شاتئاي | 2011-07-05 00:43 | R&&4y 7 جىمجىت بۇ كېچىدە،سائادەتنىنىڭ تاتلىق ئۇيقۇللىرى نەلەرگىدۇر قاچماقتا.ئۇ ھېچ ئۇخلىيالايدىغاندەك ئەمەس.ئۇنىڭ خىيالى بۆلۈندى. ئويلايدىغنى ھەسسىلەپ ئاشماقتا ئىدى.ئۇ ئويلانماقتا .زادى ئۆيدىكىلەر تاپقان شۇ يىگىت بىلەن توي قىلسا بولامدۇ -يوق دېگەنلەرنى ئويلانماقتا . قانداق قىلىش كېرەك؟ئۆيدىكىلەرنىڭ دېگىنىگە كۆنسۈنمۇ ؟ئۇنداق قىلاي دېسە ، ئەسقەرنىڭ <سىزنى چوقۇم ئالىمەن، مېنى ساقلاڭ> دېگەن گەپلىرى ئۇنىڭ قۇلاق تۈۋىدە ياڭراپ تۇراتتى.ئەسقەرنىڭ ئۇ گەپلىرىنى ئىسىگە ئالغانىدا بولسا ، قەلبىدىكى مۇھەببەت ئوتلىرى ئۇنى ئۈمۈتلەندۈرسە ،كۆز ئالدىدىكى رىئاللىق ئۇنى يەنىلا ئۈمۈتسىز چۆلىگە ئەكىرەتتى.ئەسقەر ئۇنى ئالىمەن دېگىنى بىلەن ئۇ ئەمدى ئالي مەكتەپكە ئۆتتى.كەم دېگەندە 5يىل ئوقۇيدۇ دېگەن گەپ. سائادەت بولسا ،ئۆيدە ئولتۇردىغان قىز.ئۇنىڭ ئەسقەرنى ساقلاپ 5 يىل ئۆيدە ئولتۇرىشى ھەقىقەتەن تەس ئىدى. ھىلىمۇ سائادەت تولۇقسىزنى پۇتتۇرگەندىن بىرى ئۆيىدە ئولتۇراتتى،بۇ سەھرادا ئوقىمىغان قىزلارنىڭ ئۇنداق ئۇزۇن ئولتۇرسا چوقۇم گەپ چىقاتتى.ھىلىمۇ مەھەللە بوينچە ئەڭ ئۇزۇن <ئولتۇرۇپ قالغان قىز> دېسىمۇ ئارتۇق كەتمەيىتتى.ئۇ ياققا قارىسا ئاتا -ئانىسى، بۇ ياققا قارىسا ، ئۆزى سۆيگەن يايرى.تەڭقىسلىقتە قالغان سائادەت ئۈنتىنسىز ياش تۆكۈشكە باشلىماقتا .يۈركىدىكى بۇ ئازاپنى پەقەت ، قىرتاق ياشلىرى بىلەنلا چىقىرىشقا مەجبۇر ئىدى. سائادەت ئاخىر ئۇيان ئويلاپ ، بۇيان ئويلاپ ئاتا -ئانىسىنىڭ دېگىنى بويىنچە ئىش قىلىشنى تاللىدى.گەرچە ئۇ ئەسقەرگە ۋاپاسىز ، مۇھەببەتكە ئاسىي بولسىمۇ، كۆز ئالدىدىكى رىئاللىق يەنىلا ئۇنىڭ توغرا تاللاشتا بولغانلىقىنى ئىسپاتلاپ تۇراتتى.ئاتا-ئانىسىمۇ ئۇنىڭ قوشۇلغانلىنقى بىلگەندىن كىيىن شۇنچىلىك خۇشاللىق بىلەن توي تەييارلىقىنى قىلىشقا كېرىشتى. By|4m سائادەت مۇشۇ مەھەللە بويىنچە ،ئەڭ چىرايلىق قىز ھېساپلىناتتى.يۇرىت مەھەللىدىكى يىگىتلەر بولسا ئۇنىڭ شۇ گۈزەل رۇخسارىغا مەستخۇش بولۇپ،ئۇنىڭغا كۆيەتتى.ئۇنىڭ ئارقىدا يۈردىغانلار شۇنچە كۆپ بولىسىمۇ، سائادەت يەنىلا تولۇقسىزدا بىللە ئوقىغان ساۋاقدىشى ئەسقەرنى تاللىغان. ئەسقەر بىر خىزمەتچى ئائىلىسنىڭ ئەتىۋارلىق شاھزادىسى ئىدى. بۇلار تولۇقسىزنى پۈتتۈرگەندىن كىيىن، سائادەت ،ئىقدىزادى سەۋەپلىك ئوقۇشنى يىرىم يولدىلا توختىتىپ ،ئۆيىدە سەيپۇڭلۇقنى ئۈگەنگەن ئىدى. ئەسقەر بولسا ، ئوقۇشىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ ، مانا نەچچە ھەپتە ئىلگىرىلا ئالىي مەكتەپتىن ئىبارەت ئالي بىلىم يۇرتىغا يۈرۈپ كەتتى.سائادەت بولسا يەنىلا بۇ توپىلىق سەھرادا قالدى. COlqcq'qAu يىقىندا ، سائادەتنىڭ دادسىنىڭ ئاغىنىسى شەھەرلىك نامغا خىلى باي ئاتىدىغان بىرسىنىڭ ئوغلىنى تونۇشتۇرغان ئىدى.،يىگىتنىڭ ئىسمى نەبى بولۇپ، سودا قىلاتتى .دەسلىپىدە ئۇ نەبى ئانچە قوشۇلمىغان بولۇپ، چوڭلارنىڭ مەجبۇرلىشى بىلەن بىر كۆرۈشتۈرگەندىن كىيىنلا ،سائادەتنى ياخشى كۆرۈپ قىلىپ،توينى قىلىشقا ئالدىراتقان ئىدى. بىراق سائادەتكە نىسپەتەن بۇ خۇشاللىق بولماستىن ، بىر چوڭ باش ئاغرىقى دېسىمۇ بولاتتى. 5!{D! ئۇ يۈزسىز ئاتالسىمۇ،ۋىجدانسىز بولسىمۇ بۇ توي ھامان بولاتتى.سائادەت ئەسقەرگە ئىيتىشنىمۇ ئويلىدى.