ئالدىنقى تېماكېيىنكى تېما
بۇ تېما 3803 قېتىم كۆرۈلدى
تېما : مەن تۇغماس ئەمەس (ساپ تىلەك)
بىر مىللەتتە ساپ ئەقىل، ساپ ئەخلاق، ساپ تىلەك بو  ..
دەرىجە: ئالىي ئەزا
UIDنومۇر: 42
نادىر تېما: 11
يازما: 539
ئۇنۋان:تېرىشچان ھازىرغىچە539دانە
شۆھرىتى: 295 قېتم
مۇنبەر پۇلى: 6060 يۈەن
تۆھپە: 168 قېتم
ياخشى باھا: 86 قېتىم
تورىدكى ۋاقىت: 6958(سائەت)
دەرىجىڭىز:دەرىجىڭىز:36دەرىجە<br> توردىكى ۋاقتى:6958 سائەت<br>كېيىنكى دەرىجىڭىزنىڭ ئۆسشىگە:62 سائەت قالدى.
تىزىملاتقىنىغا:518 كۈن بولدى
كىرمىگىنىگە:23 كۈن
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2010-06-08
ئاخىرقى كىرگەن: 2011-10-16
باش تىما  يوللىغان ۋاقىت: 2011-01-31 11:28
ھەممىنى | خەت چوڭلىقى: كىچىك نورمال چوڭ

0
تېما:مەن تۇغماس ئەمەس (ساپ تىلەك)
يوللىغۇچى:saptilak | يوللىغان ۋاقىت :2011-01-31 11:28 | كۆرۈلۈش قېتىم سانى:3803

باشقۇرۇش ئەسكەرتمىسى: بۇ يازما bayawan تەرىپىدىن نادىرلاندى(2011-01-31)
مەن تۇغماس ئەمەس
|r3eq4$Am  
ھېكايە
I *}:C  
ساپ تىلەك
Lp{l& -uQ  
LfK <%(:  
eQYW>z'%,  
f#5mX&j  
1. مەن ھامىلدار بولدۇم
Ho\z ^w+T`  
1_<'S34  
     7-ئاينىڭ تۇمۇز ئاپتىپى ئادەمنى ئىزىلەڭگۈ قىلۋىتىدىكەن. ئۈچ سائەتلىك چۈشلۇك دەم ئىلىشتىن كېيىن ئىسسىقتا ئىرىنچەكلىك بىلەن ئىشخانىغا كەلدىم. ئىشخانىغا كىرىپلا يەنە بۇرۇنقىدەك خىزمەت دېسە باش چۆكۇرۇپ ئىشلەيدىغان ئادىتىم بويىچە بۇ ئايلىق ئىستاستىكا جەدىۋىلىنى ئەستايىدىللىق بىلەن ئىشلەشكە تۇتۇندۇم. جەدىۋەلنى ئىشلەۋىتىپ تۇيۇقسىز ئاچچىقسۇ، لازىلىرى تىتىغان سېرىق ئاشنىڭ مەزىلىك پۇرىقى بۇرنۇمغا گۇپپىدە ئۇرۇلدى-دە، سېرىق ئاش يىگىم كىلىپ ئورنۇمدا زادىلا ئولتۇرالماي قالدىم. قىززىق، بۇرۇن مەندە زادىلا بۇنداق ئىش كۆرۇلۇپ باقمىغان ئىدى. يەنە يىرىم سائەت ئىشلىۋىتىپ ئاندىن چىقاي دەپ ئويلىغان بولساممۇ ئەمما پۇتۇن ئەس-يادىم سېرىق ئاشتا بولغاچقا ئاخىرى سىرتقا قاراپ يۈگۈرۈپ دېگۇدەك چىقىپ، ئىدارىمىزنىڭ قارشىسىدىكى كىچىك سودا بازىرىغا كېلىپ، بىر ئوروندا ئولتۇرۇپ سېرىق ئاش بۇيرۇتتۇم. بىر چوكا سېرىق ئاشنى مەزە قىلىپ يۇتتۇم. يەنە بىر چوكا سېرىق ئاشنى ئاغزىمغا سىلىشىمغا كۆڭلۇم شۇنچىلىك ئاينىدىكى پۇلنى ئۈستەل ئۇستىگە تاشلاپلا، ئاغزىمنى قولۇمدا تۇسقانچە ئىشخانىغا يۇگۇردۇم. ئىشخانامنىڭ يىنىدىكى تازىلىق ئۆيىگە ئارانلا ئۈلگۇرۇپ كىرىپ بىرنەچچە قېتىم قۇرۇق ھۆ قىلىۋەتتىم. كۆزلىرىمدىن ياش قويۇلۇپ، ئۆپكەم ئاغىزىمدىن چىقىپ كەتكەندەك بولۇپ كەتتىم. ئىشخانىغا كىرىپ ئېغىزىمنى سۇ بىلەن چايقىۋىتىپ ئورۇندۇققا ئۆزەمنى تاشلاپ بىرھازا ئولتۇرۇپ ئۆزۇمگە كەلگەندەك بولدۇم-دە، ئاندىن قىلۋاتقان ئىشىمنى قولۇمغا ئالدىم. يىرىم سائەت ئىشلە-ئىشلىمەي يەنە سېرىق ئاشنىڭ پۇرىقى پۇرىغىلى تۇردى. كۆزۇمگە سېرىق ئاش كۆرۇنۋىدى يەنە كۆڭلۇم ئاينىپ تازىلىق ئۆيىگە يۇگۇردۇم. 《 توۋا نېمە بولدۇم مەن》 دەپ ئويلىدىم كۆڭلۇمدە. ئىشخانىغا ئەمدى كىرىشىمگە ئىشىك چىكىلىپ بۆلۇم مۇدىرىمىز ئايشەم ھەدەم ئىشخانىغا كىردى. 2M|jWy_  
