باشبەت |چايخانا | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |كىنو _ فىلىم|ئۇچۇر|ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       2987 
  •    ئىنكاس 
       11 

ئابدۇل قۇددۇس : تىل -يېزىق كومىتېتىغا(تۇلۇق)...........

قەۋەت ئاتلاش
abdulquddus
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.1874

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   390 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   21500 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   1903 (قېتم)
 تۆھپە:   1852  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 15295
 سائەت
دەرىجىسى:
15295 سائەت 95 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-10-07
ئاخــىرقىسى:2013-01-28

  "xD}6(NL(r  
kF(Ce{;z  
تىل ــ يېزىق كومىتېتىغا \g~ws9'~  
ئالاھىدە تەكلىپنامە l9_m>X~   
  lp:_H-sG  
مەسىلىنىڭ قويىلىشى /yx=7<  
   5c<b|  
Z -pyFK\  
تىل ــ يېزىق كومىتېتىدىكى كۆپتىن – كۆپ ئېزىز ۋە ھۆرمەتلىك قېرىنداشلىرىم!         $|Q".dD  
ئوبدان تۇرىۋاتامسىلەر؟  V)2"l"Kt  
:_MP'0QP  
ئايانكى، نۆۋەتتە بەزى ئالىملىرىمىزنىڭ ئۇخلاۋېتىپ جۆيلۈپ قوپۇپ سۆزلىگەندەك مەنتىقىسىز ھالدىكى ” تەكلىپ “ لىرىنى يوللىشى ۋە بەزى جايلاردا «قوش تىل مائارىپى»نىڭ ئىلمىيلىكتىن چەتنىگەن ھالدا چىڭ تۇتۇپ يولغا قويۇلىشى نەتىجىسىدە سۆيۈملۈك ئانا تىلىمىز ئۇيغۇر تىلى كىشىنى قاتتىق ئېچىندۇرىدىغان ، چۇڭقۇر ئويغا سالىدىغان ۋە دەرھال ئالدى ئېلىنمىسا قەتئىي بولمايدىغان ئېغىر تەھدىتلەرگە دۇچ كەلمەكتە. ;JAK[o8i  
بۇ يەردە تىلغا ئېلىنغان ” تەكلىپ “ ھازىرچە ماڭا مەلۇم بولغان پروفېسسور دوكتۇر ئابدۇرەئۇپ پولات ئەپەندىگە يېتىپ كەلگەن ” پىكىر ئېلىش تەكلىپنامىسى “ نى كۆرسىتىدۇ . kVWGDI$~  
سىلەر تىل – يېزىق كومىتېتىدىكى قېرىنداشلار بۇ جەھەتلەردە قانچىلىك ئىجابىي پىكىر – چۈشەنچىدە بولىۋاتىسىلەر، بۇ ماڭا نامەلۇم . ئەمما شۇ تاپتا چۇقۇمكى مىليونلىغان ئۇيغۇر جامائەسىنىڭ قەلبى يارا، كۆڭلى پەرىشان. ~@xT]D!BQ  
!شۇنداق!  W|lH   
مەن ئۆتكەن يىلى پروفېسسور دوكتۇر ئابدۇرەئۇپ پولات ئەپەندىنىڭ « ئۇيغۇر تىل – يېزىق مەدەنىيىتى بىر ئىنقىلاپقا مۇھتاج » ناملىق ماقالىسىنى كۆرۈپ، سىلەرنىڭ بۇ كىشىگە بىر پارچە « پىكىر ئېلىش تەكلىپنامىسى» ئىبەرتكەنلىگىڭلارنى، شۇنداق قىلىپ ئۇيغۇر تىلى بىلەن مۇناسىۋەتلىك يەنە بىر قېتىم ئىسلاھات خارەكتىرلىك ھەرىكەت ئېلىپ بارىدىغانلىقىڭلارنى بىلىپ ئىنتايىن پەرىشان بولدۇم ۋە بۇ ئەپەندىنىڭ ماقالىسىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئەسلا قوبۇل قىلىشقا بولمايدىغان خاتا پىكىر – چۈشەنچىلىرىگە دەرھال رەددىيە قايتۇرۇپ ، يۈز بىرىش ئىھتىمالى بولغان بۇ يامان ئاقىۋەتكە خاتىمە بەرمەكچى بولدۇم.  ex.+'m<g  
        كۆپ ئەپسۇس ، ئۇ چاغدا مېنىڭ ” رەددىيە “ خارەكتىرلىك ماقالەم تور بەتلەردىن قىسقا مۇددەتتىن كېيىنلا ئۆچۈرۈپ تاشلىنىپ ، ئىلمىي مۇنازىرىنىڭ داۋاملىشىشى تەلۋىلەرچە توختىتىۋېتىلدى!  >+L7k^[,0  
        ئەمما ئىلىم ھەقىقىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشقا بولغان جاسارىتىم سەۋەپلىك، بۇ قېتىم بۇ مەسىلىنى قايتا ئوتتۇرىغا چىقىرىشقا تىرىشتىم . شۇنىڭ بىلەن دەسلەپتە « ” ئۇيغۇر تىل – يېزىق مەدەنىيىتى بىر ئىنقىلاپقا مۇھتاج “ مۇ؟ » ناملىق تېما بىلەن بەزى تور بەتلەردە مۇنازىرە باشلىدىم. مۇنازىرە داۋامىدا مۇنداق ئىككى خىل پىكىر ئېقىمى نوقتىلىق ھالدا داۋاملاشتى. بۇلارنىڭ بىرى، بۇ مۇنازىرىگە ئابدۇرەئۇپ پولات ئەپەندىنىڭمۇ ئىشتىراك قىلىشى كېرەكلىگى؛ يەنە بىرى، بۇ جەھەتتە تىل – يېزىق كومىتېتىغا پىكىر يوللىشىمدىن ئىبارەت . بۇنىڭغا نىسپەتەن، ئابدۇرەئۇپ پولات ئەپەندى ئۇنچۇقماسلىق پوزۇتسىيىدە چىڭ تۇرۇپ كەلدى. بۇ تۈپەيلى مەن، ” ئۇيغۇر تىل – يېزىغى مەن ياكى باشقا بىر نەچچە كىشىنىڭ خالىغانچە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلسا بولىۋېرىدىغان خۇسۇسىي مۇلكىمىز ئەمەس ، ياكى كۆڭۈل ئېچىشقا ئىشلىتىدىغان شاخمەت تاختىسى ئەمەس. بەلكى ئۇ مىللىتىمىزنىڭ جانىجان سۆز - ئالاقە قۇرالىدۇر!“ دېگەننى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئابدۇرەئۇپ پولات ئەپەندىگە تور بەت ۋاستىسى ئارقېلىق ئاغرىتىپراق پىكىر يوللۇدۇم. ئەمما يانىلا جىم – جىتلىق ھۆكۈم سۈردى. بۇنىڭ بىلەن ئەمدى «پروفېسسور دوكتۇر ئابدۇرەئۇپ پولات ئەپەندىگە سەككىز سۇئال» ماۋزۇلۇق يازما تەييارلاپ ئېلان قىلدىم. ئەمما يانىلا جىم ــ جىتلىق ھۆكۈم سۈردى.  j(&GVy^;?  
        ئۇنداقتا بۇ ئەھۋالنى نىمە دەپ چۈشىنىش كېرەك؟ ــــ ”خىزمىتى ئالدىراش بولغاچقا تورغا چىقالمىغان بولسا كېرەك“ دەيمىزمۇ ، ياكى ” ئاكاڭ قارىغاي بىرىنچى! “ دېگىنىمۇ؟  Dq|GQdZ>o  
        چۈشىنىلگەن ئەھۋاللاردىن قارىغاندا كېيىنكى ھالىتى مەۋجۇت ئىكەن. بۇ تۈپەيلى مەن ئابدۇرەئۇپ پولات ئەپەندىنىڭ تەقدىرىدىن قاتتىق قايغۇرۇپ قېلىۋاتىمەن. چۈنكى جەنابىي ئاللاھ تەكەببۇر، مۆتىھەم كىشىلەرنى ھەرگىزمۇ ياقتۇرمايدۇ!!!......  [9LxhPi  
        ناھايىتى رۇشەنكى، تىلىمىز دۇچ كېلىۋاتقان قالايمىقانچىلىقلار بۇ كىشىنىڭ ئوتتۇرىغا قويغانلىرى بىلەنلا تۈگىمەيدۇ. يەنە جىددىي تۇتۇپ بىر ياقلىق قىلمىسا بولمايدىغان مەسىلىلەرمۇ مەۋجۇت. 2v4W6R  
 +.=1^+a  
        شۇنىڭ ئۈچۈن بىر پارچە ئالاھىدە تەكلىپنامە تەييارلاپ سىلەرگە سۇنغۇم كەلدى، مۇھاكىمە قىلىپ بېقىشىڭلارنى ۋە تور ۋاستىسى بىلەن پۈتكۈل جامائەتچىلىككە جاۋابەن ئىپادە بىلدۈرۈپ ئۆتۈشۈڭلارنى سەمىمىي ئۈمىت قىلىمەن.  3eWJt\}?B  
        مەن تەييارلىغان تەكلىپنامە مۇنداق 7 تۈرلۈك تېما ئاساسىدا بايان قىلىنىدۇ:  xg?auje  
1.ئۇيغۇر تىل –يېزىق مەدەنىيىتى ھەقىقىتەن بىر ئىنقىلاپقا مۇھتاجمۇ؟  C1 tb`  
2.ئۇيغۇر مەركېزى دېئالىكىتى توغرىسىدا   a%v>eXc  
          3.تارىخىمىزدا قوللانغان يېزىقلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئېلىپبەلىك ئوقۇشلۇق ۋە ئۈنۋېرساللاشقان دەرسلىكلەرنىڭ تېزلىك بىلەن تۈزۈپ چىقىلىشى ۋە ئومۇملاشتۇرۇلۇش زۆرۈرلىگى  توغرىسىدا؛  w~]T<^fW~  
  4.ئاتالمىش «ئۇيغۇر كومپيوتېر يېزىغى» توغرىسىدا؛  .8K6C]gw  
  5. چەتئەل كىشى ئىسىملىرى ۋە يەر ناملىرىنىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلى بۇيىچە تەرجىمە قىلىپ يېزىشنىڭ ئىلمىي پىرىنسىپى توغرىسىدا؛  l~NEGb  
  6. ئۇيغۇر تىل – يېزىغىنىڭ نۆۋەتتىكى قوللىنىلىش ئەھۋالى ، «قوش تىللىق مائارىپ» تىكى مەسىلىلەر توغرىسىدا؛ ~}K{e  
7.جىددىي تەشەببۇس؛  v$;@0t:;#  
"T7>)fbu  
 