بىراق ئۇنىڭ بۇ ئىشىنى ئاڭلىغاندىن كىيىن ،ئازاپلىنىپ ئوقىشىغا دەخلى يەتمىسۇن دېگەنلەرنى ئويلاپ ، دېمەيلا توي قىلىشنى، بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كىيىن بىلسە، ئۇنچە ئازاپلىنىپ كەتمەس دەپ ئەسقەر خەۋەرسىز ھالدا ، توينى قىلىشقا قوشۇلدى.سائادەت ئائىلىسى ، نەبى ئائىلىسگە قارىغاندا ھەقىقەتەن تۆۋەن ئورۇندا تۇراتتى.سائادەتنىڭ دادىسى بارات ئاكا كېچىك بىر دۇككان ئاچىدىغان بولۇپ ،تاپقان پۇلى ھارىقىغا ئاران يىتەتتى.ئانىسى پاتىگۈل بولسا تولىمۇ تېرىشچان ئايال بولۇپ ، سەيپۇلۇڭ قىلىپ ، بۇ ئائىلنىڭ ئېغىر يۈكىنى كۆتۈرۈپ كىلۋاتاتتى.سائادەت بۇ ئۆينىڭ تىكەندەك يالغۇر قىزى ئىدى. ئۇ ياتلىق بولدىغان مۇشۇ كۈندە ئاتا-ئانا ھەقىقەتەن قىزىغا قىيالمايۋاتتى. zCZf%ATq توي ئۆتكۈزۈلمەكتە ئىدى.ھەممە كېشنىڭ چېھرىدە ئوتلۇق ھېس، قىزغىن ھېسىيات ئەكىس ئىتەتتى.بىراق سائادەتلا شۇنچە سۇلغۇن، تەبەسسۇملىرى شۇنچە سۇس.دوستلىرى ئۇنىڭغا شۇنچە گەپ قىلىپ ، كۆڭلىنى ئاچىدىغان گەپنى قىلىسىمۇ ،ئۇنىڭ يۈركىدىكى ۋىجدان ئازابى ئۇنىڭ كۈلىشىگە، خۇشال بولىشىغا يول قويمايىتتى.توساتتىن سىرىتتىن بىر كېچىك قىز كىرىپ ،سائادەتكە: I9Xuok!0>= _ بۇنى كېلىنچەككە بىرىڭ دەپ ،بىر ئاكاش بەردى،_دەپ سائادەتنىڭ قولىغا چىرايلىق قاتلانغان خەتنى تۇتقۇزدى.خەتنىڭ ئۈستىدە<پەرىشتەمگە تېگىدۇ> دېگەن خەتلا تۇراتتى.سائادەتنىڭ يۈرىكى قاتتىق سوقۇشقا باشلىدى.ئۇنى پەرىشتەم دەيدىغان بىرلا ئادەم بار.ئۇ بولسىمۇ <ئەسقەر>.. سائادەتنىڭ قولى تىترىمەكتە. خەتنى ئىچىشقىمۇ قۇربى يەتمەيۋاتاتتى.ئۇ ناھايىتى تەستە خەتنى ئاچتىدە ، ئوقۇشقا باشلىدى: lxx2H1([ < ئەسسالامۇئەلەيكۈم ، مەن ئۈچۈن ئەڭ قەدىرلىك بولغان ، يىگانە پەرىشتەم.ئالدى بىلەن سېنىڭ قۇتلۇق توي مەرىكەڭنى تەبىكلەيمەن.ئاللاھ سېنىڭ بەختىڭنى بەرسۇن!!! >:-$+I ماڭا ئېيىتماي تويۇڭنى قىلماقچى بولغىنىڭدىن شۇنداق رەنجىدىم.بىراق رەنجىگىنىم بىلەن سېنىمۇ چۇشەندىم. سەن مېنى ئويلىدىڭ.بىلەمسەن، دوستلاردىن توي خەۋىرىڭنى ئاڭلىغان ۋاقىتتا، بۇ شۇم خەۋەرگە ئىشنەلمەي يۇرتۇمغا قاراپ ، ياق ، ياق ،ياق بۇ مۇمكىن ئەمەس دەپ نەچچە رەت توۋلاپ كەتكىنىمنى.راسىت پەقەت چىدىيالمىدىم.بۇ راسىتمىدۇ ، يالغانمىدۇ دېگەن ئىككىلىنشلەر بولدى. ئاخىر ئۆزۈم ئوقۇشنى تاشلاپ كەلدىم.بىلگىنىم شۇ بولدىكىن ، راسىت تويۇڭ بولدىكەن.ھەممە خاتالىق مەندە .مەن ئوقۇشنى دەپ سېنى تاشلاپ قويدۇم . سەن بىلەن كارىم بولمىدى.يۇرىتتا، قىزلارنىڭ ئۇزۇن ئولتۇرۇپ قالسا ، سۆز بولدىغىننى بىلىمەن.ھىلىمۇ سېنى مۇشۇ ۋاقىتقىچە نۇرغۇن خەخنىڭ سۆز -چۆچىكىگە قالدۇردۇم. كەچۈر پەرىشتەم. Z.,MVcd سېنى ياخشى كۆرىمەن.بەلكىم ساڭا بولغان مۇھەببتتىم بۇ ئۆمرىمدە يەنە بىرسىگە كۆچمەس.كۆچكەن تەقدىردىمۇ سېنىڭچىلىك سۆيەلمەيمەن.سېنى باشقىغا تاتقۇزۇپ قويغۇم بولمىسمۇ،ھازىرقى بۇ رىئاللىق بىزنى يەنىلا جۇدالىققا مۇپتىلا قىلدى.ئىسىڭدە بولسۇنكى ، ھەرگىز ئۆزۈڭنى ماڭا گۇناھكاردەك، ياكى قانداقتۇر ۋاپاسىزدەك ھېس قىلما!!! ئەڭ ۋاپاسىز ھېساپلىندىغىنى مانا مەن. ئۆز سۆيگۈسىنى يوشۇرغان، ئاشىقىغا ھەقىقى كۆڭۈل بۆلەلمىگەن مەن.مېنى كەچۈرشىڭنى ئۈمۈت قىلىمەن پەرىشتەم.قىيالمىساممۇ، يەنىلا خەير دېمەكتىن باشقا ئامال قىلالمىدىم.ئاللاھ سېنى سالامەت قىلسۇن!!!بەختىڭنى بەرسۇن!!!سېنى مەڭگۈ سۆيۈپ يايرىڭ:ئەسقەر.> /^ts9: سائادەت بۇقۇلداپ يىغلاشقا باشلىماقتا.ئۇنى قويۇپ بەرسە ، سىرىتقا چىقىپ ئەسقەرنى ئىزدىگۈسى بار. بىراق بۇ مۈمكىمۇ؟ بۈگۈن سائادەتنىڭ نەبى بىلەن تويى بولىۋاتىدۇ.ئۇنىڭ يىغىسنى كۆرگەن باشقا قىزلار بەزى ئەھۋالنى بىلگەچكىمۇ ئېچ ئاغرىتىش،ھېسداشلىق قىلىش نەزىرىدە قارىماقتا ئىدى.سائادەت خىلى يىغلىۋالغاندىن كىيىن دوسلىرىنىڭ ياردىمىدە ، گىرىملىرىنى تۈزەشكە باشلىماقتا ئىدى.ئەسقەرنىڭ ئۆزىنى ئەيىپلىمەي، ھەممە گۇناھنى ئۆزىدە قويغانلىقى ، سائادەتنى تېخىمۇ قىينىماقتا ئىدى.يۈرىكى پۇچىلانماقتا ئىدى.ئۇ ئەسقەرگە ئامانلىق، اللاھدىن سەۋىر تىلەيتتى. {: /}NpA$ سائادەتنىڭ تويى غەلبىلىك ئاخىرلاشتى.سائادەت ئۆز ئۆيىدە ناھايىتى ياخشى تەربىيەلەنگەن بولۇپ ، ئائىلە ئىشلىرىغىمۇ پۇختا ئىدى.ئۇ بۇ يېڭى دۇنياغا كەلگەندىن كېيىن تېزلا ئۆي ئىشلىرىنى قولىغا ئالدى.قىينىئانىسىمۇ ئۇنىڭغا دەسلىپىدە شۇنداق ئامراق چېقىتى. يېڭى كىلنىنى ماختىمغان ئادەملىرى قالمايتتى.دېمىسمۇ سائادەت ھەقىقەتەن كۆيۈمچان بىر پەرىشتە ئىدى.سائادەت ئۆيدىكىلەرگىلا يارىغاندىن سىرىت ، يولدىشى نەبىگىمۇ شۇنداق يارىغان ئىدى. ئادەمنىڭ كۆڭلىنى چۈشىندىغان ئۇ خۇيى نەبىنىڭ يۈرىكىگە تېخىمۇ كۈچلۈك ئوتنى سىلىپ قويدى.نەبى سىرىتتىن ئۆيگە كېرىپلا ، سائادەتنى كۆرمىسە ، قاپاقلىرى چۈشۈپ، خۇددى ئۇتتۇرۋەتكەن قىمارۋازدەك بولۇپ قالاتتى. 2/?|&[ ئۇلار توي قىلىپ نەچچە ئاي بولغاندىكىن كىيىن سائادەتنىڭ بويىدا قالغانلىق خەۋىرى بۇ ئائىلنى تېخىمۇ خۇشال قىلدى.بۇلۇپمۇ نەبى ھاياجاندىن سائادەتنى كۆتۈرۈپ، كېچىك بالىنى چۆرگىلەتكەندەك ، چۆرگىلتىپ كەتكەن ئىدى.شۇ كۈنلەرنىڭ بىرىدە مۇنداق بىر غەلىتە ئىش يۈز بەردى. }jXfb@`K كەچلىك تاماق ۋاقتى بولۇپ ، نەبىنىڭ ئىنىسى ئالىمدىن باشقا ھەممەيلەن ھەم داستىخان بولۇپ تاماق يەپ ئولتۇراتتى.بىر ۋاقىتتا ،ئالىم قاپاقلىرى ساڭگىلغان ھالدا قايتىپ كەلدى. بۇنى كۆرگەن نەبىنىڭ ئانىسى روشەنخان : Gc?a +T _ ۋاي نىمە بولدۇڭ بالام. قاپاقلىرىڭ ساڭگىلاپلا كېتىپتىغۇ؟ بىرەرسى بىلەن سوقۇشىپ قالمىغانسەن؟ ("KF'fp&M2 _ ياقاي .سوقىشىپ قالمىدىم،-دېدى دە سائادەتكە لاپپىدە بىر قاراپ قويدى.ئۇنىڭ چىرايى يەنىلا ئىچىلماي ، ھىلىلا بىرسى بىلەن گال سىقىشىپ كېتىدىغاندەك ،سۈرلۈك ھالەتتە ئولتۇراتتى. بۇ ھالىتىنى كۆرگەن روشەنخان يەنە گەپ باشلىدى: -).C _ ۋاي نىمە بولدۇڭ دەيمەن.نىمانچە سۈرلۈك كۆرنىسەن.ئادەمنى ئەنسىرەتمەي ئىش بولسا ئېيىتقىن،بىزمۇ ئاڭلاپ باقايلى. \bXa&Lq شۇ ئەسنادا سائادەت قاچا-قۇچىلارنى ئىلىپ ،سىرىتقا چىقىپ كەتتى.قايتىپ كىرەي دەپ تۇرۋىدى ئىچىدىكى ئاۋاز ئۇنى قايتا مىڭىشقا جۇرئەت قىلالمىدى. :OT& _نىمە بولدى ؟دېمەمسەن تېز؟،_روشەنخان ئالىمنى ئالدىرتىپ سورىماقتا ئىدى. mh%VrAq _ بۇگۈن دوستلىرىم بىلەن ئولتۇرۇش قىلغان.شۇ يەردىن يىنىپ چىقۋاتساق، بىر تەرەپتە جىدەل بولۋىتىپتۇ.بىزمۇ بىرىپ قاراپ باقتۇق نىمە ئشىكىن دەپ.بىر كېچىك تېجارەتچى ھاراقكەشنى ئۇرۋىتىپتۇ. ئەھۋالدىن قارغاندا ، تېجارەتچىنىڭ ھارۋۇسنى ئۆرىۋەتكەن ئوخشايدۇ دېدىم.توساتتىن تاياق يەۋاتقان مەسكە كۆزۈم چۈشۈپ قالدى .ئۇ ئەسلى ...._ئالىم دەل مۇشۇ يەرگە كەلگەندە توختاپ قالدى. &=[WIG+rk _ ھە ، دېمەمسەن؟ كىمكەن ئۇ ؟ ?ub35NLa _ سائادەتنىڭ دادىسى باراتكامكەن ئەمەسمۇ؟،-ئالىم ناھايىتى خىجىل بولغان تەلەپپۇزدا شۇنداق دېدى. 7V>M] _ ۋاي خۇدايىم.