چۈش ۋەھىمىسى
(ھېكايە)
تۇرغۇن پەيزۇللا يۇلغۇن 2(//slP
^X%4@,AE
... قەبىرستان ئېچىلىپ قالغان باش – قول ، پۇت سۆڭەكلىرى ... مىژىلداپ يۈرگەن قۇرۇتلار ... ئۇياقتىن – بۇياققا ، بۇياقتىن – ئۇياققا ئۇچۇپ يۈرگەن تۈرلۈك ھاشارەتلەر ... قولتۇقلىرى قىپقىزىل بولۇپ كەتكەن ئوغلاقتەك كېلەلەر ... > C&<dO#i
mm<iT59 بەش ئالتە مىتىر ئۇزۇنلۇقتىكى مۈڭگۈزلۈك يىلانلار ... بەتبۇي سېسىق پۇراق ... <" l;l~Y1
uN3J)@;_ كىمدۇر بىرى قەبىرىستانلىقنىڭ ئۇ بېشىدىن ماڭا قاراپ كەلمەكتە . ئىككىمىزنىڭ ئارلىقى بارغانسىرى قىسقارماقتا ، قورقۇنۇچلۇق بىر ئاياق تىۋىشى يۈرۈكۈمگە بىگىزدەك سانچىلىپ ، تۇيغۇلىرىمنى ئاستىن – ئۈستىن قىلۋەتمەكتە . ئۇ ماڭا قاراپ كەلمەكتە ، مەن ئۇنىڭغا قاراپ ئىلگىرلىمەكتە ئىدىم . توۋا قىلدىم خۇداھىم ، مەن ئاينەك كۆرۋاتقاندىمەن : ئۇنىڭ بوي تۇرىقى ، چىراي شەكلى ، قېشى ، بۇرۇتى .... قىسقىسى ھەممىلا يېرى ماڭا قۇيۇپ قويغاندەكلا ئوخشايتى . مەن بۇنىڭغا زادىلا ئىشەنمەيتىم ، بۇنداق بولىشىغا زادىلا تەن بەرگۈم كەلمەيتى . ئۇنىڭغا تازا زەڭ سېلىپ قارىدىم ، راستىنلا ئۇنىڭ بوي تۇرىقىدىن تارتىپ كىينىشلىرىگىچىمۇ ماڭا ئوخشايتى . مەن كۆزۈمنى يۇمۇپ ئېچىپ ، ئېچىپ يۇمۇپ قايتا – قايتا قارىغان بولساممۇ ئەھۋال يەنىلا ئوخشاش . ئۇ ماڭا قۇيۇپ قويغاندەكلا ئوخشايتى . مەن تۇرۇپلا ئكزۈمدىن قاتتىق گۇمانلىنىشقا اشلىدىم . كۆڭلۈم چىۋىن يىۋالغاندەكلا . ئۇ زادى كىم ئۇ ؟ ماڭا نىمانچىلا ئوخشايدۇ ؟ شۇ تاپتا بوۋام ، مومامدىن كىچىك چېغىمدا ئاڭلىغان جىن ئالۋاستى ، شاياتۇنلار توغرىسىدىكى ئەپسانە ، راۋايەتلەر كۆز ئالدىمغا كىلۋېلىپ ، تېنىمنى شۈركۈندۈرىۋەتتى . شۇ ماڭا قاراپ كېلۋاتاتتى ، مەن ئۇنىڭغا قاراپ كېتىپ باراتتىم . ھەر ئىككىمىز بىر – بىرىمىزگە قاراپ كۈلۈمسىرەيتۇق . كۈلكىمىز شۇ قەدەر مىسكىن ، شۇ قەدەر ھەسرەتلىك ... ئارلىقىمىز بارغانچە قىسقارماقتا ، ئون قەدەم ... بەش قەدەم ... ئۈچ قەدەم ... بىر قەدەم قالغاندا مەن توختىدىم ، ئۇممۇ توختىدى . ئىككىلىمىز توختىدۇق كېلىشىۋالغاندەكلا ، مەن ئۇنىڭغا قارىدىم ، ئېچ – ئىچىمگە توشۇپ كەتكەن دەرد – ھەسىرەت ، غەزەپ – نەپرەت كۆزلىرىمدىن ئوت بولۇپ يېنىشقا باشلىدى ، ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن ئېتىلىپ چىقىۋاتقان غەزەپ – نەپرەت ، ئۆچمەنلىك ، قايغۇ – ئەلەملەر كۆزلىرىدىن گۈلخان بولۇپ ئېتىلىپ چىقىپ ، پۈتۈن ۋۇجۇدۇمغا تۇتاشتى ... fZ:rz;tM
