بۇيۇنتۇرۇق veYsctK~
(پوۋېست) ]MqH13`)A
تۇرغۇن پەيزۇللا يۇلغۇن G+#| )V
ooLnJY#
ئۇ- ئۆكۈز توختىماي تارتىدۇ ساپان. cXLV"d
شاكراپ تەر دەستىدىن شورلايدۇ چانان، Q.pEUDq/
كۆيىدۇ چوققىسى، كۆيىدۇ تاپاق، y (c|5CQ
چاك-چاك يېرىلىپ قانايدۇ ئالقان، [#hl}q(P#
ئەمما ئۇ دادلىنىپ كۆتۈرمەس چۇقان، +!L_E6pyXE
جاھاندا ھەممىدىن دېھقان بولماق تەس. e6{[o@aM{
)}k?r5g
جەدۋەللەر ئاشتىغا يوللايدۇ ساننى، RB lOTQjv
ئالىدۇ سۇپۇرۇپ ئاخىرقى داننى. Ww'TCWk@
ئالدايدۇ ئۆزى، كۆر بۇ زىياننى، Kh:#S|
پۇچىلىق- «نوچىلىق» قىينايدۇ جاننى. .UT,lqEkv
جەرىمانە توختىماي كولايدۇ ياننى، rx}ujjx
جاھاندا ھەممىدىن دېھقان بولماق تەس x;ICV%g/
- روزى سايىتىنىڭ «دېھقان بولماق تەس» نامىلىق شېئىرىدىن ~q8V<@?
1 U<gUX07
بۇ دۇنيا يىغا بىلەن كۈلكە تەڭلا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان دۇنيا، جىدەل-ماجراغا، ئۇرۇش، جەڭلەرگە، ۋاپا، مېھىرى-مۇھەببەت، كۈلكە شادلىقلارغا، رىقابەت، دەرد ئەلەم، قايغۇ-ئازاپلارغا، تەڭسىزلىككە، زورلۇق-زۇمبۇلۇققا تولغان دۇنيا. 9U }MXY0
T4H oSei بۇ دۇنيا ئۆلۈم بىلەن تۇخۇمدىن ئىبارەت مەڭگۈلۈك تەكرالىنىش ئىچىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. ئۆلۈم بىلەن تۇخۇمدىن ئىبارەت مەڭگۈلۈك تەكرارلىنىشىنى داۋاملاشتۇرۇپ تۇرىۋاتقانلىقى ئۈچۈنلا ئۆز قۇدىرىتىنى نامايەن قىلالايدۇ. NDIc?kj~
+/@ZnE9s پاكار-پاكار رەتسىز ئۆيلىرى، ئوڭغۇل-دوڭغۇل، كاتاڭ يوللىرى بىلەن ئۆزىنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە نامرات ئىكەنلىكىنى يوشۇرۇپ قېلىشقا ئامالسىز قالغان بۇ زېمىننىڭ بىر بۇرجىكىدە ئەۋلاتمۇ-ئەۋلات ياشاپ كېلىۋاتقان دېھقانلار ئۇزاقتىن بۇيان ھەممىگە چىداپ بىر-بىرىنى ئۈمىد بىلەن ياشاشقا ئىلھاملاندۇرۇشۇپ كىلىۋاتقان، نامراتلىق، خورلاش-خورلىنىش ھەر قانچە كۆرڭەلەپ كەتسىمۇ بۇ يەردىكى ھەر بىر ئادەمنىڭ چىرايدىا بىر خىل ئەركەك نۇر جۇللاپ، ئۈمىد، ئۆملۈك ئۇلارنى ھەر قاندا مۇشكۇللەر بىلەن ئېلىشىپ ياشاشقا چاقىرىپ، ئىلھاملاندۇرۇپ تۇرىدۇ. ئۇلارنىڭ گەپ-سۆزلىرىنى، ئارزۇ-ئارمانلىرىنى، ئۇلارنى بېقىپ كېلىۋاتقان ئانا زېمىن- بەزىدە خۇيلىنىپ، بەزىدە يۇۋاشلاپ قالىدىغان ئانا دەريانىڭ ئەركەك سۇلىرى، دەل-دەرەخلىرى، ئوت-چۆپلىرى، يوقالماس تارىخنى قۇچاقلاپ ياتقان، جەڭ ئاتلىرىنىڭ كىشنەشلىرى، نەيزە قىلىچ، خەنجەرلەرنىڭ جاراڭ-جۇرۇڭلىرى، خۇرازلارنىڭ چىللاشلىرى، تۆگىلەرنىڭ پۇشقۇرتشلىرى، گۇلدۇرماما ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇرىدىغان سىرلىق قۇملۇق سايىلىرى، مۇقەددەس تاغلىرى چۈشۈنىدۇ... r_g\_y7ua
8JtI&aH-L *** *** *** *** 7>#L
