ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1911 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: كىپەن ئوغىرسىنىڭ خاتىرسى  18. باپ   گىگانىت دەرەخ
بەلكىم مەن  ئەڭ ياخشىسى ئەمەس ، لىكىن ياخشىسى بو ..
دەرىجە: مەستانە ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 3008
  جىنسى: ئەپەندىم
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 62
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە62دانە
شۆھرىتى: 149 قېتم
مۇنبەر پۇلى: 1714 يۈەن
تۆھپە: 88 قېتم
ياخشى باھا: 43 قېتىم
توردا: 818(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش:2010-12-08
ئاخىرقى: 2011-02-24
باش تىما  يوللانغان ۋاقت: 2011-01-21 13:30

كىپەن ئوغىرسىنىڭ خاتىرسى  18. باپ   گىگانىت دەرەخ


                               +d8?=LX  
                                چوڭ تىپتىكى سىرلىق ، قورقۇنچلۇق ، تەشۋىشلىك ئەسەر    9D& 22hL4  
        X;p4/ *U  
                                             كىپەن ئوغىرسىنىڭ خاتىرسى OD1>s6uA7  
U3ao:2zP  
                                      بىرىنچى خاتىرە يەتتە يۇلتۇزلۇق لۇ بىگى <<ifd?  
                   JNgl  
                                                  18. باپ   گىگانىت دەرەخ   hj-#pL-t  
    zJa,kN|m  
      مەن ئاۋايلاپ دىگۇدەك كاماردىن ئۆمىلەپ چىقتىم . كامارنىڭ سىرتىدىكى چوقچىيىپ چىققان كىچىككىنە قورام تاش ئۈستىدىلا دەسسەپ تۇرغىدەك بوشلۇق بار بۇلۇپ تاشنىڭ نىرىسى تىك يار ، تەخمىنەن يەر يۇزدىن  15مىتىر ئىگىزلىكتە ئىدى . ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ بىز تۇرىۋاتقان كامارنىڭ چىقىش ئىغىزىدا شامال كۈچلۇك بولغاچقا مەن ھاڭ تىمغا چاپلىشىپ تۇرغاندىلا ئەتىراپنى كۆزىتەلەيتتىم . sa>}wz<o  
     راس گەپنى قىلسام  مەن بۇ جاينى قانداق تەسۋىرلەشنى بىلمەيلا قالدىم ، كۆز ئالدىمدا تەبىئى شەكىللەنگەن پۇتبول مەيدانى چوڭلۇقىدىكى تاغ ئۆڭكۈرى تۇراتتى . ئۆڭكۈرنىڭ تورىسدا خىلىلا چوڭ يىرىق بولۇپ ئاي يورۇقى مۇشۇ يوچۇقتىن ئۆتۇپ ئۆڭكۇر ئىچىنى يورۇتىۋاتاتتى . مەن ھازىر تۇرغان جاي ئۆڭكۈرنىڭ غەربى تەرىپىدىكى تاش تام ئۈستىدە بولۇپ ئەتىراپىمدا ياماشقۇدەك ھىچقانداق نەرسە يوق ئىدى . مەن ئەتىراپىمغا كۆز يۈگىرتۈپ ئۆڭكۈر تىمنىڭ كۆپ قىسم جايلىرىدا بايا بىز ئۆمىلەپ چىققان كامارئىغىزىغا ئوخشاش نۇرغۇنلىغان  كامار ئىغىزنىڭ بارلىقىنى بايقىدىم . پەمىمچە نەچچە مىڭ كامار ئىغىزى ، تۆشۇكچىلەر بار بولىشى مومكىن . ئۆڭكۈر تىمىدىكى تۆشۇكچىلەرنىڭ كۆپلىكىگە قاراپ بۇ تامغا سىانسىز دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ زەمبىرەك ئوقى تەككەن بولسا كىرەك دەپ ئويلاپ قالدىم . (GJW3  