1.  ئۇيغۇر تىل يېزىق مەدەنىيىتى ھەقىقىتەن بىر ئىنقىلاپقا مۇھتاجمۇ؟ w:Ra7ExP  
   []gRfM]$&  
        خوش ، شۇنداق بولغاندا، ئابدۇرەئۇپ پولات ئەپەندى ئېيتقاندەك ، ئۇيغۇر تىل – يېزىق مەدەنىيىتى ھەقىقىتەن بىر ئىنقىلاپقا مۇھتاجمۇ؟  T<6GcI>A  
     مېنىڭچە، بۇ مەسىلىدە سالماقلىق بىلەن توختۇلۇپ ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇ. چۈنكى ، بىزدىكى ھە دىگەندە « يېزىق ئۆزگەرتىش »،« ئىملا ئۆزگەرتىش » ۋە چەتئەل تىللىرىدىن خالار – خالىماس ۋە ھەتتا خۇپىيانە ئىچكى بېسىم تۈپەيلىدىن چەت تىللاردىن نۇرغۇن سۆز - ئاتالغۇلارنى قوبۇل قىلىشتىن ئىبارەت لەنەت تەككۈر ھەرىكەتلەر  نەتىجىسىدە مائارىپ ، مەدەنىيەت – سەنئەت ساھەمىزدە زور قالايمىقانچىلىق ، ئۈزۈكچۈلۈك ۋە شالغۇتلىشىش ھادىسىسى يۈز بىرىپ ، تارىختىكى « ئەڭ ئىلغار خەلق » ، « ئەڭ بۇيۇك مەدەنىيەت ئۇستازى » ۋە « ئىنسانىيەت مەدەنىيىتى تەرەققىياتى ئۈچۈن زور تۆھپىلەرنى قوشقان ئۇلۇغۋار مىللەت » دىگەن شان – شەرەپلىك نامىمىز يوقۇلۇش گىرداۋىغا بېرىپ قېلىۋاتىدۇ  !!! kM;o0wi  
شۇنىڭ ئۈچۈن ئابدۇرەئۇپ پولات ئەپەندىنىڭ ئۇ يازمىسىنى ھەممەيلەن ئەستايىدىل كۆرۈپ مۇھاكىمە قىلىشىمىزغا ۋە ئۇ ماقالە ئاساسىدا يېزىق ۋە ئىملا جەھەتتىن جىددىي ۋە كەسكىن بىر قارارغا كېلىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ.  m8+:=0|$  
      بۇ جەھەتتە مەن ئۆزۈمنىڭ كۆز قارىشىمنى تۈۋەندىكىچە ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتمەكچىمەن . #ua^{OrC/  
      ئالدى بىلەن بۇ ماقالىنىڭ تىمىسىدىن گەپ ئاچايلى:  @Z q[e  
      دېمەكچىمەنكى ، تىمىغا بىرلا قاراپ ، ھەر قانداق ئادەم : «يەنە يېزىق ئۆزگەرتىدىغان ئىش كېلىپ چىقىدىغان ئوخشايدۇ » دەپ قالىدۇ . چۈنكى ، « يېزىق مەدەنىيىتى بىر ئىنقىلاپقا مۇھتاج » دېيىلگەنىكەن، شۇ «يېزىق» بىر «ئىنقىلاپ»قا دۇچ كېلىش ئالدىدا تۇرىۋاتقانلىغىنى ئىپادىلىمەمدۇ ؟ X3yS5wh d(  
ئۇنداق بولسا بىز يەنە يېزىق ئىنقىلاۋى بىلەن ئاۋارە بولىمىزمۇ ؟ بۇ زادى نىمە ئىش ئەمدى ؟ زادى ، مەلۇم بولغىنىدەك ، مۇشۇ 50 يىلنىڭ مابەينىدە ئۈچ قېتىم يېزىق ، بەش قېتىم ئىملا ئىسلاھاتى بىلەن شوغۇللۇنۇپ خەلقىمىزنى «ساۋاتسىزلىق  دېڭىزىدا تۇنجۇقتۇرۇپ ئۆلتۈرۈش» ئىشىنى پەيدا قىلغانلىرىمىز ئاز بولۇپ قالدىمۇ ؟ زادى مۇشۇ تەلۋىلەرچە ئېلىپ بېرىلغان لەنەت تەككۈر ھەرىكەتلەر نەتىجىسىدە قانچىلىغان مەدەنىيەت ، تارىخ ئۈزۈكچىلىكىگە دۇچ كەلدۇق ؟؟؟ شۇنداقلا مۇشۇنداق تەتۈر شامال ، قارا قۇيۇنغا قارشى مەردانە كۆكرەك كىرىپ مەيدانغا چىققان قانچىلىغان مۇنەۋۋەر ئىلىم – پەن ئەربابلىرىمىز قەستەن «ئوڭچى» ، «يەرلىك مىللەتچى» قالپىغى كەيدۈرۈلۈپ دەھشەتلىك كۈرەشلەرگە تارتىلىپ پاجىئەلىك ھالدا ئۆلتۈرىۋېتىلدى ئەمەسمۇ ؟! o0mJy'  
قاتتىق ھۇشيارلىق بىلەن ئويلىنايلىكى، تىل – يېزىق دېگەن ئۇنداق خالىغانچە ئۆزگەرتىپ قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلىشقا ئىشلىتىدىغان كىچىك بالىنىڭ ئويۇنچۇقى ئەمەس ، بەلكى ئۇ مىللەتنىڭ تارىخى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ، جان تۇمۇرىمىز بىلەن ئوخشاش ئىنتايىن مۇھىم مەۋجۇدىيەتتۇر. دېمەككى يېزىق ئۆزگەرسە تارىخ ئۆزگىرىدىغان، ھەتتا ئۇنتۇلۇپ كېتىدىغان، تارىخ ئۇنۇتۇلسا بۇ مىللەت باشقىلارنىڭ قۇلدەك بوزەك قىلىشىغا ئۇچرايدىغان ناھايىتىمۇ پاجىئەلىك ئاقىۋەت كېلىپ چىقىدۇ.....!!! Y{+3}drJE  
خوش، شۇنىڭ بىلەن ماقالىدىكى مەسىلىلەرگە كەلسەك، تۈۋەندىكى مەسىلىلەر كىشىنى ھەقىقەتەن قاتتىق بىئارام قىلىدۇ . بۇ مەسىلىلەر تۈۋەندىكىلەردىن ئىبارەت :  >c:Zx!  
     1) ئابدۇرەئۇپ پۇلات ئەپەندى بۇ يازمىسىدا قەشقەر دېالېكتىنى مەركىزى دېئالېكىت بولىشى كېرەك دېيىش بىلەن بىرگە ئۆرۈمچى دېئالېكتىغا نىسپەتەن «تەرمە نۇپۇسلۇق ئۈرۈمچى تەلەپپۇزى» دېگەن ئاتالغۇنىمۇ قوللانغان . ئەسلىدە بۇنداق دېمەسلىگى ، مەھمۇت قەشقىرى ھەققىدىكى چۈشەنچىسىنى ئۇدۇلىغا ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەنلا بولدى قىلىشى تولىمۇ زۆرۈر ئىدى . چۈنكى ، « تەرمە نۇپۇس » دېگەن نام قارىماققا ھەر قەيەردىن توپلانغان نۇپۇس ، دېيىلگەندەك بولغان بىلەن ، ماھىيەتتە باشقىلارنى بىر تۈرلۈك كۆزگە ئىلماسلىق، ‹ ھاقارەت › مەنىسىنى بىلدۈرۈپ قويغاندىن تاشقىرى ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇر ئاھالىسىنىڭمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ مائارىپ ، مەدەنىيەت – سەنئىتى تەرەققىياتى ئۈچۈن قوشقان ئالەمشۇمۇل تۆھپىسىنى بىراقلا يوققا چىقىرىۋېتىش ئەھۋالى كىلىپ چىقىدۇ (؟) ئەقەللىسى ، « تەرمە نۇپۇس » دېگەندە ، شۇ « تەرمە نۇپۇس » لارنىڭ ئىچىدە كەلپىنلىكلەرمۇ ، يەنى پۈتكۈل ئۇيغۇر دىيارىنىڭ بىر مۇقەددەس پارچىسىدا ياشاۋاتقان مېنىڭ يۇرتۇمدىكىلەرمۇ بار . ئۇلارنىڭ ئىچىدە توختى سابىردەك جىگەرلىك چوڭلىرىمىز ؛ ئوت يۈرەك شائىر لۇتپۇللا مۈتەللىپ ھەققىدە ئاجايىپ تەسىرلىك تارىخىي مەلۇمات بىرىلگەن « قاينام ئۆركىشى » ناملىق تارىخي روماننى يازغان ، شۇنداقلا ئۇيغۇر مائارىپ تارىخى ئاجايىپ ياخشى يۇرۇتۇلغان « ئۇيغۇر مائارىپ تارىخىدىن ئۆچېرىكلار » ۋە باشقا نۇرغۇن قىممەتلىك رومان ، شېئىر قاتارلىقلارنى يازغان ئابدۇللا تالىپتەك پېداگوك ، ئەدەبىياتشۇناس ، شائىر يازغۇچىلار ؛ شېئىرىيەت ۋە تىلشۇناسلىق ساھەسىدە كاتتا تۆھپىكارلىغى بىلەن تۇنۇلغان غەنىزات غەييۇرانىدەك شائىر ۋە تىلشۇناسلار ؛ ھەر قايسى ئالىي مەكتەپلەردە مۇدىر ، مۇئەللىم بولۇپ ئىشلەۋاتقان نۇرغۇن ساندىكى ئىلىم ئەھىللىرىمىز بار . ئۇلار بىر ياقتىن مىللىي دېئالىكتىمىز بۇيىچە سۆز – ئالاقىدە بولۇشنى تاشلىماي مىللىي خاسلىقىمىزنى ساقلاش ، نامايان قىلىشنىڭ ئۈلگىسىنى تىكلىگەن بولسا ، يەنە بىر ياقتىن قانداقلا بولمىسۇن بىرلىك – باراۋەرلىكنى چىقىش قىلىپ «تەرمىلەر» بىلەن بىرلىكتە ۋەتەننى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن قىممەتلىك تۆھپىلەرنى قوشماقتا!!! E}YI WTX  
r6}_H?j  
        قېنى ، بۇلارنىڭ نەتىجىسىگىمۇ كۆز يۇمۇشقا بولامدۇ ؟ ) rpq+~b  
JC2*$qu J  
      دېمەكچىمەنكى ، كەلپىن خەلقىمۇ سەل چاغلاشقا بولمايدىغان خەلق . بۇ جەھەتتە تالانتلىق يازغۇچى مۇھەممەت باغراش ئەپەندى يازغان « كەلپىن ئۇيغۇرلىرى تېخى ئېيتىپ تۈگىتەلمىگەن بىر رېۋايەت » ناملىق ماقالە كەلپىن ئەھلىنى چۈشۈنۈشتە بىر ياخشى يىپ ئۇچى ، بەلكى قىممەتلىك دەرسلىك بولالايدۇ ! كۆرۈشنى خالىغۇچىلار تۈۋەندىكى توربەت ئادرېسى بۇيىچە ئاشۇ يازمىنى ئوقۇپ باقسا بولىدۇ.
http://www.bilik.cn/bbs/blog.php?tid=17463 0Oap39  
zPE$  
(Ilsk{aB;A  
3. تارىخىمىزدا قوللانغان يېزىقلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئېلىپبەلىك ئوقۇشلۇق ۋە ئۈنۋېرساللاشقان دەرسلىكلەرنىڭ تېزلىك بىلەن تۈزۈپ چىقىلىشى ۋە ئومۇملاشتۇرۇلۇش زۆرۈرلىگى  توغرىسىدا E9$H nj+m  
  >nM%p4E  
mH\@QdF  
ناھايىتى رۇشەنكى، تىل – يېزىق كومىتېتى قۇرۇلغاندىن بۇيان، دىيارىمىزدىكى مىللەتلەرنىڭ مىللىي تىل – يېزىق قوللىنىش تارىخىدا ئاز بولمىغان ياخشى يۈزلىنىش بارلىققا كەلدى. ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى بۇ جەھەتتە ئالاھىدە كۆزگە كۆرىنەرلىك ، ئەلبەتتە. بۇنى «قوش تىللىق مائارىپ» يولغا قويۇلغان ۋاقىتقىچە ئۇيغۇر تىلىدىكى لۇغەت – قامۇسلارنىڭ ، دەرسلىك ماتېرياللارنىڭ ، باشقا تۈرلۈك مەزمۇندىكى كىتاپ – ژورنال ، گېزىتلارنىڭ ، ئۈن – سىن نەشر بۇيۇملىرىنىڭ ، شۇنداقلا رادىئو – تېلىۋىزىيە ئاڭلىتىشلىرىنىڭ سان – سۈپىتىدىكى كەڭ ۋە ئومۇمىي دائىرىدە بولىشى بىلەن خۇلاسسىلاشقا بولىدۇ. QO,+ps<  
?\ Q0kr.T%  
ئەمما تېخىچە نەزىرىڭلارنىڭ سىرتىدا تۇرىۋاتقان ئىنتايىن مۇھىم ئىش تۈرى ـــ ئۇيغۇرلار تارىختا قوللانغان يېزىقلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئېلىپبەلىك ئوقۇشلۇق ۋە ئۈنۋېرساللاشقان كىتاپ ماتېرياللارنىڭ بولماسلىغى بولۇپ، بۇنىڭغا ئەسلا ۋە ئەسلا سەل قاراشقا بولمايدۇ. چۈنكى بۇ تۈر ماتېرياللار ئۇيغۇر ئىلىم بۇلىغىنىڭ كاتتا ناماياندىلىرى ۋە تىللاردا داستان بولغىدەك بى باھا گەۋھەر كەبى خەزىنىلىرىمىزدۇر! P']Y(!L  
GYoseqZM  
ئۇنداقتا ، قېنى بۇ جەھەتتە سىلەر قانچىلىك ئەمگەك سەرپ قىلدىڭلار؟ زادى، بىز ئۇنداق يېزىقلارنى قوللانغان، مۇنداق ئىلمىي ئەسەرلىرىمىز بار، ئۇنداق ئالىملىرىمىز بار ، مۇنداق ئۇتۇقلىرىمىز بار ، دەپ قويۇش بىلەن ئىش تامام ۋەسسالام دەيمىزمۇ ؟ زادى ئەۋلاتلىرىمىزنى بۇ خىل ئوقۇشلۇقلار بىلەن تەمىنلىشىمىز كېرەكمۇ – يوق؟ _]o5R7[MQ  
Tl3"PIb  
ئايانكى، قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىغىدا نۇرغۇن قوشاق، مۇزىكا تېكىستلىرى، پېداگوكىلىق رىسالىلەر، مەڭگۇ تاشلار ۋە ئىلمىي ئەسەرلەر يېزىلغان. بۇ يادىكارلىقلارنىڭ بىر قىسمى زامانىمىزغىچە يىتىپ كېلىپ، ئۇيغۇر تارىخى مەدەنىيىتى ۋە مائارىپىنىڭ يىراق ئوتمۇشىنى يورۇتۇپ بەرمەكتە. قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىغى قوشنا مىللەتلەردىن موڭغۇللار، مانجۇلار، قىتان (كىدان) لار ۋە نايمانلارنىڭمۇ يېزىق ئىجادىيىتىگە ئاساس سالغانىدى.قەدىمقى ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىي - مائارىپ ھاياتىدا مۇزىكا، ناخشا ۋە تۇرلۇك ئېستېتىك ئىقتىدار ئاساسىي تەلىم - تەربىيە ۋاسىتىلىرىدىن بىرى ئىدى. بۇنىڭدىن 1500 يىل بۇرۇن ئوتكەن مەشھۇر ئۇيغۇر شائىرى ۋە كۇيچىسى قوغۇسۇر ئالتۇن (507 - 687 - يىللار) ئىجاد قىلغان داڭلىق «تۇرا ناخشىسى» پۇتۇن ئۇيغۇرلار ئىچىدە، جۇملىدىن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكلەر دائىرىسىدە كەڭ تەسىر قوزغىغان ۋە ئەسىرلەردىن بېرى ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيە سىمۋولى بولۇپ كەلگەن. بۇ مۇزىكا تېكىستى ھازىر خەنزۇ مەكتەپلىرىنىڭ دەرسلىكىگە كىرگۇزۇلۇپ سويۇپ ئوقۇلىۋېتىپتۇ . ھەتتا ياپونىيىدىمۇ بۇ تېكىست قىزغىن تەتقىق قىلىنىۋېتىپتۇ. ئەمما بىزدىچۇ؟ ;rHz;]si  
.Dx2 ;lj  
      «تۇرا ناخشىسى» ۋە «ئېرق پۇتۇك» بىلەن بىللە ئەڭ قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىغىدا يېزىلغان تۇنجى دېداكتىك ئەسەر «چاستانى ئىلىك بەگ» داستانى ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئەسەر كوك تۇرك خاندانلىقى (552 - 744) دەۋرىنىڭ ھارپىسىدا يېزىلغان. ئۇنىڭدا يورۇقلۇق بىلەن زۇلمەت ئوتتۇرىسىدىكى كەسكىن كۇرەشلەر بايان قىلىنىدۇ. شۇڭا ئۇنىڭدا خېلى كوپ تەربىيىۋى ئەھمىيەتكە ئىگە مەزمۇنلار بار. v}P!HczmMP  
قەدىمقى ئۇيغۇر يزىغىدا يېزىلغان يازما يادىكارلىقلىرى ئۇيغۇر خەلقىنى ھەقىقىي تارىخىي دەرسلىك بىلەن تەمىنلىدى. ئۇلاردىن مەشھۇرلىرى: «كول تىكىن مەڭگۇ تېشى»(732 - يىلى تىكلەنگەن)، «بىلگە قاغان مەڭگۇ تېشى» (735 - يىلى)، «تۇنيۇقۇق مەڭگۇ تېشى» (716 - يىللىرى) ۋە «قۇتلۇق بىلگەقاغان مەڭگۇ تېشى» (759 - يىلى) دۇر. بۇ مەڭگۇ تاشلار تەزكىرىلىرى ئەينى زاماندىكى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تارىخىي ھاياتىنى، تۇرمۇش ئەھۋالىنى تەسىرلىك ۋە ئەينەن تەسۋىرلەپ بەرگەن. ئۇ ھەم تارىخىي دەرسلىك قىممىتىگە ھەم بەدەئىي ئەدەبىيات قىممىتىگە ئىگە. بۇ مەڭگۇ تاشلار تەزكىرىسىنى يازغان ئاپتورلار شۇ دەۋرنىڭ ئاتاقلىق ئوقۇتقۇچىلىرى، ئەدىبلىرى ۋە ماھىر خەتتاتلىرى ئىدى.لېكىن، ئۇيغۇرلاردا يېزىق تارىخى باشلانغاندىن كېيىن، مەكتەپ مائارىپ ئىشلىرىغا تۇنجى ئاساس سېلىنغان ماكان تۇرپان ئىدىقۇت ھېسابلىنىدۇ. ئىدىقۇت ئەينى زاماندا شەرق بىلەن غەرب مەدەنىيىتى بىر - بىرى بىلەن سىڭىشىپ يۇغۇرۇلغان مەركىزىي تۇگۇن ئىدى. ئۇ يەردە تۇرلۇك دىنلار ئەركىن پائالىيەت ئېلىپ باراتتى، ئىبادەتخانىلارنى سالاتتى، مەكتەپلەرنى ئاچاتتى، كىتابلارنى باساتتى. ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمقى تارىخىدا بۇددا كىتابلىرى ئەڭ كوپ يېزىلىپ ساقلانغان جايمۇ ئەنە شۇ ئىدىقۇت ئىدى. بۇ يەردە تېپىلغان يازما يادىكارلىقلار بىر نەچچە تۇمەندىن ئارتۇق. P(;Mb{  
HNMBXXf, B  
قېنى بۇلارنى بىزنىڭ يېڭى ئەۋلاتلىرىمىزلا ئەمەس ، خېلى نام- ئاتىغى بار يۇقېرى – تۈۋەن زىيالىلىرىمىزدىن بىلىدىغانلىرى زادى قانچىلىك؟ |yv]Y/ =  
ke6n/ h5`  
ئەلبەتتە بۇ چۇڭقۇر ئويلىنىشقا ئەرزىيدىغان ناھايىتىمۇ مۇھىم بىر ئىش تۈرى. قاراڭلار ، تۈركىيىنىڭ مەشھۇر ئالىمى پروفېسسور دوكتۇر ئوكتاي سىنان ئوغلى ئەپەندىم مۇنداق دەيدۇ: « ئوقۇغان ۋە كۆرگەنلىرىمگە ئاساسەن ، بىر دۆلەتنىڭ ، بىر ھۆكۈمدارنىڭ ئۆز خەلقىنىڭ بەخت – سائادىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئېڭىنى تارىختا تۇنجى قېتىم نامايان قىلغانلار ئۇيغۇرلاردۇر .. .... ئوسمانلىق مىڭ يىل بۇرۇن ئات ئۈستىدە قىلىچ ئوينۇتۇپ كېلىپ دۆلەت قۇرغان بولدى . ئات مىنىپ قىلىچ ئوينۇتۇپ كەلگەن بىر مىليون كۆچمەننىڭ ساغلام مۇئەسسەلىرى بىلەن 600 يىل دۆلەت قۇرالىغىنى نەدە بار؟ ئۇ شەكىلدە ، مەسىلەن ئاۋارلار كېلىپ ياۋرۇپانى تۇمانغا ئايلاندۇرىۋەتتى . ئەمما 50 يىلدىن كېيىن ئاتلىرى ۋە باشقا ھىچ نىمىلىرى قالماي تۈگەشتى . .... » ، « بىزنىڭ تارىخىمىزنىڭ ياخشى تەتقىق قىلىنىشى ئۈچۈن ئىنگىلىزچىنى بىلىدىغان ئەمەس ، ئۇيغۇرچىنى بىلىدىغان مىڭلىغان مۇتەخەسىسلەرنى يېتىشتۈرۈپ ئون مىڭلىغان ۋەسىقىلەرنى تەتقىق قىلدۇرۇش لازىم. » ( تەتقىقاتچى يازغۇچى تۇرغاي تۈپەكچى ئوغلى: « پروفېسسور دوكتۇر ئوكتاي سىنان ئوغلى ۋە تۈركچە » ، 289 - 290 – بەتلەر ) .« تارىختا بۇيۇك بىر تەجرىبە ۋە مەدەنىيىتىمىز بار . ئىسلامىيەتتىن بۇرۇنمۇ ئۇيغۇرلاردىن كەلگەن بۇيۇك مەدەنىيەتلىرىمىز بار . بىز ئاسيادىن ئۇنداق ئىككى مىليۇن كۆچمەن سۈپىتىدە كەلمىدۇق . ئۇنداق قۇرۇلغان ئىمپېراتۇرلۇق 600 يىل داۋام قىلالامدۇ ؟ » ، « ئۇيغۇر تۈركلىرى دۇنيانىڭ ھازىرقى ۋە ئۆتمۈشىدىكى ئەڭ بۇيۇك ، ئەڭ ئىنسانىي مەدەنىيىتىنى ياراتقان ئىدى . ئىنساننىڭ باياشاتلىقى ، ھۇزۇرى ۋە بەخت – سائادىتىنى ئاساس قىلغان دۆلەت ھاكىمىيىتى چۈشەنچىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ يۇرت سورىغانلارمۇ ئۇيغۇرلاردۇر . باشقا تۈرك دۆلەتلىرى ۋە ئاخىرىدا ئوسمانلىقلارمۇ ھاكىمىيەت باشقۇرۇشنى ئۇلارنىڭ ئۇسۇلى بۇيىچە داۋاملاشتۇرغان . » ( شۇ كىتاپ ، 252 – بەت ) ،  « تۈرك دۇنياسى ، ھەتتا پۈتكۈل ئىنسانلار  ئۇيغۇرلارغا كۆپ جەھەتتىن قەرزدار . ئۇيغۇرلار ئەڭ بۇيۇك مەدەنىيەتلەرنى مەيدانغا كەلتۈرگەن . دۇنيا بۇيىچە ئىنساننىڭ بەخت – سائادەتلىك بولىشىنى ئالدىنىقى رەتتە قويغان دۆلەت باشقۇرۇش ئېڭىنى ۋە تۈزۈلمىسىنى ، نۇرغۇنلىغان سەنئەت ۋە تېخنىكىنى ، ئەڭ ئىلغار تېرىقچىلىق ، سۇغۇرۇش ۋە بوستانلاشتۇرۇش ئۇسۇللىرىنى ئۇلار ئىجات قىلغان . ئوسمانلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كېيىنكى تۈرك دۆلەتلىرىنىڭ بۇيۇك مۇۋاپپىقىيەتلىرى مانا شۇ ئۇيغۇرلاردىن كەلگەن ... 20 يىل بۇرۇن ياپۇنىيىدىكى جىددىي ئىزدىنىشلىرىم جەريانىدا ياپۇنلارنىڭ دىققىتى قوزغالدى . ھازىر ئۇلار تەتقىقاتىنى باشلىۋەتتى . بىز ياپۇنلار بىلەن بىرلىشىپ « ئۇيغۇرلارنى تەتقىق قىلىش مەركىزى » نى قۇرىشىمىز لازىم . ئوسمانلىق ئارخىپ بەلگىلىرىنى تەتقىق قىلىدىغان بىر بىلىم قوشۇنى يېنىدا يەنە ئۇيغۇر تىلى ، يېزىغى ۋە تارىخى بۇيىچە كۆپلىگەن مۇتەخەسىسلەرنى  تېزلىكتە  يېتىشتۈرىشىمىز لازىم .» ( شۇ كىتاپ ، 283 – بەت ) VDn:SGj5  
f{_)rsqf  
ئويغۇرشۇناس ئالىم ئاخمەت جافەر ئوغلىمۇ « تۈرك تىلى تارىخى » ، « قېدىمقى ئۇيغۇر تىلى لۇغىتى » ناملىق كىتاپلىرىدا ئويغۇرلا ۋە ئۇيغۇر تىل – يېزىغى توغرۇلۇق كەڭ سەھىپە ئاجرىتىپ تەپسىلى مەلۇمات بەرگەن . بۇ يەردە قىسقىچە كۆرىدىغان بولساق ، « 5 – ئەسىردىن باشلاپ ئىلگىرى ئۆز قەبىلىلىرى بىلەن ، خېلى كىيىن بولسا قوشۇلغان باشقا تۈرك قەبىلىلىرى بىلەن سىياسى بىرلىكنى مەيدانغا كەلتۈرگەن ئۇيغۇرلار ئوتتۇرا ئاسيا تۈرك تىلى ۋە مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىي قىلىشى ۋە تارقىلىشىدا ناھايىتى مۇھىم روللارنى ئوينىغان .» ( « تۈرك تىلى تارىخى » ( 150 – بەت ) ، « ئوتتۇرا ئاسيادىكى ئەڭ باي مەزمۇندىكى تۈرك ئەدەبىياتى ئۇيغۇر يېزىغى بىلەن ۋۇجۇتقا كەلگەن .» ( شۇ كىتاپ ، 169 – بەت ) ، دەيدۇ ئاخمەت جافەر ئوغلى . ccMd/  
e~BJvZ}Q  
مانا شۇنداق بولغان ئىكەن، بىز ھە دېگەندە چەتئەل تىللىرىنىلا ئۆگۈنۈش ، قوللۇنۇشقا قىزىقىپ كېتىپ ئۆزىمىزنىڭ بى باھا گۈھەردەك بىلىم خەزىنىمىزنى تاشلىۋېتىپ ”يىلتىزسىز قامغاق“ تەك ياشايمىزمۇ؟ زادى باشقىلار بىزنى ۋە بىزنىڭ تىل – يېزىغىمىزنى شۇ قەدەر ئەتۋا بىلىپ تۇرىۋاتقان يەردە ، بىز ئەقلىدىن ئاداشقان ساراڭلاردەك خۇدىمىزنى يوقۇتۇپ يۈرىۋېرىمىزمۇ؟ -TZ^~s  
`oXg<tivU  
شۇ تاپتا ئىچىم بەكمۇ سىرىلىپ كىتىپ بارىدۇ! 5Pqt_ZWy  
~'{VaYk]v  
خەير، شۇنىڭ بىلەن ئەمدى شۇنى جىددىي تەشەببۇس قىلىمەنكى، « تارىخ ـــ ئىلىملارنىڭ ئانىسى » ، « تىل – يېزىق ـــ تارىخنىڭ ئاچقۇچى ۋە شەرھى نۇرى » . سىلەر ئەمدى ھە دېگەندە بىر ئوبدان ئومۇملىشىپ قوللىنىلىنىۋاتقان سۆزلىرىمىزنى غىدىلاپ ، رەڭ بېرىپ قۇرۇق ئاۋارە بولۇشنىڭ ئورنىغا  تىرىشچانلىغىڭلارنى  مۇتلەق ۋە مۇتلەق ھالدا بىزنىڭ قوللىنىۋاتقان يېزىقلىرىمىزدىن زامانداشلىرىمىز ۋە كەلگۈسى ئەۋلاتلىرىمىز تېخى ئۆگۈنۈش ۋە قوللىنىش ھالىتىگە كەلمىگەنلىرىنى ئېلىپبەلىك ۋە ئۈنۋېرساللاشقان ماتېريال ھالىتىگە تېزلىك بىلەن كەلتۈرۈپ تەييارلاپ نەشر قىلىپ تارقىتىش ، مەكتەپلىرىمىزدە قەدەم – باسقۇچلۇۇق ھالدا ئوقۇتۇلىشىغا سۇنۇش تەرىپىگە تېزلىك بىلەن مەركەزلەشتۈرگەن بولساڭلار! @ExLh9  
z}3di5+P  
       كۆرىدىغان بولساق، ئۇيغۇرلار ئۇزاق تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا نۇرغۇن يېزىقلارنى قوللانغان . بۇ يېزىقلار ھەرخىل تىپقا ، ھەرخىل سېستىمىلارغا مەنسۇپ ، بۇ يىزىقلار ھەرخىل دىنىي ئىتقاد ،ئىجتىمائىي بىرلىك سەۋەبىدىن قوللىنىلغان. يەنى ، ھەر - بىر خىل يېزىقنىڭ كەينىدە ئۆزىگە خاس سىياسىي ، ئىقتىسادىي ياكى ئىجتىمائىي ئارقا كۆرۈنۈش بار . ئەجدادلىرىمىز مانا مۇشۇ ھەرخىل يېزىقلار ئارقىلىق ئوخشىمغان تارىخىي دەۋر ۋە دىنىي مۇھىتتىكى ئەسەرلەرنى ، جۈملىدىن ئەدەبىيات - سەنئەت ، دىن ، تارىخ ، ئىقتىساد ، تىبابەتچلىك ، ئىلمىي نۇجۇم ، تىلىشۇناسلىق ۋە باشقا ساھەلەردىكى يازما يادىكارلىقلارنى ناھايىتى مۇكەممەل،تۇلۇق خاتىرلەش رولىنى ياخشى ئوينىغان.   oN ;-M-(  
        ھازىرغا قەدەر بىزگە مەلۇم بولغان ، ئەجدادلىرىمىز قوللانغان يېزىقلاردىن قەدىمىي تۈرك – رونىك  (ئورخۇن – يىنسەي ) يېزىغى، سوغدى يېزىغى، مانى يېزىغى ، قەدىمىي ئۇيغۇر يېزىغى ، براھمى يېزىغى ، قارۇشتى يېزىغى ، سۇرىيان يېزىغى، خەنزۇ يېزىغى، كونا تىبەت يېزىغى ، ئەرەپ يېزىغى ، خاقانىيە يېزىغى ، چاغاتاي يېزىغى، ئەرەپ ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر كونا يېزىغى ، ئۇيغۇر يىڭى يېزىغى ، سىلاۋىيان يېزىغى ۋە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلى يېزىغى قاتارلىق 30 غا يىقىن يىزىق بار . بۇ يېزىقلار ئىچىدە ئومۇميۈزلۈك ، كەڭ قوللىنىلغانلىرى قەدىمكى تۈرك يېزىغى ، قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىغى ، خاقانىيە يېزىغى ، چاغاتاي يېزىغى ۋە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلى يېزىغىدىن ئىبارەت. "u5KbJW  
TH>,v  
نۆۋەتتە ، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ خاس يېزىغى سۈپىتىدە ئەرەپ تىلى يېزىغى ئاساسىدا ئىشلەپ چىقىلغان يېزىغىمىز ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان دائىملىق قوللىنىلىدىغان يېزىق بولۇپ ، ھەر ساھە - ھەر كەسىپتە كاتتا تايانچىلىق رولىنى ئويناپ كەلمەكتە . z6 a,0&;-L  
yIWc\wv  
بىز مۇشۇ يېزىغىمىزنى ئىشلىتىشنىلا بىلىپ قالماي يەنە ئاشۇ قىممەتلىك تارىخي يېزىقلىرىمىزدىن ياخشى پايدىلىنالايدىغان بولىشىمىز لازىم . سىلەر مانا بۇلارنى ياخشى ئويلۇنۇپ كۆرىشىڭلار ۋە تېزلىكتە ھەرىكەتكە كېلىپ يېڭى نەتىجىلەرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشىڭلار ئىنتايىن زۆرۈر ، ئەلبەتتە! "&Gw1.p  
]d^ k4 d  
مەسىلەن: C_-%*]*,j  
Ca X^)  
ئورخۇن – يىنسەي يېزىغىنىڭ ئوقۇلىشى ۋە بۇ يېزىق بىلەن يېزىلغان ماتېرياللاردىكى تېكىستلەرنىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىچە مەناسى؛ =pyVn_dg  
)=y.^@UT@  
سوغدى يېزىغى ۋە بۇ يېزىق بىلەن يېزىلغان ماتېرياللاردىكى تېكىستلەرنىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىچە مەناسى ؛ nT#37v  
?vMK'"  
........................... ؛ xna7kA  
YXgWH'i~  
دېگەندەك. =[s8q2V  
MST:.x ;  
بىر مىللەتكە نىسپەتەن ئۆزىنىڭ ئانا تىل - يېزىغىنى بىلمەسلىكتەك ساۋاتسىزلىقنىڭ شۇ مىللەتكە نىسپەتەن نەقەدەر نومۇسلۇق ئەھۋال ئىكەنلىگىنى ياخشى ئويلىنىشىمىز لازىم. بۇ،ئەلبەتتىكى ئۇلۇق ئەجداتلىرىمىز ئالدىدىكى تارىخىي بۇرچىمىز، ئەۋلاتلىرىمىز ئالدىدىكى باش تارتىپ بولمايدىغان ۋىجدانىي مەسئۇلىيىتىمىزدۇر! ,|6Y\L  
7F"3<U@J  
جۈملىدىن، يېزىق ـــــ تارىخنىڭ ئىزچىل داۋاملىشىشىنى ۋە چۈشۈنىلىشىشىنى كاپالەتلەندۈرىـ - 2@rp<&s  
,<7"K&  
ـدىغان مۇھىم ئامىل!   v hRu `Yb  
4. ئاتالمىش «ئۇيغۇر كومپيوتېر يېزىغى» توغرىسىدا 2j2mW>Z  
  #E*@/ p/  
J>><o:~@  
ئەمدى مانا شۇ ئاتالمىش «ئۇيغۇر كومپيوتېر يېزىغى» توغرىسىدا بىرئاز توختۇلۇپ ئۆتىمەن. XPar_8I  
[Bl$IfU  
شۇنداق! {CW1t5$*  
?R dmKA  
 مەلۇمكى، دىيارىمىزدىكى تىلشۇناس ، ئالىم، پروفېسسور ، دوكتۇر ۋە باشقا ئىختىساسلىق قارالغان كىشىلەرنىڭ 5 قېتىملىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلىش بىلەن لاتىن يېزىغى ئاساسىدا تەييارلىنىپ بېكىتىلگەن يېزىق شەكلى «ئۇيغۇر كومپيوتېر يېزىغى» دېگەن نام بىلەن ئېلان قىلىنىپ ئىشلىتىشكە سۇنۇلغان بولدى. ev~dsk6k  
C4&U:y<ju  
بىلىنگەن ئەھۋاللاردىن قارىغاندا بۇ يېزىق ئىسىم – ناملارنىڭ قېلىپلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق، دەپ قارىلىۋېتىپتۇ. TX< e_[$\  
مېنىڭچە، نىشان يالغۇزلا بۇ بولمىسا كېرەك. <m?GJuQ'  
ئۇنداقتا بۇ يېزىق ھەقىقىتەن ئىسىم – ناملارنىڭ قېلىپلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىقمۇ؟ :iP>z}h  
ئەمەلىيەت ئىسپاتلاپ تۇرۇپتىكى، ھەرگىزمۇ پايدىلىق ئەمەس . جۈملىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە ۋە ئىلىمىي تەتقىقات ساھەسىدىكى ئىھتىياجلىرىمىزغا زادىلا يارىمايدۇ. KC@k9e  
0_YxZS\  
چۈنكى : kvMk:.  
.8u$z`j  
1)
ھەرىپىنى ‹Jj›  بۇ يېزىق تەركىۋىگە قارايدىغان بولساق، بەزى ھەرپلەرنىڭ ئىشلىتىلىش ئورنى مۇقىم ئەمەس. مەسىلەن
ژ›  نىڭ تەڭدىشى دەپمۇ، ‹ج› دەپمۇ تەلەپپۇز قىلىنىدىغانلىغى بېكىتىلگەن. ىەڭدىشى قىلىپ ئىشلەتسە بولىدىغانلىغى كۆرسۈتۈلگەن.  ET >S  
مۇشۇنداقمۇ مەنتىقىسىزلىق بولامدۇ؟ زادى بىر خىل ھەرپنى ئىككى خىل تاۋۇش ئۈچۈن ئىشلىتىشنىڭ سەۋەبى، مەنتىقىلىق ئاساسى نىمە؟ " #mXsp-ut  
ناھايىتى رۇشەنكى، يېزىق ـــ تىل تاۋۇشلىرىنى توغرا خاتىرلەش ئالدىنقى شەرتى بىلەن شۇ تاۋۇشلار ئاساسىدا ئىپادىلىنىدىغان ئوي – پىكىرنى يازما ماتېريالغا ئايلاندۇرۇش ، ئىجتىمائىي ئالاقە ۋە باشقا ساھەلەردىكى چۈشىنىشىشنى ئاسانلاشتۇرۇش ۋە ئىلگىرى سۈرۈش، ئىلىم – مەرىپەتنى گۈللەندۈرۈش ...ئۈچۈن يارىتىلغان. c!'A)JD@  
6%\7.h  
دەل شۇنداق بولغاچقا ، ئۇيغۇر تىلى يېزىغى نۇرغۇن مۇھاكىمىلەر ئاساسىدا ئەڭ ئاخىرىدا تىلىمىزدىكى سۆزلەملەرنىڭ مەنا ئاڭلىتىش جەھەتتىكى مۇجمەللىكنى يوق قىلىش سەۋەبىدىن ، ‹ئو› نىڭ مۇناسىۋەتلىك سۆزلەملەردىكى خاس تاۋۇش شەكلىنى توغرا چىقىرىش ئۈچۈن ‹ئۆ› نى ، ‹ئۇ› نىڭ مۇناسىۋەتلىك سۆزلەملەردىكى خاس تاۋۇش شەكلىنى توغرا چىقىرىش ئۈچۈن ‹ئۈ›نى ئىجات قىلىپ ئەسلىدىكى 6 خىل سوزۇق تاۋۇشنى 8 قىلىش بىلەن ئەڭ مۇكەممەل ھالەتكە كەلگەن بولدى. بۇنىڭ ئۈنۈمى بەك ياخشى بولغان ئىدى. (cOND/S  
مۇشۇنداق ياخشى يۈزلىنىشنى ئەمدى قاراپ تۇرۇپ بۇزغۇنچۇلۇق ، قالايمىقانچىلىققا دۇچ كەلتۈرۈپ بىر خىل ھەرپنى كۆپ خىل تاۋۇش ئۈچۈن ئىشلىتىشنىڭ زادى نىمە زۆرۈرىيىتى ۋە ئەۋزەللىگى بار؟ ]jVIpGM  
قېنى تۈۋەندىكى سۆزلەملەرنى بىرلا قاراپ خاس توغرا تەلەپپۇزى بۇيىچە ئوقۇيالايدىغانلار زادى قانچىلىك؟  O:oU`vE  
{4_I7r  
ja  ,  jabdu -  jabdumak     jabdudi     jabdugan     jabdusa    jabdut-   jabdutux     jabdux-   jabduxmak    jabduk   jabdugum   jabdugimiz   jabdugung   jabdugingiz   jabdugunglar   jabdugi   jabduklar   jabdul-    jabdulux   jabdun-   jabdunux   jap   japa    japayim   japaying   japasi   japasiz    japakəx   japakəxlik   japakəxligi   japalik     japaligi    japa-muxəkkət   japa-muxəkkətlik    jap-jap   jap-japlik   jap-japligi   japilda-   japildimak     japildat-     japilditix    japildax    japildaxmak    japildak     jada     jadam     jading     jadisi     jadu     jadusi     jadau kilmak    jadugəjadugərlik    jadugərligi      jar     jarang     jarang-jarang     jarang-jurung     jarangsiz     jarangsizlax-     jarangsizlixix     jarangsizlaxtur-     jarangsizlaxturmak     jarangsizlaxturux     jarangsizlaxturul-   jarangsizlaxturulux     jarangla     jaranglimak     jaranglat-     jaranglitix     jaranglatkuz-     jaranglatkuzux     jaranglax-     jaranglaxmak     jaranglik   Bo](n*i  
jQ.>2-;H9  
38x[Ad4%  
(ئىزاھ : يۇقارقى مىساللار «ئۇيغۇر تىلىنىڭ تەلەپپۇز لۇغىتى»دىن ئېلىنغان بولۇپ ، ئۇلاردىكى k ، g ، x ، ə  لار قاتارى بۇيىچە:  ‹ق› ، ‹ غ › ، ‹ش› ، ‹ئە› ئوقۇلىدۇ.)  wf~5lpI[  
!^Z[z[  
ئەلبەتتەكى، يۇقارقى سۆزلەرنى دەرھاللا خاس تەلەپپۇزىغا يارىشا ئوقۇش ئاسانغا چۈشمەيدۇ! )H[h53bIq  
3<KZ.hr  
شۇنىڭ ئۈچۈن ،  بىر ھەرپنى مۇتلەق بىر تاۋۇش ئۈچۈن ئىشلىتىش لازىمكى، ” تۇخۇمنى 4 بۇلۇڭى بار دېسەكمۇ بولىدۇ “ دەيدىغان تەلۋىلىكنى قەتئىي بازارغا سېلىشقا بولمايدۇ! ئۇيغۇر تىلى ئۇنداق مۇجمەل ، نىمىلا دېسە بولىۋېرىدىغان ساراڭلارنىڭ تىلى ئەمەس ! بەلكى، تاۋۇش تەركىۋى مۆل ۋە مۇكەممەل، سۆز بايلىغى مۆل ۋە قانائەتلەندۈرگىچىلىگى بار، ئېنىقلىق دەرىجىسى ئەڭ يۈكسەك، بىرگە – بىر روبىرو كېلىدىغان تەڭداشسىز قىممەتلىك تىل! بۇ تىلنىڭ تاۋۇشلىرىنى قالايمىقانلاشتۇرۇشقا ھىچ كىمنىڭ ھەققى يوق! «ئوت بىلەن ئويناشقۇچىلار كاللىسىغا ھېزى بولغاي!!!»، ئەۋلاتلىرىمىزنىڭ ئالدىدا ھېساپ بىرىپ قالىدىغان شەرمەندە ئاقىۋەتكە دۇچ كىلىپ قېلىشتىن ھەركىم ھەزەر ئەيلىگەي!  %T&&x2p^=?  
