چۈش ۋەھىمىسى
(ھېكايە)
تۇرغۇن پەيزۇللا يۇلغۇن !T~uxeZ/;
?e+y7K}"]
... قەبىرستان ئېچىلىپ قالغان باش – قول ، پۇت سۆڭەكلىرى ... مىژىلداپ يۈرگەن قۇرۇتلار ... ئۇياقتىن – بۇياققا ، بۇياقتىن – ئۇياققا ئۇچۇپ يۈرگەن تۈرلۈك ھاشارەتلەر ... قولتۇقلىرى قىپقىزىل بولۇپ كەتكەن ئوغلاقتەك كېلەلەر ... g86^Z%c(k
x @9rc,by بەش ئالتە مىتىر ئۇزۇنلۇقتىكى مۈڭگۈزلۈك يىلانلار ... بەتبۇي سېسىق پۇراق ... awQB0ow'$P
*Kq;xM6Ck كىمدۇر بىرى قەبىرىستانلىقنىڭ ئۇ بېشىدىن ماڭا قاراپ كەلمەكتە . ئىككىمىزنىڭ ئارلىقى بارغانسىرى قىسقارماقتا ، قورقۇنۇچلۇق بىر ئاياق تىۋىشى يۈرۈكۈمگە بىگىزدەك سانچىلىپ ، تۇيغۇلىرىمنى ئاستىن – ئۈستىن قىلۋەتمەكتە . ئۇ ماڭا قاراپ كەلمەكتە ، مەن ئۇنىڭغا قاراپ ئىلگىرلىمەكتە ئىدىم . توۋا قىلدىم خۇداھىم ، مەن ئاينەك كۆرۋاتقاندىمەن : ئۇنىڭ بوي تۇرىقى ، چىراي شەكلى ، قېشى ، بۇرۇتى .... قىسقىسى ھەممىلا يېرى ماڭا قۇيۇپ قويغاندەكلا ئوخشايتى . مەن بۇنىڭغا زادىلا ئىشەنمەيتىم ، بۇنداق بولىشىغا زادىلا تەن بەرگۈم كەلمەيتى . ئۇنىڭغا تازا زەڭ سېلىپ قارىدىم ، راستىنلا ئۇنىڭ بوي تۇرىقىدىن تارتىپ كىينىشلىرىگىچىمۇ ماڭا ئوخشايتى . مەن كۆزۈمنى يۇمۇپ ئېچىپ ، ئېچىپ يۇمۇپ قايتا – قايتا قارىغان بولساممۇ ئەھۋال يەنىلا ئوخشاش . ئۇ ماڭا قۇيۇپ قويغاندەكلا ئوخشايتى . مەن تۇرۇپلا ئكزۈمدىن قاتتىق گۇمانلىنىشقا اشلىدىم . كۆڭلۈم چىۋىن يىۋالغاندەكلا . ئۇ زادى كىم ئۇ ؟ ماڭا نىمانچىلا ئوخشايدۇ ؟ شۇ تاپتا بوۋام ، مومامدىن كىچىك چېغىمدا ئاڭلىغان جىن ئالۋاستى ، شاياتۇنلار توغرىسىدىكى ئەپسانە ، راۋايەتلەر كۆز ئالدىمغا كىلۋېلىپ ، تېنىمنى شۈركۈندۈرىۋەتتى . شۇ ماڭا قاراپ كېلۋاتاتتى ، مەن ئۇنىڭغا قاراپ كېتىپ باراتتىم . ھەر ئىككىمىز بىر – بىرىمىزگە قاراپ كۈلۈمسىرەيتۇق . كۈلكىمىز شۇ قەدەر مىسكىن ، شۇ قەدەر ھەسرەتلىك ... ئارلىقىمىز بارغانچە قىسقارماقتا ، ئون قەدەم ... بەش قەدەم ... ئۈچ قەدەم ... بىر قەدەم قالغاندا مەن توختىدىم ، ئۇممۇ توختىدى . ئىككىلىمىز توختىدۇق كېلىشىۋالغاندەكلا ، مەن ئۇنىڭغا قارىدىم ، ئېچ – ئىچىمگە توشۇپ كەتكەن دەرد – ھەسىرەت ، غەزەپ – نەپرەت كۆزلىرىمدىن ئوت بولۇپ يېنىشقا باشلىدى ، ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن ئېتىلىپ چىقىۋاتقان غەزەپ – نەپرەت ، ئۆچمەنلىك ، قايغۇ – ئەلەملەر كۆزلىرىدىن گۈلخان بولۇپ ئېتىلىپ چىقىپ ، پۈتۈن ۋۇجۇدۇمغا تۇتاشتى ... (Nf!E[}Z
