رەسىمسىز مۇنازىرە: [-- ئابدۇلھەمىد ياسىن (مۇھەببەتنىڭ تىنىقى) ھېكايە --]

ئانا تۇپراق مۇنبىرى -> پروزا باغچىسى -> ئابدۇلھەمىد ياسىن (مۇھەببەتنىڭ تىنىقى) ھېكايە [بېسىپ چىقىرىش] كىرىش -> ئەزا بولۇش -> ئىنكاس يوللاش -> تېما يوللاش

abdulhemidyasin2011-07-28 22:58
QjehDwt|  
مۇھەببەتنىڭ تىنىقى 7E;>E9 '  
ھېكايە OY+!aG@.  
ئابدۇلھەمىد ياسىن 7ytm .lU  
37J\i ]  
نېمىسىنى ئېيتىسىز؟ بىر ئاتا، بىر ئانىدىن بولغان ئىككى ئوغۇل، ئەمما ئىككى قۇتۇپ، ئىككى دونيا. ئۇلار يېزا بويىچە ئەڭ چوڭ باي-ئابلەت باينىڭ ئوغۇللىرى، ئابلەت باي يېزا تەۋەسىدە باي-زەردارلىقى بىلەن ئابروي ئىناۋەتكە ئىگە. شۇنداقلا ئۇنىڭ داچىسىمان ھويلا-قوروسى، كاتتا ئىمارەتلەر بىلەن ئالاھەزەل بەش-ئالتە مو يەرگە جايلاشقان روزىغارىغا ھەممە ھەۋەس ھەم ھەسەت قىلاتتى. چوڭ دەرۋازىدىن كىرىپ كەلسىڭىز دەرۋازىغا يانداشتۇرۇپ سېلىنغان خۇددى ئىدارىلەرنىڭ نۆۋەتچىلىك ئۆيىگە ئوخشايدىغان ئۈچ ئېغىزلىق ئۆي، چوڭ ئوغۇل روزى قارىنىڭ، ئابلەت باينىڭ زامانىۋى ئۇسلۇپتا سېلىنغان چوڭ قوراسىغا ئۇدۇل بارىدىغان گۈللۈك خىش ياتقۇزۇلغان يول، يولنىڭ ئىككى ياقىسىغا ھەرخىل رەڭدە ئېچىلىپ تۇرغان گۈللەر، يولنىڭ ئوڭ تەرىپىدە ھەرقايسى ئۇستىخانىلار، سول نېرىقى تەرىپىدە ئېگىز ياڭاقلىق ئۇنىڭ كەينىدە كەڭرى كەتكەن قوتان. قوتان تەرەپكە يانداشتۇرۇپ سېلىنغان خىزمەتكارلارنىڭ ياتاق ئۆيى. ئۇدۇلدا ئابلەت باينىڭ ھەشەمەتلىك قورا جايى، يان تەرىپى يەنە چىرايلىق ئىككى قەۋەتلىك بىنا ئۆي. بۇ كىچىك ئوغۇل لىتپنىڭ. ئۆينىڭ كەينى چوڭ يولغىچىلىك سوزۇلغان، ھەممە داڭلىق مېۋىلەر تېپىلىدىغان كەڭرى باغ. بۇ روزىغار ئابلەت باينىڭ بىر ئۆمۈر تاپقان-تىككەنلىرى جەملەنگەن ماكان. ئوغۇللارنىڭ ئاكىسى شۇقەدەر كەم سۆز، ھېچكىمگە چىش يېرىپ ئۈندىمەيدىغان مۆمىن بەندە. بويى دىقماق، كەڭ يۈزلۈك، يۈزىنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمىنى ساقال-بورۇت ئوراپ تۇرغان، قارىماققا 30 ياشتىن ھالقىغاندەك كۆرۈنىدىغان ئۇچىسىدىن ئىش كىيىمى چۈشمەيدىغان تىپىك يېزا يىگىتى. ئۇ ئائىلىنىڭ ھەممە يۈگۈر-يېتىم ئىشلىرىغا بۇيرۇلۇپ بارچە ئېغىر-يىنىك ئىشلارنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان. شۇنداق بولسىمۇ ئۇنىڭ ئاڭلايدىغنى دەشنام، تىل-ئاھانەت، دادىسىنىڭ ‹‹بوش، كالۋا، ساراڭ، گاچا›› دېگەندەك ئېغىزغا ئالغۇسىز ھالدىكى ھاقارەتلەشلىرى، ئۆزگىلەرنىڭ كۆزگە ئىلماسلىقلىرى، پىشانىسىگە پولات تامغىدەك بېسىلىپ كەتكەن سوغۇق مۇئامىلە. ئىنىسى لىتىپ بولسا ئالا-بولىماچ كىيىملەرنى كىيىپ، چاچلىرىنى ئوزۇن ئۆستۈرۈپ، يېزىدىكى بىر مۇنچە ئالاقاناتلارنى كەينىگە سېلىپ يۈرىدىغان ‹‹نوچى››. ئۇ ئابلەت باينىڭ ئەركە ‹‹شاھزادىسى››، قىلغىنى قىلغان، ئەتكىنى ئەتكەن، چۈنكى ئۇ چوڭلارنى ھۆرمەت قىلمايدۇ، گەپ قىلىپ سالساڭ جىدەل تېرىغىلى ئارانلا تۇرىدۇ. نەدە ئويۇن-تاماشا، ئۇرۇش-جىدەل بولسا شۇ يەردە يۈرىدۇ، چوڭلارنىڭ سۆزى بويىچە ئېيتقاندا ئالدىغا كەلگەننى چىشلەپ، كەينىگە كەلگەننى تېپىدىغان بەد قىلىق بىر ‹‹ئىشەك››. كىيگەن كىيىملىرى ھەرقانداق شەھەرلىكنىڭكىدىن قېلىشمايدىغان، ئۆزىنى پەرداز قىلىپلا يۈرىدىغان ئاق بالىخان. باي ئۈچۈن بايلىق نېسىۋىسىنى ئازادە بەرگەن خۇدايىم ئاشۇ بايلىقلىرىنى جىمىقتۇرۇپ قويىدىغان ئاشۇنداق بىر بالىنىمۇ بىرگە بەرگەن چېغى، دادىسىنىڭ مال-دۇنيالىرىنى پەقەت ئاشۇلا بۇزۇپ-چاچاتتى. قانچە پۇل خەجلىسىمۇ، قانچە قاخشاتسىمۇ بىرەر بالا تېپىپ بەرمىسىلا شۇنىڭغا خوشال بولۇپ، ئاتا-ئانىسىغا گۈركىرەپ پۇل سورىسا خوش دەپ تۇراتتى. ئابلەت باي كىچىكىدىن ئۇششاق تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىپ يول تاپقان، چوڭۇپ ساقالغا ئاق ئارىلىغاندىمۇ چار بازارلاردا كاۋاپ ساتقاچ يەنە تاڭشىر چىقىرىش، ماتاڭچىلىق قاتارلىق ھەرقانداق تىجارەتنى قولدىن بەرمەيدىغان، بىر پۇلنى ئىككى قىلغىلى بولىدىغان ھەرقانداق كامار بولسا كىرىپ باقىدىغان، شۇنىڭغا يارىشا يەتكىچە روزىغارغا ئىگە، مال-دۇنياغا تىنىپ كەتكەن، مۇنداقچە ئېيتقاندا دۇنيانىڭ ئاستىدا قالغان ئادەم، بىرلا يامان يېرى ئۇنىڭ ئېغىزى پالاكەت. شاگىرتلار بولامدۇ، ئايال-ئۇششاقلىرى بولامدۇ بەكلا بېزەپ تىل بىلەن ھاقارەتلەيدۇ. ئازراقلا ئىشنى بۇزۇپ قويغانلار ئەمدى تىل-ئاھانەتكە ئۆلدۈم دېسە بولىۋىرىدۇ. ‹‹ھۇ گۆش كاللا يوپەندى›› مانا بۇ ئۇنىڭ تىللاشلىرىنىڭ مۇقەددىمىسى، ئەۋجىگە چىققاندا بولسا ‹‹ئىشەكنى ئېمىپ چوڭ بولغانمىدىڭ ئابدال›› دەپ قاتتىق تىل سالىدۇ. پاكار بويلىرى سىلكىنىپ، ئىنچىكە پاچاقلىرى بىلەن يەرنى تېپىدۇ. توختىتىپ ئالغىلى بولمايدۇ. توختىتىمەن دېگەن ئادەممۇ تىل ئىشتىۋالىدۇ. ئايالى ماختۇمخان بولسا ئېرىدىن ئۆتە كۆكەرمە ئايال. خولۇم-خوشنىلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭدىن تەپ تارتىدۇ. ئېتىزلىققا سۇ تۇتار چاغدا ئابلەت باي ماختۇمخاننى چىقارغۇدەك بولسا ئابلەت باينىڭ يەرلىرى سۇغا قېنىپ بولمىغىچە ماختۇمخاننىڭ جاۋۇلداشلىرىدىن قورقۇپ ھېچكىم يەرلىرىگە سۇ ئالالمايدۇ. باشتا ئېيتقىنىمىزدەك ئوغۇللارنىڭ بىرسى ئىشتىن باش ئالالمايدىيۇ، يەنە تىل-ئاھانەتكە كۆمۈلۈپ كېتىدۇ، بېشىنى يەردىن ئۈستۈن قىلالمايدۇ. بىرسى ئاسمانغا پىچاق ئېتىپ ئاتا-ئانىسىنى زار-زار قاخشىتىدۇ-يۇ، يەنە ئاتا-ئانا خوش دەپ تۇرىدۇ، خالىغىنىنى قىلىدۇ. مەيلى ئابلەت باي بولسۇن مەيلى ماختۇمخان بولسۇن كىچىك ئوغۇل لىتىپ بار يەردە غىڭ قىلالمايدۇ. چۈنكى  ئابلەت باي قۇرۇق چېچىلغان بىلەن لىتىپ ئۇنداق ئەمەس، ئاچچىقى كەلسە ئۆيدە چاقمىغان ھېچنىمە قالمايدۇ. سەتلىمىگەن ھېچكىم قالمايدۇ. شۇڭا ھەممىسى ئۇنىڭ پەيلىدىن ئەيمىنىدۇ. ئابلەت بايمۇ نېمىگىدۇر غۇدىراپ قويۇپ ئۇنىڭ يېنىدىن نېرى كېتىدۇ. ئاغزىدىن قورقىدۇ. ئەمما چوڭ ئوغۇل روزى قارىنى ئۆيدىكى شاگىرتلار، خىزمەتكارلارمۇ تىللايدۇ. ‹‹ۋۇ گۆلەش ئوغرى، ماڭە قويلارغا سۇ بەر›› دەپ ۋارقىرىيالايدۇ. rat=)n)"t  
