باشبەت |چايخانا | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |كىنو _ فىلىم|ئۇچۇر|ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       1024 
  •    ئىنكاس 
       3 

مەسلىھەت بېرىڭ!

قەۋەت ئاتلاش
nina
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.3655

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   510 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   12 (قېتم)
 تۆھپە:   11  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 272
 سائەت
دەرىجىسى:
272 سائەت 78 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-01-08
ئاخــىرقىسى:2011-02-20
— بۇ يازما subihi تەرىپىدىن مەشھۇر شەخىسلەر بۇ رايونغا يۆتكەلدى(2011-01-09) —

ھېچقانداقبىر دىنىي ئېتىقادى بولمىغان خەنزۇ ئىسلام دىنىغا كىرسە بولامدۇ؟كىرىش ئۈچۈن قانداق شەرتلەرنى ھازىرلاش كېرەك؟مۇسۇلمان بولغاندىن كېيىن ،مۇسۇلمان قىزلارغا ئۆيلەنسە بولامدۇ؟(بۇنداق سورىسام باشقىچە چۈشۈنۈپ قالماڭلار،مەندىن بىر خەنزۇ سورىغان،لايىقىدا جاۋاپ بېرەلمەي قالدىم.)توغرا چۈشۈنۈپ،ئەڭ توغرا جاۋاب بېرىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمەن!!! ),5A&qT*  

 
simfuniya
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.2746

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   75 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   1870 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   128 (قېتم)
 تۆھپە:   97  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2275
 سائەت
دەرىجىسى:
2275 سائەت 25 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-11-27
ئاخــىرقىسى:2011-10-23
ئاپتورنىڭلاتۇنجى ئىنكاس  يوللانغان ۋاقتى: 2011-01-09

/read.php?tid=6613 \ 6 : 7  
بۇنى كۆرۈڭ.
 
ئاللاھ ئالدىدا قىلغان گۇناھلىرىمغا تەۋبە قىلىمەن ھەم دىلىمغا ھەرۋاقىت ئىنساپ تىلەيمەن.
sawapkar

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.728

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1233 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   53611 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   4906 (قېتم)
 تۆھپە:   4537  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 816
 سائەت
دەرىجىسى:
816 سائەت 84 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-08-08
ئاخــىرقىسى:2013-01-10
ئاپتورنىڭلا2- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2011-01-09