@qA11C.hq ئۇ تۇيۇقسىز ، يارلانغان شىردەك ئېتىلىپ كىلىپ ، گېلىمدىن بوغۇپ ، جېنىمنى تېنىمدىن << غىققىدە >> چىقىرۋەتسە ... يېنىدا پىچىقى بولسا شارتتىدە سۇغرۇپ ئېلىپ ، كۆكرىكىمگە تىقىپ قويۇپ – قېچىۋەتسە ... تاپانچىسى بولسا مېڭەمگە دەل ئېتىپ ، قېتىقىنى ھەريان چېچىۋەتسە ... پۈتۈن بەدىنىم بەزگەك بولغاندەك لاغىلداپ تىتىرەشكە باشلىدى . قورقۇنىمدىن ئارقامغا بىر قەدەم داجىدىم ، ئۇ ئالدىغا بىر قەدەم ماڭدى ... مەن ئارقامغا چېكىنگەنسىرى ئۇ مېنى قىستاپ كىلەتتى ... ئاخىرى ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇشقا كۆزۈم يەتمىگەندىن كىيىن ، زور غەيرەتكە كىلىپ تېتىرەڭ ئاۋاز بىلەن سورىدىم : k%N$eO$
Q;m8 drU - سەن ... سەن ... cvtn,Ml6
{p(6bsn_#] كۆرۈپ تۇرۇپسەنغۇ ، مەن ئادەم ، قورقما ، ئەرۋا ئەمەس . SU~ljAF4
JRtDjZ4> - ئىسمىڭ ... 1u }2}c|
qyY/:&E, Z تۇرغۇن ، - ئكزۈمگە بولغان گۇمانىم تېخىمۇ كۈچىيىپ كەتتى . [raj:7yQ
,x[~|J! - داداڭ كىم – سوردىم ئالدىراپ . {k'$uW`
)fke;Y0 - پەيزۇللا ، - ئالاقىزادىلىك ، ۋەسۋىسە ، ئېيتىپ تۈگەتكۈسىز بىر مۇجمەللىك قەلبىمنى چىرمىۋالدى . yOk]RB<'r
>T\^dHtz - مىنە ئىش قىلىدۇ ؟ R?2T0^0
}[;r-5} - بۇرۇن ھۆكۈمەت ئىگىلىكىدىكى بىر فىرمىدا قوي باققانكەن ، ھازىر ئۆيدە دېھقان – دۇنيادا بۇنداقمۇ ئوخشاشلىق بولامدۇ ؟ ياق ، ياق مومكىن ئەمەس . ئۇ پەلپەتىش سۆزلەۋاتاتتى ... *44E'Dxv
E@Yq2FBpnn - توي قىلدىڭمۇ ؟ - سورىدىم تېخىمۇ جىددىلىشىپ . qFY>/fCP4
;T>. - ھەئە . lO1]P&@
&w^:nVgl ئايلىڭنىڭ ئىسمى نىمە ؟ AASS'H@
_J_QB]t - تۇرسۇنگۈل . gI+dyoh
H5A7EZq}` قېيناتاڭنىڭ ئىسمى نىمە ؟ mr XmM<
8;(3fSNC - ئابدۇرىھىم . 6lQP+! EF
05YsLNh مەن بارغانچە قايغۇقۇپ قېلۋاتاتتىم . }FkF1?C