k]9> V@C ئۇ تۇيۇقسىز ، يارلانغان شىردەك ئېتىلىپ كىلىپ ، گېلىمدىن بوغۇپ ، جېنىمنى تېنىمدىن << غىققىدە >> چىقىرۋەتسە ... يېنىدا پىچىقى بولسا شارتتىدە سۇغرۇپ ئېلىپ ، كۆكرىكىمگە تىقىپ قويۇپ – قېچىۋەتسە ... تاپانچىسى بولسا مېڭەمگە دەل ئېتىپ ، قېتىقىنى ھەريان چېچىۋەتسە ... پۈتۈن بەدىنىم بەزگەك بولغاندەك لاغىلداپ تىتىرەشكە باشلىدى . قورقۇنىمدىن ئارقامغا بىر قەدەم داجىدىم ، ئۇ ئالدىغا بىر قەدەم ماڭدى ... مەن ئارقامغا چېكىنگەنسىرى ئۇ مېنى قىستاپ كىلەتتى ... ئاخىرى ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇشقا كۆزۈم يەتمىگەندىن كىيىن ، زور غەيرەتكە كىلىپ تېتىرەڭ ئاۋاز بىلەن سورىدىم : VhI IW"1
W<]Oo ] - سەن ... سەن ... |0R%!v(,
x0$:"68PW كۆرۈپ تۇرۇپسەنغۇ ، مەن ئادەم ، قورقما ، ئەرۋا ئەمەس . Le:mMd= G
vP)~j1 - ئىسمىڭ ... 4?M3#],'h
wK`ieHmp تۇرغۇن ، - ئكزۈمگە بولغان گۇمانىم تېخىمۇ كۈچىيىپ كەتتى . vek:/'sj3p
7oLf5V1~ - داداڭ كىم – سوردىم ئالدىراپ . ^*ezj1
nEcd+7( - پەيزۇللا ، - ئالاقىزادىلىك ، ۋەسۋىسە ، ئېيتىپ تۈگەتكۈسىز بىر مۇجمەللىك قەلبىمنى چىرمىۋالدى . }cK~=@7tK
=/QU$[7X( - مىنە ئىش قىلىدۇ ؟ =*:_swd
\j})Kul - بۇرۇن ھۆكۈمەت ئىگىلىكىدىكى بىر فىرمىدا قوي باققانكەن ، ھازىر ئۆيدە دېھقان – دۇنيادا بۇنداقمۇ ئوخشاشلىق بولامدۇ ؟ ياق ، ياق مومكىن ئەمەس . ئۇ پەلپەتىش سۆزلەۋاتاتتى ... OPt;G,$ta
"zIq)PY - توي قىلدىڭمۇ ؟ - سورىدىم تېخىمۇ جىددىلىشىپ . q(tGbhQ
r{2].31' - ھەئە . S O:V|Tfj
z vb}p ئايلىڭنىڭ ئىسمى نىمە ؟ o),6o'w(
5-WRv; - تۇرسۇنگۈل . b801OF
$n#Bi.Aj قېيناتاڭنىڭ ئىسمى نىمە ؟ X})Imk7&E
=i^<a7M~ - ئابدۇرىھىم . L}jF#*Q%
%w8GGm8^/ مەن بارغانچە قايغۇقۇپ قېلۋاتاتتىم . ~l*?D7[o