مانا روزى قارى ئىشتىن قولى سەل بوشاپ دالان ئۆيدە بىر بۇزۇق رادىيوغا قاراپ ئولتۇرىدۇ. ‹‹نېمىشقا چىقمايدىغاندۇ بۇ بىرمە، توختىغا، رادىيونىڭ ئىچىدىكى ئاياللار ئۆلۈپ، ئەرلىرىنى يەر يۇتتىمىكىن، دەپ قويسام، ئۇ مېنى، ۋۇ كالۋا، ئۇنىڭ ئىچىگە قانداقمۇ ئادەم پاتسۇن؟، دەيدۇ، ئۆزى كالۋا، ئۇنىڭ ئىچىدە ئادەم يوقلىقىنى مەنمۇ بىلىمەن. مۇنداقلا دەپ قويسام، بۇ جانۋار، ئالمىخان دېگەن ناخشىنى ئېيتقىلى تۇرسا جان ياشىرىپ كېتەتتى-دە››، ئۇ شۇ خىيال بىلەن ئۆزى بىلىدىغان ‹‹ئالمىخان›› دېگەن ناخشىغا غىڭشىشقا باشلىدى. ‹‹ئالمىخانەي ئالمىخانەي، قايسى باغنىڭ گۈلى سەنەي، سەرسانە بولدۇم ئىشقىڭدا، ئوتقا سېلىپ كۆيدۈرىسەنەي...شۇندىن كېيىنلا، يادىغا دەسلەپكى خوتۇنى ئالمىخان كېلىۋالدى. ئۇ چاغلاردا لىتىپمۇ تېخى كىچىك، روزى قارىنىڭ گېپىنى ئاڭلايدىغان چاغلار ئىدى، تۇنجى ئالغان، ئۆزى ئورۇق، سېرىق چىراي، ئەمما كۆزلىرى خۇمارلىققىنا، ئوڭ مەڭزىدىكى خالى زەپ ياراشقان ئايالى ئالمىخان بولسا ئۇنىڭغا بەكلا كۆيىنەتتى. خۇددى كىچىك بالىنى پەپىلىگەندەك پەپىلەيتتى. روزى قارىنىڭ يوۋاشلىقى، زىھنىنىڭ تازا ئۆتكۈر ئەمەسلىكىنى قىلچە ئەيىپ ئالمايلا قالماستىن، ھەر ئىشتا ئۇنى ئاقلايتتى. ‹‹دادام ئاناملار تولا دۈشكەلەپ مۇشۇنداق بولۇپ قالغان›› دەپ ھەممە ئەيىپنى ئابلەت بايلارغا ئارتىپ روزى قارىنى قىلچە ئەيىپلىمەيتتى. يەنە تېخى كېچىدە ھېلىقى ئىش بولغىدەك بولسا ‹‹تاتلىقىم، ئامرىقىم›› دەپ روزى قارىنى سۆيۈپ كېتەتتى. ھالىغا يېتەتتى. ئۆيدە ئىش قىلىدىغان ئەخمەت، ئوسمان قاتارلىقلار روزى قارىنى تىللىسا ئۇلارغىمۇ ۋارقىراپ تىللىغانغا تويغۇزۇپ پۇسكايتىپ قوياتتى. ھەممىسى ئۇنى گومۇشتىن-گومۇشقا سېلىپ تىللىسىمۇ، ئالمىخان ئۇنى ئەقىللىق، چىچەن، بەگزادەم، دەپ پەپىلەيتتى. ئادەم يوق يەردە تاتلىق سۆيۈپ قوياتتى. دەشنام ئاڭلاپ يىغلىسا، تىل ئىشتىپ جىمجىت بولۇپ قالسا شۇنداق پاي-پېتەك بولاتتىكى روزى قارىنىڭ كۆڭلى ئېچىلىپ، ئازادە كەيپىياتقا چۈممىگۈچە ئارام ئالمايتتى.  مېكيان چۆجىلىرىگە كۆيۈنگەندەك روزى قارىنى ھەرۋاقىت ھىمايە قىلاتتى. شۇنداق، ئالمىخان ئۆيدىكىلەرنىڭ زۇلۇم-زۇلمەتلىرىدىنمۇ ئۇنى قوغدايتتىيۇ، بەزىدە قوغداپ بولالماي، ماختۇمخاننىڭ تىللاشلىرىغا چىدىيالماي ھوجرىدا يالغۇز ئولتۇرۇپ يىغلاپ كېتەتتى. بۇنداق چاغدا روزى قارى ئاستا كېلىپ ئۇنىڭ چاچلىرىنى سىلاپ بىللە يىغلاپ كېتەتتى. ئەمما ئالمىخاننى ئانىسى تىللاپ، دۈشكەلىسە گەپ قىلالماي كۆزلىرىنى چىمچىقلىتىپ قاراپلا تۇراتتى. =%Q\*xaR.W  
ئىش دەل ئالمىخاننىڭ قورسىغى خېلىلا كۆتۈرۈلۈپ، چىرايىغا ئوبدانلا داغ چۈشكەندە باشلاندى. ماختۇمخان بۇ كېلىننىڭ ئۆزىگە زادى ‹‹ئەل›› بولمايدىغانلىغىغا كۆزى يەتكەندىن كېيىن، ئۇنى ئابلەت بايغا چېقىشتۇرۇشقا باشلىدى. ئابلەت بايمۇ ماختۇمخاننىڭ، بالىنى بۇ جادىگەر ئوقۇتىۋاپتۇ، ئاشۇ مەزلۇمنىڭ سىزغان سىزىقىدىن چىقالمايدۇ، بىزدىن كېيىن قالسا قانداق قىلىدۇ، يەنە تېخى قۇرسىقى پومپىيىپ قاپتۇ. بۇنداق كېلىننى ھازىر كۆزدىن يوقاتمىساق كېيىن بېشىمىزغا بالا بولمىسۇن›› دېگەن گەپلىرىنى ئويلاپ قالدى. ئۇنىڭ كۆز ئالدىغا ئەقلى يوقمىكىن، دېسە ھەممە ئىشنى جايىدا قىلالايدىغان، بارمىكىن دېسە كىچىك بالىلاردەك قىلىقلارنى قىلىدىغان، بويى دىقماق، ئۆزىدەك كوسا بولماستىن ساقال-بۇرۇتىنى ھەپتىدە بىر قىرىپ تۇرمىسا يۈزلىرى تۈكنىڭ ئارىسىدا قالىدىغان، بىراق مىجەزى تېخى كىچىكلىكىدىن قالمىغان روزى قارى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە لاي ئويناپ يۈرىدىغان سېرىق چىراي، ئۇرۇق كېلىنى كەلدى. شۇنىڭ بىلەن ماختۇمخاننىڭ سۆزىنىڭ توغرىلىقىنى ھېس قىلىپ كېلىنىنى چاقىرتىپ كەلدى ۋەئالدىدا قول باغلاپ تۇرغان كېلىنىگە قاراپ ئويلانمايلا: s'R~ r  
-سىزنىڭ خىزمىتىڭىز بىزگە تېگىل بولدى. ئەمدى ئۆيىڭىزگە كېتىڭ. بالا تۇغۇلسا خالىسىڭىز بىزگە بېرەرسىز، بەرمىسىڭىز باقارسىز-،دېدى. ئالمىخان دەسلەپ بىر ئاز مەڭدەپ تۇرۇپ قالدىيۇ، بىر ئازدىن كېيىن چىرايى ئۆڭۈپ: Tbe_x s^  
-نېمىشقا بۇنداق دەيلا؟-،دەپ سورىدى. ئەزەلدىن باشقىلارنىڭ ئۆزىنى سوراقلىشىنى ياقتۇرمايدىغان ئابلەت باي قوپاللىق بىلەن: '~ jy  
-ھازىرغىچە مەن بىر ئىش قىلسام بىركىم نېمە ئىشلىقىنى سورىمىغان. سىزمۇ ئۆزىڭىزنى بىلىڭ. ئۆيىمىزدە تۇز يېدىڭىز، ئارتۇق گەپ قىلماي، مانا ما بەش يۈز يۈەننى خىراجەت قىلارسىز-،دېدى. شۇ سۆز بىلەن ئالمىخان گەپ قىلمىدى. ئابلەت باي تەڭلىگەن پۇلغا قاراپمۇ قويماي ھوجرا ئۆيىگە يۈگرەپ كىرىپ كەتتى. ئۇنىڭ كەينىدىن روزى قارىمۇ مېڭىۋىدى، ئانسى: pI'8>_o  
