رەسىمسىز مۇنازىرە: [-- ئابدۇلھەمىد ياسىن- جىگدىلەر چېچەكلىگەندە (ھېكايە) --]

ئانا تۇپراق مۇنبىرى -> پروزا باغچىسى -> ئابدۇلھەمىد ياسىن- جىگدىلەر چېچەكلىگەندە (ھېكايە) [بېسىپ چىقىرىش] كىرىش -> ئەزا بولۇش -> ئىنكاس يوللاش -> تېما يوللاش

abdulhemidyasin2011-07-24 15:04
yL-L2  
,,gYU_V  
جىگدىلەر چېچەكلىگەندە
  t1S~~FLE  
                                                                   (ھېكايە) 
<ZEA&:p  
ئابدۇلھەمىد ياسىن
   d\M!o*U  
%b9M\  
سەھرانىڭ ھاۋاسى ئادەملىرىنىڭ قەلبىدەكلا ساپ، تۇپرىقى كىشىلىرىنىڭ جاسارىتىدەكلا ھىممەتلىك. مانا ئاق ئۆستەڭ كەنتىدە نەچچە يىلدىن بېرى بىزنىڭكىگە ئوخشاش پىتلىنىپ قالغان ئائىلىلەر خېلى ئاۋۇپ قالدى. گەرچە ھازىر ئاسمانغا بوي سوزغان قاپاقتېرەك، قارا تېرەك، ئاق سەگۈ، قارا سەگۈ، جىگدە دەرەخلىرىنى كېسىپ قانداقتۇ، ھويلا- ئارام ئىگىلىكىنى گۈللەندۈرىمىز دەپ مەھەللىنىڭ پەيكارىنى ئۇچۇرۇپ تاز چىراي قىلىۋېتىشكەن بولسىمۇ، مەھەللە كونا يولىغا يېڭىدىن ئېلىنغان ئاسفالت يول، يول ياقىسىغا ئورنىتىلغان سىمونت تۈۋرۈكلۈك ستولبىلار مەھەللىنىڭ قىياپىتىگە بۆلەكچە ھۆسن قوشقان، يەنە يول ياقىسىغا قاتار سېلىنغان قارا تېرەك نوتىلىرى، ئىلگىرىكى نوچى ئۆسكەن بوۋىلىرىمىزغا تىزلا يېتىشىۋالىمىزغۇ، دېگەندەك ئالدىراپ كۆككە بوي سوزۇشماقتا. #4>F%_  
&@+; ]t  
مەھەللىدە ئۆزگىرىش شۇنچە كۆپ، كىشىلەرنىڭ قەلبىدىمۇ. +L6d$+  
;Lu|fQ#u*  
بۆگۈن كېچە ئىككى ياش تەمبەت ئۇيقۇغا كۆز يۇمۇپ باقمىدى. ئۇنىڭ بىر دەل مەن. ھەئە، كېچە قەتئىي كىرپىك قاقمىدىم، ئۇخلىمىغانلارنىڭ يەنە بىرى ئۇ، سارەم بولسا كېرەك. بۆگۈن بىزنىڭ تويىمىز بولغىنى ئۈچۈنمۇ؟ ياق، ئەسلى توي كېچىسى دېگەن خوشاللىقنىڭ، يىگىتلىك پەيزىنى سۈرۈپ، قىزلىق لاتاپىتىنى نامايەن قىلىدىغان، شىرىن دەملەر ئىچىدە ئادەم قانداق ئۇخلاپ قالغىنىنىمۇ سەزمەيدىغان، ئۆمرىدە ئەڭ ئۇنتۇلغۇسىز كېچە بولغان بولاتتى. ئەمما شۇ تاپتا بۇ كېچە مەن ئۈچۈنمۇ ئۇنىڭ ئۈچۈنمۇ بەكلا ئازابلىق بىر كېچە بولدى. ياسىداق ھوجرىغا ئىككى ئورۇن سېلىنغان، بىر ئورۇن ئۆينىڭ غەرپ تەرىپىگە يېقىن قىلىپ، يەنە بىرى شەرق تەرىپىگە يېقىن قىلىپ. قەلبلەرمۇ ئىككى قۇتۇب. ھەئە، ماۋۇ شەرق تەرەپتىكى ئورۇندا ياتقان ئابلەت ئىسىملىك يىگىت، تازا قۇرامىغا يەتكەن ئەركەك دەل مەن بولىمەن. كېچىدىن بېرى پەقەت خىياللا سۈردۈم. گاھ ئۆزۈمنى ئەيىبلىدىم، گاھى ئۆزۈمگە ئۆزۈم تەسەللى بېرىپ ئۆزۈمنى بەزلىدىم. ئۆينىڭ ئاۋۇ بۈرجىكىدە بولسىمۇ بىر ئۆيدە باشقا بىر جىنىس بىلەن بىرگە يېتىۋاتقىنىم ئۈچۈن ۋۇجۇدۇم قىزىشىپ، نەپىسىم ئىتتىكلەپ كېتەتتى، ئەلەم بىلەن ئاچچىق تولغىناتتىم. بۇنداق قىينالغۇچە نەچچە يۇمىلاپ يېنىغىلا بارماي ئەخمەق، دېدىڭىزما؟ ئالدىرىماي تۇرمامسىز، مەنمۇ تازا بىجىرىم ئەركەك، ئەمما... =_Rd0,  
<*P1Sd.  
بۇ ئاق ئۆستەڭ كەنتى ئەنئەنە چوڭقۇر يىلتىز تارتقان، ئاقساقاللارنىڭ گېپىنى ھېچكىم يىرىمايدىغان، چوڭلارنىڭ، پىشقەدەملەرنىڭ گېپىنى گەپ قىلىدىغان كەنت ئىدى. كىمدىكى چوڭلارنىڭ كۆڭلىنى چىگىدىغان ئىشنى قىلىپ قويىدىكەن، كەنتتە شۇ ئادەم ئېتىباردىن، ھۆرمەت ئىناۋەتتىن بىراقلا چۈشۈپ كېتەتتى. شۇڭلاشقىمۇ  باي ، نامرات بولىشىدىن قەتئى نەزەر ئائىلىسىدە مونەكشىپ قالغان قېرى بوۋاي، مومىيى بار ئائىلىلەر ئالاھىدە ئابرويلۇق، گېپى ئۆتكۈن، نوپۇزلۇق ئائىلە سانىلاتتى. قېرىلارغا كۆڭۈل بۆلۈش، ئۇلارنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئېلىش، كۆكلەشنىڭ ، ئەۋلادلىرىنىڭ گۈللەپ – ياشنىشىنىڭ ئالامەتلىرىدىن ھېسابلىناتتى. قېرىلارنى خورلايدىغان ئىش، ئۇلارغا كۆڭۈل بولمەيدىغان ئىشنىڭ بولىشى تەسەۋۋۇرغىمۇ سىغمايتتى. يۈز ياشتىن ھالقىغانلارنىڭ ماڭدامدا بىر ئۇچراپ تۇرىشى مانا دەل شۇنداق ئەقىدە ئىخلاسنىڭ مەھسۇلى دېسەك خاتا بولمايدۇ- ئەلۋەتتە. يېقىندا ھۆكۈمەتمۇ تەتقىقات گۇرۇپپىسى ئەۋەتىپ، بىزنىڭ مەھەللىنى ئۆمۈر چولپانلىرى ئەڭ جىق دەپ يۈزدىن ھالقىغان بوۋاي، مومايلارنى يىغىپ ئۇلارنىڭ تۇرمۇش، غىزالىنىش ئادىتى قاتارلىقلارنى سوراپ بىر نېمىلەرنى يازدى، قېرىلارغا موكاپات بۇيۇملىرىنى تارقاتتى. ئۇلار شۇنىلا تەكشۈردى. ئەمەلىيەتتە بۇ كەنتتە قېرىلارنىڭ گېپىنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە ئۆتىدىغانلىقىنى، قېرىلارغا كۆڭۈل بۆلۈشنى بۇلارنىڭ قانچىلىك پەخىر ھېسابلايدىغىنىنى تەكشۈرمىدى، شۇڭا ئوزۇقلىنىش ئادىتىنى مىڭ تەكشۈرگەن بىلەن ئوزۇن ئۆمۈر كۆرۈشنىڭ سىرلىرىنى بىلەلىشى مۈمكىن ئەمەس ئىدى. توغرا ، ئۇلار قېرىلارنىڭ ئۆگۈتلىرىگە ئەڭ قولاق سالىدىغانلاردىن ئىدى. <<ئاقساقالسىز يۇرتتا تۇرما>> <<قېرىسىز يۇرت قارغىشلىق يۇرت>> مانا بۇ ئۇلارنىڭ پەلىسەپىسى. شۇڭلاشقىمۇ ئاق ئۆستەڭ دېسە ئىناقلىق، قۇۋناقلىق ئىچىدە گۈللەپ ياشناۋاتقان بىر گۈلزارلىق كىشىنىڭ كۆز ئالدىدا نامايەن بولغاندەك بېلىنەتتى. `u-Y 5mY  
