ئوغرىنىڭ ئاقىۋىتى N*Is_V\R
]Ut fI
نىگار B,2oA]W"S
Or {9?;G
w;e42.\
بۈگۈن يەكشەنبە . بازار كۈنى . ئادەتتە ھەر ھەپتىنىڭ بۇ كۈنى شەھرىمىزنىڭ دېھقانچىلىق بازىرى ئالاھىدە قىزىپ كېتىدۇ . بۇ كۈنلۈكتە بازاردىن سەي-كۆكتات، مېۋە-چېۋە .... مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا تۇخۇ سۈتىدىن باشقا ھەر قانداق نەرسىنى تاپقىلى بۇلىدۇ . ھەپتىدە بىر بۇلىدىغان بازار بولغاچقىمۇ ، كېلىدىغان ئادەممۇ بەكلا كۆپ . ئادەمنىڭ كۆپلىكىدىن قىستىلىپ دېگۈدەك بازارنىڭ بۇ چېتىدىن ئۇ چېتىگە ئاران بارغىلى بۇلىدۇ . ھەقىقىي مىللىي پۇراقنى كۆرەي دېسە مانا مۇشۇ بازارنى كۆرسە بۇلىدۇ . شەھرىمىزنىڭ باشقا جايلىرى تەرەققىي قىلغان بولسىمۇ ، ئەمما بۇ بازار يەنىلا بۇرۇنقىدەك تۇپا ھالىتىدە ساقلىنىپ كەلمەكتە . Qyh_o
مەن تەتىل قىلىپ كەلگەندىن بۇيان تۈزۈك سىرتلارغا چىقىپ باقمىغان ئىدىم ، بۈگۈن دادامنىڭ " ئۆيدە ئولتۇرىۋەرمەڭ ، مەن سىزنى دېھقان بازىرىنى ئايلاندۇرۇپ كىلەي " دەپ چىڭ تۇرىۋېلىشى بىلەن بازارغا بىللە باردىم . مەنغۇ بۇ بازارغا بېرىشنى ئانچە ياقتۇرۇپمۇ كەتمەيمەن . چۈنكى تۇپا-چاڭ بولغاندىن سىرت يەنە EbG`q!C
بەكلا ۋاراڭ-چۇرۇڭ . بۇ بازارغا بىر كۈن كىلىپ قويسام نەچچە كۈن بېشىم ئاغرىپلا كېتىدۇ . J5i$D0K[
بىز بازارنىڭ ئالدىغا كېلىپ ماشىنىدىن چۈشتۇق . ئالدىمىزغا بىر نەچچە قەدەم ماڭا-ماڭماستىنلا ئۈچ چاقلىق موتۇدا كىرا قىلىدىغانلا " يېڭى بازارغا بارامسىلەر ؟ نەگە ئاپىرىپ قۇياي " دېگەندەك سۇئاللارنى سوراپلا كەتتى .مەن ئۇلارنى "ياق" دېگەن مەنىدە بېشىمنى لىڭشىتىپ قويۇپلا ، قىستىلىپ دېگۈدەك دادامنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ ماڭدىم . بىز سەي-كۆكتات ساتىدىغان ئورۇندىن بىر نەچچە خىل سەينى ئېلىپلا ، قايتىپ كېتىش ئۈچۈن كەينىمىزگە ياندۇق . يەنە قىستىلىپ دېگۈدەك بازارنىڭ چوڭ دەرۋازىسى ئالدىغا ئاران بېرىۋالدۇق . wD*z >v$
بازارنىڭ چوڭ دەرۋازىسى ئەتراپىغا شۇنداق كۆپ ئادەم ئولىشىپ قالغان ئىدى .كىچىك چاغلىرىمدا پات-پات سېرىكچىلەر كىلىپ ماھارەت كۆرسىتىپ تۇراتتى . كۆڭلۈمدە شۇلارنى ئويلاپ دادامنىڭ توۋلىغىنىغىمۇ قارىماستىن ئادەملەر توپلاشقان ئورۇنغا كەلدىم . قىستىلىپ ، باشقىلارنى ئىتتۈرۈپ دېگۈدەك سورۇننىڭ ئوتتۇرىغا كىرىۋالدىم. G<dWh.|`=
توۋا ، ماۋۇ مەنزىرىنى كۆرۈڭ . بىر ياش يىگىت كالتە ئىشتىنىدىن باشقا ھەممە كىيىملىرى سالدۇرۋېلىنغان ھالەتتە ، ئەتراپتىكىلەردىن خىجىل بولۇپ پەسكە قاراپ تۇراتتى . گىرىمنى قېنىق قىلىۋالغان ، چاشلىرىنى شۇنداقمۇ بىر غەلىتە ياسىغان ، سېمىزلىكىدىن كىيىۋالغان چاپىنىڭ تۈگمىسىمۇ يىشىلىپ كەتكەن بىر ئايال زۇۋانىنى بۇلۇشىغا قۇيۇپ بېرىپ ۋارقىراپ سۆزلەۋاتاتتى . /'yi!:FZFC
