ئالدىنقى تېماكېيىنكى تېما
بۇ تېما 1958 قېتىم كۆرۈلدى
تېما : چۈش ۋەھىمىسى(ھېكايە)
دەرىجە: ئالىي ئەزا

UIDنومۇر: 19
نادىر تېما: 30
يازما: 323
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە323دانە
شۆھرىتى: 954 قېتم
مۇنبەر پۇلى: 13187 يۈەن
تۆھپە: 763 قېتم
ياخشى باھا: 668 قېتىم
تورىدكى ۋاقىت: 6470(سائەت)
دەرىجىڭىز:دەرىجىڭىز:35دەرىجە<br> توردىكى ۋاقتى:6470 سائەت<br>كېيىنكى دەرىجىڭىزنىڭ ئۆسشىگە:180 سائەت قالدى.
تىزىملاتقىنىغا:521 كۈن بولدى
كىرمىگىنىگە:0 كۈن
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2010-06-07
ئاخىرقى كىرگەن: 2011-11-10
باش تىما  يوللىغان ۋاقىت: 2011-02-06 10:49
ھەممىنى | خەت چوڭلىقى: كىچىك نورمال چوڭ

0
تېما:چۈش ۋەھىمىسى(ھېكايە)
يوللىغۇچى:yulgun | يوللىغان ۋاقىت :2011-02-06 10:49 | كۆرۈلۈش قېتىم سانى:1958

باشقۇرۇش ئەسكەرتمىسى: بۇ يازما sansiz0903 تەرىپىدىن نادىرلاندى(2011-02-06)
چۈش ۋەھىمىسى
(ھېكايە)
تۇرغۇن پەيزۇللا يۇلغۇن D}X\Ca"h  
  HC,Se.VYS  
      ... قەبىرستان ئېچىلىپ قالغان باش – قول ، پۇت سۆڭەكلىرى ... مىژىلداپ يۈرگەن قۇرۇتلار ... ئۇياقتىن – بۇياققا ، بۇياقتىن – ئۇياققا ئۇچۇپ يۈرگەن تۈرلۈك ھاشارەتلەر ... قولتۇقلىرى قىپقىزىل بولۇپ كەتكەن ئوغلاقتەك كېلەلەر ... {{p7 3'u  
~R92cH>L  
بەش ئالتە مىتىر ئۇزۇنلۇقتىكى مۈڭگۈزلۈك يىلانلار ... بەتبۇي سېسىق پۇراق ... !Q0w\j h  
BR yl4  
كىمدۇر بىرى قەبىرىستانلىقنىڭ ئۇ بېشىدىن ماڭا قاراپ كەلمەكتە . ئىككىمىزنىڭ ئارلىقى بارغانسىرى قىسقارماقتا ، قورقۇنۇچلۇق بىر ئاياق تىۋىشى يۈرۈكۈمگە بىگىزدەك سانچىلىپ ، تۇيغۇلىرىمنى ئاستىن – ئۈستىن قىلۋەتمەكتە . ئۇ ماڭا قاراپ كەلمەكتە ،  مەن ئۇنىڭغا  قاراپ ئىلگىرلىمەكتە ئىدىم . توۋا قىلدىم خۇداھىم ، مەن ئاينەك كۆرۋاتقاندىمەن : ئۇنىڭ بوي تۇرىقى ، چىراي شەكلى ، قېشى ، بۇرۇتى .... قىسقىسى ھەممىلا يېرى ماڭا قۇيۇپ قويغاندەكلا ئوخشايتى . مەن بۇنىڭغا زادىلا ئىشەنمەيتىم ، بۇنداق بولىشىغا زادىلا تەن بەرگۈم كەلمەيتى . ئۇنىڭغا تازا زەڭ سېلىپ قارىدىم ، راستىنلا ئۇنىڭ بوي تۇرىقىدىن تارتىپ كىينىشلىرىگىچىمۇ ماڭا ئوخشايتى . مەن كۆزۈمنى يۇمۇپ ئېچىپ ، ئېچىپ يۇمۇپ قايتا – قايتا قارىغان بولساممۇ ئەھۋال يەنىلا ئوخشاش . ئۇ ماڭا قۇيۇپ قويغاندەكلا ئوخشايتى . مەن تۇرۇپلا ئكزۈمدىن قاتتىق گۇمانلىنىشقا اشلىدىم . كۆڭلۈم چىۋىن يىۋالغاندەكلا . ئۇ زادى كىم ئۇ ؟ ماڭا نىمانچىلا ئوخشايدۇ ؟ شۇ تاپتا بوۋام ، مومامدىن كىچىك چېغىمدا ئاڭلىغان جىن ئالۋاستى ، شاياتۇنلار توغرىسىدىكى ئەپسانە ، راۋايەتلەر كۆز ئالدىمغا كىلۋېلىپ ، تېنىمنى شۈركۈندۈرىۋەتتى . شۇ ماڭا قاراپ كېلۋاتاتتى ، مەن ئۇنىڭغا قاراپ كېتىپ باراتتىم . ھەر ئىككىمىز بىر – بىرىمىزگە قاراپ كۈلۈمسىرەيتۇق . كۈلكىمىز شۇ قەدەر مىسكىن ، شۇ قەدەر ھەسرەتلىك ... ئارلىقىمىز بارغانچە قىسقارماقتا ، ئون قەدەم ... بەش قەدەم ... ئۈچ قەدەم ... بىر قەدەم قالغاندا مەن توختىدىم ، ئۇممۇ توختىدى . ئىككىلىمىز توختىدۇق كېلىشىۋالغاندەكلا ، مەن ئۇنىڭغا قارىدىم ، ئېچ – ئىچىمگە توشۇپ كەتكەن دەرد – ھەسىرەت ، غەزەپ – نەپرەت كۆزلىرىمدىن ئوت بولۇپ يېنىشقا باشلىدى ، ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن ئېتىلىپ چىقىۋاتقان غەزەپ – نەپرەت ، ئۆچمەنلىك ، قايغۇ – ئەلەملەر كۆزلىرىدىن گۈلخان بولۇپ ئېتىلىپ چىقىپ ، پۈتۈن ۋۇجۇدۇمغا تۇتاشتى ... ~M4;  
"1 M[5\Ax  
ئۇ تۇيۇقسىز ، يارلانغان شىردەك ئېتىلىپ كىلىپ ، گېلىمدىن بوغۇپ ، جېنىمنى تېنىمدىن << غىققىدە >> چىقىرۋەتسە ... يېنىدا پىچىقى بولسا شارتتىدە سۇغرۇپ ئېلىپ ، كۆكرىكىمگە تىقىپ قويۇپ – قېچىۋەتسە ... تاپانچىسى بولسا مېڭەمگە دەل ئېتىپ ، قېتىقىنى ھەريان چېچىۋەتسە ... پۈتۈن بەدىنىم بەزگەك بولغاندەك لاغىلداپ تىتىرەشكە باشلىدى . قورقۇنىمدىن ئارقامغا بىر قەدەم داجىدىم ، ئۇ ئالدىغا بىر قەدەم ماڭدى ... مەن ئارقامغا چېكىنگەنسىرى ئۇ مېنى قىستاپ كىلەتتى ... ئاخىرى ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇشقا كۆزۈم يەتمىگەندىن كىيىن ، زور غەيرەتكە كىلىپ تېتىرەڭ ئاۋاز بىلەن سورىدىم : OpYY{f  
>V}#[/n  
- سەن ... سەن ... WEi2=3dV  
q5)O%l!  