vNIQc "\-  
بىزنىڭ ئائىلىمىزمۇ بىر تەۋەررۈك بوۋىمىزنىڭ بارلىقى بىلەن ئالاھىدە ئىناۋەت، ھۆرمەت تاپقان ئائىلە سانىلاتتى. داۋۇت  سوپى ئىسىملىك، مەھەللىدىكى قېرىلارنىڭ دىلكىشى، ھەركىمگە توغرا نەسىھەت قىلىپ يۈز تاپقان، بۇ بوۋامنىڭ تېمەنلىكى ئەقلىنىڭ تازا، يۈزلىرىنىڭ بوۋاقنىڭ يۈزىدەك قىزىرىپ تۇرىدىغان، قەدەملىرى دەمبەس، ئىش- ئەمگەك قىلمىسا پۇت- قولى قىمشىپ تۇرالمايدىغانلىقىغا قاراپ ئۇنى يەتمىش- سەكسەنلەردە بارمىكى دەپ گۇمان قىلماڭ، ياش ھېسابلىغاندا ئۇنىڭ يېشى بىردە 108 بىردە 107 چىقاتتى. ئاتمىشلاردىن ھالقىغان داداممۇ تېخى ئەللىك ياشلىق بەردەم ئەرلەردەك، ئوغۇللىرى كېلىنلىرىمۇ شۇنداق جۇشقۇن ، ھاياتى كۈچكە تولغان بىر ئائىلە ئىدى. ^E^:=Q?'_  
_[W=1bGJ  
داۋۇت سوپى بوۋام كەڭرى يەكتىكىنى كېيىپ، ئاق چۈنچە بۆكىنى بېشىغا قوندۇرىۋېلىپ، پارقىراپ تۇرىدىغان قونچىلىق ئۆتىكىنى غىرىسلىتىپ مەھەللىدىن ئۆتىدىغان بولسا ھەممىسى ھۆرمەت بىلەن بېشىنى ئېگىپ چوڭقۇر سالام قىلىشاتتى. ئۆيلىرىگە تەكلىپ قىلىپ، كىرىپ قالغۇدەك بولسا بېشى ئاسمانغا تاقاشقىدەك خوشال بولۇپ مېھمان قىلاتتى. ئېتىز ئىشىنىڭ قاتىلاڭ مەزگىلى كۆينەكچان بولىۋېلىپ كەتمەننى قولىغا ئېلىۋېلىشلىرى تېخى! .PgkHb=l@  
UpILr\3U  
مەن- ئابلەت مانا مۇشۇ ئىناق ئىجىل ئائىلىنىڭ كەنجى ئوغلى. بوي بەستىم ئۆسكىلەڭ، قاش- كۆزلىرىم چىرايلىق، بۇنداق دېسەم بىرىنچى ئەخمەقكەن، ئۆزىنى ماختاۋاتىدۇ دەپ قالماڭ، مەنمۇ ئۆزەمنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە تېگىشلىك يەرلىرىمنى ئېيتىشقا ھەققىم بار. ئەمما مېنىڭ بىر ئەيىبىم بار. ئۇ بولسىمۇ مەن تۇغما كېكەچ. شۇقەدەر قاملاشقان سۇبات، سۈزۈك، ئاق چىراينى بەرگەن ئىگىسى مېنى تىلدىن قىسقان ئىدى. گەپ قىلسام تولۇق كېكەچلەيتتىم. چىرايىمغا، قاپقارا قاشلىرىم ئاستىدىكى قوي كۆزلەرنىڭ چاقنىشىغا، سۈزۈك يۈزلىرىمگە خۇيمۇ ياراشقان مايسا بۇرۇتلىرىمغا قاراپ مېنى بۇنداق ئەيىبى بار دەپ خىيالىڭىزغا كەلمەيدۇ. ئەمما گەپ قىلسام، دېمىمنى ئىچىگە يۇتۇپ گەپنى نەچچە تەكرارلاپ، نەچچە دۇدۇقلاپ بولۇپ ئاندىن ناھايىتى تەستە چىقارغىنىمغا قاراپ ئىختىيارسىز توۋا، دەپ قالىسىز. گاھى دېمىم بىر ئىچىمگە چۈشۈپ كەتسە نەچچە توتوتلىساممۇ ئىچىمدىن گەپ چىققىلى ئۇنىمايدۇ. ئېغىزىمدىن شۇ گەپ چىقىپ بولغىچە ماڭا قاراپ تۇرغان سەۋرىسىز كىشىلەر ئۆرۈلۈپلا كېتىپ قالىدۇ. مەن ئىلگىرى مۇشۇ ئەيىبىم بىلەن ئۆزۈمنى باشقىلاردىن تۆۋەن كۆرەتتىم. بالىلىقىمدا مەكتەپتە، يولدا، مەھەللىدە، قوي باقىدىغان شورلۇقتا ھەممە بالىلار مەندەك «گاچا»نى مەسخىرە قىلاتتى. مېنىڭ كېكەچلىكىمنى دوراپ راسا كۈلەتتى. بۇ ماڭا شۇنداق ئەلەم بولاتتىكى گاھى ئىختىيارسىز يىغلاپ كېتەتتىم. توۋا، سېرىق تۈك ماڭقىلار راۋرۇس گەپ قىلالايدىكەن، مەن نېمىشقا گەپ قىلالمايدىغاندىمەن، دېگەننى ئويلىسام ئىچىم سىيرىلىپ كېتەتتى. rGs> {-T3  
$)3/N&GXR  
مەن بىر ئىشنى ئۇنتۇمايمەن، توغرا ، ئۇنتۇيالمايمەن. تولۇقسىزنىڭ ئاخىرقى يىلى. بىركۈنى سىنىپتىكى بالىلار مېنى دوراشتا بەسلىشىپ بەكلا ھەددىدىن ئاشتى. ئۈنلۈك ھالدا دېمىنى ئىچىگە تارتىشىپ، مېنى دوراپ گەپنى سىرتىغا چىقارماي، نەچچە كېكەچلەپ، چىراينى نەچچە ياڭزا قىلىشىپ، بەس- بەس بىلەن دوراپ چۇقىرىشىپ سىنىپنى بېشىغا كىيدى. بىر چاغدا ئۆگىنىش باشلىقى سارەم، ھازىرقى ھوجرىنىڭ يەنە بىر قۇتۇبىدا ياتقان قىز ۋارقىراپ ھەممىنى جىملىدىيۇ، مەن ئەلەمگە چىدىماي ھۆكىرەپ يىغلىغىنىمچە سىنىپنىڭ ئارقىسىغا ئۆتۈپ كەتتىم. سىنىپنىڭ سوغۇق تېمىغا يۆلىنىپ ئۆكسۈپ يىغلاۋاتقىنىمدا يەنە مېنىڭ كۆز ياشلىرىمنى ئىسسىق بىر قول سۈرتتى. بۇ دەل ئەنە ئاۋۇ يەردە يەلكىسىنى سىلكىتىپ يىغلاپ ياتقان كېلىن، ئەينى چاغدىكى ئۆگىنىش باشلىقىمىز سارەمنىڭ قولى ئىدى. ئۇ يەنە شۇ چاغدا <<بۇ سېنىڭ ئەيىبىڭمىتى، يىغلىما، قەددىڭنى تىك تۇت، ئوغۇل بالىدەك بول>> دەپ بەزلىگەنىدى. بالىلىقىمدىكى بۇنداق ئەسلىمىلەر ناھايىتى كۆپ. شۇنداق، شۇندىن بويان سىنىپتا كىمدە كىم مېنى دورىسا ياكى بوزەك قىلغۇدەك بولسا سارەم شۇنى تىللاپ پۇسكايتىۋېتەتتى. سارەمنىڭ بۇ ياردەملىرى مېنىڭ قەلبىمنى ئىسسىق قىلىپ قويدى.  سارەم بەك ئىچى كۈچلۈك، ھازىر جاۋاب قىز بولغاچقا سىنىپتىكى كەپسىزلەرنىڭ ئۇنى ماڭا چاپلاپ قىلغان چاقچاقلىرىغىمۇ لايىقىدا جاۋاب قايتۇرۇپ ئۆزىگە قىلچە گەپ كەلتۈرمەيتتى. gE1".qC  
.JE7vPv%!  