-ھەي روزەك توختا، نەگە بارىسەن؟ ئاۋۇ ھۇ يۈندە پۇرۇچنىڭ قىلىقىنى، پۇل بەرسە قارىماي كېتىپ بارىدا، يامانلىغان ئابدالنىڭ خورجۇنىغا زىيان. ماڭە بېرىپ قويلارغا سۇ بەر-دەپ ۋارقىرىدى. شۇنىڭ بىلەن روزى قارى يىغلىغان پېتى ئۆيگە كىرىپ كەتكەن ئايالىغا شۇنچە ئىچى ئاغرىغان، كەينىدىن كىرىپ بىللە قانغۇدەك يىغلىۋېلىشنى ئويلىغان بولسىمۇ، ئۇنداق قىلىشقا پېتىنالمىدى. دادىسىنىڭ ئالمىخانغا توۋلىغىنىغا ئىچى ئاغرىپ، كۆزى ئارقىسىدا بولسىمۇ، بېرىپ ماللارنى سۇغاردى. ئۇ دادىسىنىڭ ئالمىخاننى ھەيدىۋەتكىنىنى ئويلىمىغانىدى. بايامقى سۆزلەرنىڭمۇ شۇنداق مەنە بېرىدىغانلىغىنى بىلىپ ئۈلگۈرمىگەن، ئەمما كۆڭلى ئۆيگەن، ئالمىخاننىڭ چىرايىغا قاراپ يۈرىكى ئېغىپ كەتكەن ئىدى.  ئۇ، ماللارغا ئوت-پاسار تاشلاپ بېرىپ بولغاندىن كېيىن ھوجرىغا كىرسە ئۆيدىن بوران ئۇچۇپ تۇراتتى. ئالمىخان دەرد بولۇپ قالغاندا ئېسىلىپ يىغلايدىغان كونا چامادان ھاڭقىراي ئوچۇق تۇراتتى. روزى قارى يۈگرىگەن پېتى ئانسىنىڭ يېنىغا كەلدى ۋە: L+v8E/W  
-ئانا، ئالمىخان يوق تۇرىدۇ، بىر يەرگە كەتتىما؟-،دەپ سورىدى. i)A`Vpn  
-ھەئە كەتتى. ئانىسىنىڭ ئۆيىگە كەتتى. ئەمدى ساڭا باشقا خوتۇن ئېلىپ بېرىمىز، ئوماق بالام، باشقا چىرايلىق، ئۇز خوتۇن ئېلىپ بېرىمىز-،ئانىسىنىڭ شۇ گېپىنى ئاڭلىغاندىن كېيىنلا روزى قارى ئالمىخاندىن ئايرىلىپ قالغانلىقىنى بىلدى ۋە: L-^# 02  
-ياق، مەن ئالمىخاندىن باشقا خوتۇن ئالمايمەن. ئالمىخاننى ئالىمەن. ئالمىخاننى...-،دەپ يىغلاشقا باشلىدى. روزى قارىنىڭ كىچىك بالىلاردەك تىپچەكلەۋاتقان ئەپتىگە قاراپ سەپرايى ئۆرلىگەن ماختۇمخان قولىغا سۈپۈرگىنى ئالدى-دە، روزى قارىنى قوغلىغان پېتى: Rh wt<  
-ۋۇ ئەقلى گەجگىسىگە ئۆتۈپ قالغان ساراڭ. جادىگەر خوتۇننىڭ ئوتى تۇتىۋالغان دېۋەڭ. سەندەك بىۋاپا،  گاچىنى ئىگەكىم، بۆگۈن ئۇرۇپ ساراڭلىقىڭنى يېشىۋەتمەيدىغان بولسام-،دەپ ۋارقىراپ قوغلاپ يۈرۈپ ئۇرۇشقا باشلىدى. 4U}.Skzq  
مانا شۇ ئىشلار بولغىلىمۇ يەتتە-سەككىز يىل بولۇپ كەتتى. ئۆيدىكى كىچىككىنە لىتىپ ھەممەيلەنگە گېپىنى ئۆتكۈزىدىغان ئۇششۇق بالىدىن، بوي تارتىپ يا دادىسىدەك پىندەك ئەمەس، يا ئانىسىدەك پاكار ئەمەس، تەمبەل، بەستلىك، ئۇرۇشقاق، قارام يىگىتكە ئايلاندى. دادىسىمۇ بۇرۇنقىدىن نەچچە ھەسسە چېچىلغاق، سەپرا مىجەز بولۇپ كەتتى. ماختۇمخانمۇ ئۇچرىغانلا ئىشلەمچىگە زەھىرىنى سانچىيدىغان، لىتىپنىڭ دەردىدىلا ئۆتىدىغان كوت-كوت كەمپىرگە ئايلاندى. بىرلا شۇ روزى قارى ئۆزگەرمىدى. ياق، ئۇمۇ ئۆزگەردى. بۇرۇنقى چۆچەكخومار، گەپ ئاڭلاشقا ئامراق بالا مىجەز يىگىتتىن ھازىر باشقىلارنىڭ پاراڭلىرىغا تەمبەت ئارىلاشمايدىغان، ئۈنسىزلا يۈرىدىغان، گەپ سورىمىسا گەپ قىلمايدىغان، گەپ سورىسىمۇ بىر ھازا قاراپ تۇرىۋېتىپ ئاندىن پەلىپەتىش بىرنېمىلەرنى دەيدىغان كالا مىجەز ئادەمگە ئايلاندى. ئەمما ئۇنىڭ ئىشچانلىقى، ئۆيدىكى ئايىقى چىقماس ئىشلارنى بىجاندىل قىلىش، تەئەددى بىلەن ئېيتىلىدىغان بۇيرۇقلارنى ئورۇنلاش ئۇنىڭ دائىملىق بۇرچى ئىدى. ئۇنى تونۇمايدىغانلار ناھايىتى سالماق ئادەم بوپتۇ، دېيىشەر، ئەمما تونۇيدىغانلار ئۇنى ساراڭ قېتىش، ھەتتا راست ساراڭ قاتارىغا چىقىرىۋەتكەن ئىدى. ئۇ ھېچكىم بىلەن ئارىلاشمايتتى. ئۆز ئىشىنى قىلاتتى. تامىقىنى يەپ ئۇخلاش، ئەتىگەن قوپۇپ يەنە ئىش قىلىشنىلا بىلەتتى. ئابلەت باي باشقىلارنىڭ، چوپچوڭ ئوغلىنى ئۆيلىمىدى، دېگەندەك تەنە مەسخىرىسىگە قالماسلىق ئۈچۈن روزى قارىنى ئون نەچچە قېتىم ئۆيلەپ بولدى. ئەمما كىرگەن كېلىنلەر ئوزاق تۇرسا بىرنەچچە ئاي، قىسقىسى بىر نەچچە كۈنلا تۇرۇپ روزى قارى ھەققىدە ‹‹ساراڭكەن، ئادەمگە يېقىن كەلمەيدىكەن، ئالمىخان دېگەن ناخشىغا غىڭشىشنىلا بىلىدىكەن. يېقىن بارسا قېچىپ كېتىدىكەن›› دېگەندەك بىر تالاي قىزىق گەپلەرنى مەلىدىكىلەرگە ھېكايە قىلىپ قالدۇرۇپ بۇ ئائىلىدىن ئۈن-تىنسىز كېتىپ قېلىشاتتى. ]hCWe0F  
ئەمما ھېچكىم روزى قارىنى چۈشىنىپ بېقىشنى خالىمايتتى. مەختۇمخانلار تېخىمۇ شۇنداق. روزى قارى ئەتىدىن كەچكىچە، ‹‹ئالمىخاننىڭ دېڭى بار، ئوڭ قېشىدا مېڭى بار...›› دېگەن ناخشىغا توۋلىغىنى توۋلىغان ئىدى. ئەمما بۇمۇ ئۇنىڭ گۇناھى ھېسابلىناتتى. يېڭى كىرگەن خوتۇنلىرى روزى قارىنىڭ ئالمىخانغا غىڭشىپ ئولتۇرغان تۇرقىغا قاراپ ئۇھ تارتىپ ئۇنىڭدىن ئۈمىدىنى ئۈزەتتى. روزى قارى بولسا جىمجىت ئىدى. خۇددى ئۇنىڭ پۈتۈن سەزگۈلىرى ئاللىقاچان ئۆلگەندەك، ئاشۇ ئالمىخان بىلەن بىللە كەتكەندەك ئىدى. مانا ھازىرقى ئايالى قەمەر ئۇنى تېخىمۇ چۈشەنمەيتتى. چۈشىنىشنىمۇ خالىمايتتى. روزى قارى قەمەرنىڭ زاڭلىق ئارىلاش كۈلۈپ تۇرىدىغان چىرايىغا قارىسىلا سەپرايى ئۆرلەپ ئالمىخاننى يادىغا ئالاتتى.  روزى قارى ئاشۇ قېتىم ئالمىخاندىن ئايرىلىپ قالغاندىن كېيىن نەچچە قېتىم ئوغرىلىق ئالمىخانلارنىڭ مەھەللىسىگە باردى. بوۋا-مومىسىنىڭ ئۆيىدە تۇغۇلۇپ، بۇ جەمەتكە كېلىشكە نېسىپ بولمىغان ئوغلىنى كۆردى. بېرىپ ئوغلىنى قۇچىقىغا ئالغۇسى، باغرىغا باسقۇسى كەلدى. ئالمىخاننىمۇ يىراقتىن كۆردى. ھەتتا بىر قېتىم كېچىدە ئالمىخان ئۆينىڭ ئالدىغا چىققىنىدا ئۇنى كۆرۈپ ئالدىغا باردى. ئالمىخان قاراڭغۇ كېچىدە پەيدا بولغان بۇ قارا گەۋدىنى كۆرۈپ ‹‹ئانا›› دەپ توۋلاپ سالدىيۇ، ئۇنىڭ روزى قارى ئىكەنلىكىنى تونۇپ ئۇنىڭغا ئۆزىنى ئاتتى. روزى قارىمۇ ئالمىخاننى قۇچاقلاپ باغرى ئېزىلگەن ھالدا ئۆكسۈپ يىغلاپ كەتتى. ئەمما ئالمىخان روزى قارىنى پەپىلەپ قويۇپ تىزلا ئۆيگە كىرىپ كەتتى. روزى قارى شۇندىن كېيىن ئالمىخاننى كۆرەلمىدى. ئىشلەمچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە ئۇ ئەرگە تېگىپتىمىش. شۇنىڭدىن كېيىن روزى قارى ئالمىخانلارنىڭ مەھەللىسىگە ئىككىنچى بارمىدى. باشقىلارغا گەپ قىلىشىمۇ تەمبەت تۆگىدى. U)&H.^@r$  