      _ۋاي خۇدا، نېمە بولدىڭىز دىلبەر؟_دېدى تۇرقۇمغا قاراپ ھەيران بولغان ئايشەم ھەدەم. مەن بايىقى ئەھۋاللارنى ئايشەم ھەدەمگە سۆزلەپ بەردىم. N(F9vZOs  
      _ئادىتىڭىز قانداق؟_دەپ سورىدى ئايشەم ھەدەم گەپلىرىمنى ئاڭلاپ. n1!uaUC  
      _6-ئاينىڭ 3-كۈنى ھېساب بولسا، بۈگۈن، ھە توپ-تۇغرا 13 كۈن بوپتۇ كەينىگە سۇرۇلۇپ كەتكىلى،_دېدىم مەن. TrHBbyqk  
      _ۋاي، ۋاي مۇبارەك بولسۇن سىڭلىم، بەكمۇ ئىنتىزار بولغان ئىدىڭىز، مانا ئېغىر بوي بوپسىز ئەمەسمۇ، سىزدىكى بۇ ئالامەتلەر پۇتۇنلەي ئېغىر بوي ئاياللاردا بولىدىغان ئالامەتلەر،_دېدى ئايشەم ھەدەم ھاياجاندىن قوللىرىمنى سىلاپ تۇرۇپ. بىراق مەن گاڭگىراپلا قالغان ئىدىم. T\2cAW5  
      _ۋاي نېمە بولدى سىزگە، خۇشال بولايمۇ دېمەيسىزغۇ،_دېدى ئايشەم ھەدەم. 0R *!o\y  
      _بۇ راستمىدۇ؟ مەن چۈش كۆرگەندەكلا بولۇپ قالدىم، بۇ چۈشۈم ئەمەستۇ ھە ئايشەم ھەدە،_دېدىم مەن ھاياجاندىن تىتىرەپ. h`jtmhoz  
      _بولدى قولىڭىزدىكى ئىشنى قويۇپ، ئۆيىڭىزگە قايتىپ يولدىشىڭىزغا بۇ خۇش-خەۋەرنى دەپ، خۇشاللىقتىن ئورتاق بەھرىمان بولۇڭلار،_دېدى ئايشەم ھەدەم، يەنە ئىرىنمەي ماڭا ئېغىر ئاياق مەزگىلىدە دىققەت قىلىدىغان ئىشلارنى سۆزلەپ ئىزىپ ئىچۇردى. 9#pl BtQ**  
      _مەن بۇ خەۋەرنى ئاۋال ئاپامغا دەيمۇ ياكى سەردارغا دەيمۇ،_دەپ سورىدىم مەن ئايشەم ھەدەمدىن. ھىچقانداق جاۋاپ بولمىغاندىن كىيىنلا ئىشخانىغا سەپ سالدىم. مەن خۇشاللىقىمدا نېمە قىلىشىمنى بىلەلمەي ئايشەم ھەدەمنىڭ ئىشخانىدىن قاچان چىقىپ كەتكىنىنىمۇ تۇيمىغان ئىدىم.  《 تۇغرا ئاۋال ئاپامغا تىلېفۇن قىلىپ ئاپامنى بىر خاتىرجەم قىلايچۇ》 دەپ ئويلاپ، ئاپامغا تىلېفۇندا بولغان ئىشلارنى بىرمۇ-بىر سۆزلەپ بەردىم. VE{t]>*-u  
     _ۋاي جىنىم بالام، سىز ئېغىر بوي بولۇپسىزغۇ، بۇ دېگەن ئېغىر ئاياق ئاياللاردا بولىدىغان ئالامەتلەر،_دېدى ئاپام ھاياجان بىلەن. 6h;$^3x$  
      مەن ئاپامنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ راستىنلا ئېغىر ئاياق بولغانلىقىمنى جەزىملەشتۇردۇم. ئۆيگە بالدۇرلا قايتىپ ساردار ئامراق تاماقلاردىن نېمىنى قىلىشنى ئويلاپ ئاخىرى بېلىقنى كۆرسەم كۆڭلۇم ئاينىشىغىمۇ باقماي بېلىق قورىمىسى تەيارلىدىم. مەن ئەزەلدىن بېلىق يىمىگەچكە بىر قاسقان پىتىر مانتا تەيار قىلىپ سەردارنىڭ كىلىشىنى تۆت كۆزۇم بىلەن كۆتتۇم. سائەتنىڭ ئىستىرىلكىسى سەككىزنى كۆرسىتىپ تۇراتتى. مەن سەردارنى كۇتكەچ ياتاق ئۆيىمىزگە جايلاشتۇرۇلغان كارۋات كىرلىكلىرىنى ئالماشتۇردۇم. ئاندىن كۆرپە، يۇتقان، ياستۇقلارنىڭ كىرلىكىنى ئالماشتۇرۇپ، پاكىز تۇرغان ئۆيلىرىمنى يەنە بىر قىتىم رەتلەپ چىقتىم. كىيىم ئىشكاۋىدىكى كىيىم-كىچەكلەرنى رەتلەپ، دەزمال سىلىشقا تىگىشلىك كىيىملەرنى دەزماللاپ ئاسقۇغا ئاستىم. قىلغىدەك ئىش قالمىغاندىن كېيىن تاماق ئۇستىلىنىڭ يېنىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان سائەتكە قارىدىم. سائەت 11 دىن ئاشقان ئىدى. 