كۆرۈپ تۇرۇپسەنغۇ ، مەن ئادەم ، قورقما ، ئەرۋا ئەمەس . ^3L0w}#  
I4i>+:_J  
- ئىسمىڭ ... A{D];pE`  
@i IRmQ  
تۇرغۇن ، - ئكزۈمگە بولغان گۇمانىم تېخىمۇ كۈچىيىپ كەتتى . 'AS|ZRr/  
Gu\q%'I  
- داداڭ كىم – سوردىم ئالدىراپ . <lE <f+  
-z%^)VE  
- پەيزۇللا ، - ئالاقىزادىلىك ، ۋەسۋىسە ، ئېيتىپ تۈگەتكۈسىز بىر مۇجمەللىك قەلبىمنى چىرمىۋالدى . x-&@wMqkc  
lchPpm9  
- مىنە ئىش قىلىدۇ ؟ P:MT*ra*,  
<1${1A <Wa  
- بۇرۇن ھۆكۈمەت ئىگىلىكىدىكى بىر فىرمىدا قوي باققانكەن ، ھازىر ئۆيدە دېھقان – دۇنيادا بۇنداقمۇ ئوخشاشلىق بولامدۇ ؟ ياق ، ياق مومكىن ئەمەس . ئۇ پەلپەتىش سۆزلەۋاتاتتى ... z/@slT  
@O^6&\s>  
- توي قىلدىڭمۇ ؟ - سورىدىم تېخىمۇ جىددىلىشىپ . )cMh0SGcM1  
@>Km_Ax  
- ھەئە . 5f K_Aq{  
A0 C,tVd  
ئايلىڭنىڭ ئىسمى نىمە ؟ ^'{Fh"5  
gu.}M:u  
- تۇرسۇنگۈل . -3Z,EaG^  
2B&3TLO  
قېيناتاڭنىڭ ئىسمى نىمە ؟ y'nK>)WG4  
/dI&o,sA  
- ئابدۇرىھىم . u.m[u)HQ  
.2Elr(&*h  
مەن بارغانچە قايغۇقۇپ قېلۋاتاتتىم . LxSpctiNx  
l'E*=Rn  
- ئۇنداق بولسا سەن نىمە ئىش قىلىسەن ؟ - ئالدىراپ سوراشقا باشلىدىم . K)|G0n*qS  
By",rD- r  
- ئىش قىلىپ ئوغرى ، بۇلاڭچى ئەمەس ، ھۆكۈمەتنىڭ تۆمۈر دەپتىرىدە ئىسمىم بار ، ئانچە – مۇنچە بىر نەرسىلەرنىمۇ يېزىپ قويىمەن تېخى .... :g=qz~2Xk  
sW'AjI  
- قانچە ياشقا كىردىڭ ؟ x,@B(9No  
X Dm[Gc>(~  
- بۇ يىل 7 – ئاينىڭ 18 – كۈنى 39 غا كىرىمەن . d_E/8R_$L  
hPkWCoQpq  
ئەمدى گۇمان قىلىدىغان يىرى قالمىغان ئىدى . M@H;pJ+B  
S8wLmd>  
- بالىلىرىڭ بارمۇ ؟ U!?_W=?  
