
ياپالماپتىغۇ كېندىكىنىمۇ ھەم
ئۈستىدىكى قىسقا بىر چاپان.
ئاھ،ئىسسىت
يۈرەك يىغلايدۇ
ئۇنىڭ تۇرقىغا .
قىزلار مىللەتنىڭ
ئانىسى، پەخرى .
بۇ قىزلار بىلەن
مىللەتنىڭ ،
ئائىلىنىڭ
نېمىدۇر ھالى .
يۈرەك يىغلايدۇ
كۆرسە گەر ھەركىم .
ئىبرەت ئالارمۇ ،
ئۇنىڭدىن بەلكىم .
باشقۇرماسمىدۇ ؟
شۇنداق قىزلارنى
دادىسى ،
ئاكىسى
نەسىھەت قىلماسمۇ ؟
ياكى ئانىسى .
مەندىن نەسىھەت
ئاڭلاڭ ئەي قىزلار.
ئەخلاق بىلەن
گۈزەلدۇر قىزلار
ياشاڭ سىزمۇ
ھايا بىلەن .
پەخىرلەنسۇن
ئەلمۇ بىزدىن ھەم .
C&O8fNB_  
                                                  بەك چىرايلىق بولۇپ كەتتىمۇ نېمە

گۈلنازى2011-08-13 13:38
شىئىرلىرىڭىز بەك بەلەن يىزىلىپتۇ . 5{H)r   
  ھازىرچە قورساقنىڭ ئاچلىقىدا ئىلھام كەلمىگەن بولسا ، كىيىنچە كەپ قالار . J~x]~}V&  
  بۇنداقلا ئاخىرلاشتۇرماڭ .. R6~6b&-8  
  تىخىمۇ تىرىشىڭ .

mutafakkur2011-08-13 13:55
توغرا رامىزان مەزگىلىدە مىنىڭمۇ ئىلھامىم يوق   CW`^fI9H  
ئادەم سەل ھالسىراپ قالىدۇ