《ھەي ئېسىت، تاماقلارنى مەزىسى بىلەن يىيەلمەيدىغان بولدىدە، بوپتۇ كىرەك يوق، ئىسسىتىپ بىرەرمەن ئەمدى، ھەي بىراق شۇ كەيىپ ھالەتتە كەلمىسە بولاتتىغۇ》 دەپ ئويلىدىم. ئورۇننى سېلىپ بىردەم ياتقان بولساممۇ ئەمما ھىچ ئۇيقۇم كەلمەيتتى. يەنە ئورنۇمدىن تۇرۇپ كەتتىم. مېھمانخانىنىڭ يول تەرەپتىكى دەرىزىسىدىن سەردارنىڭ يولىغا قارىدىم. يولدا ئاندا-ساندا كەچ قالغانلار ئۇياقتىن-بۇياققا ئۆتۇشۇپ تۇراتتى. ئاسمانغا قارىدىم. بۈگۈن ئاسمان شۇنچىلىك سۈزۈك ئىدىكى، سانسىز يۇلتۇزلار كۆكتە چاراقلاپ تۇراتتى. كۆڭلۇمدە يۇلتۇزلارمۇ مېنىڭ بۇ ئالەمچە خۇشاللىقىمغا ئورتاق بولۋاتقاندەك تۇيۇلۋاتاتتى. نېمىلا دېگەن بىلەن سەككىز ئاينى ئىنتىزارلىق بىلەن ئۆتكۇزدۇم ئەمەسمۇ. ئىككى قىتىم ئادىتىم ۋاقتىدا كەلمەي سەردارنى قۇرۇق ئۆمىدلەندۇرۇپ خۇشال قىلىپ قويۇپ ئارقىدىن تىل ئىشتكەن ئىدىم. ئۇ بالىغا قانچە ئىنتىزار بولغانچە مەن شۇنچە تەڭلىك بولۇپ ئۆتىۋاتقان ئىدىم. مانا بۈگۈن ئاخىرى مۇرادىم ھاسىل بولغان ئىدى. دەرىزە تۈۋىدە ئىككى-ئۈچ سائەت ئۆرە تۇرۇپ پۇت-قۇللىرىم ئۇيۇشۇپ كەتتى. مەن سائەتنىڭ بىردىن ئاشقىنى كۆرۈپ سەردارنىڭ كەيىپ كىلىدىغىنىنى جەزىملەشتۇرۇپ، لەسسىدە بولدۇم-دە، ياتاق ئۆيگە كىرىپ ياتتىم. تۇيۇقسىز پەللەمپەيدىن  كېلىۋاتقان ئېغىر بىسىلغان ئاياق تىۋىشىنى ئاڭلاپ، يۈرەكلىرىم يىنىك سىلىپ كەتتى. سەردار كەلگەن ئىدى. ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئىشىك قاتتىق ئۇرۇلدى. مەن يۈگۈرۈپ بىرىپ ئىشىكنى ئاشتىم. ئۇ بەكلا ئېغىرلىشىپ قالغان ئىدى. سەردارنى يۆلەشكە تۇتۇندۇم، بىراق ئۇ مېنى قاتتىق بىر سىلكىىتىپ دەلدەڭشىپ بىرىپ كىرىسلودا يېتىپ قالدى. ئۇنىڭ كىيىملىرىنى، ئاياقلىرىنى يىشىپ، بېشىغا ياستۇق قويۇپ، ئۇستىگە ئەدىيالنى ياپتىم. بىردەم سەردارنىڭ يېنىدا ئولتۇرۇپ، ئۇنىڭغا ئۇزاقتىن-ئۇزاق قارىدىم، بارماقلىرىم بىلەن چاچلىرىنى يىنىك تارىدىم. مەن چىقىپ يىتىپ قالدىم. o3%+FWrVTS  
     شۇنچە كەچ يايقىنىمغا باقماي بۈگۈن بەكلا سەھەر ئورنۇمدىن تۇرۇپ كىتىپتىمەن. نامىزىمنى ئوقۇپ بولۇپ، ئۆيلەرنى يىغىشتۇرۇپ، سەردارنىڭ ئورنىدىن تۇرىشىنى كۆتتۇم. سائەتتە قاراپ تۈنۈگۈنكى تاماقنى ئىسىتماقچى بولۇپ نىيىتىمدىن ياندىم. چۈنكى سەردار ئەزەلدىن كەيىپ بولغان ۋاقىتتا قورىغان تاماقنى يىمەيتتى. مەن تۇجۇپىلەپ لازا-ئاچىقسۇلىرىنى، دورا-دەرمەكلىرىنى تىتىتىپ ئۇزۇپ تاشلاپ سۇيۇق ئاش قىلدىم. تاماق پىشقاندىن  كېيىن سەردارنى ئاۋايلاپ ئويغاتتىم. {OB\~$TH  
