ئالدىنقى تېماكېيىنكى تېما
بۇ تېما 6651 قېتىم كۆرۈلدى
تېما : «ئەسىردىن ھالقىغان بىر كۈن » رومانىنى ئوقۇغاندىن كېيىن
كۆزۈڭنى يۇم ! كۆزگە ئايلانسۇن كۆڭۈل ...
دەرىجە: ئادەتتىكى ئەزا
UIDنومۇر: 2007
نادىر تېما: 0
يازما: 45
ئۇنۋان:يېڭى ئەز ھازىرغىچە45دانە
شۆھرىتى: 107 قېتم
مۇنبەر پۇلى: 220 يۈەن
تۆھپە: 71 قېتم
ياخشى باھا: 22 قېتىم
تورىدكى ۋاقىت: 1300(سائەت)
دەرىجىڭىز:دەرىجىڭىز:15دەرىجە
توردىكى ۋاقتى:1300 سائەت
كېيىنكى دەرىجىڭىزنىڭ ئۆسشىگە:50 سائەت قالدى.
تىزىملاتقىنىغا:295 كۈن بولدى
كىرمىگىنىگە:3 كۈن
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2010-10-15
ئاخىرقى كىرگەن: 2011-08-04
باش تىما  يوللىغان ۋاقىت: 2011-05-03 23:24

0
تېما:«ئەسىردىن ھالقىغان بىر كۈن » رومانىنى ئوقۇغاندىن كېيىن
يوللىغۇچى:abdullah | يوللىغان ۋاقىت :2011-05-03 23:24 | كۆرۈلۈش قېتىم سانى:6651

?~.:C'
«ئەسىردىن ھالقىغان بىر كۈن » رومانىنى ئوقۇغاندىن كېيىن 4GG>n
B.;@i;7L
نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا دۇنياۋى شۆھرەتكە ئىگە يازغۇچى چىڭگىز ئاتماتوفنىڭ «چىڭگىزخاننىڭ ئاق بۇلىتى» ناملىق ئەسىرىنى ئوقۇغان ئىدىم . بۇ ئاپتورنىڭ «ئەسىردىن ھالقىغان بىر كۈن » رومانىنىڭ تولۇقلىسى ئىكەن . بۇ ئەسەرنى ئوقۇماستىن بورۇنمۇ مەندە «ئەسىردىن ھالقىغان بىر كۈن » رومانىنى ئوقۇشتەك كۈچلۇك بىر ئارزۇ قەلبىمدە يېلىنجاپ تۇراتتى . «چىڭگىزخاننىڭ ئاق بۇلىتى» بۇ روماننى ئوقۇش ئارزۇيۇمنى تېخىمۇ ئۇلغايتىۋەتكەندى . ئەپسۇس روماننى زادىلا تاپالمىدىم . ھالا 2008-يىلى ئەتىياز كۈنلىرىدە ئۈرۈمچى خەلقارا كىتاپخانىسىدا بۇ روماننىڭ قايتا نەشرىنى ئۈچرۇتۇپ گۆھەر تېپىۋالغاندەك خوشال بولۇپ كەتتىم . چوڭقۇر خىيال ۋە ئاجايىپ ھېس – تۇيغۇلار ئىچىدە روماننى ئوقۇپ تۈگەتتىم . مەن ئوبزورچىمۇ ، تەنقىتچىمۇ ئەمەس ، شۇڭا مەن ئويلىغانلىرىمنى ئاددىلا دەپ باقماقچىمەن . YktZXc?iI<
