باشبەت |چايخانا | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |كىنو _ فىلىم|ئۇچۇر|ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       906 
  •    ئىنكاس 
       1 

قانداق قىلىپ ئۆزەمنى باقالىدىم

قەۋەت ئاتلاش
umid
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.3343

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   1240 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   58 (قېتم)
 تۆھپە:   25  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 33
 سائەت
دەرىجىسى:
33 سائەت 17 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-12-22
ئاخــىرقىسى:2011-01-05

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! zlFl{t  
Q g"{F},4  
يۇرۇت-يۇرتتىن نەۋرۇز ھېسى تارالغان بۈگۈن گۈلۈستانىمغا كىچىككىنە بولسىمۇ سوۋغات بېرىشنى ئويلاپ قالدىم. ئىلھام قېچىپ مىسرا تىزالمىدىم، كۆرگىنىم ئاز بولغاچ «بازىرى ئىتتىك» مۇھەببەت ھېكايىلىرىنى توقىيالمدىم. پەقەت ئۆزۈم قىلالىغان، قىلىۋاتقان ئىش بىلەن كۆپچىلىكنى خەۋەرلەندۈرۈپ، پۇرسەت ۋە ئۈمۈدنىڭ ھەرقاچان يېنمىزدا ئىكەنلىكىنى ئۆزۈمگىمۇ، ئۆزگىگىمۇ ئېيىتماقچى بولدۇم. ئۆزۈمنى ماختاش ئۈچۈن ئەمەس، ھەربىرىڭلارغا پايدىسى تېگىپ قالارمىكىن دەپ يېزىپ چىقتىم. ئەگەر يازمامنىڭ زەرىچە پايدىسىنى كۆرسىڭىز ئۆزۈمنى تولىمۇ بەخىتلىك سانىغان بولاتتىم. C2Y&qX,  
S2fw"1h*x  
ئېنتىرنىت تورى بەتلىرىدە ھەرخىل سەۋەب تۈپەيلى يامان يوللارنى ئارلىغان قىزلارنىڭ نالىلىرىنى كۆرۈپ قالدىم. پۇل!!! بۈگۈنكى كۈندە بىزگە ھەممىدىن كېرىكى مۇشۇدەك! قىزلارمۇ پاكىز پۇل تاپالىغان ھەم تېپىۋاتىدۇ. چىرايىڭىزغا ئىشەنمەي ئەقلىڭىزگە ئىشەنسىڭىز ئىقىتدار سىزدە، قېنى ئەمسە يازمامغا كۆز يۈگۈرتۈپ بېقىڭ. 3q1O:b^eo  
1W/==+%I  
Ap97Zcw  
<!w-op2@ir  
مېنى پۇل بىلەن ئەمەس ئىلىم بىلەن، شۆھرەت بىلەن ئەمەس ئەخلاق بىلەن، زامانىۋىلىشىش بىلەن ئەمەس ئىمان-ئېتىقاد بىلەن چوڭ بولۇشقا نېسىپ قىلىغان سۆيۈملۈك ئائىلەمنىڭ ئاددىيلىقىدىن ئۆمۈرۋايەت مەننەتدارمەن.... X2Lhb{ZHE  
U7ajDw  
- خاتىرەمدىن r!x^P=f,MJ  
{) .=G  
ئالىي مەكتەپ ماڭا تالاي ھېس ئاتا قىلىدى. نەچچە يۈز سوم بىلەنمۇ، نەچچە مىڭ سوم بىلەنمۇ بىر ئاينى ئۆتكۈزگىلى بولىدىغانلىقىنى بىلدىم؛ پارقىراق كىيىنمەيمۇ پاكىز يۈرگىلى، ياسانمايمۇ چىرايلىق كۆرۈنگىلى بولىدىغىنىنى بىلدىم. قىممەت گىرىم بويۇملىرى، قىممەت باھالىق كىيىملەرنىڭ پۇلىنى ئاتا-ئانامنىڭ يانچۇقىدا قويۇپ قويۇپ، ئايلاپ-ئايلاپ بازار ئايلانمايمۇ، يۇرۇتداشلار ئولتۇرىشلىرى، قاۋاقخانىلاردىكى ئويۇنلاردىن يىراق يۈرۈپمۇ ياشىيالىدىم، تېخى باشقىلاردىنمۇ ياخشىراق ياشىيالىدىم. بىراق 20ياشتىن ئېشىپمۇ ئاتا-ئانامنىڭ قان – تەرىنى ئۆزۈمنىڭ قىلېۋىرىشكە يۈزۈم چىدىماي قېلىۋاتاتتى. M_XZOlW5  
