ئۈستىۋېشىمىزدىكىكىملىك- مىللىي كىيىم-كېچەكلىرىمىز ?I6rW JcQ6
hJ{u!:4
NSz}
(ئەبجەش خاتىرە) hU""YP~y
sWo`dZ\6WB
ئابدۇلئەھەد ئابدۇرەشىد بەرقى +_7a/3kh
<3{MS],<<
Lmte ~oBi
I@KM2KMN
قۇربان ھېيت نامىزىغا چىمەن دوپپا كىيىپ چىقتىم.ئۇيغۇرچە كىيىم-كېچەكلەر كۆزدىن بەكمۇ يىراقلاپ كېتىۋاتقان بۇ كۈنلەردە تۇيۇقسىز دوپپا كىيگۈم كېلىپ قالدى.مەن تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتىكى چاغلاردا شاپاق دوپپا،ئەنجان دوپپا دىگەندەك دوپپىلارنى كىيىشكە خۇشتار ئىدىم.چېچىم بەك قويۇق ۋە كىرپە تىكىنىدەك تىك ئۆسكەچكە،چېچىمنى يېڭى ئالدۇرغان چاغلاردا دوپپا شۇنداق يارىشاتتى.لېكىن چېچىم سەل ئۆسكەندە دوپپام بېشىمدا لەيلەپ قالاتتى. XG.[C>
1. Jr!BDg
تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئاخىرقى يىللىرى، مەكتەپتە شەپكە كىيىش مودا بولدى.شەپكىنىڭ ھەر تۈرلۈكلىرى بارلىققا كەلدى. ھەتتا بەزى بالىلار شەپكىسىنىڭ ئىچىگە ئاق شاپاق دوپپىنى قاتلاپ كىيىپ ،شەپكىسىنىڭ چوققىسىنى شىلەپە كەبى دىڭگايتىۋالاتتى.لېكىن مەن بۇ دولقۇنغا ئاۋاز قېتىپ كېتەلمىدىم.ئەمما كەتمەن شەپكىدىن بىر-ئىككىنى كىيمەيمۇ قالمىدىم.شۇ چاغدا كاللىمىزدا <<شەپكە ۋە شىلەپىنىبىر ئاز سەۋىيەلىك ،كادىر سۈپەت ئادەملەر كىيىدۇ،دوپپىنى دېھقان- چارۋۇچى،سودىگەرلەر ۋە ياكى كاللىسى بىزدىن سەل كونىچە قالغانلار كىيىدۇ>>دېگەندەك غەيرى چۈشۈنچە بار ئىدى.ئاشكارا دىمىسەكمۇ ،ئىچىمىزدە شۇنداق ئويلاتتۇق.چۈنكى، ھۆكۈمەتتىن مۇئاش ئالىدىغان ئادەملەرنىڭ كۆپىنچىسى شەپكە ياكى شىلەپە كىيەتتى. {h+8^
دېھقان-چارۋىچىلار ئاساسەن دوپپا كىيەتتى.دوپپىنىڭ ھەر خىل تۈرلىرى بار ئىدى.مەن شۇ چاغدا تەۋەلىكىمنى دېھقان –چارۋىچىلار بىلەن بىر دەپ ھىساپلامدىم ياكى دوپپىغا ئىشتىياقىم بارمۇ ،كۆڭلۈم شەپكە ۋە شىلەپىدىن كۆرە دوپپا كىيىشكە تارتاتتى.....لېكىن بۇ خىل كۆڭلى تارتىش پۈتۈنلەي ئىستىخىيىلىك بىر ھەرىكەت ئىدى. MT&aH~YB