ئەسەردە ئوبرازلىق تەپەككۇر بېلەن فانتازىيە ، رىۋايەت بېلەن رېئاللىق ئۆز ئارا گېرەلىشىپ كىشىنى ئاجايىپ دۇنياغا باشلايدېكەن . ئەسەردېكى پېرسۇناجلار يېدىكەي ، قازانقاپ ، ئەبۇتالىپ قۇتتىبايېف قاتارلىقلار بولۇپ ئەسەر قازانقاپنىڭ ئۆلىمى بېلەن باشلىنىپ دەپىنە قىلىنغۇچە بولغان بىر كۇن ئىچىدىكى ئشلارنى تۇتقا قېلىپ ، ئاپتۇر سىزنى بىردە يىراق ئۆتمۇشدىكى رىۋايەت دۇنياسىغا باشلىسا ، بىردە كۆز ئالدىڭىزدىكى دۇنيانى سۆرەتلەيدۇ . بىردە سىزنى سارى ئۈزەك دالاسىدا سەيلە قىلدۇرسا بىردە «ئورمانتۆش» پىلانىتىدا سەيلە قىلدۇرىدۇ . ئاجايىپ گۈزەل رىۋايەتلەر سىزنىڭ روھى دۇنيايىڭىزغا بوسۇپ كىرىدۇ . . . v0=v1G*rvJ
ئەسەردىكى نايمان ئانا ھەققىدىكى رىۋايەت ، ئاساسلىق پېرسۇناجلاردىن يېدىكەي ، قازانقاپ ، ئابۇتالىپ ، زەرىپە قاتارلىقلار كاللامدا ئەگىپ يۈرىدۇ . . . `-R&4%t%
مەن بۇ يەردە ئەسەر تەرجىمانلىرى نۇرمەھەممەت دولەتى بېلەن ھەلىمە مۇھەممەتنىڭ ئەسەرگە يازغان كىرىش سۆزىنىڭ ئاساسلىق يەرلىرىنى قىستۇرۇپ ئۆتمەكچىمەن . ?9!9lSH6%
ئۇلار مۇنداق دەپ يازىدۇ : s,!vBSn8
«ئەسىردىن ھالقىغان بىر كۈن » رومانىدا ھەقىقەتەن فانتازىيە يېپىنچا قىلىنىپ ، تارىخى رىۋايەت سۈپىتىدە نايمان ئانا ۋە ئۇنىڭ ئوغلى ماڭقۇرۇت يولئامان پاجىئەسى ، ھازىرقى زامان ۋەقەلىرى سۈپىتىدە ئەبۇتالىپ قۇتتىبايىف پاجىئەسى ، كەلگۈسى زامان ۋەقەلىرى سۈپىتىدە سوۋېت – ئامېرىكا ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ پاجىئەسى تەسۋىرلىنىدۇ . شۇنىڭ بېلەن بىللە ، بۇ ئۈچ پاجىئەگە يانداشتۇرۇپ ، ئىنسانپەرۋەرلىك ، ئىنسانى ئەدەپ – ئەخلاق مەسىللىرى چوڭقۇر يورۇتۇپ بېرىلىدۇ . يازغۇچىنىڭ كۈزىتىش دائىرسى پايانسىز سارى ئۈزەك چولىگە جايلاشقان يەتتە – سەككىز ئائىلىلىك كىچىك بىر تومۈريول بېكىتىدىكى ناھايىتى ئاددى تۇرمۇشتىن تاكى سامان يولى پىلانىتىسى سېستىمىسىدىكى «ئورمانتۆش» پىلانىتىسىدىكى غايىۋى ، مەدەنى جەمىيەتنىڭ يۈكسەك مەدەنى تۇرمۇشىغىچە بولغان كەڭلىككە يېتىپ بارىدۇ، بۇ ئۈچ پاجىئە روماننىڭ يادروسى بولۇپ ، ھەممىدىن مۇھىمى نايمان ئانا ۋە ئۇنىڭ ئوغلى ماڭقۇرۇت يولئامان پاجىئەسىدۇر . ?z6K/'?
