رەسىمسىز مۇنازىرە: [-- ئاتا قەلبى (ھېكايە) --]

ئانا تۇپراق مۇنبىرى -> تور ئەسەرلىرى -> ئاتا قەلبى (ھېكايە) [بېسىپ چىقىرىش] كىرىش -> ئەزا بولۇش -> ئىنكاس يوللاش -> تېما يوللاش

allayar2011-08-09 10:03
                                                      ئاتا قەلبى triU^uvh  
                                                        (ھېكايە) &n;*'M  
                                                          ئاللايار dkz%Y]  
IK\~0L;ozE  
      تۇيۇقسىز جىرىڭلىغان تېلىفون ئاۋازىدىن ئەدھەم چۇچۇپ قولىغا تېلىفوننى ئالدى. 3s/1\m%  
     -ۋەي،ئەدھەمما؟ &RYdSXM  
     -ھە،مەن. }ofb]_C,  
     -مەن،قاسىم. q@~g.AMCB  
     ھە،قاسىممۇ،نىمە ئىش بولدى قاسىم،تېلفون قىلىپ قاپسەنغۇ؟ T8a' 6otc  
    -ھەي،نىمە بولماقچى دوستۇم،بۈگۈن ئەتىگەندە ھاشىم ئاكام بازاردىن ئۇن سىتىۋالغىلى چىققاندا،ھارىۋىسى تېراكتۇرغا سۇقۇلۇپ كىتىپ،ھاشىم ئاكام بالىنىستتا يىتىپ قالدى.ئەتىگەننىڭياقى ئالدىراشچىلىقتا ساڭا خەۋەر قىلىيالمىدۇق،ئەمدى ۋاقىت چىققىرىپ ساڭا خەۋەر قىلىشىم. w[ v {)  
    - نىمە دەيدىغانسەن،ھەي ماۋۇ پىشكەللىكنى.قاسىم مەن ئەتە بولمىسا،ئۈگۈن يولغا چىقىمەن،بولسا ئاتامنىڭ ھالىدىن سەن خەۋەر ئىلىپ تۇرساڭ! `=H*4I-"  
    -ھە، بولىدۇ،بولىدۇ. `jGeS[FhR  
    تېلىفون قۇيۇۋىتىلدى.ئەدھەم ئۆز-ئۆزىگە غۇدىراشقا باشلىدى. }yK7LooM  
    -ھەي،بۇ ئادەمنىزە،ئۆيدە جىم ئولتۇرماي كۈچىدا نىمە باردۇر،ئادەم قېرىغاندا قىلىقلېرى كۆپىيىپ كېتىدىغان ئوخشايدۇ. A:< %>  
           )vS0Au^C~  
    بوۋاي ھادىسە يۈز بېرىپ ئىككىنچى كۈنى ئەتىگەندە ئاران ھۇشىغا كەلدى.بوۋايدىن قان كۆپ ئىقىپ كەتكەچكىمىكىن،چېھرى ناھايتى زەپىران،كۆزلېرى نۇرسىز ئىدى.ئۇ نۇرسىز كۆزلېرى بىلەن ئەتراپىدىكى كىشىلەرگە بىرمۇ-بىر قاراپ چىقتى.ئۇ كىشىلەر ئارىسىدىن يەنە بىر ئادەمنى ئىزدىگەندەك،بىشىنى روھسىز كۇتىرىپ قويدى،ئەمما ئۇنىڭ كۆزىگە ئۆغلى ئەدھەم چېلىقمىدى.بوۋاي ئۈمىتىسز ھالدا خۇرسىنىپ قويدى.قاسىم بوۋاينىڭ ھۇشىغا كەلگەنلىكىدىن مەمنۇن بولدى. x|a&wC2,{  
    -خۇداغا شۈكرى بولسۇن! ھاشىم ئاكام ئاخىرى ھۇشىغا كەلدى،مەن دوختۇر چاقىراي! Jz` jN~  
