$?y\3GX
RY]jY | E ئازاپلىق لەززەت W.>}5uVl6
پوۋىسىت R:U!HE8j
、 vs{xr*Ft
T1uOp5_]B
E+P-)bRa
*a' I
v(l:N@L بەزى نەرسىلەرگە سىز ھەر قانچە ئامراق بولسىڭىزمۇ ،ئۇ سىزگە مەنسۇپ بولمايدۇ. بەزى نەرسىلەرگە سىز ھەر قانچە تارتىشسىڭىزمۇ ، ۋاز كىچىش پىشانىڭىزگە پۈتۈلگەن. -خاتىرەمدىن Oe&gTXo
&,'CHBM (1) شۇم خەۋەر
8[x{]l[
Mc6v
\1oN't.
ئەتتىگەندە ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئادىتىم بۇيۇنچە بىرىنجى بۇلۇپ،تىلفۇنۇمنى قۇلۇمغا ئالدىم <<مەن تۇردۇم دادىسى،سىزمۇ ئەمدى تۇرۇڭ ئورنىڭىزدىن، ئوبدان ناشتا قىلىپ ،رەتلىك كىيىنىپ ئاندىن ئىشقا چىقىڭ، سىزنى سۈيىمەن.....>> .مەن ھەر كۈنى تىلفۇنىمدا مۇشۇ خەتلەرنى قىسقا ئۇچۇر قىلىپ يوللاپ بولغاندىن كىيىن باشقا ئىشلىرىمنى قىلاتتىم ، كىيىن بولغاندىمۇ 20 مىنۇتلارغىچە ئۇنىڭدىن جاۋاپ كىلىپ بۇلاتتى << خوتۇن مەنمۇ تۇردۇم،قانداق ياخشى ئۇخلاپسىزمۇ؟ ئوغلۇممۇ تۇردىمۇ ئورنىدىن؟ ئۇ يەنە خاپا قىلمىغاندۇ ؟سىلەرمۇ ئوبدان ناشتا قىلىپ ئاندىن ئىشقا مېڭىڭلار، مەنمۇ سىزنى سۈيىمەن جېنىم، سىزنى بەكمۇ سېغىندىم>>... بۇ خەتلەرنى كۆرۈپ ئىچ –ئىچىمدىن شۇنچىلىك سۈيۈنۈپ كىتەتتىم. گەرچە بىز تخى توي قىلمىغان بولساقمۇ ئۇ مىنى خۇتۇن دەپ ئاتايتتى، مەنمۇ ئۇنى دادىسى دەيتتىم، ئەمما بۈگۈن سائەت 8 بولغىچىمۇ ئۇنىڭدىن جاۋاپ كەلمىدى.<<ھۇ ھۇرۇن ئاخشام ئازراق ئوينىشىپ ، تېرىكتۇرۇپ قويسام كىچىچە ئۇخلىماي ، ئەتىگەندە ئۇخلاپ قاپتۇدە.->>مەن ئىچىمدە ئۆزۈمگە ئۆزۈم شۇنداق ئەركىلىگىنىچە كىيىملىرىمنى كىيىپ خىزمەتكە مېڭىپ كەتتىم . سائەت 9 ،10 مۇ بولدى ئۇنىڭدى تېخىچە جاۋاپ يوق ...... ئىچىمگە بىر خىل ئەنسىزچىلىك كىرىپلىۋالدى.مەن تاقەتسىزلىنىپ ئۇنىڭغا تىلفۇن قىلدىم. كىم بىلسۇن تىلفۇننىمۇ ئالدىغان ئادەم يوق، يۈرۈگۈم مۇزلاپ لەسسىدە ئولتۇرۇپ قالدىم .نەچچە رەت تىلفۇن قىلغان بولساممۇ ئۇ پەقەت تىلفۇننى ئالمىدى ،مەن خۇددى روھى چىقىپ كەتكەن ئادەمدەك بۇلۇپلا قالغانىدىم، پۇتۇن بەدىنىم ھالسىزلىنىپ كەتكەن ئىدى.چۈنكى ئۇ ئەزەلدىن تىلفۇنىمنى ئالماي قالغان ئەمەس.ئەتتىگەن سائەت ئون بولغۇچە بىز نەچچە قېتىم تىلفۇندا كۈرىشىپ بۇلاتتۇق. ياكى بولمىسا ئۇچۇرلىشاتتۇق.مەن تىلفۇننى ئالماي قالسام ئۇ پۇتى كۆيگەن تۇخۇدەك تۇرالمايلا قالاتتىدە ئارقا- ئارقىدىن ئۇچۇرلارنى ياغدۇرۋىتەتتى....... دائىم ئۇنىڭ بىلەن قېرىشىپ تىلفۇنىنى بەك تەس ئالاتتىم. ئەمما ئۇ پەقەت ئۇنداق قىلمايتتى ، ئەگەر بىرەر قېتىم تەسراق ئېلىپ قالسىمۇ ئۇششۇقلۇق قىلىپ نەچچە سائەت تىلفۇنىمنى ئىتىۋالاتتىم .بەزىدە ئۇ خاپچىلىقتا ئاچچىقىنى ھاراقتىن ئالاتتى چۇنكى مەن دائىم ئۇنىڭدىن ئاغرىنىپ قالساملا ئايرىلىپ كىتىمەن دەپ تۇرۋالاتتىم.... ئەمما بۇ يۇرەك سۈزۈم ئەمەس ئىدى ئۇنى بەكمۇ سۈيەتتىم ئۇ مىنىڭ ھاياتىم مىنىڭ بارلىغىم ئىدى. ئۇ مىنى بەكمۇ ياخشى كورگەچكە بار ئېغىرچىلىقلىرىمنىمۇ كۇتۇرەتتى.يەنە كىلىپ مىنىڭ ئۇششۇقلۇق قىلىپ ئەركىلەشلىرىمگىمۇ كۆنۈپ كەتكەن ئىدى.