1. نايمان ئانا ۋە ئۇنىڭ ئوغلى ماڭقۇرۇت يولئامان پاجىئەسى : قەدىمقى زاماندا جۇرجان (رۇرەن) تاجاۋۇزچىلىرى باياشات ، كاتتا يايلاق بولغان سارى ئۆزەكنى بېسىۋالغاندىن كېيىن ، ئەسىرلەرنى ئىنسانىيەت قىلىپىدىن چىققان ئىنتايىن ۋەھشىيانە ئۇسۇللار بېلەن قىينىغان ، بىر قىسمىنى قۇل قىلىپ باشقىلارغا ساتسا ، بىر قىسىم ياش، قاۋۇل ئەسىرلەرنىڭ چېچېنى ئۇستۇرا بېلەن پاك – پاكىز قىرىپ چۈشۈرۈپ ، يېڭى سويۇلغان ، ھورى چىقىپ مىلىچلاپ تۇرغان توگىنىڭ تازا قېلىن بويۇن تېرىسىنى -«شىرى» نى بېشىغا كەپلەپ كىيدۇرۇپ ، پۇت قولىنى باغلاپ ، بېشىنى يەرگە تەگمەيدىغان قىلىپ قوۋۇق سېلىپ ، جان تالىشىپ قىينالغاندا ، توۋلىغان ئۈنىمۇ ئاڭلانمىسۇن دەپ خىلۋەت بىر يەرگە ئەكىلىپ تاشلىغان ، مۇشۇ تەرىقىدە تۆت – بەش كۈن سۇمۇ ، ئاشمۇ بەرمەي ئاپتاپقا قاقلىغاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ تولىسى ئازاپقا چىدىماي ئۆلۈپ كېتىدىكەن ، بەش ئالتىسىدىن ئاران بىر – ئىككىسىلا تىرىك قالىدىكەن . ئاچلىقتىن ، ئۇسسۇزلۇقتىن ئۆلسىغۇ بىر نۆرى ، ھەممىدىن يامىنى ، تۆەىنىڭ تېرىسى ئىسسقتا قۇرۇپ ، باشنى ئامبۇردا قىسقاندەك قىسىپ ، مېڭىنى سىقىپ چىقارغاندەك ئازاپلايدىكەن ، ئۇنى ئاز دېگەندەك ، ئىككى كۈندىن كېيىن تىكەندەك قارا چاچلار ئۆسۈپ شىرىگە يېتىدىكەندە ، ئۇنى تېشىپ چىقالماي ئارقىغا يېنىپ يۇمشاق باشنىڭ ئىچىگە قاراپ سانجىلىپ ئۆسىدىكەن . بۇنىڭ قىينىشى شىرىنىڭ قورۇلۇپ ئامبۇردەك قىسقىنىدىنمۇ بەتتەر بولىدىكەن . بەشىنچى كۈنى جورجانلار كېلىپ ، ئۆلمىگەنلەرنىڭ پۇت – قولىنى يېشىپ ، سۇ ۋە ئاش بېرىپ ھالىغا كەلتۈرىدىكەن ، بىراق ئەمدى ئۇ ئۆزىنىڭ كىم ئىكەنلىگى، ئەل – يۇرتنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكى ، ئىسمىنىڭ نىمە ئىكەنلىكى ، ئاتا – ئانىسى كىم ، قەيەردە ئىكەنلىكى ، ئۆزىنىڭ قانداق چوڭ بولغانلىقى پۈتۈنلەي ئېسىدە قالمىغان ، قىسقىسى ئۆزىنىڭ ئادەم ئىكەنلىكى ئىسىدە قالمىغان بىر مەخلۇق بولۇپ قالىدىكەنكى ، خۇددى ئىتقا ئوخشاش ، ئۆزىنىڭ «شىرى» كىيدۈرگەن خوجايىنىنىڭلا گېپىنى ئاڭلاپ ، باشقىلار بېلەن زادىلا ئالاقە قىلمايدىكەن ، ئۇنىڭ قۇرساق تۇيغۇزۇشتىن بۆلەك ئوي – خىيالى بولمايدىكەن ، خوجايىننىڭ ھەر قانداق