ئالدىنقى تېماكېيىنكى تېما
بۇ تېما 1961 قېتىم كۆرۈلدى
تېما : چۈش ۋەھىمىسى(ھېكايە)
دەرىجە: ئالىي ئەزا

UIDنومۇر: 19
نادىر تېما: 30
يازما: 323
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە323دانە
شۆھرىتى: 954 قېتم
مۇنبەر پۇلى: 13187 يۈەن
تۆھپە: 763 قېتم
ياخشى باھا: 668 قېتىم
تورىدكى ۋاقىت: 6470(سائەت)
دەرىجىڭىز:دەرىجىڭىز:35دەرىجە<br> توردىكى ۋاقتى:6470 سائەت<br>كېيىنكى دەرىجىڭىزنىڭ ئۆسشىگە:180 سائەت قالدى.
تىزىملاتقىنىغا:521 كۈن بولدى
كىرمىگىنىگە:0 كۈن
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2010-06-07
ئاخىرقى كىرگەن: 2011-11-10
باش تىما  يوللىغان ۋاقىت: 2011-02-06 10:49
ھەممىنى | خەت چوڭلىقى: كىچىك نورمال چوڭ

0
تېما:چۈش ۋەھىمىسى(ھېكايە)
يوللىغۇچى:yulgun | يوللىغان ۋاقىت :2011-02-06 10:49 | كۆرۈلۈش قېتىم سانى:1961

باشقۇرۇش ئەسكەرتمىسى: بۇ يازما sansiz0903 تەرىپىدىن نادىرلاندى(2011-02-06)
چۈش ۋەھىمىسى
(ھېكايە)
تۇرغۇن پەيزۇللا يۇلغۇن Qfn:5B]tI  
  <YU?1y?V  
      ... قەبىرستان ئېچىلىپ قالغان باش – قول ، پۇت سۆڭەكلىرى ... مىژىلداپ يۈرگەن قۇرۇتلار ... ئۇياقتىن – بۇياققا ، بۇياقتىن – ئۇياققا ئۇچۇپ يۈرگەن تۈرلۈك ھاشارەتلەر ... قولتۇقلىرى قىپقىزىل بولۇپ كەتكەن ئوغلاقتەك كېلەلەر ... "u^Erj# /  
u8zL[] >  
بەش ئالتە مىتىر ئۇزۇنلۇقتىكى مۈڭگۈزلۈك يىلانلار ... بەتبۇي سېسىق پۇراق ... wb.yGfJ  
;gZ^c]\  
كىمدۇر بىرى قەبىرىستانلىقنىڭ ئۇ بېشىدىن ماڭا قاراپ كەلمەكتە . ئىككىمىزنىڭ ئارلىقى بارغانسىرى قىسقارماقتا ، قورقۇنۇچلۇق بىر ئاياق تىۋىشى يۈرۈكۈمگە بىگىزدەك سانچىلىپ ، تۇيغۇلىرىمنى ئاستىن – ئۈستىن قىلۋەتمەكتە . ئۇ ماڭا قاراپ كەلمەكتە ،  مەن ئۇنىڭغا  قاراپ ئىلگىرلىمەكتە ئىدىم . توۋا قىلدىم خۇداھىم ، مەن ئاينەك كۆرۋاتقاندىمەن : ئۇنىڭ بوي تۇرىقى ، چىراي شەكلى ، قېشى ، بۇرۇتى .... قىسقىسى ھەممىلا يېرى ماڭا قۇيۇپ قويغاندەكلا ئوخشايتى . مەن بۇنىڭغا زادىلا ئىشەنمەيتىم ، بۇنداق بولىشىغا زادىلا تەن بەرگۈم كەلمەيتى . ئۇنىڭغا تازا زەڭ سېلىپ قارىدىم ، راستىنلا ئۇنىڭ بوي تۇرىقىدىن تارتىپ كىينىشلىرىگىچىمۇ ماڭا ئوخشايتى . مەن كۆزۈمنى يۇمۇپ ئېچىپ ، ئېچىپ يۇمۇپ قايتا – قايتا قارىغان بولساممۇ ئەھۋال يەنىلا ئوخشاش . ئۇ ماڭا قۇيۇپ قويغاندەكلا ئوخشايتى . مەن تۇرۇپلا ئكزۈمدىن قاتتىق گۇمانلىنىشقا اشلىدىم . كۆڭلۈم چىۋىن يىۋالغاندەكلا . ئۇ زادى كىم ئۇ ؟ ماڭا نىمانچىلا ئوخشايدۇ ؟ شۇ تاپتا بوۋام ، مومامدىن كىچىك چېغىمدا ئاڭلىغان جىن ئالۋاستى ، شاياتۇنلار توغرىسىدىكى ئەپسانە ، راۋايەتلەر كۆز ئالدىمغا كىلۋېلىپ ، تېنىمنى شۈركۈندۈرىۋەتتى . شۇ ماڭا قاراپ كېلۋاتاتتى ، مەن ئۇنىڭغا قاراپ كېتىپ باراتتىم . ھەر ئىككىمىز بىر – بىرىمىزگە قاراپ كۈلۈمسىرەيتۇق . كۈلكىمىز شۇ قەدەر مىسكىن ، شۇ قەدەر ھەسرەتلىك ... ئارلىقىمىز بارغانچە قىسقارماقتا ، ئون قەدەم ... بەش قەدەم ... ئۈچ قەدەم ... بىر قەدەم قالغاندا مەن توختىدىم ، ئۇممۇ توختىدى . ئىككىلىمىز توختىدۇق كېلىشىۋالغاندەكلا ، مەن ئۇنىڭغا قارىدىم ، ئېچ – ئىچىمگە توشۇپ كەتكەن دەرد – ھەسىرەت ، غەزەپ – نەپرەت كۆزلىرىمدىن ئوت بولۇپ يېنىشقا باشلىدى ، ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن ئېتىلىپ چىقىۋاتقان غەزەپ – نەپرەت ، ئۆچمەنلىك ، قايغۇ – ئەلەملەر كۆزلىرىدىن گۈلخان بولۇپ ئېتىلىپ چىقىپ ، پۈتۈن ۋۇجۇدۇمغا تۇتاشتى ... jKml:)k  
R2Tt6  
ئۇ تۇيۇقسىز ، يارلانغان شىردەك ئېتىلىپ كىلىپ ، گېلىمدىن بوغۇپ ، جېنىمنى تېنىمدىن << غىققىدە >> چىقىرۋەتسە ... يېنىدا پىچىقى بولسا شارتتىدە سۇغرۇپ ئېلىپ ، كۆكرىكىمگە تىقىپ قويۇپ – قېچىۋەتسە ... تاپانچىسى بولسا مېڭەمگە دەل ئېتىپ ، قېتىقىنى ھەريان چېچىۋەتسە ... پۈتۈن بەدىنىم بەزگەك بولغاندەك لاغىلداپ تىتىرەشكە باشلىدى . قورقۇنىمدىن ئارقامغا بىر قەدەم داجىدىم ، ئۇ ئالدىغا بىر قەدەم ماڭدى ... مەن ئارقامغا چېكىنگەنسىرى ئۇ مېنى قىستاپ كىلەتتى ... ئاخىرى ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇشقا كۆزۈم يەتمىگەندىن كىيىن ، زور غەيرەتكە كىلىپ تېتىرەڭ ئاۋاز بىلەن سورىدىم : u4Nh_x8\Nr  
5IF5R#  
- سەن ... سەن ... y47N(;vy  
fmuh 9Z  
كۆرۈپ تۇرۇپسەنغۇ ، مەن ئادەم ، قورقما ، ئەرۋا ئەمەس . ^N/d`IAjv  
b  Ssg`  
- ئىسمىڭ ... &4-;;h\H  
_2jL]mB  
