رەسىمسىز مۇنازىرە: [-- بالىلارغا كۆڭۈل بۆلەيلى --]

ئانا تۇپراق مۇنبىرى -> ئۈچىنچى كۆز -> بالىلارغا كۆڭۈل بۆلەيلى [بېسىپ چىقىرىش] كىرىش -> ئەزا بولۇش -> ئىنكاس يوللاش -> تېما يوللاش

svpvrga2011-07-24 13:57
«بالىلارغا كۆڭۈل بۇلەيلى»دىگەن بۇ تېما ھەققىدە كۆپ مۇنازىرىلەر بۇلۇپ ئۆتتى .خېلە داڭلىقلار بۇ ھەقتە ماقالە –ئوبزورلارنىمۇ يازدى.گەرچە مەن بىر ئاددى ئادەم بولساممۇ ،بىر ئاتا بۇلۇش سۈپۈتۈم بىلەن كۆرگەن بىلگەنلىرىم ئاساسىدا ،ئۈزەمنىڭ بالىلارغا قانداق كۆڭۈل بۇلۈش ھەققىدىكى ئاددى قاراشلىرىمنى بايان قىلىپ ئۆتمەكچىمەن. `X<a(5[vV3  
نەچچە كۈن ئىلگىرى بىر ئاغىنىمىزنىڭ تەكلىۋى بىلەن ،شۇ ئاغىنىمىزنىڭ 7ياشلىق ئوغلىنىڭ خەتنە تۇيىغا قاتناشتىم . ئىسمدە قېلىشىچە بۇرۇنلاردا ئۇيغۇرلاردا خەتنە توينى بۇنداق چوڭ ئۆتكۈزۈش ئادىتى يوقتەك قىلاتتى ،ئەمما ،خېلە ھەشەمەتلىك بېزەلگەن بۇ رېستۇراندا مېھمانلار لىققىدە ئولتۇرىشاتتى ،مەن بىلەن بىللە ئولتۇرغان يەنە ئاغىنىمىزنىڭ دىيىشىچە ،ھازىر خەتنە توي چوڭ تويدىمۇ (قىز يىگىتلەرنىڭ تويى دېمەكچى) ھەشەمەتلىكرەك ئۆتكۈزىلىدىكەن.توي رەسمى باشلىنىشتىن يېرىم سائەت بۇرۇنراق رىياسەتچى خېنىمنىڭ «بارلىق كىچىك دوستلار سەھنە ئالدىغا يىغىلايلى »دىگەن چاقىرىقى بىلەن رېستۇراننىڭ ئىچىدە ھەم سىرتىدا ئويناپ يۈرگەن بالىلار شۇنى كۈتۈپ تۇرغاندەك بىردەمدىلا سەھنە ئالدىغا ھازىر بولدى ،قارىغاندا بۇ بالىلار بۇنداق سورۇنغا كۆپ قاتنىشىپ كۈنۈپ كەتكەن بولسا كېرەك.رىياسەتچى بالىلارنى رەت -رەت تىزىلدۇرۇپ بولغاندىن كىيىن :- ئەمدى ئويۇنىمىزنى باشلايمىز ،ئوماق دوستلار ،سىلەر شى ياڭ ياڭنى(بىر كارتۇن فىلىمدىكى باش پىرسۇناژ) ياخشى كۆرەمسىلەر –دىگەنتى بالىلار بەس بەس بىلەن:ياخشى كۆرىمىز-دەپ توۋلاشقىلى تۇردى ،ئاندىن رىياسەتچى تويى بولغان بالىنى «شى ياڭ ياڭ» نى ئېلىپ چىقىشقا تەكلىپ قىلدى،شۇ چاغدا ياندىكى بىر ئۆيدىن «شى ياڭ ياڭ»چە ياسانغان چوڭ بىر قونچاق ئادەم پەيدا بولدى ،ئاندىن ئۇ «شى ياڭ ياڭ» بالىلارغا دېسكو ئويناپ بەردى.