ئالى مەكتەپكە شەپكە كىيىپ كەلدىم. لېكىن شۇ چاغدا ئۈرۈمچىدىكى ھەممە ئادەم باشتاق يۈرىدىغان تەسىر بەرگەچكە ۋە مەندىن باشقا شەپكە كىيىدىغان ئادەم كۆزگە چېلىقمىغاچقا،خۇدۈكسىرىگەندەك بولۇپ شەپكەمنى تاشلاپ باشتاق يۈرۈشكە باشلىدىم.بىر مەزگىلدىن كېيىن شۇنداق يۈرۈشكە ئادەتلىنىپ كەتتىم. دەسلەپتە كاللامدا بىر نەرسە يوقلىقى پات-پات مېنى يالىڭاچ قالغاندەك تەسىراتقا كەلتۈرۈپ تۇرغان بولسا،كېيىنرەك بۇ تەسىراتتىن پۈتۈنلەي قۇتۇلۇپ كەتتىم.ھەتتا بېشىمغا بىر نەرسە كىيىۋالسام بىر خىل بىئاراملىق ھىس قىلىدىغان كەيپىيات شەكىللەندى.مەنلا ئەمەس،يۇرتىدىن دوپپا كىيىپ، ئەتلەس كۆڭلەك كىيىپ، ياغلىق سېلىپ كەلگەن نۇرغۇن ساۋاقداشلىرىم ماڭا ئوخشاش،ئۆزىنىڭ كىملىكىنى نامايان قىلىپ تۇرغان ئاشۇ كىيىملىرىنى زامانىۋى كىيىملەرگە ئالماشتۇردى. ئەتتا ھۇشۇقىدا سويلاپ تۇرغان ئۇزۇن، توم قارا چاچلىرىنى كېسىپ ،چېچىنى بۇدرە قىلدى....ئەنە شۇنداق نۇرغۇن ۋاقىت ئۆتتى.شەھەرلەرنى ئارىلىسام ،قەدىمىم ئ.ىختىيارسىز دوپپا بازىرىغا كېتىپ قالاتتى.دوپپىدىن بىرەرنى ئېلىپ كىيىۋالغۇم كېلەتتى.بەزىدە ھەۋەسكە پايلىماي دوپپىدىن بىرەرنى ئېلىپ قوياتتىم-يۇ كىيەلمەي ئۆيدە قاتلىنىپ تۇرۇپ كونىراپ كېتەتتى.كوچىدا ئەتلەس كۆڭلەك كىيگەن قىزلارغا ھەۋەسلىنىپ قارايتتىم. كۆزۈم قىزلارنىڭ ھوشۇقىدا سويلاپ تۇرغان ئۇزۇن چاچلارنى ئىزدەيتتى.لېكىن ئۇنداق چاچ <<تېپىلماسنىڭ خورمىسىغا>> ئايلىنىپ قېلىشقا ئاز قالغان ئىدى. mF;mJq<d
كېيىن نۇرغۇن ئىشلار بولۇپ ئۆتتى.مەن ئۈرۈمچىدە نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ دوپپا كىيمەيدىغانلىقىنى،كىيسىمۇ مېيىت نامىزى،ھېيت نامىزى قاتارلىق ئاممىۋى يىغىلىشلاردا كىيىپ قويىدىغانلىقىنى، ئۇيغۇر باش كىيىمىنىڭ ئۇرۇمچىدە ئاستا-ئاستامۇراسىم كىيىمىگە ئايلىنىپ قېلىۋاتقانلىقىنى سەزدىم.رايونىمىزغا كاتتا مېھمانلار كەلسە،ئەڭ ئېسىل سوۋغا سۈپىتىدە دوپپا سوۋغا قىلىناتتى.لېكىن بەزى چاغدا ئۇچراپ قالىدىغان دوپپا تەقدىم قىلغۇچى باشتاق،مېھمان دوپپا كىيىۋالىدىغان كۆرۈنۈشلەر كۈلكەمنى قىستايتتى.خۇددى چېچىنىڭ تايىنى يوق ئادەم چاچ سوپۇنىنىڭ ئېلانىغا چىققاندەك تەسىر بېرەتتى. NbU`_^oC