(1) 1. ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقى، بارلىق مەخلۇقاتلارنىڭ پەرۋەردىگارى ئىكەنلىكى، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ ئىسمى ۋە سۈپەتلىرىدىن خەۋەر بەرگەن. بۇ قۇرئاندا بار. جۈملىدىن تكۋەندىكى ئاپەتلەر بار: >شۇبھىسىزكى، پەرۋەردىگارىڭلار ئاللا ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ئالتە كۈندە ياراتتى. ئاندىن ئەرىش ئۈستىدە قارار ئالدى. ئاللاھ كېچە بىلەن كۈندۈزنى ياپىدۇ. كېچە بىلەن كۈندۈز بىر - بىرىنى قوغلىشىدۇ. ئاللاھ قۇياش، ئاي ۋە يۇلتۇزلارنى ئاللاھنىڭ ئەمرىگە بويسۇندۇرۇلغۇچى قىلىپ ياراتتى. يارىتىش ۋە ئەمىر قىلىش راستىنلا ئاللاھنىڭ ئىلگىدىدۇر. ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھنىڭ دەرىجىسى كاتتىدۇر.<(ئەئراف:54)مۇسا ئەلەيھىسسالامغا مۇنداق دېگەن: >ئى مۇسا، مەن ھەققەتەن ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھتۇر مەن(قەسەس:30)<. يەنە مۇنداق دېگەن: >مەن ھەقىقەتەن ئاللاھتۇرمەن. مەندىن باشقا ھېچ مەبۈد يوق، ماڭا ئىبادەت قىلغىن، مېنى زىكرى قىلىش ئۈچۈن ناماز ئوقۇغىن<(تاھارە14) ئۆزىنى چوڭ بىلىپ ۋە ئىسىم سۈپەتلىرىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: >ئاللاھدىن باشقا ھېچ مەبۇد يوقتۇر، ئۇ مۇتلەق پادىشاھتۇر. پاكتۇر )مۆئىمىنلەرگە سالامەتلىك بېغىشلىغۇچىدۇر. ئەمىن قىلغۇچىدۇر. ھەممىنى كۈزىتىپ تۇرغۇچىدۇر. كالىپتۇر، قەھر قىلغۇچىدۇر. ئۇلۇغلۇق ئىگىسىدۇر. )مۈشرىكلارنىڭ( شىرىك كەلتۈرگەن نەرسىلىرىدىن پاكتۇر، ئاللاھ ياراتقۇچىدۇر، پەيدا قىلغۇچىدۇر، سۈرەت بېغىشلىغۇچىدۇر، ئەڭ چىرايلىق ئىسىملارغا ئىگىدۇر، ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەر ئۇنىڭغا تەسبىھ ئېيتىپ تۇرىدۇ. ئۇ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر<(ھەمشىرە 23 - 24) >جىمى ھەمدۇ سانا ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاغا خاستۇر. ئاللاھ ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىباندۇر، قىيامەت كۈنىنىڭ ئىگىسىدۇر.<(فاتىھە 1~1) >)ئى ئىنسانلار( سىلەرنىڭ دىنىڭلار ھەقىقەتەن بىردۇر. مەن سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلاردۇرمەن. ماڭىلا ئىبادەت قىلىڭلار< (ئەنبىيا 92)، >مەن سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار مەندىنلار قورقۇڭلار<. >ئەگەر ئاسمان زېمىندا ئاللاھتىن باشقا ئىلاھلار بولسا ئىدى، )كائىناتنىڭ تەرتىپى( ئەلۋەتتە بۇزۇلاتتى، ئەرىشنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھ ئۇلارنىڭ سۈپەتلىگەن نەرسىلىرىدىن پاكتۇر.<(موئمۇن). 2 - بىر يۈز يىگىرمە تۆت مىڭ 124000 ئەتراپىدىكى ئەنبيا ۋە پەيغەمبەرلەر ئاللاھنىڭ بارلىقى، ئۇنىڭ پۈتكۈل كائىناتنىڭ پەرۋەردىگارى ۋە ياراتقۇچىسى، باشقۇرغۇچىسى ئىكەنلىكى شۇنداقلا ئۇ ئاللاھنىڭ ئىسمى ۋە سۈپەتلىرىدىن خەۋەر بەرگەن. بۇ پەيغەمبەرلەرنىڭ ھەر بىرىگە ئاللاھ تائالا بىۋاستە سكزلىگە ياكى ئەلچى - پەرىشتە ئەۋەتكەن. ياكى ئاللاھنىڭ سۆزى ۋە ۋەھىسى ئىكەنلىكى ئېنىق سۆزىنى ئۇنىڭ قەلبىگە ئىلھام قىلغان. ئەڭ ساپ ۋە ئەڭ ئېسىل كىشىلەردىن بولغان بۇنچە كۆپ كىشىلەرنىڭ بايانلىرىنى ئىنسان ئەقلىنىڭ يالغانغا چىقىرىشى مۇمكىن ئەمەس. بۇلارنىڭ بىرلىشىپ يالغان ئېيتىشى، شۇنداقلا كىشىلەرنىڭ ئەڭ ياخشى، روھى پاك، ئەقلى كۈچلۈك گېپى راستچىل كىشىلەر تۇرۇپ ئۆزلىرى بىلمىگەن ۋە توغرىلىقىغا ئىشەنچ قىلالمىغان ئىشلاردىن كېلىشىپ خەۋەر بېرىش مۇمكىن ئەمەس. 3 - ئادەتتە ئىنسانىيەتنىڭ ئىشىنىش ئادىتى سا - ساناقسىز كىشى ئۇ ياقتا تۇرسۇن بىر مىلەتمۇ ئەمەس بەلكى بىر ياكى ئىككىنىڭ ئىشىنىش ئادىتى بويىچە بولسىمۇ ئەمەلىيەتتە ئۆزى ئىشەنگەن، خەۋەر بەرگەن، ئىبادەت ۋە يېقىنچىلىق قىلغان نەرسىنىڭ توغرىلىقىنى تەبئىي ۋە ئەقلى ئارقىلىق ئېتىراپ قىلغان نەچچە مىليون كىشى ئاللاھنىڭ بارلىقىغا ئىشەنگەن، ئېتىقاد قىلغان، ئىبادەت قىلغان ۋە ئىتائەت قىلغان. 4 - نەچچە مىليون ئالىم ئاللاھنىڭ بارلىقى ئىسىم - سۈپەتلىرى بارلىق نەرسىنىڭ پەرۋەردىگارى ئىكەنلىكى، ھەممىدىن ئۈستۈن كۈچ - قۇدرىتى توغرۇلۇق خەۋەر بەرگەن، شۇنىڭ بىلەن بىللە ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلغان، بويسۇنغان، ئۇنىڭ ئۈچۈن ياخشى كۆرگەن، ئۇنىڭ ئۈچۈن يامان كۆرگەن.                                                                            (2) 1 - بۇ بىر - بىرىگە ئوخشىمايدىغان چەكسىز ۋە تۈرلۈك مەخلۇقاتلارنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئۆزىنىڭ ياراتقۇچىسى - ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ئىسپاتلايدۇ. چۈنكى دۇنيادا ھېچ كىم بۇلاردىن بىرىنى بولسىمۇ مەن ياراتتىم ياكى مەن بارلىققا كەلتۈردۈم دەپ دەۋا قىلالمىدى. شۇنداقلا تاماق ئەتكۈچىسىز تاماق بولغان. ئورۇن سالغۇچىسىز سېلىنغان بولمىغىنىدەك ئىنساننىڭ ئەقلىمۇ ياراتقۇچىسىز بىر نەرسىنىڭ بارلىققا كېلىشىنى - ھەتتا ئەڭ ئاددىي بىر نەرسە بولسىمۇ - قوبۇل قىلالمايدۇ. ئۇنداقتا چوڭ - كىچىكلىكى، يىراق - يېقىنلىقى، سۈرئىتى بىر - بىرىگە ئوخشىمايدىغان ھەر قايسى سەييارىلەر، قۇياش. ئاي ۋە يۇلتۇزنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاسمان، رەڭ، تىل، ئاڭ، سېزىم، خاراكتېر ۋە ئالاھىدىلىكتە بىر - بىرىگە ئوخشىمايدىغان ئادەم ۋە جىن، قىممەت ۋە باھا پايدىسى ئوخشىمايدىغان ھەر خىل كان بايلىقلار، ئېقىۋاتقان دەريالار، قۇرۇقلۇقنى قورشاپ تۇرغان دېڭىزلار، مېۋىسى، تەمى، تۈرى، پۇرىقى، ئالاھىدىلىكى ۋە پايدىسى ھەرخىل بولغان ئۆسۈملۈك ۋە دەل - دەرەخلەر، تۈرلۈك ھايۋانلار قاتارلىقلارنى ئكز ئىچىگە ئالغان زېمىندىن تەركىپ تاپقان بۇ زور دۇنيا قانداقمۇ ياراتقۇچىسىز بارلىققا كەلسۇن؟   2 - ئاللاھنىڭ بىز ئوقۇۋاتقان، مەنبەلىرىنى چۈشۈنۈپ مۇلاھىزە قىلىۋاتقان سۆزىنىڭ بولۇشى ئۇلۇغ، بۈيۈك ئاللاھنىڭ بارلىقىنىڭ پاكىتى. چۈنكى سۆزلىگۈچىسىز سۆزنىڭ، گەپ قىلغۇچىسىز گەپنىڭ بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. ئاللاھنىڭ سۆزى ئاللاھنىڭ بارلىقىنىڭ دەلىلى ئاللاھنىڭ سۆزى ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ مۇستەھكەم قانۇنچىلىقنى، ئىنسانىيەت ئۈچۈن ھەقىقىي چەكسىز بەختنى ئەمەلىيەتكە ئايلاندۇرىدىغان ھېكمەتلىك قانۇنىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. شۇنىڭدەك يەنە ئەڭ راسچىل ئىلمى نەزەرىيەلەرنى، نۇرغۇن غەيىپ ئىشلار ۋە تارىخىي ھادىسىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ زامان ۋە ماكان قانداق ئۆزگەرسۇن ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئاللاھنىڭ شەرىئەت ھۆكۈملىرىنىڭ قىممىتىگە قىلچىلىك تەسىر يەتمىدى. ھەمدە رولى قىلچە ئاجىزلىمىدى. ئىلمىي نەزەرىيەلەرگە قىلچە نۇقسان يەتمىسى. خەۋەر بېرىلگەن غەيىپ ئىشلاردىن بىرسىمۇ قارمۇ - قارىشى چىقمىدى. قانداقلار بىر تارىخچى ئاللاھنىڭ سۆزى بولغان قۇرئان بايان قىلغان شۇنچە كۆپ قىسسە، ھېكايىلەردىن بىرەرىنىمۇ يالغان دېيىشكە، تارىخى ھادىسىلەرنى ئىنكار قىلىشقا جۈرئەت قىلالمىدى. مۇشۇنداق بىر سۆزنى ئىنسان ئەقلىي ئىنسانلاردىن بىرىگە نىسبەتەن بېرىشكە ئامالسىز. چۈنكى ئۇ سۆز ھېكمەتلىك، ئەڭ سەمىمىي راسچىل سۆز. چۈنكى ئۇ ئىنساننىڭ ئىقتىدارى ۋە بىلىش سەۋىيىسىدىن ھەقىقەتەن ئۈستۈن ۋە ئىنساننىڭ سۆزى بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئۆز - ئۆزىدىن ئىنكار قىلىدۇ. ئۇ ئاللاھنىڭ سۆزى. ئۇ ئاللاھنىڭ بارلىقىنىڭ ئۇنىڭ بىلىم، قۇدرىتىنىڭ ۋە ھېكمەت تەدبىرىنىڭ دەلىلى. 3 - مەۋجۇداتتىكى جانلىق كائىناتلارنى يارىتىش، بارلىققا كەلتۈرۈش، يېتىشتۈرۈش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى دۇنيا قانۇنىيىتىدە نامايەن بولىۋاتقان ئىنچىكە تۈزۈم تەرتىپى ئاللاھنىڭ بارلىقىنى ئىسپاتلايدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاشۇ قانۇنىيەتكە بويسۇنغان بولۇپ ئۇنىڭدىن قىلچىلىك چېقىپ كېتەلمەيدۇ. مەسىلەن: ئىنسان بالا ياتقۇدا قان ھالىتىدە بارلىققا كېلىدۇ. ئاندىن ھەيران قالارلىق بىر قانچە باسقۇچ ئۆتكەندىن كېيىن بىر ئىنسان بارلىققا كېلىپ تۇغۇلىدۇ. بۇنىڭغا ئاللاھتىن باشقا ھېچ كىم ئارلىشالمايدۇ. بۇ يارىتىش ۋە بارلىققا كەلتۈرۈش باسقۇچى، يېتىشتۈرۈش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش باسقۇچىمۇ، بۇۋاقلىق ئۆسمۈرلۈكتىن ياش ۋە قىرانلىققىچە، ئوتتۇرا ياش ۋە قېرىلىققىچە پۈتۈن جەريان شۇنداق بولۇپ ئاللاھنىڭ قانۇنىيىتى ئىچىدە. بۇ ئىنسان ۋە ھايۋاندىكى ئومۇمىي قانۇنىيەت دەل - دەرەخ ۋە ئۆسۈملۈكلەردە، بارلىق سەييارىلەردە ئوخشاش بولۇپ قانۇنىيەتلىك، تەرتىپ ۋە تۈزۈملۈك. بۇنىڭ تەرتىپىنى ھېچ كىم بۇزالمايدۇ. ئەگەر تەرتىپ بۇزۇلسا سەييارىلەر ئۆز ئورنىدىن چىقىپ كەتسە دۇنيا خارابىلىققا ئايلىنىپ ھاياتلىق تۈگەيدۇ. مۇشۇنىڭغا ئوخشاش مەنتىقىگە ئۇيغۇن ئەقلى ۋە نەقلى پاكىتلارغا ئاساسەن مۇسۇلمانلار ئاللاھنىڭ بارلىقىغا ئۇنىڭ بارلىق نەرسىلەرنىڭ پەرۋەردىگارى، ئىلگىرى - ئاخىرقىلارنىڭ ئىلاھى ئىكەنلىكىگە ئىشەنگەن. مۇسۇلماننىڭ ھاياتلىقتىكى بارلىق ئىشلىرى مۇشۇنداق ئىمان ۋە ئىشەنچى ئاساسىدا رەتلىنىدۇ.
ئانا تۇپراق مۇنبرىدىكى مەزكۇر تېمىغا مۇناسىۋەتلىك تېمىلار جەمئىي 1 پارچە
sansiz0903مۇنبەر پۇلى+2002011-01-09ئىنكاستەك ئىنكاس!@
 