     _ۋاي نېمە كىچىك بالىنى پەپىلىگەندەك، نېرى بولىڭە،_دېدى سەردار ماڭا دوق قىلىپ. مەن سەل ھارسىنغان بولساممۇ ئەمما دەرھال ئۆزۇمگە كىلىپ، خۇش پىچىملىق بىلەن دەستىخان ھازىرلىدىم. سەردار بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلماي ئاش ئىچىشكە تۇتۇندى. ئۇ تامىقىنى يەپ بولغاندىن كېيىن مەن تۈنۈگۈنكى ئىشلارنى ئۇنىڭغا ھاياجان بىلەن سۆزلىدىم. 9g " ?`_  
      _نېمە، راستما؟ راستمۇ يا؟_ئۇ ياندۇرۇپ، ياندۇرۇپ سوراپ گىپىنى داۋاملاشتۇردى،_ۋاي نېمىشكە تۈنۈگۈن تىلېفۇن قىلمىدىڭىز، تىلېفۇن قىلغان بولسىڭىز مەن ئاخشام بالدۇر كىلەتتىم ئەمەسمۇ، ۋاي ئىسىت، دىمىسىمۇ ئىلگىرىكى ئەھۋالغا ئوخشىمايدىكەن، ئىدارىدىكى ئاياللارمۇ سېزىك بولسا مۇشۇنداق بولىدۇ دەۋاتاتتى. خۇدايىم ئاخىرى مۇرادىمىزغا يەتكۇزۇپتۇ، ئۆتىگەن نامازلىرىڭىزنىڭ بەرىكى بىلەن ئاخىرى بالىلىق بولىدىغان بوپتۇق مانا،_سەردار ھاياجانلىناتتى. ئۆيدە ئۇياقتىن-بۇياققا مېڭىپ سۆزلەيتتى. بىر چاغدا ئۇ مېنى دەست كۆتۇرۇۋىلىپ كارۋاتقا ئاۋايلاپ قويدى-دە، قورسىقىمنى يىنىك سىلىدى. {t9'8R3  
     _ۋىيەي، نېمە قىلىۋاتىسىز، ھازىر تېخى بىلىنمەيدىغان تۇرسا، خۇدايىم بويرىسا سىزگە بۇدرۇق ئوغۇلدىن بىرنى تۇغۇپ بىرىمەن،_دېدىم مەن سەردارنىڭ ئاجايىپ خۇشال تۇرقىنى كۆرۈپ كۆزلىرىمنى نەملەپ تۇرۇپ. C+2*m=r  
     _ياق، ياق، ئۇنداق دىمەڭ، قىز بولسىمۇ، ئوغۇل بولسىمۇ بولىۋىرىدۇ، مېنى دادا بولۇش پۇرسىتىگە ئېرىشتۇرگىنىڭىزنىڭ ئۆزىلا مەن ئۈچۈن ئالەمچە خۇشاللىق،_دېدى سەردار. n?:s/6tP  
     _مەن ئەمدى سىزنى  《دادىسى》 دەپ چاقىرىمەن،_دېدىم مەن نازلىق ئەركىلەپ. -w^E~J0*L  
     _ھە راست، بۈگۈن چۈشتىن كېيىن رۇخسەت سوراي، بىللە دوختۇرخانىغا بىرىپ تەكشۇرتۇپ، دوختۇردىن مەسلىھەت سوراپ كىلەيلى،_دېدى سەردار. ?2DYz"/')  
     بۈگۈن چۈشكىچە ئىشخانىدىكى ئىشلىرىم شۇنچىلىك ئاينىشلىق بولدى، چۈشتە ئۆيگە كىرىپ ھەيران بولدۇم، چۈنكى ئەزەلدىن قازان بېشىغا ئۆتمەيدىغان سەردار ئاخشام مەن ئەتكەن تاماقلارنى ئىسسىتىپ، ئۇستەل ئۇستىگە تىزىپ، مېنى ساقلاپ ئولتۇرغان ئىكەن. بۈگۈن چۈشتىكى تاماقنى شۇنچىلىك ھۇزۇر بىلەن يىدىم. چۈشتىن كېيىن  دوختۇرخانىغا ماڭدۇق.  يولدا كېتىۋىتىپ ئۇنى قولتۇقلىۋالدىم. ئۇ ئەزەلدىن ئۆزىنىڭ ئەرلىك سالاپىتىگە بەك ئەھمىيەت بەرگەچكە يولدا ئەزەلدىن مېنىڭ بۇنداق قىلىشىمنى يامان كۆرەتتى. بىراق بۈگۈن ئۇ ماڭا يىقىملىق كۈلۈمسىرەپ قويدى. بىز دوختۇرخانىغا كىرىپ نۆۋىتىمىزنى ساقلىدۇق. 《دىلبەر》، مەن دوختۇرنىڭ چاقىرغان ئاۋازىدىن چۆچۇپ، سەردار بىلەن بىرگە كىردۇق. دوختۇر ئەھۋالنى ئۇققاندىن كىيىن 《 B تىپلىق ئولتۇرا ئاۋازلىق تەكشۇرۇش ئاپراتى》 دا تەكشۇرتۇشنى بويرىدى. دوختۇر قورسىقىمغا تەكشۇرۇش سۇيۇقلىقىنى سۇرتۇپ بەكمۇ ئۇزۇن تەكشۇرۇپ كەتتى. قانچە ئۇزۇن تەكشۇرگەنچە مەن شۇنچە بىئارام بولۇشقا، جىددىيلىشىشكە باشلىدىم. دوختۇر تەكشۇرۇپ بولغاندىن كېيىن تەكشۇرۇش نەتىنجىسىنى قولۇمغا تۇتقۇزدى. مەن نەتىنجىنى ئىلىپ كېسەل كۆرسىتىش ئۆيىگە كىردىم. X@ jml$;$  
