r4+%9) چوڭ تىپتىكى سىرلىق ، قورقۇنچلۇق ، تەشۋىشلىك ئەسەر
b5UIX Kim @?[}\9dW كىپەن ئوغىرسىنىڭ خاتىرسى
NS^+n4 Wg=4`&F^ بىرىنچى خاتىرە يەتتە يۇلتۇزلۇق لۇ بىگى
:.F;LF& hkvymHaG 18. باپ گىگانىت دەرەخ
9{n?Jy ynG@/S6)K مەن ئاۋايلاپ دىگۇدەك كاماردىن ئۆمىلەپ چىقتىم . كامارنىڭ سىرتىدىكى چوقچىيىپ چىققان كىچىككىنە قورام تاش ئۈستىدىلا دەسسەپ تۇرغىدەك بوشلۇق بار بۇلۇپ تاشنىڭ نىرىسى تىك يار ، تەخمىنەن يەر يۇزدىن 15مىتىر ئىگىزلىكتە ئىدى . ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ بىز تۇرىۋاتقان كامارنىڭ چىقىش ئىغىزىدا شامال كۈچلۇك بولغاچقا مەن ھاڭ تىمغا چاپلىشىپ تۇرغاندىلا ئەتىراپنى كۆزىتەلەيتتىم .
S"Mm_<A$@ راس گەپنى قىلسام مەن بۇ جاينى قانداق تەسۋىرلەشنى بىلمەيلا قالدىم ، كۆز ئالدىمدا تەبىئى شەكىللەنگەن پۇتبول مەيدانى چوڭلۇقىدىكى تاغ ئۆڭكۈرى تۇراتتى . ئۆڭكۈرنىڭ تورىسدا خىلىلا چوڭ يىرىق بولۇپ ئاي يورۇقى مۇشۇ يوچۇقتىن ئۆتۇپ ئۆڭكۇر ئىچىنى يورۇتىۋاتاتتى . مەن ھازىر تۇرغان جاي ئۆڭكۈرنىڭ غەربى تەرىپىدىكى تاش تام ئۈستىدە بولۇپ ئەتىراپىمدا ياماشقۇدەك ھىچقانداق نەرسە يوق ئىدى . مەن ئەتىراپىمغا كۆز يۈگىرتۈپ ئۆڭكۈر تىمنىڭ كۆپ قىسم جايلىرىدا بايا بىز ئۆمىلەپ چىققان كامارئىغىزىغا ئوخشاش نۇرغۇنلىغان كامار ئىغىزنىڭ بارلىقىنى بايقىدىم . پەمىمچە نەچچە مىڭ كامار ئىغىزى ، تۆشۇكچىلەر بار بولىشى مومكىن . ئۆڭكۈر تىمىدىكى تۆشۇكچىلەرنىڭ كۆپلىكىگە قاراپ بۇ تامغا سىانسىز دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ زەمبىرەك ئوقى تەككەن بولسا كىرەك دەپ ئويلاپ قالدىم .
}C9P-- بۇ جاينىڭ ئادەمنى ئەڭ ھەيران قالدۇرىدىغان يىرى شۇكى ؛ ئۆڭكۇر ئوتتۇرسىدا 10نەچچە قەۋەت بىنا ئىگىزلىكىدىكى ، ئون نەچچە ئادەمنىڭ غۇلىچى يەتمەيدىغان گىگانىت دەرەخ بار ئىدى . ئۇ چوڭ دەرەخنىڭ ئۇستىگە قالايمىقان تارتقان توك سىمىدەك نۇرغىنلىغان پىلەك غوللۇق ئۆسۇملۇكلار يامىشىپ كەتكەن بولۇپ بىر –بىرى بىلەن چىرمىشىپ دەرەخ ئۈستىدىكى ياماشقىلى بولىدىغان جاينىڭ ھەممىسىنى قاپلاپ كەتكەن ئىدى . غەلىتە ئۆسۇملۇكنىڭ بەزىسى دەرەخ ئۈسىتىدىن پەسكە ساڭگىلاپ قالغان ، يەنە بەزىسى دەرەخ ئاستىغىچە ئۆسۈپ يەرگە تىگپ قالغان ئىدى . ھەتتا بەزىلىرى ئۆڭكۈر تىمىدىكى كامارغا قاراپ ئۆسۈپ كامار ئىچىگە كىرىپ كەتكەن ئىدى .