%XoiVlT@:  
- ئىككى قىز ، بىر ئوغلۇم بار . 2M#Q.F  
l \!fj#  
- ئىسمىلىرى . lH x^D;m6  
M2>Vj/  
- گۈلدىيار ، گۈلنىگار ، ئىليار . TA`1U;c{n  
c%2QZC  
مەن چەكسىز ۋەسۋىسە ، سارسىمگە چۈشتۈم . باياتىندىن بىرى قەلبىمنى قاپلىغان ئازاپ كەلكۈنى باغرىمنى يىلاندەك چېقىشقا باشلىدى ... بۇنىڭسىز دەردلىرىم يېتىپ ئاشاتتىغۇ ؟! ... ئۇ تۇرغۇن پەيزۇللا بولسا ، مەن كىم ؟ ... بۇ قەبىرىستانلىقتا – ئۇ نىمە ئىش قىلىدۇ ، مەنچۇ ؟ ! ... بۇ قانداق بولغىنى دەيمەن ئەمدى ؟ ... بۇ بىر ئوقۇشماسلىق ... ئۇقۇشماسلىق بولسا مۇشۇنداقمۇ ئۇقۇشماسلىق بولامدۇ ... قۇرۇپ كەتسۇن بۇنداق ئۇقۇشماسلىقلار ... ئۇ ئېيتتىغۇ ، ئېيتقانلىرىنىڭ ھەممىسى راست . ئۇنداق بولسا مەن ئۇنىڭ سىياقىغا كىرىۋالغان جىنمۇ مەن ؟ ياق ، ياق ئۇ مىنىڭ سىياقىمغا كىرۋالغان ئالۋاستى . ئاھ خۇدايىم ئۇ ئىككىمىزنىڭ قايسىمىز راست ، قايسىمىز يالغان ، قانداق ئايرىغۇلۇق ئەمدى ؟ ... ئەگەر مەن ئۆزۈمنى يالغان دەپ ئۆيگە بارسام ، ئۇ بېرىپ خوتۇن – باللىرىمنى بوزەك ئىتىدۇ ، ئۇلارنى ئۆيدىن قوغلاپ چىقىرىپ ، خوتۇن – باللىرىنى باشلاپ كىرىپ ، ئۆيۈمنى  ئۆزىنىڭ ئۆيى قىلۋېىشى تۇرغانلا گەپ ... مەن ئاخىرى قەتئى قارارغا كىلىپ : F^t DL:  
HV!m8k=6  
- سەن تۇرغۇن پەيزۇللا ئەمەس ، سەن قانچە قىلساڭمۇ مەن بولالمايسەن – دەپ گۈركىرىدىم – ئۇنىڭغا كەسكىنلىك بىلەن . oWim}Er=  
?FeYN+qR  
- مەن دەل شۇ ، سەن ئالجىپ قاپسەن . – كۆتە قاسقىنىڭنى ، يالغان ئېيتما ، مۇتھەم ، مېنىڭ سىياقىمغا كىرۋېلىشىڭدىكى مەخسىدىڭ زادى نىمە ؟ ئېيتە مەلئۇن – مەن ئاخىر ئۆزۈمنى بېسۋالالماي كاچىتىغا كىلىشتۈرۈپ بىرنى سالدىم . << ۋايجان ! >> كاچىتىم قىززىق دەزمال يېقۋەتكەندەك قات – قېتىدىن كۆيۈشۈپ ئاغرىپ كەتتى . مەن تېخىمۇ جىلە بولۇپ ئۇنىڭ ھېلقى يېرىگە كىلىشتۈرۈپ بىرنى تەپتىم . يۈركۈمگە خەنجەر تىقىپ قوچىۋەتكەندەك بولۇپ بىر ھازاغىچە تىنالمىدىم ، پۈتۈن بەدىنىم چىلىق – چىلىق ھۆل بولۇپ كەتتى ، ئىچ – ئىچىمدە ئوت ... مەن ئۆزۈمنى – ئۆزۈم ئۇرۇپ ئويناۋاتامدىمەن نىمە ؟ ... L_uVL#To  
^& tZ  
ئۇ مىتمۇ قىلماي كۆزلۈرۈمگە قاراپ تۇراتتى . ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن يا ياشقا ، يا قانغا ئوخشىمايدىغان بىر خىل سۇيۇقلۇق مەڭزىنى بويلاپ تۆكۈلىۋاتاتتى . ... "$Z= %.3Q  
QT<}] 0  
مەن ئاخىرقى قېتىم غەيرەتكە كىلىپ : q77;ZPfs8  
x=hiQ>BIO0  