nigar2011-08-13 14:24
      
گۇۋاھ بولسۇن سۆيگىمىزگە تۇلۇن ئاي
توۋلاپ ئۆتتۈم مەھەلەڭدىن ناخشىنى ،
چىقىپ قالساڭ جامالىڭنى كۆرەي دەپ .
ئىزھار قىلىپ قەلبىمدىكى سۆيگۈمنى ،
سېنى مەڭگۈ تائابەتكە سۆيەي دەپ .
چىقىپ قويغىن گۈزەل قىزچاق ئۆيۈڭدىن ،
يوشۇرمىغىن  تۇلۇن  ئايدەك  يۈزۈڭنى .
سۇئالىمغا  بەرگىن  سەنمۇ  بىر  جاۋاپ ،
يۇشۇرمىغىن  ئاشۇ  شىرىن  سۆزۈڭنى .
چىققىن قىزچاق مۇڭدىشايلى ئاخشامدا ،
بايان ئەيلەپ قەلبىمىزدىكى سۆيگۈنى .
گۇۋاھ بولسۇن سۆيگىمىزگە تۇلۇن ئاي ،
ھەمراھ قىلىپ ھەم بىرلىكتە يۇلتۇزنى .
FI.S?gy0   
كىچەلمەيمەن سەندىن نىگارىم
بىلمىسەڭمۇ بۇ پاك قەلبىمنى ،
قىلساڭمۇ رەت سۆيگۈ تەلىپىمنى .
ساقلايمەنكى ، ئەمما ھەرگىزمۇ ،
كېچەلمەيمەن سەندىن نىگارىم .
كەتسەڭمۇ سەن تاشلاپ يىراققا ،
قويساڭمۇ گەر ھەسرەت ، پىراققا .
چىدايمەنكى ، ئەمما ھەرگىزمۇ ،
كېچەلمەيمەن سەندىن نىگارىم .
قۇرسىمۇ گەر سۆيگۈ گۈللىرىم ،
پۈتسىمۇ يە توۋلاپ ئۈنلىرىم .
رازىمەنكى ، ئەمما ھەرگىزمۇ ،
كېچەلمەيمەن سەندىن نىگارىم .
سىغمىساممۇ قەلبىمگە بىراق ،
قىينىسىمۇ ھىجران ۋە پىراق .
كۈتىمەنكى ، ئەمما ھەرگىزمۇ ،
كېچەلمەيمەن سەندىن نىگارىم .
تومۇرۇمدا ئاقسىلا قېنىم ،
سېنىڭ ئۈچۈن پىدادۇر جېنىم .
رازىمەنكى ئۆلۈشكە ھەتتا ،
كېچەلمەيمەن ئەمما نىگارىم .
ھاراقكەش
ئۆينى بۇزۇپ ئايالىنى ئۇرغان ھاراقكەش ،
پەرزەنتلىرىنىڭ نەپرىتىگە قالغان ھاراقكەش.
سەت كۆرىنىپ قوشنىلىرىنىڭ كۆزىگە ،
ئەل-ئاۋامنىڭ قارغىشىنى ئالغان ھاراقكەش.
تاپالماستىن ئۆيىنى كوچىدا ياتقان ھاراقكەش ،
قىش ، سوغۇقتا توڭلاپ ئۆلگەن ھاراقكەش .
ھاراق ئۈچۈن كۈچۈكلىنىپ بىراۋغا ،
ئىچىپ يەنە شىر ، يولۋاسكەن ھاراقكەش .
تاڭ ئاتسىلا بوتكىغا يۈگۈرەر ھاراقكەش ،
كەچ بولمىسا ئۆيىگە قايتماس ئىكەن ھاراقكەش .
تېپىپ قالسا بىر بوتۇلكا ھاراقنى ،
خۇشال بولۇپ شادلىنىپ كۈلەر ئىكەن ھاراقكەش
بىر گاچىدىن ناتىققا ئايلىناركەن ھاراقكەش ،
ئىچىپ بىر رومكا ھاراقنى سېخىي ئىكەن ھاراقكەش .
يەتمىسە گەر پۇللىرى ، نىسىي يېزىپ دەپتەرگە .
قەرز بولۇپ ھەمىشە يۈرەر ئىكەن ھاراقكەش .
ھاراق ئىچكەن ئېغىزىدا دۇئا قىلىپ ھاراقكەش ،
ئىلىمزاتلار ئىچىدە تەڭ سۆزلەركەن ھاراقكەش .
بىر ۋاق ناماز ھۆددىسىدىن چىقالماي ،
مۇسۇلمان مەن دەپ غادىيىپ يۈرەر ئىكەن ھاراقكەش .
ھاراق ئىچىپ بىر كۈنى تۈگىشەركەن ھاراقكەش ،
ياكى ئېغىر كىسەلدە كۆز يۇماركەن ھاراقكەش .
قالسا ئۆلۈم يېقىنلاپ تۇرار ئىكەن شۈمشىيىپ ،
پۇشايمان قىلىپ ئۆكۈنۈپ يۈرەر ئىكەن ھاراقكەش .
ئىبرەت بولسۇن دوستلىرىم ئاڭلاڭ مەندىن نەسىھەت ،
ئىمان ئېيتىپ پاكلىقتا ياشاڭ مەڭگۈ تائابەت .
ئىناقلىقتا ، شادلىقتا ئۆتكۈزۈڭكى تۇرمۇشنى ،
بولۇپ قالماڭ ھەرگىزمۇ سىزمۇ شۇنداق ھاراقكەش .
پۇشايمان
باقتىم ئۇزاق ئۈستەلدىكى سائەتكە ،
تۇختاپ قاپتۇ قىمىر قىلماي جايىدا .
ئەسلى ئىكەن ئايرىلىشنىڭ سىمۋۇلى ،
توۋا دەيمەن ، راسىت ئىكەنغۇ گاھىدا .
قىلغان سوۋغا مېنىڭ قۇتلۇق كۆنۈمدە ،
ھەم بەرگەنتىڭ ئايرىلمايمىز دەپ ۋەدە .
قاراپ باقسام توختاپ قاپتۇ سائەتمۇ ،
قېنى ۋەدەڭ يۈرىسەنكىن سەن نەدە .
بىلگەن بولسام ئالماس ئىدىم سوۋغاڭنى ،
قالماس ئىدىم شۇ سائەتكە تەلمۈرۈپ .
بىلمەپتىمەن ئايرىلىشنى شۇنچە تېز ،
قويماپتىمەن ھەم يادىمغا كەلتۈرۈپ .
كەچۈرمەيمەن بۇ ئۆمرۈمدە ھەرگىزمۇ ،
ئەقىدەمگە قىلدىڭ ئەجەپ خىيانەت .
ئىسسىت ساڭا قىلغان ئاشۇ ئەقىدەم ،
كەچۈرەتتىم ئۆتكۈزسەڭ گەر جىنايەت .
قايتقان بولسا شۇ ۋاقىت گەر كەينىگە ،
تاللىمايتىم سەن ۋاپاسىز ئاشىقنى .
قايتىپ قالسا گەر مۇبادا كەينىگە ،
قەدىرلەيتىم ئاشۇ گۈزەل ياشلىقنى .
ئانا ئەجرى
ئانىلار قەدىرلىك شۇنچە مېھرىبان ،
بالىلار دەردىدە ئوت بولۇپ يانغان .
ئويلىغىن ئەي دوستۇم قىلغانلىرىڭنى ،
گۇناھى ئەمەسقۇ پەپىلەپ باققان .
تاتارسەن سەنمۇ ھەم ھامان بىر كۈنى ،
پەرزەنتنىڭ جاپاسى ، ئەلەملىرىنى .
يىتەرسەن شۇ چاغدا ئانا قەدرىگە ،
ئۆكۈنۈپ ئاناڭغا قىلغانلىرىڭنى .
قەدىرلە ئاناڭنى ئۇلۇغ ئىساننى ،
سىڭدۈردى ئۇ ساڭا يۈرەك قېنىنى .
گەر كېرەك بولسا ھەتتا ئۇ ساڭا ،
بېرىدۇ ئۆزىنىڭ ئىسسىق جېنىنى .

