mutafakkur | 2011-08-12 18:57 | جېمى ھەمدۇ-سانالار بارلىق نېمەتلەرنى ئاتا قىلغۇچى، قۇرئاننى نازىل قىلغۇچى، بىزنى ھىدايەتكە باشلىغۇچى يىگانە زات جانابى ئاللاھقا بولسۇن، ئۇ زات بىزنى ھىدايەتكە نېسىپ قىلمىغان بولسا توغرا يولنى تاپالمىغان بولاتتۇق، ئىمان نېمە، ئىسلام نېمە بىلمىگەن بولاتتۇق. FYi<+]HZ .FC1:y<aO يەنە بىزگە بۇ ئۇلۇغ دىننى ئېلىپ كەلگەن، ئۇنى تولۇق يەتكۈزگەن، ئاللاھ يولىدا ھەقىقىي جىھات قىلغان ئاخىرقى پەيغەمبەر، مۇھەممەد ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەمگە ۋە ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابە كىراملىرىگىمۇ تۈگىمەس توختىماس سالاملار بولسۇن. L2:C6Sc RS93_F8 بۇ شەرەپلىك پەيغەمبەرنىڭ سۈننىتىگە ئەگەشكەن بارلىق مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىزغا، ئاتا-ئانىلىرىمىزغا، بىزگە ئىسلامنى ئۆگەتكەن ئالىم ۋە ئۇستازلىرىمىزغا جانابى ئاللاھنىڭ سالامى، مەغپىرىتى، رىزۋانى بولسۇن. ئامىين!!!! aH~il!K OU[Sm7B ئىي ئاللاھ! بىزنى ئىسلام يولىدا مۇستەھكەم مېڭىشقا مۇۋەپپەق قىلغىن، دۇنيادىن مۇسۇلمان كېتىشكە نېسىپ قىلغىن، رامىزاننى تۇتۇشقا نېسىپ قىلغىن، تاراۋىھنى ئوقۇشقا نېسىپ قىلغىن، رامزاننىڭ ئاخىرىدا دوزاختىن قۇتۇلۇپ جەننىتىڭگە ئېرىشىدىغانلاردىن قىلغىن. ئامىين. ,JjTzO ]02V,'x %++q+pa مانا ئاللاھنىڭ ئېيى مۇبارەك ئۇلۇغ ئاي رامىزانمۇ كېلىپ قالدى.... $DQMN V^Nc0r 6dNo!$C^ بىز مۇسۇلمانلار ئۇلۇغ رامىزان ئېيىنى كۈتىۋېلىش ئالدىدا تەشنالىق ھالىتىدە تۇرۇپتىمىز، بۇ ئاي كەلگىچە تولۇق تەييارلىنىپ بۇ ئايدىكى ئالاھىدىلىكلەردىن، بەرىكەتلەردىن ئەڭ ئۈنۈملۈك شەكىلدە بەھرىمەن بولۇپ، ئاي ئاخىرىدا دوزاختىن ئازات قىلىنغانلاردىن بولۇپ چىقىشىمىز ئىنتايىن مۇھىمدۇر، شۇڭا بۇ مۇبارەك ئاينىڭ قەدرىنى بىلىشىمىز، بۇ ئايدىكى ئالاھىدىلىكلەرنى، شۇنداقلا بۇ ئايغا مۇناسىۋەتلىك زۆرۈر ئەھكاملارنى بىلىۋېلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. ?>w%Lg{L} <?I~ + رامىزان ئېيى قايسى ئاي؟ Hu;#uAnxQ N#UyAm<9 مەلۇمكى ھىجرىي يىلنىڭ ئايلىرى 12 ئاي بولۇپ بۇلار تۆۋەندىكىچە: oZIoY*7IrQ o|UZdGu مۇھەررەم :${Lm&J Mbi)mybM سەفەر Xf.SJ8G PB`94W رەبىيئۇل ئەۋۋەل gXF.e.uU 1c\$ziB رەبىيئۇل ئاخىر -ERDW Y UGAP$_j]P جۇمادەل ئۇۋلا OpiN,>; +H+OYQ>^ جۇمادەل ئەخىرە V a<L[8 o8Tt|Lxb$8 رەجەب 8?ZK^+]y yQ h":"$k شەئبان 9CxU:;3 %\CsP! رامىزان hg |DpP f BukrPsV شەۋۋال >NK*$r8 \y{C>!WX4 زۇلقەئدە )]?sCNb IL&Mf9m زۇلھەججە YiB^m ([^1gG+>J `! دېمەك: رامىزان ئېيى ھىجرىيە كالىندارى تەرتىپى بويىچە 9- ئاي بولۇپ، بۇ ئاي ھەر يىلى مىلادى كالىندارىغا نىسبەتەن 12 كۈن ئەتراپىدا سۈرۈلۈپ كەلگەچكە ھەر يىلى كېلىش ۋاقتى مىلادى كالىندارىغا نىسبەتەن ئۆزگىرىپ كېلىدۇ، تەخمىنەن 33 يىلدا بىر ئايلىنىدۇ، شۇڭا بۇ ئاي بەزىدە باھاردا، بەزىدە قىشتا بەزىدە كۆزدە ۋە بەزىدە ئىسسىق يازدا كېلىدۇ، ئۇنداق بولماي يا يازدا ياكى قىشتا بولسۇن مۇقىم بىر پەسىلدە كەلگەن بولسا يىل بويى تۆت پەسىلدە چېنىقىش ۋۇجۇتقا چىقمىغان بولاتتى. KP%A0 ;3 O0O بۇ ئاينىڭ پەزلى ۋە بەرىكەتلىرىنى ساناپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ. مەسىلەن: 4uwI=U UB o^}K]ML!t رامىزان ئېيى قۇرئان نازىل قىلىنغان ئايدۇر. I&DEF* RNiFLD%5 جانابى ئاللاھ قۇرئان كەرىم بەقەرە سۈرىسى 185-ئايەتتە رامىزان ئېيىنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ بۇ ئۇلۇغ ئاينىڭ شەنىنى كۆتۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ: ((رامىزان ئېيى قۇرئان ئىنسانلارغا ھىدايەت، ھەق بىلەن ناھەقنى ئايرىغۇچى ۋە روشەن دەلىل بولغان ھالدا نازىل قىلىنغان ئايدۇر، شۇڭا سىلەردىن كىمكى رامىزان ئېيىدا ھازىر بولسا رامىزان روزىسىنى تۇتسۇن)) jEo)#j];`< K)QMxn يۇقىرىقى ئايەتتىكى ((شۇڭا)) دېگەن سۆزنىڭ ئەسلى ئەرەبچىسى (ف) ھەرپى بىلەن ئىپادىلەنگەن بولۇپ بۇ ھەرپ ئەرەبچىدە تەرتىپ ۋە ئىللەتلىكنى بىلدۈرىدۇ، يەنى بۇ ئايدا روزا تۇتۇش بۇ ئايدا قۇرئان نازىل بولغانلىقىغا ئەگىشىپ كەلگەن، دېمەك: بۇ ئايدا روزا تۇتۇش جانابى ئاللاھ سۈبھەنەھۇ ۋەتائالانىڭ پۈتۈن مۇسۇلمانلارغا بەلكى بارلىق ئىنسانىيەتكە قۇرئاننى نازىل قىلىش ئارقىلىق قىلغان زور ئىلتىپاتى ۋە كاتتا نېمىتىگە شۈكۈر قىلىش ئۈچۈن پەرز قىلىنغان دېيىشكە بولىدۇ. )w4i0Xw^C: At@H قۇرئان كەرىم بولسا ئىنسانىيەتنى ھىدايەتكە باشلىغۇچى، بەخت-سائادەتكە ئېرىشتۈرىدىغان ئېنىق