0#4A0[vV چوڭ تىپتىكى سىرلىق ، قورقۇنچلۇق ، تەشۋىشلىك ئەسەر
f3S 8~! `@ny!S|1/ كىپەن ئوغىرسىنىڭ خاتىرسى
;YSe:m* 5h |aX بىرىنچى خاتىرە يەتتە يۇلتۇزلۇق لۇ بىگى
-xbs'[ QmSMDWkh 15. باپ ئوسرۇق
>F:1a\c qA\&%n^j] سىمىز ئەڭ ئاخىرقى بىر پاي شەرەپلىك ئوق قالغان قسقا ستىۋوللۇق مىلتىقىنى كۆتۇرۇپ بوتۇلكىغا قاراپ : بولمىسا ئۇنىڭغا جانىنى تىكەيلى ، تۇتۇشۇپ باقمامدۇق ؟ دىدى . بۇتۇلكا قولىنى شىلتىپ قوشۇلمايدىغانلىقىنى بىلدۇردى – دە بىزنىمۇ ئۆزىگە ئوخشاش بۇرنىنى ئىتىۋىلىش توغۇرلۇق كۆز ئىشارىسى قىلىپ ، بىر قولىدا كان چىرىغىنى ئۆچۈرۋىتىپ دەرھال پەنزېىنىڭ بۇرنىنى توسىۋالدى ، يەنە بىر قولىدا ئۆزىنىڭ بۇرنىنى ئىتىۋالدى . شۇنىڭ بىلەن ئەتراپىمىزنى ناھايتى تىزلا چىكى يوق قاراڭغۇلۇق قاپلاپ غىچچىرلىغان ھىلىقى غەلىتە ئاۋازدىن باشقا يۈرىكىمىزنىڭ رىتىمسىز سوققان ئاۋازىلا ئاڭلىنىشقا باشلىدى . بۇ ۋاقىتتا مەن پۈتكۈل زىھنىمنى ھىلىقى غەلىتە ئاۋازغا مەركەزلەشتۈرگەن بولۇپ ، ئاۋاز بارغانسىرى يىقىنلىشىش بىلەن تەڭ بۇرنۇمغا كۈچلۈك ، قاڭسىق قان ھىدى ئۇرۇلدى .
:3XvHL0rx بۇ ۋاقىتتا قورۇققىنىمدىن نەپىسىممۇ توختاپ قالايلا دەۋاتاتتى ، غەلىتە ئاۋاز بولسا بارغانسىرى ئىنىق ئاڭلىنىۋاتاتتى . مىڭ بۇ ئەپتىم بەئەينى ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنىش ئالدىدىكى جىنايەتچىگە ئوخشاپ قالغان ئىدى . تويۇقسىز ئاۋاز يوقاپ كەتتى ، مەن چۆچۈپ كۆڭلۈمدە : " ئەجابا ئۇ بىزنى بايقاپ قالدى ؟... دەپ ئويلىدىم .
he/rt# توپتوغرا بەش مىنۇتتىن كىيىن قورقۇنۇشلۇق ‹‹ غىچ ... غىچ ... ›› قىلغان ئاۋاز يىنىمىزدىنلا ئاڭلاندى . ۋاي خۇدايىم ... بۇ ئاۋاز شۈنچىلىك ئىنىق ھەم ئۈنلۈك بولۇپ قۇلۇقىمنىڭ تۈۋىدىن كىلىۋاتقاندەك . قورۇققىنىمدىن ئىككى چىكەم ھازىرلا پارتىلاپ كىتىدىغاندەك ئاغرىۋاتاتتى . مەن سۈت ئەمگەن ئاخىرقى كۈچۈمنى چىقىرىپ ۋارقىراپ سالماسلىق ئۈچۈن ئىغىزىمنى تىخىمۇ چىڭ تۇتىۋالدىم . بەدىنىمدىن چىققان سوغۇق تەر مىنى يامغۇردا قالغان مۈشۈككە ئوخشۇتۇپ قويغان ئىدى .