'.h/Y/oz كەنت باشلىقى دېگەن خوتۇنى مېڭ تالاق گۇينى قوي، ئازغىنا نەپنى، قۇرۇق نام-ئاتاقنى دەپ ھەممىدىن كىچىدۇ. قېرىنداشلىرىنى ساتىدۇ، ئىپلاس يۈندە تەشتىكى! ئايالىغا- ئۈچ ئوغۇل، ئۈچ قىزىنىڭ ئانىسىغا ئىككى يۈەنگە بىر ياغلىق ئېلىپ بىرىشكە چىدىمايدىغان نائەھلى كوچىدىكى شاللاق ئاياللارغا پۇلنى شاراقشىتىپ خەجلەۋىرىدۇ. ھوقۇقىنى پەش قىلىپ كۆرەڭلەپ، ئەلنىڭ يىلىگىدە سۇ ئىچىدۇ، پارازىت قۇرت! ئۇنى، يۈرىكى قان-يىرىڭغا توشۇپ كەتكەن دېھقانلار «ھالىمىزغا يىتەرمىكىن، دەردىمىزگە دەرمان بولارمىكىن» دەپ سايلىغان ئەمەسمىدى. مەيدانى يوق، پەس، ۋىجدانسىز گۇيلاردىن دېھقانلارغا قانچىلىك ۋاپا كىلىدۇ دەيسەن. كۆڭلى قارا، دەردىدە بىچارە دېھقانلارنىڭ يىل بويى ئىشلەپ-ھالال تەر تۈكۈپ تاپقىنى ئېھتىياجنى قامدىيالماي كەلمەكتە. شۇڭا قورساق تۇيغۇزۇش ئۇلارنىڭ ئەڭ ئالى كۈرەش نىشانى. قورسىقى تويمىغان ئادەم قانداقمۇ باشقىنى ئويلىسۇن؟ qh)!| B
J++sTQ(!? ئاۋۇ بىر جۈپ ئۆكۈز بوقىسى سۆرىگىنىچە ئېغىر-ئېغىر قەدەم يۆتكەيتى. بويۇنتۇرۇق بوينىنى قىپقىزىل قان قىلىۋەتكەنتى. رەھىمسىز تاياق پات-پات تىگىپ تۇراتتى.... 1(:=jOfk
j6R{ قۇياش ئاستا-ئاستا كۆتىرلىۋاتاتتى. چىچەكلىگەن قىزىل يولغۇن ئەتتىگەننىڭ سالقىن شامىلىدا يىنىك تەۋرىنەتتى. سۇپى دېھقان كەتمىننى دولىغا سېلىپ، ھارۋىغا قوشۇلغان ئىشكنى يىلىگىنىچە ھويلىدىن چىقتى. ئۇنىڭ قارامتۇل چىرايىدىن ئېغىر ھارغىنلىق تۆكۈلۈپ تۇراتتى. ئۇ، سۇ ئاققاندەك پۇرپاڭ توپا ئاقىدىغان كاتاڭلىق، يىلانباغرى ئەگرى-بۈگرى يول بىلەن بىللە مەھەللىنىڭ يۇقىرىسىغا قاراپ يۈرۈپ كەتتى. بۇ يول مىڭ يىللىق قەدىمى يول ئىدى. بۇ يولدا سوپى دېھقانننىڭ بوۋىسىنىڭ بوۋىسى ئۇنىڭمۇ بوۋىسىنىڭ بوۋىسى ماڭغان يول ئىدى. سويى دېھقان ئەمدىلا 50 كە ئۇلاشقان بولسىمۇ قېرىپ، ھالسىزلىنىپ كەتكەندەك غېرىپ بىچارە كۆرىنەتتى. سوپى دېھقان كىتىۋاتقاچ ئۇنتۇلغۇسىز تارىخى قىسمەتلەر ئۆز قوينىغا مۇجەسسەملەنگەن قۇم بارخانلىرىغا تويماي-تويماي قاراپ قۇياتتى.... نىمىدۇر بىر نەرسە ئۇنىڭ يۈرىكىنى ئارامسىزلاندۇراتتى. كۆڭلىنى غەش قىلاتتى. ئۇ بىردىنلا دىلى ئازار يىگەن كىچىك بالىدەك مىشىلداشقا باشلىدى. « خەلق بەرگەن ھوقۇقىنى جايىدا ئىشلەتمەي، خەلقنى زار-زار قاخشىتىپ، قان-قان يىغلىتىپ يۈرگەن ئىمانغا ئىت سىيگەن، ۋىجدانى بولغانغا باشقىلار يوقۇردىمۇ بار، تۆەندىمۇ بار، بۇنداقلار باشقىلارنىڭ قايغۇسىدىن ئۆزىگە خۇشالىق تاپىدۇ، ئۆزگىلەرنىڭ كۆز يېشى ئۈچۈن قاقاقلاپ كۇلىدۇ» ئويلىغانسىرى ئۇنىڭ مڭېىسى چىڭقىلىپ ھېلىلا پارتىلاپ كېتىدىغاندەك بولۇپ كېتىۋاتاتتى. «يۇقىرىدىن بىرەر باشلىق تەكشۈرۈشكە كەلدىمۇ بولدى، يەرلىك خاقانلارغا بايرام بولىدۇ، ئۇلار ئاغىزىدىن يانغۇچە يەپ ئىچىدۇ، بولارمۇ يەتمىگەندەك ئۆيلىرىگە سومكىلاپ-سومىكلاپ گۆش- قەن گىزەك، يەل – يىمىشلەرنى توشىۋالىدۇ. مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن بىر پۇل ئىشلەتكەن بولسا دېھقانلارغا مىڭ پۇل قىلىپ چېچىپ ئۆزلىرىنىڭ چۆنتەكلىرىنى توشقۇزۇشۇپ، سامان تىققان سوبودەك كېلەڭسىز قورساقلىرىنى چىقىرىشىپ، گېدىيشىپ يۈرىشىدۇ گۇيلا. ئۇلارنى شۇنچە سەمرتكەن يوغانچى، مەنمەنچى، ھاكاۋۇر قىلغان بىز دېھقانلار ئىدىققۇ، ئۇلارنىمىشىغا بىزنىڭ دەردىمىزگە ئازىراق بولسىمۇ يىتىپ قويمايدىغاندۇ؟ ئۆز خەلقىگە ئاسلىق قىلغانلارنى خۇدا ھامان جازالايدۇ. مۇناپىقلارنىڭ جەستىنى يەرمۇ قوينىغا ئالمايدۇ. كۆڭلى قارىلار ھامانقان قۇسىدۇ. ھەقىقەت رەزىللىك ئۈستىدىن غالىپ كىلىدۇ» سوپى دېھقان ئاغرىۋاتقان بېشىنى مۇجۇپ تۇرۇپ ئېغىر بىر ئۇ تارتتى-دە، ھورۇنلۇق بىلەن كېتىۋاتقان ئېشەكنىڭ سۆڭگۈچىگە ئۇچلۇق تاياقنى سانجىدى. تويۇقسىز تەگكەن زەربىدىن چۈچۈپ كەتكەن ئىشەك توپىلىق يولىدا سوكىلداپ مېڭىشقا باشلىدى. pZ_FVID
:`>+f.) «كەنت باشلىقى دېگەن گۇينىڭ ئۆتكەنلىكى ئىشلىرىنى دىمەيسەن تېخى، ئۇلۇغ جۈمە كۈنى بولىشچە ئىچىپ مەست بولۇپ قاپتۇ- دە، كەنتنىڭ مەركىزى يولىغا چىقىۋېلىپ ئۆتكەن كەچكەنلەرنى ئاغزىغا كەلگەن تىللار بىلەن تىللاپتۇ، بۇمۇ يەتمىگەندەك ئىشتىنىنى سېلىۋىتىپ تويدىن يانغان بىر توپ ئاياللارنى كۆرۈپ ئۇلارغا قاراپ ھاڭدىغىنچە يۈگۈرۈپتۇ-ئاياللار چۇقۇراشقىنىچە تەرەپ-تەرپەك قېچىشىپتۇ. ئۇ «ھەي شاپاقچىلار نېمە قېپشسەن ھەممىڭنى بىر نېمە قىلىۋىتىشكە تېتىيمەن كېلىشمەمسەن. ئىشەنمىسەڭ سىناپ بېقىش دەپ ۋاقىرغىنچە قوغلاپتۇ. ئاياللارنىڭ ئىچىدە ئۇنىڭ ئاچىسى، سىڭلىسى، قىزى بار ئىكەن. بۇ ئادەمنىڭ قىلىقى ئەمەستە...» ,R.+-X
5cNzG4z ئىشەك بىر خىل رىتىمدا ئالغا ئىلگىرلەيتى. سۇپى دېھقان ئەتىراپىغا پۈتۈن دېققىتى بىلەن زەك سېلىپ ماڭاتتى. خۇددى بۇ يەرگە يېڭىدىن كەلگەن ئادەمدەك بۇ يەرنى پەقەت كۆرۈپ باقمىغاندەك « كەچ قويغان خۇدايىم ئاچ قويمايدۇ ››دېگەندەك ھەر ھالدا ئاچ قالمايۋاتىمىز بۇ ئاي كۈنلەردە ئەركەكلەر ئىتقاد، ئىمانىنى، ۋىجدان، غورۇرنى، ئىچىملىك، چىكىملىكىنىڭ دەستىدىن ئەرلىكىنى يوقاتتى، ئاياللار بولسا ھەددىدىن ئاشتى. بۇمۇ يەتمەيدىغاندەك بىر قېسىم ئەرلەر ئۆيدىن چىماس، بىر قىسىم ئاياللار سىرتتىن كىرمەس بولۇپ كەتتى. شەھەرلەردىغۇ ئىشنى بۇنىڭدىن ئېغىر دەپ ئاڭلايمەن. نېمە بولۇپ كەتتى بۇ جاھان؟ بىز ئۇيغۇرلارغا نېمە بولغاندۇ ئەمدى؟ ئۇيۇشقاق قىلىقىمىز نەگە كەتكەندۇ؟...... ئەجەپ چېچىلاڭغۇلىشىپ كەتتۇق. ئۆز-ئارا مۇش ئېتىشىپ، قان تۆكىشىپ، بىر – بىرىمىزنىڭ كۈتنى كولىشىپ ئۆتمىسەك كۈنىمىز كۈن بولمايدىغان بولۇپ قالدى. خۇدا ئۆزى ساقلىسۇ، مۇشۇنداق كېتىۋىرىدىغان بولساق تېخىمۇ خارابلىشىپ كىتىمىز. پۇرسەتنى غەنىمەت بىلگەن يېڭى كەلگەن قوشنللىرىمىز بېشمىزدا ياڭاق چاقىدۇ.....» سوپى دېھقان ئويلاپ شۇ يەرگە كەلگەندە ئۆپكىسى تەتۈر ئۆرۈلگەندەك بولۇپ، بۇرۇن تۆشۈكچىللىرى ئېچىشىپ كەتتى. }d~FTre