تۇرغۇن ، - ئكزۈمگە بولغان گۇمانىم تېخىمۇ كۈچىيىپ كەتتى . >Q/;0>V  
y u'-'{%  
- داداڭ كىم – سوردىم ئالدىراپ . qLCNANWnd  
<<0sv9qw1  
- پەيزۇللا ، - ئالاقىزادىلىك ، ۋەسۋىسە ، ئېيتىپ تۈگەتكۈسىز بىر مۇجمەللىك قەلبىمنى چىرمىۋالدى . CV@P +  
nFQuoU]ux  
- مىنە ئىش قىلىدۇ ؟ C+TB>~Gv`  
~M}{rl.n=  
- بۇرۇن ھۆكۈمەت ئىگىلىكىدىكى بىر فىرمىدا قوي باققانكەن ، ھازىر ئۆيدە دېھقان – دۇنيادا بۇنداقمۇ ئوخشاشلىق بولامدۇ ؟ ياق ، ياق مومكىن ئەمەس . ئۇ پەلپەتىش سۆزلەۋاتاتتى ... F}}!e.>c  
INA3^p'w  
- توي قىلدىڭمۇ ؟ - سورىدىم تېخىمۇ جىددىلىشىپ . r? /Uu&  
]Ucw&B* @  
- ھەئە . MDlH[PJ@i  
K83'`W^  
ئايلىڭنىڭ ئىسمى نىمە ؟ T`E0_ZU;  
\\R}3 >Wc  
- تۇرسۇنگۈل . Wq4<9D  
; dzL9P9IU  
قېيناتاڭنىڭ ئىسمى نىمە ؟ #Nh'1@@  
WwB_L.{  
- ئابدۇرىھىم . `E$vWZq}  
blQ&QQL  
مەن بارغانچە قايغۇقۇپ قېلۋاتاتتىم . Eiu/p&ct  
bny5e:= d  
- ئۇنداق بولسا سەن نىمە ئىش قىلىسەن ؟ - ئالدىراپ سوراشقا باشلىدىم . D"pT?\kO  
8m{e,o2.  
- ئىش قىلىپ ئوغرى ، بۇلاڭچى ئەمەس ، ھۆكۈمەتنىڭ تۆمۈر دەپتىرىدە ئىسمىم بار ، ئانچە – مۇنچە بىر نەرسىلەرنىمۇ يېزىپ قويىمەن تېخى .... {IgH0+z  
T_S3_-|{==  
- قانچە ياشقا كىردىڭ ؟ 4  eLZ  
ye.6tlW  
- بۇ يىل 7 – ئاينىڭ 18 – كۈنى 39 غا كىرىمەن . =6~  
:6Nb,Hh~  
ئەمدى گۇمان قىلىدىغان يىرى قالمىغان ئىدى . `^[k8Z(  
4G,FJjE`p  
- بالىلىرىڭ بارمۇ ؟ "kP,v&n  
&<;T$Y  
- ئىككى قىز ، بىر ئوغلۇم بار .  @*eY~  
:Dt y([  
- ئىسمىلىرى . GY%5N= u  
sbmtx/%U  
- گۈلدىيار ، گۈلنىگار ، ئىليار . b1?^9c#0d  
+ Tp% *  
مەن چەكسىز ۋەسۋىسە ، سارسىمگە چۈشتۈم . باياتىندىن بىرى قەلبىمنى قاپلىغان ئازاپ كەلكۈنى باغرىمنى يىلاندەك چېقىشقا باشلىدى ... بۇنىڭسىز دەردلىرىم يېتىپ ئاشاتتىغۇ ؟! ... ئۇ تۇرغۇن پەيزۇللا بولسا ، مەن كىم ؟ ... بۇ قەبىرىستانلىقتا – ئۇ نىمە ئىش قىلىدۇ ، مەنچۇ ؟ ! ... بۇ قانداق بولغىنى دەيمەن ئەمدى ؟ ... بۇ بىر ئوقۇشماسلىق ... ئۇقۇشماسلىق بولسا مۇشۇنداقمۇ ئۇقۇشماسلىق بولامدۇ ... قۇرۇپ كەتسۇن بۇنداق ئۇقۇشماسلىقلار ... ئۇ ئېيتتىغۇ ، ئېيتقانلىرىنىڭ ھەممىسى راست . ئۇنداق بولسا مەن ئۇنىڭ سىياقىغا كىرىۋالغان جىنمۇ مەن ؟ ياق ، ياق ئۇ مىنىڭ سىياقىمغا كىرۋالغان ئالۋاستى . ئاھ خۇدايىم ئۇ ئىككىمىزنىڭ قايسىمىز راست ، قايسىمىز يالغان ، قانداق ئايرىغۇلۇق ئەمدى ؟ ... ئەگەر مەن ئۆزۈمنى يالغان دەپ ئۆيگە بارسام ، ئۇ بېرىپ خوتۇن – باللىرىمنى بوزەك ئىتىدۇ ، ئۇلارنى ئۆيدىن قوغلاپ چىقىرىپ ، خوتۇن – باللىرىنى باشلاپ كىرىپ ، ئۆيۈمنى  ئۆزىنىڭ ئۆيى قىلۋېىشى تۇرغانلا گەپ ... مەن ئاخىرى قەتئى قارارغا كىلىپ : Q2 !GWz$  
zb{79Os[B  
- سەن تۇرغۇن پەيزۇللا ئەمەس ، سەن قانچە قىلساڭمۇ مەن بولالمايسەن – دەپ گۈركىرىدىم – ئۇنىڭغا كەسكىنلىك بىلەن . 3Rb#!tx9  
v ;\cM/&5  
- مەن دەل شۇ ، سەن ئالجىپ قاپسەن . – كۆتە قاسقىنىڭنى ، يالغان ئېيتما ، مۇتھەم ، مېنىڭ سىياقىمغا كىرۋېلىشىڭدىكى مەخسىدىڭ زادى نىمە ؟ ئېيتە مەلئۇن – مەن ئاخىر ئۆزۈمنى بېسۋالالماي كاچىتىغا كىلىشتۈرۈپ بىرنى سالدىم . << ۋايجان ! >> كاچىتىم قىززىق دەزمال يېقۋەتكەندەك قات – قېتىدىن كۆيۈشۈپ ئاغرىپ كەتتى . مەن تېخىمۇ جىلە بولۇپ ئۇنىڭ ھېلقى يېرىگە كىلىشتۈرۈپ بىرنى تەپتىم . يۈركۈمگە خەنجەر تىقىپ قوچىۋەتكەندەك بولۇپ بىر ھازاغىچە تىنالمىدىم ، پۈتۈن بەدىنىم چىلىق – چىلىق ھۆل بولۇپ كەتتى ، ئىچ – ئىچىمدە ئوت ... مەن ئۆزۈمنى – ئۆزۈم ئۇرۇپ ئويناۋاتامدىمەن نىمە ؟ ... "Ol:ni1  
8|zavH#P  
ئۇ مىتمۇ قىلماي كۆزلۈرۈمگە قاراپ تۇراتتى . ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن يا ياشقا ، يا قانغا ئوخشىمايدىغان بىر خىل سۇيۇقلۇق مەڭزىنى بويلاپ تۆكۈلىۋاتاتتى . ... KdkL_GSLT  
a(vt"MQ_  
مەن ئاخىرقى قېتىم غەيرەتكە كىلىپ : F\r"Y)|b=  
#$Zx].[lc  
- كۆزۈمدىن تېز يوقال ئالۋاستى ، ماڭا نىمىشقا سايىدەكلا ئەگىشىۋالىسەن – دەپ غەزەپلىك ۋاقىرىغىنىمچە ئۇنىڭ بۇرنىغا كېلىشتۈرۈپ بىر مۇشت سالدىم ، شۇ ئان بۇرنۇمدىن كورىلداپ قان تۆكۈلىشكە باشلىدى . ئۇ مېنىڭ شۇ تاپتىكى ھالىمغا قاراپ بىر ھازا قاقىلداپ كۈلگەندىن كىيىن ، كۆزلىرىمگە بىگىزدەك قادىلىپ تۇرۇپ : u9 &$`N_G  
v's1 &%sM  