بىراق بۈگۈن تۈنجى قېتىم ئۇنىڭغا قىلغان تىلفۇنۇممۇ ئۇچۇرلىرىممۇ جاۋاپسىز قالدى، ئەمما مەندە نە ئۇنىڭدىن ئاغرىنغۇدەك ماغدۇرمۇيوق ، ئەكسىچە بارا – بارا ئۇنىڭدىن ئەنسىرەشكە باشلىدىم . ئاخشام يەنە ئۇنىڭ بىلەن ئازراق گەپتە تەگىشىپ قېلىپ تىلفۇنىمنى ئىتىۋالغان ئىدىم .يەنە ئۇنىڭغا <<بىز ئەمدى ئايرىلىپ كىتەيلى ، سىزمۇ ئۈزىڭىزگە لايىق بىرسىنى تېپىڭ ئەمدى .مىنى ئۇنتۇپ كىتىڭ>> دىگەنىدىم . ئۇ شۇنىڭغا خاپا بۇلۇپ قالدىمۇ يا؟ ئەمما ئۇ بۇنىڭ چاقچاق ئىكەنلىكىنى ، مىنىڭ ئەركىلەپ دەپ قويغىنىمنى بىلىشى كىرەك ئىدىغۇ؟ . ياكى ئۇ مىنىڭ بۇنداق ئۈزىنى يالۋۇرتىشلىرىمدىن زىرىكىپ قالدىمۇ نىمە؟ئەمدى ماڭا قارىماي قۇيارمۇ؟ راستنلا شۇنداق بۇلۇپمۇ قالارمۇ؟ ....ياق....مەن ئۈنسىز قاتتىىق ۋاقىردىمدە يۇزلىرىمنى ئالقىنىم بىلەن ئىتىپ ئۈزۈمنى باسالماي يىغلاپ تاشلىدىم.ئىشخانىغىمۇ كىرمەي مەكتەپ ئارقا ھويلىسىدا ئەنە شۇنداق ئىزتىراپ ئىچىدەناھايىتى ئۇزاق ئۇنىڭ ئۇچۇرىنى كۈتمەكتە ئىدىم، ئاخىرى بۇلالماي ئاكىسىغا تىلفۇن ئالدىم. Q\aC:68
-ۋەي ،ياخشىمۇسىز ئالىم ئاكا ، مەن گۇلشەن ،ياخشى تۇرىۋاتامسىز؟ [ N0"mE<
ئۇ تۇلىمۇ پەس ئاۋازدا zRgl`zREr
-مەن سىزگە سەل تۇرۇپ تىلفۇن قىلاي،- دىدىدە،تىلفۇننى قۇيىۋەتتى. ?:#$btmn?
نىمە ئىشلىقىنى ئاڭقىرالماي تېخىمۇ تىت تىت بۇلۇشقا باشلىغانىدىم.ئىچ –ئىچىمدىن بىر خىل سۇغۇقلۇق چىقاتتى،مەن ئەنە شۇنداق ھالەتتە چۇشلۇك تاماق ۋاختىنىڭ ئۇتۇپ كەتكىنىمۇ سەزمەيلا قالغان ئىدىم.بىر دەمدىلا مەكتەپكە بالىلار ئارقىدىن ئۇقۇتقۇچىلار كىلىشكە باشلىدى.مەن ئامالسىز ئېغىرلىشىپ كەتكەن ئەمما جانسىز ئەشۇ پۇتلىرىمنى تەستە يوتكەپ ئىشىانامغا ماڭدىم،ئىشخانا ئالدىغا كىلىشمگە تۇيۇقسىز بىرسىنىڭ چاقىرغان ئاۋازىدىن چۇچۇپ كەتتىم. B1 xlWdm
- ئاداش گۇلشەن قانداق تۇرىسەن ؟- ئۇ مىنىڭ يېقىن دوستۇم نادىرە ئىدى. &J,&>CFc
_ھە سەنمىدىڭ ئاداش ،-دىدىم مەن تۇلىمۇ پەس ئاۋازدا>- ياخشى p;)@R$*
مەن شۇ گەپنى ئاران ئارانلا دىيەلىدىم دە ئۇنىڭغا ئۈزۈمنى ئېتىپ ئاران قالغان y>&s;
دەرىت-ھەسرىتىمنى بىراقلا تۇكىۋېتىدىغاندەك قاتتىق ھوڭرەپ يىغلاپ تاشلىدىم. m,r>E%;Cj
ئۇمۇ مىنى قۇچاقلاپ تەڭلا يىغلاپ كەتتى s:^Xtox/
-گۈلشەن جېنىم ئاداش ئۈزۈڭنىمۇ ئايا ، ئۇ ياخشى بۇلۇپ كىتىدۇ ، يىغلىماي 2 P9{?Y
تىزراق يولغا چىققىن. @Wd1+Yky
ئۇنىڭ كىيىنكى گەپلىرى قۇلۇقىمغا كىرمىدى ، ئىككى چىكەم چىڭقىلپ بېشىم گويا يېرىلىپ كىتىدىغاندەك لوقۇلداپ ئاغىرىشقا ، بەدەنلىرىم تىكەنلىشىپ چىدىغۇسىز بۇرۇقتۇلۇقتا كۆڭلۈم ئايلىنىشقا باشلىدى . مەن گويا ئالەم ئاستۈن – ئۈستۈن نۇلۇپ كىتىۋاتقاندەك تىگى يوق بىر ھاڭغا چۈشۈپ كىتىۋاتقاندەك ئۈستمۇ – ئۈست قانداقتۇر نەچچە مىڭ پاتمان ئېغىرلىقتىكى لەنىتىى بىر مەخلۇق مىنى ئاشۇ تىگى يوق چەكسىز قاراڭغۇلۇققا ئىتتىرىۋاتقاندەك ئاجايىپ غەيرى سىزىملارنىڭ غىل - پال ئۆتكىنى ئىسىمدە .... ئارىدىن نەچچە ۋاقىت ئۆتكىنىنى ئۇقمايمەن . qKNHhXi
