ئالدىنقى تېماكېيىنكى تېما
بۇ تېما 1814 قېتىم كۆرۈلدى
تېما : بەخىتسىزلەر ( ھىكايە ) _ يانغىن
ئەزىز ئىمىر يانغىن
دەرىجە: مەستانە ئەزا
UIDنومۇر: 1496
نادىر تېما: 2
يازما: 15
ئۇنۋان:يېڭى ئەز ھازىرغىچە15دانە
شۆھرىتى: 74 قېتم
مۇنبەر پۇلى: 2230 يۈەن
تۆھپە: 35 قېتم
ياخشى باھا: 21 قېتىم
تورىدكى ۋاقىت: 217(سائەت)
دەرىجىڭىز:دەرىجىڭىز:6دەرىجە<br> توردىكى ۋاقتى:217 سائەت<br>كېيىنكى دەرىجىڭىزنىڭ ئۆسشىگە:53 سائەت قالدى.
تىزىملاتقىنىغا:422 كۈن بولدى
كىرمىگىنىگە:220 كۈن
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2010-09-13
ئاخىرقى كىرگەن: 2011-04-03
باش تىما  يوللىغان ۋاقىت: 2010-12-18 00:57
ھەممىنى | خەت چوڭلىقى: كىچىك نورمال چوڭ

0
تېما:بەخىتسىزلەر ( ھىكايە ) _ يانغىن
يوللىغۇچى:yanghin | يوللىغان ۋاقىت :2010-12-18 00:57 | كۆرۈلۈش قېتىم سانى:1814

باشقۇرۇش ئەسكەرتمىسى: بۇ يازما sansiz0903 تەرىپىدىن نادىرلاندى(2010-12-18)
B=|sLs`I  
بەخىتسىزلەر vq:j?7  
7yl'!uz)9  
IA `  
W:J00rsv=`  
wf1DvsJQl  
ھىكايە
xE_[ = 7=  
ERjf.7)d  
ئەزىز ئىمىر يانغىن
qW^l2Jff  
0=&]!WRT  
=============== oR)7 \;g  
بۇرۇن سەلكىن تورىدا ئېلان قىلىنغان بۇلۇپ ، ماۋزۇسى ئۆزگەرتىلىپ يوللاندى .
+\chHOsw  
pp jrm  
~Y[1Me  
بۈگۈن يەكشەنبە ، ياتاقتا يالغۇز ئولتۇرۇپ زىرىكتىم . خۇددى سىز ئۇچراپ قالىدىغاندەك كوچىغا چىقىپ نىشانسىزلا ئايلاندىم . ئادەمنى ۋەھىمىگە سالىدىغان بۇ چوڭ شەھەردە ئالدىراش پېتى مىغىلداپ كىتىۋاتقان ئادەملەر ئارىسىدا مەن يەككە -يىگانە . بەزىدە سىزدىن ئايرىلىپ شۇنچە يىراق يەرگە ئوقۇشقا كەلگىنىمگە ئازراق پۇشايمانمۇ قىلىپ قالىمەن . بىراق، يەنە تېزلائۆزۈمگە قايتىمەن ، دائىم ئەقىل بىلەن ھىسىيات ئارىىسدا مانا شۇنداق تېڭىرقايمەن . سىز مىنىڭ يۆلەنچۈكۈم ، سىز بولسىڭىزلا مەن ھەرقانداق جاپاغا چىدايمەن ، سىز مەن ئۈچۈن بولسىمۇ ئۆزىڭىزنى ئاسراڭ . >> z16++LKmM  
<<زاھىرە چىن يۈرىكىدىن چىققان ،سېغىنىشلىق ھىسياتى ئۇرغۇپ تۇرغان خەتنى يېزىپ بۇلۇپ ، ئۆزى يەنە بىر قېتىم ئوقۇپ چىقتى . شۇئان ئۇنىڭ مەمنۇنلۇق ئالامەتلىرى چىقىپ تۇرغان چىرايىدا چىرايلىق زىناق پەيدا بۇلۇپ ، بۇ گۈزەل قىزنى تېخىمۇ ئوماق تۈسكە كىرگۈزۋەتتى . i^l;PvIF  
زاھىرە تەتىل ئاخىرلىشىپ مەكتەپكە قايتىپ كىلىپ ، ئەكرەمنى ئويلىماسلىققا تىرىشىپ بىر نەچچە ھەپتىنى ئۆتكۈزگەن بولسىمۇ ، ئاخىرى تاقەت قىلالمىدى . خەتنى چىرايلىق قاتلاپ ، كونۋىرتقا سالغاندىن كىيىن كۈندىلىك ئادىتى بۇيىچە ياستۇقنىڭ ئاستىغا سېلىپ قويغان نەرسىنى ئېلىشقا مەجبۇر بولدى . بۇ - ئەكرەمنىڭ بەش سۇڭلۇق رەڭلىك رەسىمى ئىدى . زاھىرە رەسىمگە ئۇزۇندىن -ئۇزۇن قارىدى ، رەسىمدىكى كۆزلەر ئۇنىڭغا مۇھەببەتلىك تىكىلىپ تۇراتتى . بۇنىڭدىن سېغىنىش ئوتى تېخىمۇ كۈچىيىپ كۆزلىرىگە ياش ئەگىدى . بەزىدە گۈزەل ئەسلىمىلەرگە چۈمۈلۈشمۇ ، ئۆزى چىن قەلبىدىن سۆيگەن بىرسىنى سېغىنىشمۇ مۇشۇنداق ئازاب ئىكەن . زاھىرە رەسىمگە سىنچىلاپ تىكىلگىنىچە ، رەسىمنى ئىختىيارسىز لەۋلىرىگە ئەكەلدى . خۇددى....خۇددى ئەكرەمنىڭ تۇنۇش ، شىرىن ھىدلىرى كەلگەندەك بۇلۇپ ... زاھىرەنىڭ لەۋلىرى تىترىدى ، ئەمما رەسىم بىلەن ئۇنىڭ ئوتتۇرىسىدا بىر پارچە مۇز ئويۇپ قالغاندەك ئەندىكىپ توختاپ قالدى ، ۋۇجۇدى مۇزلىغاندەك بولدى . ئاھ مۇھەببەت ، ئاھ سېغىنىش نىمىدىگەن ئازابلىق -ھە ؟!... A )cb  
ئىشىكنىڭ ئېچىلىشى زاھىرەنى ئازابلىق ھەم شىرىن خىياللار قوينىدىن تارتىپ چىقتى . ياتاقدىشى رەنا بىر قۇلىدا تاماق قاچىسى ، يەنە بىر قۇلىدا چايداننى كۆتۈرۈپ كىرىپ كەلدى .ئۇ زاھىرەگە قاراپ :<<ھەي ،دەردى بار ساراڭ >>دەپ كۈلۈپ قۇيۇپ شىرە يېنىغا باردى . قۇلىدىكى تاماق قاچىسىنى شىرە ئۈستىگە قۇيۇپ ، كۇرۇشكىلارغا قايناق سۇ قويدى . uItKsu  
-تاماق يىدىڭمۇ ؟-دېدى ئۇ زاھىرەگە قاراپ ،-كەل ، تاماق يىمىگەن بولساڭ بىللە يەيمىز ، بەك ئوخشاپ كىتىپتۇ . ):@B1 yR  
زاھىرە پەرىشان ھالدا بېشىنى چايقاپ قويدى ، رەنا ئارتۇق تۈزۈت قىلىپ ئولتۇرمايلا تامىقىنى يىيىشكە باشلىدى. زاھىرەمۇ ئۆز خىيالى بىلەن ئولتۇرۋەردى. qxx.f5 8H  