    قاسىم دوختۇر چاقىرغىلى چىقىپ كەتتى.خوشنىلار بوۋاينىڭ ھۇشىغا كەلگەنلىكىدىن خۇرسەن بولۇشۇپ،يىنىك تىن تارتىشتى.دوختۇر بوۋاينىڭ ئەھۋالىنى بىر قۇر تەكشۇرگەندىن كېيىن،سالامەتلىكىنىڭ بىر ئاز ياخشىلانغانلىقىنى ئېيتتى.كۆپچىللىك شۇندىلا بىرلەپ-ئىككىلەپ ئۆيلېرىگە قايتىشتى.ئاخىرىدا قاسىم بوۋايغا ھەمراھ بولۇپ قالدى.بوۋاي نۇرسىز كۆزلېرىنى قاسىمغا تىكتى،قاسىم بوۋاينىڭ كۆزلېرىدىن بىر نەرسىنى چۈشەنگەندەك بولدى-دە،بوۋايغا ئۆغلى ئەدھەمگە تېلفون قىلغانلىقىنى،خىزمىتىنىڭ ئالدىراش ئىكەنلىكىنى،بىر نەچچە كۈندىن كېيىن كىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.بوۋاي شۇندىلا بىر ئاز ئارامىغا چۈشكەندەك بولدى. 4>=M"D hB  
>`0U2K  
    بۈگۈن مانا بوۋاي بالىنىستا ياتقىلى 10كۈندىن ئاشتى.بوۋاينىڭ كېسىلى بارغانسېرى ياخشىلىنىپ،چېھرى ئاقىرىپ،كۆزلېرى نۇرلىنىپ قالغان ئىدى.شۇنداقتىمۇ بوۋاي ئۆغلىدىن تەشۋىشلەندى،ئۆغلىدىن خەۋەر بولمىدى،ئۆزىمۇ كەلمىدى. `.MZ,Xhqi"  
    -ماۋۇ بالىنى قارا! مەن ئۆلۈپ كەتسەممۇ كەلمەيدىغان ئوخشايدۇ بۇ قارا يۈز-دىدى بوۋاي زەرردە بىلەن. ^$: w  
    بوۋاي ئەينى يىللارنى ئەسلەپ قالدى.بىچارە ئايالى "تۇغۇت" ئاتلىق ئەنە شۇ جەڭدە قازالاپ كەتتى.ئەمدىلا بۇ دۇنياغا كۆز ئاچقان ئەدھەمنى بوۋايغا تاشلاپ كەتتى.بوۋاي تەغدىرگە تەن بەردى.ئۆغلى ئەدھەمگە ئىچى ئاغرىدى.ئۇ بۇ بالىغا ھەم ئاتا،ھەم ئانا بولدى.كۆپ رىيازەتلەر تارتتى.ئەجرىگە يارىشا ئۆغلى مۇلايىم،تىرىشچان ئادەم بولدى.كېيىن ئۈرۈمچىدە ئالىي مەكتەپتە ئۇقىدى.بوۋاينىڭ تىلىكى يەردە قالمىدى.ئۆغلى ئەلا نەتىجە بىلەن مەكتەپ پۇتتۇرۇپ ئۈرۈمچىگە خىزمەتكە تەقسىم قىلىندى. بەش يىلنىڭ ئالدىدا ئۆزى پۇتۇشكەن قىز بىلەن توي قىلىپ قويدى.ئەدھەم باللىق بولدى.بوۋاي نەۋرلىك بولغىنىدىن سۈيۈندى،لېكىن تۆت ياشقا كىرگەن نەۋىرىسى سەردارنى تۆت يىل ئىچىدە ئاران بىر قىتىم كۆردى. Ax&!Nz+?  
    "تىررىق"قىلىپ ئىچىلغان ئىشىك ئاۋازى بوۋاينىڭ خىياللېرىنى ئاللىقاياقلارغا ئۇچىرىۋەتتى. #@B"E2F  
     -ھە،ھاشىخان تېنىچلىقمۇ؟ ByY2KJ7  
     -ھەي،ھاشىم ئاخۇن،ھەنىم بولسا،ياخشى بولۇپ قاپتىلا،يوقلاپ كىلىمەن-دەپ،ۋاقتىدا كىلەلمىدىم،خاپا بولمىسىلا-جۇمۇ. :EV.nD7  
     ھاشىخان موماي قولىدىكى قاچىنى شىرە ئۈستىگە قۇيۇپ قۇيۇپ،ھاسىرغىنىچە ياندىكى كارۋاتتا ئولتۇردى. pq{`WgA^  
     -ھەي،ئۇنداق بولامدىغان... 5`.CzQVb  
      بوۋاي ھاشىخان مومايغا ئۆزرە ئېيتىپ ئورنىدىن تۇرۇپ قويدى. Q-w# !<L.  
     -ئىسسقىدا ئىچىۋالامدىكىن-دەپ،بۇ سۇيۇقئاشنى ئەتكەن قارسىلا،ھازىرلا ئىچىۋالسىلا! .J75bX5  
