تورداشلارنىڭ ئىنكاسىنى كۆردۆم، ھەممىز شۇنداق بىر ئاقۋەتنىڭ كىلىپ چىقىشىنى خالىمايمىز، بىراق ئۆزىمىزدىكى مۇشۇ ئاقىۋەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان خاتالىقلارغا سىتىخىيلىك ھالدا يول قۇيۇۋاتىمىز، مانا بۇ بىزنىڭ ئاجىزلىقىمىز. مەسىلەن ئالايلۇق؛ قىزلىرىمىزنى ئوتتقا ئىتىرىۋاتىمىز، يەنى قىزلىرىمىز ئۆزىمىز يولدىن چىقىرىۋاتىمىز، ئولارنى بۇزۇپ بۇلۇپ ئۆزىمىز شۇلاردىن نەپرەتلىنىپ يۈرۋاتىمىز، توي قلىشتا مىللەتنىڭ زىياللىرى بولغان بىز قىزلىرلىمىزنىڭ خىزمىتىنى، بايلىقىنى، ئاتا- ئانىسىنىڭ ھۇقۇق- ئابرويىنى ئەخلاقىي پەزىلىتىنىڭ، قىزلىق غۇرۇرى ئىپپىتىنىڭ، ئىمانىنىڭ ئالدىغا قويىۋاتىمىز. بۇ نىمە گەپ ئەمدى؟ شۇلارنىڭ خىزمەت ئورنىنىڭ قانداق بۇلىشىنى، قانداق ئاتا- ئانىدىن تۇغۇلىشىنى، باي ياكى كەمبىغەلنىڭ قىزى بۇلۇپ قېلىشىنى ئۇلار ئۆلىرى بەلگىيەلەمدۇ؟. بىراق ئۆز ئەخلاقى پەزىلىتىنىڭ قانداق بۇلىشىنى ئۆز بەلگىلىيەلەيدۇ. ئەجەبا ئاياللارغا ئېگە بۇلۇش، ئۇلارنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى ئېھتىياجلىرىنى قاندۇرۇشتىن ئىبارەت ئۆز بۇرچىمىز ئۇنتۇپ، بىز ئۇلارنى قولىدىن كەلمەيدىغان ئىشقا زورلىساق بۇلامدۇ؟ ، ئۇلارنىڭ خىزمەت ئورنىنىڭ يوق بۇلىشى، باي كەمبىغەل بۇلىشىدا كىمنىڭ مەس ئۇلىيىتى بار؟
2RM1-j($ شۇ سەۋەبتىن بىزنىڭ مىللەتنىڭ ئانىسى بولغان بىغۇبار قىزلىرىمىز، ئېسىل ئەخلاقىي- پەزىلەتنىڭ بىر تىيىنغا ئەرزىمەيدىغانلىقىغا ۋايساپ، شۇ ئەرزىمەس ئەخلاقىمىزنى، پاك ئىپپىتىنى چۆرۈپ تاشلاپ، بىزنىڭ ئارزۇيىمىزغا يېقىنلىشىشىقا تىرشىۋاتىدۇ ۋە يات مىللەتلەرنىڭ قوينىغا ئۆزلىرىنى ئېتىۋاتىدۇ، بىراق بۇ قىسمەن ئەھۋال. ئەگەر بۇئەھۋال ئۇمۇملىشىپ كەتسە، مىللەتنىڭ ئانىللىرى، مىلەتنىڭ يىلتىزى شۇنداق تۈگۈشۈپ كەتسە ھالىمىزقانداق بولماقچى؟. مانا بۇ يلىتىزنىڭ ياكى مىللەتنىڭ ئاساسىنىڭ نىگىزللىك مەسىلىلەرنىڭ بىرى. ئېسىڭىزدە بولسۇنكى پەرزەتىڭىزنىڭ قانداق بۇلىشى ئانىغا باغلىق، بۇنىڭغا دىننىي، ئىلمىي، نەزىريىۋى پاكىتلارنى ئوتتۇرغا قويمىساقمۇ بۇلىدۇغۇ دەيمەن. مەخمۇد قەشقىرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ شۇنداق نەتىنجىلەرگە ئېرىشىشى، ئانىسىنىڭ ئەخلاقىي- پەزىلەتلىك، بىلىملىك بولغانلىقىدا.