4M> pHz4 بۇ بىر نەچچە مىنۇت ماڭا خۇددى بىر نەچچە يىلدەك بىلنىپ كەتتى . كاللام قۇپقۇرۇق ، مىنى كۈتۈپ تۇرغىنىنىڭ ئۆلۈم ياكى كۆرۈملىكىنى بىلمەيتىم . تەخمىنەن يەنە 30 سىكنۇت ئۆتكەن بولسا كىرەك ، ھىلىقى قورقۇنۇچلۇق ئاۋازنىڭ بارا – بارا قۇلاق تۈۋىمدىن يىراقلاپ كىتىۋاتقانلىقىنى ھىس قىلىپ كۆڭلۈمدە : ۋاي ئانامەي ، قارىغاندا ئەجىلىم تىخى توشمىغان ئوخشايدۇ دىگەنلەرنى ئويلىدىم . دەل شۇ دەقىقىدە تۇيۇقسىز ‹‹قىڭڭىدە... ›› قىلغان ئاۋاز ئاڭلاندى . ئاناڭنى ، قايسى ئەبلەخ مۇشۇنداق ۋاقىتتا ئوسۇرۋەتكەندۇ ؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە بەك سىسىق ، خۇددى ھازىرلا سويۇلغان چوشقىنىڭ قىرىنىغا پىچاق تەككەندەك .
qo7<g*kf~ ھىلىقى غەلىتە ئاۋازنىڭ يوقاپ كىتىشى بىلەن تەڭلا بىرسى كان چىرىغىنى ياندۇردى . دەل شۇ ۋاقىتتا مەن ئىنتاھىن غەلىتە بىر يۈزنىڭ بۇرنۇمغا تىگەي دەپلا قالغانلىقىنى ھەمدە بىر جۈپ كۆز قارچۇقى يوق كۆزنىڭ ئۇدۇل ماڭا تىكىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قورۇققىنىمدىن ئۆزۈممۇ بىلمەي ئارقىغا بىر قانچە قەدەم داجىپ كەتتىم . بۇ ۋاقىتتا بوتۇلكا " قىچىڭلار !!! ... " دەپ ۋارقىرىدى . سىمىز قارىماققا كالامپايدەك كۆرۈنگىنى بىلەن ئەمىلىيەتتە خىلىلا چاققان ئىكەن ، ئۇ بىرلا دومىلاپ پەنزېىنى يۈدۈپلا ھىچنەرسىگە قارىماي قاچتى . مەنمۇ سىمىزنىڭ كەينىدىن تۆت پۇتلۇق بولۇپ دىگۈدەك جىنىمنىڭ بارىچە يۈگۈردۈم دە ئىغىزىمنى بۇزۇپ : ئۆلگۈر چوشقا ، بايام ئوسۇرۋەتكەن سەنمۇ ؟ دەپ سورىدىم .
X@}7 #Vt سىمىز خىجل بولۇپ يۈزى قىزىرىپ تۇرۇپ : " ئاناڭنى ، ئوسۇرۇقتا مەن سىمىز غوجا ئاكاڭنىڭ ئىسمى بارمىكەن ؟ دەپ جاۋاپ قايتۇردى. مەن ئاچچىقىمدىن يىرىلغۇدەك بولۇپ سىمىزغا قاراپ ۋارقىرىدىم : ئاناڭنى چوشقا ، سەن ھەقىقەتەن شۇم پىشانە نىمىكەنسەن . بۇ ۋاقىتتا ئالدىمدا يۈگرەۋاتقان سىمىزنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى : ۋاي ... ۋاي ...
