altunboxuk | 2011-06-07 12:32 | ئۆيگە قايتىش ياقۇپجان يۈسۈپ }p"HD R>
Jq.26I=
بىر پارچە ھېكايە بىلەن ئۆزۈمگە شۇنچە كۆپ ئاۋارىچىلىق، شۇنچە كۆپ دەردىسەلەرنى ئارتىۋالىدىغانلىقىمنى ئويلاپ باقماپتىكەنمەن. خاپىلقنىڭ دەردىدە بوغۇلۇپ قالغىلى تاسلا قالدىم. تاماكىنى ئۈزمەي چېكىپ ئاچچىقىمنى، چىڭقالغان، جىددىلەشكەن نېرۋېلىرىمنى بوشاتماقچى بولدۇم. تۆۋە بىر پارچە ھېكايە مېنى مۇشۇ ھالغا چۈشۈرۈپ قويدى-ھە؟ ئۆز ئايالىم چۈشەنمىگەن يەردە باشقىلاردىن ئۈمىد كۈتمىسەممۇ بولغىدەك. ئاشۇ كىچىككىنە بىر پارچە ھېكايە بىلەن بىر چىرايلىق ئائىلىمىز ۋەيران بولۇپ كېتەرمۇ؟ خەپ ھېكايە دېگەن نەرسىنى ئىككىنجى يازىدىغان بولسام... LxMOs Nv چوڭ كوچىنى بويلاپ كېتىۋاتىمەن. بۇ كېچىدە نەگە بېرىشنى نېمە قىلىشنىمۇ بىلمەيمەن. خۇددى ئائىلىسىدىن قوغلانغان يېتىم بالىدەك كۆڭلۈم يېرىم. بايا ئۆيدە بولغان ئىشلارنى ئويلىساملا بىسەرەمجان بولىمەن. ھەممە ئاچچىقىمنى تاماكىدىن ئالماقچى بولغاندەك ئۈزمەي تاماكا چېكىمەن. مەقسەتسىز، نىشانسىز ھالدا ئاۋات شەھەر كوچىسىغا قاراپ كېتىۋاتىمەن. خۇددى روھى چىقىپ كەتكەن ئەرۋاھتەك ئۇيان لەيلەپ، بۇيان لەيلەپ كوچا دوقمۇشىدىكى كەچلىك بازارغا بېرىپ قاپتىمەن. ئەنە ئۇ يەرگە بىر توپ كىشىلەر توپلىشىۋاپتۇ. ئوتتۇرسىدا ئىككى ئادەم بىر بىرىگە ئاغزىنى بۇزۇپ شىردەك ھۆكۈرەشمەكتە. ھەيۋە قىلىشماقتا. بىرسىنىڭ قولىدا پالتا، بىرسىنىڭ قولىدا پىچاق. 2wu5`Z[E -نېمە ئىش بوپتۇ؟-سورىدىم توپنىڭ ئارىسىدىكى بىرەيلەندىن. z.{yVQE -نېمە ئىش بولاتتى؟ ئورۇن تالىشىۋاتىدۇ. ئا بىرسى كاۋاپچىكەن، بىرسى لەڭپۇڭچى. بىرسى مەن باشتا كەلگەن دەيدۇ. بىرسى بۇ ئورۇن ئەزەلدىن مېنىڭتى دەيدۇ، خۇددى بۇ يەرنى مولاپ ئالغاندەك. SLBKXj| -سىلەرچۇ؟ تاماشە كۆرۈۋېتىپسىلەر-دە؟ {5*+ -بىكارلىق ئويۇنكەن، كۆرىۋاتىمىز،-دېدى يەنە بىرەيلەن. gzw[^d -شۇنداق، بىكارلىق زەھەر بولسا يەۋالىسىلەر. ئېسىت، ھالىغا بۇ خەقنىڭ، شۇنچە كۆپ ئادەم ئاشۇ ئىككى ئادەمنى چىرايلىق ئايرىپ، ياراشتۇرۇپ قويۇشتا يوق، ئۆز قېرىنداشلىرىنى ئىتتەك تالاشقا سېلىپ، تاماشە كۆرىۋاتقىنىنى. B [y1RI|9 -ئارىچىغا ئالتە تاياق دېگەن گەپنى ئاڭلىماپتىكەنسىز-دە؟ ئارىغا چۈشسىڭىز ھېلى پىچاق يەيسىز، بىكار. ib&|271gG -بۇنداق ئادەملەرنى قانۇننىڭ بىر تەرەپ قىلغىنى ياخشى،-دېدى ئارىدىن يەنە بىرى. :?lSa6de ئاغزىڭدىن چىقتى، ياقاڭغا ياماشتى دېگەندەك قاياقتىن كەلدىكىن بىرقانچە ساقچى پەيدا بولدى. ئۇلار بىرلا ھەيۋە بىلەن توپلىشىۋالغانلارنى تارقىتىۋەتتى ئاندىن ھېلىقى ئىككى «جىدەلچى»نى ماشىنىسىغا سېلىپ يۈرۈپ كەتتى. hI/p9`w -ھەي ئېسىت! كەچلىك بازاردا تاپقىنىنىڭ تايىنى يوق، نەچچە كۈن قاماقتا يېتىپ، بىرمۇنچە پۇل تۆلەپ چىقىدىغان بولدى، بۇ بىچارىلەر،-دەپ غودىردى بايىلا تېخى قانۇننىڭ گېپىنى قىلغان ھېلىقى ئادەم. b>fDb J0 نېمە دېگەن نادان، نېمە دېگەن ئىككى يۈزلمىچى خەق ھە بىز. بىز زادى نېمىنى تالىشىمىز؟ مۇشۇنداق تالىشىپ نېمىگە ئېرىشىمىز؟» دېگەننى ئويلاپ باقمايمىز. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەزەلدىنلا خەلق ئۆزلىرى ئەدەپ-ئەخلاق ۋە ئادىمىگەرچىلىك پىرىنسىپلىرى بويىچە ھەل قىلىپ كېلىۋاتقان كىچىككىنە ئىشلارنى ئوتتۇرىغا چىقىپ ھەل قىلىدىغان بىرمۇ ئادەم يوق، ئەكسىچە ئۇ بىرنېمە دەپ، بۇ بىرنېمە دەپ جىدەلنى ئاۋۇتۇپ، زىددىيەتنى تېخىمۇ كەسكىنلەشتۈرۈپ، قانۇن ئورۇنلىرىغا تاپشۇرۇپ بەردۇق. ئەمدى بولسا ئۇلارغا ئىچ ئاغرىتقان، رەھىمدىل ئادەم سىياقىغا كىرىۋېلىپ، باشقىلارنىڭ ھىسداشلىقىنى قوزغىماقچى بولىۋاتىمىز.كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى، كىشىلەر ئارىسدا مھىرى-مۇھببەت، ئادىمىگەرچىلىك سۇسلۇشۇپ كەتتى. ھەتتا يېقىن قېرىنداشلار ئارا مەنپەئەت ئۈچۈن بىر- بىرىدىن كېچىشىدىغان، ئاتا-ئانىدىن ئادا-جۇدا بولىدىغان ، قەدىناس دوست-بۇرادەرلىرىگە قارا سانايدىغان ئەھۋاللارنىمۇ كۆرۈپ تۇردۇق. مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۇسۇللىرىمىز ئەڭ مۇھىمى ئەقىدە-ئېتىقادىمىز ئۆزگەرمەكتە. مانا بۇ بىزدىكى ئەخلاق، ئېتىقاد كىرزىسى، مانا بۇ بىزدىكى پاجىئە. مۇشۇنداق پاجىئەلەرنى مەن ئەمدى يازالمايمەن. مەندە يازغۇدەك جۈرئەتمۇ قالمىدى. يۈرەكمۇ يوق. چۈنكى بايىلا تېخى ھېكايە يازغىنىم ئۈچۈن ئايالىمدىن بۇرنۇمغا يېدىم. ئەمدى باشقىلارنىڭ گېپىنى ئاڭلىغۇدەك ماجالىم قالمىدى. i3f/{D/ چوڭ كوچا، پىيادىلەر يولى بىلەن خىيال دەرياسىغا غەرىق بولۇپ كېلىۋاتىمەن. ئادەملەر شۇنچە كۆپ. چوڭ-كىچىك، ئەر-ئايال، ھەر خىل مىللەتتىن، ھەر خىل كىشىلەر ھەر تەرەپكە قاراپ ئاقماقتا، ئالدىراشماقتا، دولقۇنلىماقتا، خۇددى دېڭىزدەك. تۇيۇقسىز بىر نەرسىنىڭ شاقىرىغان ئاۋازى ئاڭلاندى. قارىسام ئالدىمدىلا بىر ئادەم، ياق، بىر ئىشەك، چوڭلا بىر ئىشەك، ئادىمى ئىشەك يولنىڭ بويىدىلا تامغا قاراپ تەرەت قىلغىلى تۇرۇپتۇ. يا ئالدىمغا يا كەينىمگە مېڭىشنى بىلەلمىدىم. ئادەملەر ھېلىقى مەخلۇقتىن نىجاسەتتىن يىرگەنگەندەك يىرگىنىپ ئۆتۈپ كېتىشەتتى. بىرى ئاغزىنى بۇزۇپ تىللىسا، بىرى گېلىنى قېرىپ، تۈكۈرۈپ قويۇپ ئۆتۈپ كەتتى. ئەنە ئۇ مەستلىكتىن سىزىمىنى يوقاتقان تېنىنى ئارانلا سۆرىگىنىچە دەلدەڭشىپ كېتىۋاتىدۇ. sba0Q[IY خالى دەيدۇ... خالى دەيدۇ... `.><$F يارىم...نىڭ خالى... 1no$|n# ئېيتسام...ئېيتسام... تۈگىمەيدۇ. ,/Xxj\i يارىمنىڭ...ھالى... M"~B_t,Nw -خېنىم... كۆڭۈل ئاچامدۇق؟-ھېلىقى ھايۋان يولدا كېتىۋاتقان چىرايلىق بىر چوكانغا كاپپىدە ئېسىلدى. RCoz;|c`P -ئاناڭ بىلەن كۆڭۈل ئاچ، ۋۇ ھايۋان!