ھۇشۇمغا كەلگىنىمدە ياتاق ئۇيۇمدە ياتاتتىم.پۇتۇن جىسمىدىن شوخلۇق يېغىپ تۇردىغان ئەشۇ ئۇماق ئوغلۇم شۇكلەپ ، يىغلاپ كوزلىرىمۇ قىزىرىپ ئىششىپ كەتكەن ئىدى.ئۇلارغا قاراپ يۈرىگىم مۇجۇلۇپ ئۈزۈمنى تۇتالماي يەنە بۇقۇلداپ يىغلاشقا باشلىدىم .. يىغلاۋېرىپ ۋۇجۇدۇمدا كۆز يېشى بولغۇدەك نەملىكمۇ قالمىدىمۇ ئەتىمالىم كۆزلىرىم ئېچىشىپ ئاغىزىممۇ قۇرۇپ كەتكەن ئىدى. E*83N@i
- ئۇ كۈمۇر گازىدىن زەھەرلىنىپ دوختۇرخانىدا جىددى قۇتقۇزىۋېتىپتۇ تىزراق يولغا چىققىن ئاداش،- نادىرەنىڭ بۇ سوزلىرىنىڭ راسلىقىغا پەقەت ئىشەنگۈممۇ كەلمەيتتى. _q`f5*Z[
'|nAGkA 2. كەچمىش
Y|aaZ|+
:@J.!dokF
كىتىۋاتىمەن ، يوللار تۇلىمۇ يىراق ،ۋاقىت تۇلىمۇ ئاستا ئۆتمەكتە ئىدى.گەرچە ئارلىقىمىز پەقەت بىر كىچىلىكلا يول بولسىمۇ ماڭا خۇددى بۇ ۋاقىتلارنى خۇددى بىرسى توختىتىپ قۇيۇۋاتقاندەك تۇلىمۇ تەستەئايلىنىۋاتاتتى.شۇ تاپتا مىنىڭ پۇتۇن ئەس يادىم پەقەت ئۇنىڭدىلا ئىدى.شۇ تاپتا ئىچ ئىچىمدىن ئورتۇپ چىقىۋاتقان قايغۇ دەرت –ھەسرىتىم،پارتىلاش ئالدىدا تۇرغان يانار تاغ ماگمىلىرىدەك ۋۇجۇدۇمدا توختاۋسىز ئېقىپ ۋاقىت ئاستا ئوتكەنسىرى تاقىتىمنى تاق قىلاتتى . مەن تەقدىر دېگەن بۇ نەرسىنى ئەمدى ھسابقا ئالمايدىغان بولدۇم . ئىلگىرىكى تەقدىرىم شۇنداق ئوخشايدۇ . دىگەننىڭ گەپ سۆزلەرنى ئاڭلىسام ئاشۇ سۆزنى قىلغۇچىنى كۆڭلۈمدە « ئىرادىسىز ئىكەن » دەپ قالاتتىم . ئۇنداق دىگەنلەرنىڭمۇ ھەممىسىنىڭ ئىرادىسىز بۇلۇشى ناتايىن ئىكەن . دۇنيادىكى كۆپىلىگەن ئىشلار ئادەمنىڭ ئىرادىسىگە باغلىق بولمىغىنى ئۈچۈن ئىرادىنىڭ ئارزۇ ئۈمۈدنىڭ ئەكىسچە كۈتۈلمىگەن ئىشلارمۇ يۈز بېرىپ قالىدۇ . مانا تەقدىر دېگەن شۇنداق بولسا كېرەك . ئاھ خۇدا ! ئەمدى ماڭا كۆرسەتمىگەن مۇشۇ كۈنىڭ قالغانمىدى . شۇنچىۋالا ئېغىر جازالىغۇدەك ئالدىڭدا نېمە گۇناھ ئۆتكۈزگەن بولغىيىدىم ! ئۆزۈڭ ياراتقان مەندەك بىر ئاجىزەگە مۇنداق كۆتۈرگىسىز جازا بەرگۈدەك جېنىمنى ئالساڭ بولماسمىدى ! ئاھ گۈلشەن ساڭا يەنە كۆز تەگدى ! بۇ قېتىم مەڭگۈ ئورنىڭدىن تۇرالمايسەن ! D>K=D"
شۇ تاپتا كوز ئالدىمغا مەن كەچچكەن كەچمىشلىرىم بىر بىرلەپ كىلىشكە باشلىدى.مەن ئوقۇش پۈتتۈرۈپ ئۆز يۇرتۇمغا كىلىپلا خىزمەتكە ئورۇنلاشتىم . ئەسلى جەمئىيەتتىكى ئورنىنىڭ ئىرادىسىلىگى ، ئىقتىدارسىزلىقى ۋە تەلەيسىزلىكىدىن ئاھ ئۇرۇپ ۋايساۋاتقان ئاشۇلارنىڭ توپىغا قوشىلىپ ، ‹‹ئىنەكنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈن موزاينىڭ بېشىغىمۇ كېلىدۇ ››دەپ بىر مەزگىل جاپا تارتقان بولساممۇ ھاياتنىڭ قەدىر قىممىتىنى بەكرەك تۇنۇپ يەتكەن بۇلار ئىدىم . ئۆزۈمنىڭ قابىلىيىتىم تۇلىمۇ يىتەرلىك بولسىمۇ لېكىن ئائىلە شارائىتىممۇ مىنىڭ ئەڭ تېز سۈرئەتتە خىزمەتكە ئورۇنلىشىشىمغا سەۋەب بولغان ئىدى . دادام ناھىيىلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغاچقا مەن بىر مەكتەپنىڭ مالىيە بۆلۈمىگە تەقسىم قىلىندىم . \0z<@)r+AJ
