جېكنىڭ خاتالىقى نەدە؟ lb{<}1YR0o
تورلاردا شەكىل نەزەرىيىسى توغىرلىق ماقالىلەر ئاز-تولا ئېلان قىلىنغاندىن بۇيان، بۇ ھەقتە ئاز بولمىغان دەتالاشلار يۈز بەردى. ئەمدىكى مەسىلىنىڭ يۈزلىنىشى ئىككى لاگېرغا بۆلۈنۈپ تالاش-تارتىش قىلىش بولۇپ قالدى، لىكىن، سەگەكلىك بىلەن ئويلىنىپ باقساق، مۇشۇنداق تالاش-تارتىش قىلىشنىڭ زادى ئەھمىيىتى بارمۇ يوق؟ بۇنداق ئاقىۋەتنىڭ كېلىپ چىقىشىغا كىم سەۋەپچى؟ بۇ تالاش-تارتىش قاچان تۈگەيدۇ؟ 2^'|[*$k1@
]>M{Qn*
بۇ تالاش-تارتىش قانداق كېلىپ چىققان؟ 6p|*H?|It
ئەڭ دەسلەپ 2006-يىلى جېك ئەپەندى ئۆزىنىڭ بىلوگىدا "زىيالى، قىلغان ئىشى خىيالى" ناملىق يازمىسىدا، كىشىلەرنىڭ ئاڭلىغان-بىلگەنلىرنى ئانچە مۇنچە ئۆزگەرتىپ قىلىپ قويغان ئادەتتكى كوچا پاراڭلىرىنى خام ماتېرىيال قىلىپ، "شىنجاڭ ئونۋېرسىتىدىكىلەر بىر نوبىل مۇكاپاتىنىڭ بېشىغا چىقتى" دېگەن كىچىك تېمىنى ئىنتايىن يەڭگىلتەكلىك بىلەن يېزىپ قويغان. ئۇ چاغلاردا مەن ئانچە تورغا چىقىپ كەتمىگەچكە بۇ ھەقتە قانداق پاراڭلار بولغىنىنى بىلمەيمەن، بىراق، جېكنىڭ ئۇ يازمىسى ھازىرمۇ ئۇنىڭ بىلوگىدا بولغاچقا ئۇنى كۆردۈم. كېيىن "نوبىل مۇكاپاتى"، شەكل نەزەرىيىسى" قاسىم سىدىق ھەققىدىكى تالاش-تارتىشلار كېلىپ چىقىپ تور دۇنياسىدىكى قىززىق نۇقتىغا ئايلىنىپ قالدى. بۇنىڭ سەۋەپچىسى بىلىكيارنىڭ "پۇرسەت تۇتىۋېلىنسا كەلگۈسى بىر نەچچە يىلدا نوبىل مۇكاپاتى ساھىبى جوڭگو شىنجاڭدىن چىقىىپ قېلىشى مۇمكىن" دېگەن تېمىسى بولۇپ قالدى. (بۇ تېما بىلىكيارنىڭ بىلوگىغا خەنزۇ تىلىدا ئېلان قىلىنغان). يەنە شىنجاڭ پەن-تېخنىكا گېزىتىدە "يېزا ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى ئېينىشتىيىنغا جەڭ ئېلان قىلدى" دېگەن خەۋەر بېرىلگەن. شۇنىڭ بىلەن بۇ تېما بولۇپمۇ تېمىدىىكى "نوبىل مۇكاپاتى" ۋە "ئېينىشتىيىنغا جەڭ ئېلان قىلىش"دېگەن سۆز جېك قاتارلىق ئاز بولمىغان كىشىلەرنىڭ تىتاڭ تۇمۇرىغا تىگىپ كەتكەن. ئۇلار بۇنى ئاشۇرۇپ، كۆپتۈرۋەتكەنلىك. مۇشۇنداق داۋراڭ سېلىش ئارقىلىق ساددا خەلىقنىڭ ھېسىياتىنى ھاياجانلاندۇرۇپ، ئۇلارنى ئالدىماقچى دەپ قارىغان. شۇنىڭ بىلەن ئەسلىي شەكىل نەزەرىيىسى ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلىشقا تىگىشلىك ئىلمىي مۇنازىرىلەر "نوبىل مۇكاپاتى"دىن ئىبارەت ئارتۇق دىيىلىپ قالغان كىچىكىنە بىر ئېغىز گەپنىڭ ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلىپ ئەرزىمەس بىر دەتالاشقا ئايلىنىپ قالدى. مېنىڭچە، بۇنداق پالانى نوبىل مۇكاپاتى ئالىمەن دېدى، پوكۇنى يەنە بىر نېمە قىلمەن دېدى دەپ، ئاچچىقلاپ قايناپ كېتىشنىڭ ھاجىتى يوق! لىكىن، بۇ يەردە جېكنىڭ دېمەكچى بولغىنى: نوبىل مۇكاپاتىنىڭ داۋرىڭىنى قىلىپ خەلقىنى قايمۇقتۇرۇش، بىكاردىن بىكار ھاياجانلاندۇرۇش. بىراق، مېنىڭچە، بىلىكيارنىڭ ھېلىقى ماقالىسىنى ئوقۇساق ئۇنىڭدا خەق پەۋقۇلئادە ھاياجانلىنىپ، قايمۇقۇپ كەتكۈدەك ھىچگەپ يوق. پەقەت باشقىلارنى شەكىل نەزەرىيىسى تەتقىقاتىغا كۆڭۈل بۆلسۈن، جىددى مۇئامىلە قىلسۇن دېمەكچى، ھەم كىشىلەرنى شۇنداق ھېسىياتقا كەلتۈرمەكچى بولغان. لىكىن، ئۇ بۇ ماقالىدە خەقتىن بىرەر ماددى ياردەم ياكى باشقا ئالاھىدە نەرسە تەلەپ قىلمىغان، پەقەت ئىلمىي روھ ۋە ئىلمىي پوزىتسىيە تەلەپ قىلغان! ئۇنىڭغا پەقەت "نوبىل مۇكاپاتى" دېگەن بىرلا سۆز ئارتۇق قېتىلىپ قالغان خالاس، لىكىن، بۇ كىچىكىنە خاتالىق تۈپەيلىدىن ئۇنى بىر قۇرۇق داۋراڭچىغا چىقىرۋەتسەك دۇرۇس بولماس! !|}(tqt
كېيىن قارىسام بىلقۇت قاتارلىق تورلاردا "شەكىل نەزەرىيسى" توغرىلىق ئاز-تولا مۇلاھىزە بولۇنغان. بۇنىڭغا قارىتا جېك باشتا بىرەر ئىلمىي پوزىتسىيە بىلدۈرمىگەن. بىراق قاسىم سىدىق ئەپەندىگە بۇ ماقالىلىرىنى نوپۇزلۇق گېزىت-ژۇرنالاردا ئېلان قىلىش، ماتېماتىكىلىق مودىلىنى تۇرغۇزۇش، ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى ۋە پەنلەر ئاكادېمىيەلەرگە پەن-تەتقىقات تۈر مەبلەغ ئىلتىماسى سۇنۇش دېگەندەك بىر قاتار يوللارنى كۆرسەتكەن، بىراق مېنىڭچە، قاسىم سىدىق ئەپەندى بىر پۈتۈن نەزەرىيە سېستىمىسىنى قۇرۇپ چىقالىغان يەردە، ئۇنى نوپۇزلۇق گېزىت-ژۇرنالاردا ئېلان قىلىش، ماتېماتىكىلىق مودىلىنى تۇرغۇزۇش، ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى ۋە پەنلەر ئاكادېمىيەلەرگە پەن-تەتقىقات تۈر مەبلەغ ئىلتىماسى سۇنۇش دېگەندەك ئىشلار ئارقىلىق باشقىلارنىڭ قوللىشى ۋە ياردەملىشىشى بىلەن ئېلىپ بېرىش كېرەكلىكىنى ئوبدان بىلىدۇ. بەلكىم ئۇنىڭ ئالدىراپ ئۇنداق قىلماسلىقىدا مەلۇم سەۋەپلەر بولىشى مۇمكىن. ئۇنىڭ بىزدىن تەلەپ قىلغىنى، شۇ نەزەرىيىسىگە كەسىپ ئەھلىنىڭ ئادىل باھا بېرىشى. يەنى، بۇ يەردە قاسىم سىدىق ئەپەندى نان دېسە، سۇ بەرگەندەك ئىش بولغان. بىراق، بۇمۇ جېكنىڭ ياخشى كۆڭلى، بەلكىم، ئازراق