ھازىر ئۇ قەمەر ئىسىملىك بۇ خوتۇنىغا قارىمايتتى ھەم نېمىشقىدۇر ئىچ-ئىچىدىن ئۆچلۈك قىلىدۇ، ئۇنىڭ خىيالىدىن ھامان ئالمىخاننىڭ مىھرىبان، سۈيۈملۈك سىيماسى كەتمەيدۇ. قەمەر نېمە ئىش قىلدى؟ نېمە ئىش قىلىدۇ، بۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن مۇھىم ئەمەس. ئۇ روزى قارىغا گەپ قىلمىسا، يېقىن كەلمىسە روزى قارى شۇنىڭغا خوش. بۇ ئۆيدە بىردىن-بىر ئوزۇنراق تۇرۇپ قالغان خوتۇنىمۇ شۇ قەمەر، ئۇ باشقىلارغا ئېرىنىڭ گەپلىرىنى سۆزلەپ يۈرمەيتتى. كەچلىرى ئۆيدىن چىقىپ كەتسىمۇ تىنىپ قويمايدىغان روزى قارىدىن ئۇنىڭ خوشال بولغىنىنى ياكى خاپا بولغىنىنى بىلگىلى بولمايتتى. ئۇ ماختۇمخانغىمۇ ئوبدانلا ھەمقام بولاتتى. شۇڭا ماختۇمخانمۇ ئۇنىڭغا ئامراق. ئەمما لىتىپ ئۇنداق ئەمەس. قەمەرنى كۆرسە قۇيقا چېچى تىك تۇراتتى. ‹‹ئۆزەڭنى بىلىپ يۈر. بولمىسا مۇشتۇمۇم ئادەم تونىمايدۇ›› دەپ ھۆركىرەيتتى. )_Z]=5Ds  
ھازىر روزى قارىنىڭ بالىسى مەكتەپ يېشىغا توشقان بولغاچقا مەكتەپكە باراتتى. شۇڭا روزى قارى ھەركۈنى ئۆينىڭ ئارقىسىدىكى باغ ئىچىدىن سىرتتىكى چوڭ يولدا مەكتەپكە بارىدىغان بالىلارغا قاراپ تۇرىدىغان بولۇپ قالدى. يولدىن بىرەر يۈز بالا بىرگە ماڭسىمۇ ئۇ بالىسىنى دەرھال تونىۋالاتتى. ئۇنىڭ بالىسى سېرىققا مايىل، يۈزلىرى دۈگلەك، شوخ بالا ئىدى. يۈزلىرى، قاش-كۆزلىرى روزى قارىغا قويۇپ قويغاندەك ئوخشايتتى. روزى قارى باغنىڭ ئىچىدە بالىلارغا ئەگىشىپ ماڭاتتى ھەم بالىلارنىڭ بولۇپمۇ تۇردى قارى ئىسىملىك بالىسىنىڭ قارىسى يىتكىچە قاراپ تۇراتتى ۋە بالىلارنىڭ مەكتەپتىن قايتىپ كېلىشىنى كۈتكەچ ئۆي ئىشلىرىنى قىلاتتى. مەكتەپتىن قايتىشنىڭ قاراسى بولغان ھامان يەنە ئاستاغىنا باغقا كىرىۋالاتتى. بۇنىڭ ئۈچۈن ئاتا-ئانىسىنىڭ ‹‹نەگە كەتتىڭ›› تىللاپ-سىلكىشلەشلىرىمۇ كۆزىگە كۆرۈنمەيتتى.  ئەمما بىر كۈنى ئەتىگەندە بالىلارنىڭ قارىسىنى يىتكۈزۈپ ئاندىن كىرىپ كېتەي دەپ ئارقىسىغا بۇرۇلۇشىغا كىچىكلىكىگە باقماي بورۇت قويىۋالغان، چاچلىرىنى ئوزۇن ئۆستۈرىۋالغان لىتىپ چەكچىيىپ قاراپ تۇراتتى. روزى قارىنىڭ يۈرىكى‹‹قارت›› قىلىپ قالدى. ئۇ ئاتا-ئانىسىدىنمۇ بەكراق لىتىپتىن قورقاتتى. چۈنكى ئاتا-ئانىسىمۇ لىتىپتىن قورقىدۇ-دە، يەنە كېلىپ بىرنەچچە قېتىم لىتىپ، يۈزۈمنى چۈشۈردۈڭ، سەن نېمانچە يوۋاشسەن، دەپ روزى قارىنى قاتتىق ئۇرىۋەتتى. شۇڭا روزى قارى لىتىپنى كۆرسىلا ئەگىپ ئۆتەتتى. چىرايىغا بويۇن كۆرۈپ قارىمايتتى. ھازىرمۇ لىتىپنى ئەگىپ ئۆتۈپ كەتتىيۇ، بىرنەچچە قەدەم مېڭىپ بولۇپ كەينىگە قاراپ لىتىپنىڭ يەنە ئورنىدا تۇرۇپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ ئەنسىزلىككە چۈشكەن ھالدا ئىتتىك كېتىپ قالدى.   T=hm#]   
بۆگۈن چىڭقى چۈش. ئەتراپ جىمجىت. ھەممە ئادەم چۈشلۈك ئۇيقۇغا كەتكەندەك ياكى دۇنيا ئايلىنىشتىن توختاپ قالغاندەك ئىدى. بالىلارنىڭ مەكتەپتىن قايتىپ كېلىدىغنىغا تېخى خېلى ۋاقىت بار. روزى قارى ھوجرىسىدا يەرگە قاراپ جىممىدە ئولتۇراتتى. بىردىن ئىشىك زەردە بىلەن تاراقلاپ ئېچىلىپ لىتىپ كىرىپ كەلدى. روزى قارى ئىتتىك لىتىپنىڭ چىرايىغا قارىدى. لىتىپنىڭ مەستلىكى بىلىنىپ تۇرغان تۇرقىدىن يەنە چاتاق تېرىيدىغانلىقى چىقىپلا تۇراتتى. لىتىپ ئەلپازىنى بۇزغان ھالدا: Y!K^-Y}  
-ھوي لەقۋا، خوتۇنۇڭ قېنى؟!-،دەپ ۋارقىرىدى. |U;w!0  
-قايسى خوتۇن...-،قاتتىق قورقۇپ كەتكەن روزى قارىنىڭ ئۈنى ئىچىگە چۈشۈپ كەتتى. YHwVj?6W  
-سېنىڭ قانچە خوتۇنۇڭ بارتى. يۈرە ئەبگا-، لىتىپ روزى قارىنىڭ ياقىسىدىن تۇتتى ۋە ۋارقىراپ يىغلىغان پېتى ئارقىسىغا تىرەجەپ تۇرىۋالغان روزى قارىنى سۆرەپ دېگۈدەك ئىشلەمچىلەر ياتىدىغان ياتاقنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلدى. ئاڭغىچە غەۋغانى ئاڭلاپ ماختۇمخان بىلەن ئابلەت بايمۇ چىقىپ كەلدى. ?^e*UJNM  
-قارا، ۋۇ مەدىكار گاچا، يۇمشاق باش ساراڭ. خوتۇنۇڭ ماۋۇ توختى دېگەن يالاڭتۆش بىلەن بىرگە ياتسا، سەن ياتىقىڭدا چاترىقىڭغا قاراپ ئولتۇردۇڭمۇ؟-،دەپ ۋارقىراپ قولىنى روزى قارىنىڭ بۇرنىغا نوقۇدى. روزى قارى ياقىسىنى چىڭ تۇتىۋالغان لىتىپنىڭ قولىدىن بېشىنى بۇرىغاچ توختىلارنىڭ ياتىقىغا قارىدى. ياتاق، سىرتىدىن قۇلۇپلانغان ئىدى. ئاڭغىچە ماختۇمخان: m)tI  
-ۋاي جېنىم بالام، نېمە ئىش بولدى؟ ئاكاڭنىڭ ياقىسىنى قويىۋەت-،دەپ لىتىپنىڭ قولىغا ئېسىلىپ يالۋۇردى. لىتىپ بىرلا سىلكىپ قولىنى قويىۋەتكەنىدى، روزى قارى پاخال دۆۋىسىگە ئوڭدىسىغا چۈشتى. ئاندىن لىتىپ يۈگرىگىنىچە بېرىپ ئىشىكنى زەرب بىلەن تېپىپ ئاچتى. ھەممەيلەن بىرلا ئېغىز ياتاقتا لاغىلداپ تىترەپ ئۆرە تۇرغان توختى بىلەن قەمەرنى كۆردى. ئەمدى لىتىپ ھەقىقى غالجىرلاشقان ئىدى. ئۇ بېرىپلا قەمەرنىڭ قۇرسىقىغا بىرنى تېپىپ ئوڭدىسىغا ئۇچۇرىۋەتتى. ئاندىن ئورۇق توختىنى قاماللاپ تۇتۇپ كۆتۈرگىنىچە تالاغا ئاچىقىپ يەرگە ئاتتى ۋە ئودۇل كەلگەن يېرىگە دەسسەشكە باشلىدى. مەختۇمخان بىلەن ئابلەت باي لىتىپنى تۇتۇپ بولالماي ئاۋارە ئىدى. (hD X4;4  
-جېنىم بالام،-دەپ يالۋۇراتتى ئابلەت باي،-ئەسكىلەرنىڭ قېنى بىلەن قولۇڭنى بۇلغىۋالساڭ، تۈرمىدە يېتىپ كېتىسەن، ئۇنداق قىلما. سەنمۇ لامزەللە ئىت، يېتىۋەرمەي ئورنۇڭدىن تۇرۇپ قاچ، كۆزۈمدىن يوقال، ئىككىنچى كۆرۈنگۈچى بولما. D@/9+]-,  