قانداق نۇمۇس قىلمايدىغان ئادەم ئۇ. قۇدا-باجىسى بار، ساقىلى ئىڭىكىگە تاقاشقان ئادەمنىڭ قىلىپ يۈرگەن ئىشىنى قارىمامدىغان. ۋاي ئاللا، خەلق ئالەم ئالدىدا قانداق يۈزىمىزنى كۈتۈرۈپ يۈرگۈلۈك ئەمدى.،-روشەنخان توختىماي سۆزلەشكە باشلىدى.سىرىتتا تۇرغان سائادەت بولسا ،دادىسنىڭ بۇ قىلمىشىدىن نەپرەتلەنگەن ھېسياتتا لىۋىنى چىڭ چىشلەشكە باشلىغان ئىدى. C!gZN9- _ بىز ئۇنى يۆلەپ تۇرغۇچۇپ، تېجارەتچىدىن كەچۈرۈم سوراپ ، ئۆيىگە يولغا سىلىپ قويدۇق.دوسلىرىمنىڭ ئالدىدا شۇنداق خىجىل بولدۇم جىمۇ .- دېدى ئالىم . gXU8hTd8 نەبى شۇنچە گەپ بولسىمۇ ،بىر ئېغىز گەپ قىستۇرمىدى. ھەم ئۇ سۆز قىستۇرسا ، تېخىمۇ پاسسىپ ھالغا چۈشۈپ قىلىشى تەبىئي ئىدى. sOY:e/_F _ ئانا ، سائادەت ، باراتكاملىغا ئۆگەيمۇ ؟-سورىدى ئالىم تەئەججۈپلەنگەن ھالدا.بۇ ئۇشتۇمتۇت سورالغان بۇ سۇئالدىن ھەممەيلەن ھەيران قالدى. بولۇپمۇ ئىشىك تۈۋىدە تۇرۇپ ، ھەممىنى ئاڭلاۋاتقان سائادەت تېخىمۇ جىدديلىشىپ ،نىمە قىلارىنى بىلەلمىگەن ئىدى. 9r9NxKuAO _ كىم دەيدۇ ساڭا ئۆگەي دەپ؟،- دېدى نەبى نارازىلىق تەلەپپۇزدا. DU^loB+ _ دوستلىرىم شۇنداق دەيدىغۇ ؟ SbZ6t$" _ دوسلىرىڭغا دەپ قوي ، ئۆزىنىڭ ئىشىنى قىلسۇن!!! خەخنىڭ ئارقىدىن گەپ قىلماي. شۇمۇ ئوغۇل بالىمۇ ئەمدى.،-دېدى نەبى ئاچچىلانغان تەلەپپۇزدا. \8tsDG(1 ' _ ۋاي نىمە چىچىلسەن. مەنمۇ بار گەپنى دېدىم . سورىغان گۇناھما ئەمدى؟ }H2R3icE _ گۇناھ بولغىنى يوق گەپنى تىپىپ ، باشقىلارغا ئازار بىرىش. \vNU,WO _ دوستلىرىمنڭ ئىيتىشىچە ،پاتىگۈل ئاچام تۇغمىغان ئىكەن.سائادەت بارات ئاكامنىڭ ئاكىسىنىڭ قىزى ئىكەنتۇق.باراتكامغا كېچىكىدىلا بىرىپتىكەن. <@}9Bid!o _ ۋاي، توۋا دە بالام. ئەجەپ بىزگە ئۇنداق گەپلەرنى دېمەيۋاتاتتى يا؟،دېدى روشەنخان ئاچچىقلانغان ھالدا. N`i/mP _ ئۆگەي بولسا نىمە بوپتۇ، ئۆز بولسا نىمە بوپتۇ. ئۆگەي بولسىمۇ ، گۇناھ سائادەتتە ئەمەستە.،،-دېدى نەبى. =N@t'fOr _ ئۇغۇ. شۇنداق ، شۇنداقتىمۇ بىزگە دېيىش مەجبۇرىيتى بار شۇلارنىڭ. نىمانداق توينىمۇ قول ئۇچىدىلا ئۇزىتىدىن دېسەم ئەسلى ئۆگەي دەپ قىلغان ئىشىكەندە بۇ. /reX{Y _ توۋا دە ئانا. نەدە توينى قول ئۇچىدىلا ئۇزاتتى.خىلى ياخشى قىلدىغۇ ؟ئۇنداق دەپ ئۆزۈڭگە ئارتۇقچە گۇناھ يۈكلىۋالمىغىن. Ac6=(B _ ئوغلۇم چوڭ بوپسەن ھە. ئاناڭنى بىسىپ، خوتۇنىڭغا يان باسقۇدەك بوپسەن.خىلى ياخشى ئوغۇل تەربىيەلەپتىمەنمۇ نىمە ؟،- روشەنخان تەنە ئارلاش شۇنداق دېۋىدى نەبى چىداپ ئولتۇرالماي چىقىپ كەتتى دە ، ئىشىك تۈۋىدە كۆزى نەملەنگەن سائادەتنى كۆرۈپ ،ئىللىق بىرنى كۈلۋەتكەندىن كىيىن ياتاق ئۆيىگە كىرىپ كەتتى.سائادەتمۇ ئارقىدىن كىرگەن بولسىمۇ ، بايا بولۇنغان گەپلەرنى قايتا ئېغىز ئالمىدى.باشقا كۈندىكىدەك، كۈلكە چاخچاق بىلەن بايىقى كۆڭۈل غەشلىكىنىمۇ نەلەرگىدۇر يوقاتقان ئىدى. 1M-pr 8:6s شۇ كۈندىن باشلاپ ،قىينىئانىسنىڭ مۇئامىلسىنىڭ ئۆزگىرۋاتقانلىقىنى سەزگەن سائادەت ، خاتا ئىش قىلىشتىن،خاتا سۆزلەپ قىلشىدىن تولىمۇ ھەزەر ئەيلەيىتتى. $>gFf}#C