- كۆزۈمدىن تېز يوقال ئالۋاستى ، ماڭا نىمىشقا سايىدەكلا ئەگىشىۋالىسەن – دەپ غەزەپلىك ۋاقىرىغىنىمچە ئۇنىڭ بۇرنىغا كېلىشتۈرۈپ بىر مۇشت سالدىم ، شۇ ئان بۇرنۇمدىن كورىلداپ قان تۆكۈلىشكە باشلىدى . ئۇ مېنىڭ شۇ تاپتىكى ھالىمغا قاراپ بىر ھازا قاقىلداپ كۈلگەندىن كىيىن ، كۆزلىرىمگە بىگىزدەك قادىلىپ تۇرۇپ : j9x<Y]  
<CYd+! (  
- تولا ھەددىڭدىن ئاشما ، يېتىپ ئۆلگىچە – ئېتىپ ئۆل دەپتىكەن ، ھېلى بىكار كۆرگۈلىكىڭنى كۆرسىتىپ ، ئانا ، ماناڭنىڭ ئالۋاستىسىنى بىرىپ ، تۇغۇلغىنىڭغا تويغۇزۋېتىمەن ، سەن ئىلگىرىكى ئۆزۈڭگە زادىلا ئوخشىماي قاپسەن ، ئەسلىڭنى ئۇنتۇپسەن ، توغرا يولۇڭدىن ئېزىپسەن – دېمەسما ، ئاچچىقتىن ئۆزۈمنى قويىدىغان يەر تاپالماي قالدىم ، ئىچىمنى مۆشۈك تاتىلاۋاتقاندەك ئارامسىزلىنىپ كەتتىم ... /og=IF2:  
SO|NaqWa  
ئەمدى ئۆزۈمنى ئۇنىڭغا تازا بىر تېتىتىپ قويمىسام بولمايتى ، ئاقىۋىتى قانداق بولۇشىدىن قەتئى نەزەر شۇنداق قىلمىسام مەن ئەركەكلىككە داغ تەككۈزگەن بولاتتىم . بۇنى بۇرۇنلا ھېس قىلغاندىم . شۇڭا ئۇنىڭ  ئەدىۋىنى راسا بىر بەرمىسەم بولمايتتى. ئەمما ئۇنىڭ نەرىگە ئۇرسام مېنىڭمۇ شۇ يېرىمنىڭ ئاغرىپ كېتىشى غەلتە ئىش – دە ؟ ئۇ كىم  ، مەنچۇ ؟! ... ئويلىغانسىرى ھەمە ئىش مۇرەككەپلىشىپ ، قالايمىقانلىشىپ كېتىۋاتاتتى . بارغانچە مەن ئۆزۈمگە تازا ئىشىنەلمەيۋاتاتتىم . 6y%qVx#!  
LEbB(x;@  
<< ئۇنى چوقۇم ئۆلتۈرۋېتىش كېرەك >> دېگەن ئوي خىيالىمدىن يالت قىلپ كەچتى . شۇ ئان يۈركۈم ۋىژىلداپ ئېچىشىپ ئاغرىپ كەتتى . ئەمما مەن ھەممىدگە چىداپ ، ئۇنىڭ تۇيۇقسىز تۇرغان پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ بوغۇپلا ئۆلتۈرۋەتمەكچى بولۇپ : dh`K`b4I  
]_mb7X>  
- ساڭا ئۆزۈمنى بىر تېتىتىپ قويمىسام ئوغول بالا بولماي كېتەي – دەپ ۋاقىرىغىنىمچە ئۇنىڭغا قاراپ ئەسەبىيلىك بىلەن ئېتىلدىم . توساتتىن يەردىن ئۈنۈپ چىققاندەكلا ئوخشاش كىيىنگەن بىر توپ ئادەم << بىز ئۇزاقتىن بىرى ئىزدەپ يۈرگەن كىپەن ئوغرىسى دەل مۇشۇ ، قاراڭلار قېچىپ يۈرۈپ ساقال – بۇرۇتلىرى ئۆسۈپ مايمۇندىن ئايرىۋالغۇسىز بولۇپ كەتكىننى ... >> دېيىشكىنىچە يوپۇرلۇپ كىلىپ ئۇدۇل كەلگەن يېرىمگە مۇشت ، دۇمبالارنى ياغدۇرۋەتتى ... باش – كۆزلىرىمدىن قىپقىزىل قانلار تۆكۈلەتتى ... مەن ئارقا – ئارقىدىن تېگۋاتقان تاياقلارنىڭ زەربىسىگە بەرداشلىق بېرەلمەي گۇپپىدە يىقىلدىم . ئۇلار ئەسەبىلەشكىنىچە باش – كۆزلۈرۈمگە مۇشت – تېپىكلەرنى ياغدۇرۋەتتى ... مەن چىدىيالماي << سەمىمىلىك ، ئادىللىق ، مېھرى – مۇھەببەت قېنى ... >> دەپ ئەلەملىك توۋلىغىنىمچە بۇياقتىن ئۇياققا ، ئۇياقتىن بۇياققا دۇملاشقا باشلىدىم ... UN;H+gNnN  
jiV<+T?  