ئاندىن رىسەتچى بالىلارنى ھالقا قىلىپ تىزغاندىن كىيىن ،ھېلىقى «شى ياڭ ياڭ» تويى بولغان بالا بىلەن قەتئى قاملاشمىغان ھەركەتكەر بىلەن «ئۇيغۇرچە» ئۇسۇلغا چۈشتى،ئاندىن رىياسەتچى چۆرىدەپ تۇرغان بالىلارنى«تۇزىۋۇ»غا تەكلىپ قىلغانتى ،بالىلار بىر بىرسىنىڭ كەينىگە ئېسىلىشىپ «تۇزىۋۇ» چۈشۈپ كەتتى ،ئاتا-ئانىلار ئۆز باللىرىنىڭ قىلىۋاتقان ھەركەتلىرىگە زوقى كىلىپ چاۋاك چېلىشاتتى ...ئاندىن تويى بولغان بالا باشقا كىچىك بالىلارغا بىردىن سوۋغات بەردى بالىلارنىڭ ئويۇنى ئاخىرلاشتى... f|~X}R  
مۇشۇنداق ئۆرۈپ-ئادىتىمىزدىن ياتلاشقان ياكى چىكىدىن ئىشىپ كەتكەن سورۇنلارغا ئانچە بېرىپ كەتمىگەچكىمۇ ،خەتنە تويدا بۇنداق قىزىقارلىق ئويۇنلارنىڭ بارلىقىدىن زادىلا خەۋىرىم يوق ئىكەن .بۇلارنى كۈرۈپ بىزنىڭ 21-ئەسىردىكى بىر تۈركۈم بالىلىرىمىزنىڭ نىمىشقا مەدەنىيىتىمىزدىن يىراقلىشىپ،ئۆزىنىڭ كىملىكىنى ئۇنتۇپ كىتىۋاتقانلىقىنى ئازراق چۈشەنگەندەك بولدۇم.ئەمدى بىز بۇ ئۇيۇننى مۇنداق ئۆزگەرتىپ باقايلى :سورۇنغا «شى ياڭ ياڭ »ئەمەس ھەممە ئۇيغۇر بالىلىرىغا تۇنۇش نەسىردىن ئەپەندى ئىشىكى بىلەن چىقىپ ھەرخىل قىزىقارلىق ئۇيۇنلارنى كۆرسەتسە ،قىزىقارلىق ھەم تەربىيىۋى ئەھمىيىتى بار لەتىپىلەردىن بىر نەچچىنى سۆزلەپ بەرسە ،ئاندىن بالىلار چۆرىدەپ ياكى رەت بۇلۇپ ساماغا چۈشسە ... بۇنى ئوقۇپ بەزىلەر ،بىز جېنىمىزدا ساما سالالمايدىغان تۇرساق بالىلار قانداق ساما سالىدۇ دەپ ئويلىغان بۇلىشى مۇمكىن . ئۇيغۇرنىڭ قېنىغا تۇغۇلۇپلا ساما سىڭگەن ،مەشرەپ سىڭگەن ،ھەرقانچە بولسىمۇ ساما «تۇزىۋۇ»دىن ئاسانراق ھەم تۇنۇشلۇق ،ئەڭ مۇھىمى ساما ۋە مەشرەپ ئۇيغۇرنىڭ مەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ جەۋھىرى. -]QP#_  