ئۇقۇشماسلىق كېلىپ چىققان بولىشى مۇمكىن. كېيىن بۇ ئىشلار چىڭىغا چىقىپ كەتتى، جېك بارا-بارا بۇ نەزەرىيەنىڭ ماتېماتىكىلىق مودىلى يوق، نۇپۇزلۇق ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنمىغان، ئىسپاتلانمىغان دېگەندەك سۆزلەر بىلەن قاسىم سىدىق ئەپەندىنىڭ ئەمگەكلىرىنى ھەدەپ چۈشۈرگەن، ھەتتا، ئۇنىڭ ماقالىلىرىنى "تاڭسىڭنىڭ نوم ئوقۇشى" غا ئوخشاتقان. بەزى ئىنكاسلىرىدا "ئوتتۇرا مەكتەپتە ئەدەبىيات دەرسى بېرىدىغان مالىمنىڭ فىزىكدا بىر ئىشلارنى قىلىۋېتىشىدىن ئۆرگىلەي" دېگەندەك سۆلەر بىلەن ئاستىرىتتىن قاسىم سىدىق ئەپەندى ۋە ئۇنىڭ شەكىل نەزەرىيىسىنى كۆزگە ئىلمىغان، كېيىن قاسىم سىدىق ئەپەندىنىڭ خەتلىرىگە جاۋابەن "ئەل ئىچىدىكى تەتقىقاتچىلار ئۇيغۇرلاردا" دېگەن ماقالىسى بىلەن قاسىم سىدىقنى، ئۇنىڭ شەكىل نەزەرىيىسىنى جۈمىلدىن پۈتكۈل ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى يوققا چىقارغان. قاسىم سىدىق ئەپەندىممۇ ئۇنىڭ پىسخىكىسى ۋە قىممەت قارىشىدىكى بەزى كەمچىلىكلەرنى، ئۇنىڭ سۆزلىرىدىكى خاتالىقلارنى ئۇنىڭغا خەت يېرىش ئارقىلىق تەپسىلىي يورۇتۇپ بەرگەن، بىراق، ئۇ يەنىلا خاتالىقىنى ئېتىراپ قىلمىدى. i]oSVXx4WC
جېك نېمە ئۈچۈن خاتا قىلدى؟ چۈنكى ئۇنىڭ نۇقتىنەزىرى خاتا. ئۇنىڭچە بولسا، قاسىم سىدىق ئەپەندى "داۋراڭ" سالماي، ئۆز تەتقىقاتىنى تىنىچ قىلىشى، ئاۋال نەزەرىيىسنىڭ ماتېماتىكىلىق مودىلىنى تۇرغۇزۇپ، نوپۇزلۇق ژۇرناللاردا ئېلان قىلىپ ئاندىن جېك ئەپەندىگە بۇ نەزەرىيەم توغرىمىكەن ياكى خاتامىكەن دەپ كۆرسىتىشى كېرەك. ئۇنداق قىلماي تۇرۇپ، بىر نەزەرىيەنىڭ پەلسەۋىي لوگىكىلىق رامكىسىنى قۇرۇپ چىقىپلا، ماتېماتكىچى ۋە فىزىكىچىلارنى ئالداپ، تەتقىقات قىلغۇزۇپ، تورلاردا "نوبىل مۇكاپاتى"نىڭ داۋرىڭىنى سېلىپ، خەلقىنى قايمۇقتۇرۇپ يۈرمەسلىكى كېرەك. ئۇنىڭ "ئەل ئىچىدىكى تەتقىقاتچىلار ئۇيغۇرلاردا" دېگەن يازمىسىدىكى مەزمۇن بويىچە ئېيىتقاندا، قاسىم سىدىق فىزىكىدا تەتقىقات قىلمەن دېمەي ، شائىرلىقىنى قىلىشى كېرەك، ئۇ خەنزۇتىلىنى ئازراق بىلگەنلىكى، ئىنگىلىز تىلىدا نۆل، كومپىيوتىردا مەشخۇلات قىلالمايدىغانلىقى ئۈچۈن ئۇنى يىتىم قالدۇرۇش، ياردەم قىلماسلىق قاتارلىق ۋاستىلەر بىلەن ئۇنىڭ " ئىلمىي خۇراپاتلىقى"نى تۈگىتىش كېرەك. ئۇ ۋە باشقا شىنجاڭدىن چىقىپ ئوقۇپ باقمىغان ئۇيغۇرلار ھەرگىز نوبىل مۇكاپاتى ئالالمايدۇ، نوبىل مۇكاپاتى دېگەننى ئۆزىدەك چەتئەلدە ئوقۇغان، ياكى چەتئەلدە خىزمەت قىلىپ باققان كىشىلەرلا ئالالايدۇ. ئەگەر شىنجاڭدىن نوبىل مۇكاپاتى ئالىدىغان ئادەم چىقىپ قالسا، ئۇ غۇلجىغا ئۆمىلەپ بېرىپ قاسىم سىدىقنىڭ پۇتىغا سۆيۈپ گۇناھىنى تىلەيدۇ! ........ ۋەھاكازالار.. X-[_g!pV