#GDh/t2@  
مۇشۇ يەردە شۇنىمۇ ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتەيكى، ئاتالمىش «ئۇيغۇر كومپيوتېر يېزىغى» ھەققىدە بىرىلگەن ئەسكەرتىشتە ، « ئەگەر «Öö, Üü, Éé» لارنى كونۇپكا تاختىسى ئارقىلىق كىرگۈزۈشكە ئىمكان بولمىغاندا، UKY بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن ماس ھالدا «Oo, Uu, Ee» لارنى ئىشلىتىشكە بولىدۇ.» دېگەننى ئوتتۇرىغا قويۇپ، «Öö, Üü, Éé» لارنى كىرگۈزۈش ئۇسۇلىنىڭ http://www.ukij.org/teshwiq/uey%20eou.HTM دا تەپسىلىي كۆرسىتىلگەنلىگى ئېيتىپ ئۆتۈلگەن. ئەمدى بۇنىڭدىن مەلۇمكى، J j ھەرىپىنىڭ ئىككى خىل تاۋۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلسىمۇ بولىدىغانلىغى ئېيتىلغانلىغىدەك تەلۋىلەرچە خاتا قىلىش ئاز بولۇپ قالغاندەك ، نۆۋەتتە سوزۇق تاۋۇش ھەرىپلىرىنىڭ تەركىۋىدىكى ئاشۇ 3 ھەرىپمۇ ئىككى خىلدىن تاۋۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلسە بولىدۇ، دېيىلگەن تېخىمۇ ئېغىر خاتا قىلىش قاراپ تۇرۇپ ”پىرىنسىپ“ ھالىتىگە كەلتۈرۈلگەن ۋە مۇنداق قىلىشنى ” توغرا “ ، دەپ كۆرسەتكەن!!! |h^G$guw  
DiGUxnP  
ئەمدى بۇنىڭغا نىمە دېگۈلۈك!؟ >n$E e J  
'$kS]U  
.......................!!! =CG!"&T  
{R1Cxt}  
        خەيرىيەت ، مەن مونۇ ئادرېس http://www.ukij.org/teshwiq/uey%20eou.HTM  بۇيىچە كۆرۈشكە تېگىشلىك يەرنى ئېچىپ قاراپ بېقىپ بەكمۇ ئەپسۇسلاندىم. چۈنكى، شۇ 3 تال ھەرپ ئۈچۈن «چىچالماس قىز»نىڭ ماشاقىتىدەك ئەھۋال بايان قىلىنىپتۇ ئەمەسمۇ ؟ مەسىلەن ، بۇ توربەتنى ئاچقاندا تۈۋەندىكىدەك مەشخۇلات قائىدىلىرىنى كۆرىسىز:  #/XK&(X  
É،Ü، Ö“ لارنى Windows مەشخۇلات سىستېمىسىدا كومپيوتېرغا كىرگۈزۈش ئۇسۇلى:   8&2gM  
?^G$;X7B  
1. ” كونترول تاختىسى“غا كىرىپ، ”كونۇپكا تاختىسى“نى ئىككى چىكىڭ؛(ياكى ‹ › بۇ ئىكراننىڭ ئوڭ تەرەپ ئاستىنقى بۇرجىكىدىكى ”EN“ نىڭ ئۈستىگە ماۋسنىڭ ئوڭ كونۇپكىسىنى بېسىپ، ”خارەكتىر“نى تاللاڭ؛) #r:Kg&W2FO  
d'g{K]=tF  
2.” كونۇپكا خارەكتىرى“دىن ” كىرگۈزۈش ئۇسۇلى رايونىنى بەلگۈلەش“ نى تاللاپ ”ئامېرىكا ئنگىلىز تىلى“ نىڭ خارەكتىرىنى ئېچىڭ؛ (بۇ يەردە بىر كۆرۈنۈش بار ئىكەن) v;F+fOo  
<8z[,X}bM  
3. كونۇپكا ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى ” ئامېرىكا ئېنگىلىز تىلى - خەلقئارالىق“ قا توغرىلاڭ؛ (بۇ يەردىمۇ بىر كۆرۈنۈش بولىدىكەن) C"m0"O>  
7N~qg 7&  
4. ” بېكىتىش“نى بېسىڭ؛(بۇ چاغدا يەنە بىر كۆرۈنۈش چىقىدىكەن) $qyMX[  
hk$nlc|$  
5. بۇ چاغدا ”ئامېرىكا ئىنگىلىز تىلى“نىڭ ئارقىسىغا ”خەلقئارالىق“دېگەن سۆز قوشىلىدۇ؛(بۇ چاغدا بىر كۆرۈنۈش چىقىدىكەن) EV7+u0uN&Q  
sp |y/r#  
6. ”كونۇپكا خارەكتىرى“ دىن ”بېكىتىش“نى چەكسىڭىز ”  Windowsسىستېمىسى بار دېسكىنى سېلىڭ...“دېگەندەك ئۇچۇرلار كۆرىنىدۇ،ئۇ چاغدا Windows سورىغان دېسكىنى سېلىپ” بېكىتىش“  كونۇپكىسىنى باسسىڭىز ئۇيغۇرچە ö،ü،é “ لەرنى كىرگۈزگىلى بولىدۇ.(كۆرۈنۈش بار) 6~Oje>w;  
m"m;(T{ v  
7.ماۋسنى كومپيوتېر ئىكرانىنىڭ ئوڭ تەرەپ ئاستىنقى بۇلۇڭىدىكى ” EN  دېگەن خەتنىڭ ئۈستىگە ئېلىپ كەلسىڭىز ” ئېنگىلىز تىلى (ئامېرىكا) – ئامېرىكا ئېنگىلىز تىلى – خەلقئارالىق “ دېگەندەك (يەنى ئاۋۇ كۆرۈنۈشتىكىدەك) سۆزلەر كۆرىنىدۇ . بۇ نۆۋەتتىكى كونۇپكا خارەكتىرىنىڭ خەلقئارالىق ئامېرىكا ئېنگىلىز تىلىغا ئۆزگۈرۈپ بولغانلىغىنى چۈشەندۈرىدۇ . (تۈۋەندىكىدەك) E~O>m8hF  
ZxeE6&#M^w  
8RT0&[  
ئەمدى ئالدى بىلەن قوش پەشنى، ئاندىن ”e“ نى باسساق نۇر بەلگىسى كۆرسەتكەن ئورۇنغا ”é“ چىقىدۇ. مەسىلەن: .Fz6+m;Z  
LYT<o FE-  
" + E = É ;    " + e = é ; z)y(31K<1  
~map5@Kd  
" + O = Ö     " + o = ö ; 0$h$7'a  
?-v?SN#  
" + U = Ü     " + u=  ü; Pw{{+PBu R  
)G &3V  
دىققەت ! @?AE75E{  
05zdy-Fb  
سىز ‹"› نى بىر قېتىم باسسىڭىز نۇر بەلگىسى كۆرسەتكەن ئورۇنغا ھېچ نىمە چىقمايدۇ، لېكىن يەنە بىر كونۇپكا باسسىڭىز ‹"› قوشۇلۇپ چىقىدۇ. aVL%-Il}  
مانا شۇنداق. lFt{:HfX-  
كۆرۈپ تۇرۇپتىمىزكى ، ئاتالمىش ”ئۇيغۇر كومپيوتېر يېزىغى“ مانا شۇنداق ئاۋارىچىلىقلارغا دۇچ كەلتۈرىدۇ. bvvx(?!  
2) ئەمدىكى مەسىلە شۇكى، بۇ ئاتالمىش « ئۇيغۇر كومپيوتېر يېزىغى » ئانا تىلىمىزدىكى كىتاپ – ماتېرياللاردىن پايدىلىنىشىمىزغا يارىمايدۇ ھەتتا ئېغىر تارىخ ۋە مەدەنىيەت ئۈزۈكچىلىگى ھەتتا زور يوقۇتۇشلارغا دۇچ كەلتۈرىدۇ!!! SvJ8Kl OV  
چۈنكى ، مەلۇمكى ئەرەپ ئېلىپبەسى ئاساسىدا ئىشلىنىپ بىر ئوبدان ھاجىتىمىزدىن چىقىپ كېلىۋاتقان نۆۋەتتىكى يېزىغىمىز  1962 – يىلى كۈتۈلمىگەندە « تىلنى توغرا ئىپادىلەپ بىرەلمەيدۇ»، «جەمىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئىھتىياجىغا ماسلىشالمايدۇ»،«مىللەتلەر ئىتتىپاقىنىڭ ئىھتىياجىغا ماس كەلمەيدۇ»، دېگەن تۆھمەتلەر بىلەن ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، «يېزىق ئۆزگەرتىش» قارا قۇيۇنى كۆتۈرۈلۈپ،«ئۇيغۇر يېڭى يېزىغى» نامىدا بىر خىل ئېلىپبەلىك يېزىق ئىشلەپ چىقىلىپ، پۈتكۈل مەتبۇئاتلار بۇ يېزىق بىلەن سانسىزلىغان نەشرئەپكارلارنى بېسىپ تارقىتىشقا باشلىدى. بۇ جەرياندا ھەتتا ناھايىتى قىممەتلىك مەشھۇر كىتاپلارمۇ بۇ يېزىق بىلەن ترانسكىرىپسىيە قىلىنىپ تارقىتىلدى. كۆرىدىغان بولساق، مەشھۇر ئالىم ، تىلشۇناس مەھمۇت قەشقېرىنىڭ « تۈركىي تىللار دىۋانى» ناملىق مەشھۇر كىتاۋىدىكى سۆزلەملەر ، مەشھۇر ئالىم ، پەيلاسوپ يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ شاھانى كىتاۋى« قۇتاتقۇ بىلىك » تامامەن ئەنە شۇ  1962 – يىلى ئىشلەپ چىقىلغان « ئۇيغۇر يېڭى يېزىغى » ھەرپلىرى بىلەن ترانسكىرىپسىلەشتۈرۈلگەن: 0 1w/,r  
ئۆرنەك 1 : تۈركىي تىللار دىۋانىدىن پارچە:
ئۆرنەك ب S8<aq P  
?E+XD'~  
ئۆرنەك2 :« قۇتاتقۇ بىلىك » تىن ئېلىنغان مىسال بەتلەر : ~<R~Q:T  
t')I c6.?i  
wpmtv325  
zj4JWUM2  
pYQs|5d  
jlZNANR3  
تەرجىمىسى: >[7vX m4  
3M`J.>  
B5S1F4  
[ j_jee  
x;/3_"$9>\  
ئەمدى، كونا تىلىمىزدىكى بەزى تېكىستلەردىن ئېلىنغان پارچىلارغا قاراپ باقايلى: \zU R9h  
)c_ll;%  
             قەدىمقى ئۇيغۇر تىلىدا          چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىدا     ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا
*G38N]|u6  
EWi@1PAZK  
                    yoruk                               yoruk                                   yaruk                  ubw ]}sfM#  
                       ozuk                                  ozuk                                     azuk                    c1f6RCu$b  
                          tɵmür                               tɵmür                                    tamür                lPQH_+)Z"  
                     igiz                                   igiz                                 ədiz                 n >^?BU  
                          kegiz                                kegiz                                     kadiz                    +}!eAMQ  
                          aygir                        aygir                                   adgir              
                          büyük                               büyük                                   bədük                   K':f!sZ&2  
                      avat                                  abad                                    abadan                  =W6P>r_  
                          korsak                             korsak                                   kogursak             BsAglem  
      xiiZ'U  
c:bB4ch}  
xtә kөrsәm xum rәkibi bәstәni , 9/{g%40B^  
Oyga
nurmәn turfә qüqüp dilbәrim . 3+Q6<MSq  
HTC7fS  
 (چۈشۈمدە پەس رەقىبلەرنى كۆرسەم،بۈلەكچىلا چۈچۈپ كېتىمەن،دىلبېرىم.) dZm{?\^_  
0YS*=J"7z  
ــــ («ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىدىن نەمۇنىلەر»،486-بەت)
aRV<y8{9  
A4# m&o  
Padixah әrkani dәwlәt bilәn өzlәri qikip , bu halni kөrüp , hәrәt ilgini tәәjjub dandanida tixlәp orduga tәklip k
ilip alip kәtti .   x&;SLEM  
(پادىشاھ ئۈزى دۆلەت ئەربابلىرى بىلەن بىللە چىقىپ،بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ،ھەيرەت قۇلىنى تەئەججۇپ چىشلىرى بىلەن چىشلىدى(قاتتىق ھەيران بولدى).ئاندىن ئۇنى تەكلىپ بىلەن ئوردىغا ئېلىپ كەتتى). *33Zt+  
qn<~LxQ  
ــــــ مۆجىزى:«مۇزىكانتلار تارىخى»،قوليازما،9-بەت. |HL1.;1  
ICGBU>Db  
مانا شۇنداق. $GcVC (]  
شۇنىڭ ئۈچۈن زادى بىر ئويلۇنۇپ باقايلى، ئاشۇنداق قىممەتلىك تارىخي مەلۇماتلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك يېزىغىمىزنى تاشلىۋېتىپ ئاتالمىش «ئۇيغۇر كومپيوتېر يېزىغى»نى قوللۇنۇشنىڭ زادى نىمە پايدىسى بار؟ زادى ئاتالمىش «ئۇيغۇر كومپيوتېر يېزىغى»نى ئاشۇ قىممەتلىك كىتاپ ماتېرياللانى ئوقۇپ بىلەلىشىمىزگە پايدىسى بولىدىغان يېزىقنىڭ ئورنىغا دەسسەتسەك، ئۇ خىلدىكى كىتاپ ۋە باشقا ئەسەرلىرىمىزنى ئەۋلاتلىرىمىز ئوقۇيالامدۇ ۋە چۈشىنەلەمدۇ؟ زادى«ئۇيغۇر كومپيوتېر يېزىغى»نى قوللۇنۇش بىلەن بولۇپ كىتىپ ئاشۇ قىممەت باھالىق كىتاپ ، ماقالە – ئەسەرلىرىمىزنى ئوقۇيالىشىمىزغا پايدىسى بولىدىغان يېزىغىمىزنى ئۇنۇتۇپ كەتسەك ، ئەۋلاتلىرىمىز ئاشۇ بى باھا گۆھەردەك ئىلىم بۇلىغىدىن سۇ ئىچەلەمدۇ؟ زادى قاراپ تۇرۇپ ئاشۇ يېزىغىمىزنى تاشلىۋەتسەك ، ئۇ چاغدا تارىخىي مەلۇمات جەھەتتە ئېغىر يوقۇتۇشلارغا دۇچ كەلمەمدىمىز؟ مۇشۇ «ئۇيغۇر كومپيوتېر يېزىغى»نى تەييارلىغۇچىلارنىڭ كاللىسى زادى قەيەردە؟؟؟؟ 4WNWn#M  
`InS8PLr  
3. ئاتالمىش «ئۇيغۇر كومپيوتېر يېزىغى» كەلەڭكەي بولغاننىڭ ئۈستىگە،لاتىن يېزىغى ئاساسىدا ئىشلەنگەن كونۇپكا تاختىسىدىن ئۆز يېزىغىمىز تەركىۋىدىكى ‹چ›،‹ش›، ‹غ› ، ‹ڭ› قاتارلىق ھەرپلەرنى چىقىرىش ئۈچۈن ‹ch›،‹sh›،‹gh›،‹ng
ھەرىپلىرىنى ئىشلىتىپ يازغىلى بولمايدۇ . بولمىسا سىناپ بېقىڭ، يازالامدىكەنسىز؟ مۇقەررەركى يازالمايسىز، يانىلا « يېڭى يېزىق » ھەرپلىرى بىلەن ئاسان ۋە تېزلا يېزىۋىتەلەيسىز ، ئەمىلىيەتتىمۇ شۇنداق بولىۋاتىغۇ؟!؟ #"TTIvd0  
\s,ZE6dQ  
  L"AZ,|wIk  
مەسىلەن، كونۇپكا تاختىسىنى تۈۋەندىكىدەك تەييارلاپ: "*?^'(yA@  
OJ&~uV>2  
دېمەككى، ئاتالمىش « ئۇيغۇر كومپيوتېر يېزىغى » ئارقىلىق گەپ – سۆزلىرىڭىزنى كونۇپكا تاختىسىدا لاتىنچىلا يازالايسىز، ئۇيغۇرچە يازالمايسىز. « ئۇيغۇر يېڭى يېزىغى » بىلەن ھەم لاتىنچە ھەم ئۇيغۇرچە ناھايىتى ئەپچىللىك بىلەن بىمالال يېزىۋىتەلەيسىز! )Wgh5C`  
uP<tP:  
شۇنىڭ ئۈچۈن ئاتالمىش «ئۇيغۇر كومپيوتېر يېزىغى»نى ئەمەس، بەلكى، يۇقارقىدەك كىتاپ – ماتېرياللىرىمىزنىمۇ ئوقۇپ پايدىلىنالىشىمىزغا ياردېمى بولىدىغان «ئۇيغۇر يېڭى يېزىغىنىڭ ئېلىپبەسى» دېيىلىدىغان  تۈۋەندىكى  ئېلىپبە جەدۋىلىدىكى ھەرپلەرنى قوللىنىشىمىز كېرەك. |LWG7ZE  
3s"x{mtH  
EE-jU<>|  
~^Q`dJL  
!bRoNP  
بۇ يەردە ئەمدى شۇنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتىمەنكى: 9F@Q  
+<7`Gn(n3  
1) بۇ جەدۋەلدىكى كۆك رەڭلىك ھەرپلەرنىمۇ كونۇپكا تاختىسىدىن پايدىلىنىپ بىۋاستە يازغىلى بولمايدۇ . ئەمما چارە بەك ئاسانكى، ئاتالمىش «ئۇيغۇر كومپيوتېر يېزىغى» تەركىۋىدىكى Öö, Üü, Éé لەرنى چىقىرىش ئۈچۈن بېسىشقا تىگىشلىك بولغاندەك كۆپ قېتىملىق قەدەم باسقۇچلارغا ھاجىتىمىز چۈشمەيدۇ. چۈنكى، چاشقىنەكنىڭ سول باسمىغى بىلەن خەت يېزىش كۆزنىگىنىڭ ئۈستىدىكى 新增 نى چىكىپ، ئېچىلغان كىچىك كۆزنەكتىكى 符号
نى تاللاپ بىر چىكىۋەتسەك تۈۋەندىكىدەك كۆزنەك ئېچىلىدۇ:
73ix4C  
^U)xQD"  
D% v{[ KY  
BUvE~l.,|  
ئەمدى شۇنى ئالاھىدە ئېيتىپ ئۆتىمەنكى، ھەرقانداق بىر جەمئىيەت ئۈچۈن ئېيتقاندا، مۇقىم بولغان يېزىق سىستېمىسىنىڭ بولىشى ئىنتايىن زۆرۈر. يېزىق سىستېمىسىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشتىن بۇرۇن ئۇنىڭ زىيالىلار ۋە كەڭ خەلق ئاممىسىغا بولغان پايدا - زىيىنىنى دەڭسەپ بېقىش، ئېلىپبە سىستېمىسىنى يېنىكلىك بىلەن ئۆزگەرتمەسلىك كېرەك. چۈنكى يېزىق ئىسلاھاتى نۇقۇل ھالدىكى تېخنىكىلىق ئۆزگەرتىش بولۇپ قالماستىن، بەلكى، يەنە مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئۆزگىرىش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بولۇپمۇ بىزگە ئوخشاش ئۇزاق تارىخىي ۋە مەدەنىي مىراسلىرى بار مىللەت ئۈچۈن بۇ تېخىمۇ مۇھىم. مۇنداق قارىغۇلارچە يېزىق ئۆزگەرتىشنىڭ نەتىجىسى مەدەنىيەت جەھەتتىكى زور يوقىتىش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئەگەر بۇنداق ئۆزگەرتىش مۇۋەپپىقىيەتلىك بولسا، ئۆتمۈش بىلەن بۈگۈن ۋە كەلگۈسى ئايرىلىپ كېتىدۇ. ئەگەر مەغلۇپ بولسا (خۇددى بىزنىڭ سىلاۋيان ۋە لاتىن ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېزىقىغا ئوخشاش) ئەڭ ئاز دېگەندە بىر ئەۋلاد كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ مەنىۋى ۋە تارىخىي مىراسلىرىدىن مەھرۇم بولغاننىڭ ئۈستىگە، جەمئىيەتتە ئۆزلىرىنىڭ رولىنى ئۈنۈملۈك جارى قىلدۇرالمايدۇ. ئىملا قا'ئىدىسىدىكى بىر ئۆزگىرىش يېزىقتىكى نۇرغۇن ئۆزگىرىشلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۇيغۇر تىلىدىكى بەزى تاۋۇشلار ئۈچۈن ئۈنۈملۈك ھالدا بەزى ھەرپلەرنىڭ ياسالغانلىقى مۇھىم ۋە پايدىلىق ئۆزگەرتىش بولغانىدى. لېكىن ھەر قېتىمقى ئىملا قا'ئىدىسىدە ئېلىپبە تەرتىپىنىڭ ئۆزگەرتىلىشى ئوقۇغۇچىلارنى ئېلىپبە ئۆگىنىش ۋە يادلاشتا قىيىنچىلىققا دۇچار قىلدى. Wo+fMn(O  
.EpcMXT%  
شۇنىڭ ئۈچۈن ئەمدى مۇنداق خاتالىقلارنى سادىر قىلىشتىن ھەزەر ئەيلىسەك، ئەۋلاتلىرىمىزغا قەسلىمىسەك، تارىخىمىزغا ھەقىقىي مەسئۇل بولساق.يېزىقنى ئۆزگەرتىۋېرىپ ئەۋلاتلىرىمىزنىڭ ئەجداتلار تارىخىنى تۇلۇق بىلەلمەيدىغان خەتەرلىك ئاقىۋەتنى سادىر قىلمىساق ..! K8,Q^!5]"  
}RvinF:5  
(داۋامى تەستىقتىن كېيىن يوللىنىدۇ) 0&wbGbg(W  
_[IOPHa"  
0[E}[{t`  
b%A+k"d  
.! 'SG6 q  
        بۇ يەردە قىسقىچە بولسىمۇ نەقىل ئېلىپ ئۆتۈشۈم ئارتۇقچە بولماس ، دەپ قارايمەن . 1xBgb/+  
        كۆرۈپ بېقىڭلار ، − مۇھەممەت باغراش ئەپەندى بۇ ماقالىسدە كەلپىن خەلقىنى ھەر جەھەتتىن ئەتراپلىق ۋە چۇڭقۇر تەھلىلىي قاراشلىرى ئاساسىدا تۇنۇشتۇرۇپ ، ئاخىرىدا يەكۈنەن ھالدا مۇنداق دەپ يازىدۇ : « ... تۈگەنچ بىر غەلىتە ۋە سىرلىق سەزگۈگە ئەگىشىپ كەلپىندىن ئىبارەت تارىخچىلار ، ئانتروپولوگلار تىلشۇناسلار ۋە سەيياھلارنىڭ نەزەرلىرىنىڭ تېشىدا قالغان چەت – ياقا تاغ ئىچىدىكى بۇ ئالقانچىلىك يۇرتقا كېلىپ ئېيتىپ تۈگەتكۈسىز كۆڭۈل خوشلىقىغا ئېرىشتىم . مەن بۇ يەر ئادەملىرىنىڭ ۋۇجۇدى ۋە روھىدىن ئاشۇ بۇيۇك ئۇيغار - مەدەنىيەت غەزىنىسىنىڭ ، ئۇلۇغ ئۇيغۇر مەدەنىيەت بوستانىنىڭ ياراتقۇچىلىرى بولغان كرورەن ئۇيغۇرلىرىنىڭ مۇقەددەس ۋە ئۆلمەس روھىنى تېپىۋالدىم . بۇ روھ - قەيسەرلىك ۋە ئۆملۈكنى  ئۆزەك قىلغان پۈكۈلمەس ، سۇنماس ياشاش ئىرادىسى ئىدى ! بۇ روھ - ئۆزلىرىنىڭ مەۋجۇتلىغى ئۈچۈن تولىمۇ شەپقەتسىز ھەم مۇدھىش تەبىئىي ۋە سۈنئىي ئاپەتلەر بىلەن ئارسلانلارچە ئېلىشىشى ، ئاخىرىدا ھازىر كەلپىن دەپ ئاتىلىۋاتقان ئاشۇ ئۈچ تاغ ئارىسىدىكى نەچچىلا بۇلاق سۈيى بىلەن كۆكىرىپ تۇرىدىغان قۇتقۇزغۇچ زېمىنگە ئۇلاشقىچە بولغان ئارىلىقتىكى كۈلپەتلىك ۋە مۇشەققەتلىك ئۇزاق سەپەر داۋامىدا يېتىلدۈرگەن ، كەلپىن ئۇيغۇرلىرىنى ئەسىرئەسىرلەردىن ھالقىتىپ ، بەرجەس ، ساغلام ۋە ئەينى پېتى شەرەپلىك بۈگۈنگە ئۇلاشتۇرغان بىر مۇقەددەس ئۇلۇغۋار روھ ئىدى!  5TynAiSD_>  
     كەلپىن ئۇيغۇرلىرىنىڭ كۆپلىگەن خارەكتىر خاسلىغى ئىچىدىكى ئەڭ گۈزەل ، ئەڭ ئەزگۈ ۋە ئەڭ كىشىلىك سۆيۈنۈش – ھەۋىسىنى قوزغايدىغان يارقىن خارەكتىرى  ئۇلارنىڭ ئىناقلىق ، ئۆملۈك ، بىرلىك – ئىتتىپاقلقنى قەدىرلەش ، ھەممىدىن ئەلا بىلىش ۋە سۆيۈش خارەكتىرىدۇر . بۇ پۈتكۈل ئۇيغۇر جەمىيىتى ، ھەربىر ئۇيغۇر ئوغلانى بىلىشكە ۋە ئىنتىلىشكە ھەم ئۆرنەك قىلىشقا تېگىشلىك گۈزەل خارەكتىر ۋە ئاددىي لېكىن تولىمۇ ئۇلۇغ رۇشەن ھەقىقەتتۇر P z<\q;  
         شۈبھىسىزكى ، مانا مۇشۇ قەيسەرلىك ۋە ئۆملۈك ئۆز قونۇقىنى ھەم مانا مۇشۇ ھەقىقەتنى بايراق قىلغان مىللەت شەرەپ ۋە ماختاشقا لايىق ، تەرەققىيات ۋە گۈللىنىشكە تالىق ، ئۆلمەس ، يىتمەس ۋە شەرەپلىك مىللەتتۇر . مەلۇم بولدىكى ، كەلپىن ئۇيغۇرلىرى بىز تېخى ئاڭلاپ تۈگىمىگەن ، ئاڭقىرىپ پۈتمىگەن ، ئۈلگە قىلىپ ئۈلگۈرۈپ بولالمىغان بىر ئەزگۈ ۋە گۈزەل رىۋايەتتۇر !»  N1!O8"Q|*3  
        .................................  KATu7)e&~^  
        مانا شۇنداق.  |X47&Y  
       ناھايىتى رۇشەنكى ، ئۈرۈمچىدە يەنە كەلپىندىن باشقا يۇرتلاردىن كەلگەنلەرمۇ بار ۋە ئۇلارنىڭمۇ تىللاردا داستان بولغىدەك ناھايىتى قىممەتلىك ئەجر ـ  تۆھپىلىرى بار .... h[(.  
قىسقىسى ، ئۇلار «تەرمىلەر» بولسىمۇ پۇشتى ئۇيغۇر قېرىندىشىمىز ئىدى ، شۇڭىلاشقا ئۇلارغا قارىتا ئۇنداق ھاقارەتلىك سۆز ئىشلىتىش ئەلبەتتە توغرا ئەمەس ئىدى (؟) جۈملىدىن ، ئابدۇرەئۇپ پولات ئەپەندىگە «پىكىر ئېلىش تەكلىپنامىسى» قەشقەردىن ئەمەس ، بەلكى  دەل «تەرمىلەر» ماكانى بولغان ئۈرۈمچىدىن ئىبەرتىلگەنىدى.شۇنداق بولغان ئىكەن، ئەمدى ، «تۇزۇڭنى يەپ تۇزلۇقۇڭغا ...» دېيىلسە زادى توغرا بۇلارمۇ ؟  )i/x%^ca$  
      2) ئەمدى ، « تىل – ئىملادا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر »دەپ ئوتتۇرىغا قويغان پىكىر – ئىزاھاتلىرىدىكى خاتالىقلارغا قاراپ باقايلى.بۇلار تۈۋەندىكىلەردىن ئىبارەت :  \p.eY)>  
      (1)مەنتىقسىز ھالدا قوشما سۆزلەملەرنى پەيدا قىلىش مەسىلىسى . بۇلار ــــ سۆز – كەلىمە ، ئۇلئاساس ، گەپ – جۈملە ... دېگەنلەرگە ئوخشاش . }}b &IA#  
1|XC$0  
     ناھايىتى رۇشەنكى ، ” سۆز – كەلىمە دىكى كەلىمە دېيىلگىنى ئەرەپچە بولۇپ ، ئۇيغۇرچە مەنىسى  ” سۆز “ دېگەنلىكتۇر . شۇنداق ئىكەن ، قاراپ تۇرۇپ مەنىداش ، تەڭدىشى بار سۆزلەملەرنى بىرىنى ئۇيغۇرچە ، بىرىنى ئەرەپچە قىلىپ  « قوشما سۆز » ياساش نە ھاجەت ؟ بۇ يەردە ئۇلاردىن«سۆز » دېيىلگىنىنىلا ئىشلەتسەك  نىمىمىزمۇ كەم بولۇپ قالار ؟ ئۇنى تىلىمىزدا زامان – زامانلاردىن بۇيان ئىزچىل قوللۇنۇپ ، دېمەكچى بولغانلىرىمىزنى قىسقا ۋە راۋان ئىپادىلەپ كىلىۋاتاتتۇققۇ ؟ ئەمدى قاراپ تۇرۇپ «كەلىمە» نى چاپلاپ ، راۋان ئېقىۋاتقان سۇغا تاش تاشلاپ ئېقىشىغا توسقۇنلۇق پەيدا   قىلغاندەك ئىشنى قىلغاننىڭ زادى نىمە زۆرۈرىيىتى بار ؟   Uys[0n  
      ئايانكى،تىلىمىزدا شۇ «سۆز» نىڭ بىر ۋارىيانتى «سۆزلەم» دېيىلىدىغىنىمۇ بار . « سۆزلەم » بولسا لۇغەتشۇناسلىقتا قوللىنىلىدىغان بىر خىل ئاتالغۇ بولۇپ ، لۇغەتتە قاتار – قاتار تىزىلغان يەككە سۆزلەرنى كۆرسىتىدۇ . ئۇنداقتا ئەمدى  بۇ سۆزنى «سۆزلەم – كەلىمەم » دەيمىزمۇ؟  3[Z7bhpV  
        ئۇلئاساسى ـــ بۇمۇ مەنتىقىسىز ياسالغان «قوشما سۆز» ھېساپلىنىدۇ . چۈنكى تىلىمىزدا : « بۇ تامنىڭ ئۇلى زەي تاتىپ قاپتۇ ( قېلىپتۇ ) » دەيمىزكى ، ھەرگىزمۇ « بۇ تامنىڭ ئۇل -ئاساسى زەي تاتىپ قېلىپتۇ » دېمەيمىز . ئوخشاشلا «بۇ گەپنىڭ ئاساسى نىمە؟» دەيمىزكى ، ھەرگىزمۇ « بۇ گەپنىڭ ئۇل - ئاساسى نىمە؟ » دېمەيمىز .«بۇ تامنى ئۇلداپ قويايلى» دەيمىزكى ، ھەرگىزمۇ «بۇ تامنى ئۇل - ئاساسلاپ قويايلى» دېمەيمىز . قاراڭ : «تامنى ئۇلدىسا 10 يىل ، يۆلىسە يۈز يىل پايلايدۇ»( خەلق ماقالىسى ana?;NvC  
       دېمەككى ، « ئۇل » ۋە « ئاساس » سۆزلىرىنىڭ ئۆزىگە خاس ئىشلىتىلىش ئورنى بار ، ئۇلارنى بىر – بىرىگە كىرىشتۈرۈپ « قوشما سۆز » ياساشنىڭ قىلچىمۇ توغرا تەرىپى يوق ،  !SAR/sdXf  
       گەپ – جۈملە ـــ بۇمۇ مەنتىقسىز ياسالغان «قوشما سۆز». چۈنكى ، تىلىمىزدا ئەزەلدىن « بىر جۈملە گەپ»، «ئاساسسىز گەپ قىلما !» دېگەنگە ئوخشاش جۈملە شەكىللىرى بار. دېمەككى،« جۈملە » ـــ بىر ياكى بىر نەچچە سۆزدىن تەركىپ تېپىپ بەلگۈلۈك ئوي - پىكىرنى ئىپادىلەيدىغان گرامماتىكىلىق قۇرۇلما بولۇش بىلەن بىللە يەنە قىلىنىۋاتقان گەپنىڭ مىقتارىنىمۇ كۆرسىتىدۇ . « گەپ » بولسا بىر ياكى بىر نەچچە سۆزدىن تەركىپ تېپىپ بەلگۈلۈك ئوي - پىكىرنى ئىپادىلەيدىغان گرامماتىكىلىق قۇرۇلمىنىڭ نەخ ئۆزى . دېمەك بىرى« مىقتار » نى، بىرى بەلگىلىك « ئوي – پىكىر » نى ئىپادىلەيدۇ.  "JpnmE[`  
     بۇ يەردە بىز « ئامرىغىم كۆڭۈل شادى » ناملىق ناخشىدىكى مونۇ تېكىستكە قاراپ باقايلى        NVBWF  
G F17oMi  
    ئامرېغىم كۆڭۈل شادى ،  nO;t5d  
    ساڭا بىر گېپىم بادى.  zC|y"PTw  
     كۆڭلۈمگە ئارام يوقكەن ،  zrE Dld9  
     ئۇنى ئېيتمىسام زادى. ~T:L0||.%9  
{hi'LA-4@  
بۇ تېكىستتىكى « گېپىم » دېگەننى ئەمدى « گەپ – جۈملە » پورمىسى بۇيىچە ئۆزگەرتىدىغان بولساق « ساڭا بىر گېپىم – جۈملەم بادى » ياكى « ساڭا بىر گەپ – جۈملەم بادى » (؟) دېيىشكە توغرا كېلىدۇ . ئۇچاغدا قانچىلىك تېتىقسىزلىقنىڭ كېلىپ چىقىدىغانلىغىنى ھېس قىلغىلى بولمامدۇ ؟  m$H(l4wB>  
  (2)ئەمدىكى مەسىلە «كونا خاماننى سورۇش» تا كۆرىلىدۇ . مەسىلەن  ، «بارغاندۇ ، كەلگەندۇ ، بولۇپتۇ ... » سۆزلىرىنىڭ ( خۇداغا شۇكرى ، بۇ يەردە « سۆزكەلىمەلەرنىڭ » دەپ سالماپتۇ! ) ئەسلىدە « بارغاندۇر ، كەلگەندۇر ، بولۇپتۇر ...» شەكلىدىكى « ر » لىك سۆزلەر ئىدى ، « - دىكەن » قوشۇمچىسى ئەسلىدە « - دۇر ئەكەن » شەكلىدە ئىدى ، « كېلەتتى ، باراتتى ، قىلاتتى ... » قاتارلىق سۆزلەر بولسا ئەسلىدە « كەلەر ئەردى ، بارار ئەردى ، قىلۇر ئەردى ،،،» شەكلىدە ئىدى ، دەپ ، ئاللىقاچان ئىستىمالدىن قالغان قوشۇمچىلار ۋە سۆز شەكىللىرىنى قوللۇنۇشنى تەشەببۇس قىلىشى بۇنىڭ رۇشەن ئىپادىسىدۇر. 5o2|QL  
دەرۋەقە ، بىزنىڭ كونا تىلىمىزدا مۇنداق سۆز شەكىللىرى قوللىنىلغان . ئەمما ، مەن ئەقلىمگە كېلىپ ئوقۇش يېشىمغا تولغىچىلىك ۋە تولغاندىن كېيىنمۇ ئاتا – ئانام ، ئۇرۇقتۇققانلىرىمنىڭ ئاغىزىدىن مۇنداق سۆز تۈرلىرىنى زادىلا ئاڭلاپ باقمىدىم ، جۈملىدىن  50  نەچچە يىلدىن بۇيان ئوقۇغان  نۇرغۇن كىتاپلاردىمۇ مۇنداق سۆز شەكىللىرىنى زادىلا ئۇچراتمىدىم. مۇشۇنداق بولىشىغا قارىماي ، باشقىلارغا ئوخشاشلا مەنمۇ ئاتا – ئانام ، خۇتۇن – باللىرىم ،ئۇرۇق – تۇققانلىرىم ۋە دوست – بۇرادەرلىرىم بىلەن قانا – قانا سۆزلىشىپ ، سىردىشىپ ، يۈرەكنىڭ چۈشتىدىكى تۇيغۇلىرىمىزنى دېيىشىپ مۇڭدىشىپ تاتلىق – تاتلىق مىنۇتلار ئىچىدە ياشاپ كەلدىم ھەم كېلىۋاتىمەن.  +?y9EZB%  
       مۇشۇنداق بولغان ئىكەن ، ئەمدى زادى نىمە ئۈچۈن ئاللىقاچان ئىستىمالدىن قالغان كونا سۆزلەرنى كۆتۈرۈپ چىقىمىز ؟ ئەگەر مۇشۇ خىل سۆزلەر ئومۇملىشىپ ، ئۇزۇن يىلدىن بۇيان ھېچ قانداق مەنا مۇجمەللىگى ، ئۇقۇم خاتالىغى كۆرۈلمىگەن ھالدا  بىر ئوبدان ئىھتىياجىمىزدىن چىقىپ كېلىۋاتقان سۆزئاتالغۇلار چىقىرىۋېتىلسە ياكى ئۆزگەرتىۋېتىلسە مۇشۇ 50 نەچچە يىلدىن بۇيان نەشر قىلىنغان كىتاپماتېرياللىرىمىزنى ئەۋلاتلىرىمىز ئوقۇپ چۈشىنەلىشى مۇمكىنمۇ ؟ زادى قاراپ تۇرۇپ يېڭىۋاشتىن مەدەنىيەت ئۈزۈكچىلىگى ، ساۋادسىزلىق باش كۆتۈرمەمدۇ ؟  MClvmv^  
    زامانغا ئوبدانراق نەزەر سالايلى ، بىز تىل – ئىملا جېدىلى بىلەن بولۇپ كىتىپ ۋاختىمىزنى ئىسراپ قىلىپ « ھارىۋىدا توشقان ئولايدىغان نوچى بىز » دەپ يۈرگەن بىلەن  ، ھازىر ، پەن – تېخنىكا تەرەققىي قىلىپ ، خەخلەر گەپنى ئاز ، ئىشنى ساز قىلىپ راكىتاغا ئولتۇرۇپ تاشقى پىلانىتلارنى گۈزۈتۈش ، تەتقىق قىلىش ۋە سەيلى قىلىشقا يۈرۈش قىلىۋاتىدۇ!  K [M[0D  
 قارىغاندا ، ئابدۇرەئۇپ پولات ئەپەندى ئەرەپچە بىلىدىكەن ، بەلكىم قارىلىقنىمۇ خېلىلا قاملاشتۇرىدىغانمۇ ئوخشايدۇ . بۇ ئۈچۈن تەشەككۈر ئېيتىمەن . ئەمما ، ئۆزى ئۇيغۇردىن ئىبارەت خاس بىر مىللەتنىڭ تىل - يېزىق خادىمى بولغان ئىكەن ، مۇشۇ مىللەتنىڭ تىلىنى يۇقارقىدەك مەنتىقسىز ياسالما ، كۆچۈرمە ۋە ۋاختى ئۆتكەن سۆزلەملەرنى ئەۋج ئالدۇرۇپ بۇزۇپ  قويىدىغان ئىشنى پەيدا قىلماي ، سۆزى كەم ، مەنىسى كۆركەم سۆزلەملەر بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىشى ، يەنى سۆز – جۈملىلەرنى « يېڭىۋاشتىن ياساپ » قۇرۇق ئاۋارە بولماي ، بەلكى مىللىتىمىزنىڭ راۋان تىللىق ، يۇقېرى سۈرئەتلىك ۋە زور نەتىجىلىك مىللەت ئىكەنلىگىنى نامايان قىلىشقا تىرىشىشىنى ئۈمىت قىلىمەن . \zv?r :1t  
     كۆرىدىغان بولساق ، سىلەر ئىشلىگەن « ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى » دە نۇرغۇن سۆزلەملەر تۇلۇق شەكلى بىلەن قىسقارتىلما شەكلى سېلىشتۇرما قىلىنىپ، لۇغەتنىڭ تېكىست قىسمىدا قىسقارتىلما شەكلىنى قوللانغانلىقىڭلار ئىپادىلىنىپ تۇرۇپتۇ. h?+bW'm  
 باشقا نۇرغۇن مەمىلىكەتلەردىكى تىل تەتقىقات ئورگانلىرى بولسا مەخسۇس « قىسقارتىلما سۆزلەر لۇغىتى » نى ئىشلىگەن بولۇپ ، ئۇنىڭ رولىمۇ ئىنتايىن ياخشى بولماقتا. مەسىلەن ، ھۆرمەتلىك مۆئمىن ئابدۇللا ئەپەندىم تۈزگەن « تۈركچە – ئۇيغۇرچە چوڭ لۇغەت » تە تۈرك تىلىدىكى نۇرغۇن قىسقارتىلما سۆزلەملەرنى كۆرسۈتۈپ ئۆتكەن ئىكەن . بۇ يەردە قىسقىچە كۆرىدىغان بولساق:  tp?<e  
 a = alay پولىك(ئەسكىرىي بىرلىك)                                                                                       6ujePi <U  
AA = Anadolu Ajans
ı
  ئاناتولىيە ئاگېنتلىغى 7^*[ XH  
 a.a = atom ağırlığı ئاتوم ئېغىرلىغى                                                                                                                             
J={R@}u  
A B D = Amerika Birle
şik Devletleri  ئامېرىكا  قوشما شىتاتلىرى                                                                             
$pGdGV\H  
adr = adres ئادرېس
                                                                                                                                                      
