" ئەر-ئەمەس ، ئەركەك- ئەمەس " ,K30.E
بىلىگيار ,[dvs&-*
2009-يىلى قەھىرتاننىڭ 20-كۈنى 0=40}n&`
نۇرغۇنلىغان تارىخى كىتابلاردىن ، كىنو تىلۋىزىيە فىلىملېرىدىن ، ئاتا ئانلېرىمىزنىڭ ئۆز ئېغىزلېرىدىن سۆزلەپ بەرگەن نۇرغۇنلىغان ئىش- ئىزلاردىن ، ھەممىمىز ئىختىيارسىز ھالدا باش ئېگىپ ئېتىراپ قىلىشقا ئەرزىيدىغان شۇنداق بىر ھەقىقەت ھەممىمىزگە مەلۇمكى ، ئۇ بولسىمۇ ، تارىختا ، دادا ، بوۋىلېرىمىز تۇلپارنى ئۆزلېرىگە قانات قىلىپ ، زېمىن كەزگەن ئىدى. تۇلپار ئۈستىدە ، قوللېرىدا شەمشەر ئوينىتىپ ، نۇرغۇنلىغان ئەل يۇرتلارنى ئۆزلېرىگە بوي سۇندۇرغان ئىدى. تۇلپار ئۈستىدە ، جاھان ، يۇرت ئالغان ئىدى. تۇلپار ئۈستىدە ، يەر ، پۈتكۈل جاھاننى لەرزىگە سالغان ، تېتىرەتكەن ئىدى. شۇ تۇلپار تۇياقلىرىنىڭ ئىزلېرىنى ، خۇددى ، يارلىق ئۈستىگە بېسىلغان مۆھۈردەك ، يەر زېمىندا مەڭگۈ ئۆچمەس قىلىپ قالدۇرغان ئىدى. شۇ تۇلپار تۇياقلېرىدىن ئوت چاقنىتىپ چىقۋاتقان ئاۋازلېرى ، بەزىدە ھېلىھەم قۇلاق تۈۋىمدە جاراڭلاۋاتقاندەك ھېس قىلىپ ، تاتلىق ئۇيقۇ ئىچىدىن قاتتىق چۆچۈپ ئويغىنىپ كېتىمەن. mjk<FXW
ئۇلار ، سىرتلاردا ئەنە ئاشۇنداق جاھاننى لەرزىگە سېلىپ ، زېمىننى تېتىرەتكۈدەك باتۇر ، قەيسەر ئوغلان بولسا ، ئائىلىدە ، مېرى مۇھەببەتكە تولغان ، كۆيۈمچان ، مۇكەممەل بىر ئەر ، ئاتا بۇلۇش سۈپىتى بىلەن ، ئۆزلېرىنىڭ قان تەر تۆكۈپ ، ھالال ئەمگگى ئارقىلىق ، مەڭگۈلۈك ھەمرىيى بولغان ئايالىنى ، ئۇلۇغ نېممىتى بولغان پەرزەنتىنى ، جۈمىلىدىن ، پۈتكۈل ئائىلىسىنى ، ھەرقايسى جەھەتلەردىكى ماددىي تۇرمۇش كاپالىتىگە ئىگە قىلاتتى. ئانا پەقەت ، ئائىلە ئىشلېرى ۋە پەرزەنت تەربىيلەشتىن ئىبارەت ، ھەم جاپالىق ھەم ئۇلۇغ ، شەرەپلىك ، مۇقەددەس ۋەزىيپىنى ئۈستىگە ئالاتتى . 8|L 5nQ
ئۇلار ، يەتتە - سەككىز ، ھەتتا ، ئون پەرزەنتنى تۇغۇپ ، ھەممىسىنى ھەقىقىي ئىنساندەك تەربىيلەپ قاتارغا قوشاتتى . Pj BBXI1i
ئۇلار ، يەنە نۇرغۇنلىغان ھېكىمەتلىك سۆزلەردە تەرىپلەنگۈنىدەك ، " ئانا بىر قۇلىدا بۆشۈكنى تەۋرەتسە ، بىر قۇلىدا دۇنيانى تەۋرىتىدۇ ." "Wb KhE
ئانا تۈزەلسە دۇنيا تۈزۈلدۇ . ئانا بۇزۇلسا ، دۇنيا بۇزۇلدۇ." :C0)[L
" ئانا مىللەتنىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەيدۇ . " D)S_ p&
J^PFhu
جەننەت ئانىلارنىڭ تاپىنى ئاستىدا . " دېگىنىدەك ، ھەقىقىي ئىسمى- جىسمىغا لايىق ، ئەسىردىن ئەسىرگە ، تارىختىن تارىخقا ، ئەۋلادلاردىن ئەۋلادلارغا قەدەر مەڭگۈ ياشايدىغان ، ئەۋلادلېرىمىز ئۈچۈن مەڭگۈلۈك ئۈلگە ، ئابىدە ، قىبلىنامە بۇلالايدىغان ئۇلۇغ ئانىلېرىمىزنى تەربىيلەپ ، ئۇلارنى يېتەكلەپ قاتارغا قوشتى . CEzdH!nP