بۇنى ئەلۋەتتە بالىلاردىن ئەمەس ،بىز ئاتا –ئانا بولغۇچىدىن سوراشقا توغرا كىلىدۇ . ئالدىنقى مەزگىلدە بىلقۇت تورىدىن خېلە كۆپ ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرىنى چۈشۈرۋېلىپ تېلىفۇن ئارقىلىق4 ياشتىن ئاشقان قىزىمغا كۈندە كەچتە ئۇخلاش ئالدىدا قۇيۇپ بىرەتتىم ،بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى چۆچەك قۇيۇپ بىرەي دەپ تۇرسام :-دادا ئۈزىڭىز ئېيتىپ بىرىڭ چۇ ،ئېيتىپ بەرسىڭىز ياخشى بۇلىدىكەن –دىدى قىزىم.شۇنىڭ بىلەن قىزىمنىڭ كۆڭلى يەردە قالمىسۇن دەپ ئىسىمدە قالغىنى بۇيىچە دۇدۇقلاپ ،نەچچە ئەسنەپ يۈرۈپ ئاران دىگەندە چۆچەكتىن بىرنى ئېيتىپ بەردىم .كىم بىلسۇن شۇندىن كىيىن ئۇ ھەر كۈنى مىنىڭ ئېيتىپ بىرىشىمنى ،تېلىفۇندا قۇيۇپ بەرسەم قىزىق بولمايدىغانلىقىنى دەپ تۇرىۋالدى ،دىمەك 4ياشلىق بىر بالا تېلىفۇندا باشقىلار دەپ بەرگەن چۆچەكتىن ،ئاتا –ئانىسى ئۆز ئاغزى بىلەن سۆزلەپ بەرگەن چۆچەكنىڭ قىزىقارلىق بۇلىدىغانلىقىنى بىلىپتۇ. $  k_6  
بالىلىرىمىز ھەققىدە سۆز ئاچقاندا ،بالىلار ۋەتەننىڭ كەلگۈسى ،بىزنىڭ كىيىنكى ئۈمۈدىمىز دىگەندەك دەپ-دەبىلىك سۆزلەر ئارقىلىق تەرىپلەيمىز ،شۇڭلاشقىمىكىن ھازىر بىز بالىلاردىن بەك چوڭ ئۈمۈتلەرنى كۈتۈپ كىتىمىز .80-يىللارنىڭ ئوتتۇرلىرىدا مەن ئەمدى مەكتەپكە كىرگەن مەزگىلدە ،بالىلارغا كۆڭۈل بۈلۈشتە ،ئۇلارنىڭ قۇرسىقى تويسا ،كىيىدىغانغا بىرەر قۇر كىيىمى بولسا بۇلاتتى ،شۇ مەزگىللەردە 5-6ياشقىچە كىيىدىغانغا ئىشتان يوق يالىڭاچ ئويناپ يۈرگەنلىرىم ئىسىمدە. ئەينى چاغدا قۇرسىقىمىز توق بولمىسىمۇ ،كىيىمىمىز پۈتۈن بولمىسىمۇ كەچلىرى شۇنداق ئىسىل ئويۇنلىرىمىز بار ئىدى،كىچىك ۋاقتىمىزدا ئوينايدىغان شۇ بالىلار ئويۇنلىرىغا قاراپ باقساق ،شۇ ئۇيۇندا كوللىكتىپ ئۇيۇشۇش،بىر بىرىگە ۋاپادار بۇلۇش ،ئۆز ئارا ياردەم بىرىش ،تەنتەربىيە ،ناخشا ئېيتىش قاتارلىق ئىسىل ئىدىيە ۋە مەزمۇنلار بار بۇلۇپ ،شۇ چاغدىكى بالىلار مەكتەپتە ئوقۇمىسىمۇ ،توم- توم كىتاپلارنى كۆرمىسىمۇ شۇنداق ئەدەپلىك ،مېھرى ۋاپالىق ،ساغلام چوڭ بۇلاتتى، ئويناپ ئۇرۇشۇپ قالساق ئەتىسىلا يەنە بىللە ئوينايتتۇق ئاداۋەت ساقلىمايتتۇق . ھازىرقى بالىلار بۇنداق ئويۇنلارنى ئوينىمايدۇ ،ئويناي دىسىمۇ شارائىت يوق ،بىز جېنىمىزدا بىر بىنادىكى خوشنىلىرىمز بىلەن تۈزۈك ئارلاشمىساق ھەتتا تۇنۇشمىساق بالىلىرىمز ئۇلارنىڭ بالىلىرى بىلەن قانداق بىللە ئوينايدۇ ؟