ئالدىنقى تېماكېيىنكى تېما
بۇ تېما 1968 قېتىم كۆرۈلدى
تېما : چۈش ۋەھىمىسى(ھېكايە)
دەرىجە: ئالىي ئەزا

UIDنومۇر: 19
نادىر تېما: 30
يازما: 323
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە323دانە
شۆھرىتى: 954 قېتم
مۇنبەر پۇلى: 13187 يۈەن
تۆھپە: 763 قېتم
ياخشى باھا: 668 قېتىم
تورىدكى ۋاقىت: 6470(سائەت)
دەرىجىڭىز:دەرىجىڭىز:35دەرىجە<br> توردىكى ۋاقتى:6470 سائەت<br>كېيىنكى دەرىجىڭىزنىڭ ئۆسشىگە:180 سائەت قالدى.
تىزىملاتقىنىغا:521 كۈن بولدى
كىرمىگىنىگە:0 كۈن
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2010-06-07
ئاخىرقى كىرگەن: 2011-11-10
باش تىما  يوللىغان ۋاقىت: 2011-02-06 10:49
ھەممىنى | خەت چوڭلىقى: كىچىك نورمال چوڭ

0
تېما:چۈش ۋەھىمىسى(ھېكايە)
يوللىغۇچى:yulgun | يوللىغان ۋاقىت :2011-02-06 10:49 | كۆرۈلۈش قېتىم سانى:1968

باشقۇرۇش ئەسكەرتمىسى: بۇ يازما sansiz0903 تەرىپىدىن نادىرلاندى(2011-02-06)
چۈش ۋەھىمىسى
(ھېكايە)
تۇرغۇن پەيزۇللا يۇلغۇن s\;/U|P_  
  lKsn6c,]  
      ... قەبىرستان ئېچىلىپ قالغان باش – قول ، پۇت سۆڭەكلىرى ... مىژىلداپ يۈرگەن قۇرۇتلار ... ئۇياقتىن – بۇياققا ، بۇياقتىن – ئۇياققا ئۇچۇپ يۈرگەن تۈرلۈك ھاشارەتلەر ... قولتۇقلىرى قىپقىزىل بولۇپ كەتكەن ئوغلاقتەك كېلەلەر ... r? /Uu&  
]Ucw&B* @  
بەش ئالتە مىتىر ئۇزۇنلۇقتىكى مۈڭگۈزلۈك يىلانلار ... بەتبۇي سېسىق پۇراق ... MDlH[PJ@i  
~q3O,bb{   
كىمدۇر بىرى قەبىرىستانلىقنىڭ ئۇ بېشىدىن ماڭا قاراپ كەلمەكتە . ئىككىمىزنىڭ ئارلىقى بارغانسىرى قىسقارماقتا ، قورقۇنۇچلۇق بىر ئاياق تىۋىشى يۈرۈكۈمگە بىگىزدەك سانچىلىپ ، تۇيغۇلىرىمنى ئاستىن – ئۈستىن قىلۋەتمەكتە . ئۇ ماڭا قاراپ كەلمەكتە ،  مەن ئۇنىڭغا  قاراپ ئىلگىرلىمەكتە ئىدىم . توۋا قىلدىم خۇداھىم ، مەن ئاينەك كۆرۋاتقاندىمەن : ئۇنىڭ بوي تۇرىقى ، چىراي شەكلى ، قېشى ، بۇرۇتى .... قىسقىسى ھەممىلا يېرى ماڭا قۇيۇپ قويغاندەكلا ئوخشايتى . مەن بۇنىڭغا زادىلا ئىشەنمەيتىم ، بۇنداق بولىشىغا زادىلا تەن بەرگۈم كەلمەيتى . ئۇنىڭغا تازا زەڭ سېلىپ قارىدىم ، راستىنلا ئۇنىڭ بوي تۇرىقىدىن تارتىپ كىينىشلىرىگىچىمۇ ماڭا ئوخشايتى . مەن كۆزۈمنى يۇمۇپ ئېچىپ ، ئېچىپ يۇمۇپ قايتا – قايتا قارىغان بولساممۇ ئەھۋال يەنىلا ئوخشاش . ئۇ ماڭا قۇيۇپ قويغاندەكلا ئوخشايتى . مەن تۇرۇپلا ئكزۈمدىن قاتتىق گۇمانلىنىشقا اشلىدىم . كۆڭلۈم چىۋىن يىۋالغاندەكلا . ئۇ زادى كىم ئۇ ؟ ماڭا نىمانچىلا ئوخشايدۇ ؟ شۇ تاپتا بوۋام ، مومامدىن كىچىك چېغىمدا ئاڭلىغان جىن ئالۋاستى ، شاياتۇنلار توغرىسىدىكى ئەپسانە ، راۋايەتلەر كۆز ئالدىمغا كىلۋېلىپ ، تېنىمنى شۈركۈندۈرىۋەتتى . شۇ ماڭا قاراپ كېلۋاتاتتى ، مەن ئۇنىڭغا قاراپ كېتىپ باراتتىم . ھەر ئىككىمىز بىر – بىرىمىزگە قاراپ كۈلۈمسىرەيتۇق . كۈلكىمىز شۇ قەدەر مىسكىن ، شۇ قەدەر ھەسرەتلىك ... ئارلىقىمىز بارغانچە قىسقارماقتا ، ئون قەدەم ... بەش قەدەم ... ئۈچ قەدەم ... بىر قەدەم قالغاندا مەن توختىدىم ، ئۇممۇ توختىدى . ئىككىلىمىز توختىدۇق كېلىشىۋالغاندەكلا ، مەن ئۇنىڭغا قارىدىم ، ئېچ – ئىچىمگە توشۇپ كەتكەن دەرد – ھەسىرەت ، غەزەپ – نەپرەت كۆزلىرىمدىن ئوت بولۇپ يېنىشقا باشلىدى ، ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن ئېتىلىپ چىقىۋاتقان غەزەپ – نەپرەت ، ئۆچمەنلىك ، قايغۇ – ئەلەملەر كۆزلىرىدىن گۈلخان بولۇپ ئېتىلىپ چىقىپ ، پۈتۈن ۋۇجۇدۇمغا تۇتاشتى ...  8oJl ]  
e#*3X4<\K  
ئۇ تۇيۇقسىز ، يارلانغان شىردەك ئېتىلىپ كىلىپ ، گېلىمدىن بوغۇپ ، جېنىمنى تېنىمدىن << غىققىدە >> چىقىرۋەتسە ... يېنىدا پىچىقى بولسا شارتتىدە سۇغرۇپ ئېلىپ ، كۆكرىكىمگە تىقىپ قويۇپ – قېچىۋەتسە ... تاپانچىسى بولسا مېڭەمگە دەل ئېتىپ ، قېتىقىنى ھەريان چېچىۋەتسە ... پۈتۈن بەدىنىم بەزگەك بولغاندەك لاغىلداپ تىتىرەشكە باشلىدى . قورقۇنىمدىن ئارقامغا بىر قەدەم داجىدىم ، ئۇ ئالدىغا بىر قەدەم ماڭدى ... مەن ئارقامغا چېكىنگەنسىرى ئۇ مېنى قىستاپ كىلەتتى ... ئاخىرى ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇشقا كۆزۈم يەتمىگەندىن كىيىن ، زور غەيرەتكە كىلىپ تېتىرەڭ ئاۋاز بىلەن سورىدىم : Or? )Nlg6x  
["D!IqI :  
- سەن ... سەن ... Z[nHo'  
<[[yV  
كۆرۈپ تۇرۇپسەنغۇ ، مەن ئادەم ، قورقما ، ئەرۋا ئەمەس . 2fTuIS<yr  
$9X+dvu*  
- ئىسمىڭ ... "SMJ:g",  
5?^#v  
