دادا-ئاپا؟ مەن توي قىلمايمەن!
(سەنسىز0903)
ئىشىكتىن كىرىپ دادام-ئاپامغا سالام قىلغاندىن كېيىن، قولۇمدىكى بانان-ئاپلىسىن، ئالما دىگەندەك مىۋىلەرنى ئۈستەلگە قويدۇم. دادام-ئاپاملارنىڭ ئىشىكتىن كىرگەندىن ھازىرغىچە باش ئايىغىمغىچە تەپسىلى قاراشلىرىدىن ئۇلارنىڭ بۈگۈن ماڭا دەيدىغان مۇھىم بىر ئىشى بارلىقى مانا مەن دەپ چىقىپ تۇراتتى. كاستىيۇمۇمنى ئىلغۇچقا ئىلىپ قويغاندىن كىيىن قولۇمنى يۇيۇپ كىرىپ تاماق قاچىسىدىكى ھورى كۆتۈرۈلۈپ تۇرغان تاماقنى يىيىشكە تەرەددۇت قىلدىم. ئۆي ئىچى تىپتىنچ، ئۇكام بۈگۈن بۇرۇنلا ھۇجرىسىغا كىرىپ كەتكەن ئىدى. ئادەتتە ئۇنى-بۇنى دىيىشىپ ئولتۇرىدىغان دادام-ئاپاملارنىڭ، بۈگۈن بېشىغا قۇش قونىۋالغاندەك جىملا تۇرىشىدىن، ئۆيدە بىر خىل سۈرلۈك تۇيغۇ ھۆكۈم سۈرەتتى. كۆڭلۈمدە، دادام-ئاپاملارنىڭ بۈگۈن ماڭا دەيدىغان قانداق مۇھىم سۆزى باردۇ؟ دىگەن خىيال بىر ئېلىپ تاماقنى شۇنچىلىك تەستە يەۋاتاتتىم. }lCQ+s!
d`%7Pk تاماقنىمۇ يەپ بولدۇم. ھۇجرامغا مېڭىشقا تەمشەلگىنىمدە، دادامنىڭ چاقىرغان ئاۋازى ئاڭلاندى... BB ::zBg
2=%]Ax"R -بالام، ياقتا ئولتۇرە.. سەن بىلەن مەسلىھەتلىشىدىغان ئىش بار. jj]|}G
|34w<0Pc, ئاستا كىلىپ دادام كۆرسەتكەن ئورۇندا ئولتۇردۇم. نەچچە سىكۇنت جىمجىتلىقتىن كېيىن دادام ئېغىز ئاچتى. ~:|V,1
<7zz"R بالام، ئاپاڭ ئىككىمىز مەسلەھەتلىشىپ تويۇڭنى قىلايلىمىكىن دەۋاتىمىز. يېشىڭمۇ تويلايدىغان يەرگە يەتتى. ھەدەڭ، ئاكاڭلار توي قىلىپ بولدى. ئەمدى نۆۋەت ساڭا كەلدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاپاڭ ئاغرىقچان، يەڭگەڭ ئېغىر قات، ھەممە ئىشلارغا يىتىشىپ بولالمايدۇ. بىزمۇ سىنى بالدۇرراق ئۆيلۈك-ئوچاقلىق قىلىپ زىلمىمىزدىكى قەرىزنى ئادا قىلماقچى..... NbCIL8f]
t**d{P+ دادام-ئاپاملارنىڭ دىننى، ئائىلىنى، جەمئىيەتنى مىسال قىلىپ سۆزلەشلىرىنى ئاڭلاپ، بېشىمنى پەس قىلىپ جىممىدە ئولتۇردۇم. شۇ تاپتا يۈزۈم قىزىرىپ، بېشىمغا ھازىرلا ئوت كېتىدىغاندەك تۇيىلىۋاتاتتى. بىردەمدىن كىيىن تەستە ئېغىز ئاچتىم. I]3!M`IMG
H6Gs&y