_ ئۆتكەن ھەپتىدە بازارغا چىقسام ، بىر مۇنچە پۇللۇرۇم يوق ، بۇ ھەپتىمۇ يەنە پۇللۇرۇمنى ئوغۇرلىۋاپتۇ . at N%csA0
"پۇلىمنى قايتۇرۇپ بەر" دەپ چىرايلىق دېسەم ، گېپى يەنە مېنىڭكىدىن چوڭ . بۇ نېمىلەرگە بىرەر قېتىم ئۆزىنى تۇنۇتۇپ قويمىسا ، ئادەم بوزەك قىلىمەن دەپ ئارانلا تۇرغان . rM|] }M=_V
ئايال ئەمدى تېخىمۇ زۇۋانىنى قۇيۇپ بېرىپ ۋارقىراشقا باشلىدى . تاماشا كۆرگىلى ئولاشقاننىڭ ئارىسدا بىر نەچچە مويسىپىت بوۋايلار بۇلۇپ ، ئۇلار بۇ ئايالنى نەسىھەت قىلىشىپ : P#gY-k&Nr
_ بولدى قىلىڭ ئۇكام ، بۇ سوغۇقتا بۇ ياشنىڭ كىيىملىرىنى سالدۇرۋالسىڭىز بۇ ياش توڭلاپ كەتمەمدۇ ؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە قارىڭە ، بۇ ئۇكاممۇ خىقىللىقتىن يەرگە كىرىپ كەتكۈدەك بولىۋاتسا . t<UtSkE1
_ ئۇ پۇلۇمنى ئوغۇرلىۋالغان تۇرسا يەنە ئۇنى ئايان نېمە قىلاي . بۇنداق نېمىلەرگە مۇشۇنداق قىلغۇلۇق .ياشقا چوڭراق كەلگەن بىر ئايال بۇ " ئوغرى " بالىغا ئىچى ئاغرىپ قالدىمۇ قانداق ، سومكىسىنى ئاختۇرۇپ : y2_^lW%
_ نەچچە پۇلىڭىز يۈتۈپ كەتتى سىڭلىم ؟ بۇ بالىنى خىجىل قىلماڭ . پۇلىڭىزنى مانا مەن تۈلەپ بېرەي . ;*~y4'{z
ئايال شۇنداق دېگىنىچە سومكىسىنىڭ يانچۇقىدىن 300يۈەن پۇلنى چىقىرىپ ، بۇ زۇۋاندار ئايالغا تۇتقۇزۇپ قويدى . زۇۋاندار ئايال دەل مۇشۇنى ساقلاپ تۇرغاندەك رەخمەتمۇ دېمەستىن " ئوغرى " بالىغا قوللىرىنى شىلتىپ تۇرۇپ : ">-mZ'$#L
_ ئەمدە ئۆزۈڭنى بىلىپ يۈر ، ئىككىنچى قايتا تۇتىۋالىدىغان بولسام ... zi7>!#(
_ بولدى قىلىڭ ئەمدە ، پۇلنىمۇ ئالدىڭىز ... E/<5JhI9~
ئەتراپتا تۇرغانلار ئۇ زۇۋاندار ئايالغا بىر-ئىككى ئېغىزدىن نەسىھەت قىلىپ ئاران يولغا سالدى . بايىقى مېھرىبان ئانا بۇ "ئوغرى "بالىنى ئورنىدىن تۇرغۇزۇپ زۇۋاندار ئايال تاشلاپ قويغان كىيىملىرىنى ئالدىغا ئېلىپ بەردى . ئەتراپتىكىلەر ئاستا-ئاستا تارقىغىلى باشلىدى . مەن ئۇ بالىغا يەنە بىر قاراپ قويدۇم . ئۇ بالا قاراشتىن يامان بالىدەك كۆرۈنمەيتتى ، بىراق ئادەمگە سىرتىغا قاراپلا باھا بەرگىلى بولمايدۇ دە .بەلكىم بۇ بالا راستىنلا ئوغرىدۇ . ئەگەر راستىنلا ئوغرى بولسا بۇنىڭمۇ بەك ئەجەپلەنگۈچىلىكى يوق . ئوغرى بولماي قالسا ،ھەي بىچارىگە ئۇۋال بوپتۇ . چىگىش خىياللار ئىچىدە مەنمۇ بۇ جايدىن ئايرىلدىم .
Ao2m"ym
&,4 3&pFU
بۇ بىر ھەقىقىي ئىش . بۇنداق ئىشلار ۋە ئوغرى يانچۇقچىلار سىلەر تەرەپلەردىمۇ بار بۇلۇشى مۇمكىن . شۇڭا توغرا چۈشىنىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن !
بۇنى يېزىش ئارقىلىق يۇرتۇمنىڭ ناچار ئىشلىرىنى ئوتتۇرىغا قۇيۇش ئەمەس، بەلكىم كىشىلىرىمىزنى توغرا ،ھالال يوللاردا مېڭىىشقا دەۋەت قىلىش .