رەسىمسىز مۇنازىرە: [-- ئۈششۈك (ھېكايە) --]

ئانا تۇپراق مۇنبىرى -> تور ئەسەرلىرى -> ئۈششۈك (ھېكايە) [بېسىپ چىقىرىش] كىرىش -> ئەزا بولۇش -> ئىنكاس يوللاش -> تېما يوللاش

yulgun2011-07-14 09:24
  nq w*oLFQ  
ئۈششۈك kQ:>j.^e  
  u>-uRz<)t  
(ھېكايە) ;:K?7wfXn  
(1) Zp P6Q  
بوۋاي بۈگۈنمۇ يەنە ئۆيىدىن چىقىپ دەرۋازاسى ئالدىدىكى ئىككى جىگدە ئارىسىغا مىخلىۋالغان  چاپان شالدا ئولتۇردى . ئەگىشىپ چىققان مومىيىمۇ يېنىدىن جاي ئالدى. بوۋاي يەنە مومىيىغا ياشلىقىدا ئۆتكۈزگەن ئايدىڭ كېچىلەرنى، مەنىلىك ئاخشاملارنى سۆزلەپ بىرىشكە ، موماي بىرىلىپ ئاڭلاشقا باشلىدى. بۇ ئىككىسى  پات-پات پىىلداپ كۈلۈپ كېتىشەتتى. سۆزلىگەنسىرى بوۋاينىڭ يۈرىكى ئوت بولۇپ ياناتتى. ئاڭلىغانسرى  موماينىڭ ۋۇجۇدى چوغقا ئايلىناتتى. 9cHNwgD>v  
m0K2p~  
-ئاجايىپ يالقۇنلۇق چاغلار ئىدى ئۇ،يې ئانىسى؟ P24    
E"vi+'(v  
- شۇنداق دادىسى. gcY~_'&u  
dYttse'  
-سىللەر بىزنىڭ مەھەللىنى ئايلىنىپ كېرەلمەيتىڭلار. 7 5cr!+  
7B>cmi  
-سەنمۇ چىڭقى چۈشتە ئۆيۈڭگە كىرەلمەيتىڭغۇ ،مېنىڭ كېلەر يولۇمغا تەلمۈرۈپ. [;\<2=H  
;jfXU_K  
-ۋاييەي تېخى، گېپىنى قارا، چىقمىساڭ ئۆلىۋالىمىيەي،ئۇندىغىتەي ،بۇندىغىتەي دېگەن مەنكەنمەن –دە،ئەمىسە؟ LHGK!zI  
l=G#gKE  
- سەن بولماي ،مەنمىتىم.- ئۇلار بىر-بىرىگە قاراشقىنىچە كۆلۈشۈپ كەتتى.بىر ھازاغىچە قەلبىدىكى ھاياجاننى باسالماي،  كۇماك ئاغزىللىرى يۇمۇلماي  قالدى. بىر ھازاغىچە كۆزلىرىدىن ئوتلۇق بىر نۇر چاقناپ تۇردى. N=}Z#  
"MKsSty  
بوۋاي بىلەن موماينىڭ مۇشۇ كوچىدا تۇغۇلۇپ، مۇشۇ كوچىدا ياشاپ كېلىۋاتقىنىغا 90 يىلدىن ئاشقانتى. ئۇلارنىڭ بەش ئوغول، ئۈچ قىز، 77 نەۋرە،41 ئەۋرە، 7 چەۋرە،2 ككۇكۇن نەۋرىسىمۇ  مۇشۇ كوچىدا ئىدى. بوۋاي بىلەن موماي شەھەرنى كۆرۈپ باقمىغان،شەھەرنىڭ قانداقلىقىنى بىلمەيتى. شەھەر ئۇلار ئۈچۈن تولىمۇ ناتۇنۇش، شەھەر ئۇلار ئۈچۈن تولىمۇ سىرلىق جاي. ئۇلار بۇ كوچىنىڭ قاچان، قانداق چاغدا بىنا بولغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ ئويلۇقىغا باقماي، نىمە ئۈچۈن ،قانداق چاغدا، نىمە سەۋەپ بىلەن دوڭ كوچا دەپ ئاتىلىپ قالغانلىقىنى