ئايەتلەرنى، ھۆكۈملەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، جانابى ئاللاھ ئۆزگەرتىلىشتىن تاكى قىيامەتكىچە قوغدىغان ئۇلۇغ كىتابتۇر. !:]CKbG bbCH(fYbu ئۇنداق بولىدىكەن رامىزان ئېيىدا بۇ ئۇلۇغ كىتابنىڭ نازىل قىلىنىپ ئىنسانىيەتكە ئىنئام قىلىنىشى شۈكرانغا لايىق كاتتا نېمەت بولىشى تەبىئىيدۇر. clV3x`z P%2aOsD0 رامىزان ئېيى مىڭ ئايدىن ئەۋزەل بولغان قەدىر كېچىسى بار ئايدۇر. Tr* 3:J } piULIZ0 ئاللاھ تائالا بۇ ئۇلۇغ كېچىنى رامىزان ئېيىدا قىلغان بولۇپ، بۇ ئۇلۇغ كېچىدە قىلغان ئىبادەت قۇرئاننىڭ ئېنىق كۆرسەتمىسى بويىچە مىڭ ئاي ئىبادەت قىلغاندىنمۇ ئەۋزەلرەكتۇر، ئاللاھ تائالا بۇنى قەدر سۈرىسىدە ئېنىق بايان قىلغاندۇر. پەيغەمبەر ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قەدىر كېچىسىنى رامزاننىڭ ئاخىرقى ئون كۈنى ئىچىدە بولىدىغانلىقىنى بايان قىلغان بولۇپ قايسى كېچىدە بولىشى ئېنىق ئەمەس، شۇڭا ئومۇمەن پۈتۈن رامىزان ئېيىدا خۇسۇسەن ئاخىرقى ئون كۈندە پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلىش زۆرۈر. 5$$ Yce=k 4z%::? رامىزان ئېيى يەنە بىر رامىزان كەلگىچە قىلغان گۇناھلارغا كاپپارەت بولىدىغان ئايدۇر. hg4 d]R, 41Ga- 0p ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان سەھىھۇ مۇسلىمدىكى بىر ھەدىستە پەيغەمبەر ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دەيتتى: ((بەش ۋاقىت ناماز، جۈمە يەنە بىر جۈمەگىچە، رامىزان يەنە بىر رامىزانغىچە چوڭ گۇناھلار سادىر بولمىسىلا ئارىلىقتا قىلغان گۇناھلارنى يۇيۇۋەتكۈچى ئەمەللەردۇر)). g\%;b3"# >8M=REn4 سەھىھۇل بۇخارى رىۋايەت قىلغان ھەدىستە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلگەن: ((رامىزان كەلسە جەننەتنىڭ دەرۋازىسى ئېچىلىدۇ)). vxE#6 0gTv:1F/ رامىزان ئېيىدا ئادا قىلىنغان ئۆمرىنىڭ پەزىلىتى. Zaime 5irFfr سەھىھەيندىكى ھەدىستە پەيغەمبەر ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: ((رامزاندا قىلىنغان ئۆمرە ھەجگە باراۋەر)) يەنە بىر ھەدىستە : ((مەن بىلەن بىللە قىلغان ھەجگە باراۋەر)) دېگەن. بۇلارنىڭ ھەممىسى رامىزان ئېيىنىڭ پەزىلىتى ۋە شەرىپىدىن كەلگەندۇر، چۈنكى بۇ ئۆمرە پەقەت رامىزان ئېيىدا ئورۇندالغانلىقى ئۈچۈنلا مۇشۇنداق كاتتا دەرىجىلىك بولغاندۇر. بۇنداق ئۆمرىنىڭ ساۋاب جەھەتتە شۇنداق ھەجگە باراۋەر بولسىمۇ، لېكىن پەرز ھەج بۇنىڭ بىلەن گەدەندىن ساقىت بولمايدۇ، بۇنىڭغا بارلىق ئالىملار ئىتتىپاقتۇر. ] MP*5U>; O"^3,- رامىزان ئېيى روزا تۇتۇش پەرز قىلىنغان ئايدۇر. W>#[a %R ]w,:T/Z} جانابى ئاللاھ قۇرئان كەرىم بەقەرە سۈرىسى 185-ئايەتتە مۇنداق دەيدۇ: ((شۇڭا سىلەردىن كىمكى رامىزان ئېيىدا ھازىر بولسا رامىزان روزىسىنى تۇتسۇن)) QQI,$HId qTZ\;[CrP" بۇ ئايەتتىكى ((ھازىر بولسا)) دېگەن سۆز رامىزان ئېيىدا ئۆز يۇرتىدا مۇقىم تۇرغان بولسا، روزىغا قادىر بولسا، باشقا سەپەر قىلىشتەك ئۆزرە بولمىسا روزا تۇتۇشى ۋاجىب دېگەن مەزمۇننى بىلدۈرىدۇ. =M6Ph% ,ArHS يەنە بەقەرە سۈرىسى 183-ئايەتتە جانابى ئاللاھ مۆمىنلەرنى مۇنداق دەپ بۇيرىغان: ((ئىي ئىمان ئېيتقانلار! تەقۋادارلاردىن بولۇشۇڭلار ئۈچۈن روزا تۇتۇش سىلەردىن ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرگە پەرز قىلىنغاندەك سىلەرگىمۇ پەرز قىلىندى)). &u+l`F^Z baQORU=X بۇ ئايەت روزا تۇتۇشنىڭ مۇسۇلمانلارغا پەرزلىكىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە روزا تۇتۇش ئىبادىتىنىڭ بىزدىن ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرگىمۇ پەرز قىلىنغانلىقىنى، شۇنداقلا روزا تۇتۇشتىن كۆزلەنگەن غايىنىڭ (تەقۋادارلىق) ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. Xfc+0$U@ B%7Az!GX روزا تۇتۇشتىن كۆزلەنگەن تەقۋادارلىق نېمىنى كۆرسىتىدۇ؟ +$}3=n34) /9pN.E ئاللاھ تائالا رامىزان ئېيىدا روزا تۇتۇشنىڭ يۇقىرى غايىسىنى تەقۋادارلىق دەپ كۆرسەتكەن، بۇ تەقۋادارلىق ئەينى ۋاقىتتا پۈتۈن ئىبادەتتىن كۆزلىنىدىغان غايىدۇر، بەقەرە سۈرىسى 21-ئايەتتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەپ بۇيرىغان: ((ئىي ئىنسانلار! تەقۋادارلاردىن بولۇشۇڭلار ئۈچۈن، سىلەرنى ۋە سىلەردىن بۇرۇنقى ئۈممەتلەرنى ياراتقان پەرۋەردىگارىڭلارغا ئىبادەت قىلىڭلار)). CP'b,}Dd?I !n7'TM' بۇنداق يۇقىرى مەرتىۋىگە ئىگە بولغان تەقۋادارلىقنىڭ ئۇقۇمى نېمە؟ TTa$wiW7' 9r.h^ بارلىق ياخشىلىقلارنىڭ توپلانمىسى بولغان بۇ تەقۋادارلىقنى شۇنداق خۇلاسىلەشكە بولىدۇكى، ئۇ ئۈمىت بىلەن قورقۇش ئوتتۇرىدىكى بىر مەنزىلدۇر، ئۇ پۈتۈن ياخشىلىقلارنىڭ يىغىندىسىدۇر، بەزىلەر تەقۋادارلىقنى مۇنداق تەرىپ قىلغان: تەقۋادارلىق دېگەن: ئاللاھ تائالانىڭ تائىتى بىلەن ئۇنىڭ جازاسىدىن ساقلىنىشتىن ئىبارەت. يەنە بەزىلەر مۇنداق تەرىپ قىلغاندۇر: ئاللاھ تائالاغا ئاسىيلىق قىلماي ئىتائەت قىلىش، ئۇنتۇپ قالماي ئەسلەپ تۇرۇش، نېمەتلىرىگە تانماي شۈكۈر قىلىپ تۇرۇشتىن ئىبارەت. f@@7?5fW u{- @,-{ روزا تۇتۇش تولۇق بەندىچىلىك ۋە ئىخلاسنى ئىپادىلەيدۇ. 3Ofh#|qc& Z=9<esx ئىبادەت ۋە بەندىچىلىكنىڭ ئۇقۇمى تولۇق بويسۇنۇشتىن ئىبارەت بولغاچقا ئىبادەت روزا تۇتۇش ئارقىلىق ئەڭ يۇقىرى پەللىسىدە نامايان بولىدۇ، چۈنكى روزا تۇتقان كىشى كۆز ئالدىدا يېمەك-ئىچمەك تەييار تۇرسىمۇ ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن ئاچلىق ۋە ئۇسسۇزلۇق ھالەتتە چىداپ تۇرىدۇ، ئىسلامنىڭ باشقا ئاساسلىق ئىبادەتلىرىدە رىياخورلۇق ۋە باشقا ئىبادەتنىڭ قىممىتىنى چۈشۈرىدىغان ياكى بىكار قىلىۋېتىدىغان ئىللەتلەر كۆرۈلسىمۇ روزا تۇتۇش ئىبادىتىدە ساپ ئىخلاستىن باشقىسى بولمايدۇ، چۈنكى روزا تۇتقان كىشى ئىخلاس بىلەن روزا تۇتىدۇ، ئۇنىڭغا ئاللاھدىن باشقا كۆزىتىپ تۇرغۇچى بولمايدۇ. مانا بۇ سەۋەبتىن جانابى ئاللاھ روزا تۇتقانلارنىڭ ساۋاتىنى ئۆزىگە مەنسۇپ قىلىپ ئىبنى خۇۋەينە سەھىھىدە رىۋايەت قىلغان ھەدىس قۇدىسىدا مۇنداق دېگەن: ((ئادەم بالىسىنىڭ ھەممە ئىشلىرى ئۆزىگىدۇر، پەقەتلا روزا ماڭىلا خاس، چۈنكى ئۇ ماڭىلا خاس قىلىنغان ئىبادەت، شۇڭا مەن ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى ئۆزۈم بېرىمەن، ئۇ مەن ئۈچۈن يېمەيدۇ، مەن ئۈچۈن ئىچمەيدۇ، مەن ئۈچۈن ھۇزۇر -ھالاۋىتىنى تاشلايدۇ، ئايالىنى مەن ئۈچۈن تاشلايدۇ)) دېمەك ئىخلاس قانچىكى ئارتۇق بولغانسېرى مۇكاپاتمۇ شۇنچە كاتتا بولغان. R-Ys<; s\zY^(v4 ئەبۇ ئۇمامە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەمدىن: "ئى رەسۇلۇللاھ! مېنى ئاللاھ ماڭا پايدىسىنى يەتكۈزىدىغان بىر ئىشقا بۇيرۇسىلا"دەپ تەلەپ قىلغاندا، پەيغەمبەر ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنىڭغا مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن: ((روزا تۇتقىن، چۈنكى ئۇ مىسلىسىزدۇر)). يەنى ئەجىرنىڭ كاتتىلقىدا، روھنى ساپلاشتۇرۇشتا، بەندىنى ئىگىسىگە يېقىنلاشتۇرۇشتا، جىسىمنى ساغلاملاشتۇرۇشتا، نەپسانىي شەھۋەتلەرنى سۇندۇرۇشتا ئۇنىڭغا ئوخشايدىغان بىر ئىبادەت يوق، ئۇ بىنەزىر ۋە مىسلىسىزدۇر، ئىنسان روزا ئارقىلىق ئۆزىنى تىزگىنلەيدۇ، قىيىنچىلىقلارغا تاقابىل تۇرالايدۇ، ئىسلامنىڭ كۆزلىگىنىمۇ نەپسى بالاسى ئاجىز ئادەم ئەمەس، ئىرادىلىك، چىداملىق مۆمىن. <z#.J] ExhK\J روزا تۇتۇش ئۆزىنى قىيناش ئەمەس. %4wEAi$I q`'m:{8 ئاللاھ تائالا روزا تۇتۇشنى ئۆزنى قىيناش ياكى ئۆز نەپسىمىزدىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن يولغا قويمىغاندۇر، بەلكى روزىنى روھنى ئويغىتىش، بەدەننى ساغلاملاشتۇرۇش، ئىرادىنى تاۋلاش، سەۋر-تاقەتكە ئادەتلەندۈرۈش، نېمەتنى تونۇتۇش، رەھىم-شەپقەتلىك قىلىپ تەربىيىلەش شۇنداقلا تولۇق بەندىچىلىككە، تولۇق بويسۇنۇشقا چېنىقتۇرۇش ئۈچۈن يولغا قويغاندۇر، شۇڭا بەقەرە سۈرىسى 185-روزا تۇتۇش ھەققىدىكى ئايىتىنى مۇنداق دەپ ئاياغلاشتۇرغان: ((ئاللاھ سىلەرگە ئاسانلىقنى خالايدۇ، قىيىنچىلىقنى خالىمايدۇ)) Y\Z6u) 3$?nzKTW\ قىيناش مەقسەت قىلىنمىغانلىقى ئۈچۈن جانابى ئاللاھ بەقەرە سۈرىسى 184-ئايىتىدە مۇنداق دەيدۇ: ((روزا ساناقلىق كۈنلەردۇر)) يەنى پۈتۈن يىل بويى ئەمەس، يېرىم يىلمۇ ئەمەس پەقەتلا ساناقلىق كۈنلەردىن ئىبارەت، 24 سائەت ئەمەس تاڭ ئېتىش ۋاقتىدىن كۈنپېتىشقا قەدەر، دېمەك: كۈندۈزى روزا تۇتىمىز، كېچىسى ئېغىز ئاچىمىز، يەنە تېخى كېسەل ۋە باشقا ئۆزرىلىك كىشىلەردىن روزا تۇتۇش كەچۈرۈم قىلىنغان، ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە يۇقىرىقى ئايەتنىڭ ئاخىرىدا مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن: ((سىلەردىن كىمكى كېسەل ياكى سەپەر ئۈستىدە بولسا باشقا كۈنلەردە تۇتىۋالسۇن، قېرىلىقى ياكى ئاجىزلىقتىن روزا تۇتۇشتا قىينىلىپ كېتىدىغانلار بىر كۈن روزا ئۈچۈن بىر مىسكىننى تويغۇزسا بولىدۇ)). 