!z+'mF?V+X - ئۇنداق بولسا سەن نىمە ئىش قىلىسەن ؟ - ئالدىراپ سوراشقا باشلىدىم . U~8, N[
}Q;^C - ئىش قىلىپ ئوغرى ، بۇلاڭچى ئەمەس ، ھۆكۈمەتنىڭ تۆمۈر دەپتىرىدە ئىسمىم بار ، ئانچە – مۇنچە بىر نەرسىلەرنىمۇ يېزىپ قويىمەن تېخى .... OT3~5j1[
R9~c: A4G - قانچە ياشقا كىردىڭ ؟ p{O@ts:
!=v d:, - بۇ يىل 7 – ئاينىڭ 18 – كۈنى 39 غا كىرىمەن . F@-8J?Hl:
]N7(<EV/ ئەمدى گۇمان قىلىدىغان يىرى قالمىغان ئىدى . tAS[T9B
?#/~BZR! - بالىلىرىڭ بارمۇ ؟ cnU()pd
>u?a#5R:m - ئىككى قىز ، بىر ئوغلۇم بار . jk/-7/r
n wO5<b; - ئىسمىلىرى . J L2g!n=K
Zy^ wS1io - گۈلدىيار ، گۈلنىگار ، ئىليار . iY3TB|tMt
G8Zl[8 مەن چەكسىز ۋەسۋىسە ، سارسىمگە چۈشتۈم . باياتىندىن بىرى قەلبىمنى قاپلىغان ئازاپ كەلكۈنى باغرىمنى يىلاندەك چېقىشقا باشلىدى ... بۇنىڭسىز دەردلىرىم يېتىپ ئاشاتتىغۇ ؟! ... ئۇ تۇرغۇن پەيزۇللا بولسا ، مەن كىم ؟ ... بۇ قەبىرىستانلىقتا – ئۇ نىمە ئىش قىلىدۇ ، مەنچۇ ؟ ! ... بۇ قانداق بولغىنى دەيمەن ئەمدى ؟ ... بۇ بىر ئوقۇشماسلىق ... ئۇقۇشماسلىق بولسا مۇشۇنداقمۇ ئۇقۇشماسلىق بولامدۇ ... قۇرۇپ كەتسۇن بۇنداق ئۇقۇشماسلىقلار ... ئۇ ئېيتتىغۇ ، ئېيتقانلىرىنىڭ ھەممىسى راست . ئۇنداق بولسا مەن ئۇنىڭ سىياقىغا كىرىۋالغان جىنمۇ مەن ؟ ياق ، ياق ئۇ مىنىڭ سىياقىمغا كىرۋالغان ئالۋاستى . ئاھ خۇدايىم ئۇ ئىككىمىزنىڭ قايسىمىز راست ، قايسىمىز يالغان ، قانداق ئايرىغۇلۇق ئەمدى ؟ ... ئەگەر مەن ئۆزۈمنى يالغان دەپ ئۆيگە بارسام ، ئۇ بېرىپ خوتۇن – باللىرىمنى بوزەك ئىتىدۇ ، ئۇلارنى ئۆيدىن قوغلاپ چىقىرىپ ، خوتۇن – باللىرىنى باشلاپ كىرىپ ، ئۆيۈمنى ئۆزىنىڭ ئۆيى قىلۋېىشى تۇرغانلا گەپ ... مەن ئاخىرى قەتئى قارارغا كىلىپ : @8|i@S@4
$`"$ZI6[ - سەن تۇرغۇن پەيزۇللا ئەمەس ، سەن قانچە قىلساڭمۇ مەن بولالمايسەن – دەپ گۈركىرىدىم – ئۇنىڭغا كەسكىنلىك بىلەن . Jr,**,wA