ئەگەر جېكنىڭ يۇقارقى نۇقتىنەزەرلىرى توغرا دېيىلسە، دۇنيا ئىلىم-پەن تەرەققىيات تارىخىدا يېڭى ئىدىيە ۋە نەزەرىيىلەرنىڭ ئوتتۇرغا قويۇلمىغانلىقى، ئوتتۇرغا قويۇلغان تەقدىردىمۇ بىر سېستىمىلىق ئىلمىي خىزمەت بىرلا ئادەمنىڭ زىممىسىگە يۈكلىنىپ قېلىشى سەۋەبىدىن، ئىلىم-پەن ئەڭ ئىپتىدائىي ھالەتتە قېلىپ، بۈگۈنكىدەك تەرەققىياتقا ئېرىشەلمىگەن بولاتتى! 1979-يىلى دوكتۇر ئابدۇسالام، ۋېنبېرىگلار بىلەن بىرگە فىزىكا نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئالىم، خارۋارد ئونۋېرسىتىتىنىڭ پىرافىسورى شېللىي گىلاشوۋ مۇنداق دېگەن: "گىلەمنى نۇرغۇن ئۇستىلار بىرلىكتە توقۇپ چىقىدۇ، ھەر بىر ئۇستىنىڭ تۆھپىسىنى بىر پۈتۈن گىلەمدىن پەرىقلەندۈرۈپ بىلگىلى بولمايدۇ، ئۇ تارقاق، ئارلاش يىپلار تەرىپىدىن يۇشۇرۇنۋېلىنىدۇ، زەررىچە فىزىكىسىدىكى ئەھۋالمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشايدۇ...."ئۆلچەملىك نەزەرىيە" بىر فىزىكا ئالىمىنىڭ، ھەتتا ئۈچ نەپەر فىزىكا ئالىمىنىڭمۇ كاللىسىدا مۇكەممەل ھالدا بارلىققا كەلمەيدۇ، ئۇمۇ ئوخشاشلا نۇرغۇن تەجىربە فىزىكىسى ۋە نەزەريىۋىي فىزىكا ئالملىرىنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىنىڭ نەتىجىسى". 7[aSP5e>T
"ئەل ئىچىدىكى تەتقىقاتچىلار ئۇيغۇرلاردا" دېگەن يازمىسىدىكى پىكىرلەر توغرا دېيىلسە، ئۇ ئاۋال شىنجاڭدىكى دېھقانلارنى يېزا ئىگىلىك ئونۋېرسىتىتىنىڭ دېھقانچىلىق كەسپىدە ئوقۇمىغانلىقىڭلار ئۈچۈن يەر تېرىساڭلار بولمايدۇ دېسۇن، چارۋىچىلارنى چارۋىچىلىق كەسپىدە ئوقۇمىغىنىڭلار ئۈچۈن چارۋىچىلىق قىلماڭلا دېسۇن، يەرلىك تىۋىپلارنى تىببىي ئونۋېرسىتىتتا ئوقۇمىغانلىقڭلار ئۈچۈن كېسەل داۋالىماڭلار دېسۇن، قاسساپلارنى ئالىي مەكتەپتە قاسساپچىلىق دەپ دەرىس بولمىغاندىكىن قاسساپچىلىق قىلماڭلار دېسۇن، سودىگەرلەرنى ئالىي مەكتەپنىڭ سودا، ئىقتىساد كەسىپلىرىدە ئوقۇمىغىنىڭلار ئۈچۈن سودا قىلماڭلار دېسۇن، مۇقام ئانسامبىلدىكىلەرنى ئاتا-بوۋىلىرىمىز سەنئەت مەكتەپلىرىدە ئوقۇمايلا بۇ مۇقاملارنى ئىجاد قىلىپ قويغان، شۇڭا بۇ ئەل ئىچى تەتقىقاتچىلىرىنىڭ ئىجادىيىتى، ئۇ ئېيتىشىڭلارغا ئەرزىمەيدۇ دېسۇن....... ئۇلارنىڭ كۆپۈنچىسى تىل بىلمەيدىغانلىقى، كومپىيوتىر ئىشلىتەلمەيدىغانلىقى ئۈچۈن يىتىم قالدۇرۇلسۇن، ئۇلارغا ھېچكىم ياردەم قىلمىسۇن... ئويلاپ بېقىڭلار، بۇ چاغدا قانداق ئەھۋال يۈز بېرىدۇ؟ سىلەرچە بۇ خىل نۇقتىنەزەر توغرىمۇ؟ ,I# X[^/
جېكنىڭ يەنە بىر خاتالىقى ئۇنىڭ تەپەككۈر قىلىشى خاتا. يەنى، ئۇ مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ "ئالىم بولماق ئاسان ئەمەس" ناملىق ماقالىسىنى ئوقۇماي تۇرۇپلا، ئاڭلىغان بىلگەن ئىككى ئۈچ ئېغىز گەپكە تايىنىپلا "مەمتىمىن ھوشۇر بۇ ماقالىسىنىڭ بىر نەچچە يېرىدە ئەگەر بۇ نەزەرىيە ئىسپاتلىىپ قالسا، قاسىم سىدىقنىڭ نوبىل مۇكاپاتى ئېلىش مۇمكىنچىلىقى بارلقى سۆزلەپ ئۆتۈلگەن" دەپ يازغان، كېيىن قاسىم سىدىق جېكقا يازغان خېتىدە مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ ئۇ ماقالىسىدە "نوبىل مۇكاپاتى تىلغا ئېلىنمىغانلىقىنى، جېكنىڭ قانداق بولۇپ ئۇ سۆزنى ئىشلىتىپ قالغانلىقىنى سورىغاندا، ئۇ ئۆزىنىڭ جاۋاپ خېتىدە مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ "مېنىڭچە، بۇ نەزەرىيە چوڭ قانۇنىيەتلەرگە بېرىپ تاقىلىدۇ" دېگەن سۆزىدىن ئۆزى چوڭقۇر ئويلىنىپ كېتىپ، فىزىكىدىكى چوڭ قانۇنىيەتلەرگە تاقىلىدىغان مەسىلىلەرنى ئەمەس، كىچىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلغان ئادەملەرمۇ نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشىدۇ، دەپ قاراپ، مەمتىمىن ھوشۇر ماقالىسىدە دېمىگەن نوبىل مۇكاپاتى دېگەن سۆزنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى بايان قىلغان. يەنە كېيىن بىلىكيارنىڭ "پۇرسەت تۇتىۋېلىنسا كەلگۈسى بىر نەچچە يىلدا نوبىل مۇكاپاتى ساھىبى جوڭگو شىنجاڭدىن چىقىىپ قېلىشى مۇمكىن" دېگەن يازمىسىنىمۇ ئۆزىچە بەك چوڭقۇر ئويلىۋالغانمۇ قانداق، ئاخىرى قاسىم سىدىق ۋە بىلىكيارلار قۇرۇق داۋراڭچى ۋە ئالدامچىغا ئايلاندۇرۇپ قويغان.. لىكىن، مېنىڭچە، بىلىكيارنىڭ يۇقىرىقى يازمىسى جېك قاتارلىقلار ئۇنچە تىللاپ كەتكۈدەك دەرىجىدە، باشقىلارنى ھاياجانلاندۇرۇپ، ئازدۇرۋېتىدىغان ماقالىمۇ ئەمەس ئىدى! چۈنكى، بۇ نەزەرىيەنىڭ پەلسەپىۋىي لوگىكىلىق رامكىسى قۇرۇلۇپ بولغانىكەن، ئەمدى ئۇنىڭ كەسپىي فىزىكلارنىڭ قولىغا ئۆتۈپ پىششىقلاپ ئىشلىندىغان ۋاقتى كەلدى دېگەن گەپ، بۇ چاغدا ئەلۋەتتە كەسىپ ئىگىلىرىنىڭ ئىلمىي پوزىتسىيەدە بولىشىنى ئۈمۈت قىلىپ، يازغان چاقىرىق خارەكتىرلىك ماقالىسىنى بىر "نوبىل مۇكاپاتى" دېگەن بىر پەرەزنى ئارتۇقچە قىستۇرۇپ قويغانلىقى ئۈچۈنلا بۇنچە دۇمبالاپ كەتمەسلىك كېرەكقۇ دەيمەن! Q(Uj5 aX