بىز تولۇقسىزنى پۈتتۈرگەن يىلى مېنى ۋە سارەمنى ناھىيىدىكى كەسپىي تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە تىزىملاپ قويۇپتۇ. سارەمنى دەرىستە ياخشى، توپىغا كۆمۈلۈپ قالمىسۇن، مېنى مېيىپ، ھۆنەر ئىگەللىسۇن دەپ. شۇندىن كېيىن سارەم ھەر دۈشەنبە ئەتىگەندە مەھەللىنىڭ بېشىدىكى ئۆستەڭ بۇيىدا ياغاچ كۆۋرۈككە يۆلىنىپ مېنى ساقلايدىغان بولدى. مەن دادام چىشىنى چىشىغا چىشلەپ ئېلىپ بەرگەن پارقىراق ۋەلىسپىتىمنى مېنىپ كۆۋرۈك بېشىغا كېلەتتىمدە، سارەمنى مىنگەشتۈرۈپ قومۇشلۇقلار ئارىسىدىكى تاشتەك قېتىپ كەتكەن مەھەللىنىڭ شورلۇق يولىدا ناھىيە تامان يۈرۈپ كېتەتتۇق. ئۇ چاغدىكى پاراڭلىرىمىز ھەمىشە كەسپىمىز ھەققىدە بولاتتى. مەن ئاشپەزلىك، ئۇ دوختۇرلۇق. راستىنى دېگەندە سېستىرالىق. كېيىنچە ئۆيدىكىلەر، ئاشپەزلىك دېگەننى ئايال كىشى قىلمامدۇ، سەنمۇ دوختۇرلۇقنى ئۆگەن، دەپ تولا بېشىمنى ئاغرىتقاچقا، ئىچىمدىكىنى دىسەم سارەمگە كۆنۈپ قالغاچقا ھەدەپ مۇئەللىملەرنىڭ بېشىنى ئاغرىتىپ يۈرۈپ مەنمۇ دوختۇرلۇققا چىقىۋالدىم. سارەم بەكلا تىرىشچان بولۇپ، بىمارلارغا ئوكۇل ئۇرۇشتىن تارتىپ دورىلارنى تونۇش، ئوكۇللارنى تەڭشەشقىچە تىزلا ئۆگۈنۈپ بولدى. مەنمۇ يامان  ئەمەس ئۆگەندىميۇ سارەمگە يېتىشەلمەيتتىم. بىز ئاندا ساندا نەزەرىيە سۆزلەپ قويۇپ قالغان ۋاقىتتا مەكتەپ ئىگىلىكىدە ئاچقان دوختۇرخانىدا چېپىپ يۈرۈپ ئىشلەيتتۇق.  سارەمنى بەكلا ھۆرمەيتلەيتتىم. سارەممۇ مېنى ئايايتتى. بىز خۇددى مېھرىبان ھەدە بىلەن تارتىنچاق ئىنىگە ئوخشايتتۇق. بىزلەرنىڭ بۇ بىر يىللىق ئوقۇشىمىز تۆگىمەي تۇرۇپلا بىزنىڭ ئۆيدىكىلەر سارەمگە چاي ئەكىردى. ياق، ماڭا ئەمەس كەنتنىڭ تىراكتورىنى ھايدەيدىغان ئاكامغا دەپ چاي ئەكىرگەنىدى. باياتىن مەن بىلەن بىر ھوجرىدا ياتقىنىڭنى دەۋەتاتتىڭغۇ دەمسىز، ھاي، ئوقۇرمەن دېگەن سەۋرىچان بولىدىغان، ئۆپكىڭىزنى بېسىپ ئاخىرىغا قولاق سالمامسىز. شۇنداق قىلىپ سارەم يەڭگەم بولىدىغان بولدى. ئۇنىڭ تىرىشچانلىقى، ئەخلاقلىقلىقى مېنى ھەقىقەتەن قايىل قىلاتتى. ئەمدى بىزنىڭ ئۆيگە كىرمەكچى بولغىنىدىن راستىنلا شادلاندىم. ئوقۇشمۇ ئوزۇنغا قالماي تۆگىدى. ئۆيدىكىلەر ئۆگەنگەننى يەپ بولمىغىن دەپ ماڭا كىچىك بىر شىپاخانا ئېچىپ بەردى. بۇ يېقىن ئەتراپتا بۇنداق شىپاخانا بولمىغاچقا، كەنت دوقمۇشىدىكى ئىككى ئېغىزلىق شىپاخانامغا ھەدىگەندىلا خېرىدارلار كۆنۈپ كەتتى. تويدىن كېيىن سارەممۇ كېلىپ شىپاخانامدا ئىشلەشكە باشلىدى. ھە راست، ئاكام ئابدۇللا بىلەن سارەم توي قىلىپ ھە دېگەندىلا ئامراق ئەر- خوتۇنلاردىن بولۇپ كەتتى. سارەم بەكلا ئوڭلۇق بولغاچقا، ئۆي ئىشلىرىغا پىششىق چىقتى. ئوزۇن يىل ئۆي تۇتقان ئا   يالدەك ھەممىنى جايى- جايىدا ئورۇنلاشتۇرۇپ، چوڭ ئۆينى گۈلدەك قىلىۋەتتى. بىكار بولسىلا شىپاخانامغا كېلىپ ئايال بىمارلارنىڭ كىسىلىنى كۆرۈپ ئوزۇن ئۆتمەيلا داڭقى چىقىپ كەتتى. بۇ ئاياللار كېسىلى ھەدەپ كۆپىيىۋاتقان ۋاقت بولغاچقا، ئۇنىڭ ئۈستىگە سارەم ئوقۇغاندىمۇ شۇ ھەقتە كۆپرەك ئىزدەنگەن بولغاچقا زادى مۇشۇ ئاياللار كېسىلىنى داۋالاشتا ئېپى بار ئىدى. داۋۇت سوپى بوۋاممۇ، بۇ كېلىنىمنى خودايىم بەردى. نەۋرەم ئابدۇللانىڭ پىشانىسى ئوڭ، مۇشۇ نەۋرەم بىزنىڭ ئۆيگە كىرگەندىن بېرى ئۆيىمىز باشقىچە چىرايلىق بولۇپ كەتتى، دەپ سارەمنى توختىماي ماختايتتى. شىپاخانىنىڭ بىر ئېغىزىدا دورىلار بولسىمۇ كەلگەنلەرنىڭ كۆپلىكىدە كارۋات قويۇلغان ئۆي يېتىشمەي، دورا قويۇلغان دۇكاندىمۇ ئۇكۇل ئۇردۇرىدىغانلار كۆپ ئىدى. ئەمدى بۇ تىنىم تاپماس يەڭگەم ماڭا ھەمىشە بىر گەپنى دەيدىغان بولىۋالدى. ئۇ بولسىمۇ، ئابلەت، سەن ئوقۇساڭ بولاتتى. مەنغۇ ئەمدى ئوقۇيالمايمەن، سەن بولساڭمۇ چوڭراق يەردە سىستىمىلىق تىببىي ئىلىم تەربىيسى ئالساڭ ياخشى بولاتتى، دەيدىغان بولىۋالدى. ئۇ مۇشۇ گەپنى ئارا كۈندە ئالتە قېتىم تەكرارلاۋېرىپ مېنىڭمۇ ئوقۇش قىزغىنلىقىمنى قوزغاپ قويدى. ئۆيدىكىلەرگە دەپ مەن ئاقتۇرالمىغان گەپنى ئۇ بىردەمدىلا ئاقتۇراتتى. داداممۇ، ئاپاممۇ ئەمدى بۇنى ئۆيلەيمىز دەپ ئۇنىمىسا داۋۇت سوپى بوۋامنى بىردەمدىلا قايىل قىلىپ قويۇپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بوۋام دادامغا، بالا ئوقۇسۇن، چالا دوختۇر ئادەم ئۆلتۈرەر دەپتىكەن، ھازىر ئوقۇمىغان ئادەمنىڭ كۆزى كور، سارەمخان بالام ئوقۇش چىقىمى مەندىن