-?YT Q@ W - ئۇنداق بولسا سەن نىمە ئىش قىلىسەن ؟ - ئالدىراپ سوراشقا باشلىدىم . l/png:
>'}=.3\ - ئىش قىلىپ ئوغرى ، بۇلاڭچى ئەمەس ، ھۆكۈمەتنىڭ تۆمۈر دەپتىرىدە ئىسمىم بار ، ئانچە – مۇنچە بىر نەرسىلەرنىمۇ يېزىپ قويىمەن تېخى .... I' ! r
<< ;HY}s - قانچە ياشقا كىردىڭ ؟ %`?;V;{=
PwB g - بۇ يىل 7 – ئاينىڭ 18 – كۈنى 39 غا كىرىمەن . t`Y!"l
*K,hrpYR ئەمدى گۇمان قىلىدىغان يىرى قالمىغان ئىدى . EzIs@}
6tc:A5mK - بالىلىرىڭ بارمۇ ؟ cZgMA8F
-.{oqs$ - ئىككى قىز ، بىر ئوغلۇم بار . P1i*u0a
JYwyR++uo - ئىسمىلىرى . #`La|a.-
fimb]C I|x - گۈلدىيار ، گۈلنىگار ، ئىليار . ok `]:gf
(A29ZH مەن چەكسىز ۋەسۋىسە ، سارسىمگە چۈشتۈم . باياتىندىن بىرى قەلبىمنى قاپلىغان ئازاپ كەلكۈنى باغرىمنى يىلاندەك چېقىشقا باشلىدى ... بۇنىڭسىز دەردلىرىم يېتىپ ئاشاتتىغۇ ؟! ... ئۇ تۇرغۇن پەيزۇللا بولسا ، مەن كىم ؟ ... بۇ قەبىرىستانلىقتا – ئۇ نىمە ئىش قىلىدۇ ، مەنچۇ ؟ ! ... بۇ قانداق بولغىنى دەيمەن ئەمدى ؟ ... بۇ بىر ئوقۇشماسلىق ... ئۇقۇشماسلىق بولسا مۇشۇنداقمۇ ئۇقۇشماسلىق بولامدۇ ... قۇرۇپ كەتسۇن بۇنداق ئۇقۇشماسلىقلار ... ئۇ ئېيتتىغۇ ، ئېيتقانلىرىنىڭ ھەممىسى راست . ئۇنداق بولسا مەن ئۇنىڭ سىياقىغا كىرىۋالغان جىنمۇ مەن ؟ ياق ، ياق ئۇ مىنىڭ سىياقىمغا كىرۋالغان ئالۋاستى . ئاھ خۇدايىم ئۇ ئىككىمىزنىڭ قايسىمىز راست ، قايسىمىز يالغان ، قانداق ئايرىغۇلۇق ئەمدى ؟ ... ئەگەر مەن ئۆزۈمنى يالغان دەپ ئۆيگە بارسام ، ئۇ بېرىپ خوتۇن – باللىرىمنى بوزەك ئىتىدۇ ، ئۇلارنى ئۆيدىن قوغلاپ چىقىرىپ ، خوتۇن – باللىرىنى باشلاپ كىرىپ ، ئۆيۈمنى ئۆزىنىڭ ئۆيى قىلۋېىشى تۇرغانلا گەپ ... مەن ئاخىرى قەتئى قارارغا كىلىپ : kG)2%
Mny'9hsl - سەن تۇرغۇن پەيزۇللا ئەمەس ، سەن قانچە قىلساڭمۇ مەن بولالمايسەن – دەپ گۈركىرىدىم – ئۇنىڭغا كەسكىنلىك بىلەن . OGJ=VQA