- ۋايجان ! ۋاي بېشىم ! ! – مەن ئاغرىق ئازابىغا چىدىيالماي ۋاقراپ تاشلىدىم . n71r_S*  
Gv!2f  
خوتۇنۇم دەر ھال چىراقنى ياندۇرۇپ كارۋاتتىن چۈشۈپ يېنىمغا كەلدى . ئۇنىڭ ئوڭ – سولى ئۆچكەندى . =1FRFZI!j  
{NmWQyEv  
- ۋاي ئاللاھ سىزگە نىمە بولدى ؟ يەنە قارا بېسىپ قاپتۇ – دە ؟ ... كارۋاتتىن چۈشۈپ كېتىپسىزغۇ ... ماڭا يېقىن يېتىڭ دېسەم ئۇنمايسىز خۇددى مەن يەۋىتىدىغاندەك ... ۋاي خۇدايىم بېشىڭىز قاناپ كىتىپتىغۇ .... $B 2JT9  
9N#_( uwt  
مەن خوتۇنۇمنىڭ تەشۋىش ، قورقۇنۇش ، ئەندىشە تۆكۈلۈپ تۇرغان كۆزلىرىگە قارىدىم . قەلبىمنى بىر خىل غەشلىك چىرمىماقتا ئىدى . |B?m,U$A!  
p,5i)nEFj  
مەن كۆرگەن چۈشلەر دائىم ئوڭ تارتاتتى . ھەي – ھەي بۇ قېتىم مىنى يەنە قانداق قىسمەتلەر كۈتۈپ تۇرغاندۇ ؟ ! ... *.ll<p+(-  
.KB^3pOpx  
  }Sm(]y  
dc+>m,3$  
[ بۇ يازمىنىyulgunدە2011-02-06 10:58قايتا تەھرىرلىد ]


كەلگەن جايى: چوققا
tv
دەرىجە: ئالىي ئەزا

UIDنومۇر: 19
نادىر تېما: 30
يازما: 323
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە323دانە
شۆھرىتى: 954 قېتم
مۇنبەر پۇلى: 13187 يۈەن
تۆھپە: 763 قېتم
ياخشى باھا: 668 قېتىم
تورىدكى ۋاقىت: 6470(سائەت)
دەرىجىڭىز:دەرىجىڭىز:35دەرىجە<br> توردىكى ۋاقتى:6470 سائەت<br>كېيىنكى دەرىجىڭىزنىڭ ئۆسشىگە:180 سائەت قالدى.
تىزىملاتقىنىغا:521 كۈن بولدى
كىرمىگىنىگە:0 كۈن
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2010-06-07
ئاخىرقى كىرگەن: 2011-11-10
تۇنجى ئىنكاس  يوللىغان ۋاقىت: 2011-07-05 10:17
ھەممىنى | خەت چوڭلىقى: كىچىك نورمال چوڭ

قېرىنداشلىرىمنىڭ سەمىمىي ئىنكاسلىرىغا رەخمەت. يىتەرسىزلىكلەرنى كۆرسىتىپ بەرسە دېگەن ئۈمىدتە مەن.


كەلگەن جايى: چوققا