بۇيرۇقىنى قارغۇلارچە ، سەمىمى – ساداقەتلىك بىلەن دېگىنىدەك بەجا كەلتۇرىدىكەن . مانا بۇنداقلار ماڭقۇرۇت دەپ ئاتىلىدىكەن . مۇشۇنداق ماڭقۇرۇت قېلىۋېتىلگەن بىر يىگىتنىڭ ئانىسى ئوغلىنى قۇتۇلدۇرىمەن دەپ سارى ئۆزەك دالاسىدا زار – زار يىغلاپ ئاخىر ئىزدەپ تېپىپ : «مەن سېنىڭ ئاناڭغۇ ، تونىمىدىڭمۇ ، مەن سېنىڭ ئاناڭ بولىمەن ، ئاتاڭنىڭ ئىسمى دۆنەنباي» دەپ يۈرەكنى تىترىتىدىغان سۆزلەرنى ئېيتىپ ، ئوغلىنىڭ ئەقىل ھۇشىنى ئويغىتىپ ئۆزىنى ۋە ئېلىنى يادىغا كەلتۈرىدىغان ھالەتكە كەلتۈرمەكچى بولىدۇ .، لېكىن ئۇنىڭ ئوغلى ھىچ نەرسە بېلەن ئىشى يوق قاراپلا تۇرىدۇ ، ئانىسىنى تونىمايدۇ ، ئەكسىچە يېڭى خوجايىننىڭ بۇيرۇقى بويىچە ئۆزىنىڭ ئانىسىنى ئوقيا بېلەن خۇددى قۇشقاچنى ئاتقاندەك ئېتىپ تاشلايدۇ .مېھرىبان ئانا ئۆلىدۇ ، لېكىن ئۇنىڭ ئاق ياغلىقى بىر قۇش بولۇپ كۆتۈرۈلۈپ : «ئويلاپ كۆرگىن ، سەن كىمسەن ؟ ئېتىڭ نىمە ؟ سېنىڭ ئاتاڭ دۆنەنباي ! دۆنەنباي ! دۆنەنباي !  » دەپ پىغان بىلەن توۋلاپ ، سايراپ ئۇچۇپ كېتىدۇ . نايمان ئانىنىڭ زامانداشلىرى ئۇرۇق – ئەۋلادىنىڭ ۋە ئۇلارنىڭمۇ ئۇرۇق – ئەۋلادىنىڭ ئۆزىنى ۋە ئۆز تارىخنى ، ئاتا بوۋىلىرىنى ئۇنتۇپ قالماي ئەسلەپ تۇرىشى ئۈچۈن ، ئاشۇ نايمان ئانا دەپىنە قىلىنغان يەرنى «ئانا بېيىت» - «ئانا قەبرىستانلىقى » دەپ ئاتايدۇ .   & ,:!gYN
2. ئابۇتالىپ قۇتتىبايېۋ پاجىئەسى : ئۇلۇغ ۋەتەن ئۇرۇشى باشلىنىش بېلەنلا ئوقۇتقۇچىلىقتىن ئۇرۇش ئالدىنقى سېپىگە ئاتلانغان ئابۇتالىپ قۇتتىبايېۋ قاتتىق جەڭ ئۈستىدە يارىدار بولۇپ بەخىتكە قارشى نېمىسلارغا ئەسىرگە چۈشۈپ قالىدۇ . لېكىن ۋەتەنپەرۋەر جەڭچى ئابۇتالىپ بىر ئامال قىلىپ نېمىس فاشىستلىرىنىڭ قاراۋۇلىنى ئۆلتۈۋېتىپ قېچىپ قۇتۇلىدۇ-دە ، ئۆزلىكىدىن سابىق يوگۇسلاۋېيە پارتىزانلىرىغا قوشۇلۇپ ، يەنە فاشىسىتلىرىغا قارشى نۇرغۇن جەڭلەردە ئاجايىپ زور قەھرىمانلىقلارنى كۆرسىتىدۇ . ئۇرۇش قەلىبىسىدىن كېيىن ئابۇتالىپ ۋەتەنگە قايتىپ ، ئەسىرگە چۈشۈپ قېلىش ۋە داۋاملىق جەڭ قىلىش مەسلىسىنى ئېنىق تاپشۇرىدۇ .سابىق يوگۇسلاۋىيەنىڭ مۇناسىۋەتلىك ھەربى دائىرلىرىمۇ ئابۇتالىپنىڭ قەھرىمانلىقىنى ناھايىتى ياخشى باھالاپ گۇۋاھلىق بېرىدۇ .