بىر كۈنى مەن تونۇيدىغان بىرسى دوپپا كىيىۋاپتىكەن،بىرنەچچە ئادەم<<ئۆيىڭىزدە بىرەر ئىش يۈز بەردىمۇ>>دەپ سورىدى.ھېلىقى بۇرادەر بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ، گەپنىڭ ئورامىدىن سىزگەمۇناسىۋەتلىك بىرەر كېلىشمەسلىك ،يەنى قازايى –قەدەر بولدىمۇ؟دېگەن مەزمۇننى ھېس قىلىپ،ھەيران قالدى ۋە <<مەن ئۇيغۇر بولغاچقا،دوپپا كىيىشنى ياخشى كۆرگەچكە دوپپا كىيدىم.گەپ بارمۇ>> دەپ چەكچەيدى.ئەتراپتىكىلەر خاتا گەپ قىلىپ قويغانلىقىنى ھىس قىلىپ ،نىمە قىلىشىنى بىلمەي قېلىشتى.مەنمۇ ئىشتىن كېيىن يەنە خىيالغا چۆكتۈم.ھەقىقەتەن ھازىر <<دوپپا ئەنە شۇنداق كېلىشمەسلىككە ئۇچرىغاندا كىيىدىغان كىيىم>> دەپ قاراپ قېلىۋاتقانلار يوق ئەمەس ئىدى. Z&n[6aV'F
شۇنداق، مىللىتىمىزدىكى ئەنئەنىۋى مىللى كىيىملەرنى كىيىش ۋە باش كىيىمنى قەدىرلەش ئەنئەنىسى كىرزىسقا يۈز تۇتقان، باش كىيىملىرىمىز مۇراسىم كىيىمىگەۋە سەھنە كىيىمىگە ئايلىنىپ قېلىشقا باشلىغانىدى.ناۋادا بۇنداق ئەھۋال داۋاملىشىۋەرسە ،بىر كۈنى باش كىيىملىرىمىزمۇ سەھنىدىلا ساقلىنىپ قالغان مىللىي كىيىملىرىمىزدەك كۈنگە قېلىشى مۈمكىن ئىدى. g{yw&q[B=
بىر مىللەتنىڭ مەدىنىيەت بايلىغى ئىچىدە كىيىم-كېچەك ناھايىتى مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ.<<كىيىم- كېچەكلەر بىر مىللەتنىڭ كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان كىملىكى>>دەپمۇ قاراش مۇمكىن.مەن بەزىدە ئۈرۈمچى كوچىلىرىدا ئۆزىنىڭ مىللىي كىيىملىرى بىلەن ناھايىتى پەخىرلىنىش ئىچىدە يۈرۈۋاتقان ،قىلچە خۇدۈكسىرىمەيدىغان جەنۇبى ئاسىيا قۇرۇقلىقىدىن كەلگەن ھىندىستان، پاكىستان، ئافغانىستان ئاھالىرىنى كۆرۈپ ،ئۇلارغا زوق بىلەن قاراپ قالىمەن. باش كىيىم دىسەم،پەلەستىننىڭ مەرھۇم داھىيسى ئەراپاتنىڭ كاتەكچە باش ياغلىقىمۇ ئالاھىدە بىر ئوبراز سۈپىتىدە ئېسىمگە چۈشىدۇ. *2X~NJCt
2 o0R?vnA=
بىر كۈنى <<كىنو سەنئىتىدىن زوقلىنىش>> دېگەن دەرىستە سىنىپتىكى34 ئوقۇغۇچىغا ئۇيغۇر رايونىدىكى كىنوغا كۈچ بېرىدىغان فولكلۇر بايلىقى ھەققىدە چۈشۈنچە بەرگەچ،<<قېنى مۇشۇ سىنىپتا ئولتۇرغانلار ئىچىدە ئۇيغۇرنىڭ مىللىي كىيىمىنى كىيىپ كەلدىم دىگۈچىلەر بولسا قولۇڭلارنى كۆتۈرۈڭلار>>دەپ تەكلىپ بەردىم.ھېچكىم قولىنى كۆتۈرمىدى.<<ئۈيغۇرچە كالتە ئىشتان كىيىۋالغان بولساڭلارمۇ قولۇڭلارنى كۆتۈرسەڭلار بولىدۇ>>دېدىم مەن ئاخىرىدا.بالىلار كۈلۈشتى.لېكىن ھېچكىم قولىنى كۆتۈرمىدى. OS,!`8cw
