رەسىمسىز مۇنازىرە: [-- مۇنداق ئىشنى قايسىڭلار كۆرگەن --]

ئانا تۇپراق مۇنبىرى -> ئەتراپىمىزدىكى ئىشلار -> مۇنداق ئىشنى قايسىڭلار كۆرگەن [بېسىپ چىقىرىش] كىرىش -> ئەزا بولۇش -> ئىنكاس يوللاش -> تېما يوللاش

zorawann2011-08-07 13:38
20يەرگە بېرىپمۇ خىزمەت تاپالمىغان سىتۇدېنت «ئۆي ماشىنىسى» ئارقىلىق خىزمەت ئىزدىدى Bg^k~NX%  
Km~\^(a '  
ۋاڭ ئەنچياڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن خىزمەت ئىزدەپ 20 يەرگە بېرىپ خىزمەتكە ئېرىشەلمىگەندىن كېيىن، بۇنىڭدىكى ئاساسلىق سەۋەب ئۆزىنىڭ «ئالاھىدە» ئەمەسلىكىدە دەپ قارىدى. چېڭدۇغا كەلگەندىن كېيىن، ئۇ باشقىلارنىڭ دىققىتىنى تارتىپ، رازى بولغۇدەك ياخشى خىزمەت تېپىش ئۈچۈن، بىر بولكىۋاينى سېتىۋېلىپ، ئۇنى «ئۆي ماشىنىسى»غا ئۆزگەرتىپ، ماشىنا سىرتىغا ئۆزىنى تونۇشتۇرىدىغان «مەردانە سۆزلەر»نى چاپلىدى.
«ماشىنىغا چاپلانغان تەشۋىق ئارقىلىق ياخشى بىر خىزمەت تېپىشنى ئۈمىد قىلىمەن.» ۋاڭ چياڭئەن مۇنداق دېدى: ماشىنا ھەيدەپ خىزمەت ئىزدىگەندە پەقەت خىزمەتچى قوبۇل قىلىدىغان خادىملار مېنىڭ تەشۋىق سۆزلىرىمنى كۆرسىلا مېنى ئىقتىدارلىق، يېڭىلىق يارىتىش ئېڭى ۋە پىكىر قىلىش ئىقتىدارى باركەن دەپ قارايدۇ، بۇ مېنىڭ خىزمەت تېپىشىمغا ياردىمى بار.
ۋاڭ چياڭئەن: مەن ئادەتتە سۆز قىلىشقا ماھىر ئەمەس، ئاندا-ساندا ياخشى خىزمەت ئورنىغا ئۇچراپ قالغىنىمدا، مەقسىتىمنى ئېنىق ئىپادىلەپ بېرەلمىگەنلىكىم سەۋەبلىك شاللىنىپ كېتىمەن، شۇڭلاشقا ماشىنا بىلەن خىزمەت ئىزدەشتەك بۇ يېڭىلىقنى يارىتىپ، بەزى شىركەت خوجايىنلىرىنى تەسىرلەندۈرەلىسەم ئەجەب ئەمەس، مەن بۇ ئارقىلىق سۆز قىلىشقا ماھىر ئەمەسلىكتەك كەمچىلىكىمنى تولۇقلىماقچى. دېدى.
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
                                                                             
     
[attachment=1505]
6E9y[ %+  
ۋاڭ چياڭئەننىڭ ئۆي ماشىنىسى 

sansiz16372011-08-07 14:23
توۋۋا نىمە ئىش ئەمدى بۇ ھەي.............

گۈلنازى2011-08-07 14:43
يىڭىلىققۇ بۇ ... O*3x'I*a  
  ئويلاپ تاپقان ئەقلىنى قار ..

18033640602011-08-07 14:54
بۇراستىنلا يىڭىلىقكەن       

dilkax09952011-08-07 15:06
يىڭىلىققۇ . توۋۋا نىمە ئىش ئەمدى

9428302011-08-07 15:14
ئويلاپ تاپقان ئىشىنى قىززىق

aliy2011-08-07 16:38
ئامال قانچە،ياشاش مۇھىم ئەمەسمۇ

gulkalam2011-08-08 00:23
راستىنلا ياخشى ئامالكەن

muslim1112011-08-08 13:22
پۇلى باركەن بولمىسا ئۇنىڭ   بولكىۋاي سېتىۋاپتۇ تېخى  كېنىشكىسىمۇ بار ئوخشايدۇ  تېخى بولكىۋاينى تاكسى قىلىپ ھەيدىسە بولمامدا

svpvrga2011-08-08 15:20
       بۇ ئاداش مۇشۇ ئۇسۇل بۇيىچە چۇقۇم ياخشى خىزمەت تاپالايدۇ .قارىمامسىلەر ھازىر ئېلاننىڭ بازىرى شۇنداق ياخشى تۇرسا ،بىر شىركەتنىڭ ئالدىدىن كۈندە 10 قېتىم ئۈتۈپ باقسۇن قېنى ،شىركەن خۇجايىمۇ بۇ ئاداشنىڭ راستىنلا قابىليىتى بار ئوخشايدۇ دەپ ئىشىنىپ قېلىشى تۇرغانلا گەپ!!!

pakkalip2011-08-10 16:28
كىراكەشلىك قىلسا بولماسمىدى بۇ ئاداش،ياراتمىدىمۇ-يا !  

sapardax2011-08-12 01:24
مېنىڭچە ناھايتى جۈرئەتلىككەن!


رەسىمسىز مۇنازىرە: [-- مۇنداق ئىشنى قايسىڭلار كۆرگەن --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.5 Code © 2003-08 Guldiyar
Time 0.053375 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us