     -ھە،بولىدۇ،بولىدۇ. pJ]Ix *M  
     بوۋاي مەززىلىك ئىتىلگەن سۇيۇقئاشنى ئىشتىھا بىلەن ئىچىۋالدى.سۇيۇقئاش ئىچىلىپ بۇلىنغاندىن كېيىن،بوۋاي ھاشىخان موماينىڭ ئائىلىسىنىڭ ئامانلىقى ئۈچۈن ئۈزۈن دۇئا قىلدى. ھاشىخان ئۆيىدە ئازىراق ئىشى بارلىقىنى ئېيتىپ بوۋاي بىلەن خوشلاشتى.بوۋاي يەنە يالغۈز قالدى.ئۇنى يەنە خىيال چىرمىۋالدى. F-/z@tM  
    ھەي،خوشنىلېرىم تۈلىمۇ كۆيۈمچان،ياخشى كىشىلەر.بۇلار بولمىغان بولسا قانداقمۇ قىلاتتىم.ھېلىمۇ نەچچە كۈن بولدى بىرى قويسا بىرى تاماق تۇشۇۋاتىدۇ،ھېلىقى ئۆغلۇم... J 6KHc^,7  
    بوۋاي يەنە ئۆغلىنى خىيال قىلىپ قالدى. [h3xW  
    -ھەي بۇ ئۆغۇل دىگەنگە خۇتۇن ئىلىپ بەرمىسە بولغىدەك،خۇتۇن ئىلىپ بەرگەن كۈندىن باشلاپ مىنى ئاز يوقلايدىغان ھەتتا كەلمەيدىغان بولىۋالدى.ھېلىقى نەۋرەمنى يېنىمدا قۇيۇپ كېتىڭلار-دىسەم،كېلىنىم "يامان ئۈگىنىپ قالىدۇ"-دەيدۇ،نىمىگە يامان ئۈگىنىپ قالىدىكىن بىلمىدىم،مەن خۇددى نەۋرەمگە يامان ئىشلارنى ئۈگىتىدىغاندەك.ئەدھەم دىگەن جۇۋاينىمەك "شۇنداق،شۇنداق"-دەپ،خۇتۇننىڭ گىپىنى قىلىۋاتمامدۇ. r !Aj5  
    بوۋاي قىيدىغاندەك ئۆز-ئۆزىگە غۇدىراپ قۇيدى. 6j(/uF4!#  
    -مانا بۈگۈن ئون نەچچە كۈن بولدى، بۇ گۇيدىن خەۋەر يوق،يا تېلفون يوق،يا ئۆزى... (L/>LZn|  
   -ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم. R])Eg&  
   بوۋاي خىيالدىن چۈچۈپ ئىشك تەرەپكە قارىدى،قاسىم قولىدا يەل-يېمىش بار خالىتىنى كۇتۈرۈپ ئىشىك ئالدىدا تۇراتتى. ({!!b"B2  
   -ھە،كەل،كەل قاسىم بالام،نەچچە كۈن بولدى كۆرۈنمەيسەنغۈ بالام؟ .H)H9cmf  
   -ھاشىم ئاكا،ئۆينىڭ ئىشى شۇ،ھۆيلا تېمىنى قۇپۇرۇپ قۇيغانئىدىم.شۇنىڭ سۇۋاقچىلىق ئىشى قالغان ، لاي ئىتىپ شۇنى بىر تەرەپ قىلىمەن دەپ،سىزنى تاشلاپ قويدۇم. G}pFy0W\S  
   قاسىم نەچچە كۈندىن بويان ھاشىم بوۋاينىڭ ھالىدىن خەۋەر ئىلىپ كىلىۋاتاتتى.قاسىم بىلەن ئەدھەم قۇرداش ھەم ساۋاقداش ئىدى.قاسىم ئائىلە قېيىنچىلقى ھەم ئىنى-سىڭللېرى كۆپ بولغاچقا ئالىي مەكتەپتە ئۇقىيالماي،ئىشقا پىشقان دېھقان بولۇپ قالغانئىدى.بۇ خوشچاقچاق،مەرد،چىقىشقاق يىگىتنى مەھەلىدىكىلەر ياخشى كۆرەتتى، بولۇپمۇ ياشانغانلار قاسىمغا ئالاھىدە ئامراق ئىدى.  aO&U=!  
    بوۋاي قاسمدىن ئۆغلى ھەققىدە ئەھۋال سورىماقچى بولۇپ قاسىمغا قارىدى. bTD?uX!^@  