توختى، ئابلەت باينىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، لىتىپنىڭ قولىغا ئابلەت باي بىلەن ماختۇمخان ئېسىلىۋالغان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئۆمىلەپ قاچتى. ماختۇمخان يۈگرىگەن پېتى ياتاققا كىرىپ، تېخىچە ئىنجىقلاپ ياتقان قەمەرنىڭ چېچىدىن تۇتۇپ ئورنىدىن تۇرغۇزدى ۋە: >tE,8  
-يوقال پاسكىنا، ئىتتىك جېنىڭنى ئېلىپ قاچ، ھېلى بۇ يەردە ئۆلۈم ۋەقەسى چىقىدۇ-،دەپ چالۋاقىدى. ئاندىن ئابلەت باي لىتىپنىڭ قولىغا ئېسىلىۋالغان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ قەمەرنى قاچۇرىۋەتتى. مەستلىكتىن يېشىلەلمەي كەيپى يەنىمۇ ئۆرلىگەن لىتىپ دادىسىنىڭ قولىنى سىلكىپ قېقىۋەتتى، ئاندىن تېخىچە ئوڭدىسىغا يېتىپ بولىۋاتقان ئەھۋاللارغا ھاڭۋاقتىلىق بىلەن قاراپ تۇرغان روزى قارىنىڭ يېنىغا كەلدى ۋە: qiwQUm{  
-سەن كالۋا نېمىشقىمۇ ئادەم بولۇپ قالغان!،-دەپ ۋارقىراپ ئۇنى نەچچىنى دەسسىۋەتتى.  روزى قارى يەنە يىغلاشقا باشلىدى. لىتىپنىڭ ئاچچىقى چىقىدىغاندەك ئەمەس ئىدى. ئۇ تۇرغان ئورنىدا بىر پىرقىرىۋەتتى ۋە ئاتا-ئانىسىغا قاراپ: ];YglHH  
-ھەرقايسىڭمۇ ئادەم ئەمەس. بۇ كالۋانىڭ مۇشۇنداق لۆم-لۆم بولۇپ قېلىشىدا ھەرقايسىڭنىڭ مەسئۇلىيتى بار. مەن قايتىپ كېلىپ مارىلىسام بۇ ھوجرىدىن گۇڭۇرلاشقان ئاۋاز چىقتى. ئىشىكنى قۇلۇپلاپ قويۇپ، ما كالۋانىڭ يېنىغا كىرسەم چاترىقىغا قاراپ ئولتۇرىدۇ، ھەرقايسىڭ نېمىنى بىلىشىسەن. سەنلەرنىڭ خودايىڭ پۇل. مەن.. مېنىڭ.. -دېگىنىچە دەلدەڭشىگەن پېتى چوڭ قورودىن چىقىپ كەتتى. ماختۇمخان بېشىنى چاڭگاللاپ ئولتۇرۇپ قالدى. ئابلەت باي بولسا: fzPgX  
-ئېشەكنىڭ سۈيدۈكىنى ئىچىپ، يۈرگىچە ئۆلسە بولمامدۇ-ئېشەك تاپى. سەنمۇ ئادەم بولغاندىن كېيىن خوتۇنۇڭغا ئېگە بولساڭ بولماسمىدى-لەقۋا-،دەپ دەسلىپىدە غودۇڭشىدى، ئاندىن روزى قارىغا قاراپ ۋارقىراشقا باشلىدى. tA;ZW2$#  
روزى قارى يەنە خوتۇنسىز قالدى. ئەمما ئۇنىڭ كۆڭلى تىنجىپ، ئازادە بولۇپ قالغان ئىدى. ئەمدى ئارامخۇدا ئولتۇرۇپ ئالمىخاننى، بالىسىنى خىيال قىلالايتتى. ئەگەر قەمەر بولسا، نېمىنى ئويلايسەن؟ بېرى كەلمەمسەن-لەقۋا، دەپ جېنىنى چىقارغان بولاتتى. ئەمدى ئۇ ئاتا-ئانىسىنىڭ يەنە ھەشەم قىلىپ، ئۆزىگە چىرايلىق كاستوملارنى كىيگۈزۈپ، خوتۇن ئېلىپ بېرىمىز، دەپ ئاۋارە قىلماسلىقىنى ئۈمىد قىلاتتى. كۈنلەر يەنە بىر قېلىپتا ئۆتمەكتە ئىدى. روزى قارىغا بىردىن-بىر ئۈمىد ۋە خوشاللىق ئېلىپ كېلىدىغان ئىش باغقا چىقىپ ئوغلى تۇردى قارىنىڭ كېلىشىنى كۈتۈش ۋە قايتاشىدا ئۇلارغا كۆرۈنمەي ئۇزىتىپ قويۇش ئىدى. قالغان ۋاقىتتا يەنە كالىدەك ئىشلەيتتى. ئۆيگە يەنە يېڭى ئىشلەمچىلەر ئېلىپ كېلىندى. چۈنكى بۇ چوڭ ئائىلىنىڭ ئېتىز ئىشلىرى ۋە قوي-كالىلىرىنى روزى قارى يالغۇز قىلىپ بولالمايتتى. روزى قارى باشقىلاردىن ئالمىخاننى ‹‹تۇغمىدىڭ›› دەپ ئېرى بەك خارلىغاچقا ئاجرىشىپ كەتكىنىنى ئاڭلاپ تۇرالماي قالدى. نەچچە ئالمىخانلارنىڭ مەھەللىسىگە بارماقچىمۇ بولدىيۇ، يەنە جۈرئەت قىلالمىدى. ئەمما قەلبىدە ئالمىخاننىڭ ئوتى بارغانچە ئۇلغىيىپ باراتتى. خۇددى ئەتىۋارلىق بىر نېمىسىنى يۈتتۈرىۋىتىپ يەنە خەۋىرىنى ئالغان ئادەمدەك ئىزتىراپقا چۈشۈپ قالغان ئىدى. مانا بۆگۈن كەچمۇ نېمە قىلارىنى بىلەلمەي ھوجرا ئىچىدە ئۇياقتىن-بۇياققا مېڭىپ يۈرەتتى. بارايمۇ، دەپ ئويلايتتىيۇ، يەنە جۈرئەت قىلالمايتتى. بارماي دەيتتىيۇ لېكىن ئولتۇرغۇسى كەلمەيتتى. ئاخىرى ھارغاندەك بولۇپ سوپىنىڭ قىرىدا يەرگە قاراپ ئولتۇردى. دەل شۇ چاغدا يەر تېگىدىن ئاڭلانغاندەك تاكىلدىغان بىر ئاۋاز ئاڭلاندى. ئۇ زەن سېلىپ ئاڭلىۋىدى، ئىشىكنىڭ چىكىلگەن ئاۋازىدەك بىلىندى. ئۇنىڭ يۈرىكى ئۆيگەندەك بولۇپ، تېزلا ئىشىكنى ئاچتى. ئىشىك ئېچىلىشىغىلا يوچۇن بىر گەۋدە روزى قارىنىڭ روخسىتىنى ئالمايلا كىرىپ كەلدى. ياتاق ئۆينىڭ ئېلىكتىر چىرىقىدا ھېلىقى گەۋدە چىرايىدىكى رومالىنى ئېلىۋەتتى. قورقۇمسىراپ نېمە قىلارىنى بىلەلمەي قالغان روزى قارى كۆز ئالدىدا ئۆزى بىر كۆرۈشنى ئويلاپ كېلىۋاتقان، ئەمما قەلبىدىكى ئۈمىد شامى ئۆچەيلا دەپ قالغان، ئوڭ مەڭزىدە خالى بار چىريلىق ئالمىخاننىڭ ئۆزىگە قاراپ كۈلۈمسىرەپ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ بىردەم مەڭدەپ قالدى ئاندىن: <uWJ>sg^ 6  
-ئالمىخان...بۇ سىلىمۇ؟-،دېدى. ئالمىخان: juve9HaW  
-ھەئە، روزاخۇن-، دەپ روزى قارىغا تەلمۈردى. روزى قارى ئاستا بېرىپ ئالمىخاننى قۇچاقلىدى. ئالمىخانمۇ ئۇنىڭغا چىرمىشىپلا كەتتى. شۇ دەقىق روزى قارىنىڭ ۋۇجۇدى لەرزىگە كەلگەن، سەزگۈلىرى ئويغىنىپ، شادلىقتىن كۆزلىرى قىسىلىپ كەتكەن ئىدى. بىردىن ئۇ ئالمىخاننى سوپىدىكى سېلىپ قويغان ئورۇن تەرەپكە سۆرىدى. ئەمما ئالمىخان روزى قارىنى تاتلىققىنا بىرنى سۆيۈپ قويۇپ: 3V8j>&  
-روزاخۇن بۆگۈنچە چىداپ تۇرۇڭلا. ھەپتىلىك ئىددىتىم قالدى. ئاندىن كېيىن...-،دېدى. روزاخۇن ئالمىخاننىڭ چىرايىغا رازىمەنلىك بىلەن قاراپ ماقۇل بولدى ۋە ئۇنى قانماي سۆيۈپ كەتتى. بىر ھازادىن كېيىن ئالمىخان ئۇنىڭغا: h:US]ZC^Z  
-روزاخۇن، سىلىگە دەيدىغان مۇھىم بىر گەپ بار. سىلىنىڭ ماڭا ۋاپادار بولۇپ ئۆتكەنلىكىڭلار ماڭا ئايان. خەقلەردىن ئاڭلىدىم، سېلى مېنى ياخشى كۆرىسىلە، مېنىڭ يۈرىكىممۇ تۇيىدۇ. خەقلەرنىڭ ئۇنىڭ كېسىلى بار، دېگەن گېپى بۇنى ئىسپاتلايدۇ. مەنمۇ سىلىنى بىركۈنمۇ ئۇنتۇپ قالمىدىم، سىلى بىلەن بىر ئۆمۈر بىرگە ياشىغۇم بار. ئەمدىكى گەپ بىز مۇشۇ يەردە بولىدىكەنمىز، ھەرگىز بىرگە بولالمايمىز، ئاناڭلا ماڭا ئۆچ، يەنە كېلىپ ھېلىقى ئىنىڭلىنىڭ پەيلى يامان. شۇڭا بۇيەردىن كەتسەك، قەيەرگە بارساق بىرجۇپ قولىمىز بىلەن ياخشى كۈنلەرگە ئولىشالايمىز. قانداق دەيسىلە؟-،دېدى. روزى قارى گاڭگىراپ تۇرۇپلا قالغانىدى. ئالمىخان يەنە: I%VV4,I&pK  