ئەسلى ئوقۇغان كەسپىممۇ مالىيە بۇغالتىرلىق ئىدى . توۋا ئۆتكەن ئىشلارنى ئويلىسام ھەيران قالىمەن . مەيلى شارائىتىم ياكى چىرايىم بولمىسۇن مەن ھەقىقەتەن بۇ ناھىيىدىكى يىگىتلەرنىڭ تاللاش ئوبۇكتىلىرىنىڭ 1 – نىشانى بۇلۇپ قالغاندىم . ئىشقا چۈشۈپ بىر نەچچە كۈن بۇلا- بولمايلا بىزنىڭ ئۆيگە كەلگەن ئەلچىلەرنىڭمۇ ئايىغى ئۈزۈلمەيۋاتاتتى . بىچارە يۇۋاش ئانام مىنىڭ كۆزۈمنىڭ ئىچىگە قاراپ يەنە دادمنىىڭ قاپىقىغا قاراپ كەلگەن ئەلچىلەرنى بىرمۇ بىر لايىقىدا يولغا سالاتتى . دادامنىڭ تەلىۋى بەك يۇقۇرى ئىمىش ، ئۇنىڭ دىيىشىچە 1 – بۇلۇپ شارائىتى بىزنىڭكىدىن يۇقۇرى بۇلىشى ، بوي- تۇرقى. چىراي شەكلى قاملاشقان، خىزمىتى چوقۇم ياخشى ئورۇندا بۇلىشى كېرەك ئىمىش ... ماڭا تەلەپ قويۇۋاتقانلارنىڭ ئارىسىدا مەن تونۇيدىغانلارمۇ تونۇمايدىغانلارمۇ بار ئىدى، ئىشقىلىپ مەن ئانچە قىزقىپ كەتمەيتتىم . كىچىكىمدىن ئۆزۇمچىل يەنە كىلىپ بەكمۇ ئەركە چوڭ بولغاچقىمۇ بۇ ئىشلاغا غەممۇ قىلىپ كەتمەيتتىم . مەنچە بولسا يىگىتلەر كويدىم پىشتىم دەپ ئارقامدىن نالە قىلىشىپ سۆكۇلداپ يۈرسە ، ئۆيدىن ئەلچىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىسە شۇلاردىن تازا چىكىپ بىرنى تاللىۋالساملا بولمىدىمۇ ؟.... _OJ19 Ry بەزى ئىشلار تۇلىمۇ تاساددىبى يۈز بېرىدىكەن ، ‹‹سەۋزىدىن خەۋەر يوق گۈرۈچ دەم يەپتۇ ›› دىگەندەك بىر كۈنى ئىشتىن قايتىپ كەلسەم ئانام ماڭا توي ئىشىمنىڭ بىكىتىلگەنلىكىنى دىدى . دەسلەپ ئانچە ئىرەن قىلىپمۇ كەتمىدىم . چۈنكى مەن ئەزەلدىن تاقلاپ - سەكرەپ ھەممە ئىشلاردا ئەركىن چوڭ بولغاچقىمۇ مۇھەببەتنىڭ نىمىلىكىنىمۇ چۈشەنمەيتتىم ، ئوغۇللارنىمۇ ئانچە كۆزگە ئىلمايتتىم .ئانامدىن ئاڭلىسام ئۇ يىگىتنىڭ دادىسى مالىيە ئىدارىسىنىڭ باشلىقىمىش ، ئۆزى بولسا ناھىيىدە چوڭ دوختۇر يەنە تېخى شەخسى دوختۇرخانىسىمۇ بار دىيىشتى . كىيىن بىز بىر تىلفۇنلاشتۇق تېخى كۆرىششكىمۇ كىلىشتۇق . ئاخىرى مەن چىرايلىق كىيىنىپ ئۇنىڭ بىلەن كۆرىشكىلىمۇ باردىم . مەن ئادەتتىمۇ بەك چىرايلىق بولغاچقا ئانچىكى ياسانساممۇ تېخىمۇ بەك لاتاپەتلىك بۇلۇپ كىتەتتىم . بۈگۈن ئۇ دوختۇرخانا باشلىقىنى بىر كۆرۈپ ئۆزىمنى كۆرسىتىپ قۇيۇشنى ئويلاپ ئالاھىدە ياسانغانغاچقىمۇ تېخىمۇ بەك جەزبىدار بۇلۇپ كەتكەندىم . بىز كۆرۈشتۇق ئۇمۇ كىشكەن سالاپەتلىك گەپ سۆزلىرى جايىدا بالىدەك قىلاتتى . ئەمما شۇ سەل يېشى مەندىن 7،8 ياش چوڭدەك كۆرۈندى . لېكىن ئانچە ئىرەن قىلمىدىم . ئۇمۇ مىنى كۆرۈپ ئولتۇرالمايلا قالدى .... غەلىتە ئىش مەن يېشىم كىچىكلكىمۇ ياكى ئەزەلدىن جاپا تارتىپ باقماي ھەممە نەرسىنى خۇشاللىق دەپلا بىلگەچكىمۇ بىرەر ئوغۇل بالىغىمۇ ئاشىق بولغىنىمنى بىلمەيتتىم . 4?l:.\fB:
ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمدا ھېچنەرسىدىن قىسىلمىغاچقىمۇ باشقا قىزلاردەك «كىم تانسىغا تەكلىپ قىلار ؟ كىم مىھمان قىلار؟ ياكى كىم بىلەن سىرتلارغا ئايلىنارمەن؟» دەپمۇ ئويلىمايتتىم . ئاساسەن دېگۈدەك ئىككى ھەپتىدە بىر دادام خىزمەت بىلەن ئۈرۈمچىگە چىقاتتى. مەن دائىم ئۇنىڭ بىلەن سورۇنلارغا بېرىپ بىللە يۈرەتتىم . دادامنىڭ تۇنۇشلىرىمۇ جىق بولغاچقا ئۆز ئۈيۈمدە ئوقۇغاندەكلا ئوقۇغاندىم . xN44>3#