- زاھىرە ،ئۇنداق ئاھ چىكىپ ئولتۇرغاننىڭ پايدىسى يوق ،-دېدى رەنا ،-سېنىڭ <<ئاھ >>لىرىڭنى بەرىبىر ئۇ ئاڭلىمايدۇ . كېلىپ بۇ بىچارە ھالىتىڭنىمۇ كۆرمەيدۇ . <<سېغىنىشتىن يۈرىكىگە تەسىر قىلىدۇ .>>دەپمۇ ئويلىما . بۇنداق قىلساڭ ئۆزۈڭنى قىيناشتىن باشقا نەتىجە چىقمايدۇ . ماڭا باشقىچە قارىما ، شۇنداق جاھان بۇ ، ئادەملەر ئوتتۇرىسىدا ئايرىلىش ھامان بۇلۇپ تۇرىدۇ .مەكتەپكە كەلگىنىڭگە ھەپتە بولماي بۇنچە سېغىنىپ كەتسەڭ ،كىيىن قانداق قىلارسەن ؟... Wwz{98,K  
زاھىرە رەناغا ھەقىقەتەن ھەيران قالدى ، ئەتىدىن -كەچكىچە ئولتۇرۇش دەپ گىرىم قىلىپ يۈرۈيدىغان بۇ قىزنىڭ ئېغىزىدىن ئۇنداق گەپلەرنىڭ چىقىشىنى ھەرگىز كۈتمىگەنىدى، ياق ئويلىمىغانىدى . زاھىرە <<بۈگۈن رەناغا نىمە بولغاندۇ ؟..>>دىگەندەك قىلىپ ھەيرانلىق بىلەن بىر ھازا قارىۋەتكەندىن كىيىن ، ئورنىدىن تۇرۇپ شىرە تۈۋىگە ، رەنانىڭ يېنىغا كىلىپ ئولتۇردى . jG#sVK]  
- بەللى ئاداش ،-دېدى رەنا يەۋاتقان تاماق قاچىسىنى زاھىرەنىڭ ئالدىغا ئىتتىرىپ ،-بىر ياتاقتا ياتقىنىمىزغىمۇ بىر يىل بۇلاي دەپ قاپتۇ ،قاچانلا قارىسام شۇنداق مەيۈس يۈرۈيسەن ،بۇنداق يۈرۈپ نىمىگىمۇ ئېرىشەلەيتتىڭ ، تېخى تاماق يىيىشنىمۇ ئۇنتۇپسەن .... ) LG/n  
زاھىرە شۇندىلا قورسىقىنىڭ ئاچقانلىقىنى ھىس قىلىپ تازا ئوخشىغان پولونى ئىشتىھا بىلەن يىيىشكە باشلىدى. SEmD's  
-ئاداش ،-دېدى زاھىرە تاماقنى يەپ بۇلۇپ ، ئەينەككە قاراپ چاچلىرىنى تاراۋاتقان رەناغا قاراپ . .^23qCs  
-ئوۋ... Ih0GzyU*4  
-رەنا ، سەنمۇ مۇھەببەتلەشكەنمۇ ؟ jI%yi-<;  
-قويە ئاداش مۇھەببەتلىشىش دىگەننى ، بىلسەڭ مەن ئىككى قېتىم يۈرۈپ ، كۆپ زەربە يىگەن . يىگىتلەردىن ئاسانلىقچە ۋاپا كەلمەيدۇ . بىرىنچىسى بىلەن ئارلىشىپ بىر يىل بۇلاي دىگەندە ، باشقا بىرىنى تېپىۋىلىپ كۆڭلۈمگە ئازار بەردى ، يەنە بىرسى ، ئۇنى سەنمۇ تۇنۇيسەن . ئەدەبىيات فاكۇلتىتىدىكى كېرەم . ئارلىشىپ بىر ئاي ئۆتە -ئۆتمەيلا يۇرتدىشى زۆھرە بىلەن يۈرىۋالدى . ۋاي ، نىمە دەي ...سەتلىكىنى ئۇ نىمىنىڭ . شۇ ۋاقىتتا قانداق بۇلۇپ يۈرۈپ قالغان بولغىيتتىم ؟!... ~nQb;Bdh%  
<<تازا غەلىتە ئىكەنغۇ ، بۇنداق ئادەملەردە ھەقىقىي مۇھەببەت ھىسىياتى نىمە ئىش قىلسۇن ،-دەپ ئويلىدى زاھىرە ، ئۇنىڭ يىگىتلەر ھەققىدىكى گېپىگە رەددىيە بەرمەكچى بولدىيۇ .-شۇنداق ئىكەن ،ئۇنىڭ بىلەن سۆزلەشكەننىڭ نىمە پايدىسى ...>> NO1PGen  
-ھەي ،-دېدى رەنا ئېغىر خۇرسىنىپ ،-ساڭا ھەيرانمەن ، ئۇ يىگىتنى بەكلا ياخشى كۆرىسەن ، دەردىڭنى ئوبدان بىلىمەن . بەزى كېچىلىرى تېخى <<ئەكرەم >>دەپ جۆيلۈيسەن ...لىكىن ئوبدان ئويلاپ باقە ، ئۇ ساڭا ئارلاپ -ئارلاپ تېلفۇنمۇ قىلىپ قويمايدۇ ، تېخى بۇ چاققىچە بىرەرسىنى تېپىۋالدىمۇ تېخى .... :lAR;[WFS  
بۇ گەپ زاھىرەنىڭ يۈرىكىگە ۋاششىدە تەگدى . ھەي مۇھەببەت ، ھەي مۇھەببەت ، ھەر يۈرەكتە بايرىقىڭ ئۆزگىچە لەپىلدەر ... tj3p71%  
<<يامان ئاغزىڭغا خۇدايىم بالا بىرە ، نىمانداق گەپلەرنى قىلىدۇ بۇ ساراڭ . بۇنداق ئادەملەرگە دەرت تۈكۈپ ئۆزۈممۇ ساراڭ >>زاھىرە كۆڭلىدە شۇلارنى ئويلاپ ، رەناغا ئاچچىقى كىلىپ ئالىيىپ قاراپ قويدى . رەنا پەرۋاسىز ھالدا گىرىم قىلىش بىلەن ئاۋارە ئىدى . M<nn+vy`  
زاھىرە ئەكرەمگە يازغان خەتنى تېزراق سېلىۋىتىش ئۈچۈن پوچتىخانىغا قاراپ ماڭدى . ئەكرەم يادىغا كىلىۋىدى ، بايا رەنا دىگەن گەپلەرنى ئويلاپ يۈرىكى ئېچىشتى . <<بولدى ، ئەمدى مۇھەببەت قاينىمىغا چۈكۈپ يۈرمەي ياخشى ئوقۇيمەن .>>دەپ ئويلاپ باشقا نەرسىلەرنى خىيال قىلىشقا تىرىشتى . بىراق ، ئەكرەم ئۇنىڭ خىيالىغا يەنە كىرىۋالدى . دىمىسىمۇ ئۇ خۇددى زاھىرەدىن قۇتۇلغىنىغا خوش بولغاندەك ، بىر ھەپتىدىن بۇيان زاھىرەگە بىر قېتىممۇ تېلفۇن قىلىپ قويمىغانىدى . بۇنىڭدىن زاھىرەنىڭ يىغلىغۇسى كەلدى ، ئۇنىڭ بىلەن ئاخىرقى قېتىم قۇچاقلىشىپ ئايرىلىشقاندىمۇ ، نەملەشمىگەن بۇ كۆزلەرگە لۆممىدە ياش كەلدى ... nL? B  
:vjbuqN]  
ئۆستەڭ بۇيىدا ساقلىدىم سىنى ، 0/Csc\Xl  
يۈزۈڭنى كۆرمەي سېغىندىم سىنى . ulQE{c[  
قارا قاشلىق گۈزەل يايرىم ، y}VKFRky  
ئىشقىڭدا ئىزىلسە مەيلىتى دىلىم . <+a\'Xc  
تاڭمۇ ئاتىدۇ كەچمۇ بۇلىدۇ ، |Bid(`t.  
مۇھەببەتلەشمەك شۇنچە تەسمىدۇ . >nxtQ  
ئايغا قاراپ ناخشا ئېيتسام ، ~VOmMw4HV  
كۈيلىرىمدە يۈرەكلىرىم كۈيىۋاتىدۇ ...