يۇقارقى ئىشلاردىن ئۇنىڭ بىر ئىشلارغا ئىجابىي تەرەپتىن ئەمەس، بەلكى سەلىبىي تەرەپتىن بەكرەك چوڭقۇر ئويلىنىپ يەكۈن چىقىردىغانلىقىنى، ماقالە، ئىنكاس يازغاندا مەنبەلەرگە ئېتىبار بېرىشكە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلمايدىغانلىقىنى كۆرىۋېلىشقا بولىدۇ. يەنە بىرسى ئۇ "شەكىل نەزەرىيىسى" ئاۋال ماتېماتىكىلىق مودىلىنى تۇرغۇزسا ئاندىن نۇپۇزلۇق ژۇرناللاردا ئېلان قىلسا دېگەندەك تەلەپلەرنى قويدى، بىراق، ئۇ فىزىكا دېگەننىڭ پەلسەپەنىڭ بىر بالىسى ئىكەنلىكنى بىلىشى كېرەك، مېنىڭچە، قاسىم سىدىق ئالدى بىلەن بىر پەيلاسوپ، ئۇ تەبىئەت پەلسەپەسىنىڭ تىلىدا تەبىئەت دۇنياسىنى شەكىل نۇقتىسىدىن كۆزىتىپ باقتى، ئۇنى فىزىكا ۋە باشقا تەبىئەت پەنلىرىگە تەدبىقلاشنى ئۆزىنىڭ پەلسەپەۋىي مىتودى قىلدى. ئەلۋەتتە پەلسەپە بىلمەيدىغان ئادەمگە نىسبەتەن قاسىم سىدىقنىڭ ماقالىلىرى بىر رىۋايەتتەك ياكى "تاڭسىڭنىڭ نوم ئوقۇغۇنىدەك" تەسىر بېرىشى تەبئىي ئەھۋال. چۈنكى، ئۇلار بۇ ماقالىلارنى چۈشەنمىگەن ۋە بۇنى بىر نەزەرىيە، قىياسقۇ خالاس دەپ ئىنتايىن ئاددى چاغلاپ قالغان. لىكىن، نەزەرىيە دېگەن نېمە؟ بىر يېڭى نەزەرىيەنىڭ سالمىقى بىر تەبئىي پەن ئۆگەنگۈچىنىڭ يادىلىغان نەچچە يۈز فورمىلاسى ئىشلىگەن نەچچە مىڭ ھېسابىدىن ئېشىپ چۈشىدۇ! چۈنكى، ئۇ نەزەرىيە سىزگە دەل نېمىنى ھېسابلاشنى، نېمىگە فورمۇلا تۈزۈشنى ئۆگىتىدۇ. كەسپىي فىزىك دېگەنلەر پەقەت شۇ نەزەرىيە فىزىكلىرى يازغان نەزەرىيەگە مىخانىكىلىق ھېسابلاش ئېلىپ بارىدۇ. ئەگەر ئۇ نەزەرىيە بولمىسا فىزىكلار نېمىنى ھېسابلايدۇ؟ تەجىربە فىزىكلىرى نېمىنى تەجىربە قىلىدۇ؟ بۇ خۇددى بۇغداي بولمىسا ئۇن تارتالمىغانغا، ئۇن بولمىسا نان ياقالمىغانغا ئوخشاش ئىش. قاسىم سىدىق ئەپەندىنىڭ دېگىنىمۇ شۇ گەپ، فىزىكا كەسپىي شۇنىڭ ئۈچۈن نەزەرىيىۋي فىزىكا، تەجىرىبە فىزىكىسى.... دېگەندەك كەسپىي تارماقلارغا بۆلۈنگەن، نەزەرىيەنىمۇ ئۆزى قۇرۇپ، ماتېماتىكىلىق قۇرۇلمىسىنىمۇ، تەجىربىسىنىمۇ بىرلا ئادەمنىڭ قىلىپ كېتىشى مۇمكىنمۇ؟ يەنە بىر گەپ بىر ئەسەرنىڭ قىممىتىنى نوپۇزلۇق ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنىش-قىلىنماسلىق بەلگىلىمەيدۇ، بەلىكى شۇ ئەسەرنىڭ ئۆزىنىڭ ئىلمىي قىممىتى بەلگىلەيدۇ. بۇنىڭ قىممىتىنى پەقەت شۇ قىممەتنى ھېس قىلالايدىغان، چۈشىنەلەيدىغان كىشىلەرلا بىلىدۇ ۋە قەدرىگە يىتىدۇ... بىرەر مەسىلىگە نىسبەتەن پىكىر بايان قىلغان بىر ئادەمنىڭ كۆز قارشى ئۇ ئادەم شىنجاڭدىن چىقىپ ئوقۇپ باقمىغانلىقى ئۈچۈنلا ئەھمىيەتسىز، خاتا، ئەرزىمەس پىكىر بولمايدۇ، جېكنىڭ كۆز قاراشلىرى ئۇ ئامېرىكىدا ئوقۇغانلىقى ئۈچۈنلا توغرا، ئەھمىيەتلىك پىكىر بولمايدۇ. گەپ شۇ پىكىر، كۆز قاراشلارنىڭ ئۆز سالمىقىنىڭ قانداقلىقى، ۋە پىكىرنىڭ توغرا-خاتالىقىدا ھەم بۇ پىكىرلەرنى ئوقۇغۇچىنىڭ نوپۇزغا چوقۇنماي، پىكىرلەرنى ئادىل باھالىشى ۋە توغرا-خاتاسىنى پەرىقلەندۈرەلىشىدە. جېكنىڭ بىر نەزەرىيەدىن ئاۋال ئىسپات، ماتېماتىكىلىق مودىل تەلەپ قىلىشى ئۇنىڭ فىزىكىلىق ئىدىيە، نەزەرىيە، پەلسەپە جەھەتتىكى بىلىملىرىنىڭ تېخى چولتا ئىكەنلىكىنى ياكى بۇ ھەقتىكى تەپەككۈر يۆنىلىشىنىڭ خاتا ئىكەنلىكنى بىلدۈرىدۇ. =<~/U?
ھازىر قارىساق، شەكىل نەزەرىيىسى ھەققىدە ئىلمىي مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىش بىر ياقتا قايرىلىپ قېلىپ، بۇ مۇنازىرە يامان يۆنىلشكە قاراپ تەرەققىي قىلغاندەك تۇرىدۇ. بۇنى "ئالىملار" ئىسىملىك مۇنۇ تورداشنىڭ كائىنات تورىدىكى تۆۋەندىكى ئىنكاسىدىن كۆرىۋېلىشقا بولىدۇ. ئۇنىڭ كائىنات تورىدىكى "قاسىم سىدىق ۋە جېكلارغا سۇئال" دېگەن تېمىغا يازغان ئىنكاسى: dfkmIO%9X
"قورسىقىدا ئانچە مۇنچە ئۇمىچى بار ئادەمچۇ سەندەك پەس چۈپرەندىلەر بار يەردە يۈرمەيدۇ قارا، ئادەم سەسكىنىدۇ سېنىڭدەك قانجۇقلار بىلەن ئىنكاس تېما يوللاشتىنمۇ، بىكار بولساڭ يەنە يوللاپ تۇر، زۇۋانىڭنى يىغىدىغانغا ئۇزۇن قالمىدى، سېنىڭلا ئەمەس ماۋۇ كايىنات دېگەن قاراڭغۇ تور بېكەت، قۇرغۇچىلىرى، باشقۇرغۇچىلىرى،ئەزالىرى،سانلىق مەلۇمات ئۇچۇرلىرىدىكى..نىڭ باشقىلارنىڭ ئىززەت ھۆرمىتىنى دەپسەندە قىلىش ئۈچۈن ئىنكاس يازغان بىر قانچە پىس پاسلارنىڭ ئەدىبىنى يەيدىغان ۋاقتىڭ تېخى ئالدىڭدا...