-مەن ئاتا-ئاناڭلىنىڭ مال-دۇنياسىغا زىنھار قىزىقمايمەن. شۇڭا كېتەيلى. ھازىر ھەممە خەق ئاقسۇغا پاختا تەرگىلى مېڭىشىۋاتىدۇ. كېلەر ھەپتىگە ئىشەنچىلىك ئىككى ئادەم تېپىڭلا، تاپالمىساڭلا مەن تاپىمەن. موللامنىڭ ئۆيىگە بېرىپ نىكاھ ئوقۇتىمىز-دە، شۇ كېچىسى مېڭىپ كېتىمىز. بولامدۇ؟-،ئالمىخان شۇ گەپلەرنى دەپ روزى قارىغا تەلمۈرۈپ قارىدى. روزاخۇن يەنە بىردەم مەڭدەپ تۇرۇپ قالدى. ئەمما تېزلا ئالمىخاننىڭ ئىككى قولىنى تۇتۇپ: s525`Q;  
-مېنى ئادەم قاتارىدا كۆرگەن ئايالىم، كۆيۈمچان غەمگۈزارىم سېلى ئالمىخان. مەن سېلىنىڭ گېپىڭلىنى ئاڭلايمەن. دېگىنىڭلىدەك قىلايلى. ئەمما لىتىپتىن قورقىمەن. ئۇ ھەمىشە مېنى ئۇرىدۇ-،دېدى.   0X}w[^f  
-ئەنسىرىمەڭلا، ئۇنىڭغا ئېيتمىساڭلىلا يىراققا كېتىۋالساق بىزنى ھېچنىمە قىلالمايدۇ. Bt`r6v;\  
-ماقۇل. *I;Mp  
شۇندىن كېيىن روزى قارى ئۆز ئۆمرىدە تۇنجى قېتىم يۈرەكلىكلىك بىلەن بىر قارارغا كەلدى ھەم ئىشنى ناھايىتى مەخپى تۇتۇپ، باشقىلارغا قىلچە چاندۇرمىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار پىلان بويىچە ئىش قىلىپ دېگىنىنى ئەمەلگە ئاشۇردى، شۇنداق، ئۇلار قاياققىدۇر كېتىپ قالدى. ئەمما بۇ خەۋەر مەھەللىگە چاقماق تېزلىكىدە تارقالدى. ھەممە ھەيران قېلىشتى. گەپمۇ كۆپ ئىدى. i >/@]2  
-ئالمىخان بىلەن روزاخۇن بىرگە قېچىپ كېتىپتۇ. #q^>qXy  
-ئاڭلىدىڭلارمىكىن، روزى قارىنى ئالمىخان ئېلىپ قېچىپتۇ. ئەزەلدىن يۇرتىمىزدا يىگىت قىزنى ئېلىپ قاچاتتى. بۇدۆرەم قىز يىگىتنى ئېلىپ قېچىپتۇ. sV Z}nq{  
-ئەردەك چوكانكەن. ھېلىقى روزى قارىنى ئۆيىدىكىلەر بالىدەك ئەمەس مالايدەك كۆرەتتى. E!(`275s  
-ئاقسۇغا چىقىپ كەتكەنمىش. `zvT5=*-#  
-روزى قارىدىمۇ كۆڭۇل باركەن-جومۇ، كېسىلى بار دەۋاتاتتى، ئەسلى ‹‹يۈرەك كېسىلى›› باركەن ئەمەسمۇ؟ `(w kqa  
-ھېلىقى لىتىپ قان، ئابرويىمىز تۆكۈلدى، ئالمىخاننى ئۆلتۈرىۋېتىمەن، دەپ يۈرگەنمىش. iR4,$Nn>  
بۇگەپلەر ئابلەت باينىڭ قولىقىغا كىرىپ قالغۇدەك بولسا ئۇمۇ ئاچچىقتىن ئۆتى يېرىلغۇدەك بولاتتى. ماختۇمخانغا: 36D,el In  
-لامزەللە مەرەز، قايەرگىمۇ كەتكەندۇ، ئادەمنىڭ يۈزىنى تۆكۈپ..-،دېسە، ماختۇمخان: EzYscX.[  
-تۆت نىمكارنىڭ ئىشىنى قىلاتتى. ئەمدى قانداقمۇ قىلارمىز، ئاشۇ ئالمىخان دېگەن جىنلىق ئازدۇرغان نېمە، خودايىم جاجىسىنى بەرگەي ئۇ جىن ئۇۋىسىنىڭ-،دەپ قارغايتتى. ئەمما ئۇلار قارغاش ۋە غۇدىراش بىلەن ئۆتىدىكى سېرىق سۇنى بىكارلاشتىن باشقا ھېچ ئىش قىلالمايتتى. مەشەگىچە ئۆزگەردى. Lh5+fk~i~8  
شۇ كۈنلەردە لىتىپ بۆلەكچىلا بولۇپ قالدى. ئۇنىڭ روزى قارىنىڭ ئىشىغا جۇدۇنى ئۆرلىدىيۇ، ئەمما ھېچنىمە دېمىدى. يېقىنقى كۈنلەردىن بېرى ئۇمۇ ئۆزىنىڭ غېمى بىلەن قالغانىدى. دوختۇرخانىدا ئىشلەيدىغان بۇخەلچەم ئىسىملىك بىر قىزنىڭ كۆيۈكى ئۇنىڭ جېنىنى ئېلىپ جاڭگالدا قويۇۋاتاتتى. ئەلۋەتتە بەزى نەرسىلەرگە پۇلغا، كۈچكە ھەتتا ساراڭلىققا تايىنىپ ئېرىشكىلى بولىشى مۈمكىن، ئەمما مۇھەببەتكە ئۇنداق ئەمەس. شۇڭا يېزىدا ئاسمانغا پىچاق ئېتىپ يۈرىدىغان بۇ يېزا نوچىسى ئەمدى بىردىنلا جىمىپ قالدى. ئەل-ئاغىنىلىرى بىلەنمۇ كەمدىن–كەم كۆرىشىدىغان، ھوجرا ئۆيىگە سولىنىۋېلىپ خىيال سۈرىدىغان بولۇپ قالدى. يەنە پات-پات باغقا چىقىپ زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ كېتىدىغان بولۇپ قالدى. ماختۇمخان يېنىغا كېلىپ: H"Em|LX^  
-نېمە بولدى؟-،دەپ سورىسىمۇ: >+W?!9[p:2  
-ئاھاي، بولدى قىلە،-دەپ گېپىنى سىلكىۋىتەتتى. بىركۈنى ئۇ باغدا تۇرۇپ ئۇششاق بالىلارنىڭ ۋاڭ-چوڭىنى ئاڭلاپ قالدى. ئاندىن تويۇقسىز ئاكىسىنىڭ ھەركۈنى باغدىن مەكتەپكە ماڭغان بالىسىنى كۆرىدىغىنىنى يادىغا ئېلىپ، ۋۇجۇدى سىلكىنىپ كەتتى. ئاندىن ‹‹ئاكام ئەسلى ساراڭ ئەمەسكەن. ئاشىقكەن. ئۇ ئالمىخان بىلەن قېچىپ توغرا قىپتۇ›› دەپ ئۈنلۈك توۋلىۋەتتى. ئۇنىڭ كۆز ئالدى بىردىن يورىغاندەك بولۇپ، ئاكىسىنىڭ نېمىشقا مۆرىمەس بولۇپ قالغانلىقى، نېمىشقا ئالمىخان دېگەن ناخشىنى ئاڭلاشقا ئامراق ئىكەنلىكى، باشقا خوتۇنلىرىنى قىلچە ياقتۇرمايدىغانلىقىنى چۈشەنگەندەك بولدى. ‹‹ئەگەر ئاشىقلىق ئوتى مېنى بۇنچە جىمغور قىلىپ قويمىغان بولسا، بۇ ئاشىقلىق بالاسى مېنى دۇنيادىكى ھەممە نەرسىدىن بەزدۈرمىگەن بولسا مەن ئاكامنى بىر ئۆمۈر چۈشىنەلمەي ئۆتەركەنمەن››. شۇ تاپ ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا ئاكىسىنىڭ ئوبرازى روشەنلىشىپ كەتكەن ئىدى. ئەقلىنىڭ ئازراق كەمتۈك ئىكەنلىكى ئۇنىڭ ئاجىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەيدىغانلىغىنى، ئۇنىڭ قەلبىدىكى ئاشۇ ئىنسانىي مۇھەببىتى بىلەن ئۇنى باپلىسام، بۇنى جۆندىسەم دەپ ئۆتىدىغان نۇرغۇن كىشىلەردىن ئۈستۈن تۇرىدىغانلىقىنى ھېس قىلدى. ئۇ دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ باغدىكى چىتلاقنىڭ يېنىغا باردى ۋە ئاكىسىنىڭ بالىسىنى ئىزدىدى. ئەنە، تۇردى قارى، يۈزلىرى، قاش-كۆزلىرى ئاكىسىغا قويۇپ قويغاندەك ئوخشايدىغان بۇدرۇققىنە بالا. ئۇ تۇردى قارىنى چاقىرماقچى بولدىيۇ، يەنە بىردىن تۇرۇپ قالدى. ئاندىن چىتلاقنى بويلاپ تۇردى قارىنىڭ كەينىدىن مېڭىپ تاكى ئۇنىڭ قارىسى يۈتكىچە قاراپ تۇردى. ئۇ ئەمدى ھەركۈنى باغقا كىرىپ ئاكىسىنىڭ بالىسىغا، پاك مۇھەببەتنىڭ ئابىدىسى بولغان بۇ غۇنچىگە قاراپ تويمايدىغان، ھەۋەسلىنىپ تۇرۇپ كېتىدىغان بولۇپ قالدى. مانا بۆگۈنمۇ بالىلارنىڭ مەكتەپتىن كېلىدىغان چېغى بولدى. ئۇ يولغا زەن سېلىپ قاراپ تۇردى. سىرىتتىكى بالىلار لىتىپنى كۆرەلمەيتتى. تۇردى قارى لىتىپنىڭ ئۇدۇلىغا كېلىشىگە ئۆزى بىلەن تەڭ دېمەتلىك، ئەمما سېمىزرەك بىر بالا تۇردى قارىنى قەستەن ئۈسۈپ يىقىتىۋەتتى.  تۇردى قارى ئورنىدىن قوپماق بولىۋىدى ئۇ بالا يەنە كېلىپ تۇردى قارىنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرىۋالدى. يەنە بىر توپ بالىلار ئۇلارنى ئورىۋېلىپ: Bg8t'dw?K  