دەپ، ئابلەت بالامنى ئوقۇتۇشقا شۇنچە كۈچ چىقىرىۋاتقان ، تىرىشىۋاتقان يەردە بىز تاش چىشلەپ تۇرىۋالمايلى، بوۋامنىڭ گېپىنى ئۆيدىكىلەر يىرالىسۇنمۇ، شۇنداق قىلىپ شىنجاڭ تىببىي ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ چوڭلار مائارىپ بويىچە تەربىيلەيدىغان ئىككى يىللىق كۇرسىغا تىزىملىنىپ، مۇنتىزىم ئوقۇش پۇرسىتىگە ئېرىشتىم. ئۆيدىكىلەر خوشال ئۇزىتىپ قېلىشتى. ئاشۇ يەڭگەم ئايمۇ- ئاي خەرجىمنى كەم قىلماي چىقارتىپ تۇردى. ھەتتا كۆپرەك ئۆگەن دەپ نەسىھەت قىلىش بىلەن بىرگە ماتېرىيال ئالارسەن دەپ ئارتۇق پۇل سالاتتى. مەنمۇ ئۆيدىكىلەردىن شىپاخانىنىڭ بەكلا روناق تېپىپ كەتكىنىنى، سارەمنىڭ قايتىدىن يەنە تۆت ئېغىز ئۆي سېلىپ، تۆت- بەش شاگىرت قوبۇل قىلغىنىنى، ھازىر بىزنىڭ يېزىدىنلا ئەمەس، بەشقا يېزىلاردىنمۇ تۈركۈملەپ ئاياللارنىڭ كېلىپ داۋالىنىپ كېتىدىغانلىقىنى، خىراجىتىنىڭمۇ يامان ئەمەسلىكىنى دەپ بېرەتتى. ئارىدا يەنە سارەمنىڭ بىر ئوغۇل تۇغقانلىقىنىمۇ ئېيتىپ بېرىشتى. ئاكامنىڭ بۇ ئوغلىنى يىراق شەھەردە تۇرۇپ غايىبانە مۇبارەكلىدىم. ئۆگۈنۈش بېسىمىم ئېغىر بولغاچقا، كۆپ ھاللاردا كۈنلىرىم كىتاب ئىچىدىلا ئۆتەتتى. ئەسلىدىمۇ خەنزۇچىدا ئاجىز بولغان مەن ئەمدى باشقىلاردىن ئىككى ھەسسە ئارتۇق تىرىشىشقا توغرا كەلدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە كېكەچلىكىمنى بىلىسىلەر، دەرىسخانىدا قول كۆتۈرۈپ راۋان جاۋاب بېرىشكە جۈرئەت قىلالمايتتىم. ئىمتىھاندا يوقىرى نومۇر ئالاتتىميۇ، دەرىسخانىدا جىمغۇر ئىدىم. كېكەچلىكىمنى ھەممەيلەن بىلسىمۇ مىجەزىم ئوڭلۇق، ئارتۇق قىلىقىم يوق، ھەممىگە يېقىشلىق مۇئامىلە قىلغاچقىمۇ ياكى چوڭ شەھەر دېگەن شۇنداق بولامدۇ، ھازىرغىچە ھېچكىم مېنى بورۇنقىدەك كېكەچ دەپ زاڭلىق قىلمىدى. راستىنى دېمىسەم بولمايدۇ. شۇ مەزگىلدە خوشنا ناھىيىلىك بىر قىز بىلەن ئارىمىزدا ئىسسىق ئۆتۈشۈپ قالدى. مىھرىنىسا ئىسىملىك بۇ قىز تولىمۇ چىرايلىق بولۇپ، خىيالىمدا ھەمىشە ئۇنى بۇرۇنقى ساۋاقدىشىم، ھازىرقى يەڭگەم سارەم بىلەن سېلىشتۇراتتىم. سارەم بۇغداي ئۆڭ، تەبىئىي چىرايلىق، ياغلىق ئارتىپ يۈرىدىغان، ھەممىگە خۇش مۇئامىلە قىلىدىغان قىز، <<ھازىر چىرايلىق ھەم مېھرىبان ئانا>> ئىدى. مىھرىنىسا بولسا بۇلۇق چاچلىرىنى قويىۋەتكەن، تولىمۇ خىجىلچان، ئاق يۈزلىرى دەممۇ- دەم قىزىرىپ تۇرىدىغان قىز ئىدى. بىز دائىم بىللە ئۆگىنىش قىلىپ يۈرگەچكە ئاخىرى يەنە دائىم بىللە ئۆگىنىش قىلمىساق بولمايدىغان يەرگە يېتىپ قالغان ئىدۇق. ئۆگىنىش قىلىدىغان قارا ياغاچ تۈۋىگە كېچىكىپ كەلسەم كۆزلىرى نېمىنىدۇر ئىزدەيتتى، كەلگىنىمنى كۆرگەندە بولسا كۆزلىرى نۇرلىنىپ كېتەتتى. شۇنداق قىلىپ ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان ئاخىرقى مەۋسۇم بىر خوشاللىق يەنە بىر ئېغىر قايغۇ ھاياتىمغا چوڭ تەسىر كۆرسەتتى. خوشاللىق مەن مېھرىنىساغا بىز بىللە ئۆگىنىۋېتىپ مۇھەببىتىمنى ئىزھار قىلدىم. ھەيرانمەن، ھەردائىم كېكەچلەيدىغان تىلىم شۇ چاغدا <<سىزنى ياخشى كۆرىمەن، مېھرىڭىزگە نائىل بولالارمەنمۇ مېھرىنىسا>> دېگەن گەپنى ھېچ كېكەچلىمەي دېگەن ئىدىم. كېيىن ئويلىسام ئۇنىڭغا كىتاپ ئىچىگە قاراپ تۇرۇپ خۇددى كىتابتىن ئوقۇپ بېرىۋاتقاندەك دىگەن شۇ گەپلىرىمنى زادى كېكەچلىمەي تۇرۇپ دەپتىمەن. ئۇ بۇ گېپىمنى ئاڭلاپ بەكلا جىمىپ كەتتى. گەپ- سۆزسىز تۇرۇپ كېتىپ، بىردىنلا كىتابنى يۈزىگە ياپقىنىچە ياتىقىغا كىرىپ كەتتى. ئەتىسى ئۇنىڭدىن بىر پارچە خەتنى تاپشۇرىۋالدىم. خەتتە، ماڭا چاي ئىچۈرىلىپ بولغان، لېكىن مەنمۇ سىزنى ياخشى كۆرىمەن، ھەتتا ئۆلگىدەك ياخشى كۆرىمەن، سىزسىز تۇرمۇشنى تەسەۋۋۇر قىلالمايمەن. بىز ئاجىزكەنمىز قانداق قىلىمەن، دەپتۇ. مەن ئۇنىڭ خېتىنى ئوقۇپ بىر نەچچە كۈن ساراڭدەك بولۇپ قالدىم. ئاخىرى ئىككىلىمىز بىر- بىرسىمىزنى ياخشى كۆرىدىغان بولغاندىن كېيىن نېمىشقا تىرىشمايمىز، مەنمۇ بىجىرىم بىر ئەركەكقۇ، كىچىككىنە قۇشقاچ جېنىدا ئەركى، مۇھەببىتى ئۈچۈن قۇربان بېرەلەيدىغۇ، دېگەننى ئويلاپ ئۇنىڭغا جاۋاب خەت يازدىم، خېتىمدە ئويلىغانلىرىمنى، ئىرادەمنى سەمىمىيلىك بىلەن ئىپادىلىدىم. ئەتىسى ئۇ ئۆگىنىش قىلىدىغان يەرگە قوياشتەك پارلاپ خۇشال ھالدا چىقىپ كەلدى ۋە ئۆزىنىڭمۇ جاسارەتكە تولغانلىقىنى ئۇياتچانلىق بىلەن ئېيتىپ بەردى. شۇنىڭ بىلەن كۆڭلۈم تاغدەك ئۆسۈپ تۇرغان شۇ پەيتلەردە، شۇم خەۋەر يېتىپ كەلدى. ئاكام ئابدۇللا قاتناش ھادىسىسىدە تۈگەپ كېتىپتۇ!. دەرھال خىيالىمغا ئاكامغا قەۋەتلا ئامراق بولغان ئانام، ئۇنىڭ تېخى دادىسىنىڭ كىملىكىنى بىلىپ ئۈلگۈرمىگەن ئوغلى، يەنە ھەر دائىم مەن تەرەپتە تۇرۇپ، مېنى قوللاپ كېلىۋاتقان، بىر قوللۇق ئۆزى ئوقۇتۇۋاتقان يەڭگەم سارەم كەلدى. بولۇپمۇ ئانام ئاكامغا بەك ئامراق ئىدى. سارەمنىڭمۇ قانداق بولۇپ كېتىۋاتقىنىنى ئويلىسام ئىچىم سىيرىلاتتى. يوۋاش، كېچە- كۈندۈز كەنت تىراكتۇرىنىڭ جاپاسىدىن ئاجرىيالمايدىغان ئاكامنىڭ ئاخىرى ئاشۇ تىراكتۇرىنى دەپ  ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئويلىسام ئىچىم ئاچچىق بولاتتى. نە ئامال، قايتاي دېسەم ئىمتاھان يېقىنلاپ قېلىۋاتقان، قايتماي دېسەم جان- جىگەر قېرىندىشىم ئۇزاۋاتقان، ئاخىرى ئۆيدىكىلەرنىڭ، بولدى قايتمىغىن، ئۆتكەن ئىش كەتتى، ئۆلگەننىڭ كەينىدىن ئۆلگىلى بولمايدۇ. ئىمتاھانىڭنى ياخشى بېرىپ ئوقۇشۇڭنى غەلبىلىك ئاخىرلاشتۇر. دېگەن جۇرۇقىنى تاپشۇرىۋالدىم. بۇ ئەلۋەتتە يەنە ئەقىللىق يەڭگەمنىڭ كۆرسەتمىسى دەپ ئويلىدىم ئىچىمدە. مىھرىنىسامۇ قارىلىق كىيىمى كېيىپ، قايغۇمغا قايغۇ بولۇپ، ماڭا غايەت زور مەدەت ۋە ئىلھام بەردى. شۇنداق قىلىپ ئوقۇشمۇ تۆگىدى. مىھرىنىسا بىلەن بىر- بىرسىمىزگە تاغدەك ۋەدىلەرنى بېرىپ قىيماسلىق ئىلكىدە ئايرىلىشتۇق. ئۆيگە قايتىپ كېلىپلا ئىختىيارسىز ئىككى – ئۈچ كۈن ھازا ئاچتىم. ئانام بىچارە تۆگىشىپلا كېتىپتۇ. ئابدۇللا ئاكامغا ھەممىمىزدىن ئامراق ئانام ھەمىشە ئاكامغا بىزدىن ئوغۇرلۇق قىيمىلىق كۆمەچ كۆمۈپ يىگۈزەتتى. ھازىر ئۇنىڭ ئىچ ئاغرىقتىن تولا يىغلاپ ، كۆزلىرى قىزىل، مەڭىز سۇڭەكلىرى چىقىپ قاپتۇ. سارەمنىڭمۇ چىرايى سارغىيىپ، چىرايلىق يۈزلىرى بىرئاز سولغاندەك، كىچىككىنە لەۋلىرى ئۆمچىيىپلا تۇرىدىغان بولۇپ قاپتۇ. يەنە تېخى ئاكامنىڭ ئوماق ئوغلىنى دېمەيسىلەر، مېنى كۆرۈپ ماڭا چاپلىشىپلا ئالدى. يېقىملىق گۇڭراپ قۇچىقىمدىن كىملا ئالىمەن دېسە ئۇنىماي يىغلاپ ئىچىمنى كۆيدۈرۈپ كېتىپ بارىدۇ دېسە، مەھەللىدە ئۆزگىرىش ھەقىقەتەن كۆپ ئىدى. كىشىلەرنىڭ تامدا قوپۇرۇلغان ئۆيلىرى چېقىلىپ، ئورنىغا پىششىق قىشتىن گۈللۈك كاھىش چاپلاپ، ئاپئاق ئاقارتىلغان ئۆيلىرى مەھەللىنى بىر ئاپتۇ. يول ياقىسىدىكى قارا تېرەك كۆچەتلىرى دەرەخ بولۇشقا ئالدىراپ كۆك پوتلىسىنى تاشلىغىلى تۇرۇپتۇ. مېنى ھەممىدىن خوشال قىلغىنى كىچىككىنە شىپاخانامنىڭ ئورنىغا خېلى كۆلەملەشكەن شىپاخانا قۇرۇلۇپ، نامىنى تېخى مېنىڭ نامىم بىلەن <<ئابلەتجان شىپاخانىسى>> دەپ ۋېۋىسكا ئېسىپ، تەييار قىلىپ قويۇپتۇ. ئون نەچچە ئېغىزلىق ياتاقتا ئاساسەن ئاياللار كېسەللىكلىرى بىلەن داۋالىنىدىغانلار تولۇپ تۇراتتى. مەن كەلگەندىن كېيىن ئوزاق ئۆتمەيلا ئالدىراش بولۇپ كەتتۇق. رەسمىيەتلەرنى تولۇقلاپ، دۇختۇرخانىمىزنى رەسمىي ئەنگە ئالغۇزدۇق. خۇشاللىنارلىق يېرى، يېزىدىنمۇ بىزنى قوللاپ، كىنىشكا ، رەسمىيەتلىرىمىزنى ھەل قىلىشىپ بەرگەننىڭ ئۈستىگە، بىرمۇنچە ئۈسكىنىلەرنى ھەقسىز تەقدىم قىلدى ۋە دېھقانلار داۋالىنىش كىنىشكىسىغا داۋالانسا بولىدىغان ئورۇن قىلىپ تەستىقلاپ بەردى. بۇ چوڭ خۇشاللىق ئىش ئىدى. شۇنىڭ بىلەن ھەممە يەردە مېنىڭ يەنى بۇ كېكەچ دوختۇرنىڭ دوختۇرخانىسى توغرىلىق گەپ بولۇپ كەتتى. ئەمەلىيەتتە بۇلارنىڭ ھېچقايسىسىدا مېنىڭ ئۇنچە كۆپ ھەسسەم يوق، مېنى ھەم ھېچكىم تونۇپ كەتمەيتتى. يەڭگەم سارەم بولسا بۇ ۋاقىتتا ئاللىقاچان ئاتاقلىق ئاياللار كېسەللىكلىرى دۇختۇرى، يېزا باشلىقىنىڭ ئايالىنى ئوپراتسىيە قىلماي ئوڭۇشلۇق تۇغدۇرغان، مۇئاۋىن يېزا باشلىقنىڭ ئايالىنىڭ جاھىل ئاياللار كېسىلىنى شىپاھلىق قولى بىلەن داۋالاپ ساقايتقان مۇشۇ ئەجرىلىرى بىلەن يېزىنىڭ بىرمۇنچە ياردىمىنى قولغا كەلتۈرگەن شىپاگەرگە ئايلانغان ئىدى. مەنمۇ ھەيران قالدىم، يەڭگەمنىڭ قولى بەكمۇ يىنىڭ ئىدى، ساقايمىغان جاھىل ئاياللار كېسىلى ئۇنىڭ ئالدىغا كەلسىلا يوۋاشلاپ كېتەتتى، ئۇ دورا ئۇكۇللار بىلەن ئۆزىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى شەربەت- مەجۇنلەرنى قانداق بىرلەشتۈرىۋالدىكىن تاڭ، ئۇنىڭ دورىلىرى ھۆكۈمەت تەستىقلىغان ئوكۇللار قاتارىدا مومامنىڭ سەكسەن خالتىسىمۇ بار بولۇپ، بىردە ھوردىتىپ، بىردە شەربەت ئىچۈرۈپ، بىردە ئۇكۇل سېلىپ كېسەللەرنى تىزلا ساقايتالايتتى. ئوقۇغان