9Af nMD IL`LIJ:O روزا تۇتۇش بارلىق ئىشلىرىمىزنى رۇسلايدۇ. ch2m Ei( OMW]9E روزا تۇتقان كىشى ئاللاھ تائالانىڭ ئۇنى كۆرۈپ كۆزىتىپ تۇرىدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ ئادەتلىنىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بارلىق ئىش-ھەرىكەتلىرىدە ئاللاھ مېنى كۆرۈپ تۇرىدۇ، دېگەن ئاساستا ھەرىكەت قىلىدۇ، بۇنداق ئادەم ئۆزىنىڭ جەمئىيىتى، ۋەتىنى ۋە مىللىتى ئۈچۈن پايدىلىق ئادەم بولىدۇ، سۆزلىسە راست سۆزلەيدۇ، ئىش قىلسا ئىخلاس بىلەن قىلىدۇ، ھۆكۈم قىلسا ئادىللىق بىلەن قىلىدۇ، ۋەدە بەرسە تۇرىدۇ، ئامانەت ئالسا ساقلايدۇ، تىجارەت قىلسا ساغلام قىلىدۇ، يالغان گۇۋاھلىق بەرمەيدۇ، ھارام يېمەيدۇ، ناچار ئىشمۇ قىلمايدۇ، روزا تۇتقان كىشى بىر ئاي مۇشۇنداق داۋاملاشسا ئېسىل خىسلەتلەرنى يېتىلدۈرۈپ يىل بويى شۇنداق ئالىيجاناب ھالەتتە داۋاملىشالايدۇ. R4X9g\KpAt ;m7~!m) روزا تۇتۇش تەننى ساغلاملاشتۇرىدۇ. a@Vk(3Rx_ ]- 6q`'?[ روزا تۇتۇشنىڭ تەننى ساغلاملاشتۇرىدىغانلىقى تىببىي جەھەتتىن ئېنىق ۋە كەسكىن ئىسپاتلانغاندۇر، لېكىن بىز مۇسۇلمانلار روزا تۇتقىنىمىزدا تەننى ساغلاملاشتۇرىدۇ، دەپ ئەمەس جانابى ئاللاھ سۈبھەنەھۇ ۋەتائالاغا بەندىچىلىك ۋە قۇللۇق ئىزھار قىلىپ ئۇنىڭغا تولۇق بويسۇنۇپ بۇيرۇقىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن روزا تۇتىمىز، شۇنداقتىمۇ روزىنىڭ تەن ساغلاملىقى ئۈچۈن زور پايدىسى بارلىقى بىر ھەقىيقەتتۇر، بەلكى بۇ جانابى ئاللاھنىڭ ئىتائەتمەن بەندىلىرىگە ئاتا قىلىدىغان ئىلتىپاتى ۋە مەغپىرىتى بىلەن بىللە كېلىدىغان قوشۇمچە سوۋغىتىدۇر. Oq$-*N g&S>Wq%L روزا تۇتۇش نېمەتلەرنى تونۇتىدۇ. dU*$V7 ?2_h. مەلۇمكى نېمەتلەر كۆپ بولغانسېرى ئىنساننىڭ ئۇنى ھېس قىلىش تۇيغۇسى تۆۋەنلەيدۇ، ئەمما ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ قالغاندا ياكى ئۇنىڭدىن مەھرۇم بولۇپ قالغاندا نېمەتنىڭ قەدرىگە ئوبدان يېتىدۇ، روزا تۇتۇش ئارقىلىق جانابى ئاللاھ ئىنسانلارغا ئاتا قىلغان نۇرغۇنلىغان نازۇ-نېمەتلىرىنىڭ قەدرىگە يەتكىلى بولىدۇ، نامراتلارنىڭ، يوقسۇللارنىڭ دەردىگە دەرمان بولغىلى، ئۇلارنىڭ ھالىغا يەتكىلى بولىدۇ، نېمەتلەرنىڭ قەدرىگە يەتكەندىلا ئۇنىڭغا ئۆز لايىقىدا شۈكۈر قىلىشقا تىرىشىدىغان گەپ، مانا بۇنىڭدىن روزا تۇتۇشنىڭ يەنە بىر ئەھمىيەتلىك تەرىپى ئېنىق كۆرۈلىدۇ. u$CN$ynS W\($LD"X رامىزان ئېيىدا قىلىنىدىغان مۇھىم ئىبادەتلەر *o5[P\'6 '4It>50b "Bv V89 بۇ ئۇلۇغ ئايدا يولغا قويۇلغان ئىبادەتلەر: \[qxOZ{ #eN2{G=4+ 1. روزا تۇتۇش. TV0sxod6 q sUBvq پەرز روزا مۇشۇ ئايغا خاستۇر، بۇ ئايدا روزا تۇتۇشنىڭ پەرز بولىشى بىز يۇقىرىدا بايان قىلغىنىمىزدەك بۇ ئايدا قۇرئان كەرىمنىڭ نازىل بولغانلىقى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىكتۇر. O8A(OfX QgKR=GR6 2. تەراۋىھ نامىزى. Lagk n!AW9] نامازمۇ روزىغا ئوخشاش بەندە بىلەن ئىگىسىنىڭ ئوتتۇرىدىكى مۇناسىۋەتتۇر، جانابى ئاللاھ سۈبھەنەھۇ ۋەتائالا رامىزان ئېيىدا تەراۋىھ نامىزى ئوقۇشنى يولغا قويغان، پەيغەمبەر ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇ نامازنى رامزاندا بىرنەچچە كېچە مەسچىتتە ئوقۇغان، ساھابىلارمۇ رەسۇلۇللاھقا ئەگىشىپ جامائەت بولۇپ ئوقۇشقان، بىرنەچچە كېچىدىن كېيىن پەيغەمبەر ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇ نامازنىڭ پەرز بولۇپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ توختىۋالغان. كېيىنچە پەرز بولۇپ قېلىش ئەندىشىسى قالمىغاندا مۇسۇلمانلار بۇ نامازنى جامائەت شەكلىدە ئوقۇشقا ئادەتلەنگەن، شۇڭا تەراۋىھ نامىزى رامىزان ئېيىغا خاس شوئار خاراكتېرلىك ئەمەلىي ئىبادەت بولۇپ قالغان، مۇسۇلمانلار بۇ ئۇلۇغ ئايدا مەسچىتلەرگە يىغىلىپ ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا تۇرىشىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئۇلار بۇ ئۇلۇغ ئاينىڭ بەرىكىتى ۋە پەزلىگە ئېرىشىدۇ، چۈنكى بۇ نامازنى ئوقۇش بىلەن بۇ مۇبارەك ئايدا قىيامدا تۇرغان بولىدۇ، پەيغەمبەر ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: ((ئاللاھ تائالا رامىزان ئېيىدا روزا تۇتۇشنى پەرز قىلغان، مەن قىيام (تەراۋىھ) نامىزىنى ئوقۇشنى سۈننەت قىلدىم، شۇڭا كىمكى بۇ ئايدا ئىمانى بىلەن ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى كۆزلەپ روزا تۇتۇپ تەراۋىھ نامىزىنى ئوقۇسا گۇناھلىرى يۇيۇلۇپ ئانىسىدىن تۇغۇلغان كۈندىكىدەك ھالەتكە قايتىدۇ)). r\#nBoo( `mW~ {)x 3. ئېتىكاپتا ئولتۇرۇش. 