cuo'V*nWQ ئومۇمەن قىلىپ ئىيقاندا ئۆڭكۈر ئىچىدىكى يامىشىش ئىمكانىيتى بار يەرنىڭ ھەممىسىدە بۇ خىل ئۆسۈملۈكنىڭ سايىسىنى كۆرگىلى بولاتتى .
dSw%Qv*y سەپسىلىپ قارىغاندا ئۆسۈملۈك چىرمىۋالغان دەرەخ شىخىغا بىر نەرسىنىڭ ئىسىقلىق تۇرغانلىنى كۆرگىلى بولاتتى . مەن دەسلەپتە بۇ گىگانىت دەرەخنىڭ مىۋىسى بولسا كىرەك دەپ ئويلىغان بىراق تىخمۇ ئىنچىكلەپ قاراپ ئىسىقلىق نەرسىنىڭ دەرەخ مىۋىسگە ئوخشىمايدىغانلىقنى ھىس قىلدىم . ئىسىقلىق نەرسىلەر بەزىدە شامالغا ئەگىشىپ يەڭگىل تەۋرىنىپ ئادەمدە ئىنتايىن غەلىتە كۆرۇش سىزىمى ھاسىل قىلاتتى .
i4^1bd ئۆڭكۇر ئاستىدا ئەتىراپى تاشتىن توسۇلغان تۆت مىتىر كەڭلىكتە كارىدۇر ياسالغان بولۇپ بۇ كارىدۇر نەزىر چىراق سۇپىسىدەك كىچىك بىر قۇرۇلۇشتىن باشلىنىپ تاكى چوڭ دەرەخنىڭ شىخى ئاستىغىچە سوزۇلغان ، ھەمدە كارىدۇرنىڭ ئاخىرلاشقان يىرىدە ئون نەچچە پەشتاقىلق تاش پەلەمپەينىڭ ياسالغانلىقىنى ، پەلەمپەي ئۈستىگە قاشتېشىدىن ياسالغان كارۋاتنىڭ قويۇلغانلىقىنى ، كارۋات ئۈستىدە بىرسىنىڭ ياتقانلىقىنى غۇۋا كۆرگەندەك بولدۇم . بىراق ئارلىق يىراق بولغاچقا ھىلىقى تاش كارىدۇردىن باشقا نەرسىلەر راسمۇ ياكى مىنىڭ تۇيغۇممۇ بۇنىڭغا ھۆكۇم قىلالمايتىم .
\rY<DxtOq سىمىز ھاياجىنىنى باسالماي :" ئاناڭنى ، پىقىر ئاخىرى ئىزدەپ تىپىپتۇ دە ! بۇ يەر چوقۇم غەربى جوۋ قەۋرىسىنىڭ مەركىزى لەھەت رايۇنى ، قاشتىېشى كارۋات ئۈستىدە ياتقىنى چوقۇم لۇشاڭ بىگىنىڭ جەسىتى ، لۇشاڭ بىگى دىگەن سولتەك ئىنساپسىز بىر نىمە ئىكەن ، باشقىلارنىڭ قەۋرىسىنى ئوغىرلىغىنى ئاز دەپ ئۆزىنىڭ جەسىتىنى باشقىلارنىڭ قەۋرىسىگە قويىۋالغىنى نىمىسى ؟ بۈگۈن مەن سىمز غوجام تەڭرى يولىنى تۇتۇپ ئۇ سولتەككە كەسپى ئەخلاقى يوق كىپەن ئوغىرسىنىڭ قانداق ئاقىۋەتكە قالدىغانلىقنى بىر تونۇتۇپ قوياي !!" دەپ ۋاقىرۋەتتى . ئۇ خۇشاللىقىدىن ئۆزىنىڭمۇ بىر كىپەن ئوغىرسى ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ ئۆزىنمۇ قوشۇپ تىللىۋەتتى .
j9]H~:g$d بۇ چاغدا پەنزې تۇيۇقسىز : " سىلەر قاراملىق بىلەن ئىش قىلماڭلار ، لۇ شىياڭ بىگى ئىنتاھىن غەلىتە ، بۇ يەردە باشقىچە بىر سىر بولىشى مومكىن ، مىنىڭچە بىز ئامال قىلىپ ئۈستىدىكى يوچۇققا يامىشىپ يەر ئۈستىگە چىقىپ كىتەيلى " دىدى .