زىنھار ئۇقمايتى. ئاتا-ئانىللىرى بۇ توغرۇلۇق ئۇلارغا ھىچنىمە دەپ بەرمىگەنتى. ئۇلارمۇ باللىرىغا ھەم نەۋرىللىرىگە ھىچنىمە دەپ بىرەلمىدى. لېكىن ئەلمىساقتىن تارتىپ ئاتا- بوۋا ، ئەجداتلىرىنىڭ مۇشۇ كوچىدا ياشاپ ئۆتكەنلىكىنى پات-پات زوق – شوخ ھەم پەخىرلنىش ئىچىدە نەۋرە-چەۋرە،ئەۋرىللىرىگە سۆزلەپ بىرەتتى. بوۋاينىڭ  دادىسىمۇ  ھايات چاغلىرىدا‹‹ بوۋامنىڭ بوۋىسىمۇ مۇشۇ كوچىدا ياشاپتىكەن،بۇنى ماڭا دادام دەپ بەرگەن ›› دېگەن گەپلەرنى پات-پات ھاياجان بىلەن  تىلغا ئالاتتى.شۇنداق، بۇلار ھەر ۋاقىت بوۋاينىڭ ئېسىدە، ئۇنتۇپ  قالغىنى يوق. شۇنداق، بۇ كوچا ئۇلارغا ئاتا مىراس كوچا. بۇ كوچا ئۇلارنىڭ ئەجداتلىرى قان-تەر ئاققۇزۇپ، كۆرمىگەننى كۆرۈپ، تارتمىغان جاپالارنى تارتىپ مىڭ بىر مۇشەققەتلەر ئىچىدە بىنا قىلغان قەدىمىي كوچا . بوۋاينىڭ گېپى بىلەن ئېيتىقاندا بۇ كوچىدا ھىچكىمنىڭ ئانىسىنىڭ ھەققى يوق . خەقنىڭ رىسقىغا قارا قولىنى سوزغانلار ھامان بىر كۈنى جازاسىنى تارتىدۇ. ErUk>V  
a[OLS+zf!P  
(2) 5^R#e(mr  
بوۋاي بىلەن موماي قارا ساۋات بولسىمۇ ،باشقىلارنىڭ رىسقىغا كۆز ئالايتسا يامان بولىدىغانلىقىنى تازا ئوبدان بىلىدىغانلاردىن ئىدى. شۇڭا ئۆشىرىنى ئايرىماي قويمايتى،سەدىقە بىرىپ تۇراتتى. ئەمما ئۇزاق يىللاردىن  بۇيان شۇنچە تىرىشىپ-تىرمىشىپمۇ زاكات بىرىش دەرجسىگە يىتەلمىگەنتى؛ يىتەي دەپ قالغاندا كۈتۈلمىگەن پۇتلىكاشىلاڭلارغا ئۇچراپ،ئوڭۇشسىزلىقلارغا يولۇقۇپ،خېمىغا يېنپ قالاتتى. مانا ئەمدى قېرىپ كۈچىدىن قالدى.ئەمما ، قېرىغان بىلەن ئەقلى ھوشى جايىدا. ياشلىقىدىكى ئىشلارنى ،بېشىدىن ئۆتكۈزگەن ھەر تۈرلۈك قىسسمەتلەرنى نەۋرە-چەۋرىللىرىگە ھىلى بولۇپ ئۆتكەندەكلا بىرمۇ-بىر سۆزلەپ بىرەلەيدۇ. 9n2%7dLQ*  
|zegnq~  
 بۇ كوچىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى  بىر-بىرىدىن ئانچە پەرقىلىنىپ كەتمەيدىغان خام قىشلىق ئۆيلەردىن  مېھرى-مۇھەببەت تۆكۈلۈپ تۇراتتى. ئۆيلەرنىڭ ئالدىدىكى ئېرىق بويىغا رەتلىك قويۇلغان نان جىگدە، قاغا جىگدىلەر ئادەمگە شۇنچە يېقىشلىق كۆرىنەتتى. بۇ كوچىدىكى ئادەملەر بىر-بىرىگە شۇنچە مېھرىبان بولۇپ، بېشىغا كۈن چۈشكەندە بىر ياقىدىن باش، بىر يەڭدىن قول چىقىرىشاتتى،مۈرىنى مۈرىگە تىرىشەتتى ، دەرد، ھالىغا  يىتىشەتتى. ئېغىرچىلىقلىرىنى كۆتۈرىشەتتى. %y~]3XWik  