C9nCSbGMY{ - مەن دەل شۇ ، سەن ئالجىپ قاپسەن . – كۆتە قاسقىنىڭنى ، يالغان ئېيتما ، مۇتھەم ، مېنىڭ سىياقىمغا كىرۋېلىشىڭدىكى مەخسىدىڭ زادى نىمە ؟ ئېيتە مەلئۇن – مەن ئاخىر ئۆزۈمنى بېسۋالالماي كاچىتىغا كىلىشتۈرۈپ بىرنى سالدىم . << ۋايجان ! >> كاچىتىم قىززىق دەزمال يېقۋەتكەندەك قات – قېتىدىن كۆيۈشۈپ ئاغرىپ كەتتى . مەن تېخىمۇ جىلە بولۇپ ئۇنىڭ ھېلقى يېرىگە كىلىشتۈرۈپ بىرنى تەپتىم . يۈركۈمگە خەنجەر تىقىپ قوچىۋەتكەندەك بولۇپ بىر ھازاغىچە تىنالمىدىم ، پۈتۈن بەدىنىم چىلىق – چىلىق ھۆل بولۇپ كەتتى ، ئىچ – ئىچىمدە ئوت ... مەن ئۆزۈمنى – ئۆزۈم ئۇرۇپ ئويناۋاتامدىمەن نىمە ؟ ... Q^Q6|n
t^g+nguz ئۇ مىتمۇ قىلماي كۆزلۈرۈمگە قاراپ تۇراتتى . ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن يا ياشقا ، يا قانغا ئوخشىمايدىغان بىر خىل سۇيۇقلۇق مەڭزىنى بويلاپ تۆكۈلىۋاتاتتى . ... .-.b:gdO(
\&^U9=uq مەن ئاخىرقى قېتىم غەيرەتكە كىلىپ : }ZfdjF8N!
;^ YpQP - كۆزۈمدىن تېز يوقال ئالۋاستى ، ماڭا نىمىشقا سايىدەكلا ئەگىشىۋالىسەن – دەپ غەزەپلىك ۋاقىرىغىنىمچە ئۇنىڭ بۇرنىغا كېلىشتۈرۈپ بىر مۇشت سالدىم ، شۇ ئان بۇرنۇمدىن كورىلداپ قان تۆكۈلىشكە باشلىدى . ئۇ مېنىڭ شۇ تاپتىكى ھالىمغا قاراپ بىر ھازا قاقىلداپ كۈلگەندىن كىيىن ، كۆزلىرىمگە بىگىزدەك قادىلىپ تۇرۇپ : Ap!i-E,"J
\kC'y9k - تولا ھەددىڭدىن ئاشما ، يېتىپ ئۆلگىچە – ئېتىپ ئۆل دەپتىكەن ، ھېلى بىكار كۆرگۈلىكىڭنى كۆرسىتىپ ، ئانا ، ماناڭنىڭ ئالۋاستىسىنى بىرىپ ، تۇغۇلغىنىڭغا تويغۇزۋېتىمەن ، سەن ئىلگىرىكى ئۆزۈڭگە زادىلا ئوخشىماي قاپسەن ، ئەسلىڭنى ئۇنتۇپسەن ، توغرا يولۇڭدىن ئېزىپسەن – دېمەسما ، ئاچچىقتىن ئۆزۈمنى قويىدىغان يەر تاپالماي قالدىم ، ئىچىمنى مۆشۈك تاتىلاۋاتقاندەك ئارامسىزلىنىپ كەتتىم ... 2mfG:^^c
hGU 3DKHT ئەمدى ئۆزۈمنى ئۇنىڭغا تازا بىر تېتىتىپ قويمىسام بولمايتى ، ئاقىۋىتى قانداق بولۇشىدىن قەتئى نەزەر شۇنداق قىلمىسام مەن ئەركەكلىككە داغ تەككۈزگەن بولاتتىم . بۇنى بۇرۇنلا ھېس قىلغاندىم . شۇڭا ئۇنىڭ ئەدىۋىنى راسا بىر بەرمىسەم بولمايتتى. ئەمما ئۇنىڭ نەرىگە ئۇرسام مېنىڭمۇ شۇ يېرىمنىڭ ئاغرىپ كېتىشى غەلتە ئىش – دە ؟ ئۇ كىم ، مەنچۇ ؟! ... ئويلىغانسىرى ھەمە ئىش مۇرەككەپلىشىپ ، قالايمىقانلىشىپ كېتىۋاتاتتى . بارغانچە مەن ئۆزۈمگە تازا ئىشىنەلمەيۋاتاتتىم . FdS'0#$