00'SceL=` T`pDjT بۇ ئايدا قىلىنىدىغان ئۈچىنچى ئىبادەت بولسا ئېتىكاپتا ئولتۇرۇشتۇر، ئېتىكاپتا ئولتۇرۇش دېگىنىمىز: مۇسۇلمان كىشى ئۆزىنى پەقەت ئاللاھ تائالانىڭ تائىتىگىلا ئاجرىتىپ ئاللاھنىڭ ئۆيلىرىدىن بىرى بولغان مەسجىدلەرنىڭ بىرىدە مۇقىم تۇرۇشنى نىيەت قىلىشتىن ئىبارەتتۇر، بۇ ئىبادەت ئارقىلىق ئىنسان رەھىي تەرەپتىن چېنىقىپ ماددا ۋە ئۇنىڭ جازىبىيىتىدىن ئۈستىن كېلىشكە، تائەت-ئىبادەتلەرگە ئۆزىنى كۆندۈرۈپ ھەرخىل دۇنياۋى ھەۋەسلەردىن يىراق تۇرۇشقا چېنىقىدۇ، ئېتىكاپنى جانابى ئاللاھ بەقەرە سۈرىسى 187- ئايىتىدە مۇنداق زىكىر قىلغاندۇر: ((ئاندىن كەچ كىرگىچە روزىنى تاماملاڭلار، سىلەر مەسجىدلەردە ئېتىكاپتا ئولتۇرغاندا ئۇلارغا(يەنى ئاياللىرىڭلارغا) يېقىنچىلىق قىلماڭلار)). T{^ P Z m%,L$F*L بۇ ئىبادەت رامزاننىڭ ئاخىرقى ئون كۈنىدە قىلىش كۆرسىتىلگەن سۈننەت مۇئەككەدەدۇر، سەھىھەيندە كېلىشىچە پەيغەمبەر ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مەدىنىگە كەلگەندىن تارتىپ ۋاپات بولغانغا قەدەر رامزاندىن ئاخىرقى ئون كۈندە ئېتىكاپتا تۇرۇپ كەلگەندۇر. d>mT+{3 l53Q"ajG بەزى تابىئىيلار مۇنداق دېيىشكەن: "كىشىلەرنىڭ ئېتىكاپتا ئولتۇرۇش سۈننىتىنى تاشلاپ قويغانلىقى ھەقىقەتەن ئەجەبلىنەرلىك ئىش، پەيغەمبەر ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بەزى ئىشلارنى بەزىدە قىلىپ بەزىدە قىلمايتتى، لېكىن ئېتىكاپتا ئولتۇرۇشنى قەتئىي تاشلاپ باقمىغان". \2=I//YF sV-PR] بۇ مۇھىم سۈننەت بىز ئۇيغۇرلاردا تاشلىنىپ قالغانلىقى ھەقىقەتەن ئەپسۇسلىنارلىق ئىشلارنىڭ بىرىدۇر، شۇڭا بۇ ئىبادەتنى ئىمكانىيەتلا بولىدىكەن چوقۇم قايتىدىن ئەھيا قىلىپ چىقىپ پەيغەمبەر ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۈننىتىنى ياشارتىشىمىز، بۇ ئىبادەتتىن قولغا كېلىدىغان جانابى ئاللاھنىڭ ئىنئاملىرىدىن مەھرۇم قالماسلىقىمىز كېرەك. M9o/6 Z*f%R\u بەزى ئالىملار بۇ ئىبادەتكە مۇنداق دەپ مىسال كەلتۈرگەن: "ئېتىكاپتا ئولتۇرغان كىشى خۇددى بىر ھاجەت بىلەن بىرىنىڭ دەرۋازىسىغا كېلىپ تۇرۇۋالغان كىشىگە ئوخشايدۇ، شۇڭا ئېتىكاپتا ئولتۇرغان كىشى: مېنى مەغپىرەت قىلمىغۇچە بۇ جايدىن زادى كەتمەيمەن، دەيدۇ". !'rdHSy lyFlJm i,r 4. سەدىقە پىترى بېرىش. LC##em=Y ZA. SX|m سەدەقەتۇل پىترى: روزى ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن مۇسۇلمانلارنىڭ نامراتلارغا بېرىشى ۋاجىب بولغان سەدىقىدىن ئىبارەت . fMUh\u3 rr2!H%: بۇ سەدىقە ئادەم بېشىغا ۋاجىب بولغانلىقى ئۈچۈن كاللا زاكىتى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. M;b3-i j0X^,ot@m بۇ سەدىقە رامىزان ئېيىدا سادىر بولغان غەيۋەت ۋە تىل- ھاقارەتتەك بەزى گۇناھلارنى يۇيىدۇ، رامزاندا ئاچلىقنىڭ تەمىنى تېتىغان كىشى ئاچ- يالىڭاچ قالغانلارغا بۇ ئازغىنە سەدىقە بىلەن ياردەم قىلىپ رامزاندىن ئەمەلىي دەرس ئالغان بولىدۇ. نامراتلارمۇ بۇ سەدىقىنى ئېلىپ ھېيت-ئايەمنى مۇھتاجلىق ھېس قىلماي خوشال- خۇرام ئۆتكۈزىدۇ. n*ShYsc #:N#i بارلىق مۇسۇلمانلار بۇ سەدىقىنىڭ ۋاجىبلىقىغا بىرلىككە كەلگەن. ھەزرىتى ئۆمەر ئىبنى ئابدۇل ئەزىز ۋە ئەبۇل ئالىيە قۇرئان كەرىمدىكى ئەئلا سۈرىسى: ((پاك بولغان ئادەم مەقسىتىگە يەتتى، ئۇ پەرۋەردىگارىنىڭ نامىنى ياد ئەتتى، ئاندىن ناماز ئوقۇدى)) دېگەن 14- 15- ئايەتنى زاكاتى پىتىرنى بېرىپ ئاندىن ھېيت نامىزى ئوقۇدى دەپ تەپسىر قىلغان. ,SNrcwv gm,AH85 ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم ھەزرىتى ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە مۇنداق كەلگەن: ((پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام پىتىر زاكىتىنى ھۆر ياكى قۇل بولسۇن، ئەر ياكى ئايال بولسۇن چوڭ ياكى كىچىك بولسۇن بارلىق مۇسۇلمانلارغا بۇغدايدىن ياكى ئارپىدىن بىر سا ( 2040 گىرام ) بەلگىلىدى، ئۇنى ھېيت نامىزىغا چىقىشتىن بۇرۇن بېرىشكە بۇيرىدى)) T[xIn+w P(Rl/eyRM بۇ سەدىقىنى بىر كۈنلۈك ئوزۇقى قولىدا ئاشىدىغان ھەر بىر مۇسۇلمان ئۆزى ۋە ئۆزى باقىدىغان بارلىق بالا- چاقىلىرى ئۈچۈن ھەر بىر كىشىگە بىر كىشىلىكتىن بېرىدۇ، ھېيت نامىزىغا قەدەر تۇغۇلغان بوۋاق ئۈچۈنمۇ بىر كىشىلىك سەدىقە بېرىدۇ. "_LqIW1 .%7Le|Fb" بېرىلىدىغان ۋاقتى: رامىزان ئېيىنىڭ ئاخىرقى كۈنى كۈن پېتىشى ياكى ھېيت كۈنى تاڭ ئېتىشى بىلەن سەدىقە پىتىر بېرىش ۋاجىب بولىدۇ، ھېيت نامىزىغا چىقىشتىن بۇرۇن بېرىش مۇستەھەب، ھېيت كۈنىدىن بىر ياكى ئىككى كۈن بۇرۇن بېرىش جائىز، ساھابىلەرنىڭ شۇنداق قىلغانلىقى سەھىھ ھەدىستە سابىت. بەزىلەر رامىزان ئىچىدە بەرسە بولىدۇ دەپ قارىغان. ئەمما ھېيت نامىزىدىن كېچىكتۈرۈپ بېرىشكە بولمايدۇ. Cw(yp u Xe_djy'8 بۇ ئۇلۇغ ئايدا رىئايە قىلىش زۆرۈر بولغان مۇھىم ئەدەپ-قائىدىلەر. 