ئاز تولا ئەقلى ھوشى جايىدىمىكى دېسەم ھەممىلا تەرەپتىن تۈگىشىپ كەتكەن بىچارە مەزلۇملار...." ئەسلى بۇ تېما بەزى فىزىكا ھەۋەسكارلىرىنىڭ قاسىم سىدىق ۋە جېكتىن فىزىكا مەسىللىرىنى سوراپ ئۆگىنىش ئۈچۈن يېزىلغان تېمىسى ئىدى، قاسىم سىدىق ئەپەندى سورالغان بەزى سۇئاللارغا ئەستايىدىل جاۋاپ بەرگەن، جېك تېخى بىرەر ئېغىز سۇئالغا جاۋاپ بەرمىگەن ئىدى، تۇيۇقسىز مۇنۇ تورداش مۇشۇنداق ئەپسانىۋىي تىللارنى ئىشلىتىپ، تىللاپ كەتكەن، بۇ مۇشۇ تورداشنىڭ بىر قەدەر كۈچلۈك تەھدىت خارەكتىرلىك ئىنكاسى بولغاچقا، بۇ يازمامدا نەقىل ئېلىپ قويدۇم. تورداشلار بۇنىڭدىن ئاز-تولا بىر نەرسىنى ھېس قىلىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس. مېنىڭچە، شەكىل نەزەرىيىسىگە قىزىقىدىغانلار، توغرا دەپ قارىغۇچىلار ئىلمىي مۇنازىرلەرگە قاتناشسا، ئەركىن پىكىر قىلسا بولىدۇ. بىراق، بىردىنلا ھاياجانلىنىپ چېچىلىپ، تېمىغا مۇناسىۋەتسىز، يامان گەپ سۆزلەرنى قىلىش شۇ سۆز قىلغۇچىنىڭ ئىززەت-ئابرويىغىمۇ ياخشى ئەمەس، باشقىلارنىڭ كەيپىياتىغىمۇ يامان تەسىر ئېلىپ كېلىدۇ. ئەلۋەتتە، ھەممىمىز ئوقۇمۇشلۇق، بىلىم ئىگىلىرى بولغاندىكىن بۇ تەرەپلەرگە ئالاھىدە دىققەت قىلساق ياخشى بولاتتى، "شەكىل نەزەرىيىسى" تەتقىقاتىغا قىزىقىدىغانلار بولسا قاتناشسا، قىزىقمايدىغانلار بولسا سۈكۈت قىلسىلا بولىدىغۇ! ئۇنىڭغا ئارتۇق كايىپ كېتىشنىڭ ھاجىتى بارمۇ؟ pC9Ed9uRK
يۇقارقىلار مېنىڭ يېقىندىن بويان تورلاردا بولىۋاتقان جېك، قاسىم سىدىق، نوبىل مۇكاپاتى دېگەندەك مەسىلىلەر ئۈستىدىكى تالاش-تارتىش ھەققىدىكى كۆز قارىشىم. مېنىڭچە، جېك ئاۋال خاتالىقىنى سەمىمىيلىك بىلەن ئېتىراپ قىلىشى كېرەك. بىلىكيارمۇ "نوبىل مۇكاپاتى" دېگەن سۆزنى نېمە ئۈچۈن ئارتۇق قىلىپ قويغىنىنى چۈشەندۈرىشى كېرەك. قاسىم سىدىق بوۋاي ئۆىنىڭ 30 نەچچە يىل ئىجتىھات قىلغىنىغا يارىشا، يەنە يېمىگەن مانتىنىڭ پۇلىنى تۆلەپ يۈرمىسۇن! ئۇنى، ئۇنىڭ نەزەرىيىسىنى كۆزگە ئىلمىساڭلارمۇ، ئۇنىڭ ئىلمىي روھىنى، تىرىشچانلىقىنى قەدىرلەپ قويۇڭلار! بىزدە ئۇنداق ئادەملەر بەك ئاز.... بەك ئاز....مېنىڭچە، بەلكىم ھەممەيلەن دوپپىسىنى ئالدىغا قويۇپ تۇرۇپ، قاتتىق ئويلىنىپ سەمىمىي ھالدا ئۆزىنى تونۇغاندىلا ھەممە ئىش ياخشىلىنىپ كېتىدۇ. ^'"sFEV7RN
ھەممىمىزنىڭ ئويلىندىغان ۋاقتى كەلدى، ئەرزىمەس ئىككى ئېغىز گەپ ئۈچۈن، بىر –بىرىمىزگە دۈشمەن بولۇپ كېتىش ئاقىلانىلىك ئەمەس. بىزگە "ئاپاق خوجا" پاجىئەسى يىتىپ ئاشىدۇ، بۇ تارىخنى يەنە قايتا تەكرارلاپ، ئىلىم ساھەسىدىمۇ ئاق تاغلىق قارا تاغلىق بولۇپ كېتىشىمىزنىڭ ئورنى يوق! bvM\Qzc!<3
F,B, D^WD