كەپتەردە بار كۆڭۈل پاختەكتە يوقمىكەن؟ yj$$k~@
(پوۋېست) --fRh N>
‹‹مۇكاپاتلىق ئەسەرلەر مۇسابىقىسىگە››
يۇلغۇن
چەكسىز كەتكەن يولغۇنلۇق بىلەن دۈمچەك- دۈمچەك قەبرىلەر ئارىسىدىن ئۆتىدىغان ھارۋا يولىدائارلاپ- ئارلاپ پەيدا بولۇپ قالىدىغان ھاۋرىكەشلەر ھاۋرىللىرىنى توختۇتۇشۇپ، قەبرىلەرگە قاراپ كالپۇكلىرىنى تىنىمسىز مىدىرلىتىپ نىمىلەردۇر دەپ دۇئا قىلىدۇ. كۈندىن – كۈنىگە كىچىكلەپ كىتىۋاتقان يولغۇنلۇققا ئۇزۇندىن- ئۇزۇن قاراپ خىياللارغا چۆكىدۇ؟ « ئادەملەرنىڭ مۇشۇ پەيلى بولىدىكەن بۇ يولغۇنلۇقمۇ ھامان بىر كۈنى يوقايدۇ، ھەممە قورۇپ كىتىدۇ» سىرلىق ۋە قويۇق تۇيغۇ ئۇلارنىڭ قەلبىنى چىرمىۋالىدۇ، بۇ دۇنيا بىلەن ئۇ دۇنيا ئارىسىدىكى مۇساپىنىڭ تولىمۇ قىسقىلىقىنى ھىس قىلىشىپ، ئېغىر غورسنشىدۇ. تۇرمۇش، جان بېقىش، ئۆزىنىڭ مەنپەئەتى، ئابروي ئىززىتى ئۈچۈن بىر-بىرىگە ئورا كۈلىشىدۇ، بىر-بىرىگە قارا سانىشىدۇ، بىر-بىرىنى قوربان قىلىشىدۇ. شۇنداق بولغاچقا پىتنە-پاسات جىنايەت بىلەن تولغان بۇ تۆت كۈنلۈك دۇنيانىڭ ساختا قىپاپىتىدىن ئادەمنى بىزار قىلىدىغان يىرگىنىشلىك بىرخىل بۇرۇقتۇملۇق كەيپىيات تۆكۈلۈپ تۇرىدۇ.... ئادەملەر بىلەن ئادەملەر ئۆز-ئارا قىرغىن قىلىشىدۇ، بىر-بىرىگە رەھمى كەلمەيدۇ، شۇڭا دۇنيادا ئاچ كۆزلوكتە ۋە ھىلىگەرلىكتە ئادەمدىن ئۆتە باشقا بىر مەخلۇق بولمىسا كېرەك. كارنىيىتىنىڭ كىچىك يارالغىنى بىلەن نەپسىنىڭ يوغانلىقىنى دىمەيسەن تېخى..... چوغنىمۇ يالماپ يۈتىدۇ كاساپەتلەر.....بۇ دۇنيا گۈزەللىك، زەرىللىك، مېھىرى-ۋاپا، ۋاپاسىزلىققا تولغان دۇنيا....‹‹كۆرگەندىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ، كۆرمىگەننى كۆرسەن ئۆلمىگىننىڭ» دېگەندەك بۇ دۇنياغا كەلدىڭمۇ ئاجايىپ ئىشلارنى كۆرسىەن. ئەقلىڭگە سىغمايدىغان ۋەقەلەرنى ئاڭلايسەن. لېكىن بۇلارنىڭ ھىچقانچە ھەيرانە قالغۇچىلىكى يوق، ئەمما ھەيران قالماي تۇرالمايسەن. sX@}4[)<&
دۇنيا خۇددى ھىلە-نەيرىڭى تولا پاھىشە، خۇتۇنغا ئوخشايدۇ، ئادەملەرنى سىرلىق مىكىرلىرى بىلەن كۈلدۇرلىتىدۇ،ئالدايدۇ. ?rm3Iac0S
]OSq}ul تەبىئەتنىڭ دەھشەتلىك بوران-چاپقۇنلىرى دەستىدىن يىگىلەپ كۆك يانتاق، سايغان قۇمۇشلار بېسىپ كەتكەن ئەشۇ جىمجىت قەبرستانلىق تولىمۇ سۈرلۈك، ۋەھىمىلىك كۆرىنىدۇ. قەبرىستانلىقتىن ئۆتكەن ھەر قانداق ئادەمنى سۈر باسىدۇ. ئاۋۇ بىر نەچچە تۈگمەنچى ئۈگۈت بېسلغان ھارۋىللىرىنى توختۇتۇشۇپ سۈكۈتكە پاتقان دۈمچەك- دۈمچەك قەبىرىلەرگە قاراپ ئۇزۇندىن-ئۇزۇن دۇئا قىلىشتى. چەكسىز كەتكەن يولغۇنلۇققا قاراپ بىر ھازا خىيال سۈرۈشكەندىن كېيىن، تۈگمەنگە قاراپ يۈرۈپ كىتىشتى. ئۇلار ئىشەكلىرىنى پات-پات « خىت-خىت» دەپ بىقىنلاپ قويۇشاتتى. ئۇلار بۇ سۈرلۈك، ۋەھىمىلىك ماكاندىن بۇرۇنراق چىقىپ كىتىشى ئۈچۈن ئالدىرىشىۋاتقاندەك قىلىشاتتى.... تىنى قىزىرىپ كەتكەن ئاۋۇ يولغۇنلار ئىللەت ئاسارتىدىكى مىللەتنىڭ پۈچەك تەرەپلىرى ھەتتا جىنايەتلىرى، پەسكەشلىكلىرى توغرىسىدا نۇرغۇن سىرلارنى بىللەتتى لېكىن ھىچكىمگە سۆزلەپ بەرمەيتى بىراق، ئادەملەر چۇ؟ zif&