w,v~ مەن بىشىمنى كۆتۇرۈپ تورۇسقا قاراپ ھەيران قالغىمنىدن تىلىمنى چىشلەپ سالدىم. ئۆڭكۈر تورىسىغا يامىشىپ چىقىش ئاسان گەپ ئەمەس ، ئۆڭكۈر تىمىغا ياماشتۇق دىگەن تەقدىردىمۇ تورىستىكى يوچۇققا قانداقمۇ چىقارمىز ؟ بەلكىم بىز ئۆمۈچۈك پالۋان بولساق مۇمكىن بولار ، شۇڭلاشقا سىمىزنىڭ پىكىرىنى ئاڭلاپ بىقىش ئۈچۈن سىمىزغا قارىسام سىمىزنىڭ ئاستىنقى بەدىنى ياردىن چۈشۈش ئۈچۈن ئۈزۈك ئۆڭكۈر تىمىغا ئىسىلىپ بولغان ئىدى . سىمىزنىڭ پۇت - قولىنىڭ چاققانلىقىنى بىردەمدىلا بىر - ئىككى مىتىر يامىشىپ چۈشۈپ بولغانلىقىنى كۆرۈپ توسۇش نىيتىمدىن ياندىم . سىمىز يەنە بىر كامار ئىغىزىغا يامىشىپ پۇتىنى تۆۋەن تەرەپكە يۆتكەي دىيشىگە توساتتىن كامار ئىچىدىن بىر قول ئىتىلىپ چىقىپ ئۇينىڭ پۇتىنى " كاپلا " قىلىپ تۇتۇۋالدى . سىمىز قورۇققىنىدىن چۆچۈپ كىتىپ پۇتىنى كۈچەپ سىلكىپ ھىلىقى قولنى چۈشۈرۋەتمەكچى بولىۋىدى ، ئارقىدىنلا كاماردىن بىر كىشىنىڭ ۋارقىرىغان ئاۋازى ئاڭلاندى . " مىدىرلىما ، يەنە بىر قەدەم مىدىرلىساڭ ئۆلگىنىڭ شۇ "
[W{WfJ-HwG مەن بۇ تونۇش ئاۋازنى ئاڭلاپ خۇشاللىقىمدىن سەكرەپ كەتتىم . " كەنجى تاغا ... بۇ سەنمۇ ؟ !!"
mhZ60 RW ئارقىدىنلا تۆۋەندىكى كاماردىن ئاۋاز قايىتتى . :"چوڭ جىيەنىم ... ئاناڭنى ... سەن نەلەردە يۈردۈڭ ..؟ مىنى ئەنسىرىتىپ ئۆلتۈرەيلا دىدىڭغۇ ؟ ساڭا بىرەر ئىش بولمىغاندۇ ؟ "
~99DE78 ئاڭلىسام ھەقىقەتەن كەنجى تاغامنىڭ ئاۋازى ، مەن خاتىرجەم بولۇپ چوڭ بىر نەپەس ئالغاندىن كىيىن : " ماڭا ھىچ ئىش يوق ، بىراق پەنزې يارلاندى ، ھەممىسى مۇشۇ سىمىز ھارامتاماقنىڭ كاساپىتى " دەپ ۋارقىرىدىم - دە ، ھاڭغا قاراپ بىقىش ئۈچۈن بوينۇمنى سوزۇپ پەسكە قارىدىم . سىمىز دەسسەپ تۇرغان كامار دەل مەن تۇرغان يار تەرەپكە چوقچىيىپ چىققان قۇرام تاشنىڭ ئاستىدا بولغاچقا بىر قاراپ بىشىم قىيىپ بۇ نىيتىمدىن ياندىم ، ئارقىدىنلا سىمىزنىڭ يىلىنغان ئاۋازى ئاڭلاندى : " پىشقەدەم يولداش، پۇتۇمنى قويىۋەتسىڭىز بولامدۇ ؟ "
Az"(I>VfD كەنجى تاغام ئىغىزىنى بۇزۇپ : " ئۆلگۈر سىمىز سەن زادى كىم ؟ ئاناڭنى ئازراق گەپ قىل ، قالايمىقان دەسسىمەي تىز چۈش ، بۇ غەلىتە ئۆسۈملۈكلەرگە ھەرگىز تىگىپ كەتمە ! " دەپ ۋارقىرىدى .
