تۇرمۇش دوقاللىرىدا
wlEo"BA <@Fy5k-%. { ھىكايە }
K&U7H: l$jxLZ ?x0pe4^If ياز مەۋسۇمى،ھاۋا ئادەم تىنجىقىپ قالغۇدەك دەرىجىدە تىنجىق...
|-CnT:|o سەن بۈگۈن تارىتقان بىر تالاي تەنقىد ۋە خورلۇقنىڭ ئازابىنى يۈدۈپ،ئېغىرلاشقان قەدەملىرىڭ بىلەن دائىملىق ماڭىدىغان توپىلىق يول بىلەن ئۆيۈڭگە كېتىۋاتىسەن.يېزا يولى،دېھقانلار يانتاق،قۇمۇشلارنى يولغا يېيىۋېتىدۇ.يولدىن ئۆتكەن-كەچكەن ھارۋىلار ئۇلارنى چەيلەپ،يۇمشىتىپ بىرىدۇ.بۈگۈن نېمىشقىدۇر سىنىپىڭدىن بىراقلا ئون ئىككى نەپەر ئۇقۇغۇچى كەلمىگەن،شۇنىڭغا ئۈلگۈرۈپلا مائارىپ ئىدارىسىدىن{{ سۈپەت تەكشۈرۈش،سىناق ئىمتىھان ئېلىش }}ئۈچۈن باھالاش گۇرۇپپىسى چىقتى.تاللايدىغان سىنىپلار ئۈچۈن تاشلىغان چەكنىڭ نەق ساڭا چىقىپ قالغىنى...
/g$G_} سىنىپىڭدا ئۇقۇغۇچى ئاز،سان تۇلۇق ئەمەس،ئېدارىدىن چىققانلارنىڭ ئاچچىقلىنىشلىرى...مەكتەپ مۇدىرىنىڭ كايىشلىرى...
j$TwL; سەن ئاچچىق خىيال،بۈگۈنكى خورلۇق-ئەلەملەرنىڭ قاينىمىدا ئېزىلىپ كىتىۋاتقىنىڭدا،چىممىدە قىلغان ئاغرىقتىن ۋايجان دەپ ئىڭراپ تاشلىدىڭ،يولدىكى يانتاق يازلىق ئايىغىڭنىڭ ئاراچلىرىدىن كىرىپ پۇتۇڭغا ئۆز تىكىنىنى سانجىپ ئۈلگۈرگەنىدى...ئېچىشىپ كىتىشلىرى...قان چىقىۋاتىدۇ،بۈگۈن سەن ھەقىقەتەن بىئارام،سەن يانتاقنى پۇتۇڭغا ئەمەس،يۈرىكىڭگە سانچىلغاندەك ھىس قىلدىڭ.ئىختىيارسىز يۈرىكىڭنى قاماللىدىڭ...
`)Z!V?&