1eV&oN# z8'zH> ئەلۋەتتە روزا تۇتقان كىشى ئىنسانىي كامالەت ۋە ئىنسانىي تەرەققىياتنى كۆزلەيدۇ، شۇڭا ئۇ ئۆزىدىكى يامان ئىللەتلەرنى تاشلاشقا ئۆزىنى زورلىشى كېرەك، شۇنداق قىلغاندىلا ئۇنىڭ روزىسى جانابى ئاللاھ ئۈچۈن بولغان بولىدۇ، روزىنىڭ ھەقىقىي پايدىسى كۆرۈلۈشى ئۈچۈن روزىدار مۆمىن كىشىگە ياراشمايدىغان بارلىق نالايىق ئىش-ھەرىكەتلەردىن ساقلىنىشى لازىمدۇر، بۇنى پەيغەمبەر ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇ سۆزى ئارقىلىق ئىپادىلىگەندۇر: ((كۆپىنچە روزىدارلار تۇتقان روزىسىدىن ئاچلىقتىن باشقا نەرسە قولغا كەلتۈرەلمەيدۇ، كۆپىنچە كېچىدە تەراۋىھ ئوقۇغانلار ئۇيقۇسىز قېلىشتىن باشقا ئىشقا ئېرىشمەيدۇ)). =H23eOS_# w0Nm.=I- دېمەك: روزا تۇتقان كىشى دېگەن يېمەك-ئىچمەك، شۇنداقلا ناچار سۆز ۋە ئىش-ھەرىكەتلەردىن ئۆزىنى تۇتىۋالغان، تىلىنى گەپ توشۇش، غەيۋەت ۋە يالغان-ياپىداق سۆزلەرنى قىلىشتىن تۇتىۋالغان، قولىنى ھارام پۇل تېپىش ۋە باشقىلارغا ئازار بېرىشتىن تۇتىۋالغان، پۇتىنى يامان يولغا مېڭىشتىن، بۇزۇقچىلىق قىلىشتىن تۇتىۋالغان كىشىدۇر، شۇڭا ئەرەب تىلىدا روزا تۇتۇشنىڭ مەنىسى تۇتۇش دېگەننى بىلدۈرىدۇ، يەنى سۆز جەھەتتىن بولسۇن، ئىش-ھەرىكەت جەھەتتىن بولسۇن ئومۇميۈزلۈك ناچار قىلىقتىن ئۆزىنى تۇتۇشتۇر. باشقىلار ئۇنى تىللىغان ئەھۋالدىمۇ پەيغەمبەر ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم كۆرسەتكەن بويىچە: مەن روزا تۇتقان، دەپ روزىغا رىئايە قىلىشى، روزىسىنى بۇزماسلىقى، پەسلەر بىلەن تەڭ بولماسلىقى كېرەكتۇر، ئالىملار روزى تۇتقان كىشىلەرنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئىككى تۈرگە ئايرىشىدۇ: ئاۋامۇنناس روزىسى، خاس زاتلارنىڭ روزىسى. `:~Wu/Ogr 6lg]5d2CD ئاۋامۇنناس روزىسى دېگىنى: قورساق ۋە جىما شەھۋېتىدىن ئۆزىنى تۇتۇش. '" %0UflJS 1Dc6v57 خاس زاتلارنىڭ روزىسى دېگىنى: كۆزىنى نامەھرەمگە قاراشتىن، تىلىنى، قولىنى، پۇتىنى، قۇلىقىنى ۋە بارلىق ئەزالىرىنى گۇناھ ئىشلاردىن ساقلاش. 'Ca;gi !U +%,oq]<[, يەنە تېخىمۇ خاس زاتلارنىڭ روزىسى دەپ ئۈچىنچى تۈرگە ئايرىغان بولۇپ، بۇ دىلىنى ھەرقانداق پەس ئوي-خىيال ۋە ئاللاھدىن يىراقلاشتۇرىدىغان تەپەككۇرلاردىن ساقلاش دەپ كۆرسىتىشكەن. ئەلۋەتتە كىشىلەر بۇ ھەقتە ئوخشىمىغان دەرىجىدە بولىدۇ، تۇتقان روزىلىرىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. 0 AffD: Q>+rjN; #yR&|*@ بۇ ئۇلۇغ ئايدا قىلىش زۆرۈر بولغان يەنە باشقا مۇھىم ئىبادەتلەر. =hb)e}l @{fwM;me]P 1. مالنىڭ يىللىق زاكىتىنى بېرىش. WxO+cB+? x+za6e_k" پەرز زاكات باي كىشىلەرگە ھەر يىلى 2.5% مىقداردا بېرىش بەلگىلەنگەن بولۇپ بۇنى مۇسۇلمانلار رامىزان ئېيىدا بېرىپ ئادەتلەنگەندۇر، بىز يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكىنىمىزدەك، ھىجرىي كالېندار ئىسلام پائالىيەتلىرىنى قىلىشتا ئاساس قىلىنغانلىقى ئۈچۈن زاكات بەرگەندە ھىجرىي كالىندارغا تايانماي مىلادى كالېندار بويىچە زاكات بەرگەن تەقدىردە ھەر 33 يىلدا بىر يىلنىڭ زاكىتىنى يەپ كېتىش ئەھۋالى يۈز بېرىدۇ، شۇڭا زاكات بەرگەندە بىرىنچى ئاينىڭ بىرىنچى كۈنى دەپ مىلادى كالېندار بويىچە بەرمەي، ھىجرىي كالېندار بويىچە بېرىشكە دىققەت قىلىش كېرەك، رامزاندا بېرىپ ئادەتلەنسەك تېخى ياخشى. ReM]I<WuY f&^"[S"\f 2. قۇرئان ئوقۇش ۋە تىڭشىشىش. >lqo73gM9 |y0k}ed رامىزان ئېيى قۇرئان ئېيى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، رامىزان ئېيىدا ھەر يىلى پەيغەمبەر ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم جىبرىيل ئەلەيھىسسالام بىلەن قۇرئان تىڭشىشىپ تۇراتتى، ۋاپات بولغان يىلىدا 2 قېتىم تىڭشاشقان، بۇنىڭغا ئاساسەن مۇسۇلمانلار تاراۋىھتا خەتمە قىلىشقا ھەم رامىزان كۈنلىرىدە قۇرئان ئوقۇشقا ئادەتلەنگەن. T6\]*mlr i ?M-~EKu بۇ ئۇلۇغ ئايدا ئادەتتىكى ئايلاردا قۇرئان ئوقۇيالمايدىغان كىشىلەر قۇرئاننى كۈندە بىر پارىدىن ئوقۇپ 30 كۈندە بىر تامام قىلىۋالسا بولىدۇ، ئوقۇشنى بىلمەيدىغانلار 30 كۈن ئىچىدە يېرىم سائەتتىن ۋاقىت چىقارسا رامىزان ئىچىدە قۇرئان ئوقۇشنى تولۇق ئۆگىنىۋالالايدۇ. <Fx%P:d NrXIaN 3. خەيرى-ساخاۋەتنى كۆپ قىلىش. '&,p>aM Hik=(pTu> بۇ ئۇلۇغ ئاي خەير-ساخاۋەتنى كۆپ قىلىش ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك بولغان ئاي بولۇپ، پەيغەمبەر ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم باشقا ئايلارغا قارىغاندا بۇ ئايدا ئىنتايىن بەك كۆپ خەير-ئېھسان