<}A6 )=T مەن نىمە بولغانلىقىنى بىلمەي سىمىزدىن نىمىشقا ۋايسايدىغانلىقىنى سوراي دىيشىمگە ، تۇيۇقسىز تاپىنىم ئاستىنىڭ بوشلۇققا ئايلىنىپ قالغانلىقىنى سىزىپ ئىختىيارسىز " ۋاي ... لاپ تاشلىدىم . قارىغاندا ئالدىمىزدىكى يول تۈگىگەن بولسا كىرەك . ئىككىمىزدە كان چىرىغى بولمىغاچقا يولنى كۆرەلمەي نامەلۇم يەرگە چۈشۈپ كەتكەن ئىدۇق . مەن پەسكە چۈشىۋىتىپ بۇ جاينىڭ خىلىلا چۇڭقۇرلىقىنى ھىس قىلدىم . نەچچە دەقىقىدىن كىيىن مىنىڭ خىياللىرىمنىڭ ئورنىنىڭ كاسامنىڭ ئاچچىق ئاغرىق سەزگۈسى ئىگەللىدى . ئاغرىقتىن بىشىم قىيىپ كۆزلىرىمگە يۇلتۇز كۆرۈنۈشكە باشلىغاندا كۆز ئالدىم بىردىنلا يورىدى . ئەسلىدە سىمىز ئۆزىنىڭ بۆرە كۆز چىرىغىنى ياندۇرغان ئىكەن . قارىسام بىز چۈشكەن جاي بايا مەن پەنزېلەر بىلەن بىرلىكتە جەسەت بۈرگۈسى بىلەن قانلىق ئىلىشقان تاش ئۆيگە ئوخشاش ئىدى . بىراق مەن كىسىپ ھۆكۈم قىلالايمەن ، بۇ جاي بايامقى جەسەت بۈرگۈسى بار تاش ئۆي ئەمەس . چۈنكى بۇ ئىككى ئۆينىڭ چوڭ كىچىكلىكى خىلىلا پەرىقلىىق ئىدى . سىمىز جىددىيلىشىپ تۇرۇپ : تەڭرىم ، سەن شۈنچە رەھىمسىزمۇ ؟ ... بىزنى يەنە جەسەت بۈرگۈلىرىگە تاشلاپ بىرپسەنغۇ ؟ دىدى .
@(oY.PeS<z كۆڭلۈمدە بوتۇلكا يىنىمىزدا بولسا جەسەت بۈرگۈلىرىدىن قورقۇپ كەتمىسەكمۇ بولىدۇ دەپ ئويلاپ قارىسام ، ئاناڭنى يىنىمدا بوتۇلكا تۇرماق ئۇنىڭ سايىسىمۇ يوق ئىدى . مەن ئالدىراپلا بايام يۈز بەرگەن ئىشلارنى ئەسلەپ ئۆتتۈم . ئەجەبا بوتۇلكا كەينىمىزدىن يۈگرەۋىتىپ ئىزىپ قالدى ؟! ياق مومكىن ئەمەس ، بايام بىز ئالدىراپ قاچقان ۋاقىتتا بوتۇلكىنىڭ بىزگە ئەگىشىپ قاچقان – قاچمىغانلىقىنى ئىسىمگە ئالالمدىم . بايام قارىسام نىمىلىكىنى بىلگىلى بپولمايدىغان غەلىتە مەخلۇق بىزنى ئاسانلا قويۇپ بەردىغۇ ؟! ياق، چوقۇم بوتۇلكا ئارقىمىزدا قىلىپ ئۇنى توسۇپ بىزگە قىچىش ئۈچۈن پۇرسەت يارىتىپ بەرگەن ، چوقۇم شۇنداق ، ئۇنداقتا ئەسلىدىنلا خىلى ئىغىر يارلانغان بوتۇلكا قانداق بولۇپ كىتەر ؟؟ ... مەن خىيالىمنىڭ ئاخىرىنى ئويلاشقا جۈرئەت قىلالمىدىم .
$*$4DG1gaR مەن ئويلىغانسىرى ئەھۋالىمىنىڭ چاتاق ئىكەنلىكىنى ، بۇنداق كىتىۋەرسەك بەرىبىر ئۆلىدىغانلىقىمىزنى ھىس قىلدىم .
.sQV0jF { سىمىز تۆت ئەتراپقا چەكچىيىپ قارىۋىتىپ پەنزېنى يەرگە ياتقۇزغاندىن كىيىن سۆڭگۈچىنى سىلاپ تۇرۇپ :ھە توغرا ، مەن سەندىن سورىماقچى ئىدىم ، سىلەرمۇ بۇ قەۋرىگە ئالۋاستى مۆھرىنى دەپ چۈشكەنمۇ ؟ " دەپ سورىدى .
*0@Z+'M? مەن ئاڭلاپلا ھەيران قالدىم . ئەجىبا راستىنلا مۇشۇنداق نەرسە بار ؟
%%n&z6w