      بۇ جاينىڭ ئادەمنى ئەڭ ھەيران قالدۇرىدىغان يىرى شۇكى ؛ ئۆڭكۇر ئوتتۇرسىدا 10نەچچە قەۋەت بىنا ئىگىزلىكىدىكى ، ئون نەچچە ئادەمنىڭ غۇلىچى يەتمەيدىغان گىگانىت دەرەخ بار ئىدى . ئۇ چوڭ دەرەخنىڭ ئۇستىگە قالايمىقان تارتقان توك سىمىدەك نۇرغىنلىغان پىلەك غوللۇق ئۆسۇملۇكلار يامىشىپ كەتكەن بولۇپ بىر –بىرى بىلەن چىرمىشىپ دەرەخ ئۈستىدىكى ياماشقىلى بولىدىغان جاينىڭ ھەممىسىنى قاپلاپ كەتكەن ئىدى .     غەلىتە ئۆسۇملۇكنىڭ بەزىسى دەرەخ ئۈسىتىدىن پەسكە ساڭگىلاپ قالغان ، يەنە بەزىسى دەرەخ ئاستىغىچە ئۆسۈپ يەرگە تىگپ قالغان ئىدى .  ھەتتا بەزىلىرى ئۆڭكۈر تىمىدىكى كامارغا قاراپ ئۆسۈپ كامار ئىچىگە كىرىپ كەتكەن ئىدى . dKwY\)\  
    ئومۇمەن قىلىپ ئىيقاندا ئۆڭكۈر  ئىچىدىكى يامىشىش ئىمكانىيتى بار يەرنىڭ ھەممىسىدە بۇ خىل ئۆسۈملۈكنىڭ سايىسىنى كۆرگىلى بولاتتى . ~%o?J"y  
    سەپسىلىپ قارىغاندا ئۆسۈملۈك چىرمىۋالغان دەرەخ شىخىغا بىر نەرسىنىڭ ئىسىقلىق تۇرغانلىنى كۆرگىلى بولاتتى . مەن دەسلەپتە بۇ گىگانىت دەرەخنىڭ مىۋىسى بولسا كىرەك دەپ ئويلىغان بىراق تىخمۇ ئىنچىكلەپ قاراپ ئىسىقلىق نەرسىنىڭ دەرەخ مىۋىسگە ئوخشىمايدىغانلىقنى ھىس قىلدىم . ئىسىقلىق نەرسىلەر بەزىدە شامالغا ئەگىشىپ يەڭگىل تەۋرىنىپ ئادەمدە ئىنتايىن غەلىتە كۆرۇش سىزىمى ھاسىل قىلاتتى . LxC"j1wfl  
   ئۆڭكۇر ئاستىدا ئەتىراپى تاشتىن توسۇلغان تۆت مىتىر كەڭلىكتە كارىدۇر ياسالغان بولۇپ بۇ كارىدۇر نەزىر چىراق سۇپىسىدەك كىچىك بىر قۇرۇلۇشتىن باشلىنىپ تاكى چوڭ دەرەخنىڭ شىخى ئاستىغىچە سوزۇلغان ، ھەمدە كارىدۇرنىڭ ئاخىرلاشقان يىرىدە ئون نەچچە پەشتاقىلق تاش پەلەمپەينىڭ ياسالغانلىقىنى ، پەلەمپەي ئۈستىگە قاشتېشىدىن ياسالغان كارۋاتنىڭ قويۇلغانلىقىنى ، كارۋات ئۈستىدە بىرسىنىڭ ياتقانلىقىنى غۇۋا كۆرگەندەك بولدۇم . بىراق ئارلىق يىراق بولغاچقا ھىلىقى تاش كارىدۇردىن باشقا نەرسىلەر راسمۇ ياكى مىنىڭ تۇيغۇممۇ بۇنىڭغا ھۆكۇم قىلالمايتىم . U[ $A=e?\Y  