G9!1Wzs  
مەزمۇنى نىمىدىگەن چوڭقۇر ، مۇڭى نىمىدىگەن ئېغىر ناخشا بۇ ؟ تېلفۇنىدىن چىقىۋاتقان بۇ ناخشا زاھىرەگە قاتتىق تەسىر قىلدى . <<تاڭمۇ ئاتىدۇ ، كەچمۇ بۇلىدۇ . مۇھەببەتلەشمەك شۇنچە تەسمىدۇ...>> دىگەن مىسرالارنى پىچىرلاپ باغرى ئىزىلىپ كەتتى . يۈزىنى ياستۇققا چىڭ بېسىپ ۋۇجۇدىدا دەۋرەپ تۇرغان سېغىنىشنى بېسىشقا تىرىشتى . ..ئاندىن يەنە قۇلىنى ئېھتىيات بىلەن ياستۇقنىڭ ئاستىغا تىقىپ ئەكرەمنىڭ رەسىمىنى سىلىدى . ئەمما چىقىرىپ كۈرۈشكە جۈرئەت قىلالمىدى .سېغىنىش نىمىدىگەن ئازاب - ھە ! ئەنە ناخشىنىڭ رىتىمىغا ئەگىشىپ بالىلىق مەزگىللىرى ، گۈزەل مۇھەببەتلىك ھاياتى ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا گەۋدىلەنمەكتە .... vv u((b  
_|; bh  
زاھىرە ،مۇھەببەتنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى قاچانلاردا بىلدى ، شۇندىن باشلاپ ئەكرەمنى ياخشى كۈرۈپ قالغانلىقىنى ئاستا -ئاستا ھېس قىلىشقا باشلىدى . ئىككىسى تۇلۇقسىز دىن تارتىپ بىر سىنىپتا ئوقۇشقا باشلىغان ، قىزىقارلىقى تۇلۇق ئوتتۇرىدىمۇ بىر سىنىپ ، بىر پارتىدا ئولتۇرۇپ قالغانلىقى ... زاھىرە ئەكرەمنى كۆرسىلا قىزىرىپ گەپ قىلالماي قالاتتى ، تېخى دەرس ۋاقتىدا سىرلىق رەۋىشتە ئۇنىڭغا كۆزىنىڭ قۇيرىقىدا قارايتتى، قاپقارا قاش ، ئوتلۇق ،يوغان كۆزلەر ... a4wh-35/  
كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە بولغان ئارلىقتا ئۇلار تۇلۇق ئوتتۇرىنىڭ 3-يىللىقىغا قەدەم باستى ، بىىر قېتىملىق ساۋاقداشلار ئولتۇرۇشىدىن كىيىن ئەكرەم زاھىرەگە سۆيگۈ ئىزھار قىلىپ خەت يازدى . بۇنى كۈرۈپ زاھىرەنىڭ خۇشاللىقىدىن يۈرەكلىرى يېرىلىپ كىتەيلا دىگەن ئىدى ، شۇنداق قىلىپ ئۇلار يۈرۈپ قالدى ، كۈندە بىللە دەرس تەكرار قىلاتتى ، كەلگۈسى توغۇرلۇق تاتلىق -تاتلىق پىكىرلەرنى قىلىشاتتى .... X7G6y|4;w  
لىكىن رىئاللىق ئۇلارنىڭ كۈتكىنىدەك بولمىدى ، ئەكرەم ئالىي مەكتەپ ئىمتاھانىدىن ئۆتەلمىگەن ، زاھىرە داڭلىق ئۇنۋىرستقا قۇبۇل قىلىنغان ئىدى . سۆيگەن يىگىتىدىن ئايرىلىشنىڭ ئازابىنى ئاشۇ زاھىرەگە ئوخشاش ئايرىلىش ھىجرانىنى تېتىغانلارلا تۇللۇق چۈشىنەر بەلكىم . ھەممە ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرىنىڭ ئالىي مەكتەپكە قۇبۇل قىلىنغىدىن خۇشال بۇلۇپ ،ئالەمچە بەختلەرگە چۈمۈلىۋاتقان ئەشۇ مىنۇتلاردا زاھىرە بىلەن ئەكرەم دائىم بىللە بارىدىغان باغچىدا بىر -بىرىگە قېنىشماي ، بۇنداق ئايرىلىشنىڭ تەمىنى تېتىپ باقمىغاچقا ، تەقدىرنىڭ ئۇلارغا قىلغان بۇ ئازابىدىن زارلىنىپ تۇراتتى ....زاھىرەگە قاراپ ئەكرەمنىڭ كۆڭلى تېخىمۇ بۇزۇلدى . K"pfp !Y  
-بولدى يىغلىما جېنىم ...سەن يىغلىساڭ مىنىڭ يۈرىكىم ئاغرىيدىكەن . p7*\]HyE)  
-بىلەمسىز ئەكرەم ...مىنىڭ ئەڭ قورقىدىغىنىم سىزدىن ئايرىلىپ قېلىش ئىدى ، سىزدىن ئايرىلىپ قانداق ئوقۇيمەن ، مەن يىغلىماي كىم يىغلىسۇن....-زاھىرە تېخىمۇ بۇغۇلۇپ كەتتى . ئەكرەممۇ تۇنجى قېتىم ئۆزىنىڭ ئالىي مەكتەپكە ئۈتەلمىگەنلىكىگە ئۆكۈنۈپ كۆز يېشى قىلدى . loZfzN&6A  
- ياق .. ھېچكىم بىزنى ئايرىۋىتەلمەيدۇ ، مەن سىنى سۆيىمەن ...ئاخىرقى تىنىقىم قالغۇچە سۈيىمەن . ماڭا ئىشەن گۈلۈم ، مەن سىنى ساقلايمەن !،-ئەكرەم شۇنداق دەپلا _]\mh,}  
ۋەدىمىز ۋەدە ، قالمايدۇ يەردە ، ۋەدىمىز يەردە قالسا ئەگەردە ، ئېيتىڭچۇ قىزچاق ،ۋىجدان قەيەردە ؟!-دەپ قوشاق تۇقۇپ زاھىرەنى كۈلدۈرۋەتتى .. b7$?'neH/.  
-ئەمىسە ۋەدىمىز ۋەدە ..مىنى ساقلاڭ ، مەن چۇقۇم ياخشى ئۇقۇپ ، گۈزەل كەلگۈسىمىز ئۈچۈن تىرىشىمەن ! 3laSPih[.  
-چۇقۇم شۇنداق قىلىش ئۈچۈن تىرىشىمىز ... مەنمۇ ئىش تېپىپ ئىشلەپ ساڭا پۇل ئەۋەتىمەن . سەن ئوقۇش پۈتتۈرۈپ كەلگەندىن كىينلا تۇيىمىزنى قىلىۋالىمىز ... 0<Y)yNsV  
-ئەمىسە سىزگە ئىشىنىمەن ئەكرەم . Po2YDj`  
مۇھەببەتلىك لەۋلەر بىر -بىرىگە چىڭ جىسىپلاشتى ، ئاي ئۇلارنى كۈرۈپ خىجىل بۇلۇپ ئۇماق جىلمايدى . 3Ry?{m^  
شۇنداق قىلىپ زاھىرە بۇ تۇغۇلۇپ ئۆسكەن يۇرتىنى تاشلاپ ، يىراق شەھەرگە ئوقۇشقا ماڭدى ، كۆز ياشلىرىنى يۇم -يۇم تۈكۈپ ئەكرەمدىن ئايرىلدى ، ئەكرەممۇ ئۇنىڭغا ئەڭ ساپ ، پاك بولغان ۋەدىلەرنى ، بەخىتلەرنى تىلەپ قالدى . mBNa;6w?{*  
زاھىرە شۇلارنى ئويلاۋىتىپ كۆڭلى تېخىمۇ يېرىم بولدى ، ئەكرەمنى كۆرگۈسى كىلىپ رەسىمنى ئاخىرى چىداپ تۇرۇپ ياستۇق ئاستىدىن ئالدى ،ھەم رەسىملەرگە لەۋلىرىنى يېقىپ ئاللاھدىن تىلىدى : *mYec~  
-ئۇلۇغ ئاللاھ ، مۇرات -مەقسىتىمىزگە يەتكۈزگەيسەن !!! dLAElTg  
كۈنلەر بىر -بىرنى قوغلاپ ئۈتۈشكە باشلىدى . ئەكرەم بىلەن زاھىرە تېلفۇن ئارقىلىق كۈرۈشۈپ تۇراتتى . ئەكرەم ھەرقېتىم زاھىرەگە ئۆزىنىڭ قانداقتۇر قىزىقارلىق ئىشلىرىنى ، مۇۋاپىقىيەتلىرىنى ئېيتىپ ئۆزىنىڭ ئۇنى بەكمۇ سېغىنغانلىقىنى بىلدۈرەتتى . زاھىرەمۇ كۆز ياشلىرىنى يامغۇردەك تۈكۈپ ئۇنىڭغا بولغان سېغىنىشلىق ھىسىياتىنى ئىپادىلەيتتى . بىر -بىرىگە ئوتلۇق ۋەدىلەرنى بىرىشەتتى .... V3jx{BXs2  
نىھايەت ، زاھىرە ئۈچۈن تۇلىمۇ مۇدھىش بىلىنگەن بۇ بىر مەۋسۇم ئاخىرلىشىپ ، تەتىل قۇيۇپ بىرىشى بىلەنلا يۇرتىغا قاراپ يول ئالدى . توي ئىستىكى يۈرىكىنى غىدىقلاپ تۇرغان مەزگىلدىكى قىزلارغا ئوخشاش زاھىرەمۇ يۇرتىغا كەلگۈچە خۇددى تويى بۇلىدىغاندەك ئاللىقانداق تاتلىق ھېسلىرىغا چۈمۈلدى . ئۆيىگە قايتىپ بېرىپلا ،ئۆيدىكىلىرى بىلەن بىر قۇر كۈرۈشكەندىن كىيىن ئەكرەمنى ئىزدەپ ئۇنىڭ ئۆيىگە قاراپ يول ئالدى . مۇھەببەت ئالدىدا ئۇ ھېرىپ چارچاشنىمۇ ، ئاتا-ئانا ، قېرىنداشلىق مىھرىنىمۇ ئۇنتىغانىدى . ئەكرەمنىڭ ئۆيىگە يېقىنلاشقاندا بولسا يۈرىكى ئالدىغا ، پۇتى كەينىگە تارتىپ بۇلالماي قالدى . زاھىرە تاتلىق خىياللار بىلەن دەرۋاز ئالدىغا كەلگەندە بولسا يۈرىكى باشقا بىرى تەرىپىدىن سۇغۇرلىنىۋىلىنغاندەك بۇلۇپ كەتتى . ئۆيگە يوغان ، چوڭ قۇلۇپتىن بىرسى سېلىنغان ئىدى ، دەسلەپ ئۇ تېڭىرقاپ تۇرۇپ قالدى ،كىيىن گاڭگىرىدى ... دەل شۇ ۋاقىتتا ئەكرەمنىڭ قوشنىسى ئۇنى كۈرۈپ قالدى ، k,r\^1h  
-ئەسىسىلامۇ ئەلەيكۇم سىڭلىم . Bp}<H<@  
-ۋەئەلەيكۇم ھەدە . ON=xn|b4  
زاھىرە ئۇ ئايالنى تۇنۇيتتى ، ھەم خېلى يېقىن ئىدى . بۇرۇن نۇرغۇن قېتىم شۇ ئايال ئۇلارغا نۇرغۇن ياردەملەرنى قىلغان .... !_]WUQvV?  