تۇرغۇن ، - ئكزۈمگە بولغان گۇمانىم تېخىمۇ كۈچىيىپ كەتتى . B $g\;$G  
y^C5_w(^jZ  
- داداڭ كىم – سوردىم ئالدىراپ . A`uHZCwJ5  
j,.M!q]  
- پەيزۇللا ، - ئالاقىزادىلىك ، ۋەسۋىسە ، ئېيتىپ تۈگەتكۈسىز بىر مۇجمەللىك قەلبىمنى چىرمىۋالدى . 6bPxEILm  
;O}%SCF7  
- مىنە ئىش قىلىدۇ ؟ on 7n4  
`PbY(6CF  
- بۇرۇن ھۆكۈمەت ئىگىلىكىدىكى بىر فىرمىدا قوي باققانكەن ، ھازىر ئۆيدە دېھقان – دۇنيادا بۇنداقمۇ ئوخشاشلىق بولامدۇ ؟ ياق ، ياق مومكىن ئەمەس . ئۇ پەلپەتىش سۆزلەۋاتاتتى ... %'1iT!g8  
`0qjaC  
- توي قىلدىڭمۇ ؟ - سورىدىم تېخىمۇ جىددىلىشىپ . 6=/sEzS'  
VNTbjn]  
- ھەئە . Z9DfwWI2nu  
@/:4beh  
ئايلىڭنىڭ ئىسمى نىمە ؟ 44 u)F@)  
qj;i03 +@  
- تۇرسۇنگۈل . YIRe__7-NU  
He=C\"  
قېيناتاڭنىڭ ئىسمى نىمە ؟ !An?<Sv$  
[P+kQBL pL  
- ئابدۇرىھىم . C>Hdp_Lm  
 $U?]^  
مەن بارغانچە قايغۇقۇپ قېلۋاتاتتىم . !+eU  
DP),~8  
- ئۇنداق بولسا سەن نىمە ئىش قىلىسەن ؟ - ئالدىراپ سوراشقا باشلىدىم . 7K.75%}  
y7>3hfn~w  
- ئىش قىلىپ ئوغرى ، بۇلاڭچى ئەمەس ، ھۆكۈمەتنىڭ تۆمۈر دەپتىرىدە ئىسمىم بار ، ئانچە – مۇنچە بىر نەرسىلەرنىمۇ يېزىپ قويىمەن تېخى .... ]jD\4\M}  
U*~-\jN1pb  
- قانچە ياشقا كىردىڭ ؟ ?^Aj\z>  
6]iU-k0b  
- بۇ يىل 7 – ئاينىڭ 18 – كۈنى 39 غا كىرىمەن . f!kZyD7  
Md~SzrU  
ئەمدى گۇمان قىلىدىغان يىرى قالمىغان ئىدى . k( Sda>-  
~Y`ys[Z m  
- بالىلىرىڭ بارمۇ ؟ {3  
$=.%IJ_MAz  
- ئىككى قىز ، بىر ئوغلۇم بار . Kn->R9Tl  
6#Z] yk+p  
- ئىسمىلىرى . I-^sJ@V;  
`"65 _?B i  
- گۈلدىيار ، گۈلنىگار ، ئىليار . 32K& IfV  
>fYcr#i0[  
مەن چەكسىز ۋەسۋىسە ، سارسىمگە چۈشتۈم . باياتىندىن بىرى قەلبىمنى قاپلىغان ئازاپ كەلكۈنى باغرىمنى يىلاندەك چېقىشقا باشلىدى ... بۇنىڭسىز دەردلىرىم يېتىپ ئاشاتتىغۇ ؟! ... ئۇ تۇرغۇن پەيزۇللا بولسا ، مەن كىم ؟ ... بۇ قەبىرىستانلىقتا – ئۇ نىمە ئىش قىلىدۇ ، مەنچۇ ؟ ! ... بۇ قانداق بولغىنى دەيمەن ئەمدى ؟ ... بۇ بىر ئوقۇشماسلىق ... ئۇقۇشماسلىق بولسا مۇشۇنداقمۇ ئۇقۇشماسلىق بولامدۇ ... قۇرۇپ كەتسۇن بۇنداق ئۇقۇشماسلىقلار ... ئۇ ئېيتتىغۇ ، ئېيتقانلىرىنىڭ ھەممىسى راست . ئۇنداق بولسا مەن ئۇنىڭ سىياقىغا كىرىۋالغان جىنمۇ مەن ؟ ياق ، ياق ئۇ مىنىڭ سىياقىمغا كىرۋالغان ئالۋاستى . ئاھ خۇدايىم ئۇ ئىككىمىزنىڭ قايسىمىز راست ، قايسىمىز يالغان ، قانداق ئايرىغۇلۇق ئەمدى ؟ ... ئەگەر مەن ئۆزۈمنى يالغان دەپ ئۆيگە بارسام ، ئۇ بېرىپ خوتۇن – باللىرىمنى بوزەك ئىتىدۇ ، ئۇلارنى ئۆيدىن قوغلاپ چىقىرىپ ، خوتۇن – باللىرىنى باشلاپ كىرىپ ، ئۆيۈمنى  ئۆزىنىڭ ئۆيى قىلۋېىشى تۇرغانلا گەپ ... مەن ئاخىرى قەتئى قارارغا كىلىپ : ;<0vvP|  
; +\h$  
- سەن تۇرغۇن پەيزۇللا ئەمەس ، سەن قانچە قىلساڭمۇ مەن بولالمايسەن – دەپ گۈركىرىدىم – ئۇنىڭغا كەسكىنلىك بىلەن . _b<;n|^  
=u}~\ 'd  
- مەن دەل شۇ ، سەن ئالجىپ قاپسەن . – كۆتە قاسقىنىڭنى ، يالغان ئېيتما ، مۇتھەم ، مېنىڭ سىياقىمغا كىرۋېلىشىڭدىكى مەخسىدىڭ زادى نىمە ؟ ئېيتە مەلئۇن – مەن ئاخىر ئۆزۈمنى بېسۋالالماي كاچىتىغا كىلىشتۈرۈپ بىرنى سالدىم . << ۋايجان ! >> كاچىتىم قىززىق دەزمال يېقۋەتكەندەك قات – قېتىدىن كۆيۈشۈپ ئاغرىپ كەتتى . مەن تېخىمۇ جىلە بولۇپ ئۇنىڭ ھېلقى يېرىگە كىلىشتۈرۈپ بىرنى تەپتىم . يۈركۈمگە خەنجەر تىقىپ قوچىۋەتكەندەك بولۇپ بىر ھازاغىچە تىنالمىدىم ، پۈتۈن بەدىنىم چىلىق – چىلىق ھۆل بولۇپ كەتتى ، ئىچ – ئىچىمدە ئوت ... مەن ئۆزۈمنى – ئۆزۈم ئۇرۇپ ئويناۋاتامدىمەن نىمە ؟ ... !AXLoq$SY  
_OG9wi(Fpx  
ئۇ مىتمۇ قىلماي كۆزلۈرۈمگە قاراپ تۇراتتى . ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن يا ياشقا ، يا قانغا ئوخشىمايدىغان بىر خىل سۇيۇقلۇق مەڭزىنى بويلاپ تۆكۈلىۋاتاتتى . ... {v0r'+`  
zI[<uvxzW`  
مەن ئاخىرقى قېتىم غەيرەتكە كىلىپ : vkE]$4P[$  
SLEOc OAmD  
- كۆزۈمدىن تېز يوقال ئالۋاستى ، ماڭا نىمىشقا سايىدەكلا ئەگىشىۋالىسەن – دەپ غەزەپلىك ۋاقىرىغىنىمچە ئۇنىڭ بۇرنىغا كېلىشتۈرۈپ بىر مۇشت سالدىم ، شۇ ئان بۇرنۇمدىن كورىلداپ قان تۆكۈلىشكە باشلىدى . ئۇ مېنىڭ شۇ تاپتىكى ھالىمغا قاراپ بىر ھازا قاقىلداپ كۈلگەندىن كىيىن ، كۆزلىرىمگە بىگىزدەك قادىلىپ تۇرۇپ : *eHa4I  
Y\WQ0'y  