      _سىڭلىم، سىز ھامىلدار ئەمەسكەنسىز، _دېدى دوختۇر چىرايىمغا بەك قارىۋىتىپ. مەن بۇ گەپنى ئاڭلاپ ئارقىمغا ئۇچۇپ كەتكىلى تاسلا قالدىم. بەدەنلىرىم ياپراقتەك تىتىرەيتتى. U%U%a,rA5s  
     _ياق، ياق دوختۇر، قايتا تەكشۇرۇپ باققان بولسىڭىز، خاتا بولۇپ قالدىمىكىن،_دېدىم مەن ئۆزەمنى تۇتىۋالالماي. 8'/vW~f  
      _ئۇنداق بولمايدۇ سىڭلىم، خاتا ئەمەس، سىزدىكى بۇ ئالامەتلەرنى 《ساختا ھامىلدارلىق》 دەيمىز، بىر نەچچە كۈن دورا يىسىڭىز ئوڭشىلىپ قالىسىز، بەك ئۆمىدسىزلىنىپ كەتمەڭ، سىز تېخى ياشكەنسىز، پۇرسەت دېگەن كۆپ،_دېدى دۇختۇر. QBDi;Xzb+  
       كۆزلىرىمدىن قويۇلۋاتقان ياش كۆز ئالدىمنى خىرەلەشتۇرگەن ئىدى. دۇختۇرنىڭ ئاخىرقى گەپلىرى قۇلىقىمغا كىرمىدى. مەن شۇ تاپتا سەردارنىڭ  《دىلبەر بولدى قىلىڭ، بىز تېخى ياشقۇ، يەنە بالىلىق بولالايمىز》 دېيىشىگە بەكمۇ مۇختاژ ئىدىم. ئەپسۇس، مىڭلارچە ئەپسۇس، ئۇ ئالىقاچان يېىنىمدىن ئايرىلغان ئىدى.  
}&EPH}V2n  
;pSWu9  
2. ئۆمىدسىزلىك
P(qUx9  
L?<V KT  
      كۈنلەر بىر-بىرىنى قوغلىشىپ تولۇمۇ مەنىسىز ئۆتمەكتە ئىدى. ئائىلىدىكى بېسىم، سۇغۇق كەيپىيات پەقەت ئىشخانىغا كەلگەندىلا سەل-پەل يىنىكلەپ، ئۆزەمنى خىزمەتكە ئۇرۇش بىلەن كۆڭۈلسىزلىكلەرنى ئۇنتۇلغاندەك بولاتتىم. توي قىلىپ ئىككىنجى يىلغا قەدەم قويغان بولساممۇ مەندە ھىچبىر شەپە بولىدىغاندەك ئەمەس ئىدى. مەن ئاپامنىڭ، دۇستلىرىمنىڭ مەسلىھەتى بىلەن دوختۇرخانىغا كۆرىنىپ بىقىشنى نىيەت قىلدىم. 6uR :/PTG  
      _ياخشىكەنغۇ سىڭلىم، بالياتقۇ، تۇخۇمداننىڭ ئىقتىدارى ناھايىتى ياخشى ئىكەن، رۇھى بېسىمىڭىز بەك ئېغىردەك قىلىدۇ، سىز كەيپىياتىڭىزنى تەڭشەپ، ئۆزىڭىزنى خۇشال تۇتۇڭ. شۇ چاغدا چوقۇم ھامىلدار بولالايسىز، توي قىلىپ ئۈچ-تۆت يىلدىن كېيىنمۇ پەرزەنتلىك بولالايدىغانلار دائىم ئۇچراپ تۇردىغۇ،_دېدى دوختۇر ئايال. \*a7DuVw  
      _دوختۇر، بىر ئىلتىماسىم بار ئىدى، باشقىلاردىن ئاڭلىسام، بالياتقۇغا سۇ ماڭدۇرۇپ باقسا تېخىممۇ ئىشەنچىلىك جاۋاپقا ئېرىشكىلى بولىدىكەن، شۇڭا شۇ داۋالاشنى بىر قېتىم قىلدۇرۇپ باقسام دېگەن ئۆمىددە ئىدىم،_دېدىم مەن دوختۇرغا ئىلتىجا بىلەن تىكىلىپ. :/d#U:I  
       _ھەي، سىزگە قاراپ ئىچىم ئاغرىپ قىلۋاتىدۇ، خەق نېمە دېسە شۇنى قىلىپ باققۇلۇق ئەمەس، سۇ ماڭدۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق، مەن سىزگە بالىلىق بولالايسىز دېدىمغۇ، بەك ئىشەنمىسىڭىز چوڭ دوختۇرخانىلارغا بىرىپ بىقىڭ،_دېدى دوختۇر سەل تىرىكىپ. مەن بالىلىق بولالىشىمنى تازا جەزىملەشتۇرمىگەن بولساممۇ ئەمما قەلبىمدە پاللىدە ئۆمىد شامى يىلىنجىغاندەك بولدى. BTGPP@p4  