-ئۇنداقتا بىزنىڭ مىللىي كىيىم –كېچەكلىرىمىز قايسى؟-دەپ سوئال قويدۇم ئۇلارغا. oFU:]+.+D
-دوپپا. l/G+Xj4M
-كۆڭلەك- دىدى ئۇلار بىردەم ئويلانغاندىن كېيىن. Qfn:5B]tI
-ئەتلەستىن قىلىنغان كىيىملەر-دىدى بىر قىز. +06{5-,
- يەنە بارمۇ؟ 05LkLB
سۈكۈت.... 1jg* DQ7L
-بىز ئەزەلدىن مۇشۇنداق كاستۇم- بۇرۇلكا كىيەمدۇق؟-دەپ سورىدۇم. t<8)h8eW
ئۇلار مىللىي كىيىملىرىمىز ھەققىدە بىر دەم مۇزاكىرە قىلىشتى.لېكىن ئۇلار كانۋا كۆينەك ۋە ئەتلەستىن تىكىلگەن بىر نەچچە كىيىمدىن باشقا ئۇيغۇرچە كىيىملەرنى ئېسىگە .ئالالمىدى.ئۇيغۇر تىل –ئەدىبىياتىنىڭ تولۇق كۇرۇس سىنىپىدا ئوقۇۋاتقان ،تېخى تىل –ئەدەبىيات ئوقۇتقىچىلىقىدىن كېلىپ چىققان بۇ ئادەملەرنىڭ ئۆز كىيىم –كېچەكلىرىمىز ھەققىدىكى چۈشەنچىسىنىڭ تېيىزلىقىنىڭ ئۇيغۇر تىل –ئەدەبىيات دەرىسى ئۆتىدىغان ئوقۇتقۇچىلاردا ئىپادىلىنىشى ئىدى. چۈنكى بۇ سىنىپتا شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن 34 ئادەم بار ئىدى.ئۇلار مەلۇم ۋەكىللىك سالاھىيەتكە ئىگە ئىدى.ئۇنداقتا بىزنىڭ مىللىي كىيىملىرىمىز زادى قايسى؟ بىز بۇ كىيىملەرنى قاچاندىن باشلاپ تاشلىۋەتتۇق؟بۇ كىيىملەر بىز ئەنە شۇ تاشلىغان پېتى ئۇنتۇپ كەتكۈدەك دەرىجىدە قالاق ۋە كۆرۈمسىزمۇ؟ xQFY/Z
3. kg^0 %-F
ئىچكىرىدىكى مەملىكەتلىك يىغىنغا قاتنىشىپ قايتىپ كەلگەن بىر دوستۇم شۇ يەردە ئۆزى يولۇققان بىر مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويدى. 0*XsAz1,9
-يىغىنغا باشقا ئاز سانلىق مىللەت ۋەكىللىرى مىللىي كىيىملىرىنى كىيىپ كەپتۇ.لېكىن مەن كاستۇم –بۇرۇلكا كىيىپ،چېچىمنى مايلاپ بىر <<زامانىۋى ئادەم >> سۈپىتىدە قاتناشتىم.يىغىن باشقۇرغۇچى مەندىن:<<نىمىشقا مىللىي كىيىملىرىڭىزنى كىيمىدىڭىز؟>> دەپ سورىدى،مەن :<<كاستۇم –بۇرۇلكا كىيىشنى ياخشى كۆرۈمەن>> دىدىم.مەن شۇ ۋاقىتتا،مۇشۇنداق يىغىنلارغا مىللىي كىيىم –كېچەكلەرنى كىيىپ بارسام،باشقىلاردا<<بۇ مىللەت تېخى كىيىم –كېچەكتە زامانىۋىلاشمىدىمۇ نىمە>>دىگەن تونۇشنى پەيدا قىلىپ قويامدىم،قانداق؟دېگەن ئوي بىلەن شۇنداق قىلغانىدىم. E5^\]`9P