سائادەتنىڭ ئاي كۈنى توشۇپ بىز قىز تۇغدى. بۇنىڭدىن ھەممىسى خۇشال ئىدى.يازنىڭ ئوتتەك بىر كۈنى .سائادەت قىزىنى سالىقىن جايدا بىقىۋاتاتتى.قىينىئانىسى سىرىتتىن ، قاپاقلىرى تۈرۈلگەن ، ھىلىلا بىرەرسى بىلەن مۇشلىشىدىغان ئەلپازىدا كىرىپ كەلدى.سائادەتكىمۇ قارىغۇدەك كۆزى يوق ئىدى.ئايۋان ئۆيدىن قىينىئاتىسى چىقىپ كەلدى دە ، روشەنخانغا : 49P4b<1 _ بالدۇرلا قايتىپسىلەرغۇ؟ B!yr!DWv _ ياتمايمەن ئۇ سەھرادا.،ئۇنىڭ تەلەپپۇزى شۇنچىلىك قوپال ، شۇنچىلىك ھەيۋە بىلەن چىقۋاتاتتى.،- توۋا دادىسى ، بىز قانداق بولۇپ ، سەھرالىقنىڭ،يېتىم ئوغلاق قىزىنى ئىلىپ بەرگەندۇق دەيمەن.كىلىن چىقماي ئەپ بەردۇقما بۇنى. ئەر ئالماي ئولتۇرۇپ قالغاندا ئىلىپ بەرگەن بولغىيتۇق ، بۇ يالاڭ تۆش مەس كاللىنىڭ قىزىنى ،_ بۇ ئوچۇقتىن -ئوچۇق قىلىنغان ھاقارەت ئۇدۇل سائادەتنىڭ يۈرىكىگە بىرىپ تەگكەن ئىدى. V]&\fk-{ _ھاي ، ئۇنداق دېمەڭلار ئانىسى. بالىلارغا ئازار بولۇپ قالمىسۇن؟ m|# y>4 _ ماڭا ئازار بولدى خەلىق ئالەمنىڭ ئالدىدا. ،_ روشەنخان شۇنداق دېگىنىچە ئىسەدەپ يىغلاپ كەتتى. $()>g>% _ زادى نىمە بولدى دەڭلار ئانىسى. ئۇنداق ئادەمنى جىلە قىلماي. J1kM\8%b\ _ نىمە بولاتتى.توي بولغان يەرگە ، مۇنۇ چىرايلىقنىڭ ئۆيى يىقىن بولغاندىكىن كىرىپ ئۆتەي ئاتايىتىن كەپتىمەن دەپ،مەھەللىسىدىن ئۆتۈپتىمەن. كىم بىلسۇن ئەركەك قۇدىمىز مەس بولۇپ قىلىپ ، پۇتۇن ئەل خەلق بىكارلىق <ئويۇن > قويۋىتىپتىكەن. مەن نەۋرە ئاچام گۈلسۇمخان بىلەن بىللە بارغان .بىزنى كۆرۈپلا سەت تىللاپ كېتۋاتىدۇ. بىز مۇنۇ ئەتىۋارلىقنى بەك تىللاپتىمىشمىز.كۈن ئالغىلى قويماپتىمىشمىز. كۆڭلىگە ئازار بىرىپتۇدەكمىز.قىلغان گەپلىرىنىڭ جىقلىقى. ئۆيىگە باشلاشتا يوق ،ئىشىك ئالدىدىلار تىللاپ خەلق ئالەم ئالدىدا رەسۋا قىلدى مېنى. ۋاي نىمە كۆرگۈلۈك بۇ......... e)ZUO_Q$ روشەنخان ھۆڭېرەپ يىغلاپ، يىشىغا ، ئۆزىگە ماس كەلمىگەن ھالدا يىغلاۋاتقان ئىدى.بۇنى كۆرگەن سائادەت خىجالەتچىلكتىن نىمە قىلارىنىمۇ بىلەلمەي ، پۇتى كۆيگەن توخۇدەك بولماقتا ئىدى.روشەنخان سەل يىغىسنى توختاتقاندىن كىيىن ، سائادەتكە قاراپ: DlT{` _ ماڭ،ئاناڭنىڭ ئۆيىگە بار.بىز ئەسكى بولغاندىكىن،ياخشى ئاتا-ئاناڭ باقسۇن.بالىنى قوي. نەگە بارساڭ بار.،- روشەنخان شۇنداق دەپ ، سائادەتنى ھەيدىمەكتە ئىدى.دادىسى بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ ، روشەنخاننى تۇتۋالدى.روشەنخاننىڭ ئەلپازىدىن ، سائادەتنى نەچچە تەستەك سالدىغاندەك كۆرنەتتى.سائادەت نىمە قىلارنى بىلمەي ھودۇققىنىدىن تىترەپ كەتتى.قىزى بولسا ، يىغلاپ ھويلىدىكى بۇ جىدەلنى تېخىمۇ ئاۋاتلاشتۇردى. شۇ ئەسنادا ، خۇشال قايىتقان نەبى كىرىپ كەلدى. بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ ھەيران قالدى دە ئانىسىنى ئاجىرتىۋالدى.بۇ تالاش -تارتىشتىن ھەيرانلىق ھېس قىلغان نەبى نىمە قىلارنى بىلمەي قايمۇقتى. كىم تەرەپتە تۇرۇشمۇ ئۇنىڭغا راستىنلا تەس كەلدى.ئانىسى ئەمدى تىلنى ئوغلى نەبىگە سالدى: OSJ$d _ ماۋۇ ، دېۋاننىڭ قىزنى قويىۋەت. ساڭىمىچۇ تىرناقتا توختىغىدەك ، سورىسىمىچۇ ئىتى بار باينىڭ قىزىنى ئىلىپ بىرىمەن.نەچچە ۋاقىتنىڭزى ، سورۇندا بولسۇن، باشقا يەردە بولسۇن ، قىلچە ئىززىتىمىزنى قىلىنشى بىلمىدى. يەنە گىپى بەك چوڭ. بۇنداق كىلىننىڭ لازىمى يوق. نەگە بارسا بارسۇن. +"(jjxJm روشەنخان قوللىرىنى سىلكىپ، چالۋاقاپ، ھەممە ئادەمنى بىسەرەمجان قىلىپ ،ھاياجاندىن ئۆپىدەك قىزىرىپ ، كىتۋاتاتتى. l,:F _ نىمە بولغانغا قويىۋىتىمەن ئانا ؟ xPgBV~ _ نىمە بولاتتى .قۇدىنى خاتا تاللىغانغا. بالام گىپىنى ئاڭلا ،سەھرادىن ئالما، شەھەردىن ئال دېسەم ئۇنىماي ، مېنى مات قىلغىنىڭغا قويۋىتسەن.