رەسىمسىز مۇنازىرە: [-- قورۇقنى يوقىتىدىغان يېمەكلىكلەر --]

ئانا تۇپراق مۇنبىرى -> تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى -> قورۇقنى يوقىتىدىغان يېمەكلىكلەر [بېسىپ چىقىرىش] كىرىش -> ئەزا بولۇش -> ئىنكاس يوللاش -> تېما يوللاش

sawapkar2011-08-12 20:39
قورۇقنى يوقىتىدىغان يېمەكلىكلەر
      قورۇق خانىم – قىزلارنىڭ ئەڭ چوڭ دۈشمىنى . بەزىلەرنىڭ يۈزىگە 30 ياشتىلا قۇرۇق چۈشۈشكە باشلايدۇ ، لېكىن بەزىلەرنىڭ يۈزىگە بولسا خېلى ياشقا كىرگىچىمۇ قورۇق چۈشمەي نۇرلۇق تۇرىدۇ . ئۇنداقتا قانداق قىلغاندا يۈزگە قورۇق چۈشۈشنى كېچىكتۈرگىلى بولىدۇ ؟
   گۈرۈچ تامىقى ئارقىلىق قورۇق يوقىتىش : گۈرۈچنى يۇمشاقراق پىشۇرۇۋالغاندىن كېيىن ئۇنى كۇمىلاچ قىلىپ ئىسسىق ۋاقتىدا (يۈز كۆيمىگۈدەك دەرىجىدە) يۈزگە قويۇپ تاكى گۈرۈچ كۇمۇلىچى قارا بولغۇچە دومىلىتىپ ، ئاندىن يۈرنى يۇيۇۋەتكەندە ، تەر تۆشۈكچىلىرىدىكى ماي ۋە پاسكىنا نەرسىلەر تولۇق چىقىپ كېتىدۇ – دە ، تېرىنىڭ نەپەس ئېلىشى راۋانلىشىدۇ ۋە قورۇق سۇسلايدۇ .
    توخۇ گۆشى ئۇستىخىنىنىڭ قورۇق يوقىتىش رولى : توخۇنىڭ گۆشىنى چىقىرىۋېتىپ ئۇستىخىنىنى توخۇ تېرىسى بىلەن بىللە قاينىتىپ شورپىسىنى ئىچىپ بەرسە ، قورۇقنى يوقىتىپ ، تېرىنى يۇمرانلاشتۇرىدۇ .
     مېۋە – چېۋىلەرنىڭ قورۇق يوقىتىش رولى : باناننى سىقىپ ئۇنىڭغا يېرىم قوشۇق زەيتۇن مېيىنى تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ يۈزگە سۈرۈپ بەرسە قورۇق يوقىتىش رولىنى ئوينايدۇ ؛ تاۋۇز شاپىقىنى يۈزگە سۈرۈپ بەرسىمۇ تېرىنى سىلىقلاشتۇرىدۇ ؛ ئاغىچە يۇغۇچنىڭمۇ(丝瓜)قورۇق يوقىتىش رولى بار بولۇپ ، ئۇنىڭ شىرنىسىنى تېرىگە سۈرتىدىغان تۆۋەن پىرسەنتلىك ئىسپىرت ، ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ يۈزگە سۈرۈپ ، قۇرىغاندىن كېيىن يۇيۇۋەتسە ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ . ئۇندىن باشقا يەنە تەرخەمەك ،پەمىدۇر ، بۆلجۇرگەنلەرنىڭمۇ قورۇق يوقىتىش رولى بار .
     چاينىڭ قورۇق يوقىتىش رولى : چاينىڭ تەركىبىدە ناھايىتى مول كوئىن (茶多酚) ، كاربون سۇبىرىكمىسى ، ئاقسىل ، كۆپ خىل ئامىنو كىسلاتاسى ،ۋىتامىن ، مىنېرال ماددىلار ۋە مېۋە كىسلاتاسى قاتارلىق خىمىيىۋى تەركىبلەر بار بولۇپ ، ئۇلار تېرىنى نۇرلۇق ، يۇمران قىلىپ قورۇقنىڭ پەيدا بولۇشىنى كېچىكتۈرۈپ ، قورۇقنى ئازايتىدۇ . ئۇندىن باشقا يەنە ھەر خىل تېرە كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ .
   سېغىزنىڭ قورۇق يوقىتىش رولى : ھەر كۈنى 20–15 مىنۇت سېغىز چايناپ ، بىر نەچچە ھەپتە داۋاملاشتۇرسا يۈزدىكى قورۇقلار سۇسلاپ يۈزگە قان يۈگۈرىدۇ . تېرىنىڭ قان ئايلىنىشىنى ياخشىلاپ ، يۈز تېرىسىنىڭ يۇمرانلىقىنى ئاشۇرىدۇ .
     ئۇندىن باشقا ، بىز كۈندە ئىستېمال قىلىدىغان يېمەكلىكلەرنىڭمۇ تېرىگە نىسبەتەن زىننەتلەش رولى بولىدۇ . مەسىلەن ، تېرە ناھايىتى مول ئاقسىلغا موھتاج بولۇپ ، كالا گۆشى ، سۈت ، تۇخۇم ، ئاقسىل ماددىسى كۆپ بولغان پۇرچاق تۈرىدىكى مەھسۇلاتلار يەنى پۇرچاق ئۇيۇتمىسى (دۇفۇ) قاتارلىقلار .
 شىنجاڭ گىزىتىدى ئىلىندى 5|ih>?C/(  

baywatqa2011-08-13 01:26
مۇنبەردىكى ياشانغانلار ھۆسۇن تۈزدىرمىسىمۇ بولغىدەك ھە ئەمدى.     

nigar2011-08-13 09:20
تېمىڭىزغا كۆپ رەھمەت ~ ((7~o?Vbg  
مەن تېخى كىچىك ، يۈزۈمدە قورۇق يوق ، شۇنداق يۇمران   $u|p(E:*  
بۇ تېمىنى ساقلاپ قويۇپ كېيىنچە پايدىلىنارمەن  

گۈلنازى2011-08-13 09:34
خانىم -قىزلارغا پايدىلىق تىما ئىكەن .

pakkalip2011-08-15 20:03
پايدىلىق تىمىكەن رەھمەت.


رەسىمسىز مۇنازىرە: [-- قورۇقنى يوقىتىدىغان يېمەكلىكلەر --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.5 Code © 2003-08 Guldiyar
Time 0.077469 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us