'LG)78sk << ئۇنى چوقۇم ئۆلتۈرۋېتىش كېرەك >> دېگەن ئوي خىيالىمدىن يالت قىلپ كەچتى . شۇ ئان يۈركۈم ۋىژىلداپ ئېچىشىپ ئاغرىپ كەتتى . ئەمما مەن ھەممىدگە چىداپ ، ئۇنىڭ تۇيۇقسىز تۇرغان پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ بوغۇپلا ئۆلتۈرۋەتمەكچى بولۇپ : i6xzHfaYG
M8f[ ck - ساڭا ئۆزۈمنى بىر تېتىتىپ قويمىسام ئوغول بالا بولماي كېتەي – دەپ ۋاقىرىغىنىمچە ئۇنىڭغا قاراپ ئەسەبىيلىك بىلەن ئېتىلدىم . توساتتىن يەردىن ئۈنۈپ چىققاندەكلا ئوخشاش كىيىنگەن بىر توپ ئادەم << بىز ئۇزاقتىن بىرى ئىزدەپ يۈرگەن كىپەن ئوغرىسى دەل مۇشۇ ، قاراڭلار قېچىپ يۈرۈپ ساقال – بۇرۇتلىرى ئۆسۈپ مايمۇندىن ئايرىۋالغۇسىز بولۇپ كەتكىننى ... >> دېيىشكىنىچە يوپۇرلۇپ كىلىپ ئۇدۇل كەلگەن يېرىمگە مۇشت ، دۇمبالارنى ياغدۇرۋەتتى ... باش – كۆزلىرىمدىن قىپقىزىل قانلار تۆكۈلەتتى ... مەن ئارقا – ئارقىدىن تېگۋاتقان تاياقلارنىڭ زەربىسىگە بەرداشلىق بېرەلمەي گۇپپىدە يىقىلدىم . ئۇلار ئەسەبىلەشكىنىچە باش – كۆزلۈرۈمگە مۇشت – تېپىكلەرنى ياغدۇرۋەتتى ... مەن چىدىيالماي << سەمىمىلىك ، ئادىللىق ، مېھرى – مۇھەببەت قېنى ... >> دەپ ئەلەملىك توۋلىغىنىمچە بۇياقتىن ئۇياققا ، ئۇياقتىن بۇياققا دۇملاشقا باشلىدىم ... \r-v]]_<d
M~g@y$ - ۋايجان ! ۋاي بېشىم ! ! – مەن ئاغرىق ئازابىغا چىدىيالماي ۋاقراپ تاشلىدىم . G Cp90
K,H xe;- خوتۇنۇم دەر ھال چىراقنى ياندۇرۇپ كارۋاتتىن چۈشۈپ يېنىمغا كەلدى . ئۇنىڭ ئوڭ – سولى ئۆچكەندى . #[y2nK3zF
{5JYu - ۋاي ئاللاھ سىزگە نىمە بولدى ؟ يەنە قارا بېسىپ قاپتۇ – دە ؟ ... كارۋاتتىن چۈشۈپ كېتىپسىزغۇ ... ماڭا يېقىن يېتىڭ دېسەم ئۇنمايسىز خۇددى مەن يەۋىتىدىغاندەك ... ۋاي خۇدايىم بېشىڭىز قاناپ كىتىپتىغۇ .... NX?6(lO,
%Wt F\p مەن خوتۇنۇمنىڭ تەشۋىش ، قورقۇنۇش ، ئەندىشە تۆكۈلۈپ تۇرغان كۆزلىرىگە قارىدىم . قەلبىمنى بىر خىل غەشلىك چىرمىماقتا ئىدى . ~?KbpB|
_`xhP-,`S مەن كۆرگەن چۈشلەر دائىم ئوڭ تارتاتتى . ھەي – ھەي بۇ قېتىم مىنى يەنە قانداق قىسمەتلەر كۈتۈپ تۇرغاندۇ ؟ ! ... 14p{V}f3
'o1lJ?~kH cEEnR1
+l>X Z [ بۇ يازمىنىyulgunدە2011-02-06 10:58قايتا تەھرىرلىد ]