بۇ ، ئۇرۇش ئاخىرلىشىپ ئۇزاق ئۆتمەيلا كۆپ تەكشۇرۇشلەر ئارقىلىق ئاللىقاچان ھەل بولۇپ كەتكەن مەسىلە بولسىمۇ ، لېكىن 1948-يىلى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى بېلەن سابىق يوگۇسلاۋېيە ئوتتۇرسىدا سىياسى ئىختىلاپ تۇغۇلغاندا ، خەلىقنىڭ بەخىتسىزلىگى ئۈستىگە بەخىت ئىزلەيدىغان ، خەلىقنىڭ يەلكىسىگە دەسسەپ تۇرۇپ شان – شەرەپكە ئىگە بولىدىغان ، مۇستەقىل پىكىر قىلماي خوجايىنىنىڭلا يوليورىقىنى ئىجرا قىلىدىغان «يېڭى ماڭقۇرۇت» لارنىڭ چىقىمچىلىقى ئارقىسىدا ، ۋەتەنپەرۋەر ، قەھرىمان يىگىت ئابۇتالىپ بىردىنلا يەنە «خائىن» ، «ئىشپىيون» دەپ قارىلىنىپ تۇتقۇن قىلىنىدۇ ۋە زىيانكەشلىككە ئۇچراپ ئۆلۈپ كېتىدۇ . ئايالى ۋە بالىلىرىمۇ پەقەت ئۇنىڭ ئايالى ۋە بالىسى بولغانلىقى ئۈچۈن ناھايىتى چوڭ بەخىتسىزلىككە ئۇچراپ قاتتىق خارلىققا قالىدۇ . yGrnzB6|
3. سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى – ئامېرىكا ئالەم ئۇچقۇچىلىرى پاجىئەسى : سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى – ئامېرىكا دۆلەتلىرى ئالەم سىرىنى ئېچىش مەقسىدىدە ، ئالەم ئوربىتىسىدىكى ئۆزلىرىنىڭ بىرلەشمە ئالەم ئىستانسىدا تۇرۇپ ئىشلەشكە تەڭ ھوقوقلۇق ئىككى نەپەر ئۇچقۇچىنى چىقىرىدۇ . بۇ ئىككى ئۇچقۇچى چەكسىز ئالەمدىكى ئىستانسىدا ، ئۇشتۇمتۇت يات پىلانىتتىن بېرىلگەن سىگنالنى قوبۇل قىلىدۇ . ئەسلىدە سامان يولى پىلانىتى سېستىمىسىدا «ئورمانتۆش» دېگەن بىر پىلانىتا بولۇپ ، ئۇ پىلانىتتىكىلەرمۇ ئۆزلىرىنىڭ ئىلغار پەن تېخنىكا كۈچىگە تايىنىپ ئالەمدىكى باشقا پىلانىتلاردىمۇ ھاياتلىقنىڭ بار يوقلىقىنى ئىزدەيدۇ-دە ، يەر شارىدىكى ئىنسانلار تەرىپىدىن ئالەم ئوربىتىسىدا بىر ئىستانسا قۇرۇلغانلىقىنى بىلىپ قېلىپ ، بۇ ئىستانسىدىكەر بېلەن ئالاقىشىش مەقسىدىدە شۇلارنىڭ چاستوتىسىغا توغىرلاپ سىگنال بەرگەندى . بىر – بىرىگە ئوخشىمايدىغان بۇ ئىككى پىلانىتنىڭ ئالەم ئۇچقۇچىلىرى بىر – بىرىنىڭ سىگنالىنى قوبول قىلىپ ئالاقە ئورنىتىدۇ . «ئورمانتۆش» لۈكلەرنىڭ تەكلىۋىگە بىنائەن ، سابىق سوۋېت – ئامېرىكا ئۇچقۇچىلىرى ئىنسانلارنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن چەكسىز خوشاللىققا تولۇپ ، نىمە بولسا بولسۇن دەپ ئاشۇ يات پىلانىتىغا ساياھەتكە بېرىش قارارىغا