     -قاسىم بالام،ئەدھەمدىن... dVb6u  
     -ھە،ھاشىم ئاكا ئەدھەم ئالدىنقى كۈنى ماڭا تېلفون قىلدى.(ئەمەلىيەتتە قاسىم ئەدھەمگە تېلىفون قىلغانئىدى).ئۇ خىزمىتىم بەك ئالدىراش بولۇپ كەتتى،كاماندۇروپكا دەمدۇ ئىشقىلىپ بىر ئىشى بار ئىكەن،بىر قانچە كۈندىن كېيىن كىلىدىغان بولدى.بۇ يەرلەردىكى ئىشلارنى ماڭا تاپشۇرۇپ قويدى،خاتىرجەم بولۇڭ،ھازىر مەسئول دوختۇردىن ئەھۋالىڭىزنى سورىسام،ئەتە چۈشكىچە بالنىستىن چىقساڭلار بولىدۇ-دەيدۇ،شۇڭا بۈگۈن ھىساۋاتىنى قىلىۋىتەي دەپ كىلىشىم. 7_\sx7h{3  
    -بالام،پۈلىنى... jaoZ}}V_$  
    -ھە،يىنىمدا1000يۇەن پۈل بار ھازىرچە شۇنى-دىدى قاسىم خېجىل بولۇپ. XG/xMz~  
    -ياق،ئۇكام ئۆيدىكى ئۈچ رامبول قۇيۇمنى قاسساپقا سات! مىڭ يۇەن پۈل يەتمەيدۇ،ئاللاھ خالىسا پۈلۈڭنى قايتۇرۇپ بېرىمەن ئۆغلۇم... &ys>z<Z  
    -ياق،ياق بۇ پۈلنى سىزدىن ئالمايمەن. '3l TI  
    -ياق،ئۈنداق دىسەڭ سەندىن خاپا بولۇپ قالىمەن،ھىلىمۇ مەن ئۈچۈن كۆپ جاپا تارتىڭ. zq};{~u(  
    بوۋاينىڭ كۆزىگە لىققىدە ياش كەلدى،قاسىمغا قاراپ ئولتۇرۇپ كەتتى. yzS^8,  
    -ھەي سەھرا يىگىتلېرى قەلبى پاك،ئىمان-ئېتقادى،ۋىجدانى بىلەن ياشاۋاتقان سەھرا يېگىتلېرى سىلەرنى ئاللاھ ئۆز پاناھىدا ساقلىغاي! DhM=q  
RCR= W6  
      بوۋاي دوختۇرخانىدىن قايتىپ چىقتى.يەنە شۇ مىسكىن،غېرىبانە كەپىسى كۆزىگە ئىسسىق كۆرۈندى.بوۋاي بىر بولۇڭدا تۇرغان ئېۋرىقنى قولغا ئالدى،كامىل تاھارەت ئالدى.جاينامازنى يىيىپ،ئاللاھنى سېغىنىپ ناماز ئۇقىدى،بوۋاي دۇئاغا قول كۆتەردى،ئۇ تېنىمسىز پىچىرلايتتى... I0}.!  
   -ئى، ئاللاھ ئەشۇ بىر ئۆغلۈمغا ئىنساپ،تەۋپىق،ۋىجدان،ئىمان ئاتا قىلغايسەن،ئىشلېرىغا بەرىكەت،يوللېرىدىن گۈل ئوندۇرگەيسەن.ئى،ئاللاھ... (]#^q8)]\9  
   9lYKG ^#D  
    بوۋاي توختىماي پىچىرلايتتى.بوۋاينىڭ ئاپپاق ساقال باسقان مەڭزىدە بىر قانچە تامچە ياش قېتىپ قالغان ئىدى. kk=n&M  
layxtECP(  
   ;73S;IPR  
9<Pg2#*N0  
                                                                                     2011-يىلى 8-ئاينىڭ9.كۈنى 0nwi5  
                                                                                                   رامىزان 2w.FC  
                                                                                             مەنبە:ئىجادىيەت.             R(f:UC  
  