-«چاڭ»ڭىدە تەككەن بىر تەستەك بىلەن ھېلىقى ئىت كۆكەرتىش بەلۋېغىدىكى چىملىققا يۇمۇلاپ كەتتى. ئۇ شۇ يىقىلغىنىچە ئورنىدىن تۇرالمىدى. كونىلار:« ئادىمىيلىك بىلەن ھايۋانىيلىقنىڭ ئارىسى بىر قەدەم» دەپتىكەن. ئادەم مۇشۇنداق ئار-نومۇسنى، ئەرلىك غورورىنى، ئادىمىيلىك پەزىلىتىنى يوقاتقاندا ھايۋاندىنمۇ پەس ئەخۋالغا چۈشۈپ قالسا كېرەك. ئىتنىڭ قاياشى ئىت دېگەندەك قاياقتىندۇر يېتىپ كەلگەن بىر لالما ئىت ئۇنىڭ ئەتىراپىدا ئايلىنىشقا باشلىدى. ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ ئۇنىڭغا قارىدىم. خېلى كېلىشكەن، ياشلا يېگىتتەك قىلاتتى. كېيىم-كېچەكلىرى لايغا بۇلانغان، تېنىدىن بىر خىل سېسىقچىلىق پۇراپ تۇراتتى. ئۇنىڭغا ئىچىم ئاغرىدى. ئەمەلىيەتتە، بۇ دۇنيادا نوقسانسىز ئادەم بولمىسا كېرەك. ئۇنى مازاق قىلىدىغان، ئۇنى پەس كۆرىدىغانغا سالاھىتىممۇ يوق. ئۇمۇ بىزگە ئوخشاشلا خۇدانىڭ بەندىسى. يەنە كېلىپ ئۇمۇ بىزنىڭ قېرىندېشىمىز. ئۇنى كۆرۈپ تۇرۇپ كۆرمەسكە سېلىپ ئۆتۈپ كېتىشكە ۋىجدانىم چىدىمىدى. ھەم ئۇنىڭ چوڭ كوچىدا مۇشۇنداق يېتىشى ھەممىمىز ئۈچۈن سەت دەپ ئويلىدىم. [rGR1>U?i -ھەي، ئۇكاموي، قوپە ئورناڭدىن،-ئۇنىڭ بەدىنى خۇددى ئۆلۈكتەكلا ئىنتايىن ئېغىر ئىدى. بويۇنلىرىدىن تارتقۇشلاپ مىڭ تەستە ئولتۇرغۇزدۇم. na%9E8;:&v -ھەي ئۇكام، ماڭا قارا، ماڭا،-ئۇ مەستلىكتىن كۆزىنى ئاچالمايۋاتاتتى. ئىڭەكلىرىگە شاپىلاقلاپ يەنە ۋاقىرىدىم،-ئۆي نەدە؟ ئۆي. tXfB.[U -نېمە؟ نېمە ئۆي؟ 7rsrC -ئۆيۈڭ نەدە داۋاتىمەن. مەن ئاپپىرىپ قوياي. _"z#ICT( -مۇشۇ مېنىڭ ئۆيۈمغۇ... bx`(d@ راستىنلا بىر لالما ئىتكەندە ئۆزىنىڭ ئۆيىنىمۇ بىلمەيدىغان. gSC8qip -ئۇكام، ئوبدان قارا،- ئۇنى يەنە سىلكىپ ئەتىراپنى كۆرسەتتىم،-بۇ دېگەن چوڭ كوچا، سېنىڭ ئۆيۈڭ ئەمەس. +)roEJ_ ئۇ«ھە...» دېدى-دە، يەنە بېشىنى قويىۋالدى. ئامالسىز ئۇنى شۇ يەردىلا قويۇپ كىرا ماشىنىسىدىن بىرنى توستۇم. شوپۇرغا بەش يۈەن پۇلنى تۇتقۇزۇپ: qOkw6jfluh -ئاللا يولىدا بىر ياخشىلىق قىلىپ قويامسىز؟-دەپ سورىدىم. \$9S_z -نېمە ئىشتى؟-دەپ سورىدى شوپۇر. >>&~;PG[ ئۇنىڭغا ئەخۋالنى قىسقىلا چۈشەندۈردۈم. ئۇ خېلى غەرەز ئۇقىدىغان ئادەم ئىكەن. دەرھال ماشىنىدىن چۈشتى. ئىككەيلەن ئىككى تەرەپتىن كۆتۈرۈپلا ھېلىقى مەسنى ئورنىدىن تۇرغۇزدۇق. شوپۇر: 7!Fu.Ps> -سىز گۇۋاھ بولۇڭ، بۇنىڭدىن باشقا چارە يوق،-دەپ ئۇنىڭ يانچۇقلىرىنى ئاقتۇرۇپ، پورتمالىنى ئالدى. ئاندىن توك ئىشلىتىش كارتىسىنى تېپىپ ئۇنىڭ ئۈستىدىكى ئادىرىسنى ئوقىدى. 7dxY07yu -بەخت ئولتۇراق رايۇنى 2-بىنا 5-كورپۇس 301-ئۆي. 92eS*x2@ ئىككىمىز ئۇنى يۆلەشتۈرۈپ ماشىنىغا چىقاردۇق. شوپۇر ئۇستام مەن بىلەن خوشلىشىپ: \5X34'7 -سىز خاتىرجەم بولۇڭ، مەن چوقۇم ئۇنى ساق-سالامەت ئۆيىگە ئاپپىرىپ قويىمەن،-دېدى-دە، يۈرۈپ كەتتى. /l@ 7MxE مانا ئەي قېرىندىشىم، بىز ئەرلەرنىڭ، ئەركەكلەرنىڭ ھالى... ئۆزۈم ھەققىدە ئويلىنىپ قالدىم. مەن ئۆزۈمنى ئەر چاغلىيالامدىمەن؟ ئەرلەر قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى قىلالامدىمەن؟ مەندە ئەرلەرگە خاس جاسارەت بارمۇ؟ ياق، بايىلا ئىككى ئادەمنى ئاجرىتىپ قويۇشقا جۈرئەت قىلالمىغان تۇرسام قايسى ھالىمغا ئۆزۈمنى ئەر دېيەلەيمەن؟ ئەمەلىيەتتە مەنمۇ ئۆتۈپ كەتكەن پەس، يارىماس بىرنېمە. ئۇنداق بولمىسا ئايالىمدىن دەشنام يەپ ئۆيدىن قوغلىناتتىممۇ؟ ئۆزۈمنى بارغانچە كىچىكلەپ كېتىۋاتقاندەك ھىس قىلدىم. ئۆزۈمگە ئۆزۈم گۇناھكاردەك تۇيۇلدى. ھەممە ئادەم ماڭا قاراۋاتقاندەك، مېنى مازاق قىلىپ كۈلىۋاتقاندەك بىلىندى. iSHNt0Nl -ئاكا، جېنىم ئاكا، مەندە راستىنلا بىر تىيىنمۇ پۇل يوق. Bg;bBA!L -پۇل يوق ئادەم دادامنى نېمە دەپ دوختۇرخانىغا ئېلىپ كەلگەن؟ Y|KX:9Y@ دوختۇرخانا ئالدىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، شۇ يەردە تۇرغان بىر قانچە كىشىنىڭ سۆزلىرى ئىختىيارسىز ھالدا دىققىتىمنى تارتتى. /V:%}Z -جېنىم ئاكا، دادامنىڭ مۇشۇ ھالدا تۇرغىنىغا بىر يىلدىن ئاشتى. ھېلىمۇ مەن ئۇنى كۆپ داۋالاتتىم. بۈگۈن كېسىلى تۇيۇقسىز قوزغۇلۇپ قالغاچقا مەنمۇ ئامال قىلالمىدىم. ئۇنىڭ ئۈستىگە سىلەرمۇ بالىغۇ؟ سىلەرنىڭمۇ دادىمىزغا قاراش مەجبۇرىيىتىڭلار باردۇ؟ ئۇ يالغۇز مېنىڭلا داداممىتى-يا؟ W~R_-]k@g -ئەلۋەتتە، كۆپرەك مەسئۇلىيەتنى سەن ئۈستۈڭگە ئالىسەن،-دەپ گەپكە ئارىلاشتى ئۈتتۇرانجىسى،-چوڭ ئۆي، دادامنىڭ تاپقان-تەرگەن بىساتى، قوتاندىكى مال-چارۋا ھەممە نەرسىگە سەن ئىگىدارچىلىق قىلغاندىن كېيىن. دادام بىزگە نېمە قىلىپ بەردى. تايدەك چېغىمدىن تارتىپ كەينىدە يۈرۈپ تولا ئىشلەپ جۇلۇقۇم چىقىپ كەتتى. نېمىگە ئېرىشتىم. ئاخىرى بىر ئېغىز ئۆي بىلەن بىر پارچە ئەسكى كىگىزدىن باشقا ھىچنەرسىگە ئېرىشەلمىدىم. سەنچۇ؟ بالىنىڭ كىچىكى بولغانلىقىڭ ئۈچۈنلا ئاسامدىن چۈشكەندەكلا تەييار بايلىققا ئىگە بولدۇڭ. بۇ بايلىقلار كىمنىڭ، قانداق كەلگەن دېگەننى ئويلاپمۇ قويمىدىڭ. ھەجىبا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە مەسئۇلىيەت توغرىسىدا سۆزلەيسىنا... wgfn:LR -ئالە... ئالە شۇ ئۆيۈڭنى...-كىچىكى ئاچچىقتىن تىترەپ، قوللىرىنى شىلتىپ ۋاقىراپ كەتتى. 7;c{lQOj} -ئەمدى نېمە قىلاتتىم. يەيدىغاننى يەپ، ساتىدىغاننى سېتىپ، ھەممە يېرىنى شىلىپ، قۇرۇق ئۇستىخانغا ئايلاندۇرۇپ قويغان تۇرساڭ... awo=%vJ& -بولدى، بولدى قىلىش!-چوڭراقى ۋاقىراپ ئۇلارنى توختاتتى،-قاچانغىچە چۆجە-خورازدەك سوقۇشۇپلا يۈرىشىسەن؟ c]&(h L ئۇلار بىر-بىرىگە چەكچەيگىنىچە تۇرۇپ قېلىشتى. بىردەملىك جىمجىتلىقتىن كېيىن كىچىكى: ;LthdY()n( -مەنغۇ مانىڭدىن ئۈمىد كۈتۈپ كەتمەيمەن،-ئۇ ئوتتۇرانجى ئاكىسىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ يەنە سۆزلەشكە باشلىدى،-ئاكا سەندىغۇ باردۇ؟ بۈگۈنچە دوختۇرخانىغا ئالدىن تۆلەپ تۇرغىدەك بولسىمۇ بولاتتى. v k.Y2: -مەندىما؟ مەندىن پۇل سوراۋاتامسەن؟ ئۈچ يىلدىن بېرى يەڭگەڭنى داۋالىتىمەن دەپ بارمىغان يېرىم، قىلمىغان سەۋەبىم قالمىدى. دوختۇرخانىنىڭ كوچىسىغا تولا قاتراپ قاق سەنەم بولۇپ كەتتىم، بۇنى بىلىدىغانسەن؟ Hya*7l']B -ئەمىسە قانداق قىلىمىز؟ جېنىم ئاكا... زادى قانداق قىلىمىز؟ دەپباققىنا!؟ ھەجىبا، غولاسەندەك ئۈچ ئوغول ئاشۇ بىر دادىمىزنى... rJD>]3D 5p دوختۇرخانا جىددى بۆلۈم تەرەپتىن ۋاقىرىغان، كىملەرنىدۇر چاقىرىغان ئاۋازلار ئاڭلاندى. ئۈچ ئوغول ئوپۇل-توپۇل يۈگۈرىشىپ كىرىپ كېتىشتى. {h|3P/?7 ھەي پۇل، ھەي پۇل! ئاشۇ نىجىس پۇل بالىلارنى ۋاپا-ساداقەتتىن، قېرىنداشلارنى مىھرى-مۇھەببەتتىن، ئەرلەرنى غوروردىن، قىزلارنى شەرمى-ھايادىن، كىشىلەرنى ئىنساپ-دىيانەتتىن ئايرىپ بىر بىرىدىن يىراقلاشتۇرىۋاتىدۇ. بىر بىرىدىن ياتلاشتۇرىۋاتىدۇ. بارغانچە ئۆزىمىزنى تونىيالمايۋاتىمىز. ھەممىلا نەرسە پۇلغا، ئىقتىسادقا بېرىپ تاقىلىۋاتىدۇ. بىر قىسىم كىشىلەردىكى ئەخلاق سۈپىتىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشى، ۋىجدانىنىڭ قۇرۇتلاپ، ئەقىدە-ئېتىقادىنىڭ بەربات بولىشىنى نامراتلىق ۋە مال-دۇنياغا ھەددىدىن ئارتۇق بېرىلىشتىن دەپ قارىساق خاتالاشقان بولمايمىز . بىز قاچانمۇ نامراتلىقتىن قۇتۇلارمىز؟ قاچانمۇ خاتىرجەم ياشارمىز؟ بايىقى ئوغوللارمۇ ئاغزىدا دېگەن بىلەن دادىسىغا چىدىمايدىكەن، بەلكىم ئۇلارمۇ نامراتلىق تۈپەيلى ئامالسىزدۇر. مانا مەنمۇ نامراتلىقتىن ئامالسىز ئايالىمنىڭ ئاتا-ئانىسى ئېلىپ بەرگەن ئۆيدە تۇرىۋاتىمەن. شۇڭا بۈگۈن ئۆيدىن ھەيدەپ چىقىرىۋەتسىمۇ غىڭ قىلالماي كوچىدا تەمتىرەپ يۈرۈۋاتىمەن. ئايالىمغۇ ئۇنداق ھازازۇل ئاياللاردىن ئەمەس، ھەممىنى قىلغان ھېلىقى ھېكايە، شۇنى يازمىغان بولساممۇ ئايالىم ئۇنچىۋىلا چېچىلماس ئىدى. مەنمۇ بەك تاۋۇنازۇك، چىدىماس. ئۇ چىق دەپ بولغىچە قېينىئانىسىدىن يامانلاپ چىققان خوتۇندەك قېيداپ يېنىپ چىقتىم. ئۇ گەپنى چىن يۈرىكى بىلەن دېگەندەك قىلمىغان بولمىسا. cXtL3T+ سەنسەن دۇنيا سەن دۇنيا، x&8fmUS:@; كىمگە ۋاپا قىلدىڭسەن؟ />)>~_-3 مەن مەن دېگەن يارەننى WY0u9M4 ئۆز قوينۇڭغا ئالدىڭسەن. +=U` ما قەلەندەرنى كۆرۈڭ، مۇشۇ كېچىدە دوختۇرخانىنىڭ ئالىدىدا ئولتۇرغىنىنى، ياپ-ياشلا ئادەمكەن، ھەي، ئېسىت....تەن دۇرۇس بىر ئادەمنىڭ قىلىپ يۈرگەن ئىشىنى. نېمە كۈنگە قالغان بولغىيتى ياشلا تۇرۇپ تېلەپ يېگۈدەك... بەلكىم، ئۇمۇ يوقسۇزلۇق، نامراتلىق دەردىدە مۇشۇ كېچىدە تېنەپ يۈرىيدىغاندۇ. مېنىڭچىغۇ يوقسۇزلۇق، نامراتلىق ئانچە قورقۇنچلۇق ئەمەس، ئەڭ قورقۇنچلۇق بولغىنى باشقىلارنىڭ قولىغا قاراپ ياشاش، تەمەخورلۇققا ئۆگىنىپ قېلىش. قايسى بىر دانا:«دۇنيادا ئەڭ يامان ئىش نىمە ؟ دەپ سورىسا، تىلەمچىلىك» دەپ جاۋاپ بەرگەن ئىكەن. پەقەت نومۇس، ئازاپ تۇيغۇسى كاردىن چىققان ئادەملا بىمالال ھالدا مۇشۇنداق ئىشلارنى قىلالايدۇ. ئادەمنىڭ كۆزىگە قاراپ تۇرۇپ قولىنى سۇنالايدۇ. مەن ئۆزۈمنى ئۇنىڭغا سېلىشتۇرۇپ باقتىم. ئىككىمىزنىڭ تەقدىرى نېمە دېگەن ئوخشاش ھە؟ ماھىيەتتە مەنمۇ بىر تېلەمچىغۇ؟ ئۇ باشقىلاردىن تېلەيدۇ، مەن بولسام ئايالىمدىن، ھۆكۈمەتتىن تېلەيمەن. خەلقتىن تېلەيمەن. ئۇ ئازراقتىن تېلەيدۇ، خەقنىڭ بەرگىنىگە ئۈشكۈر قىلىدۇ، مەن بولسام چوڭراق تېلەيمەن، قىلغان ئىشىمنىڭ تايىنى يوق ئىش ھەققى تېلەيمەن. ئۆي تېلەيمەن، ماشىنا تېلەيمەن، ئەيشى-ئىشرەت، ھوقۇق، شان-شۆھرەت تېلەيمەن، زىغىرچىلىك ھوقۇقۇم بولسىمۇ پارە تېلەيمەن، كۈچ تېلەيمەن. دوستلۇق تېلەيمەن. مىھرى-مۇھەببەت تېلەيمەن...ھەرگىز قانائەت قىلمايمەن. ئاھ خۇدا! مەن نېمە دېگەن رەزىل، نېمە دېگەن قارانىيەت، نېمە دېگەن نومۇسسىز ھە!؟ مەن كېتىۋاتىمەن، روھى دۇنياسىم شۇنچە سۇلغۇن، شۇنچە زەئىپ، شۇنچە چۈشكۈن، ئېچىنىشلىق ئېڭراپ،]ھەسرەتلىك نالە قىلىپ كېتىۋاتىمەن. گۇناھلىرىم ئۈچۈن تۆۋە قىلىپ كېتىۋاتىمەن. {I`B?6K5 مەن ئايلىنىپ يەنە ئۆيىمىزنىڭ ئالدىدىكى چوڭ يولغا كېلىپ قاپتىمەن. لىكىن ئۆيگە كىرەلمەيمەن. يانفۇنۇمغا تەلمۈرۈپ قارايمەن. ئايالىمنىڭ تېلېفۇن قىلىشنى، «خاپا بولماڭ، ئىتتىكلىك قىلىپ ساپتىمەن» دېيىشىنى ئارزۇ قىلىمەن. بىراق، ماڭا ئايان ئۇ ھەرگىز تېلېفۇن قىلمايدۇ. بالىلارچۇ؟ بەلكىم ئۇلار ئاللابۇرۇن ئۇيقۇغا كەتكەندۇ؟ بۇ كېچىدە نەگە كىرەرمەن؟ مەن ئەزەلدىن مىھمانخانىدا قونمايتىم. 2 R 1S>X -كا جۇرېن، قانداق ئەھۋالىڭىز؟ بۇ يېرىم كېچىدە چۆگىلەپ قاپسىزغۇ؟ %|r@q مەن ھەيرانلىق بىلەن ئالدىمدىكى دىقماق، پور سېمىز ئادەمگە قاراپ قالدىم. ھەرقانچە قاراپمۇ ئۇنىڭ كىملىكىنى ئېسىمگە ئالالمىدىم. Lp1wA* ]-سىزنى تونۇمىدىمغۇ؟ !>gc!8Y'o -ئەلۋەتتە تونۇمايسىز-دە، بىز دېگەن پۇقرا، سىز دېگەن ئەمەلدار تۇرسىڭىز... ئۇنىڭ ئۈستىگە بىز نەچچە ئايلا خوشنا ئولتۇرغان. RSzp-sKB -خوشنا ئولتۇرغان، نەدە؟-بۇ ئادەمنىڭ سۆزلىرىدىن تېنىم شۈركۈنگەندەك بولدى. ئۇنىڭ ھېلىقى بىرنېمىنى ئىچىپ تەڭشىلىپ قالغانلىقى ئېنىقلا ئىدى. oKzV!~{0M; -ۋاي تېخى بۇلتۇرلا، مۇشۇ بىنادا، ئۆيىڭىزنىڭ ئۇدۇلىدىكى ئۆينى ئىجارە ئېلىپ ئۈچ ئاي تۇرمۇدۇممۇ؟ 7q$9\RR5 -ھە، راسىت، شۇ ئۆينى بىرەيلەن ئىجارە ئېلىپ تۇرغاندەك قىلغان. شۇ ئادەم سىزما؟ ئىسمىڭىز نېمىدى؟ W $H8[G -قۇربان... قۇربان تاش. قانداق كا جۇرېن، ئەمدى ئېسىڭىزگە كەلگەندىمەن. قارىغاندا ئايالىڭىز بىلەن ئۇرۇشۇپ قاپسىز-دە؟ .oAg(@^6 -سىز قانداق بىلدىڭىز؟ 2ggW4`"c -بىلمەمتىكى... يېرىم كېچىدە مەيخانا ئالدىدا چۆگىلەپ يۈرگەن ئادەمنىڭ چوقۇم بىر دەردى بار. ",Ek| z -مەيخانا؟