شۇڭا ئۇلارنىڭ ھازىر ئوينايدىغىنى كومپىيوتىر ئويۇنلىرى ،بۇ ئۇيۇنلاردا تەسۋىرلەنگىنى تىرورلۇق ،ئۆز- ئارا ئۇرۇشۇش ،جىن ئالۋاستىدىن ئىبارەت ،بۇنداق ئويۇنلارنى ئويناپ چوڭ بولغان بالىلاردىن يەنە دوستلۇق ،ۋاپادرلىق ،بىر بىرىگە كۈيۈنۈش دىگەندەك ئەڭ ئەقەللى ئىنساندارچىلىقنىڭ قائىدىسىدىن ئۈمۈت كۈتكىلى بولسۇنمۇ ؟يۇقۇردا دەپ ئۈتۈپ كەتكەندەك بىز ئاتا ئانىلار ھورۇنلۇشۇپ كەتتۇق ،ھەتتا بالىلىرىمىزغا ئۆز ئاغزىمىز بىلەن چۆچەكمۇ ئېيتىپ بەرمەيمىز ،ياكى ئېيتىپ بىرەلمەيمىز ،شۇڭا ئۇلار مەنىۋى ئۇزۇقنى كومپىيوتىردىن ،كارتۇن فىلىملاردىن ئىزدەيدۇ. 0!tuUn  
بۇرۇنقى چاغلاردا بالىلارنىڭ ئىسىل چۆچەكلەرنى ئېيتىپ بىرىدىغان مۇمىلىرى ،بوۋىلىرى بار ئىدى ،سانايدىغان يۇلتۇزلىرى ،سەيلە قىلىدىغان ئېتىزلىقلىرى ،كىچىلىرى يوللارنى يۇرۇتۇپ بىرىدىغان ئاي ئاداشلىرى ،باقىدىغان پادىلىرى بار ئىدى ،ئۇلار شۇ ئىسىل چۆچەكلەر ئارقىلىق نۇرغۇن بىلىمگە ئىگە بۇلالايتتى،ئۆز ئارا چۆچەك ئېيتىشىپ بىللە زوق شوق بىلەن كۈلىشەتتى ،كىچىلىرى ئاي-يۇلتۇزلارغا ھەمرا بۇلۇپ ،كۈندۈزلىرى پادا باققاچ، ئېتىز ئېرىقلارنى ئارىلىغاچ تەبىئەتنى ،دەل دەرەخنى ،ھايۋاناتلارنى تۇنۇيتتى ،ئۇلارنى قانداق ئاسراشنى تەبىئىلا بىلىپ قالاتتى .ھازىرقى بالىلارنىڭ ئۇنداق نەرسىلەر بىلەن خوشى يوق ،بۇغداي بىلەن قۇناقنىڭ كۆكىنى ئايرىيالمايدۇ،كىيىملىرى ئازراق تۇپا بۇلۇپ قالسا بىجاسەت يۇقۇپ قالغاندەك قورقۇشىدۇ ،چۈنكى ئۇلار ،ئىنسانلارنىڭ ئاشۇ تۇپراقتىن يارىلىپ ،شۇ تۇپراق بىلەن چەنبەرچاس باغلانغىنى ،تۇپراقنىڭ ئەڭ پاك ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ ،چۈنكى ئاتا –ئانىسى بۇنى دەپ بەرمىگەن.چۆچەك بىلەن خۇشى يوق ،ئۇلارنىڭ كۈرىدىغىنى جىن ئالۋاستىلار تەسۋەرلەنگەن ياكى بالىلار ئۈچۈن قىلچە تەربىيىۋى ئەھمىيىتى بولمىغان كارتۇن بىلىملەر . @7{.err!  