-قاچان كەلدىڭىز سىڭلىم ، ئەكرەمجاننى ئىزدەپ كەلگەنمىدىڭىز ؟ SO}Hc;Q1`  
-تېخى بۈگۈنلا كەلدىم ھەدە ...ئۆزىڭىز ياخشى تۇردىڭىزمۇ ؟... Xdjxt?*  
-مەنمۇ ياخشى سىڭلىم . مۇھەببەت بەك قۇدرەتلىك ھە ...سىلەرگە قارىسام مىنىڭمۇ ياشلىق مەزگىللىرىم ئىسىمگە كىلىدۇ . لىكىن بىز سىلەردەك بەخىتلىك ئەمەستۇق ... ھەي بىچارە سىڭلىم ...بەخىتسىز بۇلۇپ قالىدىغان بولدىڭىز دە !  @]A4{  
زاھىرە تېڭىرقىدى ، ئۇ ئايالنىڭ بۇ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ چۈشنىكسىز بىر ھسىيات ئىچىدە ئىچى ئاچچىق تولغىنىپ كەتتى . ~oOOCB  
-سىڭلىم ،سىزگە دىسەم پات يېقىندا ئەكرەمجاننىڭ تۇيى بولماقچى ...ئۇلار بەلكىم شەھەرگە تويلۇق ئالغىلى چىقىپ كەتكەنمىكىن .... m86w{b$8  
بۇ گەپنى ئاڭلاپ ئۇنىڭ كۆزلىرىگە قاراڭغۇلۇق تىقىلدى ، پۇت -قۇلىدا جان قالمىدى . ئۇ ئايال يەنە گەپ قىلىشقا باشلىغاندا بولسا ،ئۆزىنى تۇتىۋالالماي يىغلىغىنىچە كوچا بېشىغا قاراپ يۈگۈردى . بايىقى گەپنى ئويلىسىلا ئۇنى تىترەك باساتتى ، بىر قۇرقۇنچ يۈرىكىنى ئىزەتتى . <<ياق ، ياق ، دەپ نالە قىلدى ئۇ ، -مۇمكىن ئەمەس ، ھەرگىز مۇمكىن ئەمەس ، ئەكرەم مىنى ئالدىمايدۇ ،مىنى ئاخىرغىچە ساقلايدۇ ...>>زاھىرە تېخىمۇ بەك يىغلاپ كەتتى . ئۇ بۈگۈن ئۆيدىكىلىرى بىلەنمۇ تۈزۈك كۈرۈشمەي قانچىلىغان گۈزەل ئارزۇ -ئارمانلارنى قىلىپ كەلگەن ....ئاھ ، تەقدىر نىمانداق رەھمىسز ...نىمىشقا مۇشۇنداق پاك سۆيگۈ ئىگىلىرىنى يىغلىتىدىغاندۇ ؟... bzZEwMc6  
زاھىرە ئەنە شۇ دىل ئازارلىقىدىن پەيدا بولغان غەزىپى تۈپەيلىدىن قەبرىستانلىقتىن قانداقلارچە ئۈتۈپ كەتكىنى تۇيماي قالدى ، ئۇ كوچىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە ئۆزىنى بىر ئاز بېسىۋالدى . ۋە كۆز ياشلىرىنى سۈرتۈپ ئۆزىنى تۇتىۋىلىپ ئۆيگە كىرمەكچى بولدى . لىكىن ، ئۆزىنى تۇتىۋالغاندىن كىيىن ئۆيگە كىرگۈسى كەلمەي ، دائىم ئەكرەم بىلەن بىللە ئولتۇرۇپ مۇڭدىشىدىغان شىرىلداپ سۇ ئېقىۋاتقان ئېرىق بۇيىغا كىلىپ ئولتۇردى . << ئەكرەم ، بۇ راستمۇ؟ سەن مىنى مۇشۇنداقلا تاشلىۋەتمەكچىمۇ ؟...مىنى ئاخىرغىچە ساقلىماقچى بولغىنىڭچۇ ؟...ئاھ ...>> ئۇ تېخىمۇ بەكرەك ئىسەدەپ يىغلىۋەتتى .... aeSXHd?+(  
><$hFrR!  