- تولا ھەددىڭدىن ئاشما ، يېتىپ ئۆلگىچە – ئېتىپ ئۆل دەپتىكەن ، ھېلى بىكار كۆرگۈلىكىڭنى كۆرسىتىپ ، ئانا ، ماناڭنىڭ ئالۋاستىسىنى بىرىپ ، تۇغۇلغىنىڭغا تويغۇزۋېتىمەن ، سەن ئىلگىرىكى ئۆزۈڭگە زادىلا ئوخشىماي قاپسەن ، ئەسلىڭنى ئۇنتۇپسەن ، توغرا يولۇڭدىن ئېزىپسەن – دېمەسما ، ئاچچىقتىن ئۆزۈمنى قويىدىغان يەر تاپالماي قالدىم ، ئىچىمنى مۆشۈك تاتىلاۋاتقاندەك ئارامسىزلىنىپ كەتتىم ... |p/ *OFC6  
Sesdhuy.@  
ئەمدى ئۆزۈمنى ئۇنىڭغا تازا بىر تېتىتىپ قويمىسام بولمايتى ، ئاقىۋىتى قانداق بولۇشىدىن قەتئى نەزەر شۇنداق قىلمىسام مەن ئەركەكلىككە داغ تەككۈزگەن بولاتتىم . بۇنى بۇرۇنلا ھېس قىلغاندىم . شۇڭا ئۇنىڭ  ئەدىۋىنى راسا بىر بەرمىسەم بولمايتتى. ئەمما ئۇنىڭ نەرىگە ئۇرسام مېنىڭمۇ شۇ يېرىمنىڭ ئاغرىپ كېتىشى غەلتە ئىش – دە ؟ ئۇ كىم  ، مەنچۇ ؟! ... ئويلىغانسىرى ھەمە ئىش مۇرەككەپلىشىپ ، قالايمىقانلىشىپ كېتىۋاتاتتى . بارغانچە مەن ئۆزۈمگە تازا ئىشىنەلمەيۋاتاتتىم . JlnmG<WLT  
Gl>\p  
<< ئۇنى چوقۇم ئۆلتۈرۋېتىش كېرەك >> دېگەن ئوي خىيالىمدىن يالت قىلپ كەچتى . شۇ ئان يۈركۈم ۋىژىلداپ ئېچىشىپ ئاغرىپ كەتتى . ئەمما مەن ھەممىدگە چىداپ ، ئۇنىڭ تۇيۇقسىز تۇرغان پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ بوغۇپلا ئۆلتۈرۋەتمەكچى بولۇپ : 5@5 *}[M  
`+n0a@BVB  
- ساڭا ئۆزۈمنى بىر تېتىتىپ قويمىسام ئوغول بالا بولماي كېتەي – دەپ ۋاقىرىغىنىمچە ئۇنىڭغا قاراپ ئەسەبىيلىك بىلەن ئېتىلدىم . توساتتىن يەردىن ئۈنۈپ چىققاندەكلا ئوخشاش كىيىنگەن بىر توپ ئادەم << بىز ئۇزاقتىن بىرى ئىزدەپ يۈرگەن كىپەن ئوغرىسى دەل مۇشۇ ، قاراڭلار قېچىپ يۈرۈپ ساقال – بۇرۇتلىرى ئۆسۈپ مايمۇندىن ئايرىۋالغۇسىز بولۇپ كەتكىننى ... >> دېيىشكىنىچە يوپۇرلۇپ كىلىپ ئۇدۇل كەلگەن يېرىمگە مۇشت ، دۇمبالارنى ياغدۇرۋەتتى ... باش – كۆزلىرىمدىن قىپقىزىل قانلار تۆكۈلەتتى ... مەن ئارقا – ئارقىدىن تېگۋاتقان تاياقلارنىڭ زەربىسىگە بەرداشلىق بېرەلمەي گۇپپىدە يىقىلدىم . ئۇلار ئەسەبىلەشكىنىچە باش – كۆزلۈرۈمگە مۇشت – تېپىكلەرنى ياغدۇرۋەتتى ... مەن چىدىيالماي << سەمىمىلىك ، ئادىللىق ، مېھرى – مۇھەببەت قېنى ... >> دەپ ئەلەملىك توۋلىغىنىمچە بۇياقتىن ئۇياققا ، ئۇياقتىن بۇياققا دۇملاشقا باشلىدىم ... /C8}5)  