GoGgw]h>x  
بوۋاي بىلەن موماي بۈگۈنمۇ ئادىتى بويۇنچە دەرۋازا ئالدىغا چىقىپ ،ئىككى تۇپ نان جىگدە ئارلىقىغا مىىلانغان چاپان شالدا ئولتۇردى.ئۇزاق ئۆتمەي كوچىنىڭ باش تەرىپىدىن بىر-بىرىنى قولتۇقلاشقىنىچە يىتىپ كەلگەن قىز بىلەن يىگىت بوۋاي بىلەن موماينىڭ سالىمىنى ئىلىك ئالماي ، ئۇلارنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ كەتتى. بوۋاي ئۇلۇغ كىچىك تىندى –دە، بېشىنى چايقاشقا باشىلىدى ،مومايمۇ بوۋاينىڭ كۆزلىرىگە قاراپ بېشىنى لىڭشىتتى. بىردىنلا ئۇلارنىڭ رەھىمسىز يىللار قورۇق سالغان چىرايلىرىنى بىر خىل ئەندىشە ، تەشۋىش ، ئۈمىدسىزلىك چىرمىۋالدى. قىز ئالاپىتە كىيىنىۋالغان بولۇپ ،  مەيدىسىنىڭ يېرىمى دېگۈدەك ئوچۇق ئىدى. يوپكىسى كاسىسىنى ئاران يېپىپ تۇراتتى. كىندىكى مانا مەن دەپلا  دىڭگىيىپ تۇراتتى. كەستۈرىۋەتكەن ساپسېرىق چاچلىرى تولىمۇ رەتسىز بولۇپ، قارىغان كىشىدە بىزارلىق تۇيغۇچى پەيدا قىلاتتى. E.*OA y  
~ .=HN}E  
- ئانىسى بۇلار كىمنىڭ باللىرىدۇ؟ g0 U\AN  
i]Of<eQ"  
- ئاۋۇ ئوغولنى مەنمۇ تۇنۇيالمىدىم، قىز ، ساۋۇت كالىنىڭ ئىچكىرگە كىرىپ ،ئىككى يىل ئىشلەپ،30 مىڭ كوي تېپىپ چىققان قىزى شۇ. ئاڭلىغان بولغىتىلا. &^<T/PiR  
'wHkE/ 83  
- ھە مۇنداق دە، ئاڭلىغان ،ئاڭلىمامدىغان. ھەي،ي ي... GOgT(.5  
: l[Q  
-نىمە بولدىلا دادىسى؟ zb*4Nsda:  
= nN*9HRD  
-نىمە بولاپتىم ئانىسى ،بۇ بالىلارنىڭ تۇرىقى ھىچ بىزگە ئوخشىماۋاتىدۇيا؟بۇنداقلار ھازىر كۈندىن-كۈنگە كۆپۈيۈپ كېتىۋاتىدۇ ؟ ...بۇ ياخشىلىقنىڭ بىشارىتى ئەمەس. ئۆزىنى ئۇنۇتقاننى خۇدامۇ ئۇنتۇيدۇ ... UjK&`a ;V  
{:j!@w3  
- توۋا دەيلى دادىس توۋا، خۇدا ئۇلارنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ بىرەر. DccsVR`7  
z-E4-\a  
- قانداق ئاتا ئانىلاردۇ دەيمەن ئۇلارنى شۇنداق تەربىيلىگەن؟ باللىرىنىڭ مېڭىش تۇرۇشلىرىغا، كىيىنىشلىرىگە ئىگە بولمىغان؟... dQ"W~ig  
`)P_X4e]`  
-قانداق زامان بولۇپ كېتىۋاتقاندۇ؟ ھەي بىزنىڭ شۇ ۋاقلىرىمىز؟... xL"o)]a=  
jv^ L~<u  