دوستۇمنىڭ گېپى مېنى ئويغا سالدى.دوستۇم مەلۇم نۇقتىدا ئەڭ زامانىۋى كىيىنىش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ بىر زامانىۋى مىللەت ئىكەنلىگىنى بىلدۈرمەكچى بولغان. ئەمىليەتتە نۇرغۇن كىشىنىڭ مىللىي كىيىم –كېچەكلەرنى كىيىشنى خالىماسلىقى دەل <<مىللىي كىيىم –كېچەكلەر زامانغا ماس كەلمەيدۇ>> دەپ ئويلاشتىن پەيدا بولغان دەپ قاراشقا بولاتتى.بۇ نۇقتىدا دوستۇمنىڭ قارىشىنى ۋەكىللىك خاراكتىرگە ئىگە قاراش،دىيىشكە بولاتتى. d0 )725Ia
ئۇنداقتا مىللىي كىيىم –كېچەكلىرىمىز زامانىۋىلاشمىغانمۇ؟ xT+_JT65
كىيىم –كېچەكلىرىمىز نەچچە مىڭ يىللىق ئىستېتىك كۆز قارىشىمىزنىڭ تۇرتكىسىدە بارلىققا كەلگەن بىر مەدىنىيەت ھادىسىسى.كاستۇم- بۇرۇلكا ،گالۇستۇك دۇنياۋى ئورتاق كىيىم.بۇنداق كىيىملەرنى كىيىش دۇنياۋى سورۇنلاردا خېلى ئومۇملاشتى.بۇ ھەم كىشىلەرنىڭ ئىختىيارلىقىدا.غەرىپلىكلەرنىڭ ھەممىسى بىر مىللەت ئەمەس.كاستۇم –بۇرۇلكىنى قانداقمۇ ئۇلارنىڭ مىللىي كىيىمى دېگىلى بولىدۇ؟ ئەرەپلەر ،ھىندى-ئوردۇلار ئۆزىنىڭ مىللىي كىيىم –كېچەكلىرىنى كونىراپ قالدى ياكى زامانىۋى ئەمەس دەپ قارىغىنى يوق.پەقەت مۇۋاپىق سورۇنلاردا غەرىپچە كىيىم –كېچەكلەرنى كىيىش بىلەن بىللە،كۆپىنچە ھاللاردا ئۆز كىيىم كېچەكلىرىنى كىيىشنى راھەت دەپ قارىدى ياكى ئۇنى <<مىللىي كىملىكنىڭ تاشقى ئىپادىسى>> دەپ قارىدى. Lm4`O%
ئەمىليەتتە ئۇيغۇر كىيىم –كېچەكلىرىمۇ (بۇ كىيىم –كېچەكلەر ھازىر سەھنىدىلا ساقلىنىپ قالدى).ئافغان –پاكىستانلىقلارغا ئۆز مىللىي كىيىم كېچەكلىرى ياراشقاندەك يارىشاتتى.ھەتتا بۇ كىيىم –كېچەكلەر بىزنىڭ ئۆزگىچە مىللىي قىياپىتىمىزگە بەكمۇ ماس كېلىدىغان قىلىپ لايھىلىنىپ ،ئىسلاھ قىلىنىپ بۈگۈنگىچە يېتىپ كەلگەنىدى.ئۇنداقتا بىزنى شۇنداق ئويغا كەلتۈرۈپ تۇرغىنى زادى نىمە؟قانداق بىر پىسخىكا؟ ئۆزىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى ،مىللىي كىيىم –كېچەكلىرىمىزنى ياراتماس بولۇپ قالدۇقمۇ؟ ناۋادا ياراتماس بولۇپ قالدۇق دېسەك ،بۇ ماھىيەتتە، <<ئاتا- بوۋىلىرىمىزنىڭ ئەقىل –پاراسىتى ۋەبىزگە قالدۇرغان مەدەنىيەت بايلىقلىرىنى ياراتماس بولۇپ قالدۇق >> دېگەن گەپكە باراۋەر. A] |w1nq