كېلىدۇ-دە ، يات پىلانىتىدىكى ئەھۋالنى تەپسىلى ئۇققاندىن كېيىن ، ئاندىن بىراقلا يەر سارىغا مەلۇمات بەرمەيمىزمۇ دەپ ، ئۆز دۆلىتىنىڭ ھۆكىمىتىدىن يوليورۇق سورىماي ، رۇخسەت ئالمايلا ، ئۆز ئىستانسىدا بۇ ئەھۋالدىن تەپسىلى خاتىرە قالدۇرۇپ قويۇپ ،«ئورمانتۆش» لەرنىڭ تېزلىكى نور تېزلىكىدىنمۇ تېز ، ئىنتايىن زامانىۋى بولغان «ئالەم كېمىسى» گە چىقىپ «ئورمانتۆش» كە كېتىدۇ . سابىق سوۋېت – ئامىرىكا ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ نەزىرىدە «ئورمانتۆش جەمىيىتى» ماددى ۋە مەنىۋى جەھەتتە يەر شارىدىكىگە قارىغاندا نەچچە ھەسسە مەدەنىيەتلىك ، ئەخلاق مىزانى يەر شارىدىكىدىن نەچچە ھەسسە يوقۇرى بىر جەمىيەت ئىدى . يەنە كېلىپ تەپەككۈرى ناھايىتى يوقۇرى سەۋىيەگە يەتكەن ، ئۇرۇش ، ھاكىمىيەت ، پۇل دېگەننى بىلمەيدىغان ، يامان نىيەت ، بوزەك قىلىش دېگەننى بىلمەيدىغان «ئورمانتۆش» لۈكلەر يەر شارىدىكى ئىنسانلار  بېلەن باردى كەلدى – قىلىشنى ، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشنى ، ھەمكارلىشىشنى قىزغىن خالايدېكەن . لېكىن سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى – ئامېرىكا ھۆكىمەتلىرى ئۆز دولىتىنىڭلا مەنپەئەتىنى ،  «ئورمانتۆش» لۈكلەرنىڭ بېسىپ كىرىپ ئۆزلىرىنى يەپ كەتمەسلىگىنى نەزەردە تۇتۇپ ، ئاشۇ يۈكسەك مەدەنىيەتلىك «ئورمانتۆش» پىلانىتىسى جەمىيىتىتىنىڭ يېڭى ئەخلاقى بىزگە يېتىپ كەلسە ، ھازىرقى ئىنسانلارنىڭ پىكىر – تونىشىنى ئۆزگەرتىپ ، ئەزەلدىن داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئەنئەنىۋى ئەخلاق مىزانى ، مەدەنىيەت ۋارىسلىقى ئۆزگىرىپ كېتىدۇ دەپ قاراپ ، ئالەمدە بىزنىڭ يەر شارىمىزدىن نەچچە ھەسسە مەدەنىيەتلىك ئىنسانلار توپى جايلاشقان بىر پىلانىتا بارلىقىنى يەر شارىدىكى ئىنسانلارغا بىلدۈرمەسلىك قارارىغا كېلىدۇ ۋە ئالەم ئىستتانسىنىڭ ئوربىتىسىنى ئۆزگرتىۋېتىپ ، ھېلىقى ئىككى ئالەم ئۇچقۇچىسىنىڭ قايتىپ كېلىش يولىنى بىر يوللا بوغۇپ ، ئۇلارنى ئىككىنچى قايتىپ كېلەلمەيدىغان قىلىۋېتىش بىلەنلا قالماستىن ، يەنە «ئورمانتۆش» پىلانىتىسىدىكىلەرنىڭمۇ يەر شارىغا كىرىپ كېلىشىدىن قورقۇپ ، مۇداپىئە يۈزسىدىن يەر شارىنىڭ ئەتراپىغا ھالقا شەكلىدە زىچ راكىتا ئورۇنلاشتۇرىۋېتىدۇ ... U>bIQk"4