- قىزلار شۇنداق ھايالىقتى يې دادىسى، پەدىشەپنى جېنى دەپ بىلىشەتتى. ئۇياتلىق يەرلىرىنى يېپىپ تۇرىدىغان كىيىملەرنى كىيىشەتتى. چوڭلارنىڭ ئالدىدىن توغرا ئۆتىشەلمەيتى، زۈرۈر تېپىلمىسا سىرتلارغا چىقمايتى... a-hGpYJJG  
VAzJclB  
- گەپ قىلمىسام قارا قۇچقاچتەك سۆزلەپلا كەتتىڭغۇ؟  يىگىتلەرمۇ مەسئۇلىيەتچان،  ئەركەك تۈكلۈك ئىدى. خوتۇنلىرىغا ئىگە بولاتتى. ھەي ، ئاشۇ چاغلار... aVMFjkW  
':dHYvP/UX  
- ھازىرقى بىر قىسىم قىزلار قىزغا ئوخشىمىغان، يىگىتلەر يىگىتكە . J4X35H=Z  
Wuz~$SU  
- نىمە بولاتتى شۇ ،ئۈششۈك تەگدى، ئۈششۈك... pdu  
MPc=cLv  
-ئۈششۈك دېگەن دەل-دەرەخ، گۈل-گېياھ، غۇنچە-چېچەك، قۇغۇن، كېۋەز...دېگەنلەرگە تېگىدىغاندۇ دادىسى؟ ئېلىشىپ قالماۋاتقانسىلەر؟ "|rqt.f2[  
%tLq&tyeY  
- زامان ئۆزگەردى خوتۇن،دۇلدۇل ئوقۇرىدا ئىشەك ھاڭرىغاندەك پەلىپەتىش ئىشلار كۈندە ئۇچراپ تۇرىدۇ . ئەڭ يامان بولىۋاتقىنى ھازىرقى ئۈششۈك،ئادەملەردىكى ئەخلاق -ھايا،ئىسىل ئۆرپى-ئادەت،ئەنئەنىلەرگە، ئادىميىيلىككە  تىگىشكە باشلىدى يەنە كېلىپ تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدىلا. -qF|Yf  
%q^]./3p  
-ئوھوش ما ئادەم قېرىغاندا نىمىلەرنى دەپ يۈرىيدىغاندۇ، ئالجىپ قالدىمۇ نىمە،ئادەمنى قوقۇتۇپ،خۇداناقىدا...- موماي شۇنداق دېگىنىچە بوۋاينىڭ كۆزلىرىگە قارىدى. %W+ F e,]  
/L^dHI]Q  
-سىللەرگە نىمە بولدى؟ mAa]E t.  
 p-kqX  
- ھىچنىمە. [l:.Q?? )|  
sxtGl^,mU:  
-بۆلەكچىلا كۆرىنىسىلەرغۇ كۆزۈمگە،بايىلا تۈزۈكلا تۇراتتىلا. U4JN,`p{  
}fZBP]<I(  
-نەدىكى گەپلەرنى قىلىپ يۈرىيدىغانسەن،خوتۇن؟ f' S"F  
Po3W+; @  
-ياق دەيمىنا ،گەپلىرى تازا چاك باسماۋاتىدۇ. 7(Kc9sJC%%  
1\uS~R R  
- قېرىغاندا چاك باسمىسىمۇ باسمىغاندۇ.-بوۋاي شۇنداق دەپ ئېغىر ئۇھ تارتتى. بۇنىڭدىن موماينىڭ كۆڭلى بەكمۇ يېرىم بولدى.ۋاقىت ئۇلاردىن نۇرغۇنلىغان نەرسىلەرنى ئېلىپ كەتكەن بولسىمۇ، قەلبىدىكى بىر-بىرىگە بولغان مېھرى-مۇھەببەتنى، ئىشەنچ-ساداقەتنى تارتىۋالالمىغانتى. ئۇلار كۈنلىرىنى  ئاددى- ساددىلىق ئىچىدە خۇشال-خۇرام ئۆتكۈزۈپ كېلىۋاتاتتى. J;dFmZOk  
><~hOK?v  
(3) \mloR'  