)r^)e4UI ئارقىدىنلا : " سىمىز قايسىسىغا تەگمەيمەن ؟ ماۋۇنىڭغىمۇ ياكى ئاۋۇنىڭغىمۇ ؟ " دەپ پۇنىڭ ئۇچىدا غەلىتە ئۆسۈملۈكلەرنى كۆرسىتىشىگە ، كەنجى تاغامنىڭ " ياق !!! " دەپ ۋارقىرىغان ئاۋازى ئاڭلىنىشى بىلەن تەڭلا ، قارىماققا ئادەتتىكىدەك كۆرىنىدىغان ياماشقاق ئۆسۈملۈك خۇددى يىلاندەك بىشىنى كۆتۈرۈپ ، دەقىقە ئىچىدە گۈلگە ئوخشاش ئىچىلدى . ياق گۈلگە ئوخشاش ئىچىلدى دىگەندىن تۈگۈگۈك مۇشتىمىنى ئاچتى دىسەم مۇاپىق بولىدۇ . بۇ نەرسە مۇنداقلا قارىسا ئالۋاستىنىڭ قولىغا ئوخشايتتى . ئۇ بىشىنى كۆتۇرۇپ ئۇزۇن تىنىنى تىكلەشتۇرۇپ سىمىزنىڭ تۇرغان جايىنى مۇقىملاشتۇردى بولغاي سىمىز قاياققا مىدىرلىسا ئۇمۇ سىمىزغا ئەگىشىپ شۇ ياققا مىدىرلايتتى . مەن غەلىتە ئۆسۇملۈكنىڭ سىمىزغا ئەگىشىپ مىدىرلىشنى كۆرۇپ ھىندىستانىڭ يىلان ئوينىتىش ئويۇنىنى كۆرگەندەك بولدۇم -دە توساتتىن چۆچۈپ كەتتىم ، ئەسلىدە پەنزې ئىككىمىز كۆرگەن بەش بارمىقى تەڭ ئالۋاستى قولى بۇ ئۆسۇملۈك ئىكەندە!
N2\lBi سىمىز ھەقىقىەتەن ئويۇنغا ئامراق ئىدى . بۇ ۋاقىتتا ئۇ بىر پۇتىدا كامار ئىغىزىغا دەسسەپ يەنە بىر پۇتىىنى ھاۋادا پۇلاڭلىتىپ چەمبىرەك ھاسىل قىلىپ غەلىتە ئۆسۇملۈكىنى ئۇسۇلغا سىلىۋاتاتتى . مەن كۆڭلۈمدە بۇ ئەبلەخكە راسلا ئىشەنگىلى بولمايدۇ ، مۇشۇنداق چاغىدىمۇ قىلۋاتقان قىلىقىنى ، ئۇنىڭ يالغۇز بىر ئۆزىنىڭ ئالتۇن قازغىلى چۇشكەنلىكى ئەجەپلىنەرلىك ئەمەسكەن ، ئەگەر ئۇ بىزگە ئەگەشسە ھامىنى بىر كۇنى بىزنى چوڭ بالاغا تىقىدۇ .......دىگەنلەرنى ئويلاۋاتسام كەنجى تاغامنىڭ ئاچچىقتىن ۋاقىرغان ئاۋازى ئاڭلاندى :" ھەي چوشقا ، بولدى قىلامسەن يوق ؟ تىز چۈشۈپ كەت " كەنجى تاغامنىڭ گىپى تۇگىمەيلا سىمىز پىشكەلچىلىككە يولۇقتى . غەلىتە ئۆسۈملۇك بىردىنلا سىمىزنىڭ پۇتىغا چىرمىشىپ بىر يۆگىشىپلا سىمىزنى تىك ياردىن چۈشۇرۋەتكىلى تاسلا قالدى ، تاش ئويدىكى چاغدا سىمىز بىلەن ئىككىمىز بىرلىشىپمۇ ئالۋاستى قولىنىڭ كۇچىگە تەڭ كىلەلمىگەن ، ھازىر سىمىز تىك يار ئۇستىدە ، كۇچىگىدەك ئورۇن ھەم ماجالى يوق . قارىسام سىمىز بولالمايلا قالدى ،شۇڭا مەن تاش پارچىسى تىپىپ ئۇ نەرسىنى سوقماقچى بولۇپ قارىسام بۇ تاقىر تاغدا كىچىكرەك تاش باردەك قىلمايتتى . مەن ئۇياق -بۇياقنى قالايمىقان سىلاپ تاش پارچىسى ئىزلەۋەتسام تۇيۇقسىز پۇتۇمغا بىر نەرسە ئۇرۇنغاندەك بولىۋىدى دەرھال بىشىمنى تۆۋەن سىكىپ پەسكە قارىدىم . چاتاق ! پۇتۇمغا قەيەردىن پەيدا بولغانلىقىنى بىلگىلى بولمايدىغان بىر ئالۋاستى قولى چاپلىشىۋالغان ئىدى . مەن دەل شۇ پەيىتتە بىر نەرسىنى تۇتىۋىلىشنى ئويلىغان بولساممۇ لىكىن ئۈلگىرەلمىدىم . ئىنتايىن كۈچلۈك بىر كۈچ <<شارىتلا >> قىلپ تارتقاندەك بولدى-دە نىمە ئىش بولغانلىقىنى ئاڭقىرالماي قارىسام ئۆزۇمنىڭ بوشلۇقتا ئۇچىۋاتقانلىقمنى بايقىدىم .