U6$)e.FO  
AET = Avrupa Ekonomik Toplulu
ğu   ياۋرۇپا ئىقتىسادىي بىرلىگى                                                                        
  N;.}g*_+}  
ahl = ahlakbilimi ئەخلاقىيەت
                                                                                                                                     WC*e#QP  
Akust = Akustikئاكوستىكا 
                                                                                                                                        
1Kc[ ).O1  
Alm = Almanca
  نېمىس تىلى   ، نېمىسچە                                                                                                                 
  N]iuo.  
Amer = Amerikanca ئامېرىكا تىلى
                                                                                                                            
2!E@Gbhm5  
Ank = Ankara ئەنقەرە
                                                                                                                                                
Ihn+_H u  
antr = antropoloji    ئانتروپولوگىيە
                                                                                                                             
M9scZuj  
AO = Anonim Ortakl
ığı    ھەسسىدارلار شىركىتى 
                                                                                                       ne (zGJd  
Ar = Arap
ça ئەرەپ تىلى ، ئەرەپچە                                                                                                                            klwNeGF]N  
ark = arkeoloji   ئارخېئولوگىيە 
                                                                                                                                
  Vim*4^[#L  
astr = astronomi ئاسترونومىيە 
                                                                                                                                   
&)y$XsSMW  
atm = atmosperئاتموسفېرا 
                                                                                                                                         
U81--'@y  
   A
ü = Ankara Ü
niversitesi    ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتى                                                                                                          A;\1`_i0  
 bahç =  bahçıvan باغۋەن   
                                                                                                                                          6-oy%OnN  
b
şk = baş
komutanباش قۇماندان                                                                                                                              Gi=s|vt  
Bulg = Bulgarca  بۇلغارچە  
                                                                                                                                     
*fj5$T-Z  
CHP = Cumhuriyet
 HalkPatisi  
جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيىسى                                                                                `{GI^kgJ9  
Dipl = Diploma دىپلوم
                                                                                                                                             
  $t{;- DpNB  
DMO = Devlet Mulazimet Ofisi
  دۆلەت مۇلازىمەت ئورگىنى                                                                                     
|DBj<|SX  
Do
ç = Doçant دوتسېنت                                                                                                                                             
rT mVHt  
DPT = Devlet Planlama Te
şkilati   دۆلەت پىلانلاش كومىتېتى                                                                               
  n;+`%;6  
Dz . Kuv = Deniz Kuvvetleri
  دېڭىز ئارمىيىسى                                                                                                        ZCC T  
ecz = eczac
ılıkدۇرىگەرلىك                                                                                                                                            Ww&r  
elek = elektrik    توك
                                                                                                                                                T?+%3z}8  
=73aME}  
دېگەندەك . iz-B)^8.  
        مۇنداق قىسقارتىلما سۆزلەملەر باشقا خىل تىللاردىكى لۇغەتلەردىمۇ تۈركۈملەپ ئۇچرايدۇ . ]*]#I?&'Hx  
57jDsQAj  
     (3)مەناسى پەرق قىلمايدىغان سۆزلەرنى مەنتىقسىز ھالدا كۆپەيتىۋېتىشىدە كۆرىلىۋاتقان ئەھۋال . مەسىلەن، ئەسلىدە «ئۆلچەم» دېيىلگەن سۆزلەم بەزىدە شۇ شەكىلدە قوللىنىلسىمۇ، بەزىدە « ئۆلچەك » دېيىلىپ تۈركچىلەشتۈرۈپ قوللانغىنىدەك ، يەنى ، «ئېلىپبەدە ئۆگىتىلگەن ئۆلچەم» ، «پايدا – زىيان ئۆلچىكى» ، «مەدەنىيەت ئۆلچىكى» شەكلىدە قوللىنىلغىنىدەك. يەنە ، تىلىمىزدا «ئۆلمەس» دېگەن سۆزمۇ تەبىئىي ھالدا ناھايىتى ئۇزۇن زامانلاردىن بۇيان قوللىنىلىپ كېلىنىۋاتقان بولسىمۇ ، ئەمدى «ئۆلۈمسىز» دېگەن تۈركچە سۆزلەم بىلەن ئالماشتۇرۇپ قوللۇنۇشقا سۇنۇلۇپتۇ .   m>{I>:sq  
[R(dCq>  
     خۇداغا شۇكرى ، ئابدۇرەئۇپ پولات ئەپەندىم قارىغاندا ئەرەپچە ۋە تۈركچىنىراق بىلىدىغان ئوخشايدۇ . ئەگەر يەنە باشقا بىر نەچچە تىلنى بىلىدىغان بولسا ، ئۇ تىللاردىنمۇ بىر نەچچە سۆزلەمنى كۆچۈرۈپ كېلىپ يۇقارقىدەك ئۇسۇل – چارىلىرى بىلەن تىلىمىزنى ھۆپۆپنىڭ سەت قانىتىدەك «رەڭگا- رەڭ» قىلىپ تاشلايدىكەن .... !!! U9Gg#M4tY  
-,qGEJ  
        (4) ئەمدىكى مەسىلە سوزۇق تاۋۇشلار ھەققىدىكى چۈشەنچىسىدە كۆرىلىدۇ. UXPF"}S2  
U&o ~U] rm  
         بۇ يەردە ئالدى بىلەن مەسىلىنىڭ خاس تېرمىن مەنىسى بۇيىچە قوللىنىلىشىنى تۈزىتىۋىتەيلى . چۈنكى ، ھۆرمەتلىك ئابدۇرەئۇپ پولات ئەپەندى  دېمەكچى بولىۋاتقىنى ئىملادىكى مەسىلە بولسىمۇ ، كەيدۈرگەن قالپىغى باشقىچە بولۇپ قاپتۇ . بۇ ، « ئۇيغۇر گرامماتىكىسى ۋە يېزىق ئىملاسىدا » دېگەن قويۇلۇشنى كۆرسىتىدۇ . مۇناسىۋەتلىك مەسىلە – مىساللارنى كۆزدە تۇتقاندا ، گەپنى ئۇنداق باشلىماي ، « ئۇيغۇر تىلى گرامماتىكىسى ۋە سۆزلەملىرىنىڭ ئىملاسىدا » دېيىلگەن بولسا « ئالتۇن ئۈزۈككە ياقۇت كۆز » دەك ئاجايىپ ماسلىق ئوتتۇرىغا چىققان بولاتتى . چۈنكى ، «ئۇيغۇر گرامماتىكىسى» دېگەندە «ئۇيغۇر» ئاتالغۇسى «ئۇيغۇر» دىن ئىبارەت مىللەتنى ئىپادىلىگەن بولسا ، «گرامماتىكا» بەلگىلىك تىلنىڭ بەلگىلىك قۇرۇلمىسىنى ئىپادىلەيتتى . ئوخشاشلا ، «يېزىق ئىملاسى» دېگەندىكى «يېزىق» ـــ بەلگىلىك تىلنىڭ يېزىغىنىلا كۆرسىتىدۇ . «ئىملا» بولسا شۇ يېزىق ئارقىلىق يېزىلغان سۆزلەملەرنىڭ يېزىلىش شەكلىنى كۆرسىتىدۇ . شۇنداق بولغان ئىكەن ، بۇ ئىككى سۆزلەممۇ مۇۋاپىق ماسلىققا ئېرىشتۈرۈلمىگەن ھالدا بىرلەشتۈرۈپ قويۇلغان . دېمەككى ، بىزنىڭ ھەل قىلىدىغىنىمىز بەلگىلىك تىلنىڭ گرامماتىكىسىدىكى ، ياكى بەلگىلىك تىل بىلەن مۇناسىۋەتلىك سۆزلەملەرنىڭ يېزىلىش شەكلىدىكى ، يەنى ئىملادىكى مەسىلە بولغان ئىكەن ، گەپنى ھېلىقىدەك باشلىشى مۇۋاپىق بولمىغان . ئۆز نۆۋىتىدە ، باشقىلارنىڭ يازمىلىرىدا «ئۇيغۇر گرامماتىكىسى» ، «يېزىق ئىملاسى» دېگەندەك مەنتىقىسىز باغلانغان ئاتالغۇلارنى ئۇچراتقىلىمۇ بولمايدۇ ..  /}Ct2w&<k  
"\O{!Hj8  
       شۇنداق قىلىپ ، ئەمدى ئاشۇ سۆزى بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرگە كېلىدىغان بولساق ، بۇ جەھەتتىكى قاراشلىرى زادىلا مۇۋاپىق ئەمەسكەن . چۈنكى، (1) سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ئاجىزلىشىش مەسىلىسىدە بىر سۆزلەمدىكى ئىككىئا “ نىڭ كېيىنكىسى بەلگۈلۈك شارايىتتا ” ئى “ غا ئۆزگىرىشى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان داۋاملىشىپ كىلىۋاتقان گرامماتىكىلىق ھادىسە . ئۇنى ئەمدى  ” ئاجىزلىشىش “ ئەمەس ” ئۆزگىرىش “ دەيمىز ، دېسەك خاتا بولمايدۇ . ئەمما ” ئاجىزلىشىش “ ( ياكى ئۆزگۈرۈش ) قائىدىسىگە چۈشۈرىمىز ، دەپ ” ئاتا،ئانا “ لاردىكى كىيىنكى ” ئا “ نى  شۇ خىل سۆزلەملەرنىڭ ” ئى “ لىشىدىغان ھالىتىنى ” ئاتاسى “ ، ” ئاناسى “ ... دەك يازىمىز ، دېسەك خاتالىق سادىر قىلىمىز . چۈنكى ، گەرچە بەلگىلىك شارايىتتا بەزى سۆزلەملەر ئەنە شۇنداق يازسا توغرىدەك كۆرۈنسىمۇ ، يەنە نۇرغۇن سۆزلەملەردە ئېغىر ھالدا مەنا مۇجمەللىگى ، ئۇقۇم خاتالىغى سادىر بولىدۇ . مەسىلەن ، ” بالا “ دېگەن سۆزلەمگە نىسپەتەن ئېيتقاندا  ” بالسى  بىلەن ” بالاسى “ نىڭ ئاسمان – زېمىن پەرقى بار . ئالايلۇق ، ” بۇ كىمنىڭ بالىسى ؟دېگەن جۈملە بىر كىشىنىڭ ئالدىمىزدا تۇرغان بالىنىڭ كىمنىڭ بالىسى ئىكەنلىگىنى سورىۋاتقانلىغىنى ئىپادىلىسە ،” بۇ كىمنىڭ بالاسى “ دېگەندە ، بولىۋاتقان ياكى بولغان بالا – قازانىڭ كىم تەرىپىدىن يۈز بەرگەنلىگىنى چۈشۈنۈشكە تىرىشىلىۋاتقانلىغىنى ئىپادىلەيدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈن سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ئاجىزلىشىش مەسىلىسىگە مۇتلەق بىر خىللا ئۆلچەم بېكىتمەسلىك ، ” ئەركىن ئۆلچەم “ بېكىتىلىشىنى تەشەببۇس قىلىمەن . بۇ يەردە شۇنىمۇ قوشۇپ ئېيتىپ ئۆتىمەنكى ، ” نازۇك تىل ماشىنىسى“ ھەر قانچە نازۇك بولسىمۇ ، جانلىق ئىنساننىڭ رولىنى تۇلۇق بىجىرەلمەيدۇ . ئۇ پەقەت ئاللىقاچان يۈكلەنگەن سۆزلەملەرنىلا كۆرسۈتۈپ بىرەلەيدۇ . يۈكلەنمىگەن سۆزلەملەرنى كۆرسۈتۈپ بىرەلمەيدۇ . جۈملىدىن يۈكلەنگەن سۆزلەملەر خاتا بولسا خاتالىغىنى كۆرسۈتۈپمۇ بىرەلمەيدۇ . مەسىلەن ، ئۇيغۇر سوفت شىركىتى ئىشلىگەن «كومپيوتېر لۇغىتى» گە قارىساق ، بىر يەردە ” ئىلمىيلىق “ ، يەنە بىر يەردەئىلمىيلىك “ دېگەن سۆزلەملەرنى ئۇچرىتىمىز . ئۇنداقتا ، بۇ ئىككى سۆزلەمنىڭ قايسىسى توغرا ؟ ئەلبەتتەكى ” ئىلمىيلىك “ دېيىش توغرا . ئەمما ” ئامبار “ دا ئىككىلىسىگە ئورۇن بىرىلگەچكە ، ھەر ئىككى شەكلىنى تاپقىلى بولىدۇ . يەنە ، تىلىمىزدا ئىلىمدار “ دېيىلىدىغان سۆزلەم  خاتا ھالدا ” ئىلىمىدار “ دەپ قاچىلانغان . ” نازۇك ماشىنا “ بۇنىمۇ كۆرسىتىۋەرگەن . شۇنىڭ ئۈچۈن جانسىز نەرسىنىڭ سېگنالىغا تىز چۆكۈش ئەمەس ، جانلىق ۋۇجۇدىمىزنىڭ ئاقىلانە تەپەككۇرىغا ئەھمىيەت بەرگىنىمىز تۈزۈك. ،  `{&l_  
        ئۆز نۆۋىتىدە سىلەر ئىشلىگەن «ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى» دە بۇ مەسىلە ئېقىلغا مۇۋاپىق ھالدا ناھايىتى ياخشى ھەل قىلىنغان. مەسىلەن : ‹بالا› دېگەن سۆزلەمنى كۆرىدىغان بولساق، ئىپادىلەيدىغان مەناسىغا يارىشا بەزى يەردە ‹بالىسى› ، بەزى يەردە ‹بالاسى› دەپ پەرقلىق يېزىپ ئىزاھلاپ ئۆتۈپسىلەر. بۇ نىمە دېگەن ياخشى يۈزلىنىش؟؟؟ (G 9Ku 8Y  
kPYQcOK8  
        مۇشۇ يەردە شۇنىمۇ ئالاھىدە قىستۇرۇپ ئۆتىمەنكى، ئابدۇرەئۇپ پولات ئەپەندى ”بار“ نىڭ ”با“ دېيىلىپ قېلىشىدىن ئەجەپلىنىپ ھەتتا غەزەپلىنىپ ، بۇ ئەھۋالنى ” خەلقىمىزنىڭ ھۇرۇنلىقى“ دىن كېلىپ چىققان، دەپ خۇلاسسىلايدۇ. P,bis7X.  
i|N(= Z=  
        ئويلىنىپ باقايلى، تىلدا بىرەر سۆزلەمنىڭ تەركىۋىدىكى بىرەر ھەرپنىڭ چۈشۈپ قېلىشىنى ياكى ئۆزگەرگەن تاۋۇش شەكلى بۇيىچە يېزىلىشىنى ”خەلقىمىزنىڭ ھۇرۇنلىقى“ دىن دەپ قارىساق، زىيالىلار قاتلىمىدىكىلەرنى نىمە دەيمىز؟ ئۇلارنىڭ مەسئۇلىيىتى نىمە؟ خەلق ئاممىسىنى ئېيىپلاش ، ھاقارەتلەشنىڭ نىمە زۆرۈرىيىتى بار؟ GC)xQZU)s  
,%]x T>kH  
كۆرىدىغان بولساق، چوڭ ھەجىملىك تۈرك تىلى لۇغەتلىرىدە مۇشۇنداق مەنىسى ئوخشاش ، ئەمما ئېيتىلىش – يېزىلىشىدا پەرقلىق بولۇپ قالغان سۆزلەملەرنى ھىچ كىمگە داتلاپ ، بۇتناپ ھاقارەتلىك ھۆكۈملەرنى چىقارمايمۇ تۈۋەندىكىدەك ئۇسۇل بىلەن ناھايىتى ياخشى ھەل قىلغان: 18JAca8Zs  
{3G2-$yb  
âbât . bk .  âbâd ;    abc . bk . abece ;    abdes . bk . abdest ; (3)     âbit . bk . âbid ;     abula . bk . abla ;    acâib . bk . acayip ; (4)    acaip . bk . acayip ;    acaiplik . bk . acayiplik ;    acanta . bk . acenta ;    acap . bk . acaba ;    acep . bk . aceb (5) ……………………. _;u@xl=  
!;.nL-NQ  
        بۇ مىساللاردىكى   ‹ bk ›   دەپ يېزىلغىنى ” قاراڭ “ دېگەنلىك بولۇپ، بېشىدا يېزىلغان سۆزنىڭ باشقا خىل يېزىلىش ۋە ئېيتىلىش شەكلىنىڭ بارلىقىنى ۋە قاراشقا بۇيرۇلغان سۆزلەمدە ئىزاھلىنىدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. بۇ مىساللاردا ( ) ئىچىدىكى رەقەملەر بولسا ئالدىدىكى سۆزلەملەر مەۋجۇت بەتلەرنىڭ نۇمۇرىنى كۆرسىتىدۇ.  sRSy++FRF  
     ( ئىزاھ: يۇقارقى مىساللار دوغان مەھمەت دوغان تۈزگەن « دوغان بۇيۇك تۈرك تىلى لۇغىتى» دىن ئېلىندى.)  T^.W'  
        مانا، بىزمۇ ئىشنى مۇشۇنداق بىر تەرەپ قىلساق بولمىدىمۇ؟ av}pT)]\  
جۈملىدىن ھېلىلا دەپ ئۆتكەن ” ئاتا “ ، ” ئانا “ ، ” بالا “ ....غا ئوخشاش سۆزلەملەرگە نىسپەتەن ، كېيىنكى بۇغۇمدىكى ” ئا “ نى ئۆزگەرتمەي يازىمىز ، دەپ تىلىمىزنى قېلىپقا سۇلاپ قىنىماي ، خۇددىي يۇقارقىدەك ئۇسۇلنى قوللىنىش ئەڭ مۇۋاپىق ئەمەسمۇ؟ Hbi2amfBu  
5Y(f7,JX  
   خوش ، ئەمدى  (2) سوزۇق تاۋۇشلارنىجاراڭلىق“ ، ”جاراڭسىز“ دەپ ئايرىۋېتىش مەسىلىسى . AV^Sla7|_  
$K*&Wdo  
بۇ بەكمۇ خاتا ھالدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان چۈشەنچە . چۈنكى ، تاۋۇشلاردىكى ”جاراڭلىق “ ،  ” جاراڭسىز “ دېگەن تەرىپلەشلەر ئۈزۈك تاۋۇشلارغىلا قارىتىلغان . بۇ يالغۇز ئۇيغۇر تىلىدىلا ئەمەس ، بەلكى ئېلىپبەلىك يېزىق قوللىنىلغان پۈتكۈل تىللاردا مەۋجۇت ئومۇمىي ئەھۋال ۋە شۇ تىللارنىڭ ھىچ قايسىدا سوزۇق تاۋۇشلارنى ” جاراڭلىق “ ، ” جاراڭسىز “ دەپ ئايرىغان قائىدىمۇ يوق. jwZBWt )5  
>$p|W~x  
    سوزۇق تاۋۇشلار ھەققىدىكى بۇ خاتا قاراش ئاز بولۇپ قالغاندەك ، ئەمدى يەنە بىر ئىنكاسچى ئەپەندى ” سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ھەممىسى ئەزەلدىن – ئەبەتكە جىنسى ئەركەك جاراڭلىق تاۋۇشلاردۇركى ، ئۇلار ھەرگىزمۇ ئۆز ئىچىدىن ” جاراڭلىق سوزۇق تاۋۇش “ ، ” جاراڭسىز سوزۇق تاۋۇش“ دېگەن ئىككى تۈرگە بۆلۈنمەيدۇ، دېگەننى ئوتتۇرىغا قويۇپتۇ . ئۇنداقتا ، ” سوزۇق تاۋۇشلار “ نىڭ ھەممىسى ئەزەلدىن – ئەبەتكە جىنسى ئەركەك جاراڭلىق تاۋۇشلار بولىدىغان بولسا ، ئۈزۈك تاۋۇشلار تەركىۋىدىكى ” جاراڭلىق تاۋۇشلار “ مۇ سوزۇق تاۋۇشلار كاتېگۈرىيىسىگە كىرىپ قالمامدۇ ؟ s7}46\/U  
#jNN?,ZK  
        كاللىمىزنى تازا سىلكىۋېتىپ پىكىر بىرلىگىمىزنى ھاسىل قىلايلىكى ، تاۋۇشلار پەقەت ئومۇمىي جەھەتتىن سوزۇق تاۋۇش ۋە ئۈزۈك تاۋۇشقا ، ئۈزۈك تاۋۇشلار بولسا ئېيتىلىش ھالىتىگە ئاساسەن جاراڭلىق ۋە جاراڭسىز ، دەپ ئىككىگە بۆلىنىدۇ . « ئۇيغۇر تىلى » ھەققىدىكى دەرسلىك ماتېرياللاردا بۇ ئەھۋال ئاللىقاچان ناھايىتى ياخشى چۈشەندۈرۈلگەن ۋە بۇ خىل چۈشەنچىلەر باشقا تىللاردىمۇ ئوخشاشلا مەۋجۇت . L.) 0!1  
6!^&]4  
        مۇشۇ يەردە شۇنىمۇ دەپ ئۆتەيكى، بەزىلەر سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ھەمزىلىك شەكلىنى قىسقارتىۋېتىشنىمۇ تەشەببۇس قىلغان بولدى. c})f&Z@<  
/vLdm-4  
ھەقىقىتەنمۇ شۇنداق قىلىش كېرەكمۇ؟ zs~v6y@  
oyeJ"E2  
ياق، قەتئىي مۇنداق قىلىشقا بولمايدۇ. چۈنكى، بۇ يېزىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىگە خاس يېزىغى بولۇپ،بىر تەرەپتىن بىر تۈرلۈك گۈزەللىك تۇيغۇسىنى بېرىدۇ، يەنە بىر ياقتىن تاۋۇش ئايرىش ئىمكانىيىتى ھازىرلانغان بولىدۇ. ئالايلۇق : ‹سەنئەت› بىلەن ‹سەنەت› ، ‹ئەسئەت› بىلەن ‹ئەسەت› ئارىسىدا ئاسمان – زېمىن پەرقلىنىدىغان تەلەپپۇز ۋە مەنا پەرقى بار! t}]R0O.s  
_#]/d3*Z}  
يەنە، بەزىلەر ئەسلىدە ‹يۇەن› دەپ يېزىلىدىغان سۆزلەمنى خاتا ھالدا ‹يۇئەن› دەپ، ‹جۇڭخۇا› دېيىلىدىغاننى بولسا ‹جۇڭخۇئا› دەپ يېزىۋاتىدۇ. بۇلارغىمۇ قاتتىق دىققەت قىلىنىشى كېرەك ، ئەلبەتتە! da/Tms`T  
)IH|S5mG?  
مانا ئەھۋال. s}3`%?,6y  
*lT:P-  
        ئۇنداقتا سىلەر زادى قانداق قارايسىلەر؟ dRD t.U!T  
مەن قاتتىق ئاغرىتىپ تۇرۇپ شۇنداق دەپ ئۆتىمەنكى، ئەگەر تىلىمىزدىكى سۆزلەملەر يۇقارقىدەك ئەبجەش، قالايمىقان ۋە ئىپتىدائىي سۆزلەملەر بىلەن ئالماشتۇرىلىۋېتىلىدىغان بولسا زامانداشلىرىمىز ۋە كەلگۈسى ئەۋلاتلىرىمىز ئالدىدا كەچۈرگۈسىز قاتتىق ئېغىر جىنايى قىلمىش سادىر قىلىنغان بولىدۇ!!! ' M'k$G@Z  
XDdF7i}  
        قېنى، ئەمدى ئابدۇرەئۇپ پولات ئەپەندى زادى بىر جاۋاپ بىرىپ باقسۇن: p9`!.~[  
"h'+!2mf  
       1.بىزنىڭ تىلىمىزدا زادى قاچان ، قايسى كىتاپتا ” سۆز – كەلىمە ، ئۇل – ئاساس ، گەپ – جۈملە“ دېگەن قوشما سۆزلەر ئىشلىتىلگەن؟ زادى مۇنداق ” قوشما سۆز “لەرنى  ياساپ قوللۇنۇشنىڭ نىمە زۆرۈرىيىتى ۋە پايدىسى بار؟ gZHuyp(B  
-$2a@K,i  
        2.« ـ دىكەن » قوشۇمچىسى ئەسلىدە « - دۇر ئەكەن » شەكلىدە ئىدى ، « كېلەتتى ، باراتتى ، قىلاتتى ... » قاتارلىق سۆزلەر بولسا ئەسلىدە « كەلەر ئەردى ، بارار ئەردى ، قىلۇر ئەردى ،،،» شەكلىدە ئىدى ، دەپ ،« دۇر ئەكەن ، كەلەر ئەردى ، بارار ئەردى ، قىلۇر ئەردى » دېيىلگەنچە ئىملا توغرىلاش تەشەببۇس قىلىنىپتۇ. ئۇنداقتا ، « كەلەر ئەردى ، بارار ئەردى ، قىلۇر ئەردى ...»  لەرنىڭ قوللۇنۇلۇش تارىخى زادى قايسى زامانغا تەئەللۇق ئىدى؟ ئەگەر بىز بۇلارنى قوللۇنۇشقا كىرىشسەك خەلقىمىز كۈتۈلمىگەن تارىخىي ئۈزۈكچىلىككە دۇچ كەلمەسمۇ؟ ئۇ چاغدا بۇ جەھەتتىكى مەسىلىلەرنى قانداق ھەل قىلىمىز؟ ئۇنداق ئۇزۇندىن – ئۇزۇنغا سوزۇلۇپ كېتىدىغان سۆزلەملەرنى قوللىنىشنىڭ زادى نىمە زۆرۈرىيىتى بار؟ ئەگەر قوللانمىساق قانداق زىيانلار كېلىپ چىقىدىغاندۇ؟ .;$Ub[  
aJ/}ID  
      3. ئۆز تىلىمىزدا بىر ئوبدان قوللۇنۇپ كېلىۋاتقان سۆزلەرنىڭ باشقا تىللاردىكى تەڭدىشىنى كۆچۈرۈپ كېلىپ بىردەم ئۆز تىلىمىزدىكىنى، بىردەم باشقا تىلدىكىنى قوللۇنۇشنىڭ نىمە زۆرۈرىيىتى ۋە پايدىسى بار؟ مەسىلەن ، ئەسلىدە «ئۆلچەم» دېيىلگەن سۆزلەم بەزىدە شۇ شەكىلدە قوللىنىلسىمۇ ،  بەزىدە « ئۆلچەك » دېيىلىپ تۈركچىلەشتۈرۈپ ، يەنى ، «ئېلىپبەدە ئۆگىتىلگەن ئۆلچەم »، «پايدا –زىيان ئۆلچىكى »، «مەدەنىيەت ئۆلچىكى »شەكلىدە قوللىنىلغىنىدەك . يەنە ، تىلىمىزدا « ئۆلمەس » دېگەن سۆزمۇ تەبىئىي ھالدا ناھايىتى  ئۇزۇن زامانلاردىن بۇيان قوللىنىلىپ كېلىنىۋاتقان بولسىمۇ ، ئەمدى «ئۆلۈمسىز» دېگەن تۈركچە سۆزلەم بىلەن ئالماشتۇرۇپ قوللۇنۇشقا سۇنۇلۇپتۇ(؟) مۇنداق قىلىشنىڭ ئىلمىي ئاساسى ۋە ئەۋزەللىگى زادى قانچىلىك؟ e"D%eFkDW  
Ht9QINo  
       4. «ئۇيغۇر گرامماتىكىسى ۋە يېزىق ئىملاسىدا» دېيىش ھەقىقەتەن توغرىمۇ ياكى «ئۇيغۇر تىلى گرامماتىكىسى ۋە سۆزلەملىرىنىڭ ئىملاسىدا» دېيىشمۇ، نىمە ئۈچۈن؟     e1OGGF%E n  
#=g1V?D  
       5. بىر سۆزلەم تەركىۋىدىكى ئىككى ” ئا “ نىڭ كېيىنكىسى بەلگۈلۈك شارايىتتا ” ئى “ غا ئۆزگىرىشى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان داۋاملىشىپ كىلىۋاتقان گرامماتىكىلىق ھادىسە تۇرۇغلۇق، ئۇنى ئەمدى ئۆزگەرتمەي يېزىش كېرەكلىگىنى تەشەببۇس قىلىشنىڭ زادى نىمە زۆرۈرىيىتى بار؟ زادى تىلىمىزدىكى سۆزلەملەرنىڭ ھەممىسىنى ”بىر تاياقتا ھەيدەش “  بىلەن مەسىلىنى ھەل قىلغىلى بولامدۇ؟   C==yl"w  
2rV]n  
     6. سوزۇق تاۋۇشلار ” جاراڭلىق “، ” جاراڭسىز “ تاۋۇشلارغا ئايرىۋېتىلىپتۇ.   ھەتتا ” ھەممىسى جىنسى ئەركەك جاراڭلىق تاۋۇشلار “ دېگۈچىمۇ ئوتتۇرىغا چىقىپتۇ. [eO^C  
r@a]fTf  
     ئۇنداقتا : nZ'-3  
yT~rql  
     1) جاراڭلىق تاۋۇش بىلەن جاراڭسىز تاۋۇشلارغا بىرىلىدىغان تەبىر زادى نىمە ئىدى؟ X- ZZLl#  
Obf RwZh?q  
     2) ئۈزۈك تاۋۇشلارغا بىرىلگەن ئەنە شۇنداق تەبىرگە نىمە دەيسىز؟   uOO\!Hqq  
M#_|WL~  
     3) سوزۇق تاۋۇشلار ئەزەلدىن – ئەبەت جىنسى ئەركەك جاراڭلىق تاۋۇشلار“ دېيىشكە نىمە دەيسىز؟ '451H3LC0  
Z]e`bfNnI  
        7. چەتئەل كىشى ئىسىملىرى ۋە يەر ناملىرىنىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلى بىلەن يېزىلىشىدا قانداق مەسىلىلەر مەۋجۇت؟ kH5D%`Kw  
q;}iW:r&Q  
        8. چەتئەل كىشى ئىسىملىرى ۋە يەر ناملىرىنىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلى بىلەن يېزىلىشىنىڭ ئىلمىي پىرىنسىپى قانداق بولىشى كېرەك؟  aeISb83Y|  
:KgH7s}  
            ئابدۇرەئۇپ پولات ئەپەندىم بۇ جەھەتتە سالماقلىق ، سوغۇققانلىق بىلەن ئىلمىي يۇسۇندا پىكىر بايان قىلىپ ئۆتىشى كېرەك.  Vr|e(e.%  
Q~tXT_  
. ئۇيغۇر مەركېزى دېئالېكتى توغرىسىدا ?!K6")SE  
       بۇ جەھەتتە ، ئاللاھقا كۆپ شۇكرىلەر بولسۇنكى، ئابدۇرەئۇپ پولات ئەپەندى يازمىسىدا ئۇيغۇر مەركېزى دېئالېكتى ئۈچۈن قەشقەر خەلقىنىڭ تىلىنى ئاساس قىلىشنى تەكىتلىگەن ۋە دەلىل سۈپىتىدە بىر مۇنچە مىساللارنى كەلتۈرۈپ ، قەشقەر خەلقىنىڭ سۆزلەملىرىدە ساپلىق ، مەنا ئىپادىلەش جەھەتتە ئېنىقلىق ، رۇشەنلىك دەرىجىسىنىڭ يۇقېرى ئىكەنلىگىنى ، ئەينى زاماندا مەھمۇت قەشقېرى ئالەمگە مەشھۇر شاھ ئەسەر « تۈركىي تىللار دىۋانى »نى يېزىشتا ئاساس قىلغان تىل ئىكەنلىگىنى ئالاھىدە ماختىنىپ تۇرۇپ ئوتتۇرىغا قويىدۇ . مەن ئابدۇرەئۇپ پۇلات ئەپەندىنىڭ بۇ جەھەتتىكى پىكىر – قاراشلىرىنى تامامەن قوللايمەن . جۈملىدىن پۈتكۈل پۇشتى ئۇيغۇر جامائەسى قوللاشقا ۋە پەخىرلىنىشكە ئەرزىيدۇ ، دەپ قارايمەن . چۈنكى ، ئالدى بىلەن ، قەشقەر خەلقىنىڭ تىلى ــ مەھمۇت قەشقېرىنىڭ ئانا تىلى . مەھمۇت قەشقېرى مۇشۇ تىلنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ ئەرەپ تىلى بىلەن بەيگىگە چۈشۈپ ، ئۇيغۇر تىلىنىڭ پاساھەت ۋە بالاغەتتە ، مۇكەممەللىك ۋە گۈزەللىكتە تەڭداشسىز يۈكسەك ، ئۇلۇغۋار شان – شۆھرەتلىك تىل ئىكەنلىگىنى ئالەمگە نامايان قىلغان . ئىككىنچىدىن ، قەشقەر خەلقىنىڭ تىلىدىكى سۆزلەملەر ھەقىقىتەن دىيارىمىزنىڭ مەركىزى ئۈرۈمچىدىكىلەرنىڭ سۆزلەملىرىگە نىسپەتەن خېلىلا يۈكسەك دەرىجىدە ساپ ! بۇ مىللىي خاسلىقىمىزنىڭ ساقلىنىپ قالالىشىنىڭ جانلىق ناماياندىسى . ئۈچىنچىدىن ، مەھمۇت قەشقېرى مانا شۇ ئىككى جەھەتتىن پۈتكۈل ئۇيغۇر دىيارىغا نىسپەتەن ئانا تىلىمىزنى نۇرلاندۇرۇپ تۇرىۋاتقان بىر قۇياش دېگۈدەك ئۇستازىمىزدۇر . شۇنىڭ ئۈچۈن ، ئورتاق دېئالېكتىكا سۈپىتىدە قەشقەر خەلقىنىڭ تىلىنى ئاساس قىلىشنىڭ ئالاھىدە ئەزەللىگى باركى ، بۇنى دەرسلىرىمىزدە سۆزلەشچۈشەندۈرۈشنى چىڭ تۇتساق ئەۋلاتلىرىمىزغا مىللىي ئىلمىي ئەنئەنە بۇيىچە ياشاشنىڭ ئەۋزەللىگىنى تۇنۇتۇشقا كاتتا نەتىجە يارىتالايمىز . بۇ جەھەتتە ، ئابدۇرەئۇپ پولات ئەپەندىنىڭ مونۇ سۆزى يادرولۇق بىر مەسىلىنىڭ ھەل بولىشىغا كۈچلۈك ئاساس. ئۇ بولسىمۇ، «”بىرنى بىر دېگۈلۈك “ دېگەن ئۇيغۇر سەمىمىيىتى بىلەن ئېيتقاندا نەچچە مىليون نوپۇسلۇق قەشقەر يەنىلا ئۇيغۇر دۇنياسىنىڭ مەركىزى رايونىدۇر » دېگەن ھۆكمىدۇر. o K>(yC[  
       ئابدۇرەئۇپ پولات ئەپەندىنىڭ بۇ جەھەتتىكى قارىشىنى ئەلبەتتە قوللاپ – قۇۋۋەتلەشكە ۋە ئەمىلىەشتۈرۈش ئۈچۈن قاتتىق تىرىشچانلىق كۆرسۈتۈشكە ئەرزىيدۇ ! z)S6f79`Q  
xZP*%yM  
      ياخشىراق ئويلۇنۇپ كۆرەيلى، زادى نىمە ئۈچۈن شۇنداق قىلمايمىز؟ خاتىرلەش مەزگىللىرىدە قاتتىق ھاياجانلىنىپ « مەھمۇت قەشقېرى » ، « يۈسۈپ خاس ھاجىپ » ، « ئابدۇقادىر داموللام » قاتارلىق ئىلىم ئەرباپلىرىمىزنى چۇڭقۇر سۆيۈنۈش ، پەخىرلىنىش ۋە  ئالىي ھۆرمىتىمىز بىلەن تىلغا ئالىمىز ، ئۇلارنىڭ كىتاۋىنى ، سۆز – نۇتۇقلىرىنى بولسا شۇنچە پەخىرلىنىپ تۇرۇپ يادلاپ كېتىمىز . ئەمما نىمە ئۈچۈن مۇشۇنداق ئۇلۇقلىرىمىزنىڭ تىلىنى دائىمىي سۆز – ئالاقە قۇرالى سۈپىتىدە قوللۇنۇشقا ئەھمىيەت بەرمەيمىز ؟ ئەجەبا ئۇلار ۋە ئۇلارنىڭ كىتاۋى ۋە تەلىماتلىرى پەقەتلا خاتىرلەش كۈنلىرى ئەسكە ئېلىشقا بولىدىغان ۋە كۆتۈرىۋالىدىغان ، باشقا چاغلاردا بىر چەتكە تاشلاپ قويسىمۇ بولىدىغان زىننەت بۇيۇملىرىمۇ ؟ G[\TbPh  
g_1#if&  
      بۇ ھەقىقىتەن چۇڭقۇر ئويلۇنۇپ كۆرىشىمىزگە ئەرزىيدىغان ئىنتايىن مۇھىم مەسىلە . `XhH{*Q"X  
Y@`uBB[  
[ بۇ يازمىنىabdulquddusدە2010-12-25 03:03قايتا تەھر ]