بوۋاي ناماز شام نامىزىنى ئوقۇپ ئورنىدىن تۇردى-دە، ھەر كۈندىكى ئادىتى بويۇنچە سىرىتقا چىقتى. بىردىنلا ھاۋا ئۆزگۈرۈپ، شىۋىرغان چىقىشقا باشلىدى. بىردەمنىڭ ئىچىدىلا  قاپقار بۇلۇتلار كۆكنى قاپلاپ، ئەتراپنى قاراڭغۇچىلىق باستى. بوۋاي سىرتتا ئۇزاق تۇرالماي ئۆيگە يېنىپ كىردى. (n\cs$  
^(RgSMuT`  
-مەن چىقاي دەپ تۇرغان بالدۇرلا يېنىپ كىرىپلىغۇ؟ >Mn.|:DF]&  
|1o]d$3m  
- ھاۋا ئۆزگۈرۈپ، سوغاق شىۋىرغان چىقىشقا باشلىدى. pWHu[Fu  
FmPF7  
-يامغۇر ياغىدىغاندەك ئەمەستۇ؟ OgX."pK  
KMV!Hqkk  
-يېغىپ قالىدىغاندەكمۇ تۇرىدۇ. F<[8!^l(z  
mD! imq%=  
-خۇدا ساقلا، مىۋىلىك دەرەخلەر تازا چېچەك باغلاپتىكەن. z5I<,[`  
U!4 ^;  
-كېۋەز مايسىللىرىمۇ ياخشى ئۈنۈپ چىقىپتىكەن. ZfU_4Pl->  
.JE7vPv%!  
 خۇپتەندىن كېيىن بىردىنلا قار ئارلاش يامغۇر يېغىشقا باشلىدى. بۇ ئۈرۈكلەر تازا چېچەكلىگەن،كىۋەز مايسىللىرى ئۈنۈشكە باشلىغان  چاغ ئىدى. ‹‹ ھەي ي ي ،قىرىق يىلنىڭ ئالدىدا مۇشۇنداق بىر ئەھۋال بولۇپ ئادەملەرگە بەك زىيان بولۇپ كەتكەن. مىۋىلەر بولمىغان، بۇغدايدىن ھۆسۇل چىقمىغان. يۇرتقا ئاچارچىلىق كىرىۋالغان...ھەي ي ي، بەك يامان چاغدا يېغىپ قويدى –دە، بۇ يامغۇر؟ يامغۇر توختىسىلا ئۈششۈك چۈشىدىغان گەپ. خۇدا ئۆزەڭ ساقلىغاي سەن؟ ئۈششۈك چۈشسىلا چېچەكلەر ئۈششۈپ، ئۈرۈكلەر بولمايدۇ... ھەممە يەرنى باغ قىلىۋېتىپ بەك يامان قىپتىكەنمەن...قارىغۇنى كۆزىدىن ئايرىغان خۇدايىم، تايىقىدىن ئايرىماپتۇ دەپ يەنە رىسىقىمىزنى بىرەر  ، شۈكرى قىلمىساق بولماس... ئىگىسى بىر يولىغا سالار... ›› بوۋاينىڭ خىيالىدىن شۇلار كەچتى-دە، يۈرىكى ئۆڭگەندەك بولۇپ، ئۇيان تولغۇشۇپ، بۇيان تولغۇشۇپ،مال-ماتاڭ خىياللارنى قىلىپ بەكمۇ تەستە ئۇخلىدى. بوۋاي چۈش كۆردى. N@}U;x}  
y4') !e  
بوۋاي ئاقا سايدا قوي بېقىۋاتىمىش، توساتتىنلا پەيدا بولغان بىر توپ چىل بۆرە باستۇرۇپ كېلىپ،قوي توپى ئارىسىغا كىرىپ، قويلارنىڭ قارىنى يېرىپ،بوغۇپ تاشلاپ،بىردىن قوينى چىشلەپ سۆرىگىنىچە كۆزدىن غايىپ بولمىش. بوۋاينىڭ بىرمۇ قويى ھايات قالمايمىش.بىر چاغدا قارنى يېرىپ تاشلانغان قويلار بىر-بىرلەپ ئورنىللىرىدىن تۇرۇپ، ئۆپكە-قېرىن، ئۈچەيلىرىنى سۆرىگىنىچە بوۋايغا قاراپ كېلىۋاتىمىش،قويلارنىڭ كۆزلىرى قىپقىزىل قانغا تولغان بولۇپ، بەكمۇ قورقۇنچلۇقمىش... -nW-I\d%  