}OEL] 5  
- ۋايجان ! ۋاي بېشىم ! ! – مەن ئاغرىق ئازابىغا چىدىيالماي ۋاقراپ تاشلىدىم . 0 8)f  
bRu 9*4t  
خوتۇنۇم دەر ھال چىراقنى ياندۇرۇپ كارۋاتتىن چۈشۈپ يېنىمغا كەلدى . ئۇنىڭ ئوڭ – سولى ئۆچكەندى . =J1V?x=l@  
YApC|R,^  
- ۋاي ئاللاھ سىزگە نىمە بولدى ؟ يەنە قارا بېسىپ قاپتۇ – دە ؟ ... كارۋاتتىن چۈشۈپ كېتىپسىزغۇ ... ماڭا يېقىن يېتىڭ دېسەم ئۇنمايسىز خۇددى مەن يەۋىتىدىغاندەك ... ۋاي خۇدايىم بېشىڭىز قاناپ كىتىپتىغۇ .... ~u$ cX1M  
; +\h$  
مەن خوتۇنۇمنىڭ تەشۋىش ، قورقۇنۇش ، ئەندىشە تۆكۈلۈپ تۇرغان كۆزلىرىگە قارىدىم . قەلبىمنى بىر خىل غەشلىك چىرمىماقتا ئىدى . !(q@sw(  
=u}~\ 'd  
مەن كۆرگەن چۈشلەر دائىم ئوڭ تارتاتتى . ھەي – ھەي بۇ قېتىم مىنى يەنە قانداق قىسمەتلەر كۈتۈپ تۇرغاندۇ ؟ ! ... t)j$lmQn  
_OG9wi(Fpx  
  {v0r'+`  
zI[<uvxzW`  
[ بۇ يازمىنىyulgunدە2011-02-06 10:58قايتا تەھرىرلىد ]


كەلگەن جايى: چوققا
tv
دۇنيا بىر كۈندۇر ئۇ بولسىمۇ بۈگۈن.
دەرىجە: باشقۇرغۇچى

UIDنومۇر: 3881
نادىر تېما: 3
يازما: 906
ئۇنۋان:مۇنبەرداش ھازىرغىچە906دانە
شۆھرىتى: 1598 قېتم
مۇنبەر پۇلى: 14647 يۈەن
تۆھپە: 1446 قېتم
ياخشى باھا: 763 قېتىم
تورىدكى ۋاقىت: 5144(سائەت)
دەرىجىڭىز:دەرىجىڭىز:31دەرىجە<br> توردىكى ۋاقتى:5144 سائەت<br>كېيىنكى دەرىجىڭىزنىڭ ئۆسشىگە:126 سائەت قالدى.
تىزىملاتقىنىغا:298 كۈن بولدى
كىرمىگىنىگە:10 كۈن
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2011-01-16
ئاخىرقى كىرگەن: 2011-11-10
تۇنجى ئىنكاس  يوللىغان ۋاقىت: 2011-02-06 11:01
ھەممىنى | خەت چوڭلىقى: كىچىك نورمال چوڭ

ھەي بۇرادەر   ھەقىقەتەن ياخشى يېزىپسىز،بىراق ۋەقەلىكنىڭ داۋامى باردەكلا،بۇ  ھىكايە  چالا  بۇپقالغاندەكلا   تۇيۇلىۋاتىدۇ-يا؟ w#)u+^-  
&SxF"pYV  
k~AtnI  
يا   بۇ  سىزنىڭ،ھىكايىنىڭ  يىڭى  ئۇسلۇبىمۇ؟ مەن چۈشىنەلمەي  قالدىممۇ  يا؟ cEa8l~GC<  
odca?  
ئىشقىلىپ،ياخشى يېزىپسىز...ئىجادىيىتىڭىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن


ئۇۋا بۇزغاننىڭ ئۇۋىسى بولارمۇ ؟
كەلگەن جايى: چوققا