     مەن ناھايىلىك دۇختۇرخانىنىڭ تەكشۇرۇش نەتىنجىسىنى تېخىممۇ جەزىملەشتۇرۇش ئۈچۈن ئىككى كۈن سوراپ، ۋىلايەتلىك دوختۇرخانىغا  باردىم. تۇرقىدىن ناھايىتى پىشقانلىقى چىقىپ تۇرغان، خۇش-پىچىم خەنزۇ ئايال دوختۇر مېنى بەكمۇ ئەستايىدىل تەكشۇرۇپ چىقىپ خۇددى ناھايىلىك دوختۇرخانىدىكى دوختۇرنىڭ دېگىنىدەكلا تەكشۇرۇش نەتىنجىسىنى چىقىرىپ بەردى. 8@Y]dz gjj  
      _دوختۇر، مەن تامامەن ساغلام ئىكەنمەن، ئەمسە نېمىشقا ھامىلدار بولالمايمەن؟_دەپ سورۇدۇم راۋان خەنزۇ تىلىدا. I`zn#U'  
      _سىز ساغلامكەنسىز، ئەمدىكى مەسىلە يولدىشىڭىزدا. يولدىشىڭىزمۇ كىلىپ تەكشۇرتۇپ باقسۇن، ئاندىن مۇۋاپىق داۋالاش قىلساق بولىدۇ،_دېدى دوختۇر. c?j/ H$  
      ئۆيگە خۇشال قايتىپ كەلدىم. سەردارغا ئەھۋالنى تەپسىلى سۆزلەپ بەردىم. lc#su$xR>  
       _ھە، سىز چاتاقنى مەندە دېمەكچىما؟_دېدى سەردار زەردە بىلەن. x4R[Q&:M  
       _ياق ئۇنداق دىمىدىم، شۇ دوختۇر يولدىشىڭىزمۇ بىر قىتىم تەكشۇرتۇپ باقسا، ئاندىن مۇۋاپىق داۋالاش قىلىلى دېگەن،_دېدىم مەن ئىھتىيات بىلەن. سەردار ھەرھالدا ئويلىغىنىمدەك كاجلىق قىلىپ تۇرۋالمىدى. ئۇمۇ ناھايىلىك دوختۇرخانىغا بىرىپ كۆرۇندى. ئۇمۇ ساغلام ئىدى. بىز بىرلىكتە ۋىلايەتلىك دۇختۇرخانىغا باردۇق. سەردار تەكشۇرتۇپ چىقىپ، تەكشۇرۇش نەتىنجىسىنى مېنىمۇ ئاڭلىسۇن دەپ بىللە ئىلىپ كىردى. سەردارغا دۇختۇر قەتئىي مەسىلە يوق، ناھايىتى ساغلام دەپ دىياگىنۇز قويدى. مەن تەكشۇرۇش نەتىنجىسىدىن خۇشال بولغان بولساممۇ يەنە بىر تەرەپتىن تولۇمۇ ھەيران بولدۇم. ئاياللار بۆلىمىدىكى ھېلىقى دوختۇردىن قانداق قىلىش ھەققىدە مەسلىھەت سورىغاچ، دورا ئىلىپ قايتتۇق. l>H#\MR  
     دۇختۇرنىڭ دېگىنى بويىچە كەيپىياتىمنى ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە خۇشال تۇتۇشقا تىرىشتىم، دورىلارنىمۇ ۋاقتىدا ئىچىپ ماڭدىم. سەردارمۇ ھاراقنى ئاز ئىچىشكە  تىرىشتى. مۇشۇ يۇسۇندا دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئالتە ئاي داۋالانغان بولساممۇ ھىچقانداق شەپە بولمىدى. ۋاقىت ئۇزارغانچە كەيپىياتىمنى ھەرقانچە ياخشى تۇتۇشقا تىرىشقان بولساممۇ ئەمما ئۈنىمى بولمايۋاتاتتى. كىيىنكى ۋاقىتلاردا چوڭ دوختۇرخانىلارغىلا قاراپ ئولتۇرماستىن ئاڭلىغانلىكى دوختۇر بولامدۇ تىۋىپ بولامدۇ ھەممىسىگىلا كۆرۇندۇم. يىمىگەن دورام قالمىدى. سەردارمۇ بۇرۇنقىدىنمۇ بەتتەر ئاچچىقلىنىدىغان، ئۆيگە دەسسىگىسىمۇ كەلمەيدىغان بولۇپ كەتتى. سەردارنىڭ تۇرقىغا قاراپ مەن تېخىممۇ ئازاپلىناتتىم. l]^uVOX  
       _ھەي، بىرى كىلە،_دېدى بىر كۈنى سەردار كەيىپچىلىكتە غەزەپ بىلەن. مەن تىتىرەپ ئالدىغا باردىم. {3@/@jO?  