-تۇردى قارى قاسماق، ئاتا-ئانىسى يوق يېتىم ئوغلاق!-دەپ چۇرقىراشقىلى تۇردى. بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ غەزىپى چېكىگە ئۆرلىگەن لىتىپ چىتلاقنى بۆسۈپلا چىقىپ كەلدى ۋە تۇردى قارىنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرىۋالغان بالىنى ياقىسىدىن تۇتۇپ كۆتۈرۈپ تەستىكىگە ئىككىنى سېلىۋەتتى ۋە بالىلارغا: S3[oA&  
-كىم يېتىم ئوغلاقكەن. ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى بار، يەنە كېلىپ ھەرقايسىڭنىڭ ئاتا-ئانىسىدىن نەچچە ھەسسە ئۈستۈن تۇرىدىغان ئاتا-ئانىسى بار. ئۇقۇشتۇڭمۇ،-دەپ ۋارقىرى ئاندىن ھېلىقى سىېمىز بالىغا: rH9|JEz  
-باشقىلارنى يەنە بوزەك قىلامسەن!-،دەپ ۋارقىرىدى. ئۇنىڭ ئەلپازىنى كۆرۈپ ھەممە بالىلار پىتراپ قېچىپ كېتىشتى. ھېلىقى بالىمۇ ‹‹ئەمدى ئۇنداق قىلمايمەن، جان ئاكا مېنى قويىۋېتىڭ›› دەپ يالۋۇرۇشقا باشلىدى. ھەيران قالارلىق يېرى تۇردى قارى ئورنىدىن تۇرۇپ كىيىملىرىنى قاقتى ئاندىن ئوقتەك كېلىپ ھېلىقى سىمىز بالىنى بىرنى ئۇردى. لىتىپ ئىچىدە ‹‹بارىكاللا، داداڭدەك مۆرىمەس بولۇپ قالما›› دېدى ۋە يەنە سوقۇشقاق چۆجە خورازدەك ھۆرپىيىپ تۇرغان تۇردى قارىنى تۇتىۋېلىپ: 9#A{C!75(y  
-بولدى قىل، تەسلىم بولغان دۈشمەننى ئۇرمايمىز، ھۇ تەنتەك، مەن بىلەن ئۆيگە كىرەمسەن-،دېدى. تۇردى قارى لىتىپقا قاراپ بىردەم تۇرۇپ قالدى. ئاندىن ماقۇللۇق ئىشارىسى بىلدۈردى. ئۇنىڭ قىزىرىپ كەتكەن چىرايىدىن تېخىچە ئاچچىقىدىن يانمىغانلىقى بىلىنىپ تۇراتتى. \?Oa}&k$F8  
لىتىپ تۇردى قارىنىڭ قولىدىن تۇتۇپ ئاتا-ئانىسى ئولتۇرغان ئۆيگە باشلاپ ئەكىردى. ئۆي ئىچىدە داستىخان سېلىنغان بولۇپ، داستىخاندا يېڭىلا قازاندىن سۈزۈۋېلىنغان گۆشلەردىن ھور ئۆرلەپ تۇراتتى. c9TkIe  
-كەل بالام، چاقىرايلى دەپ تۇرغان، ۋاقتىدا كىرىپسەن،-دېدى ماختۇمخان ئاندىن لىتىپ يېتىلىۋالغان بالىنى كۆرۈپ،-ھوي كىمنىڭ بالىسى بۇ، ئەجەپ ئوماق بالىكىنا،-دېدى. z8MpE  
-سىلەرنىڭ بالاڭلار-،دېدى لىتىپ چىرايىنى ئۆزگەرتمەيلا. dIe 6:s  
ئابلەت باي بىلەن ماختۇمخان بىر-بىرىگە قاراپ تۇرۇپلا قالدى. z@40 g)R2A  
-ھەيران قېلىۋاتامسىلەر، مانا بۇ سىلەر بالاڭلار قاتارىدا كۆرمىگەن ئاكام روزى قارىنىڭ بالىسى تۇردى قارى. ئەمەلىيەتتە ئاكامنىڭ قانچىلىك ئولۇغ ئادەم ئىكەنلىكىنى سىلەر مەڭگۈ چۈشەنمەيسىلەر، سىلەرنىڭ قارىشىڭلاردا ئۇ بىر مالاي. بۇندىن كېيىن تۇردى قارى مۇشۇ ئۆيدە تۇرىدۇ. سىلەر باقىسىلەر، كۆيۈنۈپ، قەدرىگە يېتىپ باقىسىلەر. ئۇقتۇڭلارمۇ. باقمايمىز دېسەڭلار مانا مەن باقىمەن. "q#g/T  
لىتىپنىڭ سۆزىدىن ئابلەت باي گاڭگىراپ قالدى. ماختۇمخان بولسا لىككىدە ئورنىدىن تۇرۇپ بالىنىڭ يېنىغا كەلدى ۋە ئۇنى تەستە كۆتۈرۈپ قۇچىقىغا ئالدى. ئاندىن: p RfHbPV?  
-ئەقلىڭگە بارىكاللا لىتىپ بالام، بۇ تۇردى قارىنى مانا مەن جان دەپ باقىمەن. ئەمەلىيەتتە داداڭ ئىككىمىزمۇ ئاكاڭغا ئۆچ ئەمەس. كىچىكىدىن ئۇنى شۇنداق قوپال سىلكىپ كۆنۈپ قاپتىكەنمىز. ئەمما ئىچىمىزدە ئۇنىڭغا كۆيەتتۇق. ۋاي، بالام ھازىر قايەردە يۈرىدىغانسەن، نەلەردە خارلىق تارتىپ قالغانسەن.-،دەپ سۆزلىگەچ تۇردى قارىنى باغرىغا بېسىپ يىغلاشقا باشلىدى. <oG\)!O  
-مە، ماۋۇ گۆشنى يېگىن بالام،-ئابلەت بايمۇ چوڭ بىر پارچە گۆشنى تۇردى قارىنىڭ قولىغا تۇتقۇزدى. ئاندىن،-بىز باقايلى بالام، ئاكاڭنىڭ ئىشى يۈرىكىمىزنى مۇجىۋەتتى. مەن ھازىرلا بېرىپ ئالمىخانلارنىڭ ئاتا-ئانىسى بىلەن كۆرۈشۈپ بالىنى ئېلىپ كېلەي-دېدى شادلىق ياشلىرىنى ئېقىتىپ تۇرۇپ. PfMOc+ q  
-يەنە ئالمىخاننى ئۇ، بۇ دەپ ئەيىپلىگۇچى بولماڭلا، ئۇ سىلەردىن خېلىلا پاكىزە!-،لىتىپ شۇلارنى دەپ قويۇپ تۇرۇپلا قالغان ئاتا-ئانىسىغا قاراپ قويۇپ چىقىپ كەتتى... )fcpE,g'  
So0,)  
يېزىدىكى ‹‹رېستۇران›› دەپ ئاتىلىدىغان بۇ چوڭ ئاشخانىنىڭ ئايرىمخانىسىغا قاراپ كېتىۋاتقان لىتىپنىڭ يۈرىكى تىپچەكلەيتتى. بۆگۈن بىر دوستى ئۇنىڭغا، بۇخەلچەم كۆرىشەيلى، دەيدۇ دەپ ئورنى، ۋاقتىنى دەپ بەرگەندىن كېيىن لىتىپ قاتتىق ھەيران قالغانىدى. ئۇ نەچچە ۋاقىتتىن بېرى ئۆزىگە چىراي ئاچماي كېلىۋاتقان بۇخەلچەمنىڭ تويۇقسىز چاقىرىتىشىدىن ئەنسىرىگەن ھالدا بۆلمىگە كىرىپ كەلدى. بۆلمىدە بۈخەلچەم يالغۇز چاي ئىچىپ ئولتۇراتتى. لىتىپ زورىغا تەمكىنلىك بىلەن قىز بىلەن سالاملىشىپ ئۇنىڭ ئۇدۇلىدا ئولتۇردى. 7.=s1~p  
-سىزنى بۇ يەرگە چاقىرتىشىمدىن ھەيران قالدىڭىز-ھە،-دېدى بۇخەلچەم چاچلىرىنى تۈزەپ قويۇپ كۆلۈمسىرىگەن ھالدا. لىتىپ تەمتىرەپ: {hp@j#  
-توغرا، بىر ئاز ھەيران قالدىم-دېدى سەمىمىيلىك بىلەن. بۈخەلچەم چىرايلىق قوشۇملىرىغا سەل جىددى تۈس بەرگەن ھالدا: AI`1N%Owi  