ئەكرەم قوشنىسىدىن زاھىرەنىڭ ئۆزىنى ئىزدەپ كەلگەنلىكىنى ئاڭلاپ كۆز ئالدى قاراڭغۇلىشىپ ئورنىدا ئولتۇرۇپ قالدى ، شۇ تاپتا نەچچە كۈندىن بۇيان ئۇنىڭ كۆزلىرىگە ئۇيقۇ يوق ، زاھىرە ئالدىدا ۋىجدانسىز ئاتىلىپ قالغانلىقىغا ، ئاشۇ كېچىدىكى قاباھەتلىك ئىشنى ئويلاپ ۋىجدانى ئازابلىنىپ ، ئۆزىنى ئەيىبلەپ كەتتى . زاھىرەنىڭ ئېچىنىشلىق يىغلىغان ئاۋازىنى ئاڭلىغاندەك بۇلۇپ ، يۈرىكى سانجىپ ئاغرىدى . ئۇ بۇنچىلىك بۇلۇپ كىتەرىنى پەقەت ئويلىمىغانىدى . شۇ دەقىقىدە قاتتىق پۇشايمانلىق ھېسلىرىغا چۈمۈپ ، ئۆز -ئۆزىنى ئەيىبلەپ ئادەم بۇلۇپ تۇغۇلۇپ قالغىنىغا نالەتلەر ئوقۇپ كەتتى ... N 4Dyec\  
ئەكرەم ئىدارە باشلىقى بىلەن ئۇرۇشۇپ قېلىپ .خىزمىتىدىن ئايرىلىپ قالغاندىن كىيىن ، بىر تەرەپتىن ئائىلىدىكىلىرىنىڭ تەنە گەپلىرىگە ، يەنە بىر تەرەپتىن زاھىرەنى سېغىنغان ئوتلۇق مۇھەببىتى تەرىپىدىن ھاراققا بىرىلىپ كەتكەنىدى . ئىچىدىغان كۈنىمۇ ، ئىچىدىغان مىقدارىمۇ كۆپەيگەنىدى ، تېخىمۇ ئېچىنىشلىق بولغىنى ، ھاراق بېشىغا چىقتى . ئەكرەم ئىسپىرت پۇراقلىرىنىڭ مەستخۇشلىقىدىن بېشىنى سىلكىگەندە بولسا ئاللىقاچان كىچىككەنىدى . qgu.c`GmW  
بىر كۈنى ئەكرەم ئۆيىگە ئەمدى قايتىپ تېلىۋىزور كۈرۈپ ئولتۇراتتى ، تېلفۇن ئەنسىز جىرىڭداپ ئاغىينىسى مۇرادىل ئۇنى بىر ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلدى . ئىچى پۇشۇپ ئولتۇرغاندا بۇ گەپ ئەكرەمگە مايدەك خوشياقتى . مۇرادىلنىڭ دەپ بەرگىنى بۇيىچە ئۇ ئارامگاھقا يىتىپ كەلگەندە سۇرۇن ئاللىقاچان باشلانغانىدى . بۈگۈن ئۇلار رەڭلىك ئولتۇرغان بۇلۇپ ، ئەكرەم بىلەن قۇشۇلۇپ ،تۆت قىز ، تۆت يىگىت جۈپ -جۈپ بۇلۇپ ئولتۇرۇشقانىدى . سورۇن كەيپىياتى بارغانسىرى كۈچىيىپ ، ئىچىشىۋازلىق تېخىمۇ ئەۋىجىگە چىقتى . ئارقا -ئارقىدىن كەلگەن ھاراقلارنى بۇلىشىغىچە ئىچكەن ئەكرەم بىر قارا سايىنىڭ ئۆزىگە قەدەم تاشلاپ يېقىنلىشىۋاتقانلىقىدىن خەۋەرسىز ئىدى . sB /*gO  
بىر چاغدا ئۇ ھۇشىغا كىلىپ ، كۆزىنى ئاچقاندا بولسا ناتۇنۇش ئۆيدە ياتاتتى ، قېشىغا شۇنداق قارىۋىدى ، قورقۇنچلۇق نەرسىنى كۆرگەندەك ئەندىكىپ كەتتى ، ئۇنىڭ يېنىدا ئانىدىن تۇغما ھالەتتە بىر قىز ياتاتتى ، ئۆزىنىڭ كىيملىرىمۇ پۈتۈنلەي سېلىنغان بۇلۇپ ، ئۇمۇ قىپيالىڭاچ تۇراتتى ،ئۇ بىردىنلا چۆچىدى ، زاھىرەگە يۈز كىلەلمەيدىغان ئىشنى قىلىپ قويغانلىقى ئىسىگە كەلگەندە بولسا ئۆزىنى تۇتىۋالالماي قالدى . %GAEZH,2sG  
ئىش بۇنىڭلىق بىلەن تۈگىمىدى ، ھېلىقى قىز ئەكرەمگە ئېسىلۋالدى . بۇ ئارىدا ئۆيدە نۇرغۇن جىدەل -ماجرا ، ئۇرۇشۇشلار تۈگىمىدى ... ئاخىرى ئەكرەم ئامالسىز شۇنىڭ بىلەن توي قىلىشقا قۇشۇلدى ...يۈرىكىگە سانجىلغان بۇ ئازابتىن ئاچچىق تولغاندى ،يۈرىكى ئەلەم ۋە غەززەپ -نەپرەتتىن پۇچىلاندى . لىكىن ئەمدى كىچىككەن ، پۇشايمان قىلغان بىلەنمۇ ئورنىغا كەلمەيدۇ -دە ! %[RLc[pB  
پاك مۇھەببەت ۋىسالنىڭ سەۋەبى بولالمايدۇ . ئەمما ، نىمىشقا ئايرىلىشنىڭ شۇنچە كۆپ سەۋەبلىرى بۇلىدىغاندۇ ؟ يەنە كىلىپ بەزى سەۋەبلەر شۇنچە رەزىل ۋە رەھىمسىزلەرچە . ئەي ئىنسانلار سىلەر ئالدى -كەينىڭلارغىمۇ ئەمەس ، ئىككى يېنىڭلارغىمۇ قاراپ قۇيۇڭلار . wWwY .}j  
ئەكرەم ، زاھىرە يادىغا ئېلىشى بىلەنلا پۇشايمانلىق ، ۋىجدان تۇيغۇسى تېخىمۇ كۈچىيىپ كەتتى : <<زاھىرە ئۆزىنىڭ مۇشۇنداق بىر ۋاپاسىز بىر يىگىتنى ياخشى كۈرۈپ قالغانلىقىغا پۇشايمان قىلارمۇ ؟ شۇ تاپتا نىمىلەرنى ئويلاۋاتقاندۇ ؟ ئەمدى ئاشۇ ۋەھىمىلىك كىچە سەۋەبى بىلەنلا ئۇنىڭ ئاشۇ مىھىرلىك كۈيۈنۈشلىرىدىن ، ماڭا ئاراملىق بېغىشلايدىغان ئىللىق سۆزلىرىدىن ئايرىلىپ قالارمەنمۇ ؟ لىكىن ...لىكىن ...بىر قىز ئۈچۈن سۆيگەن يىگىتىنىڭ، كۆز ئالدىدىلا توي قىلىۋېلىشى ئېيتىپ تۈگەتكۈسىز ئازاب ئەمەسمۇ ؟ زاھىرە ، جېنىم زاھىرە ..مىنى كەچۈر ! مىنى كەچۈر ! مىنىڭ ئەھۋالىمنى چۈشەنگىن ، ئۆزۈڭنى تاشلىۋەتمە ، ھەرگىز ئازاب قاينىمىغا ئۆزۈڭنى تاشلىما ..مەن ھېلىمۇ ئاشۇ ئوتلۇق مېھرىم بىلەن سىنى سۆيىمەن ...سىنى سۆيىمەن ...سىنى سۆيىمەن ..بىراق ...بىراق ... ئاھ ...>> W[+E5I  
ئەكرەم يەنە ھاراق ئىچتى ، ھاراق ،ھاراق ، ئەي ھاراق ، سەن ئەسلى مۇشۇنداق ۋاقىتتىكى سېھرى كۈچۈڭ بىلەن ئىنسانلارغا يېقىنلاپ قاپتىكەنسەن -دە . نىمىشقا ئاشۇ جانسىز ، ئاچچىق سۇيۇقلۇق ئادەمنىڭ ئەڭ قەدىرلىك تۇيغۇلىرى بولغان خۇشاللىقى بىلەن قايغۇلىرىغا ئەڭ يېقىن ھەمراھتۇر ؟ 0E bs-kP  
G:f]z;Xdp  
زاھىرە ئەكرەم بىلەن ئۆتكۈزگەن گۈزەل مىنۇتلارنى كۆزىدىن ياش تۆككەن ھالدا ئەسلەپ چىقتى . ئۇنىڭ ئەشۇ خۇشال كۈنلىرى ئىچىدە ئۇنى ھەم ئازابلىغۇچى ،ھەم ھۇزۇرلاندۇرغۇچى بىر سۇئال ئۇنى قاتتىق ئويغا سالاتتى . <<نىمىشقا ئەكرەم شۇنداق قىلىدۇ ، ئۇ مىنى ياخشى كۆرمەيدىغان بۇلۇپ قالغان بولغىيتتىمۇ ؟ زادى نىمىشقا ... Al0zL  
لىكىن مەن شۇ ئىشنىڭ سەۋەبىنى چۇقۇم بىلمەي قويمايمەن ، ئەگەر بۇنداقلا ئايرىلىپ كەتسەك ، ماڭا ھاياتنىڭ كىرىكى يوق ...>> ھازىر ئۇنىڭ ئەڭ كۆپ خىيال قىلدىغىنى ئەكرەمنىڭ تۇرۇپلا توي قىلماقچى بۇلۇپ قالغانلىقى ، مۇھەببىتىنىڭ مۇشۇنداقلا ۋەيران بۇلىشى ئىدى . ئۆيگە كەلگەندىن بۇيان تۈزۈكرەك ئۇخلاپ باقمىدى ، خىيالىدا ، چۈشلىرىدە ئەكرەم ئۇنى ئارامسىز قىينايتتى ... شۇنداق بولغاچقا ئۇ بىر ھەپتىدىن بېرى خامۇش يۈردى ، قۇلىمۇ تۈزۈك ئىشقا بارمىدى ، كۆزلىرىدىن ياشلار قۇرىمىدى. ئۆيدىكىلىرىمۇ ئۇنىڭ روھىي ھالىتىنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىنى بىلىپ ، ئارتۇقچە گەپمۇ سورىمىدى . aWW|.#L  
كەچ بۇلىشىغا ئەگىشىپ زاھىرە قىزلىق غۇرۇرىنى قايرىپ قۇيۇپ <<نىمىلا بولمىسۇن ئۆز قۇلىقىم بىلەن ئۇنىڭدىن ئىشنىڭ سەۋەبىنى ئاڭلاي ...>>دەپ ئۇنىڭ ئۆيىگە قاراپ ماڭدى . ئۆز كۆڭلىدە بىر يامانلىقنى سىزىپ تۇرسىمۇ ، ئەمما ئەكرەمنىڭ قانداق ھالدا ئىكەنلىكىنى ، نىمىشقا شۇنداق قىلىدىغانلىقىنى بىلىشكە ئالدىراپ ، دەممۇ -دەم نەپسى قىسىلىپ تىت -تىت بۇلاتتى . ئۇ ئۆينىڭ ئالدىغا كىلىپ ، قوشنىسىنىڭ بالىسىنى ئۇنىڭ ئۆيىگە كىرگۈزۈشىگە ئەكرەم تەييار بۇلۇپ تۇرغاندەك بالا بىلەن تەڭلا چىقتى . زاھىرەمۇ ، ئەكرەممۇ بىر-بىرىنى كۈرۈپ تەمتىرەپ كىتىشتى . ئارىنى مۇدھىش جىمجىتلىق قاپلىغانىدى . t + Fm?  