قويۋەتمىسەڭ ، بولدى ئۆيدىن چىق ،سەندەك بالاممۇ يوق. ،-روشەنخان يەنە بىشەملىك بىلەن ئوغلىغا قوللىرىنى سىلكىپ تۇرۇپ ، سۆزلەۋاتتى. zQA`/&=Y بۇ گەپلەردىن ھار ئىلىپ ، نۇمۇستىن يەرگە كىرىپ كەتكۈدەك بولغان سائادەت يەنە ياش تۆتۈشكە باشلىدى.دادىسى ، بۇ ھالنى ئوڭشاش ئۈچۈن ،نەبى سائادەتلەرنى ھوجۇرسىغان كىرگۈزۋىتىپ، روشەنخاننى ھاۋالىق يەرگە ئىلىپ ، بىردەم دەم ئالدۇردى.سائادەتنىڭ يىشى تېخىچە توختايدىغاندەك ئەمەس.ئۇنىڭغا بايقى ئىشلار خىلىلا ھار كەلگەن ئىدى. ئۆزىنىڭ شۇنچە شور پىشانىلقىدىن ئىچىنىپ ئەلەم بىلەن يىغلماقتا ئىدى.نەبى ھامان ئۇنىڭغا تەسەللىي بىرەتتى. -8Xf0_ _ زادى نىمە ئىش بولدى ئۆيدە؟ *H122njH+T ...... aT<q=DO سائادەت بايا بولغان ئىشنى يىپىدىن -يىڭنىسىغىچە دەپ بىرۋاتتاتتى.ئۇ دېگۈچە تېخىمۇ ئىسدەپ ، ئۈنىمۇ چىقماي قالدى. نەبى ئۇنىڭ يىشىنى ئىيتىپ ، تەسەللىي بەردى ھەم ئانىسىنىڭ يامان نىيتى يوقلىقىنى ، سال ئاچچىقلىنىپ قالغانلىقىنى، كىيىن ئەپۇ سورىسا ياخشى بولدىغانلىقىنى ئىيىتتى.ئۇنىڭغا ياخشى گەپلارنى قىلىپ ، كۆڭلنى ئەمىن تاپقۇزاتتى. 6RM/GM شۇ كۈندىن باشلاپ ،سائادەت روشەخاننىڭ كۆزىگە ھەقىقىي سەت كۆرنىشكە باشلىدى.يوق ئىشنى دەپ نەبىگە چاقاتتى. نەبىمۇ بەزى پەقەت چىدىماي، سائادەتنى ئامالسىز ئۇرۇپ سالاتتى. بۇنداق ۋاقىتتا نەبىنىڭ ئۆزىمۇ بىئارام بولۇپ ، نەچچە كۈنگىچە ئۆزىنى يوقاتقاندەك ، خامۇش يۈرەتتى. سائادەت يەنە ھامىلدار بولدى.بۇ قېتىم ئۇنىڭ بويىدا قىلىشى ، سىزىك جەريانى ئۇنىڭغا بەك ئېغىر كەلدى. كۆڭلى خالىغاننى يىيەلمەيىتتى. نەبى تىقىپ ئەكىرىپ بەرسە ، بىلىپلا قالدىمۇ، ئوچۇق ئاشكارە تىللايىتتى.سائادەت بۇنداق ۋاقىتتا ئۆزىدىن تولىمۇ بىزار بۈلۇپ كېتەتتى.ئۇنىڭ ئىككىنجى تۇغۇتى بەكلا تەس بولدى. زىيادە ئاجىز بولغاچقا ،ئوپراتسىيە ئارلىق بالىنى ئالدى. ئۇ يەنە قىز تۇغدى.بىراق بۇ قېتىم روشەنخانغا يەنە گەپ بولۇپ بەردى.ئوغۇل تۇغۇشنى بىلمەيدىغان ..... ئىشنىقىلىپ تاپمىغان قۇرۇق سۆزلىرىمۇ قالمىغان ئىدى.روشەن بىرلا قېتىم يوقلاپ قويغاندىن باشقا ئۇنى ئارتۇق يوقلىغۇسى كەلمىدى.قانداق قىلسام ئوغلۇمدىن نىرى قىلارمەن دەپ باش قاتۇراتتى. 2oU_2P نەبى يەنىلا خۇشال ئىدى.ئۇ جۇپ قىزىم بولدى دەپ خۇشاللىقىدىن ، سائادەتنىڭ پىشانىسىگە سۆيۈپمۇ قويدى.قىينىئانىسىدىن ئازار يەپ تۇرسىمۇ، يولدىشىنىڭ مېھرىگە ئىرىشكەن سائادەت يەنىلا كۆڭلىنى توق تۇتاتتى.ئۇ بۇ قېتىمقلىق تۇغۇتتىن كېيىن كۆپرەك يىتىپ قالدى. دوختۇر ئۇنى كۆپرەك ئارام ئالسۇن، ئېغىر ھەركەرتلەرنى قىلمىسۇن دېگەچكە ،ئۇ ئۆيدە ئېشنىمۇ كۆپ قىلمايىتتى.بىراق بۇ ئىش روشەنخاننىڭ جۇدۇننى قوزغاپ، نەبى يوق ۋاقىتتا ، سائادەتنى تىللايىتتى، سەت سىلكىپ كۆڭلىگە ئازار بىرەتتى.سائادەت ھامان بۇ گەپلەرنى يولدىشىدىن يوشۇراتتى .ھە دېسلا ئوغۇل تۇغمامسەن ... ئاناڭدەك تۇغماسمىكىن دېسەك ، قىزلا تۇغدىغان بىقۋالدىكەنسەن .... دېگەندەك گەپلەر سائادەتنىڭ يۈركىنى پۇچىلايىتتى.قىينىئانسىنىڭ قەستەن كۆڭۈل ئاغرىقى تىپۋاتقىننى بىلسىمۇ ، ئۇنىڭ چەكتىن ئاشقان سۆزلىرى ،سائادەتنىڭ يۈرىكىگە نەشتەر بولۇپ سانجىلاتتى.بىر يىلدىن كۆپ ۋاقىت يەنە شۇنداق تەنە ، ئاچچىق سۆز، پۇتاق تىپىش بىلەن ئۆتمەكتە ئىدى.كۈندىن -كۈنگە يىڭلىنىپ تۇرۋاتقان گەپلەر سائادەتنى چارچاتتى ھەم قەلبىدە ئۆچمەس بىر داغ قالدۇرغان ئىدى.ئۇنىڭ يۇۋاشلىقى ئۇنى مۇشۇنچىلىك ئۇۋالچىلىققا قالدرۇغان ئىدى.