- تولا ھەددىڭدىن ئاشما ، يېتىپ ئۆلگىچە – ئېتىپ ئۆل دەپتىكەن ، ھېلى بىكار كۆرگۈلىكىڭنى كۆرسىتىپ ، ئانا ، ماناڭنىڭ ئالۋاستىسىنى بىرىپ ، تۇغۇلغىنىڭغا تويغۇزۋېتىمەن ، سەن ئىلگىرىكى ئۆزۈڭگە زادىلا ئوخشىماي قاپسەن ، ئەسلىڭنى ئۇنتۇپسەن ، توغرا يولۇڭدىن ئېزىپسەن – دېمەسما ، ئاچچىقتىن ئۆزۈمنى قويىدىغان يەر تاپالماي قالدىم ، ئىچىمنى مۆشۈك تاتىلاۋاتقاندەك ئارامسىزلىنىپ كەتتىم ... O>~@>/#  
wL~A L  
ئەمدى ئۆزۈمنى ئۇنىڭغا تازا بىر تېتىتىپ قويمىسام بولمايتى ، ئاقىۋىتى قانداق بولۇشىدىن قەتئى نەزەر شۇنداق قىلمىسام مەن ئەركەكلىككە داغ تەككۈزگەن بولاتتىم . بۇنى بۇرۇنلا ھېس قىلغاندىم . شۇڭا ئۇنىڭ  ئەدىۋىنى راسا بىر بەرمىسەم بولمايتتى. ئەمما ئۇنىڭ نەرىگە ئۇرسام مېنىڭمۇ شۇ يېرىمنىڭ ئاغرىپ كېتىشى غەلتە ئىش – دە ؟ ئۇ كىم  ، مەنچۇ ؟! ... ئويلىغانسىرى ھەمە ئىش مۇرەككەپلىشىپ ، قالايمىقانلىشىپ كېتىۋاتاتتى . بارغانچە مەن ئۆزۈمگە تازا ئىشىنەلمەيۋاتاتتىم . 3:xx:Jt  
5{(4%  
<< ئۇنى چوقۇم ئۆلتۈرۋېتىش كېرەك >> دېگەن ئوي خىيالىمدىن يالت قىلپ كەچتى . شۇ ئان يۈركۈم ۋىژىلداپ ئېچىشىپ ئاغرىپ كەتتى . ئەمما مەن ھەممىدگە چىداپ ، ئۇنىڭ تۇيۇقسىز تۇرغان پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ بوغۇپلا ئۆلتۈرۋەتمەكچى بولۇپ : ;-"!p  
eV!(a8  
- ساڭا ئۆزۈمنى بىر تېتىتىپ قويمىسام ئوغول بالا بولماي كېتەي – دەپ ۋاقىرىغىنىمچە ئۇنىڭغا قاراپ ئەسەبىيلىك بىلەن ئېتىلدىم . توساتتىن يەردىن ئۈنۈپ چىققاندەكلا ئوخشاش كىيىنگەن بىر توپ ئادەم << بىز ئۇزاقتىن بىرى ئىزدەپ يۈرگەن كىپەن ئوغرىسى دەل مۇشۇ ، قاراڭلار قېچىپ يۈرۈپ ساقال – بۇرۇتلىرى ئۆسۈپ مايمۇندىن ئايرىۋالغۇسىز بولۇپ كەتكىننى ... >> دېيىشكىنىچە يوپۇرلۇپ كىلىپ ئۇدۇل كەلگەن يېرىمگە مۇشت ، دۇمبالارنى ياغدۇرۋەتتى ... باش – كۆزلىرىمدىن قىپقىزىل قانلار تۆكۈلەتتى ... مەن ئارقا – ئارقىدىن تېگۋاتقان تاياقلارنىڭ زەربىسىگە بەرداشلىق بېرەلمەي گۇپپىدە يىقىلدىم . ئۇلار ئەسەبىلەشكىنىچە باش – كۆزلۈرۈمگە مۇشت – تېپىكلەرنى ياغدۇرۋەتتى ... مەن چىدىيالماي << سەمىمىلىك ، ئادىللىق ، مېھرى – مۇھەببەت قېنى ... >> دەپ ئەلەملىك توۋلىغىنىمچە بۇياقتىن ئۇياققا ، ئۇياقتىن بۇياققا دۇملاشقا باشلىدىم ... [5' HlHK  
445JOP  