باشقىلارنىڭ ئاشخانىلاردا مۇلازىمەتچىلىك قىلىۋاتقىنىنى ئاڭلىدىم، خالىمىدىم، ياراتماي ئەمەس، مېڭەمنىڭ تېخىمۇ ياخشىراق ئىشقا ئەسقاتىدىغانلىقىغا ئىشىنەتتىم؛ رېستورانلاردا، مەيخانىلاردا ئۇسسۇل ئويناپ ياخشى كىرىمگە ئېرىشىۋاتقانلارنىمۇ ئاڭلىدىم. ئەمما ئۇلۇغ ئاللاھ ئىگەم ئۆزى ساقلاپ مىنى ئۇ تەرەپتە تالانتىلىق قىلىپ قويماپتىكەن؛ ئائىلە ئوقۇتقۇچىسى بولۇشنى ئويلاشتىميۇ، ئاپامنىڭ ئەنسىرەپ قىلىغان كۆز يېشى توختىتىپ قويدى. قىز بالا بولغىنىم ئۈچۈن ئۆزۈمنى باشىقىلارنىڭ ئاسىرىشىنى كۆتمەي، ئۆزۈمنى ئۆزۈم ئاسراشنى ئۆگىنىۋېلىشىم تولىمۇ زۆرۈر ئىدى. پىسخىكا نورمالسىزلىقى كۆپىيىۋاتقان جەمئىيەتتە بىرەر ئوقۇغۇچۇمنىڭ بوغۇپ قويىشىدىن ئەندىشە قىلغانمۇ بولدۇم. بېيجىڭنىڭ ماشنىلارغا تولغان چوڭ يوللىرىدا ئېگىز بىنالارغا قاراپ كېتىۋاتقىنىمدا، ئۆزۈمنىڭمۇ شۇنداق ئالداراش كىشىلەر توپىنىڭ ئەزاسى بولۇشۇمنى تولىمۇ ئارزۇ قىلاتتىم. Ak9W8Z}  
شۇنداق كۆنلەرنىڭ بىرىدە بېيجىڭ مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنۋېرسىتېتىدا كۇرۇس ئېچىش دولقۇنى كۆتۈرۈلۈپ قالدى. ئۆز تىلىدا ئۆز ئىنى- سىڭىللىرىغا دەرس سۆزلەش قانچە شىرىن! شۇنداق قىلىپ ئۆگەنگەنلىرىمنى لازىملارغا بىلدۈرۈش ئۈچۈن كۇرۇس ئاچتىم. جاپايىمغا تۇشلۇق بالىلارنىڭ تىرىشچانلىقى، ئىزدىنىشچانلىقى مېنى بۇ كەسىپكە باغلىۋالدى. بىرەر يىلدەك داۋاملاشقان ئىنگىلىزتىلى تەربىيىلەش كۇرسىدا كۆپلىگەن قىممەتلىك تەجىربىلەرگە ئىگە بولدۇم. ئىلگىرى مۇنتىزىم تەربىيىلەش مەكتەپلەرگە ئۆزۈم قاتنىشىپ دەرس ئاڭلاپ باققان بولسام، ئەمدى دەرس ئۆتۈپ بېقىشنى ئويلىدىم. ".@SQgyb0  
ئنتېرنىت دۇنياسى ھەقىقەتەنمۇ قولايلىق مەنبە ئىكەن. توردىكى چۈشەندۈرۈشلەر ئاساسىدا تەرجىمھالىمنى يېزىپ چىقىپ، خىزمەت ئۇچۇرى تورىدىن مۇۋاپىق كۆرگەن تەربىيىلەش مەركەزلىرىگە ئەۋەتتىم. شۇنداق قىلىپ كۈتۈش باشلاندى. دەسلەپ پەقەت سىناپ بېقىش ئۈچۈن دەپ ئويلىغاچقىمىكىن، شىنجاڭدىن كەلگەن، كەسپىي مېدىتسىنا بولغان ( چەتئەل تىلى بولمىغان)، تېخى مەكتەپ پۈتتۈرمىگەن مەندەك ئوقۇغۇچىنى ئوقۇتقۇچىلىققا ئالىدىغان بىرەر ئورۇننىڭ بار ئىكەنلىكىنى جەزىم قىلالمىدىم. ئەمەلىيەتتىمۇ مەن ھېچقانداق ئورۇننىڭ شەرتىگە توغرا كەلمەيتىم: « چەت ئەل تىللىرى كەسپىدە ئوقۇغان، تولۇق كۇرۇستىن يۇقۇرى دىپلومى بار، ئىنگىلىز تىلى بويىچە 8-دەرىجە ئىسپاتى بار بولۇش» دېگەنلەرنىڭ ھېچقايسىسى ئەھۋالىمغا ئۇيغۇن ئەمەس ئىدى. glv(`cQ  
z5i!GJB  