- ياخشى تۇردىڭىزمۇ ؟ -سورىدى زاھىرە ئاۋال ئېغىز ئېچىپ . 5&6S["lt  
- ھە ئە ،-دېدى ئەكرەم ئۆزىنى بېسىۋىلىپ ،-ئۆزىڭىزچۇ ؟ ياخشى تۇردىڭىزمۇ ؟ 9QZ;F4 r  
-ياق ....ياخشى تۇرمىدىم ،-دېدى زاھىرە ۋەزىنىلىك قىلىپ ئۇنىڭ كۆزىنىڭ ئىچىگە تىكىلىپ . بۇ ھالدىن ئەكرەم ئوتقا چۈشكەن قىلدەك تولغىنىپ كەتتى ، بۇرۇنقى ۋاقىتلار بولغان بولسا ، ئۇ يېقىنچىلىق قىلىپ <<ۋاي نىمىشقا جېنىم >>دەپ سورىغان بۇلاتتى . بىراق ، ھازىر شۇ گەپنى دەي دەپمۇ دىيەلمەيدۇ ، تىلى ھەركەتكە كەلمەيدۇ ... ئۇ پۇشايمانلىق ھېسلىرى بىلەن قۇلىنى قانداق ھالەتتە سېلىپ تۇرسىمۇ ئەپلەشمەيۋاتقاندەك بىلىنىپ يەنە ھۇدۇقتى . نىمىدەپ ئېغىز ئېچىشنى بىلمىدى . يەنە كىلىپ شۇ تاپتا ئېغىز ئېچىشقا تىگىشلىك ئىش ھېلىقى نۇمۇسلۇق ئىش ....زاھىرەمۇ ئېغىز ئاچىدىغاندەك ئەمەس ،پۇتىنىڭ ئۇچىغا قاراپ ئولتۇرغىنى ئولتۇرغان ، ئارىنى تۇلىمۇ ئېغىر سۈكۈت قاپلىغانىدى .. ئەڭ ياخشىسى بۇ ھەقتە ئەكرەم سۆز ئاچسا توغرا بۇلاتتى ، لىكىن ...لىكىن ...ئۇ ئاشۇ نۇمۇسلۇق ئىشنى قانداقمۇ ئۆز ئېغىزىدىن چىقىرالىسۇن .... M,:GMO:?a  
ئاردىكى بۇ جىمجىتلىققا زاھىرە پەقەتلا چىدىيالمىدى ، ئۇ شۇتاپتا نەچچە كۈندىن بۇيان ئۆزىنى ئازابلاۋاتقان جاۋابى نا ئېنىق تېپىشماققا ئالدىراپ چارچىغان نېرۋىلىرى زىڭىلداپ كەتتى ، قۇرۇقدىلىنىپ كىتىۋاتقان روھىي دۇنياسى ئەزەلدىن بىر نەرسىنى ئويلاپ باقمىغاندەك ھالەتكە كىلىپ قالدى . شۇنىڭ بىلەن سۆزلەشكە تاقەتسىزلىنىپ كەتتى . ~^G k7  
-ئەكرەم ، ماڭا ئېنىق چۈشەندۈرۈڭ ....نىمىشقا بۇنداق قىلىدىغانلىقىڭىزنىڭ سەۋەبىنى كۆزۈمگە قاراپ ئېيتتىڭ ...-ئۇ شۇنداق دەپلا پاڭڭىدە يىغلىۋەتتى . Q;SMwCB0M  
-زاھىرە ،يىغلىماڭ ،مەن گۇناھكار ئالدىڭىزدا ،-ئەكرەم شۇنداق دەپ ئورنىدىن تۇردى ،-سىزگە بىرىدىغان بىر نەرسە بار . شۇنى ئالغاندىن كىيىن ھەممىنى چۈشىنىپ قالىسىز ... ]M>mwnt+  
ئۇ شۇنداق دەپ ئۆيىگە قاراپ ماڭدى ، زاھىرە چۈشنىكسىز ھىسىيات ئىلكىدە ئولتۇرۇپ قالدى ، بىر ئازدىن كىيىن غۇۋا ئاي يۇرۇقىدا بىر گەۋدە ئۇ تەرەپكە كىلىشكە باشلىدى . ئەمما ...ئەمما ....ئۇ ئەكرەم ئەمەس ئىدى . ئۇ نەچچە كۈندىن بۇيان زاھىرەگە يۈز كىلەلمەيدىغانلىقىنى ، شۇ گەپلەرنى ئېغىزىدىن چىقىرىشقا ئامالىسىز ئىكەنلىكىنى ھىس قىلىپ ، ئۇنىڭغا خەت يېزىشنى توغرا كۆرگەنىدى . vxK}f*d  
-سىز زاھىرە ھەدەممۇ ؟-سورىدى قىز. S_aml  
-ھەئە ،-دېدى زاھىرە ھەيران بۇلۇپ . Ql!$e&A|l  
-ئەكرەم ئاكام بۇ خەتنى بېرىپ قوي دىگەن . .\qZkk}2l  
-ئەكرەم ،ئەكرەم ئۆزى قېنى ؟-زاھىرە ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى . قىز جاۋاب بەرمەستىنلا كىتىپ قالدى . ئۇ خەتنى تۇتقىنىچە تۇرۇپلا قالدى ، ھەم خەتنى چىڭ سىقىمدىغىنىچە قوشنا ئۆيدىن چىقىۋاتقان دېرىزىدىكى يۇرۇقلۇققا خەتنى تۇتتى . KZJ;O7'`  
]Z2;sA  
<<زاھىرە ، مەن نەچچە كۈندىن بۇيان قاتتىق ئويلىنىپ بۇ خەتنى يېزىش قارارىغا كەلدىم . شۇ تاپتا سىزگە يۈز كىلەلمەيدىغانلىقىمنى ئويلاپ ئۆز -ئۆزەمدىن نۇمۇس قىلىۋاتىمەن . EnZrnoGM  
سىزگە ئايان ، مەن سىزنى ھەقىقەتەن ياخشى كۆرگەن ، بىراق ...مەن ھازىر كەسكىن قارارغا كىلىپ بولدۇم . سىزگە دىسەممۇ مىنى كەچۈرمەيسىز ...ھەم سىز مىنى كەچۈرگەن تەقدىردىمۇ ئۆزەمنى كەچۈرەلمەيمەن .. r( :"BQ  
سىزگە ئۇ ئىشلارنى قايسى يۈزۈم بىلەن دىيىشنى بىلمەيمەن ،شۇ دەقىقىدە قەلەم تۇتقان قوللىرىم تىترەپ كىتىۋاتىدۇ ، يۈزلىرىم ، يۈرەكلىرىم ، پۇشايمانلىق ، خىجىللىق ئوتلىرىدا كۈيىۋاتىدۇ . مەن ھاراقنى جىق ئىچىۋەتكەچكە بىر قىز بىلەن ئاشۇ ئېغىزغا ئېلىشتىن ئەيمىنىدىغان ئىشنى قىلىپ قويدۇم . مەن شۇ قىزغا ئىگە بۇلىشىم ، شۇ قىزنىڭ ئۆمۈرلۈك بەختىكە ئولتۇرماسلىقىم كىرەك .. بەلكىم مەنچۇ ؟ دەپ سورىشىڭىز مۇمكىن ... مەن سىزگە قەرزدار ، سىزگە بىر ئۆمۈر يۈز كىلەلمەيمەن . ھەم ئۆزەمنى كەچۈرەلمەيمەن .... }`M[%]MNc  
مىنى كەچۈرۈڭ دەپمۇ ئۆتۈنمەيمەن ...چۈنكى مەن بىر گۇناھكار بەندە ! o%5^dX&[  
خەير ، زاھىرە ، سالامەت بولساق ، ئاللاھ پاناھىدا ساقلىسا يەنە ئاتمىش -يەتمىش يىل ياشارمىز . بۇ ئۇزۇن داۋانلاردىن مەغرۇرانە ئۆتۈشىڭىزنى ، ئوقۇشىڭىزنى ئاخىرغىچە داۋام قىلىشىڭىزنى تىلەيمەن . 0k0 y'1SL  
مۇشۇ قۇرلار بىلەن خەتنى ئاخىرلاشتۇرماقچىدىم ، لىكىن ، راستىمنى ئېيتسام سىزگە پەقەت چىدىمايۋاتىمەن . شۇڭا ، شۇڭا ...ئاخىرقى ئۆتۈنۈشۈم ، مەڭگۈ بەخىتلىك بۇلۇڭ ..مەندەك ھايۋان كەبى ئىنساننى ، ۋىجدانسىزنى ئۇنتۇپ كىتىڭ . u.gnv dU  
گۇناھكار : ئەكرەم Mq8jPjL  
زاھىرە خەتنى پۇكلىدى ، كەينىگە بۇرۇلدى . قاراڭغۇلۇق قوينىغا غىل -پال كۈرۈنۈپ تۇرغان مەھەللىگە تىكىلدى . سوغۇق قاراڭغۇلۇق ، سوغۇق يول ، سوغۇق مەھەللە .... .{*V^[.  