بىر كۈنى مەن ئىككى چەت ئەللىك مېھماننى ئېلىپ ئۈرۈمچىدىكى خېلى نامى بار ئۇيغۇرچە تاماقخانا <<جام>> غا باردىم.جام تاماقخانىسىنىڭ ئالدىدا قىلىچ تۇتۇپ ،ئۇيغۇرچە مىللىي كىيىم –كېچەكلەر بىلەن تۇرغان مۇلازىمنىڭ تۇرقى چەت ئەللىكلەرنى خېلى قىزىقتۇردى. ئۇلارنىڭ كۆزىدىن مۇلازىم يىگىتنىڭ مىللىي كىيىم –كېچەكلەر بىلەن شۇنچە سۇباتلىق كۆرۈنۈپ تۇرغان ھالىتىدىن زوقلىنىۋاتقانلىقى چىقىپ تۇراتتى. L(;$(k-/(
-مېنىڭ مىللىي كىيىم –كېچەكلىرىمىزنى كىيىپ كوچىغا چىققۇم بار.بىر نەچچە قىز ئاۋاز قاتسا شۇنداق قىلاتتىم .يالغۇز شۇنداق قىلسام ،سەل خىجىل بولىدىكەنمەن.-دېدى بىر قىز مۇشۇ تېمىدا گەپ بولغاندا. ئارىمىزدا بۇنداق قارايدىغانلار ئاز ئەمەس.ئەمىليەتتە بۇ ئۆزىنىڭ مىللىي كىملىكىدىن خىجىل بولۇشتىن باشقا ئىش ئەمەس. \t!~s^ Oox
مىللىي كىيىم –كېچەكلەردىن پەخىرلىنىش- ئۇنى پەخىرلىنىپ كىيىش ۋە شۇ كىيىم –كېچەكلەرنى كىيىپ ئۆزىنىڭ مىللىي كىملىكىنى ئوچۇق –ئاشكارا دۇنياغا جاكارلىغانلىقىدىن پەخىرلىنىش-بىر خىل ساغلام پىسخىكا، خالاس.نۇرغۇن كىشى سەھنە كىيىملىرىمىزنىڭ ئەسلىدىكى مىللىي كىيىم –كېچەكلىرىمىز ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ.لېكىن بۇ كىيىملەرنى سەھنىگە خاس لايىھىلەنگەن ،دەپ قاراپ ،رىئاللىق بىلەن باغلىمايدۇ.سەھنىدە ساقلىنىپ قالغان كىيىم –كېچەكلىرىمىزنىڭ سەھنىدىلا كىيگىلى بولۇپ،ئادەتتىكى چاغدا كىيگىلى بولمايدىغاندەك تەسىرات بېرىشى ،ھەرگىز كىيىم –كېچەكلىرىمىزنىڭ رىئاللىقتىن ئايرىلىپ قالغانلىقى ئەمەس، بەلكى سەھنە ئۈچۈن تىكىلىپ ،زامانىۋى سەھنە چىراقلىرىغا ماسلاشتۇرۇش ئۈچۈن ،مەلۇم رەڭلەرنى كۆپتۈرۈۋېتىش ۋە پۇلنى تېجەيمىز دەپ كىيىمنىڭ لايىھىلىنىشىگە يارىشا ئېسىل رەخلەردىن تىكىلمەسلىكتىن كېلىپ چىققان چاكىنىلىق تۇيغۇسى ،خالاس. <r#FI8P;X