بىز ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان چاغلاردا شۇنداق ياخشى بالىلار ناخشىسى بار ئىدى .مەسىلەن:يۇلتۇزلارغا سۆز ،باققا بارايلى ،تورغاي دىگەندەك .بۇ ناخشىلار بالىلارغا شۇنچىلىق يېقىن ئىدىكى نەگە بارساق شۇ ناخشىلارنى ئېيتىپ يۈرۈتتۇق ،ئۈزىمىزنىڭ ئاددى سەنئەت پائالىيەتلىرىدىن تارتىپ بالىلارنىڭ چوڭ سەھنىلىرىگىچە بالىلارغا خاس ،بالىلار بىر ئاڭلىسىلا چۈشۈنىۋالالايدىغان ناخشىلار ئېيتىلاتتى .مەسىلەن تورغاي دىگەن ناخشىدا : > iYdr/^a  
تۇتۇپ كەلدى ئورماندىن ، 32`Z3-  
دادام گۈزەل بوز تورغاي. (/X ]9  
ئولتۇراتتى قەپەزدە ، u^W!$OfZpp  
غەمگە پېتىپ ،سايرىماي. kU.@HJ[@j  
nC)"% Sa  
سوۋغا قىلدى دادام ماڭا ، "{zqXM}:C  
ئوينا قىزىم بۇنى دەپ . k(_OhV_  
قۇيىۋەتتىم مەن ئۇنى، 4vCUVo r  
ئەركىن خوشال سايرا دەپ . jB l$r{L  
بۇ ناخشىلار نمە دىگەن يىنىك، بالىلارغا يېقىن ھە !10نەچچە يىلدىن بىرى مەن جېنىمدا ئۇنتۇپ قالمىدىم بۇ ناخشىنى . 0|8cSE<i  
ھازىر ھەر يىلى بالىلار بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزىلىدىغان بالىلار سەنئەت پائالىيىتىگە قاراپ باقايلى .بۇنداق سۈزۈك ،ئاددى ،يېقىملىق ناخشىلارنىڭ ئورنىغا ئۆزلىرىمۇ چۈشەنمەيدىغان خەنزۇچە ياكى ئىنگىلىزچە ناخشىلار ئالماشتى .قايسى يىلى بىر پائالىيىتتە 10نەچچە ياشلىق بىر ئۆسمۈر بالىمىزنىڭ سۆيگۈ تېمىسىدىكى بىر خەنزۇچە ناخشىنى ئېيتقاندا «توۋا «دەپ ياقا چىشلىگىنىم ھېلىمۇ ئىسىمدە .بىز ئاتا –ئانىلار ،بالىلىرىمىز شۇنداق مەدەنىيىتىمىزدىن ياتلاشقان ناخشىلارنى ئېيتىسا زوقلىنىپ خوشال بۇلۇپ كىتىمىز ،بالىلىرىمىزنىڭ ئاللاقانداق خەنزۇچە ،ئېنگىلىزچە ،روسچە ناخشىلارنى ئېيتىقان «ئالامشۇمۇل»قابىليىتىنى ماختاپ كىتىمىز .ئەمما ،ئاشۇ سەبى پەرزەنتلىرىمىز شۇ ناخشىلاردىن قانچىلىق زوق ئالغاندۇ؟ باشقىلارغا قانچىلىق زوق ئاتا قىلغاندۇ ؟شۇ ناخشا شۇ بالىلىرىمىزنىڭ ،مەنىۋىيىتىگە قانچىلىك ئىجابى تەسىر كۆرسەتكەندۇ؟بۇنىڭ بىلەن ھىچقايسىمىزنىڭ كارىمىز يوق ،بالىلىرىمىز سەھنىلەرگە چىقىپ مەيدىلىرى ،قوڭلىرى ئۇچۇق كىيىملەرنى كىيىپ ئالا-جاغىل توۋلاپ بەرسە خوش بۇلۇپ كىتىمىز ،بالىلىرىمىزنىڭ مىللى مەدەنىيىتىمىزدىن بارغانسىرى يىراقلاپ كىتىۋاتقانلىقى بىلەن كارىمىز يوق . شۇنىڭ بىلەن بالىلىرىمىز كىچىك تۇرۇپ بىلمەسكە تىگىشلىك نەرسىلەرنى بىلىپ كىتىدۇ .مەكتەپتە بولسا بالىلىرىمىزنىڭ يېرىمى دىگۈدەك خەنزۇچە مەكتەپتە ،ئۈگىنىدىغىنى خەنزۇ مەدەنىيىتى ،يەنە يېرىمى «قوش تىللىق سىنىپ»تا ،ئۈگىنىدىغىنى ئەبجەش مەدەنىيەت ..... %,zHS?)l  