.... b`j9}t Z
روماندا بۇ ئۈچ  پاجىئە ئۆز ئارا گىرەلىشىپ كەتكەن . قارىماققا ئۇلار بىر- بىرىگە مۇناسىۋەتسىزدەك كۆرىنسىمۇ يەنىلا بىرلا مەركىزى ئىديەنى ئىلگىرى سۈرۈشكە خىزمەت قىلغان . ئۆز نەپسىنى دەپ ھەرقانداق يامان ئىشلارنى قىلىشتىن يانمايدىغان« يېڭى ماڭقۇرۇت»لار قاتتىق قامچىلانغان . يېدىكەي ، قازانقاپقا ئوخشاش ئۆزلىرىنىڭ ئەجدات ۋە ئەۋلادى ئالدىدا ئۆز بۇرچىنى ئادا قىلغان ئالىجاناپ كىشىلەر مەدھىلەنگەن . كىرىش سۆزنىڭ ئاخىرىدا تەرجىمانلار مۇنداق دەپ يازىدۇ : [e@m -/B
«ئالەم چەكسىز ،ھاياتلىق ئۈزۈلمەيدۇ ؛ تارىخ ئۈزۈلمەيدۇ ؛ بىزنىڭ ئالىجاناپ ئىشلىرىمىزنى نەۋرە – چەۋرىلىرىمىز ، ئۇرۇق – ئەۋلادىمىز توختىماي داۋاملاشتۇرۇپ بارىدۇ ، جەمىيەت ئۈزلۈكسىز تەرەققى قىلىپ بارىدۇ ، ئاخىر يۈكسەك مەدەنىيەت دەرىجىسىگە يېتىدۇ . بىراق ، ئادەمنىڭ ئۆمرى چەكلىك ، ئۇ چەكلىك ئۆمرىدە ياشىشى كېرەك ، ئۆزىنىڭ ياشاش شەرت - شارائىتىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ بېرىشى كېرەك . ئادەمنىڭ ۋۇجۇدىدىكى مۇھەببەت ھەممىدىن ئۇلۇغ ، ھەممىدىن يۈكسەك ، خۇددى ئاپتۇر ئۆزى ئىيتقاندەك ، ئىلىم – پەن تەرەققى قىلىپ مەلۇم باسقۇچقا يەتكەندە ، ئادەمدىكى سەمىمىلىك ياشاشنىڭ ئەڭ ئالى مەقسىدىگە ئايلىنىدۇ .» =h+SZXe<r
ئەسەرنىڭ يەنە بىر ئالاھىدىلىكى ئەسەر تىلى ئىنتايىن يېنىك بولۇپ كىشىنى بىزار قىلىدىغان ئۇزۇن قوشما جۈملىلەر ئۇچرىمايدۇ . ئاجايىپ روھى ھالەت تەسۋىرلىرى كىشىنى چوڭقۇر تەپەككۈر دۇنياسىغا باشلايدۇ . . . $sg-P|Wo
دوسلارنىڭ روماننى ئوقۇپ چىقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن . e{Vn{.i,5

ئەڭ يىڭى باھالاش ئەھۋالى:
• مۇنبەر پۇلى:+100(bayawan) ئېسىل يازما
• كەلگەن جايى: چوققا
http://blog.anatuprak.com/
سىزگە بەخت تىلەيمەن!!!
دەرىجە: باشقۇرغۇچى

UIDنومۇر: 760
نادىر تېما: 1
يازما: 1470
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1470دانە
شۆھرىتى: 1277 قېتم
مۇنبەر پۇلى: 16906 يۈەن
تۆھپە: 1233 قېتم
ياخشى باھا: 164 قېتىم
تورىدكى ۋاقىت: 8854(سائەت)
دەرىجىڭىز:دەرىجىڭىز:41دەرىجە
توردىكى ۋاقتى:8854 سائەت
كېيىنكى دەرىجىڭىزنىڭ ئۆسشىگە:166 سائەت قالدى.