قىز ئوغۇللارنىڭ ئاھ ۋاھ دىيىشلىرى مۇھەببەتكە بىرىلىپ يىغلاپ كۈلۈشلىرى ماڭا غەيرى بىلىنەتتى . تەلەپ قويغان كەينىمگە كىرىۋالغانلارغا كۆز قىرىمنىمۇ سالمايتتىم . ئەمما مەن ئوقۇشتا بەكلا ياخشى ئىدىم . ھەر يىلى ئوقۇش مۇكاپات ئېلىپ مەكتەپنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرۈپ دادامنىڭ ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرغانىدىم . MzIn~[\
مەن دەل نىمىنىڭ سۆيگۈ، نىمىنىڭ سۆيۈش ، سۆيۈلۈش ئىكەنلىگىنى چۈشەنمىگەن بىر قىز بۇ توينىڭ ئامەت ياكى ئاپەت ئىكەنلىگىنىمۇ بىلمەيتتىم . شۇنداق قىلىپ ئىككى ئايدىن كىيىن ئۆزۈمگە ناتۇنۇش ياق قەلبىمگە ناتونۇش بولغان ئاشۇ دوختۇرخانا باشلىقى بىلەن كاتتا توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ تويۇمنى قىلدىم . مەندە نە خۇشاللىقمۇ نە خاپىلىقمۇ يوق . مەن تىپتىنىچلا ئىدىم . Ui}%T]
ئەمما توي قىلغاندىن كىيىنكى تۇنجى كۈنىدىن تارتىپ مەن سۆيگىنىڭ ، مۇھەببەتنىڭ نىمىلىگىنى ھىس قىلغان تۇنجى توي ئاخشىمىدىن تارتىپ بەخىتسىز بىر گۈزەل ئايال بۇلۇپ قالدىم . توي ئاخشىمى مەن ئۇنىڭغا قىلچىلىكمۇ رازىلىق بېرەلمىدىم. چۈنكى ئۇنى پەقەتلا خالىمىدىم . ئېغىزىدىن بەتبۇي ھاراق پۇراپ كۆڭلۈمنى ئىلەشتۈرگەن تۇنجى سۆيۈشۈش ماڭا ئاللىقانداقتۇر نەرسىلەرنى ھىس قىلدۇردى . ئۇنى قىلچىلىكمۇ ياخشى كۆرەلمىدىم . لېكىن ئۇ يەنىلا مىنىڭ ئىرىم ئىدى . مەن بىر ئەركە مەلىكە بولغاچقا تاماقمۇ ئىتەلمەيتتىم . ئۇ چاغلاردا مەن نىمىلا قىلاي ئۇ ماڭا يول قوياتتى . ئەمما تۇيۇم بۇلۇپ 2 – ئېيىدا ئەشۇ قەدىرلىك دادام يىغىنغا ماڭغان پېتى قايتىپ كېلەلمىدى . ئۇنىڭ يۈرەك كىسىلى بار ئىدى . تۇيۇقسىز يولدا كىسىلى قوزغىلىپ قېلىپ دوختۇرخانىغا ئاپارغىچە قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي تۈگەپ كەتتى . ئىشلار شۇنىڭدىن كىيىن يۈز بېرشكە باشلىدى . مىنىڭ باشلىق ئېرىم شۇنىڭدىن كىيىن ھەقىقىي ئەپتىي بەشىرىسىنى چىقىرىپ كۈندە دېگۈدەك مىنى ئۇرۇپ تىللايتتى . #LfoG?k1K
- ھۇ بۇت ھىسىياتسىز مەخلۇق يا ئادەمنىڭ كۆڭلىنى ئېلىشنى بىلمىگەن ئىست شۇ چىرايىڭ ، نەدىن ئۇچراپ قالغانسەن ماڭا .... يا تاماق ئىتەلمىگەن ھۇ پاسكىنا قانجۇق .... ،-بۇ گەپلەر يۈرىكىمگە مىخ بۇلۇپ سانجىلىپ مىنى بەكمۇ قىينايتتى. . مەندەك ناتىۋان مەلىكىلەر ئۈچۈن بۇ ئاللانىڭ بەرگەن جازاسى ئىدى . ئاخىرى ئۇنىڭ تاياق توخماق زەربىسىگە بەردىشلىق بىرەلمەي ئاجىشىپ كىتەي دەپ تۇرغىنىمدا بويۇمدا قالغانلىقىنى بىلدىم . . مۇزىلاپ كەتكەن ۋۇجۇدۇمدىن بىر ئىللىق سىزىم شۇررىدە ئاقىپ ئوتكەندەك بولدى، ئۆتكەندەك بولدى . مەن ئانا بۇلۇش ئالدىدا تۇرغانىدىم ، ئاشۇ بىچارە مىسكىن قەلبىم نىمىشقىدۇر ئىللىققا تولغاندەك بۇلغانىدى . ئەڭ ئاخىرقى ئۈمۈدسىزلىك گىردابىغا بېرىپ قالغان بولساممۇ ئاخىرقى ھىساپتا مىنىڭ ئىچىمدە ئۈنسىز تىپىرلاۋاتقان بۇ جان ماڭا ئۈمۈد بېغىشلىدى . نىمىلا دېگەن بىلەن ئۇ گۇناھسىز ئىدى . DTCOhUIV