 
ئانا تىلىم -- جان تىلىم
tograktograk
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.2021

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   33 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   4565 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   110 (قېتم)
 تۆھپە:   68  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 45
 سائەت
دەرىجىسى:
45 سائەت 5 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-10-16
ئاخــىرقىسى:2012-04-30
ئاپتورنىڭلاتۇنجى ئىنكاس  يوللانغان ۋاقتى: 2010-12-25

يېزىق مەسىلىسى چوقۇم ئويلىنىشقا تېگىشلىك مەسىلە بولۇپ قالدى. بىز ھازىر ئاتالمىش قوش تىللىق مائارىپ ئوقۇتۇشىنى ئېلىپ بېرىۋاتقان بولساقمۇ ،ماھىيەت نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيىتقاندا ،مەدەنىيەت تاقاۋۇزچىلىقىغا قول قوۋۇشتۇرۇپ تۇردۇق ،خالاس ! q`1tUd4G  
    جۇڭخۇا  خەلق جۇمھۇرىيىتى قانۇنىدا قوش تىللىق مائارىپ شۇ مىللەت مائارىپىنى ئاساس ،خەنزۇتىلى ئوقۇتىشىنى  قوشۇمچە قىلغان مائارىپنى كۆرسىتىدۇ دەپ بەلگىلەنگەن .
 
توغراق
koktash
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.1389

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   57 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   3396 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   178 (قېتم)
 تۆھپە:   148  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2207
 سائەت
دەرىجىسى:
2207 سائەت 93 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-09-06
ئاخــىرقىسى:2012-03-15
ئاپتورنىڭلا2- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2010-12-25

ماقالىنىڭ سول چېتىدىكى خەتلەر چىقمىغاچقا، ۋوردقا چاپلاپ يۈرۈپ، ئوقۇپ تۈگەتتىم. گەرچە مەن تىلكومدا ئىشلىمىسەممۇ، ئۇيغۇر تىلىنى ئىشلەتكۈچى ئەزا بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئۆز پىكىرلىرىمنى بايان قىلىشنى لايىق تاپتىم. /(~HHNnh  
ماقالىدىكى تاپا- تەنە سۆزلەرنى ھېساپقا ئالمىغاندا، ئېلىنغان مىساللارنىڭ ئىلمىيلىكى كۈچلۈك، پايدىلانغان ماتېرىياللار مول ماقالە بوپتۇ! (Iv@SiZf(  
$(62j0mS>  
1. «ئۇيغۇر تىلى بىر ئىنقىلاپقا مۇھتاجمۇ؟»  دېگەندە، بۇنىڭغا كېسىپ بىر نەرسە دېيش تەس. ئەگەر مۇھتاج دېگەندە، بۇ بىر ئىنقىلاپ ياكى ئىسلاھات بولماستىن، ئەسلىگە قايتىش، يەنى ئۇيغۇر تىلىنى ئەسلىدىكى ھالىتىگە يىقىنلاشتۇرۇش كېرەك دەپ قارايمەن. كۆپ قېتىملىق يېزىق ۋە ئىملا ئىسلاھاتى، ئۇيغۇر تىلىنى ئەسلىدىكى ھالىتىدىن، جۈملىدىن باشقا تۈركىي مىللەتلەرنىڭ تىلىدىن كۆپ يىراقلاشتۇرىۋەتتى. vVBWhY]  
100 يىلنىڭ ئالدىدا، ئورتاق يېزىق ۋە ئورتاق ئىملادا يېزىق ئىشلەتكەن تۈركىي مىللەتلىرى، نۆۋەتتە ئۆزلىرىنىڭ «مەركىزى دىئالېكتىكىسى» نى مەركەز قىلىپ، ئايرىم يېزىق ۋە ئايرىم ئىملا ئىشلەتمەكتە. قايسى ئۇيغۇر ئۆزبەكچە ياكى قازاقچە يېزىقنى راۋان ئوقالايدۇ؟ قايسى ئۆزبەك ياكى تۈركمەن ئۇيغۇر يېزىقنى ياخشى بىلىدۇ؟ لېكىن 100 يىلنىڭ ئالدىدا ئۆز-ئارا بىلىشەتتى. قۇمۇلدىن تاشكەنتكە خەت ئەۋەتسە، ھەر قانداق ساۋاتلىق ئۆزبەك ئوقالايتتى... ھازىرچۇ؟ OkRb3}  
بۇنداق ئىنقىلاپقا مۇھتاج بولدى دىگەندىمۇ، ھەر بىر تۈركىي خەلقنىڭ تىلى چوقۇم شۇنداق ئىنقىلابقا مۇھتاجكى، ئۇلار ۋە بىزلەر، ئۆز تىللىرىدىكى خاتالىقلارنى تازىلىۋەتسە، تۈركىي تىللار ئورتاق ئىملا ، ئورتاق تەلەپپۇز ھالىتىگە كېلەلەيدۇ. لېكىن مەلۇم ئورتاق يېزىقنى قوللانسا، تۈركىي تىل دۇنيادىكى چوڭ تىللار قاتارىدىن ئورۇن ئالماي قالمايدۇ. ئېنگلىزچە، فرانسۇزچە، ئورۇسچە، ئىسپانچە، ئەرەبچە ۋە خەنزۇچىدىن ئىبارەت ب د ت تىكى 6 خىزمەت تىلىنىڭ قاتارىغا ، تۈركىي تىل 7-سى بولۇپ كىرىپ قالامدۇ-تېخى. لېكىن ھىندى تىلى 7-سى بولۇپ كىرىشكە ئۇرنىۋاتىدۇ. 3SY1>}(Y  
9+(b7L   
قازاق تىلى - قازاقلار 100 يىل ئاۋۋال چاغاتاي تىل-يېزىقىنى ئىشلەتكەن، داڭلىق ئەدىب ئاباي قونانبايمۇ چاغاتاي يېزىقىدا ئەسەرلەر يازغان ئىدى. لېكىن نۆۋەتتىكى قازاق تىلى يۈكسەك دەرىجىدە ئېغىزچىلاشقان بولۇپ، ئىملاسىمۇ شۇنىڭغا ماس ھالدا ئېغىزچىلاشتۇرۇلغان. مەسىلەن: پۈتۈن تۈركلەر «قىپچاق» دېسە، قازاقلار «قىپشاق» دەيدۇ، ھەم شۇنداق يازىدۇ. «قازاقچە» نى «قازاقشا» دەيدۇ. نۆۋەتتىكى قازاق تىلىدا «چ» ھەرىپى بولسىمۇ، لېكىن ئاساسەن ئۇ تاۋۇشنى ئىشلەتمەيدۇ.  بارلىق تۈركلەر كۆپلىك قوشۇمچىسىغا "'لا'ر"' نى ئىشلەتسە، قازاقلار "تار، تەر، دار ، دەر' لەرنىمۇ ئىشلىتىۋاتىدۇ. 7 :\J2$P  
&4wSX{c/P  
ئۆزبەك تىلى: ئېنىق بولغان «ئا» تاۋۇشى يوق. ئانا دىگەننى «ئونە» دەيدۇ، ھەم ona دەپ يازىدۇ. ~I")-2"B  
JSFNn]z2P  
قازاقچە: مۇسۇلماندار ئاسخاناسى aAcQmq TT  
ئۆزبەكچە: مۇسۇلمانلار ئوشخانەسى hXH+C-%{  
ئۇيغۇرچە: مۇسۇلمانلار ئاشخانىسى (ئۇيغۇرچىدە ئا، ئە لەر ئې ئى غا ئۆزگىرەيدۇ. ئەسلى ئۇنداق بولماسلىقى كېرەك). z>W?\[E<2  
G=e'H-  
يۇقارقى تىللاردىكى خاتالىقلار ئېلىپ تاشلانسا، v%#@.D!)  
مۇسۇلمانلار ئاشخاناسى
 
http://www.ishtap.com/index.asp
koktash
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.1389

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   57 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   3396 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   178 (قېتم)
 تۆھپە:   148  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2207
 سائەت
دەرىجىسى:
2207 سائەت 93 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-09-06
ئاخــىرقىسى:2012-03-15
ئاپتورنىڭلا3- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2010-12-25

2-«ئۇيغۇر كومپىيۇتېر يېزىقى» مەسلىلىسىگە كەلسەك، نۆۋەتتىكى نامى «ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى» (ULY) غا ئۆزگەرگەندەك قىلىپ قالدى. بۇ ئەرەبچە يېزىقىمىزنى لاتىنچە يېزىققا ئۇلاپ بېرىدىغانلىقتىن، تۆۋەندە «ئۇلاي» دەپ تۇراي. {p$X*2ReB  
ئۇيغۇر يېزىقىنى لاتىنچە ئىپادىلەش مەسىلىسى 2000-يىللىرىنىڭ باشلىرىدا ئوتتۇرىغا چىققان بولۇپ، دەسلەپتە 20 دەك لايىھە ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىدى. ھەر خىل مۇھىتتا ئوسۈپ يېتىلگەن ئەدبلەر ئۆز ھېسىياتلىرى بويىچە لايىھەلەرنى تۈزۈشكەن ئىدى. قارىغاندا سىز پىنيىن ئاساسىدىكى لاتىنچە ئىپادىنى قوبۇل قىلىدىغاندەك تۇرىسىز! ?wIw$p>wT  
ماقالىڭىزنىڭ باشقا تەرەپلىرىدە ئىلمىيلىكنى كۆرسەممۇ، بۇ جەھەتتىكى  ‹ق› ، ‹ غ › ، ‹ش› ، ‹ئە›  قاتارلىقلارنى  k ، g ، x ، ə لار بويىچە ئىپادىلەشنى پەقەتلا ئىلمىي كۆرمىدىم. ?5[$d{ Gjl  
بەلكىم سىز يېڭى يېزىقتا ساۋادىڭىزنى چىقارغان بولغاچقا، پىنيىنچىنى تەۋسىيە قىلغان بولۇشىڭىز مۇمكىن. لېكىن، بۇ ئۆزىڭىزگە ئوڭدەك بىلىنگەن بىلەن، خەلقئارالىق تاۋۇش ئۆلچەملىرىگە ۋە ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىپادىلەش ئېھتىياجىغا سالساق، قەتئىيلا ئىلمىي ئەمەس. ;b|=osyT\  
YvUV9qps~  
ئۇلاي يېزىقىنى قوشۇمچە ئىشلىتىش - نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر تىلىنىڭ جىددىي ئېھتىياجى. مەن ھازىرغىچە ئۇلاينى ئىشلىتىپ كېلىۋاتىمەن. دوستلىرىم بىلەن توردا مەقسىتىمنى شۇنداق ئېنىق ئىپادىلىيەلەيمەن. مەن بۇنى قەتئىي ئاۋارىچىلىق ھېس قىلمىدىم، بەلكى بىر خىل قۇلايىلق ھالەتنى ھېس قىلدىم. Rx@0EPV  
7<*g'6JG[  
ھازىر ئۇيغۇرچىدىلا ئەمەس، بەلكى خەنزۇچىدىمۇ لاتىن ھەرىپلىرى بىلەن تىزىلغان، خەلقئارادا خەنزۇ تاۋۇشىنى ئىپادىلەيدىغان «پىنيىن« دەيدىغان ئېلىبەسى بار. ئەرەبچە، ئىبرانچە ۋە ياپۇنچە تاۋۇشلارنىمۇ ئىپادىلەيدىغان لاتىنچە ئېلىپبەلەر بار. ئەگەر لاتىنچە ھەرىپلەرنى تاشلىۋېتىشقا توغرا كەلسە، ئاشۇ ئەرەب، خەنزۇ، يەھۇدى ۋە ياپونلار تاشلىۋەتسە بولاتتى.
http://www.ishtap.com/index.asp
koktash
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.1389

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   57 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   3396 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   178 (قېتم)
 تۆھپە:   148  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2207
 سائەت
دەرىجىسى:
2207 سائەت 93 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-09-06
ئاخــىرقىسى:2012-03-15
ئاپتورنىڭلا4- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2010-12-25