قىلاتتى، شۇڭا باشقىلارنى ئىپتارلىتىۋېلىش، كەمبەغەللەرگە ياردەم قىلىش ۋە يوقلاش ئىشلىرىنى كۆپ قىلىپ بۇ پۇرسەتنى قولدىن بەرمەسلىككە تىرىشىش لازىم. r_Ou\|jU l(_|CkcZ 4. يامان ئىللەت ۋە ئادەتلەردىن قۇتۇلۇش. HbB8A#u PIo@B|W-SX روزا تۇتۇش بارلىق يامان ئادەتلەرنى شۇنداقلا گۇناھ ئىشلارنى تاشلاشقا ۋە ئۇنىڭدىن ئۈزۈل-كېسىل ئاجراشقا مۇھىم بىر پۇرسەتتۇر، بىر ئاي جەريانىدا يامان ئادەتنى تاشلىيالىغان تەقدىردە ئۇنىڭدىن تولۇق ئاجراپ كەتكىلى بولىدۇ، مەسىلەن: تاماكا چېكىش، ھاراق ئىچىش، تىل-ھاقارەتلىك سۆزلەرنى ئىشلىتىش، ناخشا ئاڭلاش، تېلېۋىزورنى كۆپ كۆرۈش، تاماقنى كۆپ يېيىش قاتارلىقلار. Xr8fmJtg' fDW:|%{Y, رامىزان ئېيىدا ئىبادەت قىلىش ئاسان بولىدۇ. Ths~8{dMb B-KMlHe پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەزرىتى ئەبى ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان سەھىھەيندىكى بىر ھەدىستە مۇنداق دېگەن: ((رامىزان ئېيى كەلسە جەننەت دەرۋازىلىرى ئېچىلىدۇ، دوزاخ دەرۋازىلىرى تاقىلىدۇ، شەيتانلار باغلىنىدۇ)) l/nBin&YGv P=<lY}, بۇ ھەدىسنىڭ مەنىسى: ئاللاھ تائالا بۇ ئۇلۇغ ئايدا بەندىلىرىنى ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا مۇيەسسەر قىلىدۇ، نەتىجىدە ئۇلار روزا ۋە تەھەججۇدتەك كۆپ ساۋابلىق ئىشلارنى قىلىپ جەننەتكە كىرەلەيدۇ، شۇنداقلا كىشىلەردە قەيسەر ئىرادە ۋە ئاللاھ مېنى كۆزىتىدۇ دەيدىغان تۇيغۇ كۈچلەنگەچكە ئۇلار دوزاخقا كىرگۈزىدىغان گۇناھلارنى قىلمايدۇ، دېمەك بۇ پەزىلەتلىك ئايدا ساۋاب ھەسسىلەپ بېرىلىدۇ، كۆپ مۇسۇلمانلار گۇناھلارنى تاشلايدۇ. جەننەت دەرۋازىلىرى ئېچىلىدۇ دېگەن سۆزنىڭ مەجاز ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدىغان باشقا بىر ھەدىستە مۇنداق دەپمۇ كەلگەن: ((رامىزان ئېيى كەلسە رەھمەت دەرۋازىلىرى ئېچىلىدۇ)). S~fP$L5 !Z\Gv1 شەيتانلارنىڭ باغلىنىشىغا كەلسەك بەزى ئالىملار شەيتانلارنىڭ باغلىنىشىنى ھەقىقەت دەپ قارىسا يەنە بەزى ئالىملار بۇ ماجاز دەپ قارىغان. zd$?2y8 y*sVimx ماجاز دېگەن ئالىملار مۇنداق دېگەن: شەيتانلارنىڭ باغلىنىشى ئۇلارنىڭ ئىنسانلارنى ئازدۇرالماسلىقى، ئىنسانلارنىڭمۇ ئۇلارنىڭ ۋەسۋەسە ۋە ئازدۇرۇشىنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقى، ھەمدە ئۇلارنىڭ ئىنسانلارنى ئازدۇرۇشقا ھېچ تەمە قىلالماسلىقىدىن ماجازدۇر، چۈنكى رامىزان ئېيى كىرسە كىشىلەر روزا تۇتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن كىشىلەردىكى ھايۋانىي شەھۋەت ئاجىزلايدۇ، گۇناھلارغا تۈرتكە بولىدىغان ھايۋانىي شەھۋەت ئاجىزلىغاچقا كۆڭۇللىرى ئەينەكتەك ساپ ۋە سۈزۈك بولىدۇ، ئەقىللىرى پايدىلىق ۋە ساۋابلىق ئىشلارنى قىلىشقا، گۇناھلارنى قىلماسلىققا ئۈندەيدۇ، نەتىجىدە ئۇلار بارلىق ياخشى ئەمەل-ئىبادەتلەرگە يۈزلىنىپ گۇناھلاردىن يۈز ئۆرۈيدۇ، شۇڭا ئۇلارغا جەننەت دەرۋازىلىرى ئېچىلىپ دوزاخ دەرۋازىلىرى تاقىلىدۇ، شەيتان ئۇلارغا ھېچ تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ، شەيتان ئۇلارغا ۋەسۋەسە سېلىشقا يېقىنلاشسا، ئۇلاردىكى ئىيمان ۋە تائەت نۇرى شەيتاننى كۆيدۈرۈپ تاشلايدۇ)). J[Mj8ee# ,aS+RJNM شەيتانلارنىڭ باغلىنىشىنى ھەقىقەت دەپ قارىغان بەزى ئالىملار مۇنداق دېگەن: "شەيتانلارنىڭ ھەممىسى رامىزان ئېيىدا ھەقىقەتەن باغلىنىدۇ، شۇڭا ئۇلار كىشىلەرگە ۋەسۋەسە سالالمايدۇ، ياكى شەيتانلارنىڭ يامانلىرى باغلىنىدۇ، كىچىك ۋە ئاجىزلىرى باغلانمايدۇ دېيىشكىمۇ بولىدۇ، چۈنكى بەزى ھەدىستە ((رامىزان كەلسە شەيتانلارنىڭ يامانلىرى باغلىنىدۇ)) دېيىلگەن، دېمەك بۇ ئايدا شەيتانلارنىڭ ھەممىسى ياكى يامانلىرى باغلانغانلىقى ئۈچۈن باشقا ئايلارغا قارىغاندا بۇ ئايدا گۇناھ ئىشلار ئاز بولىدۇ، شەيتانلار باغلانغانلىقى ئۈچۈن بۇ ئايدا ھېچقانداق گۇناھ سادىر بولماسلىقى كېرەك ئىدى، ئەمەلىيەتتە بۇ ئايدىمۇ گۇناھلار سادىر بولىدۇغۇ؟ دېيىش ئورۇنسىز، چۈنكى گۇناھلارنىڭ مەنبەسى شەيتانلارلا ئەمەس، بەلكى پەس كىشىلەر، ئوسال ئادەتلەر ۋە ئىنسىي شەيتانلارمۇ گۇناھلارغا سەۋەب بولىدۇ". ?#&[1.