تەستىقلىغۇچى : ئانا تۇپراق

narmi2011-08-09 13:01
   lM\dK)p21O  
    ئىجتىمائى تۇرمۇشىمىزدا يۈز بېرىۋاتقان غېرىپ ئاتا-ئانىلارنىڭ،ئۆزى چوڭ بولۇۋالغاندەك ^OV; P[  
تويىدىن كېيىن نائىنساپ بولۇپ كېتىدىغان،بالىلېرىنى يەنىلا كەچۈرىدىغان مىھرىبان %p}vX9U')  
ئاتا-ئانىلارنىڭ تېپىلغۇسىز قەدىرى-قىممىتىنى،مېھرى-شەپقىتىنى ئەينەن ئىپادىلەپسىز... @8W@I|  
']nIa7  
                    قەدىردان ئۇلۇغ ئاتا-ئانىلار، e1Db+QBV  
                    پەرزەنت ئۈچۈن جەۋرى چەكتىڭلار. d4b! r  
                    بىر ئۆمۈر تەر تۆكۈپ ۋايسىمىدىڭلار، +~"IF+T RH  
                    سىلەردەك ئىچ كۆيەر زادى نەدە بار؟! _A,_RM$Y  
ei=4u'  
    ھېكايىڭىزنى ئوقۇپ تەسىرلەندىم،كېيىنكى ئىجادىيىتىڭىزگە ئۇتۇغ تىللەيمەن! :BxO6@>Xc  
  رەھمەت ! MD[hqshoh  
                                    

mutafakkur2011-08-09 13:14
ئەجەپ بىر بوپ قالدىم....     

bayawan2011-08-09 14:01
بالىسى دېگەن نالەتگەردە شۇنچە ئېغىر ياتسىمۇ كەلمەپتۇ . بالىلارغا ئىنساپ تىلەيلى .

allayar2011-08-09 14:03
        ئانا تۇپراق مۇنبىرىدىكى قېرىنداشلارنىڭ ھېكاينىڭ يىتەرسىز يەرلېرى بولسا،تەنقىدى پىكىرلېرنى بېرىشىنى ئۈمىت قىلىمەن... g,E)F90  
        

nigar2011-08-09 14:30
ھەم ئاتا ھەم ئانا بولۇپ ، يىمەي يىگۈزۈپ ، ئۆزى كىيمەي ئوبدان كىيگۈزۈپ ، كەلگۈسىدە ئۆز جېنىنى ئوبدان باققۇدەك ئادەم بولسۇن دەپ جاپا تارتسىمۇ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇتۇپ قويسا ماۋۇ ۋاپاسىزنىڭ بىر قېتىم كىلىپ قويمىغىنىنى قارا ، ۋۇ نائەھلى

dilkax09952011-08-09 15:02
ئەي .....ھەممىمىزگە ئىىنساپ بەرسۇن مېھرىبان ئاللاھ...~!!