<5wk~|@t ئۇ دەقىقدىكى تۇيغۇ خۇددى ماڭا بىردىنلا قانات چىقىپ قالغاندەك بولۇپ نەچچە دەقىقىدىن كىيىن << جاققىدە >> قىلغان ئاۋاز قۇلاق تۈۋىمدە ئاڭلىنىشى بىلەن تەڭ ئۆزۇمنىڭ قانداقتۇر بىر يارگە سوقۇلۇپ كەتكەنلىكىنى بايقىدىم . سوقۇلۇشتىن كۆزۇمدىن ئوت چاقناش بىلەن تەڭلا ئىغىز -بۇرنۇمدىن قىپقىزىل قىنىم چاچىراپ چىققىنى ھەمدە پۇتۇمغا يۆگىشىۋالغان ئالۋاستى قولىنىڭ مىنى كۇچەپ پەسكە تارتىۋاتغانلىقىنى ھىس قىلدىم . دەل شۇ پەيتتە مەن ئىختىيارسىزلا قول بارماقلىرم يىرىلىپ قاناپ تىرناقلىرىم يۈلۇنۇپ كەتكۇدەك كۇچەپ تاتىلاپ ئەتىراپىمدىكى بىر نەرسىگە ئىسلىۋالماقچى بولدىميۇ بىراق ھىچ نەرسىنى تۇتالىمىدىم ، ئارقىدىنلا ئىغىرلىق كۇچىنىڭ تەسىرىدە 15 مىتر ئىگىزلىكتكى تىك ياردىن پەسكە قاراپ چۇشۇپ كەتتىمدە ئىختىايسىز كۆزۇمىنى يۇمۇپ كۆڭلۇمدە ": تۇگەشتىم ، ئۆلىدىغان بولدۇم ، قۇدرىتى چەكسز ئاللا ئىگەم ، ياتقان جايىمىنى جەننەتتە قىغايسەن ؟!!" دىگەنلەرنى ئويلىدىم .
[^4)3cj7} مەن دەل تىك ياردىن پەسكە چۇشىۈپ كىتىۋاتقان دەقىقىدە مىنىڭ ھىدىم يەنە ئۈچ - تۆت تۇپ ئالۋاستى قولىنى جەلىپ قىلغان چىغى ، ئۇلار تىك يار ئاستىدىن چاقماق تىزلىكىدە يوپۇرلۇپ ئارىسدىكى ئەڭ تومى بوغما يىلاندەك بىلىمدىن يۆگەپ ئالدى قالغانلىىرى پۇت -قولۇمغا چىرماشتى ، ئارقىدىنلا ئۆسۈملۈكنىڭ كۇچەپ يۇقىرىغا تارتىشى بىلەن تەڭ ئارقا مىڭەم يار تىمىغا قاتتىق ئۇرۇلدى -دە قۇلىقىم غوڭلىداشقا باشلاپ كۆزۈم قاراڭغۇلىشىپ ھوشىمدىن كىتەيلا دەۋاتاتتىم ، بەلكىم ھوشۇمدىن كەتكەندە ئۆلسەم ئاسانراق ، ئاغرىقسىز ئۆلەرمەن ! لىكن ئۇ دۇنياغا بارغاندا بوۋام مەندىن قانداق ئۆلدۇڭ ەپ سوراپ قالسا ھۇشمدىن كىتىپلا ئۆلدۇم دەپ جاۋاپ بەرسەم بوۋام مىنى نىمە دەر ؟ شۇ دەقىقىدە نەچچە تۇپ غەلىتە ئۆسۈملۈك مىنى ئۈسىتگە سۆرەۋاتاتتى . سۆرىلىش جەريانىدا بىشىم تاشقا تەگمىسە بەدىنىم دەرەخ شاخلىرىغا ئۈرۇلاتتى ، ئۈرۇلۇپ -سوقىلىۋىرىپ ئاغىرىقنىمۇ سەزمەس بولۇپ قالغان چاغدا رەمەتلىك بوۋام كۆزۇمگە كۆرۇنگەندەك بولدى .