شۇ ئەركەكلېرىمىز تەربىيلىگەن ، يېتەكلىگەن ، شۇ تەربىيىلىك ، ئىلىم ھېكىمەتلىك ئۇلۇغ ئانىلېرىمىزنىڭ تەربىيىسى ئاستىدا ، جاھاننى تاڭدا قالدۇرغان ئالىملېرمىز ، يەر زېمىننى تېتىرەتكەن ، تاغلارنى تالقان، چۆللەرنى بوستان قىلغان باتۇر ئوغلانلېرىمىز يېتىشىپ چىققان ئىدى . FBzsM7]j
شۇ ئوغلانلېرىمىز گەرچە ، قىسقىغىنە ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرغان بولسىمۇ ، مىڭ يىلدىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندىمۇ ، خەلىقىمىزنىڭ قەلبىدە ياشاپ كېلۋاتىدۇ. بەلكى ، بۇندىن كېيىنمۇ ، ئەسىرلەردىن ئەسىرلەرگىچە مەڭگۈ ياشىغۇسى... !دېمەك ، ھەقىقىي ئەركەكلېرىمىز ئۇلۇغ ئانىلېرىمىزنى تەربىيلەپ چىقتى . تەربىيىلىك ، ئىلىم ھېكىمەتلىك ئۇلۇغ ئانىلېرىمىز بولسا ، مەھمۇت قەشغەرى ، يۈسۈپ خاس ھاجىپقا ئوخشاش ئىلىم ئالىمىدە مەڭگۈ ئۆچمەس يۇلتۇزلارنى ، نۇرتاي ھاجىمغا ئوخشاش ساخاۋەتچى ئاتىلارنى ، شۆھرەت مۇتەللىپ ، ئەركىن سىدىققا ئوخشاش دۇنياۋى ئالىملېرىمىزنى ، رادىل ئابلاغا ئوخشاش كارخانچىلىرىمىزنى ، باتۇر ، قەيسەر ئوغلانلېرىمىزنى تەربىيلەپ چىقتى . =n@\m<
شۇڭا ، " ئەر ، ئەركەك ، ئاتا " دىگەن سۆزلەرنىڭ ۋەزنى ، مېنىڭچە بولغاندا ، قانچە – قانچە تاغلاردىن ، يەر شارىدىن ، ھەتتاكى ، پۈتكۈل كائىناتتىنىمۇ ئېغىر بولسا كېرەك . بۇ سۆزلەر ئېغىزلاردىن چىققاندا ، پۈتكۈل تاغ – دەريا ، يەر – زېمىن لەرزىگە كېلىپ ، بىز ئاڭلىيالمىغان ، چۈشەنمىگەن بىلەن ، پۈتكۈل كائىنات قايتۇرغان بۇ ئەكىس سادا ، پۈتكۈل ئالەمنى قاپلىغان، ھەتتاكى، ئەرىش كۇرسىغىمۇ يەتكەن بولسا كېرەك . VrhHcvnZ
ئەجىبا، نەچچە ھەرىپتىن تەشكىل تاپقان بۇ سۆزلەرنىڭ ۋەزنى شۇنچىلىك ئېغىرمىدۇ ؟؟؟ )}_}D+2
ئەجىبا ، نەچچە ھەرىپتىن تەشكىل تاپقان بۇ سۆزلەر، تاغ – دەريالارنى، يەر – زېمىننى لەرزىگە سالغۇدەك ، تېتىرەتكۈدەك ، شۇنچىلىك غايەت زور ئىلاھىي قۇددىرەتكە ، مىسىلسىز سېھرى كۈچكە ئېگىمىدۇ ؟؟؟ .>-D{
ئۇنداق ئەمەس ، بۇ ھەرىپلەر ئەمەس ، بەلكى ، مۇشۇ نەچچە ھەرىپتىن تەشكىل تاپقان ، شۇ سۆزلەر بىلەن تەرىپلىنۋاتقان كىشىلېرىمىز ، يەنى ، ھەقىقي ئەرلېرىمىز ، ئەركەكلېرىمىز شۇنچىلىك ئېغىر ۋەزىنگە ، شۇنچىلىك مىسىلسىز سېھرى ھاياتى كۈچكە ئىگە ئىدى . ;DKJ#tS}"
چۈنكى ، ھەقىقىي ئەرلېرىمىز ، ئەركەكلېرىمىزنىڭ ئۈستىگە ، ئائىلە، پەرزەنت ، ھەتتاكى ، پۈتكۈل بىر مىللەتنىڭ تەقدىرىدىن ئىبارەت ، ئۇلۇغ، مۇقەددەس بۇرچ ، ئېغىر مەسئۇليەت يۈكلەنگەن ئىدى . &Rz