sansiz09032011-08-13 15:21
ئۇنداق دىمەڭ نىگار ساقام   *`ehI_v :  
ئىلھام كەلگەندە يازىدىغان گەپ، بولمىسا زورلىمىغان ياخشى.. مەنمۇ ئايدا، يىلدا بىر يازىدىغان بوپ كەتتىم ھازىر.. ئاز يازىمىز، ساز يازىمىز  

nigar2011-08-13 15:39
نەقىل
بۇ 4قەۋەتتىكىsansiz0903 يوللىغان 2011-08-13 15:21 غا قارتىلغان : F>^k<E?,C  
ئۇنداق دىمەڭ نىگار ساقام   s)]|zu0"Ku  
ئىلھام كەلگەندە يازىدىغان گەپ، بولمىسا زورلىمىغان ياخشى.. مەنمۇ ئايدا، يىلدا بىر يازىدىغان بوپ كەتتىم ھازىر.. ئاز يازىمىز، ساز يازىمىز   v+Mt/8  
0Fbq/63  
$#KSvo{otI  
ئىلھام مەندىن يىراق قاچقان ئوخشايدۇ ، پەقەتلا يازالمايۋاتىمەن .

wuerkashitigin2011-08-13 23:41
      بىلسىز ئىلھا م شىېئرنىڭ  جېنى . يېزىقچىلىق ۋەزىپەئەمەس يېىزىپ قويسىلا بۇلىدىغان پەقەت يۈرەككە تەسىر قىلغان ئىشلارنى ئلھام تۈرتكىسدە  يېزىپ چىققان ئەسەرلا كىشى قەلبىنى ھاياجانغا سالىدۇ. گاھدا ئادەمنىڭ ئۆزى يازغان نەرسىلەر  ئۆزىگە يارماي قايتا-قايتا تۈزەتكۈسى كىلىدىغان ۋاقىتلارىمۇبۇلىدۇ.بۇبىر تەبئى ئەھۋال. YjHGdacs  
تىرشىڭ! ئىجادىيەت ئۆلمەيدۇ. hfEGkaV._3  
(كەچۈرۈڭ! كۆپ سۆزلەپ قويدۇم.)