y`B!6p5j قادىر خۇدا ھامان بىر كۈنى ھېساۋىنى ئالىدۇ. قاتلىقىدىن ئاچچىقى شادلىقىدىن قايغۇسى تولا دۇنيا بۇ. دەردى يول ئادەم يوق بۇ جاھاندا ھەممە ئادەمنىڭ ئۆزىگە تۇشلۇق دەردى، ھەسىرىتى ئارمىنى، ئارزۇسى، قايغۇسى، ئازابى بار بۇ دۇنيادا. بۇ دۇنيا ئۈچۈن ھەممە يتىم، سەھرا، توپىلىق يول، بولغانغان سۇ، قۇناق زاغرىسى، چامغۇر توغراپ ئەتكەن يوبدان ئاش، سىقماق، ئۇماچ، ساپالتاۋاق، چىن چىراغ كىرسىن...... شەھەرلىكلەرنى ھەر خىل كۆكتات، ئوتياش، گۈرۈچ، ئۇن، قوغۇن-تاۋۇز، ئۆرۈك، شاپتۇل، ئەنجۈر، ئانار.....لار بىلەن بېقىپ كىلىۋاتقان تومپاي، قاسماق دېھقانلار، دېھقان يىگىتلىرى سەھرا زېمىنى نېمە تېرىسا ئۇنىڭدەك قارا چىلان تۇپراق، ئەتگەننىڭ ساپ-سالقىن ھاۋاسى، كالا، ساپان، قوي، قۇشخانا، ۋىجدان ئاۋازىدىن تۈكلىۋاتقان ياشلار. قانغا ئايلانغان كۆز ياشلار، ساختا تەبەسسۇ، يالغان، مەسخىرلىك، كىنايىلىك، ئاچچىق كۈلكىلەر، ئەركەكتەك ياشايمەن دەپ ئېغىر كۈنلەرگە قالغان ئەركەكلەر كۆڭلنىڭ كەينىگە كىرىپ ئېرىنى يەرگە قاراتقان، باللىرىنى يەر بىلەن يەكسان قىلغان ئاياللار، شەينان ئازدۇرغان، شەيتاننى ئازدۇرغان چوكانلار، قانغا بۇيالغان جەسەت، پىچاق، ئارا، توقماق، قەبرستانلىق مەھبۇس، تۈرمە گۈندىپاي، ئازاب، شادلىق، قايغۇ-ئەلەم، يىپەك يولى، تەڭرىتېغى، مىڭ ئۆيلەر، چەكسىز كەتكەن قۇملۇق، كىرورەن تارىم دەرياسى، ئىلى دەرياسى، قارقاش، تۈمەن دەريالىرى، يەتتە سۇ ۋەقەسى، قاراخانلار خاندانلىقى، دائىم قىيا-چىيا، ھوردا سادالىرى ئاڭلىنىپ تۇرىدىغان سىرلىق قەلئەلەر، قەبرىلەر، چۆلنى دوست تۇتقان يۇلغۇن، توغراقلار، پالتا، كەكە، كۈسەي، خەنجەر، ئادەمنىڭ تاشقا ئايلاغان باش سۆڭىكى، تاشلىق زېمىن-ئاتۇش ئادىمى، ئەنجۈر دەرىخى «تۈگىمەس ئالۋاڭ ياساق، ئاھ ئازاپ، ئاھ دېھقان ئايغى چىماس جەرىمانە، يېغىن پۈتۈن تۇرىقىدىن نامىراتلىق تۆكۈلۈپ تۇرىدىغان ئادەملەر». ,[ J'!NC1
#Rm=Em}d چوقچىلاپ بېسىلغان 2 يەر باغدىنى سۆرەپ مىڭىۋاتقان ئىشەككە ھەمدەپ بولۇپ كىلىۋاتقان سوپى دېھقان پىشانىسىدىن شورۇلداپ تۈكىلىۋاتقان تەرلەرنى يېڭىنىڭ ئۇچى بىلەن سۈرتىۋىتىپ، قۇلاقلىرىنىڭ كەينىدىن قارا تەر قۇيىلىۋاتقان ئشىكىگە قاراپ شىۋىرلىدى: 1[gjb((
tFST.yT>zg مېىنى كەچۈر جانۋار، يۈكۈڭ ئېغىر بولۇپ قالدى. سەن بەك قېينىلىپ كېتىۋاتسەن. ئۆيگە ئاز قالدۇق بېرىلاپ ئاقىدىكى قۇملۇققا قويۇپ بىرىمەن. ئىككى ئۈچ قېتىم ئىغىنىۋالساڭ ھاردۇقۇڭ چىقىپ قالىدۇ. ئاندىن كېيىن گۇرۈچتەك ئاق قۇناقتىن بىر تاۋاق بىرىمەن. كۆرسىتىلىپ چايناپ، مەزە قىلغاچ يەنە يانتاققا ماڭغىچە ئارام ئالىسەن. xZ @O"*{