S[zX@3eZV ئاخىردا ئۆزۇمىنىڭ توختاپ قالغانلىقمنى ھىس قىلغان ۋاقىتتا بىشم قىيىپ كۆڭلۇم ئىلىشىۋاتاتتى . كۆزۇمنى ئىچىشقا ئۇرۇندىميۇ بىراق ھەر قانچە قىلپمۇ كۆزۈمىنى ئاچالمىدىم ، بىر نەچچە قىتىم چوڭقۇر نەپەس ئىلىپ بارا -بارا ئىسىمگە كىلىشىم بىلەن تەڭ كۆزۈممۇ يورۇشقا باشلىدى .
QSxR@hC بۇ ۋاقىتتا مەن ئۆزۈمنىڭ ھىلىقى گگانىت دەرەخنىڭ چوڭ شىخىغا ئىسىقلىق ئىكەنلىكىمنى بايقىدىم . پەسكە ساڭگلاپ قالغان بىشىمنىڭ ئاستىدا سىرلىق جەسەت قويۇلغان جەسەت سۇپىسى بار ئىدى . مەن سەپسىلىپ قاراپ ھەيران قالدىم . ئەسلىدە جەسەت سۇپىسىنىڭ ئۈستىدە ئىككى جەسەت بولۇپ بىرسى ئايالنىڭ جەسىتى ئىدى . بۇ ئايالنىڭ جەسىتىگە يىپەك رەخىت يىپىلغان بۇلۇپ بىر جۈپ كۆزى چىڭ يۇمۇلغان چىرايىدىن بىر خىل خاتىرجەمىلىك چىقىپ تۇراتتى . ئۇنىڭ ئۈستىگە ئايالنىڭ جەستىدە ھىچبىر چىرىگەن ئالامەتلەر يوق بۇلۇپ خۇددى بايا ئۇخلاپ قالغاندەك كۆرۈنەتتى . ئۇنىڭ يىنىدا ياتقان ئەرنىڭ جەسىتىنىڭ يۇزىگە تۇلكە يۇزلۇك نىقاپ تاقالغان بولۇپ بەدىنىگە چىڭ يىپىشىپ تۇرىدىغان ساۋۇت كىيدۈرۈلگەندى . ئىككى قولىنى كۆكرىكىگە قويىۋالغان بولۇپ ئككى قولىنىڭ ئارلىقىدا قىزىل ئالتۇندىن ياسالغان قۇتا تۇراتتى .
SL O~ مەن ساۋۇت كىيگەن جەسەتكە قارسىام باشقىچىلا كۆرۇنەتتى . سىنچىلاپ قاراپ جەسەتنىڭ يۇزىدىكى نىقاپنىڭ كۆرۈش تۆشىكى ئارقىسىدىكى بىر جۈپ ئادەمىنىڭ تىنى جۇغىلدىتىدىغان غەلىتە كۆزنىڭ ئوچۇق ئىكەنلىكىنى ھەمدە ماڭا بىر خىلى سوغۇق نەزەردە قاراۋاتقانلىقىنى ھس قىلىدىم ، خۇددى ئۇنى مەن ئۆلتۇرىۋەتكەندەك !
Jiv%Opo/| )*wMDM5q f=L&>X داۋامى بار ........
nbECEQ:|B d}Y\;'2, كونا دەريا قىنى تەرجىمىسى .
Hv~&RZpe N-9Vx#i " كىپەن ئوغۇرسىنىڭ خاتىرسى "
Q/[g|" 1 – خاتىرە " يەتتە يۇلتۇزلۇق لۇ بىگى "
)#H&lH 1 – باپ ، 2 – باپ ، 3 – باپ ، 4 - باپ ، 5 - ، 6 – ، 7 – ، 8 –9– ، 10 – ، 11 – 12- 13 -14-،15 –، 16، 17–باپنى كۆرۈش ئادىرسى
Xj Rk1~ JdK'~-L http://anatuprak.com/kipan Bo#,)%80 S <RbC جەنۇپپەرەس ئۈچۈنچى تاغىنىڭ ‹‹ كىپەن ئوغۇرسىنىڭ خاتىرسى ›› ناملىق رومانىدىن تەرجىمە قىلىندى .
X>la!}sV T)Zef IrMUw$