بىر كۈنى تۇيۇقسىزلا خېلىلا نامى بار بىر تەرىيىلەش مەركىزىدىن يۈز تۇرانە ئىمتىھانغا قاتنىشىش تېلىفۇنىنى قۇبۇل قىلىدىم. شۇچاغدىكى خۇشاللىقىمغا ھېچنىمە توغرا كەلمەيتتى. ئالدىراپ تەييارلىققا چۈشۈپ كەتتىم. ساۋاقداشلاردىن يۈزتۇرانە ئىمتىھاندا رەسمىي سورۇندا كىيىدىغان ياقىلىق كۆڭلەك دېگەندەك كىيىملەرنى كىيىش دەپ ئاڭلىغان، ئەمما مەندە ئۇنداق كىيىملەر يوق ئىدى. ئۆرە ياقا كىيىم كىيىۋالغاچقا ئۇنداق كىيىشمۇ ئەپلەشمەيتتى. ھېچنىمىمنى ئويلىمىدىم، ياغلىقمنى كەينىدىن ئوراپ ئاددىي بىرقۇر كىيىم بىلەن باردىم. باردىميۇ، تەمتىرەپ قالدىم. كەلگەنلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئىنگىلىز تىلى ماگىستىرى، ياقىلىق ئاق كۆڭلەك، كاستۇيۇم كىيگەنلەر، قايتىپ كېتىشنى ئويلىغان بولساممۇ يەنىلا قىزىققان كۆڭلۈم سىناپ بېقىشتا چىڭ تۇرىدى. GUcuD^Fe  
AX1\L |tJS  
مەندە تەجىربە بار ئىدى، باشقىلارنى بېسىپ چۈشكىدەك ئاھاڭ-تەلەپپۇزى بار ئىدى. شۇڭىمۇ ئالدىنقى بىر نەچچىسىنىڭ سىناق دەرسىدىكى دۇدۇقلاپ سۆزلەشلىرى، خەنزۇچە تىپتىكى ئىنگىلىزتىلى ئاھاڭى قايتىدىن ئۆزۈمگە ئىشەنچ بەردى. مۇنبەرگە چىقتىم. قىسقىچە تونۇشتۇرۇشتىن كېيىن، ئۆزۈمگە ياد بوپكەتكەن « يېڭى ئۇقۇم ئىگىلىز تىلى 2-قىسىم» دىكى بىر دەرسنى تاللاپ ئۆتۈپ بەردىم. |]I?^:I  
h{h=',o1  
ئەنە شۇ ماگىستىرلار ، ئەنە شۇ نەچچە گۇۋاھنامىسى بارلار « خەۋىرىمىزنى كۈتۈڭ» دېگەن جاۋابقا ئېرىشكەن بولسا، مەن « ئىستىقباللىق ئوقۇغۇچى ئىكەنسىز، 2-قېتىملىق ئىمتىھانغا تەييارلىق قىلىڭ» دېگەن جاۋابنى ئېلىپ قايتتىم. شۇنداقلا بىلىمدىكى، ئۇنۋان مائارىپى ئەسلىي بىزگە پەقەت « گۇۋاھنامە» دەپ يېزىلغان بىر ۋاراق قۇرۇق قەغەزنىلا بېرىدىكەن. ھاياجاندىن تېلىفۇننى ئۆينىڭ نۇمۇرىغا باستىم.... D&oC1  
FF/MTd}6qG  
ئىككىنچى، ئۈچۈنچى قېتىملىق ئىمتىھانلاردىنمۇ مۇۋاپىقىيەتلىك ئاخىرلاشتۇرۇپ، چەتئەللەرنى كۆرۈپ باقىمىغان مەن، چەتئەللەردە ئوقۇپ كەلگەن ئوقۇتقۇچىلار بىلەن بىر سەپكە قېتىلدىم. شۇ يىلى مەن ئوقۇش پۈتتۈرىدىغانغا يەنە ئىككى يىل بار ئىدى. شۇڭىمۇ پەقەت شەنبە، يەكشەنبە بەزىدە كەچلىرى دەرس ئۆتتۈم. nTHP~]  
Xpa;F$VI  
ئادەتتە تەربىيىلەش مەركەزلىرى بېرىدىغان مائاشنى سائەت بويىچە ھېسابلايدىغان بولغاچقا، ئۆز قىممىتىمنى ھەربىر سائەت ۋاقتىمنىڭ قەدرىنى بىلگەندەك بولدۇم. تەتىللەردە تەكلىپ بىلەن مۇقىم ئوقۇتقۇچى بولۇپ، دەرسلىك تۈزدۈم. ھەرخىل ئىمتىھاننىڭ تەربىيىلەش يۆلنىشنى بىكىتتىم، نۇرغۇن زۆرۈر نەرسىلەرنى ئۆگەندىم. lRO8}XSI  
<<A@69"4n  