شۇ دادسىنىڭ ئىشى ئۈچۈن ، نەچچىلاپ كەچۈرۈم سورىسىمۇ ئىلىك ئالمىدى. ھەتتا دادىسنى ئالدىغا ئەكىلىپ ، كەچۈرۈم سورغاندىمۇ ، ئۇ يەنىلا قارايدىغان كۆزى يوق ، ئۆيدىن ھەيدەپ چىقارىغىلى تاسلا قالغان ئىدى.مۇنداق ئاچچىق ھايات ئىچىدە ئۆتكەن تۇرمۇش سائادەتنى ھالسىزلاندۇردى،ئۇنى چارچاتقان ئىدى. |3%8&@ho نەبى ئۆي ئايرىپ بىرىشنى ئىيتقاندا ، ئانىسى ھەقاچان بۇ سائادەتنىڭ يامان نىيتى دەپ سائادەتنى ئوچۇقتىن -ئوچۇق تىللىغان ئىدى.ھەمدە قوشۇپ < قاچان ئوغۇل تۇغقاندا، ئاندىن ئۆي ئايرىمەن بولمىسا مۇشۇ ئۆيدە مەن بىلەن ياشايسىلەر > دېدى. بۇ گەپ سائادەتكە ھەقىقەتەن ئىغىر كەلدى.ئوغۇل تۇغىمەن، قىز تۇغىمەن دەپ قورساققا ، ياساپ سلۋالغىلى بولمايدۇ دە.ئاشۇ گەپلىرى سائادەتنىڭ يۈركىدىن ئۆتۈپ كەتكەن ئىدى.روشەنخاننىڭ ئۆزىمۇ بىر ئانا تۇرۇپ قىلۋاتقان ئىشلىرىغا ،ئىچىناتتى ۋە ئاللاھدىن كۆيۈم شەپقەت تىلەيىتتى. K#xvu1U سائادەت تۈزۈك تاماقمۇ يىمەيىتتى. نەبى بار ۋاقىتتا ، جىقراق بەرگەن بىلەن يوق ۋاقىتتا، ئىككى بالىسى ئۆزىگە چاغلىقلا تامان بىرەتتى. بىچارە سائادەت بالىلىرىم دەپ ، ئاۋال بالىلانىڭ قورسىقىنى توقلايىتتى.ئاشقىننى ئۆزى يەيتى.بۇنداق ئەھۋال داۋامىلق بولۇپ تۇراتتى.ئۇنىڭ ئۈستىگە ئالدىنقى قېتىلىق تۇغۇتتا ، خىلى كۆپ قانسىراغاچقا ، بەدىنى شۇنچىلىك ئاجىزلاپ كەتكەن ئىدى. b\ PgVBf9 سائادەت يەنە قورساق كۆتۈردى ئۇ بەش ۋاخ نامىزدا بالىسىنىڭ ئوغۇل بولشىنى، نەبنىڭ بۇ خىجالەتچىلىكتىن ،تېزراق قۇتۇلشىنى، قىيىنئانسىنىڭ ئۇلارغا كەڭ قورساق بولىشىنى تىلەيىتتى ھەم ئاللاھغا نالە قىلىپ يىغلايىتتى. H[UlY?&+ ئۇ كۈندىن كۈنگە ئاجىزلاپ كېتىپ باراتتى.نەبى شۇنداق كۆڭۈل بۆلەتتىيۇ، يەنە ئانىسدىن قورقۇپ تۇاراتتى.ئۇنىڭ ئاي -كۈنىمۇ يىقىنلاشتى.ئۇنىڭ كۈتكەن مېنۇتىمۇ يىتىپ كەلدى.نەبى ئىزچىل ئۇنىڭ يىنىدا تۇرۇپ،ئۇنىڭغا ، مەدەت بىرەتتى.اللاھدىن ئاسانلىق تىلەيىتتى.ئۇنىڭ 3 . قېتىمىلق تۇغىتىمۇ شۇنچىلىق قىيىن بولدى.بىر چاغدا ، بىر دوختۇر چىقىپ كەلدى : b2]Kx&! _ بىمارنىڭ تۇققىنىدىن كىملەر بار؟ {U1m.30n _ بىز .........،- سائادەتنىڭ ئانىسى، دادىسى ، نەبىنىڭ داسىسى بار ئىدى. W`&hp6Jq _ بىمارنىڭ ئەھۋالى بەك خەتەرلىك.بۇ قىز ئىسىمدە بار مېنىڭ،ئالدىنقى قېتىملىق تۇغۇتمۇ شۇنداق قىيىن بولغان. ئۇنى 5 يىلغىچە قورساق كۆتۈرمەڭ دەپ ئىنىق تاپىلغان. يەنە قورساق كۆتۈرۈپتۇ.ئۇنىڭ تىنى بەك ئاجىز.ئىغىر دەرىجە قان ئازلىق بار. تۇغۇت ئاياللارنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ. ئىلاھىم ، ئۆز پاناھىدا ساقلىغاي. BC]?0 U _ ئۇنداق دېگەندەك قىلمىغانغۇ بىزگە؟،-سورىدى سائادەتنىڭ ئانىسى. CNIsZv@Q _ بىز ئىنىق تاپىلغان بىمارغا . ?}7p"3j'z بۇ گەپتىن ھەممەيلەن چۆچۈپ كەتتى.نەبى چۈشەندى.ئۇ ئانىسىنىڭ ئاشۇ تاپا-تەنىسىدىن كىيىن ، ئۆزىنى ئويلىماي ، يەنىلا نەبىنى ئويلاپ ،مۇشۇنداق چوڭ تەۋەككۇلچىلىك قىلغانلىقىنى بىلدى ھەم يۈرىكى ئىيچىشىپ كەتتى. {x7, _ بىمارنىڭ ئەھۋالى خەتەرلىك ، تېزدىن ئوپراتسىيە قىلمىساق بولمايدۇ.بۇنىڭغا قول قويۇڭلار._ دوختۇر شۇنداق دەپ بىر جەدىۋەلنى ئۇلارغا سۇندى.ئالدىنقى تۇغۇتتىمۇ بۇنداق جەدىۋەنى بەرگەن .بىراق ئۇلار بۇ قېتىمقىدەك ھودۇقمىغان . WKU=.sY _ دوختۇر ،ئۆتىنەي. ئانىسنى ساقلاپ قىلىڭلار!!! ئۆتىنەي دوختۇر...،- نەبى دوختۇنىڭ قولىغا ئىسلىپ يالۋۇرماقتا ئىدى. p8Q1-T3v _ خاتىرجەم بولۇڭ. بىز پۈتۈن كۈچمىز بىلەن تېرشىمىز !!! }-fl$j?9E ئۇلار بەك تەستە قول قويدى.