بۇ ماقالىنىمۇ كۆرۈپ باقارسىز! YL`MLt4MC  
ئېنگلىزچىدىن ئۆزەم تەرجىمە قىلغان. r[):'ys,C  
F%zMhX'AG  
ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى ھەققىدە Xqe Qj}2kA  
C:&Sk\  
دوكتور جېن راھمان دۇۋال ":e6s co  
rahmanjean@yahoo.com Tn,_0  
بىلەن <% mD#S  
پارىژⅧ ئۇنۋېرستېتى پاراگراف تەجىرىبىخانىسى تەتقىقاتچىسى ۋە دوكتورلۇق ئوقۇغۇچىسى Qu/f>tJN;  
ۋارىس جانباز ئابدۇكېرىم Ht43G_.j  
warisabdukerim@yahoo.com kDJqT  
تۈرگەن [Ous|a[)o  
TSJeS`I  
مەقسەت: بۇ ماقالىدا، بىز ئالدى بىلەن ئەسلىدىكى ئۇيغۇر ئەرەب يېزىقىدىن پىنيىن ئاساسىدىكى يېڭى يېزىققا كۆچۈشنىڭ مەغلۇبىيىتى توغرىسىدا قىسقىچە توختىلىپ، ئاندىن كېيىن يېڭى ئۆلچەمدىكى ئۇيغۇر لاتىن يېزىقىنىڭ تەرەققىيات جەريانى توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بارىمىز. شۇنداقلا ئۇنىڭ يېزىلىش پرىنسىپلىرى ۋە ھازىرقى ھالىتىنى بايان قىلىپ، كەلگۈسى ئىستىقبالى توغرۇلۇق ئويلىنىمىز. -#<{3BJTrz  
 EAr;  
ھالقىلىق سۆزلەر: ئۇيغۇر ئەرەب يېزىقى (كونا يېزىق)، ئۇيغۇر سىلاۋىيان يېزىقى (سلاۋىيان يېزىقى)، ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى (ULY، يەنى ئۇلاي يېزىقى)، تۈركىي تىل، موليېزىق ئايلاندۇرۇش قۇرالى. ^v5]Aq~X  
1Xh@x  
بايان "`S?q G  
ئۇيغۇرلار تۈركىي تىللىق مىللەت بولۇپ، تارىخى خاتىرىلەردە دىيىلىشىچە، ئۇلار ھونلانىڭ ئەۋلادىدۇر. نوپۇسى تەخمىنەن 10 مىليون ئەتراپىدا بولۇپ، ئاساسلىقى ھازىرقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى، قازاقىستان ۋە فەرغانە ئويمانلىقى قاتارلىق ئورتا ئاسيا رايونلىرىغا ئولتۇراقلاشقان. ئۇيغۇرلار تارىختا نۇرغۇن يېزىقلارنى ئىشلەتكەن بولۇپ، ئۆتكەن 2000 يىلنىڭ مابەينىدە، ئوخشىمىغان مەزگىلدە بىر نەچچە خىل يېزىقنى بىرلا ۋاقتتىمۇ ئىشلەتكەن. ئاساسلىقلىرىدىن سۇغدى يېزىقى (5- 10- ئەسىرلەردە ۋە 15- 16- ئەسىرلەردە ئىشلەتكەن)، ئورخۇن- يېنسەي يېزىقى (يەنە تۈرك- رۇنىك دەپمۇ ئاتىلىدۇ، 6- 9- ئەسىرلەردە)، ئۇيغۇر يېزىقى (كونا يېزىق دەپمۇ ئاتىلىدۇ) ۋە 934- يىلى ئىسلامنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىنكى باشلانغان ئەرەب يېزىقى (10- ئەسىردىن ھازىرغىچە) قاتارلىقلارنى ئىشلەتكەن. e&A3=a~\s  
تۈركىي تىلىنىڭ تىل تاۋۇشى ۋە تىلقۇرما (گرامماتىكا) شەكلى ئۆزگەرتىلمىگەن ئاساستا ياسالغان ئەرەب يېزىقى (بەزىدە چاغاتاي يېزىقى دەپمۇ ئاتىلىدۇ) نى ئۇيغۇر ۋە ئورتا ئاسىيادىكى تۈركىي مىللەتلەر تاكى 1920- يىللارغىچە ئىشلەتتى. بۇ يېزىق نەچچە قېتى ئىسلاھ قىلىنماقچى بولدى. ئىملا قائىدىسىنى ئۆزگەرتىشتىن باشقا، يەنە كەم دىگەندە ئۈچ قېتىم لاتىن ياكى سلاۋىيان يېزىقىغا ئۆزگەرتىلمەكچى بولدى. بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى سىياسىي مەقسەتتە ئېلىپ بېرىلغان ئىدى. ئەڭ دەسلەپكى ئۆزگەرتىش خاھىشلىرى ستالېننىڭ مىللىي سىياسىتى بىلەن باغلىنىشلىق بولۇپ، بۇ 1926- يىلى باكۇدا ئېچلىغان بىرىنچى قېتىملىق تۈركىلوگىيە يىغىنىدا گەۋدىلىك ئىپادىلەندى. ئارقىدىنلا تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ 1927- 1928- يىللىرىدىكى لاتىن يېزىقىغا كۆچۈشى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پان- تۈركىزىمنىڭ تەھدىتىنى كۆزدە تۇتۇپ، 1937- يىلى ئۆز تەۋەسىدىكى تۈركىي مىللەتلەرنىڭ يېزىقىنى سلاۋىيان ئاساسىدىكى يېزىققا ئۆزگەرتىشىگە ياردىمى بولدى. U![$7k>,pr  
ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپ قىسىمى جايلاشقان جۇڭگودا بولسا كوممۇنىستىك پارتىيە 1949- يىلى غەلبە قىلغاندىن كېيىن، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭكىگە ئوخشاپ كېتىدىغان تىل- يېزىق سياسىتىنى قوللىنىپ، تىل- يېزىق ئىسلاھاتى جەھەتتە ئالاھىدە جانلىق بولدى. بۇ ۋاقىتتا روسىيە تىلشۇناسلىرىمۇ جۇڭگونىڭ ئاز سانلىق مىللەت تىل- يېزىقلىرىنى تۈرلەرگە ئاجرىتىش ۋە رەتكە سېلىشقا ئاكتىپ ياردەم بەردى. بۇ مەزگىللەردە، ئۇيغۇر شىۋىلىرى جۇڭگو ۋە سوۋېت چېگرالىرى ئىچىدە قوللۇنۇلۇپ، سوۋېت ئۆلچىمى بويىچە بىردىنبىر «ئەدەبىي تىل» بولۇپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن 1956- يىلى 3- ئايدا جۇڭخۇا خەلق جومھۇرىيىتى گوۋۇيۈەنى بىلەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تىل- يېزىق كومتېتى بىرلىشىپ جۇڭگو تەۋەسىدىكى ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز، موڭغۇل ۋە شىبەلەر ئىچىدە سلاۋىيان يېزىقىنى قانات يايدۇرۇشنى كۈچەيتتى. (شىنجاڭ ئۇيغۇرلىرى ئىشلەتكەن سلاۋىيان يېزىقى بىۋاستە سوۋېت ئۇيغۇرلىرى 1928- يىلىدىكى لاتىن يېزىقى ئاساسىدا 1947- يىلى ئۆزگەرتىپ قوللۇنۇلغان سلاۋىيان يېزىقى ئىدى) 4y4r;[@U  
سوۋېت بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنىڭ يىرىكلىشىشىگە ئەگىشىپ، ئىككى چېگرا ئىچىدىكى ئۇيغۇرلار (ۋە باشقا ئورتا ئاسىيا خەلقلىرى) نىڭ ئالاقىسىگە پايدىلىق بولغان تىل- يېزىق سىياسىتى ئەمەلدىن قالدۇردى. 1959- يىلى 11- ئايدىكى ش ئۇ ئا ر تۈنجى تۆۋەتلىك مىللەتلەر تىل- يېزىق يىغىنىدا ئۇيغۇر ۋە قازاقلار ئۈچۈن لايىھەلەنگەن خەنزۇچە پىنيىن ئاساسىدىكى يېڭى يېزىقنى (1956- يىلى نويابىردىكى 维吾尔新文字方案(草案) ۋە 哈萨克新文字方案(草案)نى كۆرۈڭ www.xjyw.cn/han/wenzi_gai.htm ) ئېلان قىلدى ۋە شۇ يىلى ش ئۇ ئا ر خەلق قۇرۇلتىيى تەرىپىدىن تەستىقلاندى. بۇ يېڭى يېزىق 1960- يىلدىن 1964- يىلغىچە دەسلەپكى باسقۇچتا تۇردى. ئۇنىڭدىن كېيىن پۈتۈن شىنجاڭنى قاپلىدى. بۇ يېزىق 1982- يىلى ئەسلىدىكى ئەرەب ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى يېزىق ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەنگە قەدەر ئۇيغۇر ۋە قازاقنىڭ بىردىنبىر خاس يېزىقى بولۇپ تۇردى. لېكىن يېڭى يېزىق بىلەن كونا يېزىقنى ھۆكۈمەت ئوخشاشلا تەڭ ئېتىراپ قىلدى. #PC*l\)  
Uw5&.aqn.b  
ئارقا كۆرۈنۈش Zu~t )W  
پىنيىن ئاساسىدىكى يېڭى يېزىقنىڭ ئىجاد قىلىنىشى ۋە ئىشلىتىلىشى ئەينى ۋاقتىدىكى تىل- يېزىق مۇھىتىغا زىت دەپ قارالدى. ساۋادسىزلىقنى تۈگىتىش ئۈچۈن، بېيجىڭ ھۆكۈمىتى خەنزۇچە خەتلەرنى لاتىنچىغا (خەنزۇچە پىنيىن) ئىسلاھ قىلىش ۋە جۇڭگودىكى بارلىق مىللەتلەر بىرلا خىل يېزىق ئىشلىتىش پىلانىغا تۇتۇش قىلغان ئىدى. <Nloh+n=  
ئۇيغۇر ۋە شىنجاڭدىكى باشقا يېزىقلارنى لاتىنچىلاشتۇرۇش پىلانىنىڭ مەغلۇب بولۇشىنى تۆۋەندىكىدەك ئامىللار بىلەن يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ: B 'O1dRj&6  
ئۆرپ- ئادەتكە زىت: ئەرەب يېزىقى ئاساسىدىكى يېزىق ئىسلام دىنى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنىڭ سالاھىتىگە چېتىلاتتى. شۇنداقلا بۇ يېزىق ئىشلاھاتىنى ئاسمىلاتسىيەنىڭ باشلىنىشى ۋە يېزىق ئەركىنلىكىنى يوقاتقانلىق دەپ ئۆچ كۆرەتتى. cdI"=B+C\  
باشقا تۈركىي مىللەتلەردىن ئايرىلىپ قېلىش ھېسياتى: تۈركىيە ۋە باشقا تۈرك قەۋىملىرى يېزىق ئىسلاھاتى داۋامىدا ئوخشاش بىر تەلەپپۇزغا ئوخشىمايدىغان، ھەر خىل ھەرىپ ۋە يېزىقلارنى ياسىدى. جۇڭگودا يېزىق لاتىنچىلاشقان بولۇپ، ھېچكىمنىڭكىگە ئوخشىمايدىغان ھەرىپلەر (ئۆ  غ ئە  ژ  ق ھ ) ئىجاد قىلىنىپ، ئۇيغۇر تىلى باشقا تۈركىي تىللاردىن ئايرىلىپ قالدى. پىنيىنچىدىن ياسالغان يېزىقتىكى xۋە  qنىڭ خ ۋە چ دەپ ئوقۇلۇشى بۇ خىل ئايرىلىپ قېلىش ھېسىياتىنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋەتتى. gH"a MEC  
تىل- يېزىقنىڭ ئاسمىلاتسىيە بولۇشىدىن ئەنسىرەش: ch ، sh ۋە  zhھەرىپلىرىنىڭ پەقەتلا خەنزۇچە تەلەپپۇز تاۋۇشلىرىغىلا ئىشلىتىلىشى خەنزۇچە سۆزلەرنىڭ بىۋاستە ئۇيغۇر تىلىغا كىرىشىگە ئىمكانىيەت يارىتىپ بەردى. بۇ خىل ئەھۋال ئەنسىرەش ھېسياتىنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋەتتى دەپ قارالدى. «گۇڭچەنداڭ» دىگەندەك سىياسىيلىققا ئىگە ۋە ئۇيغۇر مىللەتچىلىكىگە قارىشى تۇرىدىغان يېڭى سۆزلەر بىۋاستە خەنزۇچىدىن ئۇيغۇرچىغا كىرگۈزۈلدى. لېكىن ئەرەب يېزىقى ئاساسىدىكى يېزىق ئەسلىگە كەلگەندىن كېيىن بۇ سۆزلەر يەنە ئۇيغۇرچە ئېلىندى. قىزىق يېرى، خەنزۇچىدىن كىرگەن سۆزلەر ئۇيغۇر يېڭى يېزىقىدا پىنيىنگە ئوخشاش يېزىلماي، مەلۇم ئۆزگەرتىشلەرنى قىلىشقا توغرا كېلەتتى. مەسلەن، خەنزۇچە پىنيىن قوشتاۋۇشىei ۋە ai دىكى i نى ئۇيغۇر يېڭى يېزىقدا y بىلەن ئىپادىلەندى. ئوخشىمىغان ئەھۋالدىكىa ۋە  e گە يېڭى يېزىقتا ئە يېزىلدى. بۇ خىل ئوخشىماسلىقلار تىلنىڭ ئۆزگىچىلىكىنى ئىپادىلەپ تۇراتتى. ignOF  
يېزىق ئۆزگەرتىشتىن چارچاش: شۇنچىلىك قسىقا ۋاقت ئىچىدە، ئۇيغۇرلار كۆپ قېتىم يېزىق ئىسلاھ قىلىپ بولدى (ئەرەب يېزىقىنى ئىسلاھ قىلىپ ئىشلىتىشتىن سلاۋىيان يېزىقىغا كۆچۈش، ئەمدىلىكتە يېڭى يېزىق قوللۇنۇش). شۇ ۋاقتلاردا ئىسلاھ قىلىنغان ئەرەب ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى يېزىق تۈركىي تىللىق (ئۇيغۇرلارنىڭ) ئىشلىتىشىگە مۇۋاپىقلاشتى. شۇنىڭ بىلەن يېزىق ئۆزگەرتىش ئېھتىياجى تۆۋەنلىدى. bx7hQzoX=b  
ئەرەب ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى يېزىق (كونا يېزىق) رەسمىي ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەندىن كېيىن، 1965- يىلدىن 1982- يىلغىچە بولغان 20 يىلىغا يېقىن ۋاقت ئىچىدە كونا يېزىقتا ئەمەس، بەلكى يېڭى يېزىقتا ئوقۇغان مىليونلىغان شىنجاڭ ئۇيغۇرلىرى ساۋادسىز قالدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، سلاۋىيان يېزىقىنى سوۋېت ئۇيغۇرلىرىلا ئىشلىتىدىغان بولدى. (ئۇلار ھازىرمۇ سلاۋىيانچىنى ئىشلىتىۋاتىدۇ) 8[ZuVJ]  
بۇ خىل قالايمىقان ھالەت ئىككى چېگرا ئىچىدىكى ئۇيغۇرلار ۋە شۇنداقلا پىشقەدەملەر بىلەن ياشلار ئارىسىدىكى يېزىق ئالاقىسىگە توسالغۇ بولدى. يېڭى ئالاقە ئۇسۇللىرىنىڭ مەيدانغا كېلىشى بۇ مەسىلىنى ھەل قىلمايلا قالماستىن، بەلكى ئۇنى چوڭايتىۋەتتى. ;?-{Uk  
ئۆتكەن 20 يىل مابەينىدە، كومپىيۇتېر ۋە باشقا زامانىۋى تېخنىكىلىق ئەسۋابلار ئۇچۇر ۋە ئالاقە ئىشلىرىغا يېڭى ئۈمىدلەرنى ئېلىپ كەلدى. ئەسپسۇسلىنارلىقى، يېڭى يېزىق، سلاۋيان يېزىقى ۋە كونا يېزىقلاردا يېزىق بىرلىكى بولمىغانلىقى ۋە نۇرغۇن ئوخشىمايدىغان ھەرىپلەرنىڭ مەۋجۇدلۇقى ئۇچۇر تېخنىكىسىنىڭ كېڭىيىشىنى ئاستىلاتتى. ASCⅡ ۋە يۇنىكود ساھەسىدە كونا يېزىق، يېڭى يېزىق ۋە سلاۋىيان يېزىقلىرىنىڭ يۈرۈشلەشكەن ئۆلچىمى بولمىغانلىقتىن، ئۇيغۇر كومپىيۇتېر ئىشلەتكۈچىلىرى بىرلىكى بولمىغان، ئانا تىلنى نورمال تەلەپپۇز قىلغىلى بولمايدىغان ھەر خىل يېزىقلار بىلەن (ياكى باشقا تىللار، يەنى خەنزۇچە، رۇسچە ئىنگلىزچە قاتارلىق تىللاردا) ئۇچۇر ئالماشتۇرۇشقا مەجبۇر بولدى. بۇ ئەھۋال بىر تەرەپتىن ئۇيغۇر كومپىيۇتېر ئىشلەتكۈچىلىرىنى لاتىن ھەرىپلىرى بىلەن پۇختا تونۇشتۇرۇپ، بەزى ھەرىپلىرى كومپىيۇتېر سېستىمىسىدا بولمىغان يېڭى يېزىقنىڭ ئۆزگەرتىپ ئىشلىتىلىشنى تېزلەتتى. يەنە بىر تەرەپتىن، ئۇچۇر ساھەسىدە ئۆزئارا زىت ھەر خىل لاتىن ھەرىپلىرىنىڭ ئىشلىتىلىشىنى ئۇلغايتىۋەتتى. "HJQAy?W  
2000- يىلىدىكى ئاپتورنىڭ تەكشۈرىشىگە ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇرلار كەم دىگەندە بىر –بىرىگە ئوخشىمايدىغان 18 يۈرۈش لاتىن يېزىقى (ئېلىپبە) ئىشلىتىپتىكەن. بۇ سان كوچىلار- كويلاردا ئۇچۇرايدىغان ئۇيغۇرچىنى تولۇق ئىپادىلەپ بېرەلمەيدىغان لاتىنچە يېزىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ. يۇقارقى بەزى يۈرۈشلۈك لاتىن ئېلىپبەلىرىنىڭ ئىسمى بار (Angel، Kiboon، ماكانىم، ML ،ھاشىم، PBLSU ، UIY، زامان)، بەزەنلىرىنىڭ يوق. زىيالى ۋە ئەدىپلەر ئۆزىنىڭ ئىدىيىسى ياكى ئۆزى تەسىرگە ئۇچىرىغان دۆلەتنىڭ ياكى ئۆزى سۆزلەۋاتقان چەتئەل تىلىنىڭ تەسىرىدە ھەر خىل لاتىنچە ئېلىپبەلەرنى تۈزەپ باقتى. بۇ ئېلىپبەلەردە تۈرك، نېمىس، ئورۇس، ئېنگلىز ۋە خەنزۇ تىللىرىنىڭ تەسىرى ۋە باشقا ئىجاد قىلىنغان ھەرىپلەر تەركىبىنىڭ بارلىقىنى كۆرۈپلا بىلىۋالغىلى بولىدۇ. 11!4#z6w  
2000- يىلى 11- ئايدىن 2001- يىلى 7- ئايغىچە شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتىدا 5 قېتىم ئۇيغۇر لاتىن ھەرىپلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇش توغرۇلۇق يىغىن ئېچىلدى (تەپسىلاتىنى بۇ يەەردىن كۆرۈڭ: www.ukij.org/teshwiq/UKY_Heqqide.htm ). يىغىن قاتناشقۇچىلىرى ئىچىدە ئۇيغۇر تىلشۇناسلىرىدىن ئىبراھىم مۇھىتى، مىرسۇلتان ئوسمان، مۇھەببەت قاسىم، ئىمىن تۇرسۇن، ئابلىز ياقۇپ، خەمىت زاكىر، ئارسىلان ئابدۇللا قاتارلىقلار، شۇنداقلا كومپىيۇتېر مۇتەخەسسىسلىرىدىن ھوشۇر ئىسلام، تۈرگۈن ئىبراھىم ۋە ياش ئاسپرانت ئوقۇغۇچىسى بولغان ئىككىنچى ئاپتور قاتارلىقلار بار ئىدى. سىياسىي، مەدەنىيەت ۋە ئۆرپ- ئادەت ئامىللىرىنى كۆزدە تۇتۇپ، يىغىندا «قېلىپلاشتۇرۇلماقچى بولغان لاتىنچە ئېلىپبە كونا يېزىقنىڭ ئورنىنى ئالمايدۇ، شۇنداقلا يېزىق ئۆزگەرتىشكە ۋەكىللىك قىلمايدۇ. بۇ پەقەت كومپىيۇتېرغا مۇناسىۋەتلىك ساھەلەردىلا قوشۇمچە يېزىق سۈپىتىدە ئىشلىتىلىدۇ» دەپ قاتتىق تەكىتلەندى. '1G0YfG}n  
يەنە بىر قېتىملىق يېزىق ئۆزگەرتىش ئەدىشىسىنى تۈگىتىش ۋە بۇ يېزىقنىڭ ئىشلىتىلىش دائىرسىنى ئېنىق تەكىتلەش ئۈچۈن، بۇ يېزىقنى «ئۇيغۇر كومپىيۇتېر يېزىقى» (UKY) دەپ ئاتاش بەلگىلەندى. لېكىن بۇ خىل ئاتاش جايىغا كەلمەپتۇ ۋە ئىككىلىك، يەنى 0 بىلەن 1 دە قالايمىقانلىق تۇغدۇرىدۇ دەپ قارىلىپ، ئۈچ يىلدىن كېيىن ئۇيغۇر كومپىيۇتېر ئىلمىي جەمئىيىتى (UKIJ) تەرىپىدىن «ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى» (ULY) غا ئۆزگەرتىلدى. g ZES}]N  
ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى پروگراممىسى ھۆكۈمەت ئاخبارات ۋاستىلىرى تەرىپىدىن باستۇرۇپ قويۇلدى. پەقەت توردىلا بۇ توغرۇلۇق جامائەتچىلىككە ئۇچۇر بېرىلدى. ئاخبارات ۋاستىلىرى يېزىق ئۆزگەرتىشنىڭ بىشارىتى دەپ خاتا ئۇچۇر بېرىپ قويۇشتىن ئالاھىدە ئېھتىيات قىلدى. ھەتتا ھازىرغىچە نۇرغۇن كىشىلەر «ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى» دىگەن ئاتالغۇنىڭ يوشۇرۇن يېزىق ئۆزگەرتىش مەقسىتى بار دەپ قاراپ، بۇ ئاتالغۇنى ئىشلىتىشتىن ئىككىلەنمەكتە. يەنە بەزىلەر ئۇيغۇر لاتىن يېزىقىنىڭ ھەرىپلىرى چوقۇم كونا يېزىقنىڭكىگە بىرمۇ- بىر ئۇددۇل كېلىشى كېرەك دەپ قارايدۇ. يەنە بەزى كىشىلەر ئۇيغۇرلار چوقۇم تۈركىيە، ئەزەربەيجان ۋە ئۆزبەكلەرنىڭ ئۇسۇلىدا ئۆزىنىڭ لاتىن ئاساسىدىكى يېزىقىنى بارلىققا كەلتۈرۈشى كېرەك دەپ قارايدۇ (قازاقىستان، قىرغىزىستان ۋە تۈركمەنىستان قاتارلىق تۈركىي دۆلەتلىرىدە بۇ خىل پىلانلار تۈزۈلدى، لېكىن تېخى يولغا قويمىدى). بۇ كۆز- قاراشلار دۆلەت سىياسىتىگە زىتتۇر. G+3uY25y  
2001- يىلى ئەتىيازدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئورگانىغا بىر دوكلات سۇنۇلدى. شۇنىڭ بىلەن بۇ پروگراممىنىڭ قىممىتى كۆزدە تۇتۇلۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق كومتېتى بىر قېتىملىق ئاڭلاش يىغىنى ئاچتى ۋە كەڭ كۆلەمدە قانات يايدۇرۇشتىن بۇرۇن ئۇنىڭ ئەمەلىيىتىنى باھالاش كېرەك دەپ تەۋسيە قىلدى. LG?b]'#  
Ax4;[K\Q  
ئۇيغۇر لاتىن يېزىقىنى تۈزۈشنىڭ ئاساسىي پرىنسىپلىرى Hjy4tA7,l  
ئەڭ مۇھىمى، نۇرغۇن قېتىملىق يېزىق ئىسلاھاتىدىن كېيىن، كونا يېزىق ئېلىپبەسى مۇكەممەل ھالەتكە كەلدى. بۇ يېزىق ئۇيغۇر تىلىدىكى ئاساسلىق ياكى نەزىرىۋى تاۋۇشلارنى تولۇق ئەكس ئەتتۇرىدۇ، لېكىن ئېغىز تىلىدىكى «ق» نىڭ «خ»غا، «ي»نىڭ «ژ»غا، «ك»نىڭ «گ» غا ئاجىزلىشىشى قاتارلىقلارنى، مەسلەن، ئېغىز تىلىدا «ساخچى»، ئەدەبىيدا «ساقچى» دىگەندەكلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ. گەرچە بۇ ھەقىقى فونىمالىق يېزىق بولمىسىمۇ، كونا يېزىقنىڭ ھەرىپى لاتىن يېزىققا بىرگە- بىر ماس كەلتۈرۈپ تۈزۈلدى. 2001- يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق تىل- يېزىق كومتېتى بىر قاتار ئىملا قائىدىلىرىنى چىقىرىپ، كونا يېزىقنى تەرتىپكە سالدى. گەرچە ياخشى ئىسلاھاتلار ئېلىپ بېرىلغان بولسىمۇ، ئىملا قائىدىسىدە يەنىلا نۇرغۇن نامۇۋاپىق جايلار مەۋجۇت بولۇپ، ئاساسلىقى چەتتىن كىرگەن سۆزلەرنىڭ (كۆپ قسىمى ئەرەبچىدىن، ئاز قىسىمى رۇسچىدىن كىرگەن) ئاخىرقى ھەرىپىنى ب\پ ۋە د\ت قىلىپ يېزىشتا ئىپادىلەندى. ئىملانى ئەسلى بويىچە يېزىش كېرەكمۇ ياكى ئۇيغۇر تىلىغا كۆنگەن ھالەتتە يېزىش كېرەكمۇ دەپ ئىككىلەندۈردى. S2=x,c$  
ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر تىلىنىڭ تاۋۇش ھەرىپلىرى بولۇپ، كونا يېزىقنىڭ ئىملا قائىدىسىگە بوي سۇنىدۇ. N VDvd6  
1.    بۇ بۆلۈمدە، بىز ئاپتور قاتناشقان كومتېت خىزمىتى ۋە مۇناسىۋەتلىك مۇنازىرە ۋە قارار لارغا ئاساسەن، تىل -يېزىق كومتېتى خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلغان ۋە ئۇيغۇر لاتىن يېزىقىنى ياساشقا ئاساس بولىدىغان تۆت ئاساسىي پرىنسىپنى بايان قىلماقچى. !:D,|k\m  
2.    ئەدەبىي تىلنىڭ تاۋۇشلىرىنى لاتىن يېزىقىغا بىرگە- بىر توغرا كەلتۈرۈش. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، يەنە ئىمكانقەدەر لاتىن يېزىقى، كونا يېزىق ۋە سلاۋىيان يېزىقلىرنىڭ ھەرىپلىرىنىمۇ ئۆزئارا توغرا كەلتۈرۈش. مەقسەت ھەر خىل مائارىپ ئارقا كۆرۈنۈشىدىكى ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئۇيغۇر لاتىن يېزىقىنى ئۆگىنىۋېلىشىغا قۇلايلىق يارىتىپ، يەنە باشقىدىن بىر يېڭى ئىملا قائىدىسىنى ئۆگۈنۈشتىن ساقلىنىش. r+MqjdXG  
3.    مۇمكىنقەدەر مۇجىمەللىك ۋە قوشھەرىپ ئىشلىتىشتىن ساقلىنىش. بۇ پرىنسىپ ئوقۇشقا ئاسان بولۇشى ئۈچۈن، ئېنىق ۋە ئەقىلگە مۇۋاپىق بولغان ھەرىپ ياساشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، شۇنداقلا ئېھتىماللىقى بولغان مۇجمەللىك (بۇ ئاساسلىقى بىرلا تاۋۇشنى ئىپادىلەيدىغان قوش سوزۇق تاۋۇش ھەرىپلىرىگە قارىتىلغان) ۋە سۆزلەرنىڭ ئۇزۇن بولۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالدۇ. OJLyqncw  
4.    ئادەتتە ئىشلەتمەيدىغان پەرىقلەندۈرۈش بەلگىلىرىنى ئاز ئىشلىتىش. ھازىر شىنجاڭدا ئىشلىتىۋاتقان كىلىت تاختىلىرى (باسقۇ) شىمالىي ئامېرىكا QWERTY تىپىدىكىسى بولۇپ، ئاز ساندىكى ئىشلەتكۈچىلەر ئېنگىلىزچە ۋە خەنزۇچە خەتكىرىكى ئاساسىدىكى كومپىيۇتېرلارغا مەخسۇس ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى ئۈچۈن ئىشلەنگەن يۇمشاق دېتاللارنى ئورنىتىۋالغان. &Qv%~dvW  
تاللانغان لاتىنچە ھەرىپلەر چوقۇم خەلقئارا فونىما (تەللەپپۇزى) غا يېقىنلىشىشى كېرەك. بۇ پرىنىسپ ھەرىپلەرنىڭ خەلقئارادىمۇ ئوخشاش تەلەپپۇز قىلىنىشىنى مەقسەت قىلىدۇ. ئۇنداق بولمىغاندا، يات مىللەتلەر ئويغۇرچە ئادەم ئىسمى ۋە يۇرت ناملىرىنى ئوقۇغاندا خاتا ئوقۇپ قالىدۇ. [ئېنگلىز، فرانسوز، نېمىس ياكى ئىسپان تىلىدا سۆزلىگۈچىلەر Urumqi ياكى Vurumuqi گە قارىغاندا Urumchi نى، Xemxi گە قارىغاندا Shemshi نى ئەسلى تەلەپپۇزغا يېقىن ئوقۇيالايدۇ. * \ tR  
y)`q% J&  
يۇقارقى پرىنسىپلار دەرىجىگە بۆلۈنۈپ ئەمەل قىلىنىدۇ. ئەلۋەتتە ئەڭ ئۈستىدىكىسى ئەڭ مۇھىم پرىنسىپ ھېساپلىنىدۇ، لېكىن باشقا پرىنسىپلارنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدۇ. 60-، 70- يىللاردىكى يېڭى يېزىق يۇقارقى 4 پرىنسىپنىڭ بىرسىگىمۇ توغرا كەلمەيدۇ. ئۇنىڭ ھەرىپى ياكى ھەرىپ گۇرۇپپىسى كونا يېزىقنىڭكىدىن كۆپ. يېڭى يېزىقتا ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئۈچ خىل تاۋۇشىنىڭ ھەر بىرسىگە ئىككىدىن ھەرىپ سەپلىنىپ (qبىلەن ch،   xبىلەن sh ، j بىلەنzh لار ئوخشاش تەلەپپۇزنى ئىپادىلىگەن) مەلۇم دەرىجىدە مۇجىمەللىك شەكىللەندۈرگەن (ئۇيغۇرلار خەنزۇچە سۆزلەرنىمۇ ئۇيغۇرچە ئاڭاھدا تەلەپپۇز قىلغان). يېڭى يېزىقتا يەنە لاتىن ھەرىپلىرىدىن باشقا پەرىقلەندۈرۈش بەلگىلىرى ۋە ھەرىپلىرى ئىشلىتىلگەن بولۇپ، ئۇيغۇرچە خەتلەرنى يېڭى يېزىق بىلگەنلەردىن باشقىسى ئوقۇيالمايدىغان بولۇپ قالغان. بۇ خىل ئەھۋالدا شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسمى ۋە يۇرت نامىلىرى باشقا خىل يېزىقتا يېزىلىشقا مەجبۇر  بولغان. لاتىنچە يېزىلغان جۇڭگو خەرىتىلىرىدە نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇر يۇرتلىرىنىڭ نامى خەنزۇچە نامنىڭ ئاستىغا پىنيىنچە يېزىلغان. مەسلەن، غۇلجانى Yining، قۇمۇلنى Hami، قەشقەرنى Kashi دىگەندەك. ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرىمۇ كىملىك ۋە نوپۇستا پىنيىنچە يېزىلماقتا. مەسلەن، Waresijiang Abudukelimu، Mutalipu Tuoheti دىگەندەك. ئەلۋەتتە يېڭى يېزىق مائارىپىدا ئوقۇغانلارنىڭ شۇ يېزىق ھەرىپلىرى ئاساسىدىكى يېڭىچە بىر خىل يېزىققا كۆنۈشى تەس. ئۇنىڭدىن باشقا، ئەينى ۋاقتىدا يېڭى يېزىقنىڭ يېرىم رەسمىي يېزىق ھالىتى يېزىق ئۆزگەرتىشكە قىستىغانغا بارەر ئىدى. ياخشى يېرى، شۇ ۋاقتىدا ئورتا ئاسىيادىكى تۈركىي دۆلەتلىرىنىڭ لاتىن ئاساسىدىكى يېزىققا كۆچۈش مىساللىرى بۇ پروگراممىنىڭ ئىلگىرلىشىگە ياردىمى بولدى. يۇقارقى پرىنسىپلار ئاساسىدا، يىغىن قاتناشقۇچىلىرى تەرىپىدىن سىناق باسقۇچىدىكى بىر ئۆلچەم تۈزۈپ چىقىلدى. تۆۋەندە ھەر بىر ھەىپنىڭ بېكىتىلىشىنى تەپسىلى بايان قىلىمىز. ~rbJtz  
ئورتاق ھەرىپلەر I#CS;Yh95  
ئىشلىتىلمەكچى بولغان نۇرغۇن ھەرىپلەر ئىچىدىن، ھەممەيلەن ئورتاق بىر تاۋۇشقا ئىشلىتىدىغان 18 ھەرىپنى تېپىپ چىقىش تەس ئەمەس. چۈنكى بۇلار يۇقارقى پرىنسىپلارغا ماس كېلىدۇ. بۇ ھەرىپلەر يىغىن كومتېتى تەرىپىدىن بىردەك ئۇيغۇر لاتىن يېزىقىغا كىرگۈزۈشكە قوشۇلدى. StMvz~  
م    ل    ك    ظع    ض    ف    د    ب    ظا ^}hSsE  
m    l    k    i    g    f    d    b    A qo}u(p Oj|  
ز    ي    ظذ    ت    س    ر    ى    ظو    ن 9!vimu)  
z    y    u    t    s    r    p    o    n wafws*b%  
1- جەدىۋەل: ئورتاق ھەرىپلەر izr3{y5  
S >\\n^SbT  
تالاشتىكى ھەرىپلەر ۋە بېكىتمىلەر .+CMm5T  
يۇقارقى 18 ھەرىپتىن باشقا ھەرىپلەر تۆۋەندىكىدەك تاللاشلارغا ئىگە: @-}!o&G0  
PAy7b7m~B  
2- جەدىۋەل: تالاشتىكى ھەرىپلەر ۋە ئۇلارغا تەۋسىيە قىلىنغان ماس ھەرىپلەر 0,[- 4m  
&Zm1(k6&K  
ھەرىپلەر ئاساسىي پرىنسىپ بويىچە تاللىنىدۇ. تەپسىلاتى تۆۋەندىكىچە: =zKbvwe%X  
چ [t∫]: 3-پرىنسىپ ç ۋە č نى شاللىۋېتىدۇ، c بىلەن q 4- پرىنسىپقا ماس كەلمەيدۇ. گەرچە ch قوشھەرىپ بولۇشتەك كەمچىلىكى بولسىمۇ، بارلىق قائىدىلەرگە بوي سۇنغانلىقى ئۈچۈن تاللاندى. Ch نۇرغۇنلىغان لاتىن يېزىقلىرىدا چ [t∫] تەلەپپۇزىدا ئوقۇيدۇ [گەرچە خەنزۇچە پىنيىنچىدا q، تۈركچىدە   ćيېزىلسىمۇ]. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆزبەكچىمۇ بۇنى چ تەلەپپۇزىغا تاللىدى. بۇ يېڭى يېزىق مائارىپىدا ئوقۇغان ئۇيغۇرلارنىڭمۇ قوبۇل قىلىشى ئاسان. چۈنكى خەنزۇچە پىنيىندىمۇ بۇنى چ دەپ تەلەپپۇز قىلىدۇ. مەسلەن، «گۇڭچەندەك» نى Gungchandang دەپ يازغاندەك. t)*A#  