ھازىر ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان يىلىم كەلدى. پەقەت ھەپتىدە ئۈچ سائەت ئىشلەيمەن. بىر ئايدا 1000سومدىن كۆپىرەك مۇئاش ئالىمەن. دادامنىڭ دېگىنى بويىچە « تالاي ئادەم ھەركۈنى سەككىز سائەت ئىشلەپمۇ شۇنچىلىك مائاش ئالالمايدۇ، ئاللاھقا شۈكۈر قىلىڭ، ئاتا-ئانىسنىڭ دۇئاسىنى ئالغان ئادەم شۇنداق تەلەيلىك بولىدۇ.» ئاللاھقا مىڭلارچە شۈكۈر، ئۆزۈمنى ئۆزۈم باقالايدىغان قىلىپ قويغىنىغا، شۇنداق ئامەت ۋە پۇرسەتنى ماڭا تۇتقۇزۇپ قويغىنىغا. av`eA`)S  
|Jq/kmn  
مۇقەددىمە ئورنىدا: WK=!<FsC$  
;0BCM(>Wo  
خىزمەتداشلىرىم: « تىلىڭدا شىنجاڭ ئاڭاھى يوقكەن، كاۋاپچىلاردەك گەپ قىلمايدىكەنسەن» دېگەندە، « بۇ شەھەر شۇنچە كۆپ ئىشلمەچى ئىنگىلىز تىلىنى بىلىشى تۈگۈل تېخى ئۆز ئانا تىلىنى ئۆلچەملىك سۆزلىيەلمەيۋاتقان يەردە، سىلەر دەۋاتقان كاۋاپچىلار ھېلىمۇ ئۆز تىلىدا مەقسىتىنى بىر ئوبدان ئۇقتۇرۇپ ئۆز سودىسىنى بىمالال قىلىۋاتىدۇ ئەنە» دەيمەنۇ، ئىىچم ئاچچىق بولىدۇ. شىنجاڭلىق دېسە كاۋاپچى دەپلا ئويلايدۇ. نەچچە ۋاقىتتىن بېرى ئاڭلىغان كۆرگەنلىرىم بويىچە بولغاندا بىزگە يەنە « ئوغرى»، «پاھىشە»....دېگەن ناملارمۇ قېتىلىپتۇ، كاۋاپچىلىققۇ پاكىز كەسىپ ئىدى، ئەمدى ئۇ گەپنىڭ كەينىدىن پەيدا بولغانلىرى.... &=/.$i-w$  
x/Ds`\  
ھېچنىمە دېمەيمەن. ئاچچىق بىلەن سۆزلىمەي، ئاچچىق بىلەن ئۆگىنىڭ، تىرىشىڭ، شۇندىلا ئۆزىڭىزنىڭ نامىنى چىرايلىق قىلالايسىز. كىچىككىنە خىياللىرىمنى، ئازغىنە كۆرگەنلىرىمنى سىزگە تۆككۈم كەلدى. SKS[Lf  
dB/Ep c&   
ھەربىر قىزىقىشىمغا بىزنىڭ قىىڭغىر يوللاردىلا ئەمەس، داغدام يوللاردىمۇ ماڭالايدىغىنىمىزنى بىلدۈرگۈم كەلدى..... \UE9Ff+{  
#?-W.  
ئاپتۇرى: بېيجىڭ ئۇنۋېرسىتېتى مېدىتسىنا بۆلۈمى 2004-يىللق سىنىپ ئوقۇغۇچىسى مۇيەسسەر ئابدۇراھەت (خەندان) ?Cu$qE!h)[  
?ph"|LyL  
ئەسلى مەنبە: شىنجاڭ مەدەنىيىتى ژورنىلى I,#U_  
m2V4nxw]Qp  
www.uyabc.comدىن ئېلىندى
 
ئۈمد
jiuxing

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.2063

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   583 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   28206 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   2664 (قېتم)
 تۆھپە:   2631  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5125
 سائەت
دەرىجىسى:
5125 سائەت 145 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-10-19
ئاخــىرقىسى:2013-01-28
ئاپتورنىڭلاتۇنجى ئىنكاس  يوللانغان ۋاقتى: 2011-01-04

بەكمۇ ياخشى تېما بۇلۇپتۇ باشقىلارنىڭ كۆپرەك ئوقۇپ كۆپرەك مۇلاھىزە قىلىشىنى ئويلاپ قالدىم...؟؟؟
 
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك2000 بايىت
 

ئالدىنقىسىكىيىنكىسى