       _سېنىڭدىن ئىيۋۇ مىكيان ياخشى ھىي، خۇراز يېنىغا كىلىپ قويسىلا نەچچىنى تۇغىدۇ، ئېسىت ساڭا خەجلىگەن پۇللار، ساقمىش تېخى، سېنى كۆرسەملا بۇغۋەتكىم كىلىدۇ، خەپ جۇمۇ،خەپ. ئاغىينىلەرنىڭ ئالدىدا ھەجەپ بېشىمنى كۆتەرگىلى قويمىدىڭغۇ. `a98+x?JF  
       _مەندە نېمە ئامال، مېنىمۇ ساق دېدىغۇ، سىز ماڭا بۇنداق قىلىۋەرسىڭىز......... j^mAJ5  
       گېپىمنىڭ ئاخىرى تۇگىگىچە تەككەن بىر تەستەك يۈزلىرىمدىن ئوت چىقىرۋەتتى. مەن يىغلىغان پىتى ياتاق ئۆيگە كىرىپ كەتتىم. |^8l8u  
       _ھەي، تېخى ماڭا قىيداۋاتامسەن؟ ھېلى بىكا ئۇستىخانلىرىڭنى سۇندۇرۋاتماي ھە، ما كۆزۇمگە كۆرۇنمەي مەندىن نېرى يۇر جۇمۇ، ئۇقتۇڭمۇ؟_دېدى سەردار ئارقىمدىن كىرىپ كۆزلىرىمگە جۇنۇپ تۇرۇپ. b~WiE?  
      _ماقۇل، ئۇقتۇم،_دېدىم مەن ئارتۇق گەپ قىلالماي. كۈندىن-كۈنگە ئۇيقۇللىرىممۇ ئازلاپ كەتكەن ئىدى. ياتساملا تۇگىمەس خىياللارغا چۆكۈپ كىتەتتىم. گۇناھنى سەردارغا قويغۇم كەلمەيتتى، ھەم ئۆزەمگىمۇ قويمايتتى. ئەتراپتىكى كىشىلەرنىڭ گەپتە چىقىشىغا بەرداشلىق بىرەلمىگەن سەردار مەندىن بارا-بارا يىراقلاپ كىتىۋاتاتتى. بىر كۈنى ئاپام ئۆيگە ئاق لاتىغا ئورالغان بىر نەرسىنى كۆتۇرۇپ كەلدى. [N'YFb3"O  
      _بالام، ئاڭلىسام قۇشقاچنىڭ بالىسىنى تىرىك پىتى يۇتۋەتسە بۇنىڭ ئۈنىمى بەك ياخشى بولىدىكەن. نۇرغۇن ئاياللار مۇشۇ سەۋەپنى قىلىپ بالىلىق بوپتىكەن، شۇڭا بۇنى بەكمۇ تەستە تاپتىم، جىنىم بالام، قىينىلىپ كىتىدىغىنىڭىزنى بىلىمەن، شۇنداقتىمۇ كۆزىڭىزنى يۇمۇپلا يۇتۋىتىڭ، ئۇلۇغ ئاللانىڭ قۇدرىتى بىلەن بالىلىق بولۇپ قالسىڭىز ئەجەپ ئەمەس،_دېدى ماڭا ئاپام يىلىنىپ تۇرۇپ. ئۆزەمنى تۇتۋالالمىدىم، كۆزلىرىمدىن سەلدەك قويۇلۋاتقان ياشلار يۈزلىرىمنى يۇيماقتا  ئىدى.  ئۆزەمنىڭ دۇچار بولۋاتقان بۇ قىسمەتلىرىمگە يىغلايتتىم. ئاپامنىڭ قولىدا تېخى تۇكمۇ چىقمىغان بىر پارچە گۆش تۇراتتى. مەن تىترەپ تۇرغان قوللىرىم بىلەن ئاللادىن پەرزەنت ئاتا قىلىشىنى تىلەپ ھېلىقى گۆشنى يۇتۋەتتىم. مانا شۇنداق قىلىپ مەن ئەمدى سەۋەپ قىلدۇرۇشقا ئۆتكەن ئىدىم. مۇشۇ جەرياندا نۈرغۇن موللىلارنى تۇنۇپ كەتتىم. موللا ئىزدەپ شەھەر ئاتلاپ بارمىغان يىرىم قالمىدى. مۇشۇ تەرەقىدە تۆتىنجى يىلنىمۇ شەپىسىز ئۆتكۈزۋەتتىم. مانا ئەمدى سەرداردىن ئۆتۈپ قىيناپامنىڭ زەھەردەك گەپلىرى ئۇ جىنىمدىن  بۇ جىنىمغا ئۆتۈپ كېتىۋاتاتتى.   '%l<33*  
     بىر كۈنى سەردار ئاپىسىنى يوقلاشقا ماڭدى. مەنمۇ نېمىلا بولمىسۇن چوڭلارنى يوقلاپ تۇرۇشنى مۇۋاپىق كۆرگەچكە سەردار بىلەن بىللە چوڭ ئۆيگە باردىم. $0+AR)  
     _ئوغلۇم، ما ئۆيگە كىرىڭە،_دېدىم قىيىناپام ماڭا بىرنى ئالىيىۋىتىپ. سەردار ئاپىسى بىلەن ياندىكى ئۆيگە كىرىپ كەتتى. بىراق ئۇ ئۆينىڭ ئىشىكى ئوچۇق بولغاچقا ھەممە گەپ ئوقتەك ئاڭلىنىپ تۇراتتى. /*B-y$WQk  