سائادەتنى ئوپراتسىيە قىلىنماقتا ئىدى. دوختۇرلار شۇنداق تېز چىقىپ ،كېرىپ بۇلارنى تېخىمۇ جىددىيلەشتۈرۋاتاتتى.نەبىنىڭ يۈرىكى قاتتىق سوقماقتا ئىدى.ئۇنىڭ يۈرىكى بىز شۇملۇقتىن خەۋەر بىرۋاتقاندەك ئەنسىز سوقاتتى. &OBkevg شۇ ئەسنادا ، ئوقۇشنى تۈگىتىپ ، ئەمدىلا بۇ دوختۇرخانىغا پىراكتىكىغا چۈشكەن ئەسقەر ، بۇ يەردىن ئۆتۈپ كېتۋاتاتتى. ئۇ سائادەتنىڭ ئاتا-ئانىسىنى كۆرەپ ، يۈركى بىرخىل ئەنسىز سوقتى دە ، دەرھال سېستىرادىن كىمنىڭ ئوپراتسىيە ئۈستىدە ئىكەنلىكىنى، ئەھۋالىنى بىلدى دە يۈرىكى ئاغزىغا قاپلىشىپ قالدى.ئۇمۇ بۇلارغا سەل نىرىدا تۇرۇپ ، سائادەتنىڭ تېنىچ ئامان چېقىشىنى كۈتۋاتاتتى.بىز چاغدا ئوپراتسىيە ئۆيىنىڭ چىرىغى ئۆچۈرۈلدى. دوختۇرلار بىر بوۋاقنى كۆتۈرگىنىچە چېقتىيۇ كۆزلىرىدىن بىر خىل غەملىكىنىك كۆرنىپ تۇراتتى.نەبى يۈگۈرگىنىچە دوختۇرنىڭ ئالدىغا ئىتىلىپ باردى. njw|JnDv _ سائادەت قانداقراق ؟ `lPfb[b _ بىز تىرىشتۇق .بارچە ئۇسۇلدا كۈچىدۇق. ئامالسىز قالدۇق.كۆپلەپ قان چېقىپ كەتتى.ئۇنىڭ ئۈستىگە بىمار ئېغىر قان ئازلىق كېسلى بولغاچقا ، قۇتقۇزۇشقا ئامالسىز قالدۇق. <بالىڭىز ئوغۇلكەن> ._ دوختۇر شۇنچىلىك تۆۋەن ، شۇنچىلىك قايغۇلۇق ھالەتتە دېدى. بۇنى ئاڭلىغان نىرىدا ئولتۇرغان ئەسقەرمۇ چاچراپ تۇرۇپ كەتتى دە ،ئاچچىق كۆز ياش تۆكتى.ئۇنىڭ يۈگۈرۈپ بىرىپ ، ئوپراتسىيە ئۆيىگە كىرىپ، يىگانە پەرىشتىسنى كۆرۋاغۇسى بار ئىدى. بىراق ھازىرقى مۇناسىۋەتتە ئۇ ئۇنداق قىلسا بولمايىتتى. ئۇ ئۆزىنى تۇتۋالالماي يۈگۈرگىنىچە ، سىرىتقا قاراپ يۈگۈردى. 'RRE|L, نەبى ئۆزىنى ئوپراتسىيە ئۆيىگە ئاتتى دە كاۋرات ئۈستىدە ، تۈپتۈز ياتقان ، ئاپئاق رەخىت يىپىلغان سائادەتنى كۆردى .ئۇ چىدىمىدى.ئۇن سىلىپ يىغلاپ ، ئۆزىنى سائادەتنىڭ ئۈستىگە ئىتىپ يىغلاشقا باشلىدى.ئۇنىڭ ئاچچىق يىغىسى ھەممە يۈرەكنى تىترىتەتتى.ئوپراتسىيە ئۆيى ماتەمگە ئايلاندى. نەبى يىغلىماقتا ،ئۆكسۈپ يىغلىماقتا.ئۆزى ئۈچۈن قۇربانلىق بەرگەن بەرناسى ،مەڭگۈلۈك جۈپتىم دەپ پۈتۈن مېھرىنى بەرگەن 3 بالىسنىڭ ئانىسى ھېساپلىندىغان قەدىردانى ئۈچۈن يېغلىماقتا.ئۇنىڭ ئاچچىق يېغىسى دوختۇرخاننى ئېغىر ئەلەم قوينىغا ئىلىپ كېرگەن ئىدى. xm@_IL&P ئۇ ئۆزىنى سەل بىسۋالغاندىن كېيىن ، بالىنى قولىغا ئالدى دە ئۆيگە قاراپ يۈگۈردى.روشەنخان ئۆيدە ، بىغەم ھالدا مېھمان كۈتۋاتاتتى. s@DLt+ O5 _ ئانا مانا سەن ئارزۇ قىلغان ،ئۈمۈت قىلغان ئوغۇل نەۋرەڭ.قېنى باغرىڭغا باس. سېنىڭ ئاخىر مەخسىتىڭ ئەمەلگە ئاشتى ئانا،-نەبىنىڭ كۆزىدىن ياش ھېچ توختايدىغاندەك ئەمەس ئىدى.-ئۇ كەتتى. ئۇ ئەمدى كەلمەسكە كەتتى ئانا. تۇپراق قوينىغا كەتتى. سەن ياراتمايدىغان < مەسكاللا، دىۋانى>نىڭ يېتىم قىزى سېنى، مېنى ،3 نارسىدىسنى تاشلاپ كەتتى. BB'OCN روشەنخان بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ ،لەسسىدە ئولتۇرۇپ قالدى. E P+JN نەبى قولىنى ئىگىز كۆتۈرۈپ، قاتتىق ئاۋازدا : ;GhNKPY ئاھ ، خۇدا ، مەن نىمە گۇناھ ئۆتكۈزدىم ئالدىڭىدا. نىمىشقا بۇ 3 نارسىدىنى ئانىسىز، مەندەك بىر غىرىپ بەندەڭنى يالغۇز قالدۇرسەن.ئۇنىڭ ئورنىغا مېنى ئۆز قوينىڭغا ئالساڭچۇ ؟...... -(#iIgmP نەبى ئۈن سىلىپ يىغلىماقتا ئىدى......... N?>vd* HKrMim-
قەشقەر يېزىلدى. qv"$Bd:]r e]tDy0@ تېمىنى خالىغانچە كۆچۈرمەڭ!!! |
|