ou'|e"tI  
ئە [؟] 2- پرىنسىپ ؟ نى شاللايدۇ، 4- پرىنسىپ vaنى شاللايدۇ. «ئە» ھەرىپى ئۇيغۇر تىلىدا كۆپ ئىشلىتىلدىغان سوزۇق تاۋۇش بولغانلىقتىن، قوشھەرىپ ae سۆزنىڭ ئۇزۇنلىقىغا پايدىسىزدۇر. (مەسلەن، مەكتەپنى maektaep دەپ يېزىش mektep دەپ يېزىشتىن ئۇزۇن). بەزىلەر ئۆزبەك لاتىنچىسىغا بويسۇندۇرۇپ، لاتىن ھەرىپلىرىدىكى gۋە o لارنىڭ باشقا ۋارىئانتلىرىنىمۇ ئىپادىلىگىلى بولىدىغان  aنىڭ يېنىغا بىر قاش قويۇپ (يەنى a’) ئىپادىلەشنى ئېيىتقان (مەكتەپنى ma’kta’p قىلىپ يېزىش). لېكىن بۇنداق قاش قويۇش مۇجمەللىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇنى كېيىنرەك چۈشەندۈرىمىز. يەنە نۇرغۇن كىشىلەر «ئە» نى e بىلەن ئىپادىلەشنى خالايدۇ. ئەمما «ئە» ئۇيغۇر تىلىدىكى ئۈچ تىل ئالدى سوزۇق تاۋۇشنىڭ بىرسى بولۇپ، بەزەنلەر بۇنى ä بىلەن ئىپادىلەشنى خالايدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن «ئې» تاۋۇشىغا eنى ئىشلىتىش كېرەك دەپ قارايدىغان ماجار (ۋىنگىرىيە) تىلى ۋە فىن (فىنلاندىيە) تىلىغا ئوخشاش تىل ئارقا سوزۇق تاۋۇش a\o\u لار بىلەن تىل ئالدى سوزۇق تاۋۇشلارنى سېستىمىلىق پەرىقلەندۈرۈش كېرەك. يېڭى يېزىقتىمۇ eنى «ئې» دەپ تەلەپپۇز قىلىدۇ. ئۇيغۇرسوفت شىركىتىدىكى ئالىم ئەخەت ئەپەندىنىڭ سىتاتىستىكىسىغا قارىغاندا، 1 مىليون 651 مىڭ 130 خەتلىك بىر لۇغەتتە «ئە»نىڭ ئىشلىتىلىش قېتىمى 67 مىڭ 121 (4.065%)، «ئې» نىڭ ئىشلىتىلىش قېتىمى 13 مىڭ 37 (0.790%) بولغان. كۆرىۋېلىشقا بولىدىكى، ئۇيغۇر تىلىدا «ئە» نىڭ ئىشلىتىلىشى «ئې»نىڭ ئىشلىتىلىشىدىن كۆپ. ئاخىرىدا تۈركچىنىڭ ئوقۇلۇشىغا ئوخشاش قىلىپ، e تاللاندى. 3 p9LVa  
bR?$a+a)  
ئې [e]: e ھەرىپى يۇقىرىدا تاللىنىپ بولغانلىقى ئۈچۈن، i بىلەن é نىڭ بىرسىنى تاللاشقا توغرا كېلىدۇ. شۇڭا ئاخىرىدا é تاللىنىدۇ. بۇ ھەرىپ ئۈستىگە ئىككى چىكىت قويۇلغان ë دىن ئىشلىتىش ئاسانراق. ئۇنىڭدىن باشقا، فرانسوزچىدىكىé ئالبانچىدىكى ë گە قارىغاندا «ئې» تەلەپپۇزىغا يئقعن. U-:_4[  
6dX l ny1H  
غ [੪]: 2-، 3- ۋە 4- پرىنسىپلار ğ، ġ، v،gv، w ۋە |؟ لارنى شاللايدۇ. Gبولسا «گ» گە بېرىلىپ بولدى. قوشھەرىپ  ghئۆزبەك لاتىنچىسىدا g’ قىلىپ ئېلىندى. چۈنكى «غ» تاۋۇشى بار تىللاردا بۇ تاۋۇش gh بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. مەسلەن، Afghanistan, Maghreb, Algha Khan, Baghdad 7_ah1IEK  
f@= lK?Pfh  
ھ [h]: 2-، 3- ۋە 4- پرىنسىپلار v, h?, vh,wh ۋە  hfلارنى شاللايدۇ. شۇڭا h ئاسانلا (پەرىقللەندۈرۈش بەلگىلىرىمۇ يوق)تاللىنىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، كۆپ قىسىم تىللاردا h ھەرىپى «ھ» تاۋۇشىغا يېقىن تەلەپپۇز قىلىنىدۇ. f:K`M W  
lEv<n6:_  
ج [d3?]: 2- پرىنسىپ  d3?نى شاللايدۇ، 4- پرىنسىپc  ۋە  zhنى شاللايدۇ. c تۈركچە ۋە ئەزەربەيجانچىدا «ج» تەلەپپۇز قىلىنىدۇ. بۇ تاۋۇشقا يېڭى يېزىقتا j ئىشلىتىلگەن بولۇپ، j ئۇيغۇرچىدا zh خەنزۇچىدىن كىرگەن سۆزلەردە (فاڭجىن Fangzhen دىگەندەك) ئىشلىتىلەتتى. zh پەقەت خەنزۇچە پىنيىنغىلا خاس ئىدى. ئاخىرىدا خەلقئارالىق ئورتاق ئىشلىتىلىشقا ئەھمىيەت بېرىلىپ، j تاللاندى. }8qsE  
ZIrJ"*QO=  
ڭ [(?]: 2- پرىنسىپ (?، ň ۋە ņ لەرنى، 4- پرىنسىپnh  ۋە  nfلەرنى شاللايدۇ. تاللاشنىڭ نەتىجىسى ئەلۋەتتە نۇرغۇن تىللاردا «ڭ»نى ئىپادىلەيدىغان ng دا توختايدۇ. wUz)9n 6j  
J]|lCwF  
ئۆ [ø]: vo، oe ۋە  oiتاللاشلىرىنىڭ ھەرىپ سانى ئۇزۇن ۋە يات تىلدىكىلەرگە ئۇيغۇرچە تەلەپپۇزنى تولۇق نامايەن قىلىپ بېرەلمەيدىغانلىقى ئۈچۈن شاللاندى. Vھەرىپى 4- پرىنسىپقا ماس كەلمىگەنلىكتىن تاللانمىدى. يېڭى يېزىقتىكى ( نى 2- پرىنسىپ شاللايدۇ. Oبىلەن پەرىقلەندۈرۈش ئۈچۈن، ö قوللىنىش قارا قىلىنىدى. گەرچە ئۈستىگە قويۇلغان بەلگە سەل قۇلايسىز بولسىمۇ، بۇ ھەرىپ نۇرغۇن تىللاردا ئۇيغۇر تىلىدىكى «ئۆ» ھەرىپىگە يېقىن تەلەپپۇزدا ئىشلىتىلمەكتە. )pXw 3Fo  
_('KNA~  
ق [q]: 2-، 4- پرىنسىپلار k?ۋە  k?نى شاللايدۇ. 4- پرىنسىپ vk بىلەن  cنى رەت قىلىدۇ. Kبولسا «ك» گە ئىشلىتىلىپ بولدى. Khخەلقئارالىق تاۋۇش سېستىمىسىدا باشقىچە تەلەپپۇز قىلىنىدۇ. q ھەرىپى ئەرەپ يېزىقى ئاساسىدىكى تاۋۇشلاردا «ق» دەپ ئوقۇلىدىغانلىقى ئۈچۈن (مەسلەن، Iraq, Al-Qaida, Mohammed Iqbal, Qatar) تاللاندى. بۇ ھەرىپ ئۆزبەك ۋە تاتار لاتىنچىلىرىدىمۇ «ق» دەپ ئوقۇلىدۇ، يەنە ئەزەربەيجاننىڭكىدىمۇ ئوخشاشتۇر. _(8HK  
61J01(+|  
ش [∫]: 2- ۋە 4- پرىنسىپلار š بىلەن ş نى شاللايدۇ. 4-پرىنسىپ ئاز بىر قىسىم تىللاردىلا (خەنزۇچە پىنيىن، پورتىگانچە ۋە ۋىيتنامچەدىلا) «ش» تەلەپپۇزىغا ئىشلىتىدىغان x نى شاللايدۇ. خەلقئارا، ئۆزبەكچە تەلەپپۇزلاردىمۇ Sh ئىشلىتىلىدۇ. يېڭى يېزىقتا xنى ئىشلەتكەندىن باشقا، يەنە خەنزۇچىدىن كىرگەن سۆزلەرگە Sh نى ئىشلىتىدۇ (مەسلەن، گۇڭشې Gungshe). بۇ خىل ئەھۋال Sh نىڭ تاللىنىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. *?+maK{5+  
^vJPeoW  
ئۈ [y]: 3-، 4- پرىنسىپلار u’,vu,ue  ۋە ui لەرنى شالللايدۇ، 1- پرىنسىپ yنى (گەرچە بۇ IPA نىڭ تىل ئالدى يۇقىرى سوزۇق تاۋۇشى بولۇش سۈپىتى بىلەن «ئۈ»نى ئىپادىلەشكە شۇنچە جەلىپكار بولسىمۇ) شاللايدۇ. يەنە كېلىپ y «ي»گە، u «ئۇ»غا بەلگىلىنىپ بولغان. Oغا öنى ماسلاشتۇرغاندەك، تىل ئارقا سوزۇر تاۋۇش u نىڭ پەرىقلىق تەلەپپۇزىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن ü تاللاندى. ü ھەرىپى يەنە دۇنيادا ئۇيغۇر تىلىدىكى «ئۈ» گە يېقىن تەلەپپۇزلارنى ئىپادىلەپ كەلمەكتە. =R^V[zTn_  
$[Fh|%\  
ۋ [w]: بۇ ھەرىپ لەۋلەشمەي سىلىق ئوقۇلىدىغان «ۋ» ۋە تىترەپ ئوقۇلىدىغان «ۋ» دەپ ئىككى خىل تەلەپپۇز قىلىنىش مۇمكىن. بۇ دەنمارك (دانىيە) تىلىدىكى [w] نىڭ ئىشلىتىلىشىنى ئەسلىتىپ قويىدۇ (بەزىدە vبىلەن  wدەك پەرقلىنىدۇ). بوغۇم بېشىدىكى «ۋ» (مەسلەن، ۋەتەن-Weten، ۋەزىر- Wezir، قولۋاق- Qolwaq،) بىلەن يېرىم تەلەپپۇزلۇق ياكى تاۋۇش مەركىزى بولمىغان، يۇمشاق تىل ئارقا سوزۇق تاۋۇش [ω] دائىم بوغۇم ئاخىرىدا ئۇچرايدىغان (مەسلەن، لەۋ [Lew]) «ۋ» پەرقلىنىدۇ. بۇ خىل ئىككى خىل تەلەپپۇزغا ئاساسەن، بەزى كىشىلەر vنى بوغۇم بېشىدا، wنى بوغۇم ئاخىرىدا ئېلىشنى ئويلاشتى. بۇنداق قىلىش ئەلۋەتتە 1- پرىنسىپقا خىلاپ بولۇپ، ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى، كونا يېزىق ۋە سلاۋىيان يېزىق ھەرىپلىرىنىڭ بىرگە بىر ماسلاشتۇرۇشىغىمۇ توغرا كەلمەيدۇ. شۇڭا پەقەت بىرلا ھەرىپنى تاللاش كېرەك. ئاخىرقى تاللاش w بولدى. سەۋەبلەرنىڭ يەنە بىرى w نىڭ بوغۇم ئاخىرىدىكى ئوقۇلۇشى v گە قارىغاندا ياخشى. I^{PnrB  
N3nk\)V\E  
خ [x]: «خ» غا كۆڭۈلدىكىدەك لاتىن ھەرىپى تاپماق بەك تەس. بەىز كىشىلەر يېڭى يېزىقتىكى h ئەڭ ياخشى تاللاش، بۇنى خەنزۇچە پىنيىندىمۇ شۇنداق ئوقۇيدۇ، دەپ قارايدۇ. غەرىپ دۆلەتلىرىدە ئەرەبچە ياكى سلاۋىيان تىللىرىدىكى «خ»نى ئىپادىلەشتە ئىشلىتدىغان kh نى تاللاش يەنە بىر قوشھەرىپ قوشۇلۇپ قېلىش مۇنازىرسىنى ئۇلغايتىدۇ. ئەمما بۇ يەردە h ھەرىپى «ھ» غا ئىشلىتىلىپ بولدى. دۇنيادىكى نۇرغۇن تىللاردا مەخسۇس «خ»نى ئىپادىلەيدىغان لاتىن ھەرىپى يوق. يەنە بەزىلەر بۇ مەسلىنى ھەل قىلىشنىڭ ئۇسۇلى h نى ھەم «ھ»غا، ھەم «خ»غا ئىشلىتىش دىگەن ئىدىيەدە چىڭ تۇرىدۇ. لېكىن بۇ ئەھۋال سۆزلەرنى پەرقلەندۈرۈشتە قالايمىقانچىلىق كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ (مەسلەن، hayaنى نىمە دەپ ئوقۇش، دىگەندەك). 1- پرىنسىپقا ئاساسلانغاندىمۇ، بۇنى قوبۇل قىلىشقا بولمايدۇ. ئاخىرقى تاللاش ئۆزبەك ۋە ئەزەربەيجان لاتىنچىلىرىدا كەڭ ئىشلىتىلىۋاتقان x بولۇپ قالىدۇ. گەرچە بۇ خىل تاللاش چەتئەللىكلەرنى ئوقۇشتا قايمۇقتۇرسىمۇ، مەسلەن: Xoten گە (ئىنگلىزچە سۆزلىگۈچىلەر [zouten] زوۋتەن، فرانسوزچە سۆزلىگۈچىلەر [ksoten]كسوتەن ياكى [gzoten] گزوتەن دەپ ئوقۇپ قېلىشى مۇمكىن)قارىغاندا khoten قىلىپ يېزىش ئەقىلگە مۇۋاپىقتەك قىلسىمۇ. X نىڭ تاللىنىشى يەنىلا ئەڭ مۇۋاپىق. بەزى ئۇيغۇرلار يەنە x نىڭ ئىشلىتىلىشى ئوقۇپ كۆنگەن ئوخشاش بىر ھەرىپنى يەنە باشقىچە ئوقۇش خەنزۇچە پىنيىنگە كۆنگەن شىنجاڭ ئۇيغۇرلىرىغا نىسبەتەن بىر مۇرەككەپ ئىش دىگەن ئىديىدە چىڭ تۇرىدۇ. لېكىن سلاۋىيانچىنى ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان سابىق سوۋېت ئۇيغۇرلىرىغا نىسبەتەن x ئەقىلگە ئەڭ مۇۋاپىقتۇر. چۈنكى سلاۋىياچىدىمۇ x «خ» تەلەپپۇز قىلىنىدۇ. BV&}(9z  
+6!.)Ea=  
ژ [3?]: «ژ» غا نامزات كۆرسىتىلگەن 11 لاتىن ھەرىپىنىڭ ھېچقايسىسى بارلىق پرىنسىپنى قاندۇرالمايدۇ. بۇ تاۋۇش پەقەت ساپ تۈركىي سۆزدىكى «ج»نىڭ بىر ۋارىئانتى بولۇپ، قوشۇمچە تاۋۇش رولىنى ئوينىغاچقا، (مەسلەن، تاژلىق[ta3liq]سۆزى تاج[taj] سۆزىدىن كەلگەن ئىدى)، «ژ» مۇ تەڭ j بىلەن ئىپادىلىنىپ كەتكەن ئىدى.شۇڭا بۇ قىزىق مۇنازىرە نۇقتىسى بولۇپ قالدى. «ژ»غا ئايرىپ ھەرىپ قوللانغاندىمۇ، پەقەت روسچە ۋە فارسچىدىن كىرگەن بىر قانچە سۆزلەر بىلەنلا چەكلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، j ھەرىپىنىلا ئىشلەتكەندە، ئۇيغۇر لاتىن يېزىقىنىڭ ئىشلىتىلىشى خەلقئاراغا يېقىنلىشىدۇ. چۈنكى j نىڭ ئىشلىتىلىشىنى بىر قەدەر ئومومىي بولغان تىللاردا كۆپ ئۇچرايدۇ (مەسلەن، ژاندارما\جاندارما- gendarme [فرانسوزچە]، ژورنال\ جورنال- Journal [ئېنگىز\فرانسوزچە]، ئېنژىنېر\ئېنجىنېر- engineer [ئېنگلىزچە]، ۋولتاژ\ ۋولتاج- valtaj [ئېنگلىزچە]). ئەلۋەتتە، بۇنداق قىلىش 1- پرىنسىپ بىلەن زىت. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى بىلەن شىنجاڭ ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئۆلچەمسىز ئېغىز تىلىنى، بولۇپمۇ غۇلجا ۋە قەشقەر تەرەپنىڭ ئېغىز تىلىنى ئىپادىلىگىلى بولمايدۇ. مۇشۇ نۇقتىنى ۋە رۇسچە تەلەپپۇزلارنى تولۇق ئىپادىلەشنى كۆزدە تۇتۇپ، قوشھەرىپ zhنى تاللاپ ئىشلىتىشقا يول قويۇلدى. ئېنگلىزچە سۆزلىگۈچىلەرگە مەلۇم بولغىنىدەك، zh نى ئوقۇش باشقا تىلدا سۆزلىگۈچىلەرگە نىسبەتەن قىيىن. ئۇنىڭدىن باشقا، zh خەنزۇچە پىنيىندىمۇ بار بولغان، يېڭى يېزىقتىكى j گە پارالىل ئوقۇلىدىغان (فاڭجىن- fangzhen) ھەرىپ بولغاچقا، شىنجاڭ ئۇيغۇرلىرى قايمۇقۇپ قېلىشى مۇمكىن. J نىڭ قوللىغۇچىلىرى zh نىڭ قوللىغۇچىلىرىنى قايىل قىلالمىغانلىقى ئەمەس، بەلكى «ژ» تاۋۇشىنىڭ ئىنتايىن ئاز ئىشلىنىدىغانلىقىنى دىمەكچى. شۇڭا ھازىرچە بۇ ئىكى ھەرىپنى تەڭ ئىشلىتىلىپ، ئاخىرقى ھېساپتا ئىشلىتىلىش جەريانى ئۆزى قارا قىلسۇن. 9b !+kJD  
ظا    ظە    ب    ى    ت    ج    ح    خ    د    ر    ز    آ    س    ش    غ    ف (o\:rLZu  
a    e    b    p    t    j    ch    x    d    r    z    j\zh    s    sh    gh    f N2}].}  
ق    ك    ض    ڭ    ل    م    ن    ە    ظو    ظذ    ظأ    ظى    ؤ    ظئ    ظع    ي OZ_'& CZ  
q    k    g    ng    l    m    n    h    o    u    ?    ?    w    ?    i    y b=QO^  
=?57*=]0M  
A{;b^ IK  
3- جەدىۋەل: كونا يېزىق ئېلىپبەسى بىلەن ئۇنىڭغا ماس ئۇيغۇر لاتىن ئېلىپبە ھەرىپلىرى +iwNM+K/gQ  
يىغىندا ھەمزە (ئ ياكى ىئ) تەكىتلەنمىگەنلىكى ئۈچۈن. يۇقارقى جەدىۋەلگە قوشۇلمىدى. كونا يېزىق ئېلىبەسىدىمۇ ھەمزە ئايرىم يېزىلمىغان. شۇڭا بۇ سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ئالدىنىڭ بىر قىسىمى دەپ قارالدى. ئەمەلىيەتتە ھەمزەنىڭ ئۇرغۇ ئايرىش رولى بار (مەسلەن، سۈرەت بىلەن سۈرئەت). ئۇيغۇر تىلىدا ئۇرغۇنىڭ ئايرىلىشى ئەرەبچە ۋە ئۆزبەكچىنىڭكىدەك كۈچلۈك تەلەپپۇز قىلىنمايدۇ. ئاجىزلىقىدىن ئىككى سوزۇق تاۋۇشنىڭ ئارلىقىچىلىكمۇ ئۇرغۇ چىقمايدۇ. بۇ ئەھۋال ئەرەبچىدىن كىرگەن سۆزلەردە بوغۇم ئوتتۇرسى ۋە بوغۇم ئاخىرىدىكى ئەين (گ) ياكى ھەمزە (ئ) ئورنىغا ئالماشقاندا كۆرىلىدۇ (ئەرەبچىدىن كىرگەن «سائەت»، «خائىن»، «سۇئال» ۋە «ۋۇقۇئ» قاتارلىق سۆزلەر). لېكىن ئۇيغۇرچىدا ھەمزە ئايرىم ھەرىپ ئەمەس، بەلكى سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ئالاھىدە يېزىلىشى دەپ قارىلىدۇ. FQ?H%UcW  
كۆپ قىسم لاتىن يېزىقلىرىدا ئۇرغۇ ئايرىش (يۇقارقىدەك ھەمزەنىڭ رولى بىلەن) قاش بەلگىسى (‘) بىلەن بولىدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق تىل- يېزىق كومتېتى مۇشۇ ئەنئەنىۋى قائىدىگە ئاساسەن ئىملا تۇرغۇزۇشنى تاللىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقتتا، ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ قائىدىسىگە ئاساسلىنىپ (تۆۋەندىكىسىگە قاراڭ)، ئىككى سوزۇق تاۋۇش ئارقىمۇ- ئارقا كەلگەندە قوش سوزۇق تاۋۇش ھېساپلانمايدۇ (مەسلەن، Qaide[قائىدە]، Aile, Saet)، بەلكى قوشۇلۇپ كەلگەن ھەر بىر سوزۇق تاۋۇش بىر بوغۇم بولىدۇ. پەقەت y ۋە w قوشۇلۇپ كەلگەندىلا قوش سوزۇق تاۋۇشنى ئىپادىلەيدۇ (مەسلەن، Ilmiy، Yaw ming). سوزۇق تاۋۇش باشقا بىر بوغۇمغا تەۋە بولماقچى بولغاندا، ئاندىن سوزۇق تاۋۇشنى ئايرىشقا ئىشلىتىلدىغان قاش (‘) بەلضعسع ظعشلعتعلعدذ (مەسلەن، Qet’i ، Qur’an). n بىلەن g بىر يەرگە كېلىپ قېلىپ، «ڭ» ئوقۇلۇپ قېلىش ئېھتىماللىقى بولغاندىمۇ قاش (‘) بەلضعسع ظعشلعتعلعدذ (مەسلەن، In’gliz, Bashlan’ghuch, Hin’gan). Sبىلەن h ئايرىپ ئوقۇلىدۇ (مەسلەن، Is’haq). ng بىلەن h نىمۇ قاش ئارقىلىق ئاجرىتىپ يېزىشقا توغرا كېلىدۇ (مەسلەن، Chong’haji). بەزى ئەرەبچىدىن كىرگەن سۆزلەرنىڭ ئاخىرىغا قاش قويۇپ ئىپادىلەشكە بولىدۇ (مەسلەن، Toghra’). بۇنداق قىلغاندا گەرچە ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ ئىملاسىگە رىئايە قىلىنمىغان بولسىمۇ، سۆز مۇجمەل بولمايدۇ ۋە سۆزنىڭ قىسقا بولۇشىغا ياردىمى بولىدۇ. (ئاپتورغا: 5 سۆز خەنزۇچە جىجاق چىقىپ قاپتىكەن، چۈشىنەلمىدىم) qB7.LR*'  
"^<:7_Y  
q?Q"Ab  
1.    ئۇيغۇر لاتىن يېزىقىنىڭ ئاساسىي ئىملا قائىدىسى $&k2m^R<  
2.    خاس ئىسىملارنىڭ بىرىنچى ھەرىپى چوڭ يېزىلىدۇ. مەسلەن: Alim, Kanada, Uyghur, Ürümchi دىگەندەك. f8N  
3.    چەتتىلدىكى خاس ئىسىملار چوقۇم ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئوقۇلۇشى بويىچە يېزىلىدۇ. مەسلەن: Nyu york [New york]، Shenshi [陕西]، Skot Weyd [Scot Wade] دىگەندەك. 8+B.x  
4.    قىسقارتىلما ئىسىملارنىڭ ھەرىپلىرى چوڭ يېزىلىدۇ. ئارلىقى چېكىت بىلەن ئايرىشقا بولىدۇ. مەسلەن: B.D.T [بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى]، TDMP [تەيۋەن دېمۇكراتىك مۇستەققىللىق پارتىيىسى]. ozkN&0  
5.    قوشھەرپلەرنىڭ پەقەت بىرىنچى ھەرىپىنىلا چوڭ يېزىشقا بولىدۇ. مەسلەن: AQSh [ئامرېكا قوشما شتاتلىرى]، Sh.U.A.R [شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى]. R.|fc5_"+  
6.    گەرچە ئۇيغۇر لاتىن يېزىقىدا ئىشلىتىلمەيدىغان ھەرىپلەر بولسىمۇ، خەلقئارالىق بىرلىكلەر، چەتتىلدىن كىرگەن قىسقارتمىلار ۋە سودا ماركىلىرى قاتارلىقلار ئەسلى تىلدىكىسى بويىچە يېزىلىدۇ. مەسلەن: cm، kg، kv، VCD، MTV، Microsoft ۋە Linux قاتارلىقلار. (LRv c!`"  
7.    يۇقىرىدا دېيىلگەندەك، بىر سوزۇق تاۋۇش تەبىئي كەلگەن بوغۇمغا ئەمەس، ئەتراپىدىكى باشقا بوغۇمغا تەۋە ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەشتە قاش بەلگىسى (‘) ئىشلىتىلىدۇ. Ng نى n+g بىرىكمىسىدىن ئايرىش، shنى s+h بىرىكمىسىدىن ئايرىش ئۈچۈنمۇ قاش بەلگىسى ئىشلىتىلىدۇ. بەزى قەدىمى سۆزلەرنىڭ ئەسلى تەلەپپۇزىدىكى ئۇرغۇسىنى چىقىرىش ئۈچۈنمۇ قاش بەلگىسى ئىشلىتىلىدۇ. بىر بوغۇمدا بىرلا سوزۇق تاۋۇش بولىدىغانلىقى ئۈچۈن، كونا يېزىقتىكى ھەمزە (ئ) بوغۇم ئايرىشقا ئىشلىتىلمەيدۇ. ئەڭ ئاخىرقى مىسالدا، خەنزۇچىدىكى فونتىكىلىق گۇرۇپپىلاردىن بىۋاستە كىرگەن تەلەپپۇز -anü( yüen، shöyüen، gowuyüen) بىلەن hua (Jungxua) ئۈچۈن كونا يېزىقتا ھەمزەلىك سوزۇق تاۋۇش يوق. شۇڭا -؟ بىلەن –u- يېرىم قوشما سوزۇق تاۋۇشقا كىرىدۇ. لېكىن ئۇيغۇر لاتىن يېزىقىغا كىرگەن بۇ سۆزلەر يېڭىچە ئۇيغۇر تەلەپپۇزىنى ياساپ، يېرىم قوشما سوزۇق تاۋۇش بولماي قالىدۇ. F.PD5%/$q  
ئوخشاش ئاھاڭداش سۆزلەرنى پەرقلەندۈرۈش ياكى خاتا چۈشەنچە بېرىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم پەرقلەندۈرۈش بەلگىلىرىنى قويۇش كېرەك (مەسلەن: Olturush بىلەن Öltürüsh). x}N+vK   
#B`"B  
)@1_Dm@0b  
ئۇيغۇر لاتىن يېزىقىنىڭ ھازىرقى ھالىتى ۋە كەلگۈسى ئىستقبالى 5;dg#hO  
ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى ئېلىپبەسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى نۇسخىسى 2001- يىلى 7- ئاينىڭ 3- كۈنى ئېلان قىلىنغان (3- جەدىۋەلگە قاراڭ). گەرچە ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى مەخسۇس كومپىيۇتېر ساھەسىدىلا ئىشلىتىش ئۈچۈن تۈزۈلگەن بولسىمۇ. بۇ يېزىق ئۇيغۇر زىيالىلىرى ۋە ئۇيغۇرشۇناسلار ئىنتېرنېتتىلا كەڭ قوللىنىپ قالماستىن، يەنە ئۇيغۇرچە يېزىقچىلىقتا ۋە باشقا يېزىقلارنىڭ ئورنىنى ئالغان نەشرىياتلاردا قوللىنىلماقتا. +*)B;)P  
بەش يىللىق تەجىرىبە بۇ يېزىقنىڭ شىنجاڭدىكى ۋە چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇرشۇناسلار تەرىپىدىن كەڭ قوبۇل قىلىنغانلىقىنى كۆرسەتتى. بەزى ئۇيغۇرچە توربەتلەر ( biliwal.com, izdiyari.com, google.com/intl/ug, rfa.org, oyghan.com, ukij.org, uyghurdictionary.org) تېخىمۇ كۆپ زىيارەتچىلەرنى جەلپ قىلىش ئۈچۈن، كونا يېزىق، سلاۋىيان يېزىقى ۋە لاتىن يېزىقىلاردا ياسالدى. كۆپ خىل يېزىق ئالماشتۇرۇش قۇرالى ( www.uyghurdictionary.org/tool.asp ) تېزدىن بارلىققا كېلىپ، ئۇيغۇرلار ئۇچۇرلاردىن ئورتاق پايدىلىنالايدىغان بولدى. نەتىجىدە، كىشىلەر ئۇيغۇر لاتىن يېزىقىنى ئېلخەت ۋە مۇنبەرلەردىلا ئىشلىتىپ قالماستىن، توربەت ياساش، ئىلمىي تەتقىقات، پروگراممىلىق يۇمشاق دېتاللارنى ياساش قاتارلىق ساھەلەردىمۇ ئىشلەتتى. كىشلەر شۇنداق بىر قاراشقا كەلدىكى، بىرلىككە كەلگەن لاتىن يېزىقى بىر يېزىق ئىسلاھاتى بولماستىن، بەلكى ئۇيغۇرلار ئۆزئارا (شىنجاڭ ئۇيغۇرلىرى، سابىق سوۋېت ئۇيغۇرلىرى ۋە باشقا دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا)، شۇنداقلا دۇنيادىكى باشقا تۈركىي تىللىق قېرىنداشلار بىلەن ئۇچۇر –ئالاقە ئالماشتۇرىدىغان قۇرال ئىكەن. }Ss#0Gee  
ئەڭ دەسلەپتىكى يېزىق قوغداش زىدىيىتىدىن تارتىپ، يېڭى يېزىقتىكى x نى لاتىن يېزىقىدىكى shغا، qنى ch غا ئۆزگەرتىشتىن باشقا، لاتىن يېزىقىنى ئىشلتىشتىكى مۇھىم مەسىلە ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ سوزۇق تاۋۇش ö، ü ۋە é لەرنىڭ ئورنىغا پەرقلەندۈرۈش بەلگىلىرىنى ئىشلىتىشكە مەجبۇر بولغىنى بولدى. بۇ ئاساسلىقى «باسقۇ ھورۇنلۇقى» دىن بولدى. كۆپ قىسىم ئەھۋاللاردا مەخسۇس باسقۇ (كىلىت تاختىسى) نىڭ يوقلۇقىدىن بىر مۇنچە مەشغۇلات ئىشلەپ بۇ ھەرىپلەرنى كىرگۈزۈشكە (مەسلەن، US خەلقئارالىق باسقۇدا قاش\ پەرقلەندۈرۈش پەلگىسى + ھەرىپ) مەجبۇر بولىمىز. بۇ مەسىلە ئۇيغۇر لاتىن يېزىقىنى ئىشلىتىدىغان چوڭ توربەتلىرىنىڭ مىساللارنى بېرىشى داۋامىدا بارغانچە ھەل بولىۋاتىدۇ. jc Ie<i;  
گەرچە كۆپ قىسىم ئۇيغۇرشۇناسلار «ژ»غا zh نى ئىشلىتىشنى قۇۋەتلەپ كەلگەن بولسىمۇ، زادى j بىلەن zh  نىڭ قايسىسىنى ئىشلىتىش تېخى پۈتۈنلەي ھەل بولمىغان مەسىلە. }6C&N8 f  
VC>KW{&J0  
vj?9X5A_  
خۇلاسە <&l3bL  
بەزى كىشىلەر ئۇيغۇر لاتىن يېزىقىنىڭ قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى كۆرمەسكە سېلىپ، كونا يېزىقنىڭ ئورنىنى ئىگىلەپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ يۈرمەكتە. ئۇلار كونا يېزىقنىڭ كومپيۇتېر ساھەسىدىكى تەرەققىياتىنىڭ ئاستىلىقىنى يۇنىكودقا باغلاپ، لاتىن يېزىقىغا بولغان ئېھتىياجنى ئىنكار قىلىپ كەلمەكتە. !ybEv | =  
20- ئەسىردە ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ يېزىق ئۆزگەرتتى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئۆز ئەنئەنىسى تەرىپىدىن چەتكە قېقىلدى، مەدەنىي –مائارىپنى يۈكسەلدۈرۈش جەھەتتە مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىدى، سىياسىي جەھەتتىن سۈنئىي ياسالغان يېزىقلار ئارقىلىق ئۆزئارا چېگرالاندى، شۇنداقلا پىشقەدەملەر بىلەن ياشلار ئوخشىمايدىغان يېزىق ئىشلىتىشكە مەجبۇر بولدى. 1K^/@^  
ئاسان ئۆگەنگىلى ۋە ئىشلەتكىلى بولىدىغان ئەقىلگە مۇۋاپىق يېزىق بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى ئۇيغۇر تىلىدىكى ئۇچۇرلار- ئالاقىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئۆز ئارا ئالمىشىش پائالىيەتلىرىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇيغۇرلارنىڭ يات تىلدا ئەمەس، بەلكى ئۆز ئانا تىلىدا دۇنيانى تونۇشىغا ئىمكانىيە يارىتىپ بەردى. كونا يېزىقتىكى ئۇچۇر تېخنىكا ۋە ئالماشتۇرۇش ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى لاتىن يېزىقىنىڭ ئىشلىتىلىش تەرەققىياتىدىن نەپ ئالالايدۇ. JkQ4'$:  
ئۇيغۇر تىلىدىكى ئۇچۇر ئىشلىرى يەنىمۇ مۇۋاپىق قۇراللارنى ئېچىش ئارقىلىق تەرەققىي قىلدۇرۇلۇشقا مۇھتاج. ئىملا خاتالىقىدىن خالى بولالمىغان ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى ۋە كونا يېزىقنىڭ ئىملا تەكشۈرۈش ۋە كۆپ خىل يېزىق ئالماشتۇرۇش قۇراللىرى ئۈچۈن ئىملا قائىدىلىرى ئەڭ مۇھىم مەسىلىدۇر. تۆۋەن مەدەنىيەت ساپالىق نىسبەت ۋە نۇرغۇن قېتىملىق ئىملا ئىسلاھاتى سەۋەبلىدىن ئۇيغۇرلار ئارىسىدا مۇقىم بولغان ئىملا قائىدىسى شەكىللىنەلمىدى، شۇنداقلا توغرا بولغان يېزىق ئالماشتۇرۇش پروگراممىسى ۋە ئىملا تەكشۈرۈش پروگراممىسىنى ياساش نۆۋەتتىكى ئەڭ مۇھىم ۋەزىپە بولۇپ قالدى. -BQM i0  
ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى خەلقئارا جەمئىيەتتە ئۆزىگە مۇناسىپ ئورۇن ئىگىلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇنىڭغا قارىتا ھەر خىل تەھلىل ۋە تەنقىدلەر ھاسىل بولدى. ئۇ كونا يېزىقنىڭ ئورنىنى ئالمىدى، پەقەتلا قوشۇمچە رول ئويناۋاتىدۇ. ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى ئۇيغۇر تىلىنى توردا ۋە ھەر خىل نەشرىياتلاردا ئوقۇغىلى بولىدىغان ھالەتكە ئەكىلىشكە ئىمكانىيەت يارىتىپ بەردى. بۇ خىل يېزىلىشنىڭ بارا- بارا خەلقئارا مەتبۇئات ۋە خەرىتىلەردىكى كونىچە يېزىلىشلارنىڭ، شۇنداقلا ئۇيغۇر كىشى ئاتلىرى ۋە يۇرت ناملىرىنىڭ خەنزۇچە ئاھاڭ بويىچە يېزىلىشىنىڭ ئورنىنى ئېلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
http://www.ishtap.com/index.asp
gadankax