مەن بىر قارارغا كەلدىم مۇشۇ يۇرۇق دۇنياغا كۆز ئېچىش ئالدىدا تۇرغان بۇ مەسۇم ھايتلىقنى يوقۇتۋېتىشكە قۇلۇم بارمىدى . ئۇ ماڭا قايتىدىن خۇشاللىق ئاتا قىلالايتتى مەن چىدىدىم . ئۇنىڭ كۈندە ھاراق ئىچىپ مەست ئۆيگە كىلىشلىرىگىمۇ ھەتتا مەن قاراپ تۇرسام قىزلاربىلەن تېلفۇنىدا ئۇزاق – ئۇزاق مۈڭدششلىرىمۇ قۇلۇقىمغا كىرمىدى . ئۇنىڭ ئۈچۈن مەنمۇ مەۋجۇت ئەمەس مەن ئۈچۈنمۇ ئۇ تېخىمۇ مەۋجۇت ئەمەس ئىدى . ئويلايدىغىنىم پۈتۈن ۋۇجۇدۇم بىلەن خىزمىتىمنى ياخشى ئىشلەشكە پۇل تېپىپ بالامنى ياخشى بېقىشنى ئۈمۈد قىلاتتىم قورسىغىمغا 8 ئايلىق بولغاندا بىچارە ئاناممۇ مەزگىلسىز ئالەمدىن ئۆتتى . مەن بىر يىتىم بۇلۇپ قالغانىدىم . مىنىڭ بەختىم پۈتۈن ئۈمۈدىم يۇرۇق دۇنياغا كۆز ئېچىش ئالدىدا تۇرغان مۇشۇ قۇزامدىلا قالغاندى . كىچە -كىچلەپ يالغۇزلۇق ئىچىدە ئازاپلىنىپ ئۈتۈش ھەم ئائىلىدىكى بارلىق ئېغىر – يىنىڭ ئىشلارنىڭ ھەممىسى ماڭا قاراشلىق ئىدى . مەن قايتا تۆرەلگەنىدىم . ئاللىقاندۇر مەندىكى بۇرۇنقى ھۇرۇن مەلىكىنىڭ ئورنىنى تۇلىمۇ مەسئۇلىيەتچان ئىشچان ئاياللىق لاتاپەت ئىگىلىگەن ئىدى . مەن پىشىپ يىتىلىپ ھەممىسىگە بەرداشلىق بېرەلەيدىغان ھەممىنى ياخىشى قىلالايدىغان ھەققى بىر ئايالغا ئايلانغانىدىم . a/U4pSug
ئاخىرى مەن شۇنچىلىك زور ئۈمۈدلەر بىلەن كۈتكۈن بۇ بوۋىقىممۇ يۇرۇق دۇنياغا كۆز ئاچتى مەن تۇققاندىمۇ بۇ باشلىق ئىرىم يېنىمدا تۇرمىدى . ھەتتا ئەتىسىمۇ كەلمىدى ، يا ئانام يا دادام يا باشقا تۇققانلىرىممۇ يوق . ئۇنىڭ كاتتا دوختۇرخانسىدا سېستىرالارنىڭ كۈتىشىدە ئىشقىلىپ ئورنىمدىن ھەر -ھالدا تۇرىۋالدىم . ئۇنىڭ باشلىق ئاتا – ئانىسىمۇ دادام تۈگەپ كەتكەندىن كىيىن ماڭا ئانچە ۋاي دېمەيدىغان بۇلۇپ قالغاندى . شۇڭا تۇققاندىمۇ كۆپ كەلمىدى . ئەمما مەن ئۈچۈن بۇلارمۇ ئانچە مۇھىم ئەمەس . ھېچقانداق ئىشلارمۇ ماڭا تەسىر قىلالمايتتى . كۆز ئالدىمدىكى بىردىنبىر خۇشاللىقىم ئوغلۇم ئىدى . ئۇ بەك ئۇماق ئىدىكى ھەر بىر كۈلسە پۈتۈن جاھان ئۇنىڭ كۈلكىگە تەڭ جور بۇلاتتى . مەن 20 – كۈنى دوختۇرخانىدىن ئۆيۈمگە كەلدىم . ئەمما ئۆيۈمگە كەلگەندىن كىيىن ئۆيۈمدىكى يات ئاياللارنىڭ نەرسىلىرىنى نەرسىلىرىنى تۇلا ئۇچرىتىپ قالىدىغان بۇلۇپ قالدىم. مەن ئۈن – تىنسىز بۇلارنىمۇ ئىچىمگە سېلىۋەتتىم . g UA_&_
توغرا كونىلارنىڭ‹‹ ئاينىڭ ئون بەشى قارڭغۇ ئون بەشى ئايدىڭ ››دېگىنىدەك مەن ئۇنىڭ قىلغانلىرىغا چىدىغانلىرىم بىلەن ئەمما ئالا تائاللا بىزنى ياراتقان ئەشۇ ئىگەم كۇتۇرمىدى .بالامغا ئەمدىلا 2 ئايلىق بولغان ئەشۇ شەنبە كۈنلىگىدىكى كىچە ھېلىمۇ ئېسىمدە تۇرۇپتۇ . سائەت 2،3 بولغىچىمۇ ئۇ قايتىپ كەلمىدى . گەرچە ئۇنىڭ يات كىشىلەردەك ئۆتسەممۇ ئەمما يەنىلا ئۇنىڭدىن ئەنسىرەتتىم . ئۇنى ساقلايتتىم تاكى ئۇ كىلىپ ياتاق ئۆيگە كىرىپ ئۇخلاپ بولغىچە بوۋىقىمنى قۇچۇقىمدا تۇتۇپ يىنىڭ ئەللەيلەپ ئولتۇراتتىم . ئەمما ئۇ كەلمىدى . بۈگۈن يەنە تاڭ ئاتىدىغان ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ قولۇمغا كىتابنى ئېلىپ ئەمدىلا ئوقۇي دەپ تۇرۇشىمغا ئەنسىز توۋلىغان تېلفۇن ئاۋازىدىن چۆچۈپ كەتتىم . تېلفۇن دوختۇرخانىدىن كەلگەندى . Z1oUAzpj4