كىشىلەر تۇرمۇشقا ئەقىل بىلەن مۇئامىلە قىلىپ مۇرەككەپ ھىسابلايدۇ . ئەمىلىيەتتە ، تۇرمۇشقا -شەيئىلەرگە ھىسىيات بىلەن مۇئامىلە قىلىنغاچقا تۇرمۇش قىزىق ۋە مۇرەككەپ : قاراڭغۇلۇق ئاشىق -مەشۇقلارنىڭ گۈزەل ئارزۇسى ۋە ۋىسالى .ھالبۇكى ، قاراڭغۇلۇق ئادەتتە ، كىشىلەرگە نۇرغۇن ئاۋارىچىلىكلەرنى ئېلىپ كىلىدۇ . ۋىسال تاپقان چاغدا ،كىشىلەر ئايرىم -ئايرىم ياشىسىمۇ ، گويا بىر -بىرىنىڭ باغرىدا تۇرغاندەك سىزىشىدۇ . <<ئايرىلدۇق >>دىگەن بىر گەپ بىلەن ، ئوخشاشلا ئايرىم -ئايرىم تۇرغان بولسىمۇ مەھرۇملۇق تۇيغۇسىغا چۈمۈلىدۇ ، راستنلا ئايرىم -ئايرىم ھېس قىلىدۇ . ئەمىلىيەتتە ، ئوخشاش ئادەم ، ئوخشاشلا ئايرىم تۇرمۇش ...ۋەھالەنكى ، ھىسىيات بولسا ئوخشاشمايدۇ . X~G!{TT_x6  
زاھىرەنىڭ ياشلىرى يامغۇردەك تۈكۈلمەكتە ئىدى ، ئۇ شۇ يىغلىغىنىچە قەبرىستانلىق ئالدىغا كىلىپ تۇردى . بۇ قەبرىلەرنىڭ ئىچىگە نۇرغۇنلىغان جەسەتلەر كۈمۈلگەن ، ئۇلار ئادەملەرنىڭ قەلبىدە ھەرخىل رەۋىشتە ياشايدۇ ، گەرچە ئۇلارنىڭ بەزىلىرى چىرىپ پۈتۈنلەي توپىغا قۇشۇلۇپ كەتكەن بولسىمۇ م ھامان قەلبلەردە بىجىرىم ياشاپ قالىدۇ . مۇھەببەتمۇ شۇنىڭغا ئوخشاشمۇ ؟ مۇھەببەت -بىر ئادەمنى نىشان قىلغان مۇھەببەت بىر قەلبتە گۇمران بولغان بىلەن ، ئۇ مۇھەببەت يەنە بىر قەلبتە سەلتەنەت سۈرىدۇ . زاھىرە قەبرىستانلىققا قاراپ چىداپ تۇرالمىدى ، بۇ قەبرىستانلىق بەئەينى ئۆزىنىڭ سۆيگۈ قەبرىستانلىقى بۇلۇپ قالىدىغاندەك يۈرىكى تارتىشىپ بۇ يەردىن تېز كىتىپ قالدى . كاللىسىدا دەھشەتلىك خىياللار ھۈكۈم سۈرەتتى ... `c ^2  
زاھىرەنىڭ قارىسى يىتكەندىن كىيىن ئەكرەم كەينىگە بۇرۇلدى ، لىكىن قەدىمى ئېغىر ئىدى . قەدىمىلا ئەمەس يۈرىكىمۇ ئېغىرلاپ كەتكەندەك بولدى . <<مىنى كەچۈر زاھىرە !>>ئۇ ئۆز گۈشىنى ئۆزى يىگۈدەك بۇلۇپ كەتتى ، كۆزى نەملەندى، قەدىمى زاھىرە كەتكەن تەرەپكە ئەگىدىيۇ ، ئۆزىنى تۇتىۋالدى ....ئۇ لەۋلىرىنى چىڭ چىشلىگىنىچە قەدەملىرىنى تەستە يۆتكەپ ئۆيى تەرەپكە قاراپ ماڭدى .... m="N4!  