S~a:1_Wl ئىشەك ئېگىسىنىڭ گەپلىرىنى چۈشگەندەك قەدەملىرىنى سەل ئىتتەكلەتتى. كۈز بولۇپ قالغانلىقىغا قارىماي ھاۋا خېلىلا ئىسسىق ئىدى. بۇ يەرنىڭ تۆتىلا ئەتراپى قوم بىلەن قاپلانغان بولغاچقىمىكىن ھاۋا خېلىلا تەستە سوۋۇيتى (ياناتتى) سوپى دېھقان مەھەللىگە كىرىپ كەلدى. HyX4ob[X
[;CqvD<S -سۇپاخۇنىكا يانتاق ئەكىلىۋاتاملا؟ qiKtR
z7Rcnr; - خۇدا بۇيرىسا ئۇكام a@=36gx)
.vOpU4 -جاڭگالدا بۇ يىل يانتاق كۆپمىكەن؟ U9p.Dh~)vG
=a.n`3`Q - گىپىنى قىلماڭ ئۇكام، توشۇغانغا تۈگەيدىغان قىلمايدۇ، بۇمۇ خۇدانىىڭ بىزگە بەرگەن بايلىقى، ئۇلاق-قارىلارغا بەرەن رىسقى دېڭە- ئۇ شۇنداق دىگىنچە ئېشىگىنى بىقىنلىدى. b{|/J <Fe
'ZZWH «كارامەت ئىشچان، تىنقسىز ئادەم-دە، بۇ بىردەم جىم تۇرمايدۇ. پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن يەرگە ئىشلەيدۇ. ئوغۇت توپلايدۇ. خۇدانىڭمۇ كۆزى كۆرمىكىن دەيمەن. بۇ ئادەم مەن ئەقلىمەە كەلگەندىن بىرى مۇشۇنداق تىنىمسىز ئىشلەپ يەرگە تەر تۆكۈپ كېلىۋتىدۇ. يەنىلا تۇرمۇشى ئۇدۇللۇق، سېرىقتال ھالەتتە ئۆتىدۇ. ئاۋۇ ئاۋۇت بەڭگە دېگەن گۇي يىل بويى چىكىپ يۈرسىمۇ تۇرمۇشى باياشان، يېزا، كەنت مەسئۇللىرىنى ھەپتىدە دېگۈدەك مېھمانغا چاقىرىپ تۇرىدۇ. خوتۇنىمۇ تازا ئۇچىغا چىققان غىلىجىڭ بىر نېمە. سۇپاخۇنىكامغا بەك ئىچىم ئاغريدۇ. ئالتە بالىنىڭ تېخى بىرىسىلا ئۆي ئۇچاقلىق بولدى. قالغانلىرى تەييارلا....بىچارە ئادەم ھەي ي ي ..... بۇ يەردە دېھقانلارنىڭ كۈنى بەك تەس جۇمۇ. ئوغۇت، سۇ، سۇلياۋ-يۇپۇ، تاغار، تۈگمەن، چىن چىراق..... ھەممىسىلا پۇل. پۇل، پۇل دەيدۇ. پۇل قېنى؟ پۇل نەدە؟ دېھقانلارنىڭ غېمى ئۈستىگە غەم، يۇقىرىدىن « دېھقانلار باي بولسۇن؟» دەپ چۇقان سالسىمۇ، يەرلىك بەگ، خاقانلار قۇلىقىنى يوپۇرۋېىلىپ،، ھوقۇقىنى قالايمىقان ئىشلىتىپ « يەپ تويماس پارازىت قۇرۇت» لارغا ئوخشاش دېھقانلارنىڭ ھەر قانچە قىلىپمۇ تولدۇرالمايۋاتقان يىلىگىنى شۇراپ كەلمەكتە« ئۈچ قالايمىقان» ھەددىدىن ئاشماقتا.... ::72~'tw
_M]rH<h بەزىلەر دېھقاننى ساغار كالىدەك، -IsdU7}
$?A Uk ساغقانچە بىلىنەر سۈتى چالىدەك. <:;:*s3]
CT:eV7<>s ئۆزىلا «ئاق» ئۇنىڭ كۆڭلى ئالىدەك. $*)(8C l
6k=Wt7C مۇڭلانسا تۇيلار تۆھمەت- يالىدەك، -MW(={#
sd@gEp)L رىسقىغا چاڭ سالار ئۆگەي بالىدەك، R6@~
G8DIig< جاھاندا ھەممىدىن دېھقان بولماق تەس. 8J?`_