4J  s>yP  
-سېنى قانداقمۇ پادىچى دىگىنى بولسۇن، ئۆزىنىڭ پادىللىرىنى بۆرىلەردىن ساقلاپ قالالمىساڭ.-قويلار بوۋاينىڭ كۆزلىرىگە تىكىلىپ تۇرۇپ،شۇنداق دەپ چۇقان سالىمىش. S<TfvQ\,"@  
vd~O:=)4  
-مەن ئىلاجىسىز قالدىم. بۆرىلەر بەكمۇ تۇيۇقسىز پەيدا بولۇپ، كۆزنى يۇمۇپ ئاچقىچە... Xp' KQ1w)  
2rxdRg'YLQ  
-بولدى قىل،سۆزلىمە ، بارلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ قىساسىنى سەندىن ئالىمىز.- قويلار شۇنداق دېگىنىچە بوۋاينىڭ گېپىنى بۆلۈپ، ئۇنىڭغا  قاراپ تاشلىنىمىش.   f5N~K>  
U+KbvkX wj  
 بوۋاي چۇچۇپ ئويغاندى. يۈرىكى سۇ. ئورنىدىن تۇرۇپ مومىيى تەييارلاپ بەرگەن ئىۋرىقتىكى سۇنى كۆتۈرگىنىچە ھويلىغا چىقتى. ئەتراپ ئاپپاقچىلىق. كېچىچە قار ياققانتى. بوۋاي بوندات نامىزىنى ئوقۇپ بولۇپ،  باغقا كىرىدى. يۈرىكى جىغىلداپ كەتتى. يۇپۇرماقلار پۈتۈنلەي ئۈششۈپ، قارداپ كەتكەن. چېچەكلەرمۇ ئۈششۈپ تۈكۈلگەن . بۇ ئېچىنىشلىق  كۆرىنىشتىن  بوۋاينىڭ  ئۆپكىسى تەتۈر ئۆرۈلگەندەك  بولۇپ، بۇرۇن تۈشۈكچىللىرى ئېچىشىپ كەتتى. كۆپ ئۈمىدلەرنى كۈتكەن چېچەكلەر بىر كېچىدىلا نابۇت بۈولغانتى. چېچەكلەرنىڭ ئېچىنىشلىق ھالىدىن بوۋاينىڭ باغرى ئىزىلدى. كۆز چاناقلىرى نەمدەلدى.تارملاپ تۆكۈلۈشكە باشلىغان ئەلەملىك، ئازاپلىق  كۆز ياشلىرى ئاپئاق ساقاللىرىغا يامىشىپ ئاقاتتى... *jYwcW"R{z  
{1o=/&  
ئاسماندا لەيلىشىپ يۈرگەن قارا بۇلۇتلار ھېلىلا يەنە قار ئارلاش يامغۇر تۆكىۋىتىدىغاندەك قىلاتتى. پات-پات ھاۋا گۈلدۈرلەپ، يالت-يۇللت قىلىپ چاقماق چاقاتتى. بۇنداق چاغدا يەر تىترەپ كەتكەندەك بولۇپ كېتەتتى. ‹‹ توۋا، مۇشۇنداق چاغدىمۇ ھاۋا گۈلدۈرلەيدىكىنە؟ يە بۇ يامغۇر پەسلى بولمىسا ؟...›› 1g;3MSn~  
;RU)Q)a)  
قۇياشنىڭ پاكىز نۇرلىرى قاپقار بۇلۇتلار ئارىسىدىن يول ئىزدەۋاتاتتى. كېچىدىن بىرى قار ئارلاش ياققان يامغۇر،شىۋىرغان تەسىرىدىن ياپراق، چېچەكلىرى تىتما-تىتماڭ بولۇپ،ئۈششۈپ تۆكۈلۈپ كەتكەن دەرەخلەر شۇ تاپتا قۇياشنىڭ پاكىزە نۇرىغا تولىمۇ تەشنا ئىدى... }5~ ;jN=k  

