يانفۇن ئاسقان چاشقان
r8N)]HsZH ( ھېكايە )
w8cnSO ئەختەم قايتى ... مەن ئۇنىڭ غەلىيتە گەپلىرىدىن ئېغىر ۋەھىمىگە پاتتىم ... راستىنلا شۇنداق ئىشلار بارمىدۇ؟ ! ... ئۇنىڭ سۆزلىرى ....«كالتا يوپكىلىق ئۆچكە ›› ۋەقەلىكلىرى مىنىڭ تۇيغۇمدىن بىردەممۇ نېرى بولىمىدى . گېزىتخانا رەھبەرلىكى يېزىلارغىمۇ بەلگىلمىدى . ئىشخانىدا ئولتۇرۇپ خەۋەر – ماقالىلەرنى تەھىرلەش بىلەن كۈندىلىك خىزمىتىم قېلىپلىق ھالدا ئۆتىۋاتىدۇ .
fpjFO&ML شۇنداق قىلىپ ئەختەم قايتى .... كىتابخۇمار ھەم گەپدان مۇئەللىم ئاغىنەم ئەختەم قايتتى ، شۇ قايتقانچە ئىككى يىل بولدى ، يوق ... ئۇ مىنى ئىزدەپ كەلمىدى ، « ئالدىراش ھەم بىكار ›› ھېسابلىنىدىغان شەھەر ئاھالىسى بۇلۇش سۈپىتىم بىلەن مەنمۇ ئۇنى ئىزدەلمىدىم . ئىشخانا ياكى ئائىلىدە بولسۇن تۇرۇپلا ئەختەمىنى ئويلاپ قالىمەن . ئۇنىڭ قىزىقارلىق گەپلىرىنى سېغىنىۋاتىمەن ، يا ئۇغەلىيتە ئىشلارغا ياقىسىنى تۇلا چىشلەۋىرىپ بوينى سىڭيان بۇلۇپ قىلىپ داۋالىنىۋاتامدىغاندۇ دەپ ئويلاپ قالىمەن ... شەنبە ، بۈگۈن دەم ئېلىش كۈنى ! بۈگۈنكى دەم ئېلىش كۈنۈمدىن پايدىلنىپ سېتىۋالغىلى ئۇزۇن ۋاقىت بولغان بولسىمۇ ئوقۇشقا ۋاقىت چىقىرالمىغان « قانغا بۇيالغان سايرام ›› ناملىق روماننى ئۇقۇپ تۈگۈتەي دەپ قۇلۇمغا ئېلىپ ئەمدىلا بىرەر بەت ۋاراقلىشىمغا ئىشك چىكىلدى .
hBcklI ــ ئەستا ، كىم بولغيتتى ؟ دەم ئېلىشقا تەسىر يەتكۈزۈپ ... - مەن شۇنداق دەپ غۇدۇڭشۇپ ئۇرنۇمدىن تۇرۇپ بىرىپ ئىشكنى ئېچىپ بولغىچە يۇمۇلاققىنە سەمىرگەن ئېگىز بويلۇق ، كۆزەينەك تاقىۋالغان بىر ياش تەكلىپسىز سۆزلىگىنىچە كىرىپ كەلدى :
M&",7CPD(1 ــ مۇشۇمۇ ئىش بولدىمۇ ؟ مۇشۇ كۈنلەردە زادى نىمە ئىشلار بۇلىۋاتىدۇ ؟ شەھەرلىكنىڭ يېزىدىكى ئادەملەرگە قارىغاندا كېسەلگە گىرىپتار بۇلۇش نىسبىتى يۇقىرى ئىكەن .... سەۋەبى دەل سىزدەك دەم ئېلىش كۈنلىرىدە ھاۋالىق جايلارغا ، ھېچ بولمىغاندا سەھرالارغا چىقىپ دەم ئالماي مۇشۇنداق ئۆيگە بىكىنىۋېلىپ ئۇلتۇرۋېلىش بىلەن باغلىنىشلىق ئىكەندە ...
*!Gb_!98 ـــ ئىچىڭىز سىقىلمامدۇ بۇنداق ئۇلتۇرۋەرسىڭىز ؟ .... يۈرەك سىقىلىش كىسىلىگە گىرىپتار بولمىغانسىز ؟
C R't ـــ شەھەرلىكنىڭ يۈرىكى ھازىر بەك ئاغىرىيدىغان بوپ قاپتىمىش .... نىمىشقا دىمەمسىز ؟ خىزمەتتىن قالدۇرۇپ كىتىشتىن ئەنسىرەپ .... ئولتۇرۋاتقان ئۆيلىرىنىڭ ئىجارە ھەققىنىڭ ئېشىپ كىتىشتىن ئەنسىرەپ .... توك ھەققى ، سۇ ھەققى ، تېلىفۇن ھەقىلىرنىڭ يەنە ئۆرلەپ كىتىشتىن ئەنسىرەپ ... ئۆي جازىللرى ياكى كىيىم بولامدۇ ئىشقىلىپ « مودا ›› دەپ ئاتىلىدىغان بىرەر نەرسىنىڭ پەيدا بولۇشتىن ئەنسىرەپ .... چاي – ئولتۇرشنىڭ باغىقى كېلىپ قېلىشتىن ئەنسىرەپ .... ئەنسىرەش بىلەن يۈرىكى پات – پات تۇققانلىق ئاغىرىيدىغان بۇلۇپ قاپتىمىش ...
XgKYL<