- ۋايجان ! ۋاي بېشىم ! ! – مەن ئاغرىق ئازابىغا چىدىيالماي ۋاقراپ تاشلىدىم .  \xp0n  
FR6 W-L  
خوتۇنۇم دەر ھال چىراقنى ياندۇرۇپ كارۋاتتىن چۈشۈپ يېنىمغا كەلدى . ئۇنىڭ ئوڭ – سولى ئۆچكەندى . =c \(]xX  
s:l H4B  
- ۋاي ئاللاھ سىزگە نىمە بولدى ؟ يەنە قارا بېسىپ قاپتۇ – دە ؟ ... كارۋاتتىن چۈشۈپ كېتىپسىزغۇ ... ماڭا يېقىن يېتىڭ دېسەم ئۇنمايسىز خۇددى مەن يەۋىتىدىغاندەك ... ۋاي خۇدايىم بېشىڭىز قاناپ كىتىپتىغۇ .... 4z P"h0  
muXP5MO  
مەن خوتۇنۇمنىڭ تەشۋىش ، قورقۇنۇش ، ئەندىشە تۆكۈلۈپ تۇرغان كۆزلىرىگە قارىدىم . قەلبىمنى بىر خىل غەشلىك چىرمىماقتا ئىدى . 'qEw]l  
o:v_I{  
مەن كۆرگەن چۈشلەر دائىم ئوڭ تارتاتتى . ھەي – ھەي بۇ قېتىم مىنى يەنە قانداق قىسمەتلەر كۈتۈپ تۇرغاندۇ ؟ ! ... HqsqUS3[  
z\<,}x}V  
  ?8kFAf~  
p,k1*|j  
[ بۇ يازمىنىyulgunدە2011-02-06 10:58قايتا تەھرىرلىد ]


كەلگەن جايى: چوققا
tv
~ئانا تۇپراق-ئۆز تۇپرىقىم ~
دەرىجە: باشقۇرغۇچى

UIDنومۇر: 24
نادىر تېما: 12
يازما: 1977
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1977دانە
شۆھرىتى: 2720 قېتم
مۇنبەر پۇلى: 31532 يۈەن
تۆھپە: 2493 قېتم
ياخشى باھا: 1612 قېتىم
تورىدكى ۋاقىت: 11991(سائەت)
دەرىجىڭىز:دەرىجىڭىز:48دەرىجە<br> توردىكى ۋاقتى:11991 سائەت<br>كېيىنكى دەرىجىڭىزنىڭ ئۆسشىگە:249 سائەت قالدى.
تىزىملاتقىنىغا:521 كۈن بولدى
كىرمىگىنىگە:0 كۈن
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2010-06-07
ئاخىرقى كىرگەن: 2011-11-10
تۇنجى ئىنكاس  يوللىغان ۋاقىت: 2011-02-06 12:55
ھەممىنى | خەت چوڭلىقى: كىچىك نورمال چوڭ

سىزنى قارا بېسىپ قېلىشى سىزنىڭ كەلگۈسى قەدىمىڭىزنىڭ بېشارىتى بولۇشى مۇمكىن . پات-پات قارا باسسا ئەقىدىڭىزگە يات قىلمىشلاردىن تېيىپ ياخشى ئادەم بولۇشقا ئىنتىلىسىز . سىز خۇددى ماڭا ئوخشاشلا چۈش كۆرىدىكەنسىز ، تەبىرى ياخشى بولغاي ئىلاھىم ! مۇشۇنداق ئەمەلىيەتكە يېقىن ، رېئاللىقنى چىقىش قىلغان ئەسەرلىرىڭىزنى كۆرۈپ تۇرۇشنى خالايمىز .


ئانا تۇپراق-بىزنى ئەبەدىي ئۆز قۇچىقى ئارقىلىق يۈكسەكلىككە ئېرىشتۈرگۈچى مۇنبەت تۇپراقتۇ ، ئۇنىڭ قىممىتى بىباھادۇر ~
كەلگەن جايى: چوققا