تىزىملاتقىنىغا:362 كۈن بولدى
كىرمىگىنىگە:4 كۈن
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2010-08-09
ئاخىرقى كىرگەن: 2011-08-03
تۇنجى ئىنكاس  يوللىغان ۋاقىت: 2011-05-04 01:36

پەيغەمبىرىمىز :«ئىلىم ئۈگەن،ئۇ-يىراق چىندا بولسىمۇ  >>دەپتىكەن.ھازىر كىتاپ ئوقۇيدىغانلار ئازلاپ كەتتى ئابدۇللاھ،خۇددى مەكتەپلەردە گەپ ئاڭلىمايدىغان بالا جىقلاپ كەتكەندەك...شۇڭا ئەل سۆيگەن سەنئەتكارىمىز خالمۇرات ئۆمەر دەيدۇ،«رېستۇرانغا كىرسەڭ لىق ئادەم،كىتاپخانىلاردا بىرمۇ يوق>>.... n5BD0q
`' EG7
مەنمۇ بۇ ئىككى ئەسەرنى ئوقۇپ بولغان،مۇنبەردىكى بۇ تىمىڭىزنى كۆرۈپ،سىز بىلەن پىكىرلەشكەندەك  تۇيغۇغا كىلىپ قالدىم،رەھمەت سىزگە،مۇنبەر سىزدەك ساپالىق ئەزالىرى بىلەن گۈللەپ -ياشنايدۇ!
[ بۇ يازمىنىarmanدە2011-05-04 07:49قايتا تەھرىرلىدى ]

كەلگەن جايى: چوققا
دەرىجە: يېڭى ئەزا
UIDنومۇر: 5875
نادىر تېما: 0
يازما: 1
ئۇنۋان:يېڭى ئەزا ھازىرغىچە1دانە
شۆھرىتى: 11 قېتم
مۇنبەر پۇلى: 110 يۈەن
تۆھپە: 11 قېتم
ياخشى باھا: 10 قېتىم
تورىدكى ۋاقىت: 43(سائەت)
دەرىجىڭىز:دەرىجىڭىز:2دەرىجە
توردىكى ۋاقتى:43 سائەت
كېيىنكى دەرىجىڭىزنىڭ ئۆسشىگە:7 سائەت قالدى.
تىزىملاتقىنىغا:94 كۈن بولدى
كىرمىگىنىگە:92 كۈن
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2011-05-04
ئاخىرقى كىرگەن: 2011-05-06
2 - قەۋەت  يوللىغان ۋاقىت: 2011-05-06 15:53

مەن كىتاپ ئۇقۇشنى بەك ياخشى كۇرۇمەن .نەگىلا بارسام كىتاپخانىغا كىرمەي قۇيمايمەن .ئالمىساممۇ كۇرۇمەن .ئۇقۇيمەن .مىنىڭ تەكلىپىم تۇرداشلار بىر كىتاپ ئۇقۇغۇچىلار ئۇچرىشىشى ئىلىپ بارساق دەيمەن .

baxtax
شاھزادە
كەلگەن جايى: چوققا
tv
دەرىجە: مەستانە ئەزا
UIDنومۇر: 4339
نادىر تېما: 0
يازما: 82
ئۇنۋان:يېڭى ئەز ھازىرغىچە82دانە
شۆھرىتى: 174 قېتم
مۇنبەر پۇلى: 1740 يۈەن
تۆھپە: 174 قېتم
ياخشى باھا: 105 قېتىم
تورىدكى ۋاقىت: 1262(سائەت)
دەرىجىڭىز:دەرىجىڭىز:15دەرىجە
توردىكى ۋاقتى:1262 سائەت
كېيىنكى دەرىجىڭىزنىڭ ئۆسشىگە:88 سائەت قالدى.
تىزىملاتقىنىغا:186 كۈن بولدى
كىرمىگىنىگە:0 كۈن
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2011-02-01
ئاخىرقى كىرگەن: 2011-08-07
3 - قەۋەت  يوللىغان ۋاقىت: 2011-05-20 17:34

مەنمۇ بۇ روماننى ئۇقۇغان،زادى بەك ياخشى ،ھەقىقەتەن ئۇقۇپ قۇيۇشقا ئەرزىيدۇ،لېكىن چىڭگىزخاننىڭ ئاق بۇلۇتى دىگەن ئەسىرىنى ھازىرغىچە ئىزلەپ تاپالمىدىم

ھايات بىر سىر
كەلگەن جايى: چوققا