-ئاغىنىڭىز ئاكىڭىزنىڭ ھېكايىسىنى ئېيتىپ بەردى. ئۇنىڭ ھېكايىسىغا قىزىقىپ قالدىم. يەنە سىزنىڭ قىلغانلىرىڭىزنى، ئاكىڭىزنىڭ بالىسىنى بېقىۋالغانلىقىڭىزنىمۇ ئاڭلىدىم. سىزدە شۇ قەدەر سەمىمى ئادىمىگەرچىلىك بولغان ئىكەن سىزگە ئىشەنمەي كىمگە ئىشىنەي. لېكىن ئۇلارنىڭ ھېكايىسىنى ئۆز ئاغزىڭىزدىن ئاڭلىغۇم بار-،دېدى. لىتىپ سەل ھاياجانلاندى. ئۆزىدە يېتىلگەن مۇھەببەت بىخلىرىنىڭ ئۆزىنى مۇنداقمۇ بىر ھەقىقىي ئادىمىيلىك قاينىمىغا ئېلىپ كىرىدىغانلىقىنى، ۋىسال ئىشىكىنى ئېچىشىغا ياردىمى بولىدىغانلىقىنى ئۇ ئويلىمىغان ئىدى. ئۇ دەرھال تاماق بۇيرۇتتى ۋە چاي ئىچكەچ بۇخەلچەمگە ئاكىسىنىڭ سەرگۈزەشتلىرىنى ناھايىتى تەسىرلىك قىلىپ سۆزلەپ بەردى. gl4f9Ff  
-ئۇلارنىڭ ھېكايىسى مېنى بەكلا تەسىرلەندۈردى. بولۇپمۇ ئاكىڭىزنىڭ ساداقىتى، ھەرقانداق خارلىققا قالسىمۇ، باشقىلارنىڭ ھاقارىتىگىمۇ پىسەنت قىلماي مۇھەببىتىنى پاكىزە ساقلىغانلىقى، يەنە ئالمىخاننىڭ شۇنچە جۈرئەتلىك ئىكەنلىكى. ھازىر ھەممە ئادەمنىڭ ئېغىزىدا شۇ گەپ. ئەمدى ئاكىڭىزنى تېپىپ ئۇ ئىككى ئاشىق-مەشۇقنى بۇ يەرگە ئەكىلىپ تېگىشلىك ئورنىغا ئېرىشتۈرىدىغان يەنە بىر ۋەزىپىڭىز بارغۇ، دەيمەن-،دېدى بۇخەلچەم لىتىپنىڭ سەمىمىي ئېيتقان ھېكايىسىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ياشلانغان كۆزلىرىنى سۈرتۈپ كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ. ?@7|Q/  
-ئەلۋەتتە شۇنداق قىلىشنى ئويلاۋاتىمەن. بىزنىڭ ئىشىمىزچۇ؟-،دېدى لىتىپ بۇخەلچەمنىڭ كۆزىنىڭ ئىچىگە قاراپ تۇرۇپ. بۇخەلچەم ۋىللىدە قىزاردى ئاندىن: ^.aEKr  
-سىز ۋەزىپىنى ئوڭۇشلۇق ئورۇنلاپ كەلگەندىن كېيىن ئويلىشىپ باقارمىز-،دېدى. (3HgI  
-ۋۇ شەيتان قىز، ئەمىسە گېپىمىز گەپ-ھە... F;l<>|vG  
8Y kH  
تارىمنىڭ يۈرىكىگە جايلاشقان بۇ قاقاس شورلۇق يەردە تەرلەپ-پىشىپ پاختا تېرىۋاتقان بولسىمۇ روزى قارى بىلەن ئالمىخان ئىككەيلەن بەكلا روھلۇق كۆرىنەتتى. روزى قارى بېشىنى كۆتۈرۈپ بېلىنى رۇستلىدى ۋە  بىردىن نېرىقى قاشتا ئۇلارغا قاراپ تۇرغان لىتىپنى كۆرۈپ چۆچۈپ كەتتى. ئاندىن دەرھاللا ئالمىخانغا: I.0Usa"z  
-قاراڭلا، لېتىپ كەپتۇ. ئەمدى قانداق قىلارمىز؟-،دېدى. ئالمىخان بېشىنى كۆتۈرۈپ قىرنىڭ بېشىدا ئۇلارغا قاراپ تۇرغان لىتىپنى كۆردى ۋە روزى قارىنىڭ قولىقىغا پىچىرلاپ: yH0ZSv  
-قورقماڭلا، بۇ دېگەن خەقنىڭ يېرى، ئۇ بىزنى ھېچنىمە قىلالمايدۇ-،دېدى ۋە ئۆزى ئالدىدا لىتىپنىڭ ئالدىغا قاراپ ماڭدى. ئەمما قىر بېشىغا بېرىپ كۆردىكى لتىپنىڭ چاناقلىرى لىققىدە ياشقا تولغانىدى. ئالمىخاننىڭ كەينىدە كېلىۋاتقان روزى قارى راستىنلا نېمە قىلارىنى بىلمەي قالغانىدى. كاللىسىدا پەقەت ‹‹لىتىپ ئالمىخاننى ئۇرۇپ قالسا قانداق قىلارمەن›› دېگەننىلا ئويلايتتى. شۇ چاغدا لىتىپ بىردىن: gG|1$  
-ئاكا!-،دەپ ۋارقىرىغىنىچە يۈگرەپ كېلىپ روزى قارىنى قۇچاقلاپ ھۆكىرەپ يىغلاپ كەتتى. بىرھازادىن كېيىن گاڭگىرىغىنىدىن نېمە قىلارىنى بېلەلمەي قالغان ئاكىسى ۋە ئالمىخانلارغا قاراپ: m(Xr5hw:6  
-ئالمىخان ئاچا، ئاكا، بورۇن سىلەرنىڭ قەدرىڭلارنى بىلمەپتىكەنمەن، سىلەر ئەسلى مۇھەببەت ئەھلى ئىكەنسىلەر، دۇنيادا پاك مۇھەببەتكە ئىگە ئادەمدىن ئولۇغ كىشى يوق. بۇندىن كېيىن سىلەرگە ھېچكىم ئازار بېرەلمەيدۇ، ھېچكىم سىلەرنى ئايرىۋېتەلمەيدۇ. قايتىپ كېتەيلى، دادام ئاناملارمۇ يولۇڭلارغا قاراپ تۇرىدۇ. تۇردى قارىمۇ بىزنىڭ ئۆيدە-،دېدى. بۇنى ئاڭلاپ روزى قارى بىلەن قۇرسىقى ئىككىلىك كۆتۈرۈلۈپ قالغان ئالمىخان بىر-بىرىگە قاراپ مەنىلىك كۈلۈشتى. بۇ ئۇلارنىڭ يۈرىكىدىن چىقىرىپ كۈلگەن ئەڭ شادىيانە كۈلكىسى ئىدى.... *" +cP!  
_z6u^#Si  
\^Q)`Lqp:g  
`SpS?mWA  
بۇ ھېكايە تۇرپان ژورنىلىدا ئېلان قىلىنغان.

arman2011-07-29 10:52
ئاخىرىنى  ئۇقۇپ،  قانداقتۇر  كۆزلىرىمگە   ياش  ئولاشقانلىقىنى  سەزمەيلا  قاپتىمەن...بۇ  قانداق  سىھرى-كۈچتۇر  ئەمدى؟؟؟ }A ^,y  
سەمىمىي  مۇھەببەت،  رىشتە،ئادىمىيلىككە  ئۆزگەرگەن ۋىجدان...قاتارلىقلار  ئەلۋەتتە  ئادەمنى  تەسىرلەندۈرمەي  قالمايدىكەن. h!]A(T\J  
تېتىملىق، ئېسىل  تىمىلىرىڭىزنى  يوللاپ  تۇرىشىڭىزنى  ئۈمىت  قىلىمەن.  يازغۇچى  دوستۇم  !!!     

fatima2011-07-29 18:49
تۇلىمۇ تەسىرلىك ئەسەركەن ئۇقۇپ تۈگەتكۈچە كۆز ياشلىرىمنى توختىتالماي قالدىم.پاك ، چىن مۇھەببەت ھامان ۋىسال تاپقۇسى.

ruhsar2011-07-29 19:05
  ھىكايىڭىزنىڭ ئاخىرى كۆڭلۈمدىكىدەكلا چىقىپتۇ، ئاخىرىنى ئۇقۇپ ئىختىيارسىز يىغلاپ تاشلاپتىمەن      بۇندىن كىيىنكى ئىجادىيىتىڭىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن

lukman2011-07-29 20:16
ھىكاينىڭ چىنلىقى تۇرمۇشقا بەك يىقىن بۇپتۇ...بۇنداق ئىشلاررىئاللىقتىمۇ  ئاز ئەمەس..بۇندىن كىيىنمۇ نادىر تىمىلىرىڭىز ئۇزۇلۇپ قالمىغاي

pakkalip2011-08-02 06:22
    

yawuzbilan2011-08-18 19:30
بۇ ياخشى تىما ئىكەن يەنە ياخشى تىمىلار بولسا يوللاپ تۇرشىڭىزنى ئۈمۈت قىلىمەن . $.Ni'U  
كېيىن كۈرشەيلى ! S5JnJkNn  
  

qoqas2011-10-03 22:18
ساقلىۋېلىپ كىيىن ئۇقۇي  ئاغىنەمنىڭ يازغان ھىكايسى ئىكەن


رەسىمسىز مۇنازىرە: [-- ئابدۇلھەمىد ياسىن (مۇھەببەتنىڭ تىنىقى) ھېكايە --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.5 Code © 2003-08 Guldiyar
Time 0.021899 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us