= u `~VL&o1> بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋالالايمىزكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسىگە ھەقىقىي ياكى ماجازىي مەنە بەرسەك ھەر ئىككى ئەھۋالدا بۇ ھەدىس ئەمەلىيەتكە زىت كەلمەيدۇ، چۈنكى يامان ئىشلار ۋە گۇناھلار باشقا ئايلارغا قارىغاندا رامزاندا ئاز سادىر بولىدۇ، باشقا ئايلاردا ئەمەل-ئىبادەتكە يۈزلەنمەي قالغانلارمۇ بۇ ئايدا ناماز ئوقۇپ روزا تۇتۇش ئارقىلىق ئاللاھنىڭ تائىتىنى قىلىشقا قولايلىق تاپىدۇ، ئادەتتە باشقا ئايلاردا تائەت-ئىيادەت بىلەن شۇغۇللانغانلار رامىزان ئېيى كەلسە تېخىمۇ كۆپ ئەمەل-ئىبادەت قىلالايدۇ، قۇرئان ئوقۇش، تەراۋىھ نامىزى ئوقۇش، كېچىدە تەھەججۇد ئوقۇش، خەير-ساخاۋەت قىلىش ئىشلىرىنى تېخىمۇ كۆپ قىلالايدۇ، باشقا ئايلاردا ئانچە-مۇنچە كىچىك گۇناھلارنى قىلىپ سالىدىغانلار بۇ ئايدا ئاشۇ كىچىك گۇناھلارنىمۇ قىلماي تاشلىيالايدۇ. @oH\r-jsgu (X5y%~;V5a ئەمەلىيەتتە بىز ھەممىمىز كۆرگەن بۇ ھەقىقەتنى ئىلمىي جەھەتتىن يۇقىرىقى ھەدىس بىلەن بىللە تەھلىل قىلىدىغان بولساق، بۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەق پەيغەمبەر ۋە ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ئىكەنلىكىگە دەلىل بولالايدىغان بىر مۆجىزە ھېسابلىنىدۇ، چۈنكى رامزاندا تائەت-ئىبادەتكە يۈزلىنىش ۋە تۈرلۈك گۇناھلارنى تاشلاشمۇ باشقا ئايلاردىن كۆپرەك بولىۋاتىدۇ ۋە بولماقتا. *6AqRE L.-qTh^P شەك كۈنى دېگەن قايسى كۈن؟ ئۇنىڭدا روزا تۇتۇشقا بولامدۇ؟ -Q<OSa=' nr&| ھەزرىتى ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە پەيغەمبەر ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: ((ھېچقايسىڭلار رامزاندىن بىر ياكى ئىككى كۈن ئىلگىرى روزا تۇتىۋالمىسۇن، ئادەتتە روزا تۇتۇپ كېلىۋاتقان ئادەم تۇتسا مەيلى)) ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان سەھىھ ھەدىس. >}NnzZ ,/V~T<FI يەنە ھەزرىتى ئاممار ئىبنى ياسىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما مۇنداق دېگەن: ((كىمكى شەك قىلىنغان كۈندە روزا تۇتىدىكەن ئەبۇل قاسىم (پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى دېمەكچى) ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ئاسىيلىق قىلغان بولىدۇ)). بۇ ھەدىسنى ئىمام بۇخارى سەھىھىدە مۇئەللەق ھالەتتە رىۋايەت قىلغان، باشقا بەش كىتاب مۇئەللىپلىرى سەنەدى بىلەن رىۋايەت قىلغان، ئۇنىڭغا سەھىھ دەپ باھا بېرىلگەن. . bUmT ! ~(tt.l# شەئباننىڭ 29-كۈنى كەچتە ھاۋا تۇتۇقلۇق سەۋەبىدىن رامىزان ئېيىنى كۆرمىگەن تەقدىردە شەئباننىڭ 30 -كۈنى شەك كۈنى دەپ ئاتىلىدۇ، چۈنكى بۇ كۈن رامزانغا تەۋەمۇ ئەمەسمۇ كەسكىن بىلىنمىگەن. بەزى ئالىملارنىڭ قارىشىدا ھاۋا ئوچۇق بولسىمۇ ئاي كۆرۈلمىسە شەك كۈنى دەپ قارىلىدۇ. يەنە بىر قىسىم ئالىملار شەك كۈنى دېگەن ھاۋا ئوچۇق ياكى تۇتۇق بولۇپ بىر قىسىم كىشىلەر ئاي كۆرگەنلىكى ھەققىدە پاراڭ قىلغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ ئاي كۆرۈش گۇۋاھچىلار بىلەن ئىسپاتلانمىغان بولسا، بۇ كۈن شەك كۈنى بولىدۇ، ئۇنداق پاراڭ بولماي ھاۋا تۇتۇق بولسا، بۇ كۈن شەك كۈنى دائىرىسىگە كىرمەيدۇ، ئۇنداقتا ئۇنىڭدا روزا تۇتۇش جەكلەنمەيدۇ، چۈنكى ئۇ كۈن شەئبان ئېيىغا تەۋە بولغان بولىدۇ دەپمۇ قارىغان. 8q6Le{G )Kl@dj ئەمدى يۇقىرىقى ھەدىسلەر سايىسى ئاستىدا بۇنداق شەك كۈندە روزا تۇتۇش ھۆكمىگە كەلسەك: كۆپچىلىك ئالىملار 29-كۈنى كەچتە ھاۋا ئوچۇق بولسۇن، تۇتۇق بولسۇن، ئاي كۆرۈلمىگەن تەقدىردە 30-كۈندە روزا تۇتماسلىق كېرەك دەپ قارىغان، بۇلارنىڭ بەزىلىرى بۇ كۈندە روزا تۇتۇش ھارام دېسە كۆپچىلىكى مەكروھ دەپ قارىغان. | ~>7_: OKau3T] دېمەك بۇ مەسىلىدە روزا تۇتۇشنى چەكلەش مۇئەييەنلەشكەندۇر. vNdX 9+<A7PM1T بۇ كۈندە روزا تۇتۇشنى چەكلەشتىكى مەقسەت: W;!V_-: پەرز ئىبادەتلەرنى نەپلە ئىبادەتلەردىن ئايرىش بىلەن بىللە رامزانغا تولۇق ھىممەت بىلەن يېڭىدىن جانلىنىپ ئاتلىنىشقا تەييارلىنىش، شۇنداقلا ئىسلام بەلگىلىگەن چەك-چېگرادىن ھالقىپ بەك ياسىما تەقۋادارلىق قىلىپ كەتمەسلىكنىڭ مۇھىملىقى، رامزاندا كۆرگەن ئاينىڭ ھۆكمىگە شەك كەلتۈرۈپ تەنە قىلىپ ئۇنىڭغا ئېتىبار بەرمەسلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىن ئىبارەتتۇر. wK fq'W{ %cDTq&Q لېكىن يۇقىرىقى ھەدىستىن چىقىپ تۇرىدۇكى، بىر كىشى ئادەتتە ھەر دۈشەنبە ۋە پەيشەنبە كۈنلىرىنى روزا تۇتۇپ كېلىۋاتقان بولۇپ، بۇ شەك كۈن ئاشۇ ئىككى كۈننىڭ بىرىگە ئۇدۇل كېلىپ قالسا، ئۇ ئادەم ئادىتى بويىچە ئۇ كۈندە روزا تۇتسا بولىدۇ. بۇنىڭدا ئالىملار ئارىسىدا ئىختىلاپ يوق. .)%,R "mU2^4q شۇنداقلا بۇرۇن تۇتالماي قالغان روزا قازاسى، نەزىر قىلغان روزا ۋە كاپپارەت روزىسىدەك ۋاجىب روزىلارنى ئاشۇ كۈندە تۇتسا بولىدۇ، چۈنكى ۋاجىبنى ئادا قىلىشقا ئالدىراش زۆرۈر. *'M+oi Mkt_pr داۋامى بار...ساجىيە ئىسلام بىلىملىرى تورىدىن f0%'4t
|
|