بولسا ئىش باركەن ئەسلىدە، دەپ قالدىم ئۇنىڭ ئامال چارىلىرىگە قاراپ. دوختۇرخانىنىڭ ئىشلىرىنى يۈرۈشتۈرىمىز دەپ ھەش- پەش دېگۈچە بىر يىل ئۆتۈپ كەتتى. سىرتتىن قارىماققا دوختۇرخانىنىڭ ئىشلىرى بىلەن چېپىپ يۈرۈپ، ھېلى ئۇ كېنىشكىنى ھەل قىلىمەن، ھېلى بۇ سايماننى كەلتۈرىمەن دەپ چېپىپ يۈرگەندەك قىلغىنىم بىلەن ئىككى تاشنىڭ ئارىسىدا ، راستىنلا ناھايىتى چوڭ ، ناھايىتى قاتتىق ئىككى قۇرام تاشنىڭ ئارىسىدا قالغان ئىدىم. ئۇنىڭ بىرى ئۆيدىكىلەر بولۇپمۇ داۋۇت سوپى بوۋام ئەكبەرجاننى (ئاكامنىڭ بالىسى) يېتىم قىلمايمىز، سارەم بىلەن توي قىلىسەن، دەپ قىستايتتى، مەن ئۇلارغا ئەلۋەتتە ئوچۇق – ئاشكارە قارشىلىق قىلالمايمەندە، شۇڭا ئۇ ئىش، بۇ ئىش دەپ ئۇلارنىڭ گېپىگە قولاق يۇپۇراتتىم. يەنە بىرسى مېھرىنىساغا بەرگەن چوڭ- چوڭ ۋەدىلىرىم ۋەدە پېتى قېلىۋاتاتتى. ئارىدا خەت يېزىشىپ تۇردۇق، ئەمما يوقلاپ بارالمىدىم. يۈرىكىم تەڭقىسلىقتا سىقىلىپ كېتىۋاتاتتى. بۇ ئىش ھازىرچە سارەمدىن مەخپىي تۇتۇلغان ئىدى. كېيىنچە ئۇمۇ ئۇقتى ۋە جېنىنىڭ بارىچە قارشى چىقتى. مەن ھېچنىمە دېيەلمەيتتىم. ماقۇل توي قىلاي دېسەم، مەن ئەزەلدىن سارەمنى ئۆز يەڭگەم، مەن ئەڭ ھۆرمەتلەيدىغان كىشى دەپ بىلەتتىم، يەنە مېھرىنىسامۇ بار ئىدى. ئەمما توي قىلمايمەن دەي دېسەم بىرسى چوڭلارنى قاتتىق رەنجىتىپ قوياتتىم. بولۇپمۇ بۇ ئىشتا چىڭ تۇرغان داۋۇت سوپى بوۋامنىڭ گېپىنى ئىلىك ئالمىسام مېنىڭ بۇ يۇرتتىكى تىرىكچىلىكىم شۇنىڭ بىلەن تۈگەيتتى. بوۋىسىنىڭ گېپىنى ئىلىك ئالماپتۇ، ئاقساقالنى خورلاپتۇ، دېگەن گەپ چىقىپ قالغۇدەك بولسا ھەممە ماڭا نەپرەتلىنەتتى، تۈكۈرۈپ ماڭاتتى. يەنە سارەم قانداق ئويلىنىپ قالىدۇ، مېنى ياراتماپتۇ، دېمەمدۇ، شۇڭا مەن ئەڭ قىستالدىم، قىنالدىم خالاس. ctGjqHo  
})B)-8  
تەقدىر- قىسمەتتە شۇنداقمۇ بىلمىدىم، بىركۈنى مېھرىنىسادىن خەت كەلدى. خەتتە ئۇ ئۆزىنىڭ كېلەر ھەپتە تويى بولماقچى ئىكەنلىكىنى، مېنى مەڭگۈ ئۇنۇتمايدىغانلىقىنى يازغانىكەن. خەتنى كۆرۈپ، بېشىمغا بىر چىلەك سۇ قۇيغاندەك ئەندىكىپ كەتتىم. مەن تېخى نېمە بولسا بولسۇن، يىگىت دېگەن ۋەدىسىدە تۇرىشى كېرەك، كىلەر ھەپتە ئۇنى يوقلاپ بارىمەن دەپ ئۆزەمگە ئەھدە قىلغان ئىدىم. ئەمدى دېمىم ئىچىمگە چۈشۈپلا كەتتى. بۇ دەل سارەمنىڭ ئۆيدىكىلەرنىڭ قارارىغا قاتتىق قارشىلىق قىلىۋاتقان مەزگىلى ئىدى. بىردىنلا ئۇمۇ بوشاپ قالدى. ئۇقسام ئۇنىمۇ چوڭلار ئىككى ياندىن ئىسكەنجىگە ئاپتۇ. بىزنىڭ ئۆيدىكى بىر «تەۋەررۈك» ئۇلارنىڭ ئۆيىدىكى بوۋام دىمەتلىك، ھەممىنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بىر موماي بۇ ئىشتا بىرلىشىۋاپتۇ. كىمگىلا گەپ قىلسا غىڭ قىلماي لەببەي دەيدىغان بۇ ئىككەيلەن گىپىنى بىر قىلىۋالسا كىممۇ ئۇلارغا ياق دىيەلىسۇن. #p]O n87>  
dn Xc- <  
ئەمدى بىلگەنسىز، مانا شۇنداق قىلىپ مېنىڭ تويۇم بولۇپ قالدى. تويۇم بولغاندىمۇ، مەن ئەڭ ھۆرمەتلەيدىغان ھۆرمەتلىك، كۆيۈمچان «يەڭگەم» بىلەن دېمەمسىز، قانچە قىلساممۇ بۇ ئىدىيەمدىن ھەرگىز ئۆتمەيتتى. ھەئە، بۇنى مەندەك چوڭ شەھەردە ئوقۇغان، ئەخلاق بىلەن ھايانى ھاياتىغا ئەڭ زۆرۈر ئۆلچەم قىلىپ كەلگەن بىر زىيالىي تەسەۋۋۇرىغا سىغدۇرالامدۇ دەيسىز، ئەمما نېمە ئامال، بىز يەنىلا بىر ئۆينىڭ ئادىمى، بىر ئۆيدىكى ئىككى تامنىڭ ئادىمى بولۇپ قالدۇق. سارەمگە يېقىنلىشىش تۈگۈل تىكىلىپ قاراشقىمۇ پېتىنالمايتتىم. نەزىرىمدە ئۇ مەڭگۈ مېنىڭ ھۆرمەتلىك يەڭگەم ئىدى.  ئەكبەرجان مېنى ئۆز دادام دەپ بىلەتتى. سارەم بولمىسا كارى يوق، مەن بىردەم يېنىدا بولمىسام قەغىشلىكى تۇتۇپ يىغلىغىنى يىغلىغان ئىدى. شەھەرگە كىرسەممۇ تىزلا يېنىپ چىقمىسام ئىش چاتاق، مېنى ئىزدەپ ئالەمنى مالەم قىلاتتى. شۇنداق قىلىپ ئارىدىن يەنە بىر يىل ئۆتۈپ كەتتى. ئەھۋال يەنىلا بورۇنقىدەك ئىدى. ياق، بۇرۇنقىدەك ئەمەسكەن، ھازىر سارەم كېچىلىك ئىسمىنىدا ئىشلىگەن كۈنلىرى ئۇيقۇم قاچاتتى. ئۆينىڭ يەنە بىر بۇلۇڭىدا ئورۇن سېلىنمىغاندىن كېيىن كۆڭلۈم خاتىرجەم ئەمەس ئىدى. ئاستا چىقىپ ئۇنىڭ مۈگدەش ئىچىدە بىر نېمىلەرنى يېزىۋاتقىنىنى كۆرۈپ كىرەتتىم. نەچچە قېتىم شۇنداق چاغدا سارەم مېنى كۆرۈپ قالدى. سارەمنىڭمۇ مەن يوق چاغلاردا تىت-تىت بولۇپ كېتىدىغىنىنى بايقاپ قالدىم. يەنە مەھەللىمۇ ئۆزگەردى، قۇم- بوراننى توسۇيمىز دەپ، ئىلگىرى ئۆزلىرى قومۇرىۋەتكەن جىگدىلەرنى كىشىلەر يەنە ئۆستۈرۈشكە باشلىدى، جىگدە چېچىكىنىڭ سېھىرگە باي خۇشپۇرىقى يەنە كىشىنىڭ ۋۇجۇدىنى تىترىتىپ ئاللىقانداق خىياللار قوينىغا تارتىشقا باشلىدى. سەگۈ تېرەكلەر يوغىناپ لىم بولغىدەك بولدى. تەتۈر سۆگتلەرنىڭ نوتىلىرى چاچلىرىنى چۇۋىۋەتكەن جۇۋاندەك يېيىلىپ يەرگە تەككۈدەك بولدى. ھە راست، دوختۇرخانىمىز يەنە خېلىلا تەرەققىي قىلىپ، تەجرىبىلىك دوختۇرلاردىن ئىككى ئۈچنى، سېستىرالاردىنمۇ بەش ئوننى كۆپەيتتۇق، تېخى سارەم زورلاپ يۈرۈپ كىچىك ماشىنىدىن بىرنى ئالدىم. y$ WS;#  