allayar2011-08-13 23:46
    ئەسلىدە نىگار خانقىز شائىرە ئىكەن ئەمەسمۇ؟ تېخىمۇ تىرىشىڭ! ئىلھام شائىرنىڭ يۈرىكىدىن چىقىدىغان ئوت،بۇ ئوت ھەم پەسىيىدۇ ھەم ئۇلغىيىدۇ. شۇڭا شائىر يۈرىكىگە ئوت كەتكەن كىشىلەردۇر.بۇ ئوتنى ھەرگىز ئۈچۈرۇپ قويماڭ! ,{E'k+  
   ئىلھاممۇ تاۋۇلاشقا،پەرۋىش قىلىشقا مۇھتاج دەپ قارايمەن... j5$Sm  
   ئۈگىنىش ، ئۈگىنىش يەنە ئۈگىنىش كېرەك...

fatima2011-08-13 23:54
ئوتلۇق مىسرالارغا تۇيۇنغان شېئىرلىرڭىز بىر-بىرىدىن ئىسىلكەن جانىم......ئىلھامىڭىز تېخىمۇ زىيادە بولسۇن.ئىجادىيەتلىرڭىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن.

سەبىي2011-08-14 00:50
شېئىرلىرىڭىز ھەقىقەتەن ياخشى يېزىلىپتۇ، ئىجادىيەتلىرىڭىز  ئۇتۇقلۇق بولسۇن........

matursun2011-08-14 00:57
ئىجادىيتىڭىزگە  ئۇتۇق تىلەيمەن

lukman2011-08-14 16:25
مىنىڭمۇ ئىلھامىم كەلمەيدىغان بوپ قالدى .بوپمۇ مۇشۇ كۇنلەردە يازغان تىمىلىرىم يۇيۇلۇپ كىتىپ بەك ئىچىم پۇشۇپ كىتىۋاتىدۇ.. *a$z!Ma3h  
قەلەم تۇلپارىڭىز ھارمىغاي .نىگار سىڭلىم

narmi2011-08-14 21:52
    ئىلھامىڭىز نىگارخان شۇنچىلىك بولار، I}?fy\1A&  
    ئوقۇساق يازمىڭىز  بەك قايىل قىلار. t%8*$"~X  
    تىرىشىپ ئىلگىرلەڭ دائىما ئالغا ! 4|Z3;;%+  
    مۇنبەردە جۇلادۇر سىز سالغان  ئىزلار! '<XG@L  
2+ 9">a@  
     ئىجادىيىتىڭىزنىڭ تېخىمۇ مول،تېخىمۇ نادىرلىنىشىغا تىلەكداشمەن ئەزىز سىڭلىم.... /u#uC(Uwl  
  ئەللاھ تېنىڭىزگە سالامەتلىك بەرسۇن! t,=khZ  
     8+GlM+>4  
    

nigar2011-08-14 23:47
ھەممىڭلارغا كۆپ رەھمەت ~    تېتىملىق ئىنكاسلىرىڭلار مېنى يېڭى تۇيغۇلارغا ئىگە قىلدى . 2Uk$9s  
ئېسىل تىمىلارنى سىلەرنىڭ ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنۇش ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشىمەن ! V-I_SvWv\  
دەل تۇغرا، شېئر يېزىش ۋەزىپە ئەمەس . ئىلھام كەلگەندە ئاز ۋە ساز يېزىش كېرەك .

tanha-2011-08-15 23:56
ياخشى يېزىپسىز،   

akilsiz5212011-10-05 06:13
نىگار  شېئرلىڭز  ھەقىقەتەن  ياخشى يىزىلىپ تۇ   داۋاملىق مۇشۇنداق شېئرلە بولسا يوللاپ تۇرۇڭ

Mihri2011-10-05 14:32
ئەسەبىي ھىسلىرىڭ چىقسۇن داۋامەن، z!t &zkAK  
رەنجىمە سەن يىگىت چوڭقۇرىغا چۆك. )/f,.Z$  
ھىسلىرىڭ تەمتىرەپ قالمىسۇن ھەر چاغ، %.<w8ag  
قالغاندەك ئاستىدا قىسىپ كىيىپ بۆك...


رەسىمسىز مۇنازىرە: [-- نىگار شېئىرلار توپلىمى --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.5 Code © 2003-08 Guldiyar
Time 0.048187 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us