gyondcF  
ئىككى كۈندىن كىيىن ئەكرەمنىڭ تۇيى بولدى . لىكىن بۇ ئەكرەم ئۈچۈن قايغۇلۇق ، ماتەم كۈن ئىدى ... توي داۋاملىشىۋاتاتتى ، ئەكرەمنىڭ چىرايىدا كۈلكە دىگەندىن ئەسەر يوق ، پۈتۈن ۋۇجۇدى مۇزلاپ كەتكەن ، كۆزلىرىدە ياش ئەگىگەن .... EQET:a:g  
بىر چاغدا ئۇنىڭ قۇلىقىغا باشقىلارنىڭ ئاستا ئاۋازدا كۇسۇرلىشىپ ئېيتقان سۆزلىرى كىرىپ قالدى <<ئاياق مەھەللىدىكى قۇربان دوختۇرنىڭ قىزى زاھىرە دورا يەپ ئۆلىۋاپتۇ . تۈنۈگۈن ئەتىگەن نامىزىنى چۈشۈرۈپ بۇلۇپتۇ ....>> شۇئان ئەكرەمنىڭ كاللىسدا چاقماق چاققاندەك بۇلۇپ ، پۈتۈن بەدىنى تىترەپ كەتتى .... تۇيۇقسىزلا ساراڭ ئادەمدەك توپنى يېرىپ چىقتى -دە ، باشقىلارنىڭ توۋلاشلىرىغۇ قۇلاق سالماي ،ئۆيدىن چىقىپ كەتتى ..... lrPiaSO`I  
<<مىنى كەچۈر زاھىرە ، سەن بۇنداق قۇربانلىق بەرمەسلىكىڭ كىرەك ئىدى ، سەن نىمىشقا مۇشۇ يولنى تاللىغانسەن ، شۇ يولنى تاللاش ئالدىدا ئۆزۈڭنىڭ كەلگۈسىڭنىڭ پارلاقلىقىنى ، ئاتا -ئاناڭنىڭ سىنىڭ دەردىدە نىمە قىلارىنى بىلمەي ، مۇڭغا چۈكۈپ كۆز ياشلىرىنى دەريادەك تۈكۈپ تۇرغان ھالىتىنى بولسمۇ ئويلاپ قويمىدىڭمۇ ؟ مەندەك ئەرزىمەس كىشى ئۈچۈن بۇ يولنى تاللاش ئالىدا ئۆزۈڭنىڭ ئالىي مائارىپ تەربىيسىنى ئالغان ئىسىتىقباللىق ياش ئىكەنلىكىڭنى ئېسىڭدىن چىقاردىڭمۇ ؟ ...ئاھ ، شورلۇق قىسمەت ! مەن سىنىڭ ئالدىڭدا گۇناھكار زاھىرە ، مىنىڭ شۇ تاپتا ۋىجدانىم يول قويمايۋاتىدۇ ، ساڭا بىر ئۆمۈر سادىق بۇلىمەن ،دىگەن ئىكەنمەن ، بۇ ۋەدەمنى ئەمەلگە ئاشۇرىمەن . مىنى ساقلاپ تۇر ، قېشىڭغا بارىمەن ، بۇ دۇنيادا ۋاپا قىلالمىغان ئاشىقىڭ ئۇ دۇنيادا بولسىمۇ ساڭا مەڭگۈ ھەمراھ ....ئاھ ....>> '!I^Lfz-Z  
<<مىنى كەچۈر زىلالە ، سىنى بەختسىز قىلىپ قۇيىدىغان بولدۇم . ئاشۇ كۈنى ھاراق دىگەن نىجىزنى ئىچمىگەن ، ئاشۇ قاباھەتلىك ۋەھىمىلىك ئىش يۈز بەرمىگەن بولسا بەلكىم بەخت گۈللىرىڭ پورەكلەپ ئېچىلغان بۇلاتتى . ۋاقىتسىز تۇزىغان خۇشپۇراق گۈلۈڭنىڭ گۇناھكارى بولغان ، مەندەك ئازغۇن بەندىنى كەچۈر ....ئۇ دۇنيادا بولسىمۇ ساڭا بەخت ، ئىشەنچ تىلەيمەن !...>> j~:Dr   
شۇ تاپتا ئەكرەم شۇلارنى ئويلاپ ، ئۆز -ئۆزىدىن يىرگىنىپ كىتىۋاتاتتى . ئۇ دۇنيادا زاھىرە بىلەن بىللە بۇلۇشنى ، ھەم بۇدۇنيادا بەختسىز بۇلۇپ قالغان بولغۇسى ئايالى زىلالىدىن چوڭقۇر كەچۈرۈم سوراپ ، ئۇنىڭغا قەيسەر ئىشەنچ ، بەختلەرنى ئۇلۇغ ئاللاھدىن تىلىدى . i"p)%q~ z  
* * * * * * * * * * !U/iY%NE  
ئەتىسى ، دەريا بۇيىدىن ئەكرەمنىڭ جەسىتى سۈزىۋىلىندى ... %XM wjBM  
ئىككى قەبرە بىر يەرگە قۇيۇلدى . ياش كەتكەن بۇ ئاشىق -مەشۇقلار ئۈچۈن كىشلەر دۇئا قىلماقتا ئىدى . g@BQ!}_#5  
- ياتقان يېرىڭلا جەننەتتە بولغاي !!!ئامىن !!! sk.<|-(o  
پۈتۈن بارلىقىنى ئاشۇ بالىلارغا بېغىشلاپ ، ھاياتنىڭ خوۋلىقىنى كۆرمىگەن ئاتا -ئانىلارنىڭ ئاھۇ -پەريادى پەلەككە يەتتى . 7y1J69IK  
ئەمدىلا تۇيى بۇلۇپ ، شىرىن بەختنىڭ قۇچىقىدا ئەللەيلىنىشنى ئويلىغان زىلالىگە بۇ ئىشلار چۈشتەك بىلىنىپ ، بىر كۈلسە -بىر يىغلايتى ...كىشىلەر ئۇنىڭغا ھەيرانلىق كۆزلىرىنى تىكىشىپ ، توۋا دەپ ياقسىنى چىشلەيتتى ... .^6"nnfA#  
قاياقتىندۇر مۇڭلۇق مۇزىكا ئاۋازى ئاڭلاندى ، پۈتۈن ئەتراپ ، پۈتۈن دۇنيا مۇڭغا چۆككەن ئىدى ... nlQ<Aa-%  
,AT!:&<X  
wu "6Kyu  
 m_LW<'  
BFmd`#{l  
يۇمۇلغاندا بىر جۈپ كۆزى پەرزەنىتنىڭ، z=J%-Hq>  
بىر كېچىدە قېرىپ كەتتى ئانىسى. q-P$ \":  
قارا چاچقا ئاق ياماشتى،پۈرلەشتى، sDL@e33Yb  
زۇلمەت بىلەن قاپلاندى دىل خانىسى.
X YO09#>&  
يۇمۇلغاندا بىر جۈپ كۆزى پەرزەنىتنىڭ، Mn7nS:  
تام ئولتۇرۇپ ئۆي مۈكچەيدى ھەمساتتا. Yj99[c#]  
ياقا يىرتىپ قالدى ئاتا بىر چەتتە، c+|,q m  
ۋىچىرلاشتى چاشقان ئويناپ كارۋاتتا.
|-GmWSK_  
!_P;4E  
يۇمۇلغاندا بىر جۈپ كۆزى پەرزەنىتنىڭ، i>#[*.|P  
شەپە بەردى ئۆي تۈۋرۈكى قاراسلاپ. a<9cj@h  
قارا بۇلۇت قاپلاپ ئاسمان يۈزىنى، O) NEt  
چاقماق چاقتى ھەر تەرەپتىن چاراسلاپ.
{Bk9]:'$5  
a=}JW]  
يۇمۇلغاندا بىر جۈپ كۆزى پەرزەنتنىڭ، o7Ms]AblT  
كۆرمىدىم دەپ ئۆتتى يامغۇر ئۆگىزدىن. 9Ps[i)-  
مۇنكىر-نەكىر ئېلىپ ماڭدى ئۇلارنى، M il![A1  
دوزاخقىلا يانماي قىلغان لەۋزىدىن.
lIPy)25~  
wmbjL=fIa  
يۇمۇلغاندا بىر جۈپ كۆزى پەرزەنتنىڭ، SJ$N]<d  
ياش تۆكۈشتى ماتەم تۇتتى كۆپ ئادەم. ej-x^G?C  
ئەقىلسىزلىق قۇربانىغا ئايلاندى، Ba==Ri8$  
قارا پەردە تارتتى شۇئان كەڭ ئالەم.  _): V7Zv  
JQ|qg\[  
AY{#!RtV  
J-C3k`%O  
[ بۇ يازمىنىyanghinدە2010-12-18 16:10قايتا تەھرىرلى ]


يانغىن
كەلگەن جايى: چوققا
tv
HAI BUKUN LAR MU UTUP KITAR
دەرىجە: مەستانە ئەزا
UIDنومۇر: 6481
نادىر تېما: 0
يازما: 66
ئۇنۋان:يېڭى ئەز ھازىرغىچە66دانە
شۆھرىتى: 355 قېتم
مۇنبەر پۇلى: 3550 يۈەن
تۆھپە: 355 قېتم
ياخشى باھا: 355 قېتىم
تورىدكى ۋاقىت: 652(سائەت)
دەرىجىڭىز:دەرىجىڭىز:11دەرىجە<br> توردىكى ۋاقتى:652 سائەت<br>كېيىنكى دەرىجىڭىزنىڭ ئۆسشىگە:118 سائەت قالدى.
تىزىملاتقىنىغا:133 كۈن بولدى
كىرمىگىنىگە:96 كۈن
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2011-06-30
ئاخىرقى كىرگەن: 2011-08-05
تۇنجى ئىنكاس  يوللىغان ۋاقىت: 2011-07-06 10:45
ھەممىنى | خەت چوڭلىقى: كىچىك نورمال چوڭ

ھەي بۇنىڭغا نىمە دىگلۇك ئەمدى     زاھىرە بەك ئەخمەك ئىكەن شۇنداق قىلشىغا ئەرزىمەيدىكەنتۇق ئەسلى     بەك ياخشى يېزىپسىز يانغىن ئەپەندى     


دوسلۇق بىزبىلەن بىرگە...............
كەلگەن جايى: چوققا