39"'Fz?1  
شۇنداق ئەتىياز كۈنلىرىنىڭ بىرىدە يەنە بىر ئىزتىراپلىق كېچە باشلاندى. ھوجرىنىڭ بىر تەرىپىدە مەن، يەنە بىر تەرىپىدە سارەم. دۇنيانىڭ بىر قۇتۇبىدا مەن يەنە بىر قۇتۇبىدا سارەم. J [1GP_  
;.Kzc3yz}  
-بىز ئاجرىشىپ كەتسەك ئابلەت. q~qig,$Y  
gU`QW_{  
سارەمنىڭ يىغا ئارىلاش تويۇقسىز ئېيتقان بۇ گېپىدىن خۇددى بىرسى كاللامغا توقماق بىلەن ئۇرغاندەك چۆچۈپ كەتتىم. كېچە قاراڭغۇلۇقىدا  سارەم ياتقان ئورۇنغا قارىدىم، غۇۋا ئاي نۇرىدا ئۇنىڭ يەنىلا يەلكىسىنى تىترىتىپ يىغلاۋاتقىنىنى كۆردۈم. بىر ھازادىن كېيىن نىھايەت ئېغىز ئاچتىم. R~`Y6>o~9:  
, Le_PJY)  
-            
نې..نې... نېمىش...قا؟ ;RU)Q)a)  
}5~ ;jN=k  
ئۇ يىغلاپ ئىسەدىگىنىچە بىردەم تۇردى ۋە ئاندىن: E_++yK^=  
T/H*Bo *=5  
-ئابلەت، مەن ئۆزەمنى ئويلاپ شۇنداق دېمىدىم، سېنى ئويلىدىم، سېنىڭ ياشلىق باھارىڭ، ئۆمرۈڭ بۇنداق ئۆتۈپ كەتسە بولمايدۇ. r)T`?y  
j1BYSfX'  
ئۇنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ جىمىپ كەتتىم. قەلبىمگە قول سېلىپ باقتىم، راستىنى سۆزلىسەم، ئاكا قازا قىلىپ ئۈچ يىل بولغان بۈگۈنكى كۈندە سارەم يېنىمدا تۇرسىمۇ ئۇنى سېغىنىدىغان، كۆرگۈم كېلىدىغان بولۇپ قالغانىدىم. راست، مەن بارا- بارا بۇ رىئاللىقنى قوبۇل قىلىۋاتاتتىم. ئۇنىڭغا ئاشىقلىقىمنى ھېس قىلىۋاتاتتىم. ئۇنى شۇنداق ھۆرمەت قىلاتتىميۇ، ئۇنى خوتۇنۇم ئەمەس، يەڭگەم دەپ بىلگەن تەقدىردىمۇ ئۇنىڭسىز ئۆتىدىغان كۈنلەرنى تەسەۋۋرۇر قىلىشقا جۈرئەت قىلالمايتتىم. ماڭا ئايان ئۇنىڭمۇ مېنى قاتتىق ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بىلەتتىم. سىرىتتىكىلەر نەچچە يىلدىن بېرى بىزنىڭ يوقارقىدەك ئۆتىۋاتقىنىمىزنى نەدىن بىلسۇن، ئەمدى ئۇلار بىزنى بالىلىق بولمىدىڭلار، دەپ قىستاشقا باشلىغان ئىدى. چوڭلارنىڭ شۇنداق سۆزىنى ھەر قېتىم ئاڭلىسام، شۇ ئىشنىمۇ شۇلار باشقۇرامدىكىنە دەپ جىلە بولاتتىميۇ، نېمىگىدۇر ئالدىراپ قالاتتىم. سارەممۇ قاتتىق ئازاپلىناتتى، بۇنى مەن ئۇنىڭ ھەر كېچە يىغلايدىغىنىدىن بىلەتتىم. بىر قېتىم ماشىنام بىر يوغان كېسەككە ئۈسۈپ قولۇم بېغىشىدىنلا چىقىپ كەتتى. بۇنى كۆرۈپ سارەم شۇنداق پاي- پىتەك بولۇپ كەتتىكى ئىككى- ئۈچ كۈن قويغان تۇتقىنىنىمۇ بىلمەي يۈردى. ماشىنا ئېلىڭ دېگەنگە تويغۇزامسەن، قاراپ ھەيدىسەڭ بولمامدۇ، بىر نېمە بولۇپ قالساڭ بىز قانداق قىلىمىز؟ ئۇ شۇگەپنى قىلغاندا ئىختىيارسىز بۇرنۇم ئېچىشقاندەك بولۇپ كۆزۈمنىلا ئەمەس پۈتۈن ۋۇجۇدۇمنى يىغا قاپلىۋالغان ، ئۇنىڭ مېنى نەقەدەر چوڭقۇر ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بىلگەن ئىدىم . ئۇنىڭ شۇ گېپى يادىمغا يېتىشى بىلەن يەنە ئۇنىڭغا: H:|yu  
IcA]<}0!"v  
-    
مە...مەن بول...مىسام...ئە...كبەرجان قانداق قىلىدۇ؟،- دەپ سورىدىم. })J]D~!p  
-/h$Yb  
-             ئاھ، خۇدا ئۇ ساڭا ئۆلگىدەك ئامراق.
$lO\eQGxB  
&P\T{d2"  
ئۇ شۇنداق دەپ جىمىپ كەتتى ۋە يەنە بىر ھازادىن كېيىن: 1r;Q5[@  
giI9-C  
-    
مەن بىلىمەن ئابلەت، سەن ئالتۇنغا بەرگۈسىز ئەر، سەنسىز ياشاش مەن ئۈچۈن يوقىلىش بىلەن تەڭ. ئەمما مەن ئۆزەمنى ئويلىسام بولمايدۇ. مەن بىلىمەن سىنىڭ مۇھەببىتىڭ بار. ئىسمى مېھرىنىسا، سەن ئەمدى شۇنىڭ بىلەن بەختلىك بولىشىڭ كېرەك. 1f}Dza9  
er97&5  
-             سەن قانداق بىلگەن؟
c0tv!PSw  
f1Rm9``  
-             مېنىڭ بىر دوستۇم ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ئوقۇغان. شۇ دەپ بېرەتتى.
9;:Lf  
b6#V0bDXHD  
-             ئۇنىڭ توي قىلغىنىنىمۇ دەپ بەرمىدىمۇ؟ `LNRl'Z m  
u\6:Txqq  
-             ھە؟! ئۇ توي قىلدىمۇ؟
+|^rz#X  
?:UDK?  
-             ئاللىقاچان بالىسىمۇ بولۇپ بولغاندۇ.