قىسقىسى ،بىز ئاتا –ئانا بولغۇچىلار بالىلىرىمىزغا ھەقىقى يۇسۇندا كۆڭۈل بۈلەيلى . ئۇلارنىڭ كەلگۈسىدە قانداق ئادەم بۇلۇپ چىقىشى بىزگە بىزگە باغلىق .بۇنى ھەرگىزمۇ ئاشۇ جاپاكەش ئوقۇتقۇچىلارغا ئارتىپ قويساق بولمايدۇ.ئۇلارغا سادىرنى ،غېنى باتۇرنى تۇنىتايلى ،ئوغۇللىرىمىز شۇلاردەك خەلقى ئۈچۈن جان پىدا قىلىدىغان شىر يۈرەك ئەزمەتلەردىن بولسۇن !ئۇلارغا نۇزۇگۇمنى،سەككىز قىزلىرىمىزنى تۇنىتايلى ،قىزلىرىمىز ئۈزىنىڭ ئىپپەت –نۇمۇسى ئۈچۈن جان پىدا قىلىدىغان ،ئەركىنلىك ھۆرلۈك ئۈچۈن جان تەسەددۇق قىلالايدىغان ئەزىمەتلەردىن بۇلۇپ چىقسۇن!!! q+cD  
ــــــــــــ سۈپۈرگە Mc$rsqDz  
a2/Mf  

narmi2011-07-24 20:24
     پەرزەنتلەرگە كۆڭۈل بۆلگەنلىك،مىللەتنىڭ كېلەچەكتىكى ۋارىسلىرىغا كۆڭۈل بۆلگەنلىك !!w(`kmn1  
  پەرزەنتلېرىمىز كەلگۈسىنىڭ خوجايىنلىرىدىن بولىمىز دەيدىكەن ،ئەجداتلار ئەنئەنىسىگە KVUub'k  
  قەتئىي ۋارسلىق قىلىشى،تەرەققىي قىلدۇرىشى،ئاتا-ئانىسىدىن چوقۇم ئەجدادلار قالدۇرغان ]Tg@wMgI  
  قائىدە-يۇسۇن ئورپە-ئادەتلېرىمىزنى ئەستايىدىل ئۈگەنسە،ئاتا -ئانىلارمۇ بىلگەنلېرىنى -  eIo  
  ئۈگەتسە بەكمۇ ياخشى بولاتتى......

koklem2011-07-25 02:46
بۇندا بەيگىگە ئاتلىرىنى توقۇپ قويغانلار كۆپ ، ئۇلارنىڭ قىزغىنلىقىغا سوغۇق سۇ سەپمەك ياخشى ئەمەس .......          

pakkalip2011-07-27 08:27
مىللەت تۇزەلمىگىچە ئىللەت تۇزەلمەس دىگەن گەپ بار،بىزخەق قاچانغىچە دورۇمچىلىق قىلىپ يۇرەمىز زادى.ئۆزئالدىمىزغا،ئۆزىمىزنىڭ ئۇسۇلى بويۇنچە ھەركىم ئەھۋالىمىزغا يارشا ئىش قىلساق ياخشى ئەلۋەتتە،خىلىقىمگە،پەرزەنتلىرىمىزگە ئىنساپ تىلەيمەن.

mamajjan2011-08-09 15:55
باللىلارغا كۇڭۇل بۆلگەنلىك ئۇزىمىز گە كۇڭۇل بولگەنلىك    

mutafakkur2011-08-21 19:12
شۇنداق ھىچكىمنىڭ كارى يوق ئادەم بىلەن

pakkalip2011-11-08 19:03
يامان ئەمەسكەن....................................                                                     


رەسىمسىز مۇنازىرە: [-- بالىلارغا كۆڭۈل بۆلەيلى --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.5 Code © 2003-08 Guldiyar
Time 0.021973 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us