allayar2011-08-09 15:29
      ئادەتتە بۇ بىر ھېكايە،لېكىن تۇرمۇشنىڭ بىر كارتىنىسى.راستنى ئېتسام ھېكايىنى يېزىۋىتىپ ئاخىرىغا كەلگەندە قەلەم تۇتقان قوللېرىم تىتىرەپ،كۆز چاناقلېرىمدىن ئىختىيارسىز ياش چىقىپ كىتىپتۇ،شۇ چاغدا مەن ئۆزەمنى ھېكايىدىكى پېرسۇناژلارغا ئارلىشىپ كەتكەنلىكىمنى ھىس قىلدىم. مانا بۇ ئەدەبىياتنىڭ سېھرى كۈچى ئىكەن.

umitwar2011-08-09 15:45
ھەي....مۇشۇ ئىنساپ دىگەن نەرسە يوقۇلۇپ كەتسە جاھان نىمىگە ئوخشاپ قالار ھە ؟

bayawan2011-08-09 15:46
ئەدەبىياتتىن ئىبارەت قورال ئارقىلىق جەمئىيەتنىڭ ئىنچىكە قاتلاملىرىغا سىڭىپ كىرىپ ھېكايىدىكىدەك ئەبلەخلەرنىڭ جاجىسىنى كېلىشتۈرۈپ بەرگىلى بولىدۇ . -0(+a$P7e  
ھېكايە قۇرۇلما ، تىل ئىشلىتىش جەھەتتىن بىر قەدەر مۇۋاپىق بولغان دەپ قارىدىم . CEk [&39"  
مۇمكىن بولسا ئو ، ئۇ ، ئۆ ، ئۈ ، ئې ، ئى قاتارلىق سوزۇق تاۋۇش ھەرپلىرىنىڭ ئىشلىتىلىش ئورنىنىڭ ئۆز جايىدا بولۇشىغا دىققەت قىلىپ كەتسىڭىز ~

allayar2011-08-09 20:31
       ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم باياۋان مەندىكى يىتەرسىزلىك دەل سىز دىگەندەك،ئادەتتە سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ئورنىنى خاتا قۇيۇۋالىمەن،كۆپ تىرىشتىم ھىچلا ئۆزگەرتەلمەيۋاتىمەن... v-$X1s  
       بۇنىڭدىن كېيىن بۇ ھەقتە كۆپرەك تىرىشسام بولغىدەك... >Dv=lgPF  
       رەھمەت سىزگە...

سەبىي2011-08-10 09:48
ئاتا-ئانا دىگەن ھەقىقەتەن ئۇلۇغ ئىنسان، ئاتاڭغا نىمە قىلساڭ ، بالاڭدىن شۇنى كۈرۈسەن دەپتىكەن. بەلكىم ،بۇ تېمىدىكى ۋە جەمىيىتىمىزدىكى ۋاپاسىز پەرزەنتلەر، ئۆز پۇشتىنىڭ قىلغانلىرىنى كۆرگەندە،ئۇلار قەقىقى ۋىجدان ئازابى تارتىدۇ، بەلكىم كىچىككەندۇ.............. BI2'NN\  
ئۇلۇغ اللاھ شۇنداق كىشىلەرنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ بەرگەي........... B%Oi1bO  
تېمىڭىزغا رەھمەت،كىيىنكى تېمىڭىزغا ئۇتۇق تىلەيمەن!!!

گۈلنازى2011-08-17 16:38
شۇنداق ياخشى چىقىپتۇ .. 1g!%ejjd  
  بەك تەسىرلىككەن .. c1%ki%J#  
   ئاتا-ئانا پەرزەنىت ئۈچۈن جاندىن كىچىشكىمۇ رازى ،بىراق بىز بالىلار ...


رەسىمسىز مۇنازىرە: [-- ئاتا قەلبى (ھېكايە) --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.5 Code © 2003-08 Guldiyar
Time 0.023936 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us