پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ كىشىلىك مۇناسىۋەتلىرىدىن ئۆرنەكلەر UUDZ
(جۇڭگۇ مۇسۇلمانلىرى ژورنىلى 2010-يىللىق 4-ساندا ئېلان قىلىنغان) ^-dhz88wV
NzG] nsw
>/9on.
(T1d!v"~"
پۈتۈن مۇسۇلمانلارغا ئەڭ ياخشى ئۆلگە1 ھېسابلانغان پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ھەققىدە ئاللاھ تائالا: «پەيغەمبەر سىلەرگە بەرگەننى ئېلىڭلار، پەيغەمبەر چەكلىگەن نەرسىدىن چەكلىنىڭلار، ئاللاھتىن قورقۇڭلار، ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ ئازابى قاتتىقتۇر»2 دېيىش ئارقىلىق پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئىتائەت قىلىشىمىزنى بۇيرۇغان.3 پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىش بىز مۇسۇلمانلارنىڭ ئىلاھى بۇرچى ۋە دىنىمىزنىڭ تەقەززاسى. بىز مۇسۇلمان بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن شەخسى ھاياتىمىز ۋە كىشىلىك مۇناسىۋەتلىرىمىزدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ئۆلگە قىلىشىمىز كېرەك. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلىرىغا قانداق مۇئامىلە قىلاتتى؟ ساھابىلەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا قانداق ئىتائەت قىلاتتى؟ بۇلاردىن خەۋەردار بولۇپ شۇ بويىچە يول تۇتۇشىمىز ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ شەخسى تۇرمۇشىنى ۋە ساھابىلىرى بىلەن بولغان ھاياتىنى بىلىشىمىزگە توغرا كىلىدۇ. تۆۋەندە ھەدىسلەردىن پايدىلىنىپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ ھەقتىكى سۆز-ھەرىكەتلىرىنى ۋە كۆرسەتمىلىرىنى شۇنداقلا ساھابىلەرنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئىش-ئىزلىرىنى نەقىل قىلىپ ئۆتىمەن. 9 $Ud\
\>)#cEX5
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاللاھتىن ۋەھى تاپشۇرۋېلىشتىن باشقا ئىشلاردا بىزگە ئوخشاشلا ئىنسان ئىدى.4 ئىچىگە خورما قوۋزاقلىرى تىقىلغان تۈشەكتە ياتاتتى.5 پەيغەمبەر تۇرۇقلۇق ماختىنىشنى ياخشى كۆرمەيتتى.6 باشقىلارنى ئۆز خىزمىتىگە سېلىشنى ياقتۇرمايتتى. پەيغەمبىرىمىزنىڭ ھاياتىغا قارايدىغان بولساق شۇنى ئېنىق كۆرىۋالالايمىزكى، ساھابىلەرنىڭ يەيدىغان نەرسىسى يوق ئاچلىق ئىچىدە قالغان ۋاقىتلىرىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ ئوخشاشلا ئاچ ئىدى. پەيغەمبىرىمىز توق بولغان ۋاقىتلاردا بولسا ھېچبىر ساھابە ئاچ قالغان ئەمەس ئىدى.7 پەيغەمبىرىمىز ساھابىلەر بىلەن ئەڭ يېقىن دوستلاردەك ئۆتەتتى.ساھابىلەرنىڭ خۇشاللىقىغا، غەم-قايغۇلىرىغا ئورتاق بۇلاتتى.ساھابىلەرمۇ پەيغەمبىرىمىزنىڭ يېنىدا تارتىنماستىن شېئىر ئۇقۇشاتتى، چاقچاق قىلىشاتتى ۋە كۆڭۈللىرىدە نېمە بولسا ئېيتالايتتى.8 پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەر ۋاقىت ساھابىلەرنى ئالدىنقى ئۇرۇنغا قۇياتتى. مەدىنىگە ھىجرەت قىلغاندىمۇ ئەڭ دەسلەپ ساھابىلەرنى ئەۋەتكەن ۋە ئۆزى ئۇلاردىن كېيىن ھېجرەت قىلىپ بارغانىدى.9 ساھابىلەر يېڭى تۇغۇلغان بۇۋاقلىرىنى پەيغەمبىرىمىزگە ئىغىزلاندۇراتتى ئىسمىنى پەيغەمبىرىمىزگە قويغۇزاتتى.10 پەيغەمبىرىمىز ئىسلامغا زىت ساھابە ئىسىملىرىنى باشقا ئىسىمغا يۆتكىۋىتەتتى. 11 {7d\du&G
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كۈندىلىك ھاياتتا ئاددى-ساددىلىقنى ياخشى كۆرەتتى ۋە بۇ ئاددى-ساددىلىقىنى ئائىلىسىگىمۇ تەدبىقلايتتى. ئۆيلەرنىڭ ئۇرۇنسىز بېزىلىشىگە قارشى چىققان ئىدى.12 پەيغەمبىرىمىز ساھابىلەرنىڭ مۇشرىكلىك ھاياتىغا قايتىۋېلىشىدىن ئەمەس دۇنيا ھاياتىغا پۈتۈن نەپسى بىلەن بېرىلىپ كىتىشىدىن ئەنسىرەيتتى ۋە بۇنىڭ ئالدىنى ئالاتتى.13 شۇڭا مۇسۇلمانلارنى ئۆز-ئارا ياردەملىشىشكە، ھەمكارلىشىشقا ۋە ئۆزىنىلا ئەمەس باشقىلارنىمۇ ئويلاشقا تەشۋىق قىلاتتى.14 ئۆزىگە سوغات قىلىنغان يېمەك-ئىچمەكلەرنىمۇ باشقىلارغا بېرەتتى.15 يوقسۇل، ئاچ قالغان كىشىلەرنىڭ قۇرسۇقىنى تويغۇزۇپ قۇيۇشتا ئۆزى بىۋاستە ئۆرنەك بۇلاتتى. ;)'
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاياللارنىڭ يېنىدىن ئۆتكەندە ئۇلارغا سالام بېرەتتى. كىچىك بالىلارنى سۆيۈپ قۇياتتى ۋە ئۇلار بىلەن چاقچاقلىشاتتى. يېنىغا كەلگەن بالىنىڭ مەڭزىگە سۆيۈپ قۇيۇپ بولسىمۇ كۆڭلىنى خوش قىلىپ قۇياتتى.16 كېسەللەرنى يوقلايتتى ۋە ئۇلارنىڭ ھەر دائىم كۆيۈنۈشكە مۇھتاج ئىكەنلىكىنى ئەسلىتىپ تۇراتتى.17 پەيغەمبىرىمىز بامدات نامىزىدىن كېيىن ساھابىلىرىغا قۇرئان ئۇقۇپ بېرەتتى. دىندىن تەلىم بېرەتتى. ساھابىلەر ئۇقۇغان شېئىرلارنى تېڭشايتتى.18 ھەتتا ئۇلارنىڭ چۈشلىرىنىمۇ ئاڭلاپ تەبىر بېرەتتى. پەيغەمبىرىمىز ئۆزىنىڭ بۇ خىل يۈرۈش-تۇرۇشلىرى بىلەن ساھابىلەرنىڭ يۇرۇش-تۇرۇشلىرىنى ئوڭشاپ تۇراتتى ۋە خاتالىقلىرىنى تۈزۈتۈپ قۇياتتى. G&d