،- گۈلشەن ئاچا تىز كىلىڭ ، دوختۇرخانا باشلىقى ئۇ قاتناش ھادىسىسىگە ئۇچىرىدى ،- مەن گويا چاقماق چېقىلغاندەك پۈتۈن ئالەم دەشەتتلىك گۈلدۈرمامىنىڭ ئىلكىدە قالغاندەك ئاجايىپ بىر خىل قورقۇنۇچ ئىچىدە تىترەپ كەتتىم . 7aeyddpM
O8 5) ^ w7yz4_:x^
pFwhvw 3- ئۈمۈت F+?g0w['
كىچىككىنە مەنمەنلىك،سىنى نۇرغۇن ئالقىشتىن مەھرۇم قالدۇرىدۇ. `r*bG=
-بالتاسار گىراسىئەن
^"EK:|Y4%K
n^%",*8gD*
‹‹ئائىلە›› دىگەنلىكنىڭ مەنىسى ،بۇرۇچ، مەسئۇلىيەتدىن دىرەك بەرسە كىرەك توۋا دەيمەن ،قىز بىلەن يىگىتتىن ئىبارەت ئىككى جىنىس ئوتتۇرسىدىكى سۆيگۇ ھەم روھقا، ھەم تەنگە تەئەللۇق بولغان ئورتاق نەرسە زادى نىمە؟ ئەگەر بىرەرى مەندىن ‹‹بۇ دۇنيا قانداق دۇنيا ؟›› دەپ سوراپ قالسا، مەن ئۇنىڭغا ؟؟ بۇ دۇنيا يىشىلگۇسىز مۇرەككەپ زىددىيەتلەرگە تۇلۇپ كەتكەن ،ئىنسان بېشىغا كىلىدىغان دەرىت-ئەلەم مەڭگۇ تۇگەپ كەتمەيدىغان غەم دۇنياسى دەپ جاۋاپ بەرگەن بۇلاتتىم.ئىنسانلار ئانىدىن تۇغۇلغان چېغىمىزدا يىغلاپ تۇغۇلغانلىقىمىز ئۇچۇنمۇ ئومرىمىزنىڭ ئاخرىغىچە يىغلاپ ئۈتىدىغان گەپ ئىكەن.مەن ئەسلى ئەشۇنادانلىق ئىلكىدىكى كۆرەڭلىكىم،مەنمەنلىكىم دەستىدىن تېشى پال –پال، ئىچى غال-غال بىر ۋاپاسىز ئىنسانغا مەنسۇپ بولغان بولساممۇ مەندىكى بۇرۇچ ۋە مەسئۇلىيەت مىنىڭ شۇنچە ۋاقىتتىن بېرى تارتىپ كىلىۋاتقان ئازاپلىرىمنىمۇ بىر ياققا قايرىپ قويغان ئىدى.دوختۇرخانىغا كەلگىنىمدە كوزئالدىمدا يېرىم جان ياتقان بۇ كىشىنىڭ مىنىڭ باشلىق ئېرىم ئەكرەم بۇلۇپ قالماسلىقىنى بەكمۇ ئۈمۈت قىلاتتىم . لېكىن كۆز ئالدىمدىكى رىياللىق ماڭا يۇز ئېچىپ تۇراتتى . ئۇ مەستلىكتە ماشىنا ھەيدەپ بۇ ھادىسە كىلىپ چىققانىدى.ئۇنىڭ ئەھۋالى بەكمۇ يامان ئىدى. باش قىسمى ئېغىر يارلانغان بۇلۇپ دەرھال ئۇرۇمچىگە يوتكەشنى ئۇقتۇردى . ئۇنىڭ چىرايى پۇتۇنلەي تۇنۇغۇسىز بۇلۇپ كەتكەن بۇلۇپ ،ئىسىنى پۇتۇنلەي يۇقاتقان ئىدى.ھەجەپ ئىش بىر كۇنلۇك ئەر خۇتۇندارچىلىقنىڭ مىڭ يىللىق مىھرى بۇلىدۇ دەپ كونىلار ھەرگىز بىكارغا ئېتمىغان ئىكەن ، ئۇنىڭ شۇ تاپتىكى ھالىغا قاراپ ئىچىم شۇنچىلىك سىرىلىپ كەتكەن ئىدى،قۇچۇقۇمدىكى مەسۇم نارىسىدە بوۋىقىمنى قۇچاقلاپ ئۇزۇمنى تۇتالماي يىغلاپ تاشلىدىم...... M]A!jWtE
ئۇنى ناھايىتى تىزلىك بىلەن ئۇرۇمچىگە يوتكەپ ئېلىپ كەلدۇق.....جىددى قۇتقۇزۇش بىلەن ئۇنىڭ ھاياتىمۇ قۇتقۇزۇپ قېلىندى....ئوپراتسىيەدىن چىققاندىن كىيىن قېينانام مىنى ئۇنىڭ قېشىغا كىرگىلىمۇ قويمىدى.چۇنكى بۇ ئىشلارغا مەن سەۋەپچى ئىكەنمەن،مەن شۇم پىشانە ئايال بۇ ئائىلىگە خاپىلىق ئەپكەلگەن ئىمىشمەن ..ئۇھ... بۇنىڭغىمۇ شۇكرى....ئەسلى اللا ئىگەم ماڭا يىتەرلىك بەخىت ئاتا قىلغان ئىدى ،ئەمما مەن ئۇنىڭ قەدرىگە يەتمىدىم تۇرمۇشنى ئۇيۇن ئورنىدا كورگىنىم ئۇچۇن ئۇنىڭ تىگىشلىك جاساسىنى تارتىۋاتقان ئىدىم..مەن كۇندە دىگۇدەك ياتاقنىڭ ئالدىدىكى ئۇرۇندۇقتا خۇددى يىتىم بالىدەك بالامنى تۇتۇپ ئولتۇراتتىم، كىرگەنلەر چىققانلار ماڭا ھەتتا كۆز قىرىنىمۇ سالمايتتى، GA2kg7