X"[dQ_o - مەن دەل شۇ ، سەن ئالجىپ قاپسەن . – كۆتە قاسقىنىڭنى ، يالغان ئېيتما ، مۇتھەم ، مېنىڭ سىياقىمغا كىرۋېلىشىڭدىكى مەخسىدىڭ زادى نىمە ؟ ئېيتە مەلئۇن – مەن ئاخىر ئۆزۈمنى بېسۋالالماي كاچىتىغا كىلىشتۈرۈپ بىرنى سالدىم . << ۋايجان ! >> كاچىتىم قىززىق دەزمال يېقۋەتكەندەك قات – قېتىدىن كۆيۈشۈپ ئاغرىپ كەتتى . مەن تېخىمۇ جىلە بولۇپ ئۇنىڭ ھېلقى يېرىگە كىلىشتۈرۈپ بىرنى تەپتىم . يۈركۈمگە خەنجەر تىقىپ قوچىۋەتكەندەك بولۇپ بىر ھازاغىچە تىنالمىدىم ، پۈتۈن بەدىنىم چىلىق – چىلىق ھۆل بولۇپ كەتتى ، ئىچ – ئىچىمدە ئوت ... مەن ئۆزۈمنى – ئۆزۈم ئۇرۇپ ئويناۋاتامدىمەن نىمە ؟ ... OE'K5oIM
%5JW<9 ئۇ مىتمۇ قىلماي كۆزلۈرۈمگە قاراپ تۇراتتى . ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن يا ياشقا ، يا قانغا ئوخشىمايدىغان بىر خىل سۇيۇقلۇق مەڭزىنى بويلاپ تۆكۈلىۋاتاتتى . ... P</s)"@
hCzjC|EO~ مەن ئاخىرقى قېتىم غەيرەتكە كىلىپ : d/XlV]#2x\
fokwW}>B[f - كۆزۈمدىن تېز يوقال ئالۋاستى ، ماڭا نىمىشقا سايىدەكلا ئەگىشىۋالىسەن – دەپ غەزەپلىك ۋاقىرىغىنىمچە ئۇنىڭ بۇرنىغا كېلىشتۈرۈپ بىر مۇشت سالدىم ، شۇ ئان بۇرنۇمدىن كورىلداپ قان تۆكۈلىشكە باشلىدى . ئۇ مېنىڭ شۇ تاپتىكى ھالىمغا قاراپ بىر ھازا قاقىلداپ كۈلگەندىن كىيىن ، كۆزلىرىمگە بىگىزدەك قادىلىپ تۇرۇپ : oi2J:Y4
V:^JC>6 - تولا ھەددىڭدىن ئاشما ، يېتىپ ئۆلگىچە – ئېتىپ ئۆل دەپتىكەن ، ھېلى بىكار كۆرگۈلىكىڭنى كۆرسىتىپ ، ئانا ، ماناڭنىڭ ئالۋاستىسىنى بىرىپ ، تۇغۇلغىنىڭغا تويغۇزۋېتىمەن ، سەن ئىلگىرىكى ئۆزۈڭگە زادىلا ئوخشىماي قاپسەن ، ئەسلىڭنى ئۇنتۇپسەن ، توغرا يولۇڭدىن ئېزىپسەن – دېمەسما ، ئاچچىقتىن ئۆزۈمنى قويىدىغان يەر تاپالماي قالدىم ، ئىچىمنى مۆشۈك تاتىلاۋاتقاندەك ئارامسىزلىنىپ كەتتىم ... 8>UKIdp
T H|?X0b ئەمدى ئۆزۈمنى ئۇنىڭغا تازا بىر تېتىتىپ قويمىسام بولمايتى ، ئاقىۋىتى قانداق بولۇشىدىن قەتئى نەزەر شۇنداق قىلمىسام مەن ئەركەكلىككە داغ تەككۈزگەن بولاتتىم . بۇنى بۇرۇنلا ھېس قىلغاندىم . شۇڭا ئۇنىڭ ئەدىۋىنى راسا بىر بەرمىسەم بولمايتتى. ئەمما ئۇنىڭ نەرىگە ئۇرسام مېنىڭمۇ شۇ يېرىمنىڭ ئاغرىپ كېتىشى غەلتە ئىش – دە ؟ ئۇ كىم ، مەنچۇ ؟! ... ئويلىغانسىرى ھەمە ئىش مۇرەككەپلىشىپ ، قالايمىقانلىشىپ كېتىۋاتاتتى . بارغانچە مەن ئۆزۈمگە تازا ئىشىنەلمەيۋاتاتتىم . dQ: ?<zZ