arman-taxkin2011-07-14 10:27
ئەمەلىي تۇرمۇشىمىزدىكى ھەم تەربىيۋى ئەھمىيتى بار تىما يۇللاپسىز . c\n\gQ:LQ  
K4y4!zz  
FLi)EgZXt  
تىمىڭىزنىڭ مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قۇيسىڭىز بوپتىكەن    

hanjar7312011-07-14 10:49
مەنىسى ئىنتايىن چوڭقۇركەن.ئوقىغانسىرى ئىچكىرلەپ كىرىپ كىتىپتىمەن.ئىسىل تىمىللىرىڭىزغا يەنە تەشنابىز.

sansiz09032011-07-14 11:10
يۇلغۇنكام ھازىرغىچە پەقەت ئۆزىنىڭ ئەسەرلىرىنىلا يوللايدۇ...   قەلەم قۇۋۋىتىگە ھەممىمىز قايىل...  "Qm  
بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىجادىيىتىڭىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن ئاكىجان!  

alam2011-07-14 13:05
   ئىجادىيىتىڭىز مەڭگۇ داۋاملاشقاي ،ھارمىغايسىز..!

lukman2011-07-14 13:41
ئانا تۇپراق مۇنبىردە يۇلغۇنكامدەك يازغۇچىدىن يەنە بىرسى چىقامۇ؟  بۇندىن كىيىنمۇ  نادىر تىمىلىرىڭىز ئۇزۇلۇپ قالمىغاي

yulgun2011-07-14 20:53
مەن بۇ ھېكايىنى بىر خىل جىددىچىلىك ئىچىدە يازغان ئىدىم. شۇڭا تەپسىلى توختۇلۇپ، سەۋەنلىكلىرىمنى كۆرسىتىپ بىرىشىڭلارنى،ھەم تاتلىق ھەم ئاچچىق پىكىر-تەكلىپ بولسا ئايمىماسلىقىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. چەكسىز ھۆرمەت بىلەن : يۇلغۇن

baxkiramlik2011-07-15 22:42
ھە قىقەتەنمۇ  ياخشى  يىزىپسىز    مەنىىسى  چوڭقۇر  ئېكەن    ھارمىغايىسىز

allayar2011-07-17 10:55
      ھازىرقى ئەخلاق مەسلىسى توغرىسىدا يېزىلغان ياخشى ھېكايە ئىكەن.ئۇقۇپ چىقىپ ئۇزاق خىيال سۇرۇپ كەتتىم. "شىنجاڭ مەدەنىيىتى" ژورنىلىدا ئۇيغۇر تىلىدا ھېكايە يازىدىغان ئابدۇراخمان ئەزىز ئوغلى دەيدىغان بىر قىرغىز يازغۇچىمىز بولىدىغان.شۇ كىشىنىڭ ھېكايىلېرىنى ئۇقۇسام مۇشۇنداق چوڭقۇر خىياللارغا چۆكۇپ قالاتتىم. ياخشى ئەسەر ئىكەن،تېخىمۇ ياخشى ئەسەرلەرنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش ئۈچۈن تىرىشقايسىز!

sadakat2011-07-18 00:42
      

pakkalip2011-07-23 18:36
ياخشى تىمىكەن،

tanha-2011-08-13 00:48
ھەقىقەتەن ياخشى يېزىپسىز   wX<w)@  
ئىجادىيتىڭىزگە چوڭقۇرلۇق يار بولغاي!!!!!

گۈلنازى2011-08-17 16:58
بەك ئىجادىي بوپتۇ .. PgHe;^?j  
  بوۋاينىڭ چۈشىنىڭ مەنىسى بەك چۇڭقۇر ئىكەن . *Cf5D6=Q  
  رەھمەت تىمىڭىزغا ..


رەسىمسىز مۇنازىرە: [-- ئۈششۈك (ھېكايە) --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.5 Code © 2003-08 Guldiyar
Time 0.024349 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us