,KZ_#9[>  
U#YM)8;Iz  
-    مۇنداق دە، ئەمما ئابلەت، سەنمۇ مېنى يەڭگەم دەپ بەك ھۆرمەت قىلىسەن، مەنمۇ سېنى ئىنىمدەك كۆرىمەن. بىز بۇ توساقتىن ھالقىپ ئۆتەلمەيمىز. شۇڭا سېنى بەختسىز قىلىپ قويسام بولمايدۇ. مەن بۇ گەپنى كۆپ ئويلانغاندىن كېيىن ساڭا ئېيتتىم. ھەممە مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستۈمگە ئالىمەن. مومامغا يەنە داۋۇت سوپى چوڭ دادامغا ئەھۋالنى ئۆزەم ئېيتىمەن. ئايرىلىپ كېتەيلى، ئەكبەرجاننى كۆرۈپ تۇرارسەن، بىزنى تاشلىۋەتمەسسەن...
!sUo+Y  
[0  3Aej  
سارەم شۇنداق دېدى-دە، ئۈن سېلىپ يىغلاپ كەتتى. ئەمدى يەنە سوغۇق كۆرپىگە بېشىمنى قويۇپ يېتىشىمغا ئورۇن قالمىغان ئىدى. شۇڭا ئورنۇمدىن دەست تۇردۇم ۋە نەچچە يىلدىن بېرى بېسىپ باقمىغان، بېسىشنى خىيالمۇ قىلىپ باقمىغان تۆت قەدەم مۇساپىنى ئىككىلەنمەي بېسىپ ئۇنىڭ يېنىغا كەلدىم. ئۇنىڭ يىغلاۋاتقان كۆزلىرىنى كىچىك ۋاقتىمدا مېنىڭ يىغلاڭغۇ كۆزۈمنى  سۈرتكەندەكلا سۈرتتۈم، ئازابتىن تىتراپ تۇرغان مۆرىلىرىنى قاماللاپ تۇتتۇم ۋە ئۇنىڭغا دادىللىق بىلەن قاراپ: )bqO}_B  
&g|-3)A  
-مېنى ياخشى كۆرەمسەن؟،- دەپ سورىدىم. ئۇ ئىختىيارسىز بېشىنى باغرىمغا قويدى ۋە يەنە ئېسەدىگەن ھالدا: o ;.j_  
)~rN{W<s`H  
-سېنى قانداقمۇ ياخشى كۆرمەي، بىلمەمسەن ئابلەت، سېنى ئۆلگىدەك ياخشى كۆرىمەن،- دېدى. بۇ ئۇنىڭ يۈرىكىدىن چىققان سۆز ئىدى. مەنمۇ ئۇنى باغرىمغا چىڭڭىدە باستىم ۋە: =!/S |  
MH1??vW  
- ئەمىسە بىزنىڭ ئارىمىزدا ئۆتكىلى بولمايدىغان ھاڭ قالماپتىغۇ، بىلسەڭ مەنمۇ ساڭا چىن ئاشىق، يېتەرلىك بولدى. بۇندىن كېيىن سېنىڭ بۇ چىرايلىق كۆزلىرىڭدىن ئەمدى ياش ئالمايمەن-، دېدىم. نەچچە يىلدىن بېرى يېتىرقاش ئىچىدە ئۆتكەن، ئىككىمىز كىرسەكلا جىمجىتلىقتىن گۆرىستانلىققا ئايلىنىدىغان بۇ ھوجرا ئەمدى بىردىنلا ئىللىپ كېتىۋاتاتتى. بىز بۆگۈنمۇ ئۇخلىمىدۇق. كەچمىشلەرنى سۆزلەشتۇق، گاھ كۈلۈشتۇق گاھى يىغلاشتۇق. كېيىن ئاستا بېرىپ دېرىزىنى ئېچىۋەتتىم. جىگدە چېچىكىنىڭ خۇش پۇرىقى، بەختىمىزگە، خۇشاللىقىمىزغا جور بولماقچىدەك ھۇجرىمىزغا لىق تولدى. {i3]3V"Xp  
sAWUtJ  
بۇ ھېكايە تارىم ژورنىلىدا ئېلان قىلىنغان. v 6Tz7  
rDfUTfv|Q  

abdulhemidyasin2011-07-24 20:14
باللا ما تېمىنىڭ خەت نۇسخىسىنى سەل كىچىكلىتىپ قوياي دېسەم بولمايۋاتىدۇ، گۇمپىسى ياكى ھوقۇقى بارلاردىن ياردەم سورايمەن. ئۆلچەملىك قىلىپ قويۇڭلارچۇ!

ruhsar2011-07-25 00:43
    ھىكايىڭىز شۇنداق چىن ۋەقەلىكتەك يېزىلىپتۇ مۇشۇنداق ئىسىل ئەسەرلىرىڭىزنى بىزگە پات-پات سۇنۇپ تۇرغايسىز، بۇندىن كىيىنكى ئىجادىيەتلىرىڭىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن

arman2011-07-25 01:15
بەئەينى  مەھەللە  {  كوچا } دوقمۇشىدا، ياكى  بىرەر   ھال-مۇڭ  ئېيتىشقان  يەردە  بىرسى  دەپ  بەرگەندەك،  مەن  يېنىدا  تۇرۇپ  ئاڭلاۋاتقاندەك  تۇيغۇدا  ئۇقۇپ  تۈگەتتىم. rMr:\M]t  
بۇمۇ  تىما  يوللىغۇچىنىڭ  ئىپادىلەش  ماھارىتى...ئاپىرىن !!! *WMI<w~_  
بۇندىن  كىيىنكى  ئىجادىيەتلەرگە   ئۇتۇق  تىلەيمەن.

arman-taxkin2011-07-25 03:00
مۇنداق ھىكايىلەرنى ئوقۇپ باقمىغىلى ئۇزۇن بۇپتىكەن - دىسە . مۇشۇنىڭغا ئۇخشاش ، چىنلىققا ئىگە ئەسەرلىرىڭىز بۇلسا يۇللاپ تۇرۇڭ    

fatima2011-07-25 18:22
ھېكايىڭىز تۇلىمۇ ئۇتۇقلۇق چىقىپتۇ.ھېكايىدىكى مەزمۇن تۇلىمۇ چىنلىق ئاساسىدا يېزىلىپتۇ.بىر ئۇقۇغان كىشى ئەمەلى بىر رىياللىقنى باشتىن كەچۇرگەندەك تۇيغۇغا كىلىدىكەن.قىسقىسى مەن شۇنداق بىر ھىس -تۇيغۇغا كەلدىم.

izhar4202011-07-26 10:22
ھىكايىنىڭ تىلى شۇنداق يىنىك، شۇنداق سىڭىشلىك، بەك ئۇتۇقلۇق چىقىپتۇ، ئىجادىيىتىڭىزگە يەنىمۇ ئۇتۇق تىلەيمەن.

abdulhemidyasin2011-07-26 10:33
دوستلارنىڭ ئىلھام بەخش سۆزلىرىدىن شادلاندىم. (ماختاشتىن شادلانمايدىغان كىم بار دەيسىلەر ) 1VKu3  
ئارمان، خۇددى سىز ئېيتقاندەك بۇ ھېكايىنىڭ ۋەقەلىكىنى بىرسى ماڭا سۆزلەپ بەرگەن.  

kap-tar2011-07-30 09:08
تىمىڭىزغا رەھمەت،ناھايىتى ياخشى يېزىلغان ھېكايىكەن.  ئاپتۇر  ھېكايىسىنىڭ ئاخىرسىىدا،رىئال تۇرمۇشتىكى بىر قىسىم توقۇنۇشلۇق مەسىلىلەرنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىنغان بولۇپ ،ئوقۇرمەنلەر ۋە ئوخشاش مەسىلىگە دۇچ كەلگەنلەرنىڭ روھى بېسىمىنى يىنىكلىتىدىكەن.  

gulhumar2011-08-08 19:12
بۇ ئەسىرېڭىز بەكمۇ ياخشى چىقىپتۇ ،رەخمەت سىزگە.

wissal@1312011-08-20 14:41
ھەي تەقدىر دىگەن شۇدە زادى .............. HDO_r(i  
تەقدىرگە نىمە ئامال دەيسىلە &g"`J`  
بۇ تىما ھەقىقەتەن ياخشى چىقىپتۇ (u4'*[o\t  
ھارمىغايسىز


رەسىمسىز مۇنازىرە: [-- ئابدۇلھەمىد ياسىن- جىگدىلەر چېچەكلىگەندە (ھېكايە) --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.5 Code © 2003-08 Guldiyar
Time 0.025934 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us