wms1IV%; << ئۇنى چوقۇم ئۆلتۈرۋېتىش كېرەك >> دېگەن ئوي خىيالىمدىن يالت قىلپ كەچتى . شۇ ئان يۈركۈم ۋىژىلداپ ئېچىشىپ ئاغرىپ كەتتى . ئەمما مەن ھەممىدگە چىداپ ، ئۇنىڭ تۇيۇقسىز تۇرغان پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ بوغۇپلا ئۆلتۈرۋەتمەكچى بولۇپ : JE0?@PI$
cDCJ]iDs - ساڭا ئۆزۈمنى بىر تېتىتىپ قويمىسام ئوغول بالا بولماي كېتەي – دەپ ۋاقىرىغىنىمچە ئۇنىڭغا قاراپ ئەسەبىيلىك بىلەن ئېتىلدىم . توساتتىن يەردىن ئۈنۈپ چىققاندەكلا ئوخشاش كىيىنگەن بىر توپ ئادەم << بىز ئۇزاقتىن بىرى ئىزدەپ يۈرگەن كىپەن ئوغرىسى دەل مۇشۇ ، قاراڭلار قېچىپ يۈرۈپ ساقال – بۇرۇتلىرى ئۆسۈپ مايمۇندىن ئايرىۋالغۇسىز بولۇپ كەتكىننى ... >> دېيىشكىنىچە يوپۇرلۇپ كىلىپ ئۇدۇل كەلگەن يېرىمگە مۇشت ، دۇمبالارنى ياغدۇرۋەتتى ... باش – كۆزلىرىمدىن قىپقىزىل قانلار تۆكۈلەتتى ... مەن ئارقا – ئارقىدىن تېگۋاتقان تاياقلارنىڭ زەربىسىگە بەرداشلىق بېرەلمەي گۇپپىدە يىقىلدىم . ئۇلار ئەسەبىلەشكىنىچە باش – كۆزلۈرۈمگە مۇشت – تېپىكلەرنى ياغدۇرۋەتتى ... مەن چىدىيالماي << سەمىمىلىك ، ئادىللىق ، مېھرى – مۇھەببەت قېنى ... >> دەپ ئەلەملىك توۋلىغىنىمچە بۇياقتىن ئۇياققا ، ئۇياقتىن بۇياققا دۇملاشقا باشلىدىم ... $`|5/,M%QN
~}BJ0P(VMc - ۋايجان ! ۋاي بېشىم ! ! – مەن ئاغرىق ئازابىغا چىدىيالماي ۋاقراپ تاشلىدىم . '/k^C9~mr
M[~Jaxw% خوتۇنۇم دەر ھال چىراقنى ياندۇرۇپ كارۋاتتىن چۈشۈپ يېنىمغا كەلدى . ئۇنىڭ ئوڭ – سولى ئۆچكەندى . JwZ?hc
1e/L\Y=m - ۋاي ئاللاھ سىزگە نىمە بولدى ؟ يەنە قارا بېسىپ قاپتۇ – دە ؟ ... كارۋاتتىن چۈشۈپ كېتىپسىزغۇ ... ماڭا يېقىن يېتىڭ دېسەم ئۇنمايسىز خۇددى مەن يەۋىتىدىغاندەك ... ۋاي خۇدايىم بېشىڭىز قاناپ كىتىپتىغۇ .... ;Xqn-R
}mKwFVZ مەن خوتۇنۇمنىڭ تەشۋىش ، قورقۇنۇش ، ئەندىشە تۆكۈلۈپ تۇرغان كۆزلىرىگە قارىدىم . قەلبىمنى بىر خىل غەشلىك چىرمىماقتا ئىدى . C` pp
'Q5&5UrBr مەن كۆرگەن چۈشلەر دائىم ئوڭ تارتاتتى . ھەي – ھەي بۇ قېتىم مىنى يەنە قانداق قىسمەتلەر كۈتۈپ تۇرغاندۇ ؟ ! ... <yZP|_
dLZjB(0eO /|?F)%v\
gQy~kctQ# [ بۇ يازمىنىyulgunدە2011-02-06 10:58قايتا تەھرىرلىد ]