   سىمىز ھاياجىنىنى باسالماي :" ئاناڭنى ، پىقىر ئاخىرى ئىزدەپ تىپىپتۇ دە ! بۇ يەر چوقۇم غەربى جوۋ قەۋرىسىنىڭ مەركىزى لەھەت رايۇنى ، قاشتىېشى كارۋات ئۈستىدە ياتقىنى چوقۇم لۇشاڭ  بىگىنىڭ جەسىتى ، لۇشاڭ بىگى دىگەن سولتەك ئىنساپسىز بىر نىمە ئىكەن ، باشقىلارنىڭ قەۋرىسىنى ئوغىرلىغىنى ئاز دەپ ئۆزىنىڭ جەسىتىنى باشقىلارنىڭ قەۋرىسىگە قويىۋالغىنى نىمىسى ؟ بۈگۈن مەن سىمز غوجام تەڭرى يولىنى تۇتۇپ ئۇ سولتەككە  كەسپى ئەخلاقى يوق كىپەن ئوغىرسىنىڭ قانداق ئاقىۋەتكە قالدىغانلىقنى بىر تونۇتۇپ قوياي !!" دەپ ۋاقىرۋەتتى . ئۇ خۇشاللىقىدىن ئۆزىنىڭمۇ بىر كىپەن ئوغىرسى ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ ئۆزىنمۇ قوشۇپ تىللىۋەتتى . zg=F;^oZ<  
    بۇ چاغدا پەنزې تۇيۇقسىز : " سىلەر قاراملىق بىلەن ئىش قىلماڭلار ، لۇ شىياڭ بىگى ئىنتاھىن غەلىتە ، بۇ يەردە باشقىچە بىر سىر بولىشى مومكىن ، مىنىڭچە بىز ئامال قىلىپ ئۈستىدىكى يوچۇققا يامىشىپ يەر ئۈستىگە چىقىپ كىتەيلى " دىدى . 7Ed6o  
       مەن بىشىمنى كۆتۇرۈپ تورۇسقا قاراپ ھەيران قالغىمنىدن تىلىمنى چىشلەپ سالدىم. ئۆڭكۈر تورىسىغا يامىشىپ چىقىش ئاسان گەپ ئەمەس ، ئۆڭكۈر تىمىغا ياماشتۇق دىگەن تەقدىردىمۇ تورىستىكى يوچۇققا قانداقمۇ چىقارمىز ؟ بەلكىم بىز ئۆمۈچۈك پالۋان بولساق مۇمكىن بولار ، شۇڭلاشقا سىمىزنىڭ پىكىرىنى ئاڭلاپ بىقىش ئۈچۈن سىمىزغا قارىسام سىمىزنىڭ ئاستىنقى بەدىنى ياردىن چۈشۈش ئۈچۈن ئۈزۈك ئۆڭكۈر تىمىغا ئىسىلىپ بولغان ئىدى . سىمىزنىڭ پۇت - قولىنىڭ چاققانلىقىنى بىردەمدىلا بىر - ئىككى مىتىر يامىشىپ چۈشۈپ بولغانلىقىنى كۆرۈپ توسۇش نىيتىمدىن ياندىم . سىمىز يەنە بىر كامار ئىغىزىغا يامىشىپ پۇتىنى تۆۋەن تەرەپكە يۆتكەي دىيشىگە توساتتىن كامار ئىچىدىن بىر قول ئىتىلىپ چىقىپ ئۇينىڭ پۇتىنى " كاپلا  " قىلىپ تۇتۇۋالدى . سىمىز قورۇققىنىدىن چۆچۈپ كىتىپ پۇتىنى كۈچەپ سىلكىپ ھىلىقى قولنى چۈشۈرۋەتمەكچى بولىۋىدى ، ئارقىدىنلا كاماردىن بىر كىشىنىڭ ۋارقىرىغان ئاۋازى ئاڭلاندى .  " مىدىرلىما ، يەنە بىر قەدەم مىدىرلىساڭ ئۆلگىنىڭ شۇ " [j :]YR  
   مەن بۇ تونۇش ئاۋازنى ئاڭلاپ خۇشاللىقىمدىن سەكرەپ كەتتىم . " كەنجى تاغا ... بۇ سەنمۇ ؟ !!" n"1LVJN7  
    ئارقىدىنلا تۆۋەندىكى كاماردىن ئاۋاز قايىتتى . :"چوڭ جىيەنىم ... ئاناڭنى ... سەن نەلەردە يۈردۈڭ ..؟  مىنى ئەنسىرىتىپ ئۆلتۈرەيلا دىدىڭغۇ ؟ ساڭا بىرەر ئىش بولمىغاندۇ ؟ " b'N(eka  
   ئاڭلىسام ھەقىقەتەن كەنجى تاغامنىڭ ئاۋازى ، مەن خاتىرجەم بولۇپ چوڭ بىر نەپەس ئالغاندىن كىيىن : " ماڭا ھىچ ئىش يوق ، بىراق پەنزې يارلاندى ، ھەممىسى مۇشۇ سىمىز ھارامتاماقنىڭ كاساپىتى " دەپ ۋارقىرىدىم - دە ، ھاڭغا قاراپ بىقىش ئۈچۈن بوينۇمنى سوزۇپ پەسكە قارىدىم . سىمىز دەسسەپ تۇرغان كامار دەل مەن تۇرغان يار تەرەپكە چوقچىيىپ چىققان قۇرام تاشنىڭ ئاستىدا بولغاچقا بىر قاراپ بىشىم قىيىپ بۇ نىيتىمدىن ياندىم ،  ئارقىدىنلا سىمىزنىڭ يىلىنغان ئاۋازى ئاڭلاندى : " پىشقەدەم يولداش، پۇتۇمنى قويىۋەتسىڭىز بولامدۇ ؟ " Cku&s  
      كەنجى تاغام ئىغىزىنى بۇزۇپ : " ئۆلگۈر سىمىز سەن زادى كىم ؟  ئاناڭنى ئازراق گەپ قىل ، قالايمىقان دەسسىمەي تىز چۈش ، بۇ غەلىتە ئۆسۈملۈكلەرگە ھەرگىز تىگىپ كەتمە ! " دەپ ۋارقىرىدى . ;MqH)M  
      ئارقىدىنلا : " سىمىز قايسىسىغا تەگمەيمەن ؟ ماۋۇنىڭغىمۇ ياكى ئاۋۇنىڭغىمۇ ؟ " دەپ پۇنىڭ ئۇچىدا غەلىتە ئۆسۈملۈكلەرنى كۆرسىتىشىگە ، كەنجى تاغامنىڭ " ياق  !!! " دەپ ۋارقىرىغان ئاۋازى ئاڭلىنىشى بىلەن تەڭلا ، قارىماققا ئادەتتىكىدەك كۆرىنىدىغان ياماشقاق ئۆسۈملۈك خۇددى يىلاندەك بىشىنى كۆتۈرۈپ ، دەقىقە ئىچىدە گۈلگە ئوخشاش ئىچىلدى . ياق  گۈلگە ئوخشاش ئىچىلدى دىگەندىن تۈگۈگۈك مۇشتىمىنى ئاچتى دىسەم مۇاپىق بولىدۇ . بۇ نەرسە مۇنداقلا قارىسا ئالۋاستىنىڭ قولىغا ئوخشايتتى . ئۇ بىشىنى كۆتۇرۇپ ئۇزۇن تىنىنى تىكلەشتۇرۇپ سىمىزنىڭ تۇرغان جايىنى مۇقىملاشتۇردى بولغاي سىمىز قاياققا مىدىرلىسا ئۇمۇ سىمىزغا ئەگىشىپ شۇ ياققا مىدىرلايتتى . مەن غەلىتە ئۆسۇملۈكنىڭ سىمىزغا ئەگىشىپ مىدىرلىشنى كۆرۇپ ھىندىستانىڭ يىلان ئوينىتىش ئويۇنىنى كۆرگەندەك بولدۇم -دە توساتتىن چۆچۈپ كەتتىم ، ئەسلىدە  پەنزې ئىككىمىز كۆرگەن بەش بارمىقى تەڭ ئالۋاستى قولى بۇ ئۆسۇملۈك ئىكەندە! tnbtfG;z#  
     سىمىز ھەقىقىەتەن ئويۇنغا ئامراق ئىدى . بۇ ۋاقىتتا ئۇ بىر پۇتىدا كامار ئىغىزىغا دەسسەپ يەنە بىر پۇتىىنى ھاۋادا پۇلاڭلىتىپ چەمبىرەك ھاسىل قىلىپ غەلىتە ئۆسۇملۈكىنى ئۇسۇلغا سىلىۋاتاتتى . مەن كۆڭلۈمدە بۇ ئەبلەخكە راسلا ئىشەنگىلى بولمايدۇ ، مۇشۇنداق چاغىدىمۇ قىلۋاتقان قىلىقىنى ، ئۇنىڭ يالغۇز بىر ئۆزىنىڭ ئالتۇن قازغىلى چۇشكەنلىكى ئەجەپلىنەرلىك ئەمەسكەن ، ئەگەر ئۇ بىزگە ئەگەشسە ھامىنى بىر كۇنى بىزنى چوڭ بالاغا تىقىدۇ .......دىگەنلەرنى ئويلاۋاتسام كەنجى تاغامنىڭ ئاچچىقتىن ۋاقىرغان ئاۋازى ئاڭلاندى :" ھەي چوشقا ، بولدى قىلامسەن يوق ؟ تىز چۈشۈپ كەت "  كەنجى تاغامنىڭ گىپى تۇگىمەيلا سىمىز پىشكەلچىلىككە يولۇقتى . غەلىتە ئۆسۈملۇك بىردىنلا سىمىزنىڭ پۇتىغا چىرمىشىپ بىر يۆگىشىپلا سىمىزنى تىك ياردىن چۈشۇرۋەتكىلى تاسلا قالدى ، تاش ئويدىكى چاغدا سىمىز بىلەن ئىككىمىز بىرلىشىپمۇ ئالۋاستى قولىنىڭ كۇچىگە تەڭ كىلەلمىگەن ، ھازىر سىمىز تىك يار ئۇستىدە ، كۇچىگىدەك ئورۇن ھەم ماجالى يوق . قارىسام سىمىز بولالمايلا قالدى ،شۇڭا مەن تاش پارچىسى تىپىپ ئۇ نەرسىنى سوقماقچى بولۇپ قارىسام بۇ تاقىر تاغدا كىچىكرەك تاش باردەك قىلمايتتى . مەن ئۇياق -بۇياقنى قالايمىقان سىلاپ تاش پارچىسى ئىزلەۋەتسام تۇيۇقسىز پۇتۇمغا بىر نەرسە ئۇرۇنغاندەك بولىۋىدى دەرھال بىشىمنى تۆۋەن سىكىپ پەسكە قارىدىم . چاتاق ! پۇتۇمغا قەيەردىن پەيدا بولغانلىقىنى بىلگىلى بولمايدىغان بىر  ئالۋاستى قولى چاپلىشىۋالغان ئىدى . مەن دەل شۇ پەيىتتە بىر   نەرسىنى تۇتىۋىلىشنى ئويلىغان بولساممۇ لىكىن ئۈلگىرەلمىدىم . ئىنتايىن كۈچلۈك بىر كۈچ <<شارىتلا >>  قىلپ تارتقاندەك بولدى-دە نىمە ئىش بولغانلىقىنى ئاڭقىرالماي قارىسام ئۆزۇمنىڭ بوشلۇقتا ئۇچىۋاتقانلىقمنى بايقىدىم . z@nJ-*'U8  
   ئۇ دەقىقدىكى تۇيغۇ خۇددى ماڭا بىردىنلا قانات چىقىپ قالغاندەك بولۇپ نەچچە دەقىقىدىن كىيىن << جاققىدە >> قىلغان ئاۋاز قۇلاق تۈۋىمدە ئاڭلىنىشى بىلەن تەڭ ئۆزۇمنىڭ قانداقتۇر بىر يارگە سوقۇلۇپ كەتكەنلىكىنى بايقىدىم .  سوقۇلۇشتىن كۆزۇمدىن ئوت چاقناش بىلەن تەڭلا ئىغىز -بۇرنۇمدىن قىپقىزىل قىنىم چاچىراپ چىققىنى ھەمدە پۇتۇمغا يۆگىشىۋالغان ئالۋاستى قولىنىڭ مىنى كۇچەپ پەسكە تارتىۋاتغانلىقىنى ھىس قىلدىم . دەل شۇ پەيتتە مەن ئىختىيارسىزلا قول بارماقلىرم يىرىلىپ قاناپ تىرناقلىرىم يۈلۇنۇپ كەتكۇدەك كۇچەپ تاتىلاپ ئەتىراپىمدىكى بىر نەرسىگە ئىسلىۋالماقچى بولدىميۇ بىراق ھىچ نەرسىنى تۇتالىمىدىم ، ئارقىدىنلا ئىغىرلىق كۇچىنىڭ تەسىرىدە 15 مىتر ئىگىزلىكتكى تىك ياردىن پەسكە قاراپ چۇشۇپ كەتتىمدە ئىختىايسىز كۆزۇمىنى يۇمۇپ كۆڭلۇمدە ": تۇگەشتىم ، ئۆلىدىغان بولدۇم ، قۇدرىتى چەكسز ئاللا ئىگەم ، ياتقان جايىمىنى جەننەتتە قىغايسەن ؟!!" دىگەنلەرنى ئويلىدىم . pr2b<(Pm  
مەن دەل  تىك ياردىن پەسكە چۇشىۈپ كىتىۋاتقان دەقىقىدە مىنىڭ ھىدىم يەنە ئۈچ - تۆت تۇپ ئالۋاستى قولىنى جەلىپ قىلغان چىغى ، ئۇلار تىك يار ئاستىدىن چاقماق تىزلىكىدە يوپۇرلۇپ ئارىسدىكى ئەڭ تومى بوغما يىلاندەك  بىلىمدىن يۆگەپ ئالدى قالغانلىىرى پۇت -قولۇمغا چىرماشتى ، ئارقىدىنلا ئۆسۈملۈكنىڭ كۇچەپ يۇقىرىغا تارتىشى بىلەن تەڭ ئارقا مىڭەم يار تىمىغا قاتتىق ئۇرۇلدى -دە قۇلىقىم غوڭلىداشقا باشلاپ كۆزۈم قاراڭغۇلىشىپ ھوشىمدىن كىتەيلا دەۋاتاتتىم  ، بەلكىم ھوشۇمدىن كەتكەندە ئۆلسەم ئاسانراق ، ئاغرىقسىز ئۆلەرمەن ! لىكن ئۇ دۇنياغا بارغاندا بوۋام مەندىن قانداق ئۆلدۇڭ ەپ سوراپ قالسا ھۇشمدىن كىتىپلا ئۆلدۇم دەپ جاۋاپ بەرسەم بوۋام مىنى نىمە دەر ؟  شۇ دەقىقىدە  نەچچە تۇپ غەلىتە ئۆسۈملۈك مىنى ئۈسىتگە سۆرەۋاتاتتى . سۆرىلىش جەريانىدا بىشىم تاشقا تەگمىسە بەدىنىم دەرەخ شاخلىرىغا ئۈرۇلاتتى ، ئۈرۇلۇپ -سوقىلىۋىرىپ  ئاغىرىقنىمۇ سەزمەس بولۇپ قالغان چاغدا رەمەتلىك بوۋام كۆزۇمگە كۆرۇنگەندەك بولدى . B*+3A!{s  
     ئاخىردا ئۆزۇمىنىڭ توختاپ قالغانلىقمنى ھىس قىلغان ۋاقىتتا  بىشم قىيىپ كۆڭلۇم ئىلىشىۋاتاتتى . كۆزۇمنى ئىچىشقا ئۇرۇندىميۇ بىراق ھەر قانچە قىلپمۇ كۆزۈمىنى ئاچالمىدىم ، بىر نەچچە قىتىم چوڭقۇر نەپەس ئىلىپ بارا -بارا ئىسىمگە كىلىشىم بىلەن تەڭ كۆزۈممۇ يورۇشقا باشلىدى . A Z7  
     بۇ ۋاقىتتا مەن ئۆزۈمنىڭ ھىلىقى گگانىت دەرەخنىڭ چوڭ شىخىغا ئىسىقلىق ئىكەنلىكىمنى بايقىدىم . پەسكە ساڭگلاپ قالغان بىشىمنىڭ ئاستىدا سىرلىق جەسەت قويۇلغان جەسەت سۇپىسى بار ئىدى . مەن سەپسىلىپ قاراپ ھەيران قالدىم . ئەسلىدە جەسەت سۇپىسىنىڭ ئۈستىدە ئىككى جەسەت بولۇپ بىرسى ئايالنىڭ جەسىتى ئىدى .  بۇ ئايالنىڭ جەسىتىگە يىپەك رەخىت يىپىلغان بۇلۇپ بىر جۈپ كۆزى چىڭ يۇمۇلغان چىرايىدىن بىر خىل خاتىرجەمىلىك چىقىپ تۇراتتى . ئۇنىڭ ئۈستىگە ئايالنىڭ جەستىدە ھىچبىر چىرىگەن ئالامەتلەر يوق بۇلۇپ خۇددى بايا ئۇخلاپ قالغاندەك كۆرۈنەتتى . ئۇنىڭ يىنىدا ياتقان ئەرنىڭ جەسىتىنىڭ يۇزىگە تۇلكە يۇزلۇك نىقاپ تاقالغان بولۇپ بەدىنىگە چىڭ يىپىشىپ تۇرىدىغان ساۋۇت كىيدۈرۈلگەندى . ئىككى قولىنى كۆكرىكىگە قويىۋالغان بولۇپ ئككى قولىنىڭ ئارلىقىدا قىزىل ئالتۇندىن ياسالغان قۇتا تۇراتتى . #OKzJ"g  
مەن ساۋۇت كىيگەن جەسەتكە قارسىام باشقىچىلا كۆرۇنەتتى . سىنچىلاپ قاراپ جەسەتنىڭ يۇزىدىكى نىقاپنىڭ كۆرۈش تۆشىكى ئارقىسىدىكى بىر جۈپ ئادەمىنىڭ تىنى جۇغىلدىتىدىغان غەلىتە كۆزنىڭ ئوچۇق ئىكەنلىكىنى ھەمدە ماڭا بىر خىلى سوغۇق نەزەردە قاراۋاتقانلىقىنى ھس قىلىدىم ، خۇددى ئۇنى مەن ئۆلتۇرىۋەتكەندەك ! 'sCj\N  
%-y%Q.;k ?  
:/N/u5.]  
داۋامى بار ........ /P~@__XN  
VtX9}<Ch~  
                  كونا دەريا قىنى  تەرجىمىسى . $2uZdl8Rvj  
L lmdydC%  
                  " كىپەن ئوغۇرسىنىڭ خاتىرسى "   ;P9P2&c8c  
                1 – خاتىرە " يەتتە يۇلتۇزلۇق لۇ بىگى " D-8N Da(`  
           1 – باپ ، 2 – باپ ، 3 – باپ ، 4 - باپ ، 5 - ، 6 – ، 7 – ، 8 –9– ، 10 – ، 11 –  12- 13 -14-،15 –، 16، 17–باپنى كۆرۈش ئادىرسى 9$&+0  
                 u<x2"0f  
                              http://anatuprak.com/kipan             nJJ9>#<g$  
             [#y/`  
      جەنۇپپەرەس ئۈچۈنچى تاغىنىڭ  ‹‹ كىپەن ئوغۇرسىنىڭ خاتىرسى ›› ناملىق رومانىدىن تەرجىمە قىلىندى .                                                      Si,[7um  
        V[f-Nj Kf  
  oQgd]| v  
                                                 
مەزكۇر يازما باشقۇرغۇچى : dil~nuri تەرىپىدىن تەستىقلاندى
-سىز كۆرۋاتقان تىما كىپەن ئوغىرسىنىڭ خاتىرسى  18. باپ   گىگانىت دەرەخ,دوستىڭىزغا يوللىسىڭىز بىر تۆھپە قوشۇلۇپ ،دەرىجىڭىز تېز ئۆسىدۇ
تېما ئادىرسى:
كونا دەريا ئېىقىنى
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 3172
  جىنسى: ئەپەندىم
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 30
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە30دانە
شۆھرىتى: 81 قېتم
مۇنبەر پۇلى: 1510 يۈەن
تۆھپە: 51 قېتم
ياخشى باھا: 10 قېتىم
توردا: 0(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش:2010-12-15
ئاخىرقى: 2011-02-22
تۇنجى ئىنكاس  يوللانغان ۋاقت: 2011-01-21 16:28

Re:كىپەن ئوغىرسىنىڭ خاتىرسى  18. باپ   گىگانىت دەرەخ

ۋاھ ، ئوقۇپ بولۇپ  ئەجەپ بىر قورقۇپ كەتتىما ، بىچارە‹‹مەن ›› ئىچىم ئاغىرىپ قالدى.. Pc7p2  
ئاخىرى تىزەك ...تىزرەك ...تىزرەك ..تىزرەك ..........
مەزكۇر يازما باشقۇرغۇچى : تەرىپىدىن تەستىقلاندى
سىز مۇ سۆيگەن قىزىڭزنى ئەرگە بىرپ باققانمۇ ؟؟
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 3172
  جىنسى: ئەپەندىم
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 30
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە30دانە
شۆھرىتى: 81 قېتم
مۇنبەر پۇلى: 1510 يۈەن
تۆھپە: 51 قېتم
ياخشى باھا: 10 قېتىم
توردا: 0(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش:2010-12-15
ئاخىرقى: 2011-02-22
2 - قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-01-23 11:05

Re:كىپەن ئوغىرسىنىڭ خاتىرسى  18. باپ   گىگانىت دەرەخ

  ئاپتۇر بۇگۇن ئاخىرىنى يولىسا بولاتتى ~~!!
مەزكۇر يازما باشقۇرغۇچى : تەرىپىدىن تەستىقلاندى
سىز مۇ سۆيگەن قىزىڭزنى ئەرگە بىرپ باققانمۇ ؟؟