نۇپـۇس كۈپەيگەنسىرى نۇمـۇس كېمىيۋاتىدۇ

(سەۋەپــكـار)
kosowuluk

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.3131

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   917 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   30272 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   2938 (قېتم)
 تۆھپە:   2890  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 3895
 سائەت
دەرىجىسى:
3895 سائەت 155 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-12-13
ئاخــىرقىسى:2013-01-25
ئاپتورنىڭلا3- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2011-01-09

ئىسلام دىنىغا كىرىش ئۈچۈن مىللەت چەكلىمىسى كەتمەيدۇ. z^q ~|7  
1-ئەڭ ئەۋۋال غۇسلى قىلىشى. dgIEc]#pH  
2-ئىمان كەلىمىسىنى چىن دىلدىن تەسدىقلاپ،ئېغىزىدا ئېيتىشى،ۋە ئىسلام دىنىدا بۇيرۇلغان ئەمەللەرنى ئۆز ۋاختىدا بىجا كەلتۈرۈشى،بارلىق توسقان، چەكلەنگەن ئشلاردىن يېنىشى،قەتئي قىلماسلىقى ئاندىن كېيىن بىر مۇسلىمە قىزغا ئۆيلەنسە بولدىغانلىقىغا بىزنىڭ ئىسلام دىنىمىز يول قويغان. l{7q(  
مۇسۇلمان مىللەت ،ئىرىق ئايرىمايدۇ.كاپىرمۇ ھەم شۇنداق.             
بىراۋغا پايداڭ تەگمەي، پەقەت ئوزۈڭ ئۈچۈنلا ياشىساڭ،سەن ئاللاقاچان  ئۆلگەن ئادەمسەن!!!
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك2000 بايىت
 

ئالدىنقىسىكىيىنكىسى