nIKT w دەر ھەقىقەتەن دۇنيادا دېھقان بولماق ھەقىقەتنمىۇ تەس، ئەل-يۇرتنى بېقىۋاتقان دېھقاننىڭ دەردى تولا، ئارمىنى چەكسىز، دېھقانلار ئىشەنگەن ئۈمىد كۈتكەن بىر قىسىملا ئەمەلنىڭ بېشىنى تۇتۇپلا ئۆزگىرىپ ئۇلارنىڭ بەختىگە ئولتۇرۇشقا باشلايدۇ، كۆزىگە توپا چاچىدۇ. ئاش بەرگەن تاۋاقنى چاقىدۇ. ئۇلارنىڭ بىر جاپادا بىنا قىلغان باغلىرىدا باغلاپ پىشقان مىۋىلەرنى يەپ شېخىنى بىرىدۇ. شالارغا پالتا-كەكە چاپىدۇ. كۈندىن-كۈنىگە تىلى شىكەر، دىلى زەھەرلەر كۆپىيىپ كېتىۋاتىدۇ. % m5 ^p
/R$x-7t)^( ۋاھ، شۇلار كەتتىغۇ ئەجەپ «سۇل»لىشىپ، f5qHBQ
hsVJ&-# ھىيىلىسى يىلسىرى باردى موللىشىپ، U1!2nJ]
qkG;YGio سەھنىدە تۈزۈشۈپ «توختام» قوللىشىپ، `k%#0E*H
'xXqEwi4 «قاتلىنىپ ئاشتى» دەپ دوكلات يوللىشىپ، R^kv!x;h
Rf0\CEc مۇكاپات ئېلىشتى«تۆر» نى گۆللىشىپ، lJY=*KB(6
o@` E.4 جاھاندا ھەممىدىن دېھقان بولماق تەس. z2q5f:d8
@`8 B}C بەدنىيەتلەر ھامان جاجىسىنى يەيدۇ، قىلغان ئەتكەنلىرىنىڭ جاۋابىنى بىرىدۇ...» سەلمىجان ئەپەندى شۇلارنى ئۆيلىغىنىچە مەكتەپكە كېلىپ قالدى. $yqq.#1
m7eIhmP سوپى دېھقانننىڭ ئىسمى سوپاخۇن بولۇپ، تولىمۇ مۆھمىن، ئىتقادلىق، ئىنساپلىق، لەۋزى ھالال يۇۋاش ئادەم بولغاچقا بىرەرسىنىڭ كۆڭلىگە ئازار بىرىدىغان ئىشلارنى قەتئىي قىلمايتى. تىنمتاپماي ئىشلەيتى. شۇڭا مەھەلىدىكىلەر ئۇنى سوپى دېھقان دەپ ئاتىۋېلىشقانتى. سوپى دېھقان ئېرىق-بويلىرىدا، دەرۋازىلارنىڭ ئالدىغان چېقىۋېلىپ قارات ئويناۋاتقانلارغا، تاپتۇپاڭ تايىنى پاراڭلارنى سېلىپ ئولتۇرغانلارغا قاراپ باش چايقاپ قوياتتى، ئېغىرتىناتتى. باشلىرىغا باغلىق ئارتماي ئۇيان-بۇيان ئۆتۈپ تۇرغان بويىغا يەتكەن قىزلارغا قاراپ، بىلەن چاققاندەك تولغۇنۇپ كېتەتى. «ھەي-ھەي، گۇناھ-گۇناھ ئېغىر گۇناھ دۇنيا گۇناھكارلار- بىلەن توشۇپ كېتىۋاتىدۇ.ئادەملەرنىڭ ئىساپ، ئىتقاد بوقۇلۇپ، ئىمان ئاجىزلاپ، ئەركەلىك يوقۇلۇپ كېتىۋاتىدۇ. مۇشۇنداقلا بولىۋىرىدىغان بولسا ئەلىكى ھالىمىز نېمە بولاركىن؟ سەلىمىجان ئەپەندى توغرا ئېيتىدۇ «ناچار، چاكىنا كەيىپىياتىنى يۇقتۇرۇىۋالغانلار ھامان يېتىم قالىدۇ. مىللەتنىڭ روھىيىتىدە ساقلانغان مەسىلىلەرنى دەل ۋاقتىدا ھەل قىلمىساق، تۇرمۇشىمىزدىكى بولىغۇر ئىشلارنى يىلتىزىدىن يوقاتمىساق خەلقىمىز كۈندىن كۈنىگە ناندانلىشىپ، مىللىتىمىز خاراپلىشىپ كىتىدۇ» بىزنى يوقلۇقتىن بارلىققا كەلتۈرۈپ پايدىلانسۇن دەپ تۇپراقنى، سۇنى، ھاۋانى، ئوتنى، ئاينى، قۇياشنى، تاغنى، دەريانى، ئورماننى، يايلاقنى، كاننى......يارىتىپ بىزگە بويسۇندۇرۇپ بەرگەن خۇدا بىزنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ. يامانلارغا جازالاپ، ياخشىلارنى مۇكاپاتلايدۇ» دېگەنلەرنى ئويلىدى-دە « ھەممىگە قۇدىرەتلىك ئاللا مېنى گۇناھىمدىن مەخپىرەت قىلغىن مىڭ توۋا قىلدىم، قىلغان گۇناھلىرىمغا سەن ھەممىنى كۆرۈپ ھەم بىلىپ تۇرغۇچى سەن، مېنى كەچۈرگىن قېرىنداشلىرىمىنى ئەپۇ قىلغىن، ئۇلارنى يامان يولدىن توسۇپ، ھىدايەت يولىغا باشلىغىن!» دەپ نىدا قىلد. ئۇنىڭ كۆز چاناقلىرىدا ياش تامچىللىرى پەيدا بولدى. Vd>.fb\U2