-ئانا ،ئەكەلسىلە مەن تۈكىۋىتەي،-قېينانامنىڭ ئەخلەت خالتىسىنى بولسىمۇ ماڭا بىرىشىنى بەكمۇ ئۈمۇت قىلاتتىم wak'L5GQE
- ۋاي ،ماڭسىلا خېنىم نېرىغا،مەن ھايات تېخى ،سىلى ئاۋۇ كۇچۇكلىرىنى بېقىپ ئولتاسىلا ،- ئۇنىڭ قۇلۇمنى سەت سىلكىپ قارىماي مېڭىشلىرىدىن گەرچە قاتتىق خورلۇق ھەم ئەلەم ھىس قىلساممۇ ئەمما يەنىلا ئوز ئۈزۈمگە تەسەللى بىرەتتىم چۈنكى مەنمۇ ھازىر بىر ئانا ، ئانىلارنىڭ كوڭلى ماڭا چۇشىنىشلىك ئىدى.ئۇنى ‹‹خاپچىلىقتا شۇنداق قىلىۋاتىدۇ مەندىن دەردىنى ئېلىۋالسۇن بوپتۇ ›› دەپلا ئويلاتتىم يەنە ئوز ئۇزۈمگە تەسەللى بىرەتتىم.... بىراق بۇ كۈنلەر مۇ ئۇزاققا بارمىدى15- كۈنى قېينانامنىڭ ئۆزىمۇ ياشىنىپ قالغاچقا ھەم بەك چارچاپ كەتكەچكە ئۇرۇن تۇتۇپ يېتىپ قالدى . دوختۇرلارنىڭ ھەم مىنىڭ نەسىھتىم بىلەن ئۇ يۇرەك پارىسى بولغان ئوغلىنى ماڭا قالدۇرۇپ يۇرىتقا قايتىپ كەتتى..شۇنىڭ بىلەن مەن بىر تەرەپتىن بالامغا قارىغاچ بىر تەرەپتىن ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالدىم . ئۇ ھېچ ھۇشىغا كىلىدىغاندەك ئەمەس ئىدى. تۇرۇپ -تۇرۇپلا قاتتىق ۋاقىراپ كىتەتتى بېشىنى چىڭ قاماللاپ ئۈزىنى كارۋاتقا ئۇراتىتى. ئۇنىڭ ئۇكۇلنى تارتىۋەتمەسلىكى ئۈچۈن بار كۈچۈم بىلەن قوللىرىنى بېسىۋالاتتىم.... مۇشۇ ۋاقىتلاردا مەن ھەقىقەتەن يىتىشەلمەي قالاتتىم. چۇنكى بىر تەرەپتە ئەمدىلا ئىككى ئايلىق بولغان بالام بىر تەرەپتە كىسەل ئىرىم ....ئەمدى ئويلىسام قانداقمۇ يىتىشىپ كەتكىنىمنى تەسەۋۇر قىلالمايتتىم . يەنە كىلىپ بىكار قالساملا ئۇنىڭ مەسئۇل دوختۇرىدىن كىسەللىك ئەھۋالى توغرىسىدا پىكىر ئالاتتىم . ئەمما ئۇ يەنىلا شۇ پېتىچە... ھېچبىر ئەھۋالىدا ياخشىلىنىش يوق ئىدى.بىر كۈنى مەن ئۇنىڭغا تاماق يىگۈزۈپ ئولتۇراتتىم ،ئىشىك ئېچىلىپ پوزۇر كىيىنگەن چىرايلىق بىر قىز كىرىپ كەلدى.كىرىپلا خۇددى مەن بۇ ياتاقتا مەۋجۇت ئەمەستەك يۇگرەپ كەلگىنىچە ئەكرەمنىڭ ئۇستىگە تاشلىنىپ قاتتىق ئېسەدەپ يىغلاپ كەتتى.مەن نىمە ئىش بولغىنىمۇ ئاڭقىرالماي قالغانىدىم .ئەمما بۇنداق كۈرۈنۇشكە ھەر قانداق بىر ئىسانمۇ چىداپ تۇرالمايتتى مەن ئۈزۈمنى بەكمۇ تەستە بېسىۋېلىپ تاتلىق ئۇخلاپ ياتقان بالامنى ئاستاغىنە كۈتۇرۇپ سىرىتقا چىقىپ كەتتىم. Q ;$NDYV1
مەن گۇيا پۇتلىرىمغا كۆتۇرگىسىز كىشەن سېلىپ قۇيۇلغاندەك ناھايىتى تەستە مېڭىۋاتاتىتم . تەقدىرنىڭ بۇ قىسمىتىگىمۇ شۇكرى قىلىشىم شۇنچە زۇرۇرمۇ .. مىنىڭ تارتىشقا تىگىشلىك ئازاۋىم يەنە بۇلار بىلەن چەكلەنسىغۇ مەيلى ئىدىغۇ...مەن قۇچۇقۇمدىكى نارىسىدە بالامنى چىڭڭىدە قۇچاقلاپ كىسەلخانا ياتاق بىناسىنىڭ كەينى تەرپىدىكى گۇللۇكتە ئۇزاقتىن ئۇزاق خىيىالغا چۇكۇپ روھىم چۇشكۈن ئولتۇردۇم .... /@+[D{_Fw
-ھەدە ، تىز ياتاققا كىرىڭە، سىزنى بەكمۇ تەستە تاپتىم ،- كەينىمدىن چىققان بۇ ئاۋاز پۇتۇن خىياللىرىمنى ئۇزۇپ تاشلىدى. قارسام ئەكرەم ياتقان بۇلۇمدىكى بىر دوختۇريىگىت تۇراتتى. &