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.295

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1160 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   33171 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   3039 (قېتم)
 تۆھپە:   2748  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 7072
 سائەت
دەرىجىسى:
7072 سائەت 328 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-06-29
ئاخــىرقىسى:2013-01-19
ئاپتورنىڭلا5- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2010-12-25

       مۇشۇ 50 يىلنىڭ مابەينىدە ئۈچ قېتىم يېزىق ، بەش قېتىم ئىملا ئىسلاھاتى بىلەن شوغۇللۇنۇپ خەلقىمىزنى «ساۋاتسىزلىق  دېڭىزىدا تۇنجۇقتۇرۇپ ئۆلتۈرۈش» ئىشىنى پەيدا قىلغانلىرىمىز ئاز بولۇپ قالدىمۇ ؟ زادى مۇشۇ تەلۋىلەرچە ئېلىپ بېرىلغان لەنەت تەككۈر ھەرىكەتلەر نەتىجىسىدە قانچىلىغان مەدەنىيەت ، تارىخ ئۈزۈكچىلىكىگە دۇچ كەلدۇق ؟؟؟ شۇنداقلا مۇشۇنداق تەتۈر شامال ، قارا قۇيۇنغا قارشى مەردانە كۆكرەك كىرىپ مەيدانغا چىققان قانچىلىغان مۇنەۋۋەر ئىلىم – پەن ئەربابلىرىمىز قەستەن «ئوڭچى» ، «يەرلىك مىللەتچى» قالپىغى كەيدۈرۈلۈپ دەھشەتلىك كۈرەشلەرگە تارتىلىپ پاجىئەلىك ھالدا ئۆلتۈرىۋېتىلدى ئەمەسمۇ ؟! /|`;|0/2  
      ھازىرغا قەدەر بىزگە مەلۇم بولغان ، ئەجدادلىرىمىز قوللانغان يېزىقلاردىن قەدىمىي تۈرك – رونىك  (ئورخۇن – يىنسەي ) يېزىغى، سوغدى يېزىغى، مانى يېزىغى ، قەدىمىي ئۇيغۇر يېزىغى ، براھمى يېزىغى ، قارۇشتى يېزىغى ، سۇرىيان يېزىغى، خەنزۇ يېزىغى، كونا تىبەت يېزىغى ، ئەرەپ يېزىغى ، خاقانىيە يېزىغى ، چاغاتاي يېزىغى، ئەرەپ ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر كونا يېزىغى ، ئۇيغۇر يىڭى يېزىغى ، سىلاۋىيان يېزىغى ۋە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلى يېزىغى قاتارلىق 30 غا يىقىن يىزىق بار . بۇ يېزىقلار ئىچىدە ئومۇميۈزلۈك ، كەڭ قوللىنىلغانلىرى قەدىمكى تۈرك يېزىغى ، قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىغى ، خاقانىيە يېزىغى ، چاغاتاي يېزىغى ۋە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلى يېزىغىدىن ئىبارەت. Qh%7RGh_  
      شۇ تەرىپى ئىنىقكى؛ تىلشۇناس قۇددۇس ھاپىز ئېيتقىنىدەك، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى دۇنيا تىللىرى ئىچىدە ئىپادىلەش كۈچى ئەڭ يۇقىرى تىل ئىكەنلىكى مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان ئەمەلىيەت. }g5h"N\$o  
     مۇبادا تىل-يېزىق كومىتىتىدىكى خىزمەتچى خادىملار قالايمىقان يېزىق ئۆزگەرتىشنى، -بۈگۈن(بۇ ئايدا ياكى بۇ يىل)دا نېمە خىزمەت قىلدىڭلار، دېگە سوئالغا جاۋاب بېرىش ئۈچۈن قىلىدىغان يۈزەكى ئىش دەپ چۈشۈنىدىغان بولسا ئۇنداقتا ئۇلار بۈگۈننىڭمۇ ئەتىدىن باشلاپ تارىخقا ئايلىنىدغانلىقىنى، تارىخنىڭ ئۇلارغا قانداق باھا بېرىدىغانلىقىنى ئويلىشىپ كۆرىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.
X -w#E3  

نوپۇس كۈنسىرى كۆپىيىۋاتىدۇ، ئەمما ئادەملەر كۈنسىرى كەملەپ كېتىۋاتىدۇ.
koktash
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.1389

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   57 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   3396 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   178 (قېتم)
 تۆھپە:   148  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2207
 سائەت
دەرىجىسى:
2207 سائەت 93 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-09-06
ئاخــىرقىسى:2012-03-15
ئاپتورنىڭلا6- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2010-12-26

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 5قەۋەتتىكى gadankaxدە2010-12-25 19:36يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :  k_P`t[YZV  
      شۇ تەرىپى ئىنىقكى؛ تىلشۇناس قۇددۇس ھاپىز ئېيتقىنىدەك، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى دۇنيا تىللىرى ئىچىدە ئىپادىلەش كۈچى ئەڭ يۇقىرى تىل ئىكەنلىكى مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان ئەمەلىيەت. &sS k~:  
     مۇبادا تىل-يېزىق كومىتىتىدىكى خىزمەتچى خادىملار قالايمىقان يېزىق ئۆزگەرتىشنى، -بۈگۈن(بۇ ئايدا ياكى بۇ يىل)دا نېمە خىزمەت قىلدىڭلار، دېگە سوئالغا جاۋاب بېرىش ئۈچۈن قىلىدىغان يۈزەكى ئىش دەپ چۈشۈنىدىغان بولسا ئۇنداقتا ئۇلار بۈگۈننىڭمۇ ئەتىدىن باشلاپ تارىخقا ئايلىنىدغانلىقىنى، تارىخنىڭ ئۇلارغا قانداق باھا بېرىدىغانلىقىنى ئويلىشىپ كۆرىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.
;Ic3th%u  
L'aMXNO  
D|e6$O5o  
t&eD;lg :  
گادانكاخ ئەپەندى * +OAc `8  
بۇ يەردە ھېچكىم يېزىق ئۆزگەرتىشنىڭ گېپىنى قىلغىنى يوق، تىلكوممۇ يېزىق ئۆزگەرتىشنى ئېلان قىلغىنى يوق. سىز تۇلۇمدىن توقماق چىققاندەك گەپلەرنى قىلىپ كېتىپسىز! \GMudN  
يېزىق ئۆزگەرتىش دىگىنىڭىز قايسى يېزىققا ئۆزگەرتىشنى كۆزدە تۇتىۋاتىسىز؟ <}4|R_xY#  
سىز يوقلا گەپلەرنى قىلىپ يۈرۈيسىزغۇ؟ 'kx{0J?  
تېمىنى ۋە مۇناسىۋەتلىك ئىنكاسلارنى ئوبدان ئوقۇپ، ئاندىن ئىنكاس يازارسىز!!!
http://www.ishtap.com/index.asp
gadankax

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.295

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1160 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   33171 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   3039 (قېتم)
 تۆھپە:   2748  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 7072
 سائەت
دەرىجىسى:
7072 سائەت 328 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-06-29
ئاخــىرقىسى:2013-01-19
ئاپتورنىڭلا7- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2010-12-26

       <<گادانكاخ ئەپەندى بۇ يەردە ھېچكىم يېزىق ئۆزگەرتىشنىڭ گېپىنى قىلغىنى يوق، تىلكوممۇ يېزىق ئۆزگەرتىشنى ئېلان قىلغىنى يوق. سىز تۇلۇمدىن توقماق چىققاندەك گەپلەرنى قىلىپ كېتىپسىز! (Z;;v|F.i=  
      يېزىق ئۆزگەرتىش دىگىنىڭىز قايسى يېزىققا ئۆزگەرتىشنى كۆزدە تۇتىۋاتىسىز؟ سىز يوقلا گەپلەرنى قىلىپ يۈرۈيسىزغۇ؟   J6r"_>)z  
تېمىنى ۋە مۇناسىۋەتلىك ئىنكاسلارنى ئوبدان ئوقۇپ، ئاندىن ئىنكاس يازارسىز!!!>> 1RpTI7  
      koktash ئەپەندىم؛ بۇ يەردە ئۇقۇشماسلىق بولدىمۇ قانداق؟ مەن ھېچقاچان يېزىق ئۆزگەرتىشنىڭ گېپىنى قىلمىدىم. ئالدىنقى ئىنكاسىمنىڭ دەسلەپكى قىزىل رەڭلىك ئىككى ئابزاسى ماقالە(تېما)دىن ئېلىنغان. مەن ماقالە مەزمۇنىدىن بۇندىن كېيىن يەنە شۇنداق ئەھۋال يۈز بېرىپ قالسا دېگەن پەرەز بىلەن كۆز قارىشىمنى(كېيىنكى كۆك رەڭلىك ئابزاس) ئوتتۇرىغا قويدۇم شۇ. yr?*{;  
      تەكلىپىم: باشقىلارنىڭ ئىسمىنىڭ پۈتۈنلىكىگە ھۆرمەت قىلارسىز، <<گادانكاخ>> ئەمەس، گەدەنكەش.
نوپۇس كۈنسىرى كۆپىيىۋاتىدۇ، ئەمما ئادەملەر كۈنسىرى كەملەپ كېتىۋاتىدۇ.
abdulquddus
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.1874

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   390 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   21500 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   1903 (قېتم)
 تۆھپە:   1852  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 15295
 سائەت
دەرىجىسى:
15295 سائەت 95 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-10-07
ئاخــىرقىسى:2013-01-28
ئاپتورنىڭلا8- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2010-12-27

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 2قەۋەتتىكى koktashدە2010-12-25 12:04يوللىغان يازمىسىغا نەقىل : ixKQh};5/  
ماقالىنىڭ سول چېتىدىكى خەتلەر چىقمىغاچقا، ۋوردقا چاپلاپ يۈرۈپ، ئوقۇپ تۈگەتتىم. گەرچە مەن تىلكومدا ئىشلىمىسەممۇ، ئۇيغۇر تىلىنى ئىشلەتكۈچى ئەزا بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئۆز پىكىرلىرىمنى بايان قىلىشنى لايىق تاپتىم. Q ;k_q3  
ماقالىدىكى تاپا- تەنە سۆزلەرنى ھېساپقا ئالمىغاندا، ئېلىنغان مىساللارنىڭ ئىلمىيلىكى كۈچلۈك، پايدىلانغان ماتېرىياللار مول ماقالە بوپتۇ! t&r?O dc&m  
R*yB);p  
1. «ئۇيغۇر تىلى بىر ئىنقىلاپقا مۇھتاجمۇ؟»  دېگەندە، بۇنىڭغا كېسىپ بىر نەرسە دېيش تەس. ئەگەر مۇھتاج دېگەندە، بۇ بىر ئىنقىلاپ ياكى ئىسلاھات بولماستىن، ئەسلىگە قايتىش، يەنى ئۇيغۇر تىلىنى ئەسلىدىكى ھالىتىگە يىقىنلاشتۇرۇش كېرەك دەپ قارايمەن. كۆپ قېتىملىق يېزىق ۋە ئىملا ئىسلاھاتى، ئۇيغۇر تىلىنى ئەسلىدىكى ھالىتىدىن، جۈملىدىن باشقا تۈركىي مىللەتلەرنىڭ تىلىدىن كۆپ يىراقلاشتۇرىۋەتتى. Y(A?ib~K  
100 يىلنىڭ ئالدىدا، ئورتاق يېزىق ۋە ئورتاق ئىملادا يېزىق ئىشلەتكەن تۈركىي مىللەتلىرى، نۆۋەتتە ئۆزلىرىنىڭ «مەركىزى دىئالېكتىكىسى» نى مەركەز قىلىپ، ئايرىم يېزىق ۋە ئايرىم ئىملا ئىشلەتمەكتە. قايسى ئۇيغۇر ئۆزبەكچە ياكى قازاقچە يېزىقنى راۋان ئوقالايدۇ؟ قايسى ئۆزبەك ياكى تۈركمەن ئۇيغۇر يېزىقنى ياخشى بىلىدۇ؟ لېكىن 100 يىلنىڭ ئالدىدا ئۆز-ئارا بىلىشەتتى. قۇمۇلدىن تاشكەنتكە خەت ئەۋەتسە، ھەر قانداق ساۋاتلىق ئۆزبەك ئوقالايتتى... ھازىرچۇ؟ D1g1"^~g  
....... wy -!1wd  
3 t_5Xacj  
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! SfR!q4b=  
x)Th2es\  
ھۆرمەتلىك كۆكتاش ئەپەندىم!يازمامغا ئەستايىللىق بىلەن ئەتراپلىق ئىنكاس قايتۇرغانلىقىڭىز ئۈچۈن چۇڭقۇر تەشەككۈر ئېيتىمەن. B"B  
ئەمما شۇ تاپتا يازمىنىڭ داۋامىنى يوللاش بىلەن ئالدىراش بولۇپ قالغانلىقىم ئۈچۈن دەرھاللا مۇكەممەل ئىنكاس قايتۇرالماي قالدىم، بۇ ئۈچۈن ئۆزۈر تىلەيمەن. Q@j:b]Y9  
ئىنشا ئاللاھ ئەتە كەچكىچە يوللاپ بولارمەن ، دېگەن ئۈمىتتىمەن.... oz0-'_  
خەير ، ئاللاھقا ئامانەت بولۇڭ.
ئانا تىلىم -- جان تىلىم
abdulquddus
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.1874

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   390 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   21500 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   1903 (قېتم)
 تۆھپە:   1852  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 15295
 سائەت
دەرىجىسى:
15295 سائەت 95 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-10-07
ئاخــىرقىسى:2013-01-28
ئاپتورنىڭلا9- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2011-01-01

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 2قەۋەتتىكى koktashدە2010-12-25 12:04يوللىغان يازمىسىغا نەقىل : S1 EEASr!}  
ماقالىنىڭ سول چېتىدىكى خەتلەر چىقمىغاچقا، ۋوردقا چاپلاپ يۈرۈپ، ئوقۇپ تۈگەتتىم. گەرچە مەن تىلكومدا ئىشلىمىسەممۇ، ئۇيغۇر تىلىنى ئىشلەتكۈچى ئەزا بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئۆز پىكىرلىرىمنى بايان قىلىشنى لايىق تاپتىم. ZR;8r Z](  
ماقالىدىكى تاپا- تەنە سۆزلەرنى ھېساپقا ئالمىغاندا، ئېلىنغان مىساللارنىڭ ئىلمىيلىكى كۈچلۈك، پايدىلانغان ماتېرىياللار مول ماقالە بوپتۇ! :jt;EzCLg%  
_pz,okO[V  
1. «ئۇيغۇر تىلى بىر ئىنقىلاپقا مۇھتاجمۇ؟»  دېگەندە، بۇنىڭغا كېسىپ بىر نەرسە دېيش تەس. ئەگەر مۇھتاج دېگەندە، بۇ بىر ئىنقىلاپ ياكى ئىسلاھات بولماستىن، ئەسلىگە قايتىش، يەنى ئۇيغۇر تىلىنى ئەسلىدىكى ھالىتىگە يىقىنلاشتۇرۇش كېرەك دەپ قارايمەن. كۆپ قېتىملىق يېزىق ۋە ئىملا ئىسلاھاتى، ئۇيغۇر تىلىنى ئەسلىدىكى ھالىتىدىن، جۈملىدىن باشقا تۈركىي مىللەتلەرنىڭ تىلىدىن كۆپ يىراقلاشتۇرىۋەتتى. b]!9eV$  
100 يىلنىڭ ئالدىدا، ئورتاق يېزىق ۋە ئورتاق ئىملادا يېزىق ئىشلەتكەن تۈركىي مىللەتلىرى، نۆۋەتتە ئۆزلىرىنىڭ «مەركىزى دىئالېكتىكىسى» نى مەركەز قىلىپ، ئايرىم يېزىق ۋە ئايرىم ئىملا ئىشلەتمەكتە. قايسى ئۇيغۇر ئۆزبەكچە ياكى قازاقچە يېزىقنى راۋان ئوقالايدۇ؟ قايسى ئۆزبەك ياكى تۈركمەن ئۇيغۇر يېزىقنى ياخشى بىلىدۇ؟ لېكىن 100 يىلنىڭ ئالدىدا ئۆز-ئارا بىلىشەتتى. قۇمۇلدىن تاشكەنتكە خەت ئەۋەتسە، ھەر قانداق ساۋاتلىق ئۆزبەك ئوقالايتتى... ھازىرچۇ؟ ?QCmSK=L  
....... uh]"(h(>  
A /q2g7My  
c_La^HS  
9n1ZVP.ag  
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! ]UDd :2yt  
ھۆرمەتلىك كۆكتاش ئەپەندىم! taweGc%~  
ئوبدان تۇرىۋاتامسىز؟ a:85L!~:l  
مانا بۈگۈن بىر ئاماللاپ ۋاخت چىقىرىپ قىممەتلىك ئىنكاسلىرىڭىزغا قارىتا بۇ ئىنكاسىمنى يېزىپ ئولتۇرۇپ تۇرۇپتىمەن. ئەمما بەك كىچىكىپ كەتكەنلىگى ئۈچۈن كۆپتىن – كۆپ ئۆزۈر تىلەيمەن! u*2fP]n  
خوش، شۇنىڭ بىلەن ئىنكاسلىرىڭىزغا كەلسەم، سىزنىڭ ، يازمامنى ھەر قانچە بولسىمۇ ئىمكان بار تۇلۇق كۆرۈپ چىقىشقا تىرىشقانلىقىڭىزدىن ئالەمچە سۆيۈندۈم. بۇنىڭدىن ، سىزنىڭ سۆيۈملۈك ئانا تىلىمىزغا بولغان مەسئۇلىيەتچانلىغىڭىزنىڭ نەقەدەر يۈكسەك ئىكەنلىگىنى چۇڭقۇر ھېس قىلدىم، بۇ ئۈچۈن «رەھمەت» دېگەن بىر ئېغىز سۆز بىلەن بولدى قىلالمايمەن. كاشكى ھەممەيلەندە مۇشۇنداق روھ بولسا ئىدى، تىل – يېزىق ساھەمىزدە نۇرغۇن مەسىلىلەر ئاللىقاچان بىر تەرەپ قىلىنىپ ، تالاش – تارتىش بىر يەرگە بېرىپ قالغانمۇ بولاتتى.... S}[l*7  
خەيرىيەت، بولىدىغان ئىشلار بولىۋاتىدۇ، بىزنىڭ تىل – يېزىق، ئىملا جېدىلىمىز تېخىچە تۈگىمەيۋاتىدۇ..... >c<pDNt?  
قېنى پىكىرلىشەيلى، ــــــــــــ B`fH^N  
شۇنداق بولغاندا، بىز ھەقىقىتەن نۆۋەتتىكى ئاتالمىش «ئۇيغۇر كومپيوتېر يېزىغى»نى قوللۇنۇشنى داۋاملاشتۇرىشىمىز كېرەكمۇ؟ 2-~|Z=eGW  
مەن يەنىلا بۇ يېزىقنى قەتئىيلىك بىلەن رەت قىلىمەن. C5|db{=\.*  
چۈنكى، مەن يازمامدا بۇ ھەقتە خېلى كۆپ پاكىتلارنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدىم. توغرا كۆرسىڭىز قايتا بىر قېتىم ئوقۇپ بېقىڭ. دېمەكچىمەنكى، بىز ھە دېگەندە يېزىق ئۆزگەرتىش بىلەن بولىۋەرسەك، ئەۋلاتلىرىمىز ئەجداتلىرىمىزنىڭ تارىختىن بۇيان قانداق مۆجىزىۋىي ئىشلارنى مەيدانغا كەلتۈرگەنلىگىنى بىلەلمەيدىغان ، قىسقىسى تارىخىنى چۈشەنمەيدىغان رەسمىي ساۋاتسىز، بىلىمسىز ، يىلتىزسىز قامغاقتەك ھالغا كېلىپ قالىدۇ. تېخىمۇ ئۇچۇغى، ئەسلىمىزنى ئۇنۇتۇش، نەسلىمىزنى قۇرۇتۇش خەۋپى باش كۆتىرىدۇ! N2BI_,hI1  
شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەڭ ياخشىسى، بۇ يېزىقنى چىرايلىقچە يېزىقلار ئامبىرىغا يولغا سېلىۋاتايلى، ئەۋلاتلىرىمىزغا ، تېخىمۇ ئېنىغى ئۆزىمىزگە ئۆزىمىز قەسلىمەيلى! LXj5R99S  
ئويلاپ بېقىڭا، بىر مىللەت تارىخىي كۆمۈلگەندىن كېيىن زادى نىمىگە ئايلىنىدۇ؟ `1Zhq+s  
جاۋاپ بىرلا ، ــــ شەرمەندە قۇلغا ئايلىنىدۇ، خالاس! kZLMtj-   
سىز،« 100 يىلنىڭ ئالدىدا تۈركىي مىللەتلەر بىر – بىرى بىلەن چۈشىنىشەلەيدىكەنمىش» دەيسىز. 3uV4/% U  
ئۇنداقتا سىز ئويلاپ بېقىڭ، 100 يىلنىڭ ئالدىدا سۆزلىشىپ چۈشۈنۈشكەن تىل – يېزىقنى دەپ شۇ 100 يىلدىن بۇيان يېزىلىپ كەلگەن كىتاپ – ماتېرياللىرىمىزنى مۇشۇ ئاتالمىش «ئۇيغۇر كومپيوتېر يېزىغى» سەۋەپلىك ئوقۇغىلى بولمايدىغان ۋەزىيەت شەكىللەنسە ھەقىقىتەن رازى بولامسىز؟ كۆڭلىڭىز بۇ پالاكەت ۋەزىيەتتىن ھەقىقىتەن سۆيىنەمدۇ؟ KB!5u9  
سىز دېگەندەك gh, sh , ch دېگەنلەر ئىلمىي بولسا ‹چ›‹ش›‹غ› دېگەنلەرنى كومپيوتېردا دەرھاللا يېزىپ بېقىڭا؟ wG 1l+^p  
ئەگەر ‹j›ھەرىپىنىڭ ‹ژ› دەپمۇ، ‹ج› دەپمۇ قوللىنىلىشى ئىلمىي بولغان بولسا تۈۋەندە تەكرار كۆرسەتكەن شۇ ‹j› بىلەن مۇناسىۋەتلىك مىساللارنى دەرھال مۇناسىپ تەلەپپۇزدا ئوقۇپ بېقىڭا؟  z [C3  
s=Umj'1k  
maNW{"1  
ja , jabdu - jabduma jabdudi jabduan jabdusa jabdut- jabdutux jabdux- jabduxma jabdu jabduum jabduimiz jabduung jabduingiz jabduunglar jabdui jabdular jabdul- jabdulux jabdun- jabdunux jap japa japayim japaying japasi japasiz japakəx japakəxlik japakəxligi japali japalii japa-muxəət japa-muxəətlik jap-jap jap-japli jap-japlii japilda- japildima japildat- japilditix japildax japildaxma japilda jada jadam jading jadisi jadu jadusi jadau ilma jadugər jadugərlik jadugərligi jar jarang jarang-jarang jarang-jurung jarangsiz jarangsizlax- jarangsizlixix jarangsizlaxtur- jarangsizlaxturma jarangsizlaxturux jarangsizlaxturul- jarangsizlaxturulux jarangla jaranglima jaranglat- jaranglitix jaranglatuz- jaranglatuzux jaranglax- jaranglaxma jarangli Hp Vjee  
;apzAF  
يەنە ئويلۇنۇپ كۆرۈڭ ، بىز زادى نىمە ئۈچۈن سۆزلەملەردىكى كونكىرىت تەلەپپۇزىغا ئاسانچىلىق ، توغرىلىق كەلتۈرىمىز، دەپ ‹ئو› نى ‹ئو›،‹ئۆ›لەرگە،‹ئۇ›نى ‹ئۇ›،‹ئۈ›لەرگە توغرىلىدۇق؟ ئەجەبا بۇ قىلغىنىمىز توغرا بولمىغانمۇ؟ !TKkec8$  
سىز ‹ھايا›نى خاس تەلەپپۇزىغا يارىشا توغرا يازغىلى بولۇش ئۈچۈن پايدىلىق ، باشقا تۈركىي مىللەتلەرمۇ قوللىنىۋاتىدۇ، دەپ ‹خ› ئۈچۈن ‹x›نى ، ‹ھ› ئۈچۈن ‹h›نى قوللىنىشنى تەشەببۇس قىلىۋاتىسىز . ئۇنداقتا «يېڭى يېزىق ئېلىپبەسى» دە ھەر قايسىسىغا ئۇيغۇن ھەرپ شەكىللىرى يوقمىكەن ، شۇ تاپتا بىر قاراپ بېقىڭا. `.%JjsD<  
ئەجەبا É،Ü، Ö لارنى كومپيوتېردا بىۋاستە يازغىلى بولمىسا ئۇلارنىڭ ئورنىغا o ,u ,e قوللانسىمۇ بولىدۇ»كەن، نېمىشك   Ә لارنى تور ئادرېسلىرىدا قوللانغىلى بولمىسا ئۇلارنىڭ ئورنىغا ئۇلارغا يېقىن كېلىدىغان باشقا خىل ۋارىيانتلىرىنى قوللانساق بولمايدىكەن؟ ;sPoUns'  
سىز يەنە «بىز بۇ يېزىقنى قوللانساق ئوتتۇرا ئاسيا جۇمھۇرىيەتلىرىدىكى تۈركىي قېرىنداشلىرىمىز بىلەن نورمال خەت – ئالاقە قىلىشالمايمىز، يات مىللەتلەر ئۇيغۇرلارنىڭ ئادەم ۋە يۇرت ناملىرىنى خاتا ئوقۇپ قالىدۇ » دەيسىز. Km#pX1]>e  
ئويلاپ بېقىڭا، «بىز باشقىلار بىلەن نورمال ئالاقە قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرىشىمىز كېرەك» دەپ نەچچە يۈز يىللىق تارىخىمىزنى كۆمۈپ تاشلامدۇق؟ زادى مۇشۇ 100 يىل ، ھەتتا يېقىنقى 50 يىل مابەينىدە قانچىلىك يازما يادىگارلىقىمىز دۇنياغا كەلگەندۇ؟ بۇنى ئەمدى بىراقلا يوق قىلىۋېتىمىزمۇ؟ ::5E8919  
زادى، بىز يېزىقنى باشقىلار ئۈچۈن ئىجات قىلىمىزمۇ ، ياكى ئۆزىمىزنىڭ ئىھتىياجى ئۈچۈنمۇ؟ قېنى قايسى ئىنگىلىز ئالىمى «بىزنىڭ بۇ يېزىقىمىزنى باشقىلار بىلەلمەيدىكەن» ، دەپ ئۆز يېزىقىنى ئۆزگەرتىپتۇ؟ قېنى قايسى رۇس ئالىمى « بىزنىڭ بۇ يېزىقىمىزنى باشقىلار قوللىنالمايدىكەن»، دەپ ئۆز يېزىقىدىن ۋاز كىچىپتۇ؟ قېنى قايسى خەنزۇ ئالىمى «بىزنىڭ بۇ يېزىقىمىزنى باشقىلار بىلەلمەيدىكەن»دەپ ئۆز يېزىقىدىن ۋاز كىچىپتۇ؟ $((6=39s  
ئەجەبا بىز ، «ئۇلارنىڭ تىل – يېزىغىنى ئۈگەنمىسەك بىلىم ئاشۇرالماي قالىمىز»، دەپ ئەسلىكى بىلىم كېنىمىزنى تاشلاپ باشقا تىل – يېزىقلارنى ئۆگەنسەك بولىدىكەن، باشقلار بىزنىڭ تىل – يېزىغىمىزنى ئۆگەنسە بولمامدىكەن؟ باشقىلار شۇنچىلا ئەتۋا، بىز شۇنچىلا قەدىرسىز مىللەتمۇ؟ بىلمەمسىز، چىنگىز خاندەك جاھانكەشتلەرمۇ ئۇيغۇر بىلىم ئەھىللىرىنى ئەتۋالاپ ئىشقا قويغان ئەمەسمۇ؟ o%E;3l  
سىز يەنە، «ئەرەپلەر، ئىبرانىلار ۋە ياپۇنلارمۇ لاتىن يېزىغىنى قوشۇمچە قوللىنىدۇ»، دەيسىز. توغرا. ئەمما ئۇلارنىڭ مىللىي تىل – يېزىغىنى ئەركىن قوللىنالايدىغان مىللىي دۆلىتى بار. شۇڭا ، نەچچە مىڭ خىل يېزىق قوللانسىمۇ ، ئەمما ھەرگىزمۇ ئۆزلىرىنىڭ ئەنئەنىۋىي ئانا تىل – يېزىغىنىڭ ئورنىغا قويۇپ ئىشلەتمەيدۇ. پەقەتلا ياردەمچى ۋاستە سۈپىتىدىلا ئىشلىتىۋاتىدۇ. بولمىسا گۈزۈتۈپ بېقىڭ. ئەمما بىزچۇ؟ بىز مۇنداق ئىمكانىيەتكە ئىگىمۇ؟ مانا قاراڭ، «قوش تىللىق مائارىپ» يولغا قويۇلۇپ ، دەرسخانىلىرىمىزدا ئۇيغۇر تىل –يېزىغىنىڭ تەقدىرى نىمە بولىۋاتىدۇ؟ ->^~KVh&  
ئەھۋال مۇشۇنداق ئىكەن، ئەمدى «ئۆلمەكنىڭ ئۈستىگە تەپمەك » دېگەندەك، بىزبى باھا گۈھەردەك يېزىقلىرىمىزنى تاشلىۋىتەمدۇق؟ pd[ncL  
بولدى، ئەمدى ئارتۇق سۆزلىمەي. مۇشۇ «كەلگۈسى تەرەققىيات ئۈچۈن» دەيدىغان مۇدھىش ئاپەت، بالا-قازاغا يول ئاچىدىغان تەتقىقاتىڭىزنى قەتئىيلىك بىلەن توختۇتۇپ، نىشاننى تارىخي يېزىقلىرىمىزنى تەتقىق قىلىشقا ، بۇ ساھەدە نەتىجە يارىتىشقا قارىتىڭ. تەكرارلايمەنكى، «ئەسلىمىزنى ئۇنۇتۇش، نەسلىمىزنى قۇرۇتۇش » تەك خەتەرلىك تەتقىقاتتىن قەتئىي ۋاز كىچىڭ. ئەگەر يانىلا ۋاز كەچمىسىڭىز، ئەۋلاتلىرىمىز ئالدىدا ، تارىخ ئالدىدا «كەچۈرگىسىز جىنايەتچى» بولۇپ قالىسىز. !4"^`ors$  
خەير،ئاللاھ يولىڭىزنى راۋان، ئىشلىرىڭىزنى ئاسان قىلغاي، ئامىن!
ئانا تىلىم -- جان تىلىم
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك2000 بايىت
 

ئالدىنقىسىكىيىنكىسى