KXfW&d(Pk - بۇ ئادەم بەك ئىشچان، تىنىمسىز ئادەم جۇمۇ. $ 14DTjj
M`fXH 3D - يانتاقنى توشىۋرىىپ ئىپى- چۆرىسىدە تاغ ياسىۋتىپتۇ تاغ. ko> O~@r
:k/U7 2 - بۇغداي تېرىيىدىغان ھەممە يىرىگە يانتاق يېيتىپ بولۇپتۇ. ,(W98}nB
|(v=1#i - بىر ئۆمۈر ئىشلىسىمۇ بىرى شۇ بۇنىڭ يەنە. w$:)wyR-
^J~4~! - مېنىڭ بىلىشىمچە ھال-ئەھۋال ھازىرقىدەك ئىدى. بىزلەر مانا جېنىمىزنى ئۇپراتماي بىر ئۆينى گۈلدەك چۆرىۋاتمامدۇق. U`_vF~el~
J}KktD@!O - قانچە ئىشلىسىمۇ ئىشتىن تىزىدىن ئاشمايدۇ بۇ قەلەندەرنىڭ. b<78K5'
tsVhPo]e0 مەھەلە ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان كۆل بويىدىكى سۆگەت ئاستىدا ئولتۇرۇشقان بىر توپ كىشى سوپى دېھقان سالام بىرىپ ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن ئەنە شۇنداق سۆزلەپ كېتىشتى . n$Fm~iPo,
l:,UN07s - مانا مەن يەر تېرىمايمۇ بەگدەك ياشاۋاتىمەن، تىجارەت دېگەن كارامەت بەركەنلىك نېمە جۇمۇ بىر ئوڭ كەلسە خېلى ئاتىقى بار دېھقاننىڭ بىر يىل ئىشلەپ تاپقىننى بىر كۈندە – بىردەمنىڭ ئىچىدە تېپپىپ قويىدىغان گەپ- دېدى. )nxIxr0d-
H).5xx[` قارامتۇل كەلگەن بىرى ئۆزىنى ماختاپ ئۇچۇرۇپ، بۇ دىگىنىڭمۇ بىر ھېساپتا توغرا لېكىن تىجارەتتە بىر چۈشۈپ كەتسە ئادەمنىڭ ھوشىغا كەلمىكى تەس، يەر دېگەن ئىشلىگەننى بىلىدۇ، ئادەمنى تاشلىمايدۇ، شۇڭا كونىلار يەر ئالتۇن قۇزۇق دەپ بىكار ئېيتمىغان- دىدى ئەتىگەننىڭياقى گەپكە ئارلاشماي ئولتۇرغان شاپ بۇرۇتلۇق بىرى نىمىگىدۇر. نارارى بولغاندەك ئاھاڭدا. Qnx92
JlGD.!` قۇبە ئۇنداق گەپلىرىڭنى يەرگە ئىشلىگەن سوپى دېھقاننىڭ ھالىغا قارا بۇ مەھەلىدە ئۇنداقلار كۆپقۇ يىل بويى ھەيۋەندەك ئىشلىسىمۇ قۇرسىقىنى تۇيغۇزالماي، ئۇچىسىنى يېڭىلانماي كېلىۋاتقانلار. سىلەرمۇ بىلىسىلەر بەزى ئۆتكۈزۈۋىتىپ تېرىكچىلىك قىلىپ يۈرگىنىمەە بولا-بولمايلا بەش سېفىن كالىنىڭ ئىگىسى بولۇپ، قالدىم. ئايالىم قېتىق-قايماق سېتىپ پۇل تاپىدۇ. مەن تىرە ئۈچەي سېتىپ، مانا ھازىر بۇ مەھەلىدە تۆتنىڭ بىرى بولۇپ قالدىم. گېپىم گەپ، شۇڭا «پۇلى بارنىڭ گېپى ئوڭ، پۇلى يوقنىڭ گېپى توڭ»، « گاچا بولسىمۇ باينىڭ بالىسى سۆزلىسۇن»، « پۇلۇڭ بولسا جاڭگالدا شورپا»، « پۇلۇڭ بولسا لاتا قۇزۇقمۇ يەرگە كىرىدۇ» دېگەندەك كونىلار – ئاغزى – ئاغزىغا تەگمەي سۆزلەپ، ئاغزىدىن شالا چاچرىتىپ ئۆزىنى ماختاپ سۆزلەۋاتقان تۇرسۇن تاقتاقنىڭ ئاغزىغا قاراپ بىردىنلا ئىچى تارلىقى قوزغالغان ئىمىرەم قانچۇق. =u"|qD
K"$ky,tU - ھەي تۇرسۇن قېتىق- قايماق ساتسىمۇ پۇل ئاۋۇدىكە؟ دېدى ئۇنىڭ گېپىنىڭ بىلىگە تېپىپ. {;M/J