-بېشىمنى كۆتۈرۈپ، رەڭدار چىراقلىرى چاقناپ تۇرغان «شاتلىق مەيخانىسى» دېگەن ۋېۋىسكىنى كۆردۈم. بۇ يەردە قاچانلاردىن بېرى مەيخانا پەيدا بولدىكىنا؟ E(8O3*= -قانداق، ئازراقتىن پەيزى قىلمايمىزمۇ؟ At +on9&= -ياق، ياق... مەن ئىچمەيمەن. y)Ip\.KV\ -ۋاي، جۈرىڭە، نازلانماي، قايسى بىر باشلىق ھاراق ئىچمەيدۇ؟ I{B8'n{cN -مەن راستىنلا ئىچەلمەيمەن. Ya304Pjd -ئەمىسە بىردەم ئولتۇرۇشۇپ بېرىڭ. AUzJ:([V -قانداق بولار؟-بەرىبىر ئۆيگە كىرەلمىگەندىن كېيىن بىردەم ئولتۇرۇپ ۋاقىت ئۆتكۈزەي دەپ ئويلىدىم،-بوپتۇ، ئەمىسە بىردەم ئولتۇرۇشۇپ بېرەي، لىكىن ئىچمەيمەن. .Uha %~% - ما گېپىڭىز بولدى. ئوغۇل بالىنىڭ نوچىسى سالاغا بوش كېلىدۇ زادى. ھا، ھا، ھا... :,]%W $f= ئۇ ئۆزىنىڭ سۆزلىرىدىن ئۆزى ھوزۇرلىنىپ كۈلۈپ كەتتى. ئىككىمىز ئېلى ھارىقىدىن بىر بوتۇلكا، زاكوسكا ئۈچۈن ئازراق ئۇششاق-چۈشەك ئېلىپ، كىچىكرەك بىر ئايرىمخانىغا كىرىپ جايلاشتۇق. ئۇ ھاراقنى مېنىڭ ئالدىمغا قويۇپ تۇرۇپ: D-~HJ -ئۆز قولىڭىز بىلەن بىر قۇيۇپ بېرىڭە،-دەپ تۇرىۋالدى. M/Bn^A8@ -ھوي، بۇ مەن... ئىچمەيدىغان تۇرسام. )<-kS -ئىچمىسىڭىزمۇ بىر قۇيۇپ بېرىڭە، سىزنىڭ قولىڭىز تەككەن ھاراقنى ئىچىش مەن ئۈچۈن شەرەپ. 1B,RRHXn6 -يا، سىزگە گەپ تېپىپ بەرگىلىمۇ بولمايدىكەن. بوپتۇ، قۇيۇپ بەرسەم بېرەي،-ماقۇل دېمەكتىن باشقا ئامال قالمىدى. ياق دەپ تۇرىۋالسام ئاغزىدىن يەنە قانداق گەپلەر چىقىدۇ بىلگىلى بولمايتى. $].< / -قۇي، ئەي ساقى، tdZ: w ھوشۇمدىن ئايرىلاي بىردەم، m'z <d جاھان غەۋغاسىدىن خالى بولاي بىردەم. p.8G]pS بۇ ھوشۇم بارىدا يوقكەن ماڭا ئارام، tGv4 S\ ئۇنىڭسىز ئەمدى مەن ئارام ئالاي بىردەم. nVs0$?} -پاھ، ياشاپ كېتىڭ،-ئوقۇغان نەزمىسى ئۈچۈن چاۋاك چېلىپ بىر رومكا قۇيدۇم. l.>QO ; -ئورتاقلىقىمىز ئۈچۈن، خوشە!-ئۇ رومكىدىكى ھاراقنى بىرلا كۆتۈرۈپ ئىچىۋەتتى. QP[w{T -ئورتاقلىق... نېمە ئورتاقلىكەن ئۇ؟ Q9FY.KUM -نېمە ئورتاقلىق بولاتتى، سىزمۇ ئايلىڭىز بىلەن ئۇرۇشۇپ قاپسىز، مەنمۇ شۇ، ئايالىم «كۈندە ھاراق ئىچەمسەن، ساق كىرىدىغان كۈنۈڭ يوقمۇ» دەپ سوقۇشتى. سىزچۇ، سىز ئايالىڭىز بىلەن نېمە بولغان؟ c1jgBty -نېمە بولاتتى، ھېكايە يازغان. sE-"TNONZ -ھېكايە يازغان؟ بۇ ياخشى ئىشكەنغۇ، ياخشى ئىشقا خوشال بولماي ئۇرۇشقان نەدە بار؟ نېمە دەپ يازغان ھېكايىگە؟ wzP>Cq -ئايالىمنى يازغان. o5. q -نېمە، ئايالىڭىزنىما؟ ھېكايە قىلىپ يازغىدەك نېمە قىلغان ئايالىڭىز؟ <@@.~Qm' -نېمە قىلاتتى، مىڭ بىر جاپادا تاپقان بىر ئايلىق مائاشىم بىر ھەپتە يەتمەيدۇ، ھېلى توي دەۋاتقان، ھېلى چاي دەۋاتقان، ھېلى ئولتۇرۇش دېسە، ھېلى يوقلايمەن، سورايمەن دەۋاتقان. شۇنىڭ بىلەن ئاچچىقىم تۇتۇپ «ئۆي تۇتامدۇق، ئاجرىشامدۇق» دەپ بىر پارچە ھېكايە يازغان. HQv#\Xi1 -ئوبدان قىپسىز، مېنىڭ ئايالىممۇ دەل شۇنداق. ئاندىن قانداق بولدى؟ H }</a%y -قانداق بولاتتى، ئاجراشساڭ ئۆيدىن چىق دەپ ھەيدەپ چىقاردى، شۇ. +}X@{DB -«ھەممە گۇناھ ئۆزۈمدە تۇرۇپ قاپ كۆتۈرۈپ نەگە باراي» دەپ، قارا ئايالىڭىزنىڭ بىشەملىكىنى، خېتىنى بېرىپلاۋېتىڭە بولدى. eUx|_*` -ئەمەلىيەتتە، ئايالىمدا ھىچقانداق گۇناھ يوق. m|=/|Hm -گۇناھ يوق، نېمىشقا؟ ECU:3KH>MF -مەن جەمئىيەتتىكى ئاشۇ بىر قىسىم ناچار ئىللەتلەرنى ئايالىمنى ۋاستە قىلىپ ئىپادىلىگەن. /d8PDc " -نېمە، ئايالىڭىزغا قارا چاپلىغانما؟ ئۇنداقتا، سىزنى ئۆيدىن ھەيدەپ چىقىرىپ ياخشى قىپتۇ. 8Qek![3^ -نېمە؟...ھەي... بولدى، سىز بەرىبىر چۈشەنمەيسىز. M2vYOg`t:c -ھېكايىنى ئەمدى يازىدىكەنسىز-دە؟ 4}fG{Bk -ياق، ياق... ئەمدى ھېكايە يازمايمەن 4K)P Yk -ئەمىسە، مەن يازاي. X;ijCZb3b -سىزمۇ ھېكايە يازامسىز؟ g2w0#- -يازمامتىكى، ئاۋۇ ئىسمىمنىڭ ئاخىرىدىكى «تاش» مېنىڭ تەخەللۇسۇم جىما. تۇغۇلساملا باركەن بۇ تەخەللۇس. lN{-}f;TN -ئالە شەرىڭنى، ھە، ئانىڭىزنىڭ قوسىقىدىلا ھېكايە يېزىپتىكەنسىز-دە؟ ئەمىسە دادىڭىزنىڭ ئىسمى نېمە؟ V\X.AGc -دادامنىڭ ئىسمىنى مەنمۇ ئېنىق بىلمەيمەن. ئانام تۇغۇتتا ئۆلۈپ كېتىپتىكەن. مېنى چوڭ ئانام بېقىپ چوڭ قىلغان. دادامنىڭ كىملىكىنى سورىغىدەك بولغاندا چوڭ ئاناممۇ قازا قىلىپ كەتتى. يىراقراق بىرقانچە تۇغقانلىرىمىزدىن سورۇدۇم، ئۇلارمۇ بىلمەيدىكەن. O62H4oT ئۇنىڭ تۇغۇلماي تۇرۇپ كۆرگەن قىسمەتلىرىگە ئېچىنىپ يەنە بىر رومكا قۇيدۇم. Xxp<qIEm -ھە، ئەمدى دەڭە،-دېدى ئۇ ئاغزىدىكى ھاراق يۇقىنى يېڭى بىلەن ئېرتىۋېتىپ. >$?$&+e} -نېمىنى؟ ?uOdqMJV -ئۆيدىكى ھېلىقى جىدەلنىچۇ. 4~DFtWbf -دېدىمغۇ بايا. rFdq \BSi -ھەممىنى بىر باشتىن تەپسىلى دەيسىز. ئاڭلىغانمۇ؟ رىياللىق ھېكايىنىڭ جېنى. gKn"e|A -ھەممىنى مەن دەپ بەرسەم، سىز نېمە ئىش قىلىسىز؟ 2c_#q1/Z/ -مەن يازىمەن. %j{gZTz- -ما ئىشنى كۆرۈڭ. نەدىمۇ شۇنداق ئىش بار؟ ھېكايە يېزىش شۇنداق ئوڭايمىكەن؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئىشنىڭ يازغىدەك نېمىسى بار؟ s?7g3H5#0k تۆۋە! مۇشۇنداق ئىشمۇ بارمۇ دۇنيادا. يېزىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى يازالمايۋاتقان، ياخشى يازغانلارنى كۆرەلمەيۋاتقان، ئەھمىيەتسىز تېمىلار بازا تېپىۋاتقان... پەقەت چىدىغۇچلىكىم قالمىدى. يۈرىكىمنى بىرنەرسە تاتىلاۋاتقاندەك بىئارام بولدۇم. تۇيۇقسىز تېلېفۇنۇم سايراپ كەتتى. قارىسام ئۆينىڭ نومۇرى، تىزلا ئالدىم. :TX!lbCq -ۋەي...ۋەي. _l{GHz -دادا، نەدىسىز؟ /i"L@t)\t -مەن...مەن مۇشۇ قورونىڭ ئالدىدا، بالام. j<Lj1P3 -دادا، سىزنى بەك كۆپ ساقلاپ كەتتۇق. قاچان كىرىسىز؟ (7;}F~?h -مانا، ھازىرلا بالام. خوش... : H0+} = -ھوي، نەگە بارىسىز؟ ھېكايە قالدىغۇ، ھېكايە. ~4`LOROC -بولدى بەس، قالسا قالسۇن ئۇنداق ھېكايە. خوش، مەن كەتتىم _U|s!60' مەنبە: ئالتۇنبۆشۈك m}'kxZTOm
|
|