     _ھەي بالام، ئاۋۇ تۇغماس خۇتۇننى قاچانغىچە ئۆيدە ساقلايسىز؟ بۈگۈن ھەجەپ ئىزا تارتماي بوسۇغامغا دەسسىگىلى كەپتا، بۇ بىرنىمە ئاخىرى نەسلىمىزنى قۇرۇتۇپ بولىدىغان بولدى، سىز دېگەن مېنىڭ تەۋەرۈك بىرلا بالام، ئۇنى ۋاقتىدا قويۋىتىڭ، بىلدىڭىزمۇ ئوغلۇم. 'UUIY$V[  
      ئۆرە تۇرغىدەك ماجالىم قالمىغان ئىدى، خۇددى تىكەننىڭ ئۇستىدە ئولتۇرغاندەك ئولتۇرۋاتاتتىم. ئىشىكنىڭ قاتتىق يىپىلىشىدىن ئىسىمگە كىلىپ، ئۆيدىن چىقىپ كەتتىم. ئوي-پىكىرلىرىم چىگىشلىشىپ، نېمە قىلىشىمنى بىلمەي گەڭگىراپ قالغان ئىدىم. كۆڭلۇمدە نېمىنىڭ شۇنچىلىك نۇمۇسلۇق ئىش ئىكەنلىكىنىمۇ، نېمىنى خاتا قىلغىنىمنىمۇ  بىلەلمەي بېشىم قايغاندەك كېتىپ باراتتىم. ماشىنىنىڭ قاتتىق تۇرمۇزلىنىشى بىلەن بىراۋنىڭ 《ھوي، ئۆلگىڭ بولسا باشقا يەرگە بارمامسەن، ساراڭمۇ بۇ》 دەپ تۇۋلىشىدىن ئىسىمگە كىلىپ قارىسام، ماشىنا يولنىڭ ئوتتۇرسىغا كىرىپ قالغان ئىدىم. مەن ئېغىر پۇتلىرىمنى تەستە يۆتكەپ يولنىڭ چىتىگە چىقتىم.   2dFC{US'  
     مەن يەنە چىداش قارارىغا كەلگەن ئىدىم. سەردارغا قارىسان ئۇمۇ نېمە قىلارىنى بىلەلمەي يۇرۋاتاتتى. مەن ھەرقانچە قىلساممۇ يۈرۈكىمنى چىرماپ تۇرغان قايغۇ-ھەسرەت چەمبىرىكىدىن قۇتۇلالمىدىم. ئۆمۈدۈممۇ پۇتۇنلەي ئۇزۇلگەن ئىدى. قانچە ئازاپلانسام ئۆزەمنى ئىشقا شۇنچە ئۇراتتىم. ئەمما مەن پەقەت شۇ ئازاپ يىلتىزلىرى بىلەن چىرمىلىپ كەتكەن ئىدىم.
S[n ;u-U  
ئەسكەرتىش: داۋامى ئىنكاس شەكلىدە بىرىلدى
[ بۇ يازمىنىbayawanدە2011-01-31 19:45قايتا تەھرىرلى ]


بىر مىللەتتە ساپ ئەقىل، ساپ ئەخلاق، ساپ تىلەك بولغاندىلا شۇ مىللەتنىڭ كەلگۇسىدە ئۆمۈد بار.
كەلگەن جايى: چوققا
tv
باتۇر  بېرنې  يېڭەر  بېلېملېك & ..
دەرىجە: يېڭى ئەزا
UIDنومۇر: 4328
نادىر تېما: 0
يازما: 3
ئۇنۋان:يېڭى ئەزا ھازىرغىچە3دانە
شۆھرىتى: 13 قېتم
مۇنبەر پۇلى: 130 يۈەن
تۆھپە: 13 قېتم
ياخشى باھا: 10 قېتىم
تورىدكى ۋاقىت: 1(سائەت)
دەرىجىڭىز:دەرىجىڭىز:1دەرىجە<br> توردىكى ۋاقتى:1 سائەت<br>كېيىنكى دەرىجىڭىزنىڭ ئۆسشىگە:19 سائەت قالدى.
تىزىملاتقىنىغا:280 كۈن بولدى
كىرمىگىنىگە:280 كۈن
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2011-02-01
ئاخىرقى كىرگەن: 2011-02-01
تۇنجى ئىنكاس  يوللىغان ۋاقىت: 2011-02-01 02:04
ھەممىنى | خەت چوڭلىقى: كىچىك نورمال چوڭ

بەكلا  ياخشې  يېزېپسېز   d7(g=JK<  
,cj531.  
بارېكاللا  قابېلېيېتېڭېزگە !!!!!!!!!!!! "L ,)4v/J  
.t53+<A  
يەنېمۇ  ياخشې  تېمېلارنې  يوللېشېڭېزنې   بەكمۇ  ئۈمېت  قېلېمەن!!!!


خالېغاننې  قېلېمەن دېمە  دوستۇم!!!!!!!!!!!!!!!1
كەلگەن جايى: چوققا