x99Oq! - ئاۋۇمامدىغان ئىمىرەم، ئايالىم ھازىرغىچە قېتىق- قايماق سېتىپ 3000 يۈەندىن ئارتۇق پۇل تاپتىغۇ دەيمەن. ماڭاۋا ئاداش، نېمە دەيدىغانسەن، ئايالىڭ قېتىپ ساتمىسا قېتىق-قايماقنىڭ پۇلىمۇ شۇنداق ئانامدۇ-دىدى ئىمىرەم. ئەتراپتا ئولتۇرغانلار يوتىلىرىغا ئۇرغۇنىچە كۈلۈشۈپ كەتتى. l%~zj,ew
gdNp2b -ئاغزىڭغا بېقىپ سۆزلە جۇماۋاخۇمىسى، ھىلى بىكار ئوتتۇز ئىككى چىشىڭنى قويماي تۈكىۋىتىپ، ئاغزىڭنى بىر نېمە ئىتىپ، بىر نېمە قىلىمەن! rqJj!{<B
<qt%MM [Y - نېمە دېدىم سەن شۇنچىۋالا سەكلەپ كەتكۈكدەك. نېمە، يېغىرىغا تۇز سالغان مادا ئىشەكتەك چىچاڭشىيسەن؟ P"@^'yR5WK
@Qozud\? - يەنە بىر دېگىنە؟ 0EU4irMa
7gaC)j& - بولدى تاقلاپ كەتمەڭلار ئاداش، چاقچاق قىلىپ قويدۇم. muY^Fx
HbVmO]#$D - ھە كاسكىلاشتىڭغۇ ئەمدى. Av]N.HB$
H`@7o8oj1 ئەتراپتىكىلەر ئۇلارنىڭ بىر-بىرىنى يەۋىتىدىغاندەك ئەلپازدا گۈلۈيۈشلىرىگە گەپلىرىنىڭ بىرىدىن سېسىقلىقىغا قاراپ كۈلشەتتى. t]%R4ymV
'8#*U - ياق دەيمىنا ماۋۇ گوينىڭ دەۋاتقان گېپىنى، ھېلى جۇما يەر بىلەن يەكسان قىلىۋتىمەن بىكار! f`J"A:
S3cQC`^ -ئاغىزىم ئىچىلمىسۇن، ئېچىلدىمۇ بولدى. بۇ يۇرۇتتا تۇرالمايسناۋا خۇمسى! ئادەمنى گۇي دىمە 41 ھېجىقىز بىرلەشكەندە ئاران بىر گۈي پۇتىدۇ جۇماۋا گوي. u\?u}t v
tjt#VFq? - بولدى، بولدى قىلىڭلار چاقچاق چاقچاققا ئايلىنىپ كەتمىسۇن، كېڭىلار قارتىمىزنى ئوينايلى- دىدى داۋۇت بەڭگە ئارىغا كىرىپ. hp}83.oA
wE2?/wb ئاھ، دۇنيا....... ئاھ، ئادەملەر..... چۆلنى بوستان قىلغان دېھقانلار.... ماي باغلاپ پىشقان مىۋىلەر.......يىرىلغان، قايرىلغان شاخلار يۈرىكى لەختە – لەختە بولۇپ كەتكەن باغۋەنلەر، قورۇق تاغار، ئارىنى ئىڭىكىگە تىرەپ ئېغىرتىنىپ تۇرغان كۈتۈرۈشلۈك دېھقان ئاھ ..... كۈندىن- كۈنەە قىستاپ كلىلىۋاتقان قۇم بارغانلىرى.....يوقىلىۋاتقان بوستانلىق.... خاتىرجەم خورەك تارتىپ ئۇخلاۋاتقان مۈشۈك ....بىر-بىرى بىلەن تانسىغا چۈشكەن تويماس ئوغرى چاشقانلار..... سۈيى قۇرۇپ كەتكەن كۆل ..... بۇزىلىۋاتقان ئىكىلوگىيىلىك مۇھىت..... كۈندىن-كۈنىەە خارابلىشىۋاتقان مىللىي ئىتقاد.... ئاھ، قۇياشنىڭ ئاخىرقى نۇرى..... سوپى دېھقان ھارۋىدىكى يانتاقنى ئارقىغا ئۆرىۋىتپ يىتىلەپ ھويلىغا كىردى. كىر يۇيىۋاتقان ھېمىدىغان ئېرىنى كۆرۈپ ئىتتىك ئورنىدىن تۇردى-دە، ئۇنىڭ ئالدىغا باردى. 0g4cyK~n]
+P.Ir -ھارماي – ئاچماي كەلدىلىمۇ دادىسى – دېدى كۆيۈمچانلىق تەلەپپۇزىدا قول باغلاپ تۇرۇپ خۇداغا شۇكۇر ئانىسى، سالامەت كەلدىم. n\U6oJN
N@S;{uK -ئىشەكنى باغلاپ قويۇپ چاي ئىچىۋالسىلا. C%"@|01cO
_`58G#z -ئاۋال بۇ جانىۋارغا بىر نەرسە بەر بۈگۈن بەك قىينىلىپ كەتتى. '/?&Go