ناۋاسا مۇشۇ كىيىملەر مەلۇم دەرىجىدە ئىسلاھ قىلىنىپ ،كىيىلىپ كوچىغا چىقسا، شۇ كىيىمنىڭ يارىشىقى كىشىلەرنىڭ كاللىسىدا سىلكىنىش پەيدا قىلسا،(چوقۇم سىلكىنىش پەيدا بولىدۇ،چۈنكى بۇ كىيىملەر نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان ئاتا –بوۋىمىزنىڭ شاللاش ۋە تاۋلىشىدىن ئۆتۈپ بۈگۈنگە كەلگەن)نۇرغۇن ئادەمدە بۇ كىيىملەرنى كىيىش تەشنالىقى پەيدا قىلاتتى. ئۇنىڭدىن باشقا، كىيىم –كېچەك شىركەتلىرى مۇشۇ كىيىم –كېچەكلەر ئاساسىدا بەزى كىيىم نۇسخىلىرىنى بارلىققا كەلتۈرسە ،ئويلىمىغان ئىجتىمائى ئۈنۈم كېلىپ چىقىشى مۈمكىن ئىدى.<<ئىلچى>> كىيىم –كېچەك شىركىتىنىڭ ئەتلەس نۇسخىسىدىن پايدىلىنىپ لايىھىلەنگەن بىر تۈركۈم ئايالچە كىيىم –كېچەكلىرىنىڭ قوزغىغان ئۆزگىچە تەسىرى ۋە ئۇلارنىڭ مىللىي ئالاھىدىلىك گەۋدىلەندۈرۈلگەن بىر تۈركۈم كىيىم –كېچەكلەر بىلەن شىنجاڭ بازىرىدا پۇت تىرەپ تۇرالىشى بۇنىڭ ئىسپاتى، ئەلۋەتتە. PMytk`<`zw
4. t%Jk3W/f
مەن روزا ھېيتتا دوپپا كىيدىم. مۇشۇ جەرياندا نۇرغۇن ئىشلار كاللامدىن ئۆتتى. ئەڭ ئاخىرى شۇنداق خۇلاسىگە كەلدىمكى، مېنىڭ دوپپا كىيىشىم ئىلگىرى<<يارىشىش-ياراشماسلىق>> دېگەن نۇقتىنى ئۆلچەم قىلغان بولسا ،بۇنىڭدىن كېيىن بۇ ئۆلچەم مەن ئۈچۈن بەك مۇھىم ئەمەس.گەرچە ،ماڭا دوپپا بەك يارىشىپ كەتمىسىمۇ ،باشقىلارغا ئاجايىپ يارىشىپ ،ئۇلارنى شۇنداق سۇمباتلىق كۆرسىتىدۇ. مۇھىمى مەن دوپپا كىيىش ئارقىلىق <<مىللىي كىملىك>> ىمنى ئەتراپىمدىكىلەرگە ئۇقتۇرىمەن .بۇ ئادەتتىكى ھالدىكى كىملىكىمنى خەققە تونۇشتۇرۇشلا ئەمەس، بەلكى كىملىكىمدىن پەخىرلىنىش تۇيغۇسىنىڭ بېشىمغا تېپىپ چىقىشى ھېساپلىنىدۇ. SI!A?34
مەن بۇنىڭدىن كېيىن چوقۇم بىر نەچچە قۇر مىللىي كىيىم-كېچەك قىلدۇرىمەن. بىر كۈنلىرى دوپپا بىلەنلا ئەمەس،ئاشۇ كىيىملىرىم ئارقىلىقمۇ مىللىي كىملىكىمنى ۋە مىللىي پەخىرلىنىش تۇيغۇمنى ئەتراپتىكىلەرگە جاكار قىلىمەن. ئۇ چاغدا كىشىلەر كىيمىمگە قاراپلا كىملىكىمنى بىلەلەيدۇ.ھەرگىزمۇ ھازىرقىدەك كىملىكىمنى ئارۇلاشتۇرۇۋېتىپ يۈرمەيدۇ. `D77CC]vU
<Z%=lwtX
مەنزىل: جۇڭگو مىللەتلىرى