H ) (K يەنە بىر مىللەتنىڭ كۆچەتلىرىنىڭ ئەھۋالىغا كەلسەك؛ ھازىرقى قىسمەن زىيالىلىرىمىزنىڭ قارشىدا ئەۋلاتلىرىنڭ پەقەت كەلگۈسىدە ياراملىق ئەۋلاتلا بولسا ، خەنزۇتىلىنى ياخشى بىلسە قالغىنى بىلەن كارىمىز يوق، شۇ سەۋەبتىن باللىرى ئاتا- ئانا دىيەلمىسىمۇ مەيلى بابا- ماما دىيەلىگىنىگە خوش بۇلۇپ يۈرۋاتىمىز. توغرا دۆلەت تىلىنى بىلمەسلىك بىز ئۈچۈن نۇمۇس دىسەك بولىدۇ، ھەم بىر مىللەتنى تەرەققىي قىلدۇرىمىز دەيدىكەنمىز چۇقۇم دۇنياۋى تىللارنى بىلىشىمىز، ئىلغار بولغان پىكىر ئېقىملىرى، ئىلغا تېخنىكىلاردىن خەۋەردار بولىشىمىز شەرت. بىراق مەسىلە شۇيەردىكى شۇ ئەۋلاتلاردا ئىدىيە- ئەخلاق كۆز قارشى، ئىتقاد، قىممەت كۆز قارشى، دۇنيا قاراش، ئۆرۈپ ئادەت شەكىللىنشنىڭ ئەڭ مۇھۇم ياش ياش باسقۇچىدا پەرزەنتىڭىزنى باشقىلار تەربىيلىسە، شۇ كەلگۈسىنىڭ ئۈمۈدلىرىدە كىمنىڭ ئەخلاق- پەزىلىتى، كىمنىڭ قىممەت كۆز قارشى، كىمنىڭ ئېتقادى، كىمنىڭ دۇنياقارشى شەكىللىنىدۇ. باغۋەنگە نىسبەتەن ئېيىتقاندا دەرەخ كۆچەت ۋاقتىدا خالىغانچە ئەگكىلى بولىدۇ، دەرەخ بۇلۇپ يىتىلگەندە ئۆز ئارزۇيىڭز دىكىدەك قىلماق بەسىي مۈشكۈل ياكى تۈپىدىن كېسىپ قايتا كۆكلىتىشكە ياكى ۋاز كىچىشكە توغرا كىلىدۇ، ئادەممۇ شۇنداق 16 ياشقىچە بولغان مەز گىل بالىلاردا ھەرخىل كۆز قاراش، ئېتىقاد، ئەخلاق ۋە ئۆرۈپ -ئادەت شەكىلىنىدىغان مەزگىل، شۇ ياش باسقۇچىدىن ئۆتۈپ كەتكەندە سىزنىڭ ئۇلارغا قىلغان تەربىيىڭىز پەقەت قۇشۇمچە رول ئوينايدۇ خالاس، ئاساسىي كۆز قاراشلىرىنى كۆز گەرتەلمەيسىز. بۇ نوتىلار چوڭ بولسا كىينكى مايسىلارغا نىمىلەرنى يەتكۈزۈپ بېرىشى مۇمكىن ؟ بۇ بىر ئۈزۈلۈش ئېلىپ كېلەمدۇ قانداق، يەنى بۇرۇنقىلارنى بۇلار تۇنىمايدىغان ئىلگىركى ئۇيغۇر مەدىنيىتى بۇلارنى يەكلەيدىغان بىر ھالەت شەكىللەنمەسمۇ؟ . مانا بۇ يىتىزىغا دەز كەتكەن نوتىلارنىڭ ئەھۋالى.
cHR }`U$ ئىقدىسادىي ئەھۋالىمىزغا كەلسەك؛ ھەمىمىزنىڭ ئۆزىمىزگە ئايان بولغىنىدەك، كۈنلىرىمىنى ئاران-ئاران قامداپ كىتىۋاتىمىز، ئۆزلىرىدىن ئاشقانلارنىڭ باشقلار بىلەن كارى يوق ( خالىس باشقىلارغا ياردەم قۇلىنى سۇنىۋاتقانلارمۇ بار بىراق بۇ نىسبەت بارماق بىلەن سانىۋاغۇدەكلا )، بىزدە ئورتاق بولغان ئىقدىسادى ئاڭ تېخى يوق دىيىشكە بولىدۇ. چۈنكى كۆپىنچىللىرىمىز خۇددى نەسىردىن ئەپەندىمنىڭ«ئەتە قىيامەت قايىم بولغۇدەك» ھىكايىسىدىكى كۈرۈنۈشكى ئوخشاش بۇگۈنلا بولسا ئەتە بىلەن چاتىقىمىز يوق ئۆتىۋاتىمىز، مىسال ئالساق؛ دېھقانلىرىمىز پاختا سېتىپ باي بولدى شۇڭا ئۇلار بۇ پۇللىرىنى كىلەريىلقى تېرىلغۇنى بانكىدىن قەرىز ئالماي ئۆز سەرمايىسى بىلەن ئۆتكۈزۈشنىڭ ئورنىغا، قاۋاقلاردا ھاراق ئىچىپ، پاھىشلەرگە سېلىپ بېرىپ تۈگىتىۋاتىدۇ بۇنىڭغىمۇ تۈگىمىگەنلىرىنى شەھەر ئاتلاپ بېرىپ قىمارغا سېلىپ بېرىپ، تۇمۇز ئىسسىق، قەھرىتان سوغۇقتا ئىشلىگەن خوتۇننىڭ سۇئال- سوراقلىرىغا تاياق- دەشنام بېرىپ بىچارە ئايالنى قاقشىتىپ ئۆتىۋاتىدۇ.
m"v` E7G شەھەردىكىلەر ئۈزۈلمەس توي- ھەشەت، قاتار چاي، ئولتۇرۇشلاردا ئقدىسادىمىزنى يوق قىلىۋاتىمىز، ئەجەبا باللىرىمىزنى كىتاپخانىلارغا ئاپىرىپ ئىككى ئېغىز ئىلىم ئۆگىتىدىغانغا ۋاقتىمىز يوق، بۇنىڭدىن ئاشقان ۋاقتىمىزنى بۇزۇقچىلىق بىلەن ئۆكۈزىۋاتىمىز، ئانىللىرىمىز ئۆزلىرىنى پەردازلاپ مودىدىن قالماسلىققا تىرشىش بىلەن ئاۋارە، پەرزەنىتلىرىنى بولسا يىللاپ يەسلىدىن ئەكەلمىسە، مۇمكىن بولسا مەكتەپ خىزمەتكە چىققاندىلا ماۋۇ سىزنىڭ بالىڭىز دەپ ئەكىلىپ بەرسە شۇلارنىڭ كۆڭلىدىكىدەك ئىش بولغان بۇلاتتى. ئۇيغۇر ئىشچى- خىزمەتچىلەر ئارسىدا قىمارۋازلىق ناھايىتى ئېغىر ئىشەنمىسىڭىز قىمار خانىلارنى ئارلاپ بېقىڭ، قىمار ئويناۋاتقانلارنىڭ قانچىسى سىزگە ئوخشاش زۇۋاندارلارئىكىن.
iPkG=*Ip(% http://tanhaburkut.blogbus.com/logs/41089046.html sI^1c$sBN gi"v${R كارخانچىللىرىمىزغا كەلسەك؛ ناھايىتى ئاز بىر قىسىم ئىنسابلىق كارخانچىلارنى ھىسابقا ئالمىغاندا، كۆپ قىسىم يالغنچىلار باشقىلارنىڭ نەرسىللىرىنى ئۇيغۇرنىڭ يېزىقى بىلەن بېزەپ بىزگە سېتىش ئارقىلىق بىزنى بۇلغاپ ئۆزلىرىنى سەمىرتىۋاتىدۇ،
/>n0&~k[h بۇنىڭغا تالاي مىساللارنى كەلتۈرۈش مۇمكىن. تاۋارلارنى ساختا نىمىگە ئاساسەن ساختا دەيمىز ؟ جاۋابى شۇكى تېشىدىكى چۈشەندۈرشى بىلەن ئىچىدىكى تەركىبلەر ماس كەلمىسە بۇ ساختا بولغان بۇلىدۇ، مانا مۇشۇنداق كارخانچىللىرىمىز بىزنىڭ كۈندۈلۈك تۇرمۇشىمىزغا نۇرغۇنلىغان ساختىلارنى سوۋغا قىلىۋاتىدۇ.
}D=h"\_= كۆپ قىسىم كارخانچىلىلىرىمىزدا ئۇمۇملۇق ئىدىيىسى يوق، سەخسىي مەنپەتنى بىرىنچى ئورۇنغا قۇيۇۋالغان، ھەم بۇ خىل ئالدامچىلىقىنىڭ ھامان پاش بۇلۇپ رەسۋا بۇلىدىغانلىقىغا ئىدىيىسىدە تۇلۇق تەييارلىق بار. بۇھەقتە نۇرغۇن مۇنازىرلەر بولغان مۇشۇنچىلىك سۆزلەس يىتەرلىك.
-7+Fb^"L قىسقىسى بىزدە ئۇزۇن مۇددەتنى، ئۇمۇملىقنى كۆزلەيدىغان ئىقدىسادىي ئاڭ بەك كەمچىل. پەيلاسوپلار ئېيىتقان « ئىقدىسادى جەھەتتە مۇستەقىل بۇلالمىغان ئادەم مەڭگۈ مۇستەققىل بۇلالمايدۇ»، بىزنىڭ ھالىمىز مۇشۇنىڭغا ئوخشاش، قاقشاپ ئۆتكىنىمىز ئۆتكەن.
.{8lG^0U< يۇقىرقى ئىنكاسلاردا يېزىلغاندەك ئۆز تەقدىرىمىزنى باشقىلارنىڭ تەرەققىياتىغا باغلاپ قۇيۇشقا مەن ئانچە قايىل ئەمەسمەن، چۈنكى ھەركىم قىلسا ئۆزى ئۈچۈن قىلىدۇ، ھىچكىم سىزنىڭ گۈللەي ياشناپ كىتشىڭىزنى خالىمايدۇ، ھەركىم ئۆز تەقدىرىڭىنىڭ ياراتقۇچىسى، بۇ دۇنيادا سىز ئۆزىڭىز ھەققىدە ئويلۇنۇپ تىرىشمىسىڭىزمۇ، سىزنى يىتەكلەپ قۇتقۇزىدىغان خىز يوق، پەقەت سىز مەن ۋە ئۇ لا بار خالاس.
_wX'u,HrC بەزلەر ئېيىتقاندەك ئاستىقبالىمىزنى دېھقانلارغا باغلاپ قويغۇممۇيوق، توغرا بىزنىڭ نۇپۇسىمىز ئىچىدە دېھقانلار كۆپ سانلىقنى ئىگلەيدۇ ، بىراق مازىدۇڭ ئېيىتقاندەك« دېھقانلاردىن ئىنقىلاۋى قۇشۇن چىقمايدۇ»، دېھقانلار پەقەت ھەرخىل ئۆزگۈرۈش، ئېقىملارغا پاسسىپ قارشى تۇرۇش رولىنى ئۆتىيەلەيدۇ، بىراق ئاكتىپ ئۆزگەرتىشكە بەك ئاجىز، بىر مىللەتنىڭ كەلگۈسىنى زىيالىلار يارتىدۇ، شۇڭا تەقدىرىمىزنى دېھقانلارغا باغلاپ قويساق بۇ ئاقلانىلىك ئەمەس.
gjs-j{* يەنە بەزىلەر ئېيتقاندەك يۇقارقى ئەھۋاللار پەقەت ئاز سانلىقنى تەشكىل قىلىدۇ، لىكىن ھەرقانداق ئىش ئاز- ئازدىن باشلىنىپ ئەۋجىگە چىقىدۇ، خۇددى يامغۇر تامچىسىمۇ ئازدىن يىغىلىپ كەلكۈن بولغانغا ئوخشاش، بىز خەق ناچار ئىشلارنى ناھايىتى تىز ئۆز لەشتۈرۋالىمىز، بىزنىڭ شۇمجەزىمىز بىزنى يۆلىشىمۇ يېقىتىشىمۇ مۇمكىن . ھەرقانداق ئىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا تەييارلىقىڭىز بولمىسا ۋاقتى كەلسە ئۈلگۈرەلمەي قالىسىز.
Dd{{d?;B w{UU( 6zNN 8 قىسقىسى ھچكىمنىڭ بۇنداق تەدىرگە دۇچار بولغۇسى يوق، بىراق بىز ئۆزىمىزنى يوقىتىش ئىچىدە ئىزدىنىۋاتىمىز، ئىزتىراپ ئىچىدە ئىلگىرلەۋەتىمىز، تېڭىرقاۋاتىمىز.
.t}nznh نەزىريە جەھەتتىن ئېيىتقاندا بىز مەڭگۈ يوقالمايمىز، براق ئەمىليەتچۇ؟ شۇڭا شۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن قانداق قىلىشىمىز لازىم دىگەن مەسىلىنى ئولاپ باقسىڭىز بەلكىم نۇرغۇن مەسىلىگە جاۋاب تېپىپ قېلىشىڭىز مۇمكىن.
=+